ئۆزىڭىز بىلەن پاراڭلىشىشنىمۇ ئۈگىنىپ قويۇڭ
(http://bbs.oylirim.cn): Z2 \- R9 i& \% T: f0 S: T D. B
(http://bbs.oylirim.cn)7 _0 j7 ]+ X' O$ R8 G5 v
(http://bbs.oylirim.cn)5 X4 M% @- K; Z5 Y كىشىلىك تۇرمۇش باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، باردى- كەلدى قىلىش ئارقىلىق رەڭدارلىشىدۇ. بىز ھازىر يان تېلېفون، تېلېۋىزور، كومپيوتېر، رادىيو ۋە ئاپتوموبىلاردىن ئايرىلالمايدىغان بولدۇق. بىز ھەر كۈنى خىزمەت قىلمىز، غىزالىنىمىز، تېلېۋىزور كۆرىمىز، رادىيو ئاڭلايمىز ۋە باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىمىز. بەزىدە توي- تۆكۈن، نەزىر-چىراغ بىلەن ئالدىراش بولىمىز. تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ مۇشۇنداق پاتپاراقچىلىقىدا سىز ئۆزىڭىز بىلەن پاراڭلىشىشقا ۋاقىت چىقىرىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۆيىڭىزدە يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئىشىك-دېرىزىڭىزنى چىڭ تاقاپ، تېلېۋىزور، رادىيو ۋە يان تېلېفونىڭىزنى ئېتىۋېتىپ، يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشىنى ، تىنىقىڭىزنى تىڭشاپ باقتىڭىزمۇ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىنسان ئۈچۈن ھاياتلىق ھەممىدىن قىممەتلىك. ئادەم ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن باشقىلارنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە باشقىلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆزىنى ياخشى چۈشەنگەنلەر باشقىلارنىمۇ چۈشىنىپ، ئۇلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرالايدۇ. باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرالايدۇ. ئادەمنىڭ ئۆزىنى بايقاش ۋە ئۆزىنى چۈشىنىش ئۇسۇلى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىش ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى جيا پىڭۋا ئادەتتە ئەسەر يېزىش بىلەن ئالدىراش ئۆتىدىكەن. ئەمما، ئۇ ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆزى بىلەن ئۆزى پاراڭلىشىشنى ئۇنتۇمايدىكەن. ئۇ ئادەتتە ئۆزىنىڭ ئۆپكە، يۈرەك، جىگەر پۇت، قول، باش ۋە كۆزى بىلەن پاراڭلىشىدىكەن. يەنى يېزىقچىلىق قىلىپ چارچىسا، قولىدىن ئەھۋال سوراپ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدىكەن. يول يۈرۈپ ھېرىپ كەتسە، پۇتىدىن ئەھۋال سورايدىكەن. كىتاب ئوقۇپ تالسا، كۆزىگە رەھمىتىنى بىلدۈرىدىكەن. ئۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۆزىگە ئۆزى مېھىر يەتكۈزىدىكەن.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يۇقىرىقى بايان مەلۇم جەھەتتە بىزگە مەنىسىزدەىك تۇيۇلغىنى بىلەن، بۇنىڭدىن كىشىلەردە ئۆزىنى سۆيۈش، ئۆزىگە كۆيۈنۈش روھى بولۇشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمىز. ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ئەزاسىنى خۇددى ئۆزىنىڭ كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىسا، ئۇلارغا ھەر كۈنى مېھرىنى بەرسە، ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
چەت ئەللىك داڭلىق بىر شائىر ئون نەچچە شېئىر يازسا ، ئۇنىڭ بىرىنى ئۆزىگە ئاتايدىكەن، يەنى ئۇنىڭدا ئۆز بەدەن ئەزالىرى، روھىي دۇنياسى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلارنى يازىدىكەن. باشقىلار ئۇنىڭدىن « شېئىرىڭىزدا نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى يازدىڭىز؟» دەپ سورىسا، ئۇ « ئۆزۈمنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىمەن. ئۆزۈمنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئۆزۈمگە كۆڭۈل بۆلىمەن. ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلگەن ئادەم ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ، ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلگەن ئادەم مىللەتكە، دۆلەتكە كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ» دېگەن ئىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)% Q/ v6 R7 B0 ~- _; K تۇرمۇشنى كۈزەتسەك، كۆپ ساندىكى يازغۇچى ۋەتەن، يۇرت كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدە ئەسەر يازىدۇ. ئەمما، ئۇلاردىن خاس ئۆزىگە ئاتاپ ئەسەر يازىدىغانلار يوق دېيەرلىك . ئەمەلىيەتتە، ئۆزى ئۈچۈن ئەسەر يېزىش، ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. چۈنكى، كىشىلەر ئۆزى ئۈچۈن ئەسەر يازغاندا ئۆزى ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنالايدۇ ھەم ئۆزى بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشالايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنەلەيدۇ. ئۆزىنى چۈشەنگەن، ئۆزىگە كۆيۈنۈشنى بىلگەن ئادەم باشقىلارنى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى چۈشىنەلەيدۇ. باشقىلارنى چۈشەنگەن ئادەم باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى بىلەلەيدۇ. تۇرمۇشىمىزدا بەزىلەر باشقىلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىشقا ئادەتلەنگەن. بەزىدە خىزمەتنى تىرىشىپ ئىشلەپ تەشكىلنىڭ مۇكاپاتلىشىنى كۈتۈمىز. چۈنكى بىز كىچىكىمىزدىن باشقىلارنىڭ بىزنى مۇكاپاتلىشىغا كۈنۈككەنمىز. پىسخىكىمىزدىكى بۇ ئېھتىياجنى باشقىلارنىڭ قاندۇرالىشى ناتايىن، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىمىزلا چىقالايمىز. ئۆزىمىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز مۇكاپاتلىساق، ئۆزىمىزگە ئەڭ ياخشى كۆڭۈل بۆلگەن بولىمىز. ئۆزىنى قىزغىن سۆيگەن ئادەم تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيگەن ئادەم خىزمەتنىمۇ، تۇرمۇشنىمۇ ئالغا ئىلگىرلىتەلەيدۇ. ئادەتتە ئۆزى بىلەن ئۆزى پاراڭلىشىشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن ئاۋۋال ئۆزىڭىز بىلەن پاراڭلىشىشتۇر.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەگەر سىز يىراققا سەپەر قىلماقچى بولسىڭىز، ئالدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىز بىلەن مۇڭدىشىڭ. بۇ ئارقىلىق سەپەردە نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىۋالىسىز. ئەگەر كېسىلىڭىز بولسا، تەكشۈرتۈشنى، دورا ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. دەريا، دېڭىز، چوڭقۇر كۆللەردە سۇ ئۈزمەكچى بولسىڭىز بىخەتەرلىكىڭىز ھەققىدە ئۆزىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بىخەتەرلىككە ئېرىشەلەيسىز.
(http://bbs.oylirim.cn)( U; E- o8 d: T2 {* [* C (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )