ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 58181|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەڭ يېقىملىق سۆز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەڭ يېقىملىق سۆز(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سىز بىرەر ياردەمگە موھتاج بولغاندا، باشقىلارنىڭ »ياردىمىم كېرەكمۇ؟«، »ياردەم قىلايمۇ؟«، »قانداق ئىشىڭىز بولسا دەۋېرىڭ، قولۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلىشقا مەن تەييار« دېگەندەك سۆزلىرى  سىزگە شۇنداق يېقىملىق تۇيۇلىدۇ، لېكىن مەن ئاڭلىغان بەزى سۆزلەر ماڭا بۇلاردىنمۇ يېقىملىق تۇيۇلىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)5 J0 B" E' D: o/ t  ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ قېتىم كىتابخانىلارنى يوقلاپ تۇرۇش ئادىتىم بار. يېقىندىن بۇيان، كىتابخانىلارنى ئارىلاۋېتىپ ئىلگىرى بۇ يەردە ئانچە ئاڭلاپ باقمىغان بەزى سۆزلەرنى پات-پات ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم، يەنى  ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى كىتابخانىغا يېتىلەپ كىرىپ »ئوغلۇم، قايسى كىتابنى ئېلىپ بېرەي؟«، »قىزىم، قايسى كىتابنى ئېلىپ بېرىمەن؟ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان كىتابنى تاللاڭ«، »بالام، ماۋۇ كىتاب بەك ياخشىكەن، ئوقۇپ باقامسىز؟« دېگەنلىرىنى، بالىلارنىڭ »دادا، ماڭا ئاۋۇ كىتابنى ئېلىپ بېرىڭا«... دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئويلاپ باقسام، بۇلار ئاددىي، ئادەتتىكى سۆزلەر بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇلۇغۋار ئىستىقبال نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان   
(http://bbs.oylirim.cn)6 o) ~( ^8 @- L' g( D& ?* O7 ?$ v«ئەڭ يېقىملىق سۆز« ئىكەن. كىتابخانىغا بالىلىرىنى ئەكىرگەن ئاشۇ ئاتا-ئانىلار، ئاتا  ئانىلىرىغا ئەگىشىپ كىتابخانىغا كىرگەن ئاشۇ ئوماق بالىلاردىن تولىمۇ پەخىرلەندىم. ماڭا بۇ بالىلار كەلگۈسىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولىدىغاندەكلا تۇيۇلدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاق قەغەزدەك غۇبارسىز قەلبىگە تۇنجى بولۇپ كىتابخۇمارلىقنىڭ گۈللىرى چېكىلگەنىدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ھازىرقى جەمئىيەتتە بالا تەربىيىلەشكە قويۇلىدىغان تەلەپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئوڭ تاناسىپ ھالدا كۈچىيىپ بارماقتا. شۇڭا بالىلارنىڭ قەلبىگە كىتابخۇمارلىقنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىش كەلگۈسىگە تۇتاشقان يولنىڭ تۇنجى پەلەمپىيىنى قوپۇرغان بىلەن باراۋەر. كىچىكىدىن باشلاپ بوش ۋاقىتلىرىدا كىتابخانىنى چۆرگىلەپ چوڭ بولغان بالىلار بىلەن كىتابخانىنى كۆرۈپ باقمىغان بالىلارنىڭ كېيىنكى ھايات مۇساپىسى، دۇنيا قارىشى، كىشىلىك قىممەت قارىشىدا پەرق بولىدۇ. بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، ئومۇمىي خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى بولغان مائارىپقا، جۈملىدىن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ كىتابخۇمارلىقىغا باغلىق. بالىلاردا كىچىكىدىنلا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرسەك، ئۇلار تەدرىجىي ھالدا كىتابخۇمارلىقىدىن ئىبارەت ئىچكى تەربىيە ئېنېرگىيىسى ئارقىلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بىلىمگە ۋە شۇ ئارقىلىق توغرا دۇنيا قاراشقا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالايدىغان، ئۆزىنى ئۆزى يېتەكلىيەلەيدىغان، شۇنىڭدەك ئۆزىنى ھەم جەمئىيەتنى ئاكتىپ چۈشىنىدىغان، مۇستەقىللىق ئېڭى كۈچلۈك، يۇقىرى ساپالىق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار بالا تەربىيىلەشتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان »ئەڭ يېقىملىق سۆز« نىڭ رولىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. بۇ »ئەڭ يېقىملىق سۆز« بالام بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بولۇنغانمۇ-يوق؟ دېگەن سوئالنى ئۆزىگە قويۇپ بېقىشى كېرەك. كۆچەتنىڭ قانداق دەرەخ بولۇشى پەرۋىشكە باغلىق. بالىلار ئوخشاش تۇغۇلىدۇ، ئاتا - ئانىلارنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ياخشى-يامان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى تەربىيە مۇھىتىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئۈچ ۋاق تامىقى جايىدا بولسا، كىيىم  كېچىكى تولۇق بولسىلا بولدى، دەپ قارايدۇ. كىتابخانىغا باشلاپ بېرىشنىڭ ئورنىغا بالىسىنى قاتار چاي، سورۇنلارغا باشلاپ بارىدىغان ئاتا-ئانىلارمۇ يوق ئەمەس...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دىققەت قىلىدىغان بولساق، ھەرقانداق بىر مەشھۇر ئەربابنىڭ شەخسىي ئارخىپىدا كىتاب ئوقۇشقا ئامراق، كىتابنى قەدىرلەيدىغان ئېسىل تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئۇنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىدە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بىر ئادەم ئىگىلىگەن بىلىمنىڭ ھەممىسىلا مەكتەپتە، دوسكا ئالدىدا ئۆگەنگەن بىلىم بولماستىن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن بىلىملەرمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۆزى ئۆگەنگەن بىلىم ئۆزى چايناپ يېگەن ناندەك تەملىك، مەززىلىك، سىڭىشلىك بولىدۇ. بالىلاردىكى كىتاب ئوقۇش ئادىتىمۇ ئۇلاردىكى ئەڭ ياخشى ئادەت، شۇنداقلا پارلاق كەلگۈسىگە سېلىنغان ئۇل! ھەرقانداق ئاتا  ئانا پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما قانداق قىلغاندا شۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ؟ بەزىلەر مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشقا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتابخانىلارغا كۆپرەك ئاپىرىپ، ئۇلاردا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن »ئەڭ يېقىملىق سۆز« ئاتا-ئانىلارنىڭ دائىم ئېسىدە بولۇشى كېرەك.
(http://bbs.oylirim.cn)0 {1 s7 s3 |! B7 y ھۈسەنجان نامان
(http://bbs.oylirim.cn)! B  G5 O0 t. q# e; o
(http://bbs.oylirim.cn)% V+ E  {: w( V. K4 U

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 09:10 , Processed in 2.260711 second(s), 37 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش