* بىلىملىكلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن، (ئۇلار)ئەڭ بىرىنچى پەزىلەت، تىلنى تىزگىنلەش دەيدۇ. تىلىڭنى قاماقتا تۇتقىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن،ئەگەر (ئۇ) قاماقتىن چىقىپ كەتسە، چىشىڭنى چاقىدۇ.
* ئويلاپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزى سۆز جەۋھىرىدۇر،كۆپ مەمەدانلىق قىلغان تىل قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان دۈشمەندۇر. ئاغزىڭغا كەلگەننىسۆزلەۋەرمە، تىلىڭنى يىغىپ تۇت، ئېغىز بوشلۇغى ئاخىرى بېشىڭغا چىقىدۇ.
* ئاغزى بوش كىشىنى ئەقىللىق دېگىلى بولمايدۇ،ئېغىز بوشلۇغى نۇرغۇن باشنى يىدى. كىشىنى تىل بىلەن ئازابلىما، شۇنى بىلگىنكى، ئوقيارىسى ساقىيىدۇ، (لېكىن) تىل يارىسى ساقايمايدۇ.
* تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەندۇر، ئۆزتىلى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قېنى تۆكۈلىدۇ. كۆپ سۆزلىگەنلەردىن ئۆكۈنگەنلەر كۆپ،تىلنى تىزگىنلىگەنلەردىن ئۆكۈنگىنى قېنى؟
* كىشىگە ھەر ئىش كەلسە، تىلىدىن كېلىدۇ،كىمنىڭ ياخشى، كىمنىڭ ئەسكىلىگى تىلىدىن مەلۇم بولىدۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغىن ۋە شۇنىڭغائىشەنگىنكى، تەن ھەر تاڭدا تۇرۇپ تىلغا يۈكۈنۈپ يالۋۇرىدۇ.
* ئەگەر بىر كىشىدە (مۇنۇ) ئىككى نەرسە بىرىكسە،ئۇ كىشىگە ئادەمگەرچىلىك يولى ئېتىلىدۇ: (ئۇنىڭ) بىرى قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىش بولسا،ئىككىنچىسى يالغان سۆزلەشتۇر.
* يالغانچىدىن يىراق تۇرغىن ۋە تەزگىن، ئۆمرۈڭنىراستچىللىق بىلەن ئۆتكۈزگىن. راست گەپ ئېغىز ۋە تىلنىڭ بىزىكىدۇر، راست گەپ قىلىپ تىلىڭنىبېزە.
* تىلىڭنى تىزگىنلە، ئاز سۆزلىگىن، تىلىڭنىتىزگىنلىسەڭ، ئۆزۈڭ قوغدىلىسەن. رەسۇلىللا: «كىشىنىڭ يۈزىنى ئوتقا ئاتقۇچى تىلدۇر»دېدى، تىلىڭنى يىغ، ئوتتىن يۈزىڭنى قۇتقاز.
* راست گەپ ھەسەلدەك، يالغىنى پىياز، ھەسەليىگىن، پىياز يەپ ئاغزىڭنى ئاچچىق قىلمىغىن. يالغان سۆز گويا كېسەل، راست سۆز شىپادۇر،بۇ بۇرۇندىن تارتىپ دېيىلىپ كەلگەن مەسەلدۇر.
* راستچىل بول، راستچىللىق قىل، راستچىل ئاتال،كىشىلەر سېنى راستچىل ئادەم دەپ بىلسۇن، ئەگرىلىكنى قويۇپ، راستچىللىق تونىنى كىيگىن،كىيىملەرنىڭ ياخشىسى راستچىللىق تونىدۇر.
* چىڭ ساقلا، سىرىڭنى كىشىلەر بىلمىسۇن، سۆزۈڭدىنئۆزۈڭگە ئۆكۈنۈچ كەلمىسۇن. بارلىق يوشۇرۇن ئىشلىرىڭ ئاشكارا بولۇپ، (بۇنى) كۆرگەن ۋەئاڭلىغانلار ساڭا كۈلمىسۇن.
* دوستۇم دەپ ئىشىنىپ سىرىڭنى ئېيتما، ھەزەرقىل، ھەر قانچە ئىشەنچىلىك يېقىن دوستۇڭ بولسىمۇ، سىرىڭنى ئۆزۈڭ ساقلىيالمىساڭ، دوستۇڭساقلىيالارمۇ، بۇنى ياخشى ئويلان. «كىشىنىڭ يۈزىنى ئوتقا ئاتقۇچى تىلدۇر» دېدى، تىلىڭنىيىغ، ئوتتىن يۈزۈڭنى قۇتقاز.
(http://bbs.oylirim.cn)% r% V+ w. ~0 P) l/ I