|

 |
 |
 |
 |
ئېيىق پالۋان(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
( ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى)
(http://bbs.oylirim.cn)4 J( O* Y5 a* f
(http://bbs.oylirim.cn)$ h! |! q, L7 |' pبارئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، بۇرۇنقى زاماندا ھەققانىيەتچى ،مېھرىبانلىقتا تەڭدىشى يوق زامانىدىن ئىسىملىك بىر ئادىل پادىشاھ ئۆتكەنىكەن .تا شۇ كەمگىچە ئۇنىڭدەك ئادالەتپەرۋەر بىرمۇ ئادىل پادىشاھ ئۈتۈپ باقمىغان ئىكەن. ئۇ يامانلاردىن قورقىمايدىكەن ،ئاجىزلارنى بوزەك قىلمايدىكەن، كۈچىگە ياكى مال - مۈلىكىگە ئىشىنىپ زوراۋانلىق قىلغانلارنى ئۇچراتسىلا ئېغىر جازا بىلەن ئىبرەت قىلىپ ئۇنداق ئىشىنىڭ قايتا سادىر بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئۇ ئۆزىنى باشتىن - ئاخىر پاك تۇتۇپ ئەيىش - ئىشرەت ياكى مال - دۇنياغا بىرىلمەي يۇرتنى ئەدلى - ئادالەت بىلەن سورىغاچقا خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ ئاجايىپ ھۆرمەت تېپىپتۇ ، ئىشلىرى ئىنتايىن روناق تېپىپتۇ. ئەمما پۈتكۈل خەلقى بىر ئېغىز گېپى بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ بىر ئېغىز گېپى بىلەن توختايدىغان شۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كاتتا پادىشاھ يېشى چوڭايغانسىرى ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ پادىشاھلىقنى قولىغا ئالغىدەك بىرمۇ پەرزەنتىنىڭ يوقلىقىدىن دائىم كۆڭلى پەرىشان يۈرۈيدىكەن . چۈنكى تاسادىبى ئۆلۈپ ـ تارتىپ كېتىپ قالسا، پادىشاھلىقنىڭ بىرەر يامان نىيەتلىك ئادەمنىڭ قولىغا قېلىپ دۆلىتى ۋەيران بۇلۇپ پۇقرالارنىڭ ئۇۋالچىلىققا قېلىشىىدىن بەك ئەندىشە قىلىدىكەن .شۇنداق بولسىمۇ باشقىلارنىڭ بىرەر توقال ئېلىپ شۇنىڭدىن پەرزەنتىلىك بولۇش ھەققىدىكى مەسلىھەتلىرىگە زادىلا قۇلاق سالمايدىكەن .ئۇگەرچە خوشنا ئەللەردىكى پادىشاھلارنىڭ بىرمۇنچىلىغان شاھزادە - مەلىكىللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈيدىغانلىقىنى كۆپ ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن بولسىمۇ كۆپ خۇتۇنلۇق بولغان پادىشاھلارنىڭ ئاقىۋەتتە ئۆز خۇتۇنلىرى ياكى پەرزەنتىلىرى تەرىىپىدىن قەسلىنىپ ھالاك بولغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرغاچقا شۇنچە قۇدرەتلىك دۆلتىنىڭ بىر كۈنى كېلىپ ئۆز پەرزەنتىلىرىنىڭ قۇلى بىلەن پارچىلنىپ ھالاكەتكە يۈزلىنىشنى خالىمىغانلىقتىن كۆپ پەرزەنتلىك بۇلۇشنىمۇ ئويلىمايدىكەن . شۇڭا ئويلايدىغىنى پەقەت بىرلا پەرزەنتلىك بولۇپ شۇ پەرزەنتىنى دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى قولىغا ئالغۇدەك قىلىپ تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇشلا ئىكەن.بىراق ئۇ كېچىلىرى زار - زار يىغلاپ ئاللاغا تىۋىنىپ پەرزەنىت ئىشقىدا پۇچۇلۇپ كۈل بولۇپ كەتسىمۇ پەرزەنتىلىك بولۇش ئارزۇيىغا زادىلا يېتەلمەپتۇ.پادىشاھنىڭ چىرايىغا قاراپلا نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۈلگۈرەلەيىدىغان خانىش بىر كۈنى پادىشاھ غەمگە پېتىپ ئولتۇرغاندا ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دەپتۇ :(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- ئالىيلىرى ،كۆڭۈللىرىنىڭ نېمىگە يېرىم بولۋاتقانلىقى ئۇزۇندىن بېرى ماڭىمۇ ئايان ،باشقا ھەر قانداق ئىشتا سىلگە ياخشى ھەمراھ ، مەسلىھەتچى ھەم قابىل ياردەمچى بولۇپ كېلۋاتقان بولساممۇ سىلى ئارزۇ قىلغان بالىنى تۇغۇپ بىرىش قولۇمىدىن كەلمىدى،تۇغماسلىق ماڭا چاپلاشقان ساقايماس كېسەل ئوخشايدۇ .ئۇنداق بولمىغاندا تېۋىپلار بەرگەن دورا، داخانلار ئوقۇپ بەرگەن دېمدىنىڭ ئازراق بولسىمۇ شىپاسى بولماي قالمايىتتى .ئۆلۈكىنى تىرىلدۈرۈشتىن باشقا ھەممىگە ئامال قىلالايدىغان شۇنچە داڭلىق تېۋىپ- ھەكىملەرمۇ بىزنىڭ قىينچىلىمىز ئالدىدا ئاجىز كەلدى . بۇ ئىشىتىن سىلىگە ئوخشاشلا مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم .ھەر قانداق بىر ئاقىل پادىشاھ ھايات چېغىدا بىرەر ياراملىق ئىز - باسار تەربيىلەپ قويمىسا بۇ ئۆز دۆلىتىگە خىيانەت قىلغانغا باراۋەر.شۇڭا تەنلىرىنىڭ مۇشۇنچىلىك ساغلام ۋاقتىدا مېنىڭ كۆڭلۈمنىڭ ئازار يەپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەي يەنە بىر قېتىم ئۆيلىنىپ باقسىلا . پادىشاھلىقىمىزنىڭ ۋارىسسز قالماسلىقى ئۈچۈن مەن ھەممىگە چىدايمەن ، ھەتتا خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلمەن . سىلنىڭ ئارزۇلىرى مېنىڭمۇ ئارزۇيۇم ،مېنى خۇش بولسۇن دېسلە بۇ ئىشنى ھەرگىز كەينىگە تارتمىغايلا .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ گەپتىن قاتتىق تەسرلەنگەن پادىشاھ خوتۇنىنى باغرىغا بېسىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ، ئەمما خوتۇنىنىڭ تەلىپىنى سىلىقلىق بىلەن رەت قىلىپتۇ. گەرچە خانىش پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئۈچۈنلا ئاغزىنىڭ ئۇچىدا شۇنداق دەپ قۇيۇۋاتمىغان بولسىمۇ ، زامانىدىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق پادىشاھلارنىڭ ئەكسىچە بىرلا خوتۇن بىلەن ئۆتۈپ كېىتشىگە ئەھدى قىلىغانىكەن . شۇنداقتىمۇ پادشاھلىقىنىڭ ۋارىسىز قېلىشى ھەققەتەن ئويلانمسا بولمايدىغان ئىشكەن. شۇڭا ئۇنداق ئويلاپ بۇنداق ئويلاپ ئاخىرى شۇنچە كاتتا پادشاھلىقنى، پۈتكۈل قەۋىمىنىڭ ئىشەنچ- ھۆرمىتىنى ئايماي بەرگەن خۇدايىم نېمشىقا مەندىن بىر پەرزەنىتنى ئايايدىغاندۇ ؟ بۇ بەلكىم خۇدانىڭ ئالدىدا بىرەر ئىشنى خاتا قىلغانلىقىمدىن بولسا كېرەك دېگەن يەرگە كەلگەن زامانىدىن شاھ ھەركۈنى كەچتە خۇپتەن نامازىغا بىر ئولتۇرغانچە تاكى بامدات ۋاقتىغىچە جاينامازدىن قوپماي ئولتۇرۇپ بىر تەرەپتىن خۇدادىن بېلىپ -بىلمەي قىلىپ قويغان گۈناھلىرىنى ئەپۇ قىلشىنى تىلسە يەنە بىر تەرەپتىن بىر پەرزەنت ئاتا قىلىپ دۇنىيالقىتكى بىردىنبىر غەم ئەندىشسىدىن خالاس قىلۋېتىشنى ئىلتىجا قىلىدىكەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىر كۈنى زاماندىنشاھ خۇداغا نالە قىلىپ ئولتۇرۇپ تاڭغا يېقىن مۈگىدەپ قاپتۇ ۋە چۈشىدە ئاپپاق ساقاللىق پەرىشتە سۈپەت بىر بوۋاينى كۆرۈپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)9 g2 E, @% c0 H' k3 w0 k- ئى ئاقىل بەندە ، سېنىڭ پەرزەنىت ئىشقىدا قانچىلىك كۆيۈۋاتقىنىڭ ھەممىگە قادىر ئاللاغا سىر ئەمەستۇر، ساڭا قىين بولغىنى ئاللاغا ئاساندۇر، پەرزەنتلك بولۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئىشنىڭ بېشڭىنى بۇنچىلك قاتۇرمىغىنى ئۆزۈڭگىمۇ ئايان. لېكىن شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى ئاللا ئۇز قەۋمىنىڭ بەخىت سائادىتىنى ئويلاپ ھەق ئادالەت بىلەن جاھان سورىغان پادشاھلارنى ئۈمۈتىسىز قويمىغاندۇر. ھەر ئىشنىڭ ۋاقىت - سائتى بار، ئالدىرىما ، مېڭۋاتقان يولۇڭدىن تايمساڭلا بۇلغىنى، ـ دەپتۇ بۇۋاي ۋە شۇنداق دەپلا كۆزىدىن غايىپ بوپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)6 ]) H3 z8 g1 fكۆڭلى ۋاللىدە ئېچلىغاندەك بۇلۇپ نۇرغۇن گەپلەرنى سوراشىنى كۆڭلىگە پۈككەن زاماندىنشاھ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ قارىسا كۆرگەنلىرى چۈشىكەن ، ئۇبويىنى سۇغا سېلىپ قايتىدن تاھارەت ئالغاندىن كىيېن بامدات نامىزىغا تۇتۇنۇپتۇ ۋە نامازدىن كېيىن ئاللادىن پەرزەنت تىلەپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلپتۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
خانشنىڭمۇ كېچە - كۈندۈز ئويلايدىغنى مۇشۇ ئىشلا بولغاچقا ، يەنە كېلىپ ئۆزى رازىلىق بەرسىمۇ پادشاھنىڭ توقال ئېلشىنى خالىمىغانلىقىدىن ئاجايىپ تەسىرلنىپ كەتكەچكە پادشاھقا بىر بالا تۇغۇپ بەرمسەم ئۆلسەممۇ كۆزۈم ئوچۇق كېتىدۇ دەپ ئويلاپ « تەلەپمۇ بار، سەۋەپمۇ بار» دېگەن ئەقىدە بۇيىچە ئەڭ پىنھان جايلاردىكى بۇلاقنىڭ سۈينى ئەكەلدۈرۈپ دېمىدە قىلدۇرۇپ ئېچىپ ،ئەڭ داڭلىق تېۋپلارنىڭ كۆرسەتمسى بۇيچە كونىلىقىچىمۇ، يېڭىلقىچىمۇ داۋالىنىپ تۇرۇشنى بىركۈنمۇ توختاتماي كەلگەنىكەن. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ بىر كۈنى خانشنىڭ بويىدا قالغانلقى مەلۇم بوپتۇ ۋە ئاي- كۈنى توشۇپ ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس ھۆسنى- جامالدا جاھاندا تەڭدىشى يۇق بىر ساھىبجامال مەلىكە يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئېچپتۇ. خانشنىڭ ئېغىر ئاياق بولغانلقىنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ خۇشاللقتىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالغان زامانىدىن شاھ قىزى تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە بولغاندا پۈتكۈل يۇرت خەلقىگە توي- زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئۆز خۇشاللقىنى ئالەمگە جاكارلاپتۇ.مەلىكە كۈندىن كۈنگە ھۆسنىگە تولۇپ ئەقىلدە كامالەت تېپىپ چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ.شۇنداق بولسىمۇ پەرزەنتىنىڭ ئوغۇل بولۇپ قالمىغىندىن پادىشاھنىڭ يەنلا كۆڭلى يېرىم ئىكەنيۇ قىز بولسىمۇ پەرزەنت بىرىپ پەرزەنتىسزلكنىڭ ئازاپىدىن خالاس قىلغان ئاللانىڭ ئالدىدا كۇپۇرلۇق ئۆتۈپ كەتمسۇن دەپ ئويلاپ بارلىق ئۈمۈدىنى قىزىنىڭ ئنساپلىق، ئەقل- قابىليەتتە مۇكەممەل چوڭ بولسا ياتلىق قىلىپ كۆرىدىغان نەۋرسىگە باغلاپ پۈتۈن زېھنىنى قىزىنى تېخىمۇ قابىل قىلىپ تەربىيلەشكە قارىتىپتۇ، پادىشاھنىڭ ئۈمۈدىگە يارىشا مەلىكە ھەقىقەتەن ئەقىلى كامالەت ۋە ھۆسىنى لاتاپەتتە تەڭداشسىز بولۇپ چوڭ بوپتۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەمدى گەپ مەلىكىنى كىمگە ياتلق قلىشتلا قالغانىكەن .پادىشاھ كۆپ باش قاتۇرۇپتۇ،لېكىن بىر قارارغا كېلەلمەپتۇ،چۈنكى پادىشاھنىڭ ئويىچە مەلىكىنىڭ كىمگە ياتلىق بولۇشى يالغۇز ئۆزىنىڭ كېينكى تۇرمۇشغا مۇناسىۋەتلىك ئاددى ئىش بولماستىن تېخىمۇ مۇھىمى پۈتكۈل يۇرت ئەھلى ۋە پادىشاھلقىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم ئىشكەن .شۇڭا زامانىدىن شاھ قىزىمۇ بەختىلىك بولدىغان، ئۆزىمۇ ياراملىق نەۋرىگە ئېرىشىپ ئارزۇسىغا يىتىدىغان ئەپلىك يولغا مېڭشنىڭ ئامالىنى قىلىپ بولغىچە مەلىكىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزىدىن يىراقراق تۇرۇشنى كۆزلەپ مەلىكە ئۈچۈن ئاجايىپ كاتتا چاھار باغ ياسىتىپ ۋە ئەتراپىنى ئۇچار قۇشتىن باشقا ھېچقانداق جانلىق ئۆتەلمىگىدەك قورغانلاپ مەلىكىنىڭ ھۇجىرىسنىمۇ شۇ باغنىڭ ئىچگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بېرىپتۇ. باغدا جاھاندىكى ئېسىل مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ ،خىلمۇ- خىل قۇشلار سايرىشىپ تۇرىدىكەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە كىنىزەكلىرى يېڭدىن - يېڭى قىزىق گەپلەر ،كۈلكە - چاقچاقلار ۋە ئۇيۇنلار بىلەن مەلىكىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشقا تىرىشقاچقا مەلىكە كۈنلىرىنى كىنىزەكلىرىنىڭ ھەمراھلقىدا باغدا سەيلە- تاماشا قىلىپ ئاجايىپ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىدىكەن .ئەمما ئاللا قاچان بالاغەتكە يىتىپ قالغان مەلىكە نېمىنى خالىسا شۇ كۆز ئالدىدا تۇرغاندەك قىلىسمۇ يەنىلا نېمىشدۇر بىر نەرىسسى كەمدەك ھېس قىلىدىكەن .شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەپتىلەپ يول يۈرۈپ تاغ - داۋنلاردىن ئېشىپ زاماندىن شاھىنىڭ شەھىرىگە كېلىپ قالغان بىر ئېيىق ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلقىنىڭ دەردىدىن ھالىدىن كېتەي دەپ قالغاندا چاھار باغنىڭ يېنىدىن ئۆتكەچ باغ تەرەپتىن سۇنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇسسۇزلقنى قاندۇرۇۋېلىش نىيتىدە بىر ئاماللار بىلەن باغنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ كىرىپتۇ ۋە باغدىكى سۈپ - سۈزۈك سۇلاردىن قانغىچە ئىچىپ مېۋىلەردىن تويغىچە يەپ بۇنداق خالغانچە يەپ- ئىچكلى بولدىغان ساپ ھاۋالىق جايدىن چىقىپ كەتكىسى كەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ .شۇ ئارىدا بۇرنىغا ئادەمنىڭ ھىدى پۇرۇپ دەرھال ئۆزىنى دالدىغا ئاپتۇ.شۇ چاغدا كىنزەكلىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ باغنى بېشىغا كېيىگىنىچە سەيلە قلىپ يۈرگەن مەلىكە دەل ئېيىق تۇرغان جاينىڭ يېنىدىن ئۆتۆپ كېتىۋاتقان ئىكەن .مەلىكىگە كۆزى چۈشىشى بىلەنلا ئەزەلدىن بۇنداق چىرايلىق ئادىمىزاتنى كۆرۈپ باقمىغان ئېيىقنىڭ بىردىنلا نېيىتى بۇزۇلۇپتۇ - دە بىر ھۆركىرەپ كىنىزەكلەرنى قاچۇرىۋىتىپ ،مەلىكىنى مۈرىسىگە ئارتقان پېتى تامدىن ئارتىلىپ قېچىپتۇ. بۇ خەۋەر زامانىدىن شاھقا يىتىپ بولغۇچە ئېيىق ئاللىقاچان تاغ يولىغا چۈشۈپ ئۇزاپ كەتكەنىكەن . بۇنداق ئىشنىڭ بۇلارىنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان زامانىدىن شاھ پۈتۈن لەشكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ ۋە خوشنا ئەللەردىن يارىدەم سوراپ ھەممە يەرلەرنى ئىزدەپ باققان بولسىمۇ قىزىنىڭ دېرىكىنى ئالالماپتۇ ۋە شۇنچە ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان دۇنيالىقتىكى تىكەندەك يالغۇز بىر تاللا قىزىنىڭ ئۆتەپ - تېشىپ بىر ھايۋاننىڭ قولىدا نابۇت بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئېيىق مەلىكىنى ئېلىپ قاچقانچە يەنە ھەپتىلەپ يول يۈرۈپ ،نۇرغۇن تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ ئادىمىزات ئاياغ بېسىپ باقمىغان يىراق تاغلىقتىكى ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ماكان تۇتۇپ كېلىۋاتقان خىلۋەت ئۆڭكۈرىگە كىرىپ توختاپتۇ ۋە مەلىكىنىڭ يىغلاپ يېلىنىشلىرىغا پەرۋا قىلماي مەجبۇرى خوتۇنلىققا ئاپتۇ.ئېيىق شۇكۈنىدىن باشلاپ سىرىتقا چىقماقچى بولسا،ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىنى ئادەمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان يوغان تاش بىلەن ئىتىپ قويغاچقا مەلىكىنىڭ قېچىپ كېتىشىگە زادىلا ئىمكان بولماپتۇ، مەلىكە قانچىلىك يىغلاپ - قاقشىشىدىن قەتئىنەزەر ئامالسىز ئېيىققا خوتۇن بۇلۇشقا مەجبۇر بۇلۇپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپلا پىشانىسىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر ئوغۇل پەرزەنىت تۇغۇپتۇ. ئېيىق ئانا - بالا ئىككىسىنى ئۆزى ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ غەنىمەتلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى كۈتۈپتۇ، مەلىكە ئاتا - ئانىسىنى تولا ئويلاپ گېلىدىن تۈزۈك بىر نەرسە ئۆتمىسىمۇ نېمىلا بولمىسۇن ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان يۈرەك پارىسى بولغاچقا ئوغلىنى پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن كۆيۈنۈپ بېقىپتۇ. دېمىسىمۇ بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە ئەشۇ ئوغلىدىن باشقا ئۇنىڭ كۆڭلى خۇش بولغىدەك ھېچنېمە يوق ئىكەن . ياخشى بېقلغانلىقتمۇ ئەيتاۋۇر مەلىكنىڭ ئوغلى يېشىغا تېگىپلا ئېيىقتەك بەستىلىك ،قابىل يىگىت بولۇپ يىتىشىپتۇ ۋە ئانىسىنىڭ كۈنبۇيى يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ نېمىشقا يىغلايدىغانلىقىنى سوراپتۇ.مەلىكە بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ بىرىپتۇ .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- ئەمىسە بۇ يەرگە سولىنىپ ئولتۇرغىچە شاھ بوۋامنىڭ يېنىغا كەتسەك بولمامدۇ؟ - دەپتۇ يىگىت تاقەتسىزلىنىپ .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ـ كېتىمىز دەپلا كېتەلمەيمىز بالام ،ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى بىردەممۇ ئوچوق تۇرمىسا تاغىنى تىشىپ چىقىپ كېتەرنىڭ ئورنى يوق . يەنە كېلىپ بىز قاچىمىز دەپ تۇتۇلۇپ قالساق ئېيق ئىككىلىمىزنى يېۋىتىشتىن يانمايدۇ، سەن بىلمەيسەن ، ئۇ ئىنتايىن ۋەھشى ھايۋان . ئۈنىڭنى پەس قىل . ئۇ ئاڭلاپ قالسا تۈگەشكىنىمىز شۇ ، - دەپتۇ مەلىكە خۇددى ئېيىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقاندەك ۋۇجۇدىنى سۈر باسقان ھالدا .
(http://bbs.oylirim.cn)% D% `* x9 _/ u+ r6 w0 g- b- ئۇنىڭدىن غەم قىلماڭ ئانا ، مەن ئەمدى چوڭ بولدۇم . ئۆزۈمنىمۇ سىزنىمۇ قوغدىيالايمەن. ئېيق گەرچە مىنىڭ دادام بولسمۇ دېگىنىڭىزدەك ئۇ بىر ھايۋان . سىز خالىمىسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرىۋېرىشنى مەنمۇ خالىمايمەن ، ئەڭ ياخشىسى بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشىنىڭ كويىغا چۈشەيلى ،- دەپتۇ يىگىت ھەر يوغان قوللىرى بىلەن ئانىسىنىڭ يېشىنى سۈرتۈپ .
(http://bbs.oylirim.cn)3 [# y* K5 j, W4 C1 A- قاچىدىغان ئىش بولسىمۇ ھەرگىز قاراملق قىلمايلى بالام. بۇ يەردە تۇرغىنىمىدىن ئۆلگىنىم مىڭ ياخشى .لېكىن ئاتا - ئانامنى ئويلىمىسام بولمايدۇ ، ئەگەر مېنى ئاتا - ئانامنىڭ يېنىغا ساق - سالامەت ئاپىرىپ قويالىساڭ كېيىنكى ئۆمرىمنى سېنىڭ بەخىت - سائادىتىڭىنى تىلەش بىلەنلا جاينىمازدىن قوپماي ئۆتكۈزىمەن ، - دەپتۇ مەلىكە ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ .
(http://bbs.oylirim.cn). c' _7 q8 }; m-سىز قاچان دېسىڭىز شۇ چاغدا يولغا چىقايلى ، سىز مەندىن رازى بولدىغان ئىش بولسىلا سىز ئۈچۈن ھەر قانداق خەتەردىن قورقىمايمەن ، - دەپتۇ يىگىت مەردانلىك بىلەن .
(http://bbs.oylirim.cn) h, T; n7 s; R, uئېيىق قايتىپ كەلگەندە ئۇلار ھېچنىمنى چاندۇرماپتۇ ، ئەمما ئەتىسى ئېيىق يەنە ئوۋغا چىقماقچى بولغاندا مەلىكە :
(http://bbs.oylirim.cn), k5 n) Y9 }, W( k- بىر خىللا گۆشىىنى يەۋىرىپ بەك زىرىكىپ كەتىتم ، ئۇچار قاناتلارنىڭ گۆشىنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ، مۇمكىن بولسا كۆشى ھەم تاتلىق ھەم يىمشاق پىشىدىغان قۇشلارنى تۇتۇپ كاۋاپ قىلىپ ئەكىلىپ بەرگەن بەرسىڭىز ،- دەپتۇ. مەقسىدى ئېيىقنى ئامال بار يىراققا يولغا سېلىۋىتىپ سىرتتا ئۇزاقراق ھايال قىلىش بولسىمۇ قىلچە چاندۇرماي .
(http://bbs.oylirim.cn)/ A. X9 h8 b W2 `خوتۇنىنىڭ بۇنچىلىك ئوچۇق - يورۇق گەپ قىلىپ باققىنىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئېيىق خۇشاللىقنى ئىچىگە پاتقۇزالماي دەرھال ئوۋغا ئاتلىنىپتۇ. ئۇ ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن يىگىت بېرىپ تاشنى مىدىرلاتقانىكەن ئانچە ئېغىرمۇ تۇيۇلۇپ كەتمەپتۇ. ئوغلىنىڭ شۇنچە يوغان تاشنى ئويۇنچۇقنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ ئالقىنىدا پىرقىرىتىپ يۈرگىنىنى كۆرگەن مەلىكە : (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ـ ۋاي نېمىش قىلۋاتىسەن بالام ،راستىنلا كۆتۈرەلىدىڭمۇ ؟-دەپ سوراپتۇ، ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالماي .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ـ ئۇنچىلىك تاش دېگەن نېمىدى؟ ، كۆڭلىڭىزدىكىنى بۇرۇنراق دېگەن بولسىڭىز ئاللا قاچان شاھ بۇۋامنىڭ يېنىغا كېتىپ بولاتتۇق،- دەپتۇ يىگىت تاشنى ئوينىغاچ ئانىسىغا ئەركىلەپ .(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- غەيرىتىڭگە بارىكاللا بالام ،ئېيقتەك كۈچتۈڭگۈر ئادەم بوپسەن، مەن راستىنلا سەندىن خاتىرجەم بولدۇم .ئەمدى چاققان ماڭايلى ،- دەپتۇ مەلىكە ۋە دەرھاللا ئۆڭگۈرنىڭ سىرتىغا چىقپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)2 [# u0 F1 _, S0 H# ~! F1 l/ o" Kگەرچە مەلىكە ئوغلىنىڭ كۈچلۈك قۇرقۇمسىزلىقتىن سۆيۈنۈپ ئويلانمايلا شۇنداق دېگەن بۇلسىمۇ يىگىتىنىڭ ئىسىمى شۇ كۈندىن باشلاپ ئېيق پالۋان بولۇپ قاپتۇ.ئېيق پالۋان قولىدىكى يوغان تاشنى تاشلاپ ئېيقنىڭ ئۆڭگۈرنى تۈزلىۋەتكەندىن كېيىن ئانىسنى مۈرىسىگە ئاپتۇ- دە ئانىسى كۆرسەتكەن يول بىلەن زامانىدىنشاھنىڭ شەھىرىگە قاراپ يول ئاپتۇ.ئۇلار كېلىپ قارىغۇدەك بولسا قىزىنىڭ دەردىدە تۇلا يېغلاپ سالامەتلىكى ۋە كۈزىدىن ئايرىلغان زاماندىن شاھ ئەر خۇتۇنلار مىدىرلىغىدەك جېنىمۇ يوق ئاللانى بىردەپ ياتقانكەن . مەلىكە ئېيق پالۋاننىڭ يەلكىسىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۆزىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ باغرىغا ئېتپتۇ ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇپ ئۇلارنىڭ كۆز نۇرىنى ئەسىلگە كەلتۈرۈپتۇ. شۇنداقلا ئېيق پالۋاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- بۇ مېنىڭ ئوغلۇم ،مېنى مۇشۇ پالۋان نەۋرەڭلەر يىرتقۇچنىڭ قولدىن قۇتۇلدۇرۇپ كەلدى ،- دەپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn), M9 ^" K, N. Cخۇدايىم مېنى ئاخىرى تىلكمگە يەتكۈزۈپتۇ.مەن ئارزۇ قلغان نەۋرەم مۇشۇكەن دەپ ئۇيلىغان زامانىدىنشاھ قىزىنى تېپىۋالغاننىڭ ئۈستىگە دەل ئۆز ئارزۇسىىدىكدەك مۈشكۈلىنى ئاسان قىلالايدىغان قابىل نەۋرىگە ئېرىشىپ قالغىنىدىن چەكسىز خۇشاللققا تولۇپ ئۆزىنى قويغىلى يەر تاپالماي قاپتۇ ۋە ئۇلاربىلەن ئۇزۇندىن - ئۇزاق مۇڭدۇشۇپ زادىلا گېپى تۈگىمەپتۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تۇغۇلۇپ چوڭ بولغىىچە كۈنلىرىنى ئۆڭگۈرنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ زىرىكىپ كەتكەن ئېيق پالۋان بىر كۈنى :(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ـ شاھ بۇۋا ، ئاڭلىسام ئانامغا ئاتاپ ئاجايىپ كاتتا بىر چاھار باغ ياسىتىپ بىرپتىكەنسىز ،نېمشقا مېنى شۇ باغقا ئېچىقىپ سەيلە قىلدۇرمايسز ؟- دەپتۇ زامانىدىنشاھقا.
(http://bbs.oylirim.cn)5 e' z6 h& e6 ~2 W' x/ vدېمىسىمۇ مەلىكە ئۆزىنىڭ چاھار بېغىنى ،بىللە ئوينىغان كېنىزەكلرىنى سېغىنىپ بىر كۈنمۇ، ئىسىدىن چىقىرالمىغانىكەن. زاماندىنشاھ بىر ھازاغىچە بېشىنى چايقاپ ئۈنسىز تۇرۇپ كېتپتۇ ۋە بىر كۈرۈپلا ئامراق بولۇپ قالغان نەۋرسىنىڭ لەۋزىنى يىرالماي ئامالسىز ئانا- بالا ئىككىسنى باشلاپ چىقپتۇ. ئەمما چاھار باغدىكى بىر - برىىدىن ئېسل سورتلۇق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ ئاللىقاچان قاقشالغا ئايلىنىپ كەتكەنىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)7 I& `/ c2 ?, o# g' m; z- L* \+ Eـ ئەي شاھ بۇۋ جاھاندا تەڭدىشى يوق چاھار باغ دەپ ئاڭلىغنىم ئۇتۇندىن باشقا ھېچنېمە يوق بىر جاڭگالكەنغۇ؟ - دەپتۇ ئېيق پالۋان.
(http://bbs.oylirim.cn)/ G3 c( M( a1 t7 J$ Xـ بالام ، ئاناڭ يوقاپ كەتكەن كۈندىن باشلاپ ماڭا ھېچ ئىش ئوڭ كەلمىدى، ئىككى يىلدىن بىرى سۇ كەلمەي مېنىڭ بېغىملا ئەمەس پۈتۈن يۇرت مۇشۇنداق قۇرۇپ كەتتى،- دەپتۇ زاماندنىشاھ كۆزلىرىگە لىق ياش ئېلىپ ۋە سۇ پالۋىنى دەيدىغان بىر مەخلۇقنىڭ دەريانى توسۇۋېلىپ بۇ تەرەپكە زادىلا سۇ ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىشىقا يارىغىدەك ئادەم چىقىمغاچقا سۇ باشلاپ كېلەلمەي مۇشۇنداق قۇرغاقىچلىقتا قالغانلىقىنى يېغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بىرپتۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- ئۇنداق بولسا سۇنىڭ ئامالىنى ئۆزۈم قىلاي ، ماڭا تۆمۈر كېيم ، تۆمۈر ھاسا ياسىتىپ بىرىڭ ،- دەپتۇ ئېيق پالۋان.
(http://bbs.oylirim.cn)/ \5 k) s3 X# F6 c5 w/ pزاماندنىشاھ شەھەردىكى ئەڭ ئۇستا تۆمۈرچىلەرنى يېغىپ ئېيق پالۋاننىڭ دېگىندەك تۆمۈر كېيىم ۋە ھاسا ياستىپ بېرىپتۇ. قۇرغاقچىلقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان پۇقرالار پادىشاھنىڭ ھەمراھلىقدا ئېيق پالۋاننى دەريا بويىغىىچە ئۇزۇتۇپ كەپتۇ. ئېيق پالۋان ئۆزىنى ئۇزۇتۇپ كەلگەنلەرنىڭ دۇئاسنى ئېلىپ ئۇلار بىلەن خوشلۇشۇپ قۇرۇپ كەتكەن دەريانى بويلاپ يوقۇرىغا قاراپ ناھايىتى ئۇزاق يول يۈرۈپتۇ ۋە بىر چاغ بولغاندا دەريانى تاغدەك بىر نەرسىنىڭ توسۇپ ياتقانلىقنى كۆرۈپتۇ، بۇدەل زاماندىنشاھ گېپنى قىلغان ھېلىقى سۇ پالۋىنىكەن. ئېيق پالۋان كۆزۈتۈپ تۇرسا سۇ پالۋىنى دەرياغا ئېقىپ كەلگەن سۇنى بىر ھاپپاق بىلەنلا كاچاتلاپ سۇنى ئارقىسغا ياندۇرۇپ ئويناۋاتقىدەك. شۇنىڭ بىلەن دەريانىڭ ئايغىغا سۇ ئۆتمەيۋاتقىدەك. ئەپىتىدىنلا ياۋۇزلىقى چىقىپ تۇرغان بۇ مەخلۇققا ياخشى گەپنىڭ كار قىلمايدىغانلىقىنى بىلپ يەتكەن ئېيق پالۋان دەرغەزەپ بولۇپ دەرياغا سەكرەپ چۈشۈپتۇ - دە ، سۇ پالۋىنىنى گەجىگسدىن قاماللاپ قاشىقا ئېتپتۇ. ھېچكىمنىڭ ئۆزىگە چاڭ سېلشىقا پىتىنالمايدىغانلىقدىن كۆرەڭلەپ قېن - قېنغا پاتمايدىغان سۇ پالۋىنى : (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ـ نېمە ئادەمسەن ، ئۆزۈمنىڭ سۈيىمنى ئوينىسام سېنىڭ نېمە كارىڭ،ـ دەپ ھۆركىرەپتۇ ۋە ، - بايا بىخەستە تۇرۇپ قاپتىمەن ،مەن بىلەن ئېلىشقۇڭ بولسا چوڭ بولۇپ كەل، - دەپ ئېيق پالۋاننى پىسەنتىگە ئېلىپمۇ قۇيماي ئېقىۋاتقان سۇلارنى يەنە توسۇشقا باشلاپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)9 G8 R# p0 k4 C: T2 R1 nـ ساڭا چوڭ بولۇپ كېلشنىڭ ھاجتى يوق، بىخەستە تۇرمىغان ۋاقتىڭدىمۇ سېنى يەنە قاشىقا ئېلۋىتەلەيمەن. - دەپتۇ ئېيق پالۋان ۋە بۇ قېتىم سۇ پالۋاننى تېخمۇ يېراققا ئېتىپتۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يەرگە پېتپ بېشى ئاران كۆرۈنۈپ قالغان سۇ پالۋىنى نەرە تارتىپ ئېتلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئېيق پالۋاننى مىدىرـ سىدىر قىلالماپتۇ. ئېيق پالۋان يەنە بىر قېتىم ئىگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇرغانىكەن سۇ پالۋانى پېتىپ كەتكەن يېرىدىن قوزغىلالماپتۇ ۋە يېڭلگىنىگە تەن بىرىپ ئېيق پالۋاننڭ سۇنى توسۇۋالماسلىق شەرتىگە قوشۇلۇپ ئۆزىنى تارتىپ چىقىرپ قۇيۇشىنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئېيق پالۋان تارتىپ چىقىرىپ قويغاندىن كېين سۇ پالۋىنى ئۆزىنى ئۆلتۇرمىگىنىدىن خۇش بولۇپ ئېيق پالۋانغا بىر ئۆمۈر قۇل بولۇپ ئىشلەشكە ۋەدە بىرىپتۇ. ئۇلارئۆمۈرلۈك دوستلاردىن بولۇشىقا ئەھدى قىلىشىپ دەريانىڭ سۈيىنى يۇرت ئىچگە ماڭدۇرۇۋىتپ قارىغىدەك بولسا دەريانىڭ باش تەرىپىدىن ھەر يوغان چىنار دەرەخلىرىى ھېلى كۆتۈرۈلۈپ، ھېلى پەسىيپ گۈپ - گۈپ قىلغان ئاۋاز كېلۋاتقىدەك . نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بېلىپ بېقىش ئۈچۈن خېلى ئۇزاق يول يۈرۈپ بېرىپ قارىسا بىر مەخلۇق نەچچە ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيدىغان يوغان چىنار دەرەخلىرىنى بىر تارتپلا يۇلۇپ يەنە گۈپپىدە ئىزىغا سانجىپ قويۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ ئويناۋاتقىدەك ، ئەسلىدە ئۇ چىنار پالۋان ئىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)4 ~- {0 k$ D0 d0 G2 F# ~ـ بىر ئوبدان چوڭ بولۇپ دەريانى قۇمىنىڭ ھۇجۇمدىن ساقلاۋاتقان ئۇزۇن يىللىق چىنارلارنى بۇنداق يۇلۇپ ئوينىغىچە جايدا قويساڭ بولمامدۇ؟ - دەپتۇ ئېيق پالۋان.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ـ نېمش قىلدىغان شۇمتەكسەن، ئاكاڭ قارىغاينىڭ ئىشغا ئارىلىشىدىغانغا نېمە ھەددىڭ، تولا چىشمىغا تەگمەي ماڭقاڭنى ئېيتپ يولۇڭغا ماڭ، - دەپ قوپاللىق بىلەن تىل ساپتۇ چىنار پالۋان. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئېيق پالۋان ئاچچقىدا چىنار پالۋاننى قاماللاپ تۇتۇپ بېشىدىن ئىگىز كۈتۈرگىنچە كۈچەپ يەرگە ئۇرغانىكەن بوينىغىچە يەرگە پېتىپ كەتكەن چىنار پالۋاننىڭ بېشلا كۈرۈنۈپ قاپتۇ. ئېيىق پالۋاننىڭ قولدىن ساق قۇتۇلۇپ كېتەلىشىگە كۆزى يەتمىگەن چىنار پالۋان بىر قۇشۇق قېنىدىن كېچىپ ئۆلتۈرۈۋىتىشتىن ۋاز كەچسە بۇ شەپقىتى ئۈچۈن ئۈمۈرۋايەت سادىق قۇلى بولۇپ خىزمىتىنى قىلدىغانلقى ھەققدە قەسەم ئېچىپ يالۋۇرۇپتۇ.ئېيق پالۋان يەنە رەھىمىدىللىك بىلەن ئۇنى كەچۈرۈپتۇ ۋە يەردىن تارتىپ چىقىرىپ ئۈچ پالۋان قول بىرىشىپ دوستلىشىپتۇ.ئېيىق پالۋان ئەمدى ئىككى دوستنى ئېلىپ قايىتىپ بۇۋىسىنڭ يورتىنى كۆكەرتىش ،ئەلنىڭ ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىشىنى ئويلاپ تۇرۇشىغا دەريانىڭ باش تەرىپىدە غۇۋا كۈرۈنۈپ تۇرغان ئىككى تاغ ئۆز - ئارا گۈلدۈرلەپ سۇقۇشۇۋاتىقىدەك. ئۈچ پالۋان ھەيرانلىق بىلەن نېمەئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماق بولۇپ بىرىپ قارىسا تېخىمۇ يۇغان بىر مەخلۇق ئىككى تاغنى ئالقىنىدا كۈتۈرۋېلىپ بىر- بىرسىگە سۇقۇشتۇرۇپ ئويناۋاتقىدەك .
(http://bbs.oylirim.cn)* v/ }: ?' I) k% @' @4 zـ تاغدا نۇرغۇن جانلىقلار تۇرسا ئارامىدا ياشىغلى قۇيساڭ بولمامدۇ، - دەپتۇ ئېيق پالۋان.
(http://bbs.oylirim.cn)' e- M& D5 N1 C4 t( K; N# o8 R2 Pـ مەن مۇشۇنداق تاغنى تاغقا سۇقۇشتۇرۇپ ئوينايدىغان تاغ پالۋىنى. نەدىن پەيدا بولغان شۇمتەكسەن ؟ مېنىڭ قولۇمدا بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكىڭ بولمىسا تۇلا مېنىڭ بۇرۇتۇمغا چالما تىزىمەن دېمەي غىت قىسىپ يولۇڭغا ماڭ ،بولمىسا كۆرگۈلۈڭنى كۆرستىمەن ،- دەپتۇ تاغ پالۋىنى ھۆركىرەپ ئېيق پالۋاننى پىسەنتىگمۇ ئېلىپ قويماي .
(http://bbs.oylirim.cn). P' v! k D+ q7 n7 e8 w A. n9 iدەر غەزەپكە كەلگەن ئېيق پالۋان تاغ پالۋىنى بىلەن بەل تۇتۇشۇپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ تاغنى ئالقىنغا ئېلۋالغنى بىلەن ھۈنىرىنىڭ چاغلق ئىكەنلىكنى پەملەپ بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ نەچچىنى پىرقىرتىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىى سۇقۇشتۇرۇپ ئويناۋاتقان ئىككى تاغنىڭ ئارسىغا قىستۇرۇپ قۇيۇپتۇ . ئەزەلدىن بۇنداق كۈچلۈك رەقىپكە دۇچ كېلىپ باقمىغان تاغ پالۋىنى ئېيق پالۋاننىڭ غەزىپدىن قورقۇپ تىتىرەپ كېتىپتۇ،-دە بىر قۇشۇق قېنىدىن كېچىشىنى تىلەپ، ھايات قويىسا بۇ شەپقىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلدىغانلقى ھەققىدە قلىمغان قەسەملىرى قالماي يالۋۇرۇپتۇ. ئېيق پالۋان رەھىمى كېلىپ تاغ پالۋىننى تارتىپ چىقىرىپ قويۇپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ تۆت پالۋان قەسەم ئېچىپ قىيامەتلىك دۇسىتلارغا ئايلىنىپتۇ ۋە جاڭگالدىن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ ئوۋ غەنمەتلىرى بىلەن زىياپەت قىلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ دوست بولۇشقانلىرىنى تەبرىكلەشمەكچى بوپتۇ . ئۇلار دەريادىن يىراقلاپ ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ قارىسا جاڭگالنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا يۇغان بىر ئېغىز ئۈسىتى ئۇچۇق ئۆي ،ئۆيدە ئۇچاققا ئېىسقلق قازان ، ئۇچاق بېشىدا قاچا - قۇچىلار تۇرغۇدەك ،ئۇلار ئۆزلىرى ئوۋلاپ كەلگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى مۇشۇ ئۆيدە پۇشۇرۇپ يېمەكچى بۇپتۇ ۋە قازانغا سېلىپ چىنار پالۋاننى ئۇچاققا ئوت قالاپ قازان قاينتىشقا قالدۇرۇپ قويۇپ قالغان ئۈچ پالۋان يەنە ئوۋ ئوۋلىغلى كېتىپتۇ . ئەمما قايىتىپ كېلىپ قارىسا چىنار پالۋان بىر تال قىل بىلەن ئۆينىڭ تۈۋرۈكگە باغلاقلق ،قازان قۇپقۇرۇق تۇرغۇدەك . نېمەئىش بولغانلقنى سورىسا چىنار پالۋان بىر يالماۋۇز سۈپەت مەخلۇق كېلىپ پىشقان گۆشلەرنى يەپ سۈيىنى بىر تېمىممۇ قالدۇرماي ئىچىپ بولۇپ قايتىپ كەتكەنلىكىنى ،ئۆزىنى مۇشۇنداق باغلاپ قويغانلىقىنى دەپ بىرىپتۇ. ئۇلار ئەكەلگەن گۆشلىرىنى قازانغا سېلىپ بولغاندىن كىيىن بۇ قېتىم سۇ پالۋاننى قازان بېشىغا قاراشقا قويۇپ يەنە ئوۋ ئوۋلاشقا كېتىپتۇ. ئەمما ئۈچىنچى قېتىم تاغ پالۋاننى قالدۇرۇپ كەتكەندىمۇ ئوخشاش ئەھۋال تەكرارلىنىۋىرىپتۇ. ئۈچ پالۋاننىڭ ھېچقايسىسى ھېلىقى يالماۋۇزغا تەڭ كېلەلمەپتۇ.ئاخىرى ئاچچىقىغا چىدىمىغان ئېيىق پالۋان يالماۋۇز بىلەن ئۆزۈم ئېلىشىپ باقاي دەپ ئۈچ دوستىنى ئوۋ ئوۋلاپ كېلىشكە ئېۋەتىپ ئۆزى گۆش قاينىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغ بولغاندا راستىنلا دۈپۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلنىپ بىر كالپۇكى ئاسماندا بىر كالپۇكى يەردە سۆرۈلۈپ چىشلىرىنى ھىڭگايىتقىنىچە ئاجايىپ قورقۇنۇچلۇق بىر مەخلۇق پەيدا بوپتۇ ۋە ئېيىق پالۋاندىن :
(http://bbs.oylirim.cn)3 k' q1 ^9 m. W1 {9 U2 kـ گۆش پىشتىمۇ ؟- دەپ سوراپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)2 [- q0 b7 k6 D; L: b* N2 uـ قايسى گۆش ؟ ئەتىگەننىڭياقى ئوۋلىغان نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يەپ بولۇپ يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن كەلدىڭ ؟ھەممە گۆشىنى سەن يەۋەرسەڭ بۇرادەرلىرىم نېمە يەيدۇ ؟ - دەپتۇ ئېيىق پالۋان زەرد بىلەن .
(http://bbs.oylirim.cn)' z4 g8 n) g. K; \, i- مەن يەيدىغان گۆشچۇ ؟ مەن تويماي تۇرسام ھەر قايسىڭغا گۆش يېيىشنى كىم قويۇپتۇ، تولا ھەددىڭدىن ئاشماي گۆش پىشقان بولسا دەرھال ئالدىمغا كەلتۈر ! - دەپتۇ يالماۋۇزھېچنىمىدىن تەپتارتماي.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ـ ئەمدى ئىنساپ قىل ،بۇرادەرلىرىمنىڭ قورسىقى ئاچ ، بۇ گۆشنى بىز يىمىسەك بولمايدۇ ،- دەپتۇ ئېيق پالۋان قەتئىيلىك بىلەن .
(http://bbs.oylirim.cn)% L9 [" D/ k: Z4 m' c X+ Hئېيىق پالۋاننىڭ ئالدىنقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى پەملىگەن يالماۋۇز ئۇنىمۇ بىر تال ساقىلى بىلەن باغلاپ قويماقچى بوپتۇ، ئېيىق پالۋان ھەرگىز بوش كەلمەپتۇ.ئىككسى بىردەم ئېلىشقاندىن كىيىن ئېيىق پالۋان شاھ بوۋىسى ياسىتىپ بەرگەن تۆمۈر ھاسا بىلەن پاچىقىغا بىرنى سالغانىكەن يالماۋۇزنىڭ چىرقىرىشىدىن ئۆيىنىڭ تاملىرىمۇ تىتىرەپ كېتىپتۇ.ئېيىق پالۋان يەنە بىر پاچىقىنىمۇ سۇندۇرۋىتىش ئۈچۈن ھاسسىنى كۆتۈرگەن ئىكەن يالماۋۇز ئاقساقلىغان پىتى ئالدى - كەينىگە قارىماي قېچىپتۇ. بۇنداق ياۋۇز مەخلۇقنى يوقاتماي تۇرۇپ ئەلگە تىنىچلىق بولمايدىغانلىقىنى پەمىلىگەن ئېيىق پالۋان قولىدا ھاسسىنى تۇتقان ھالدا يالماۋۇزنى ئىز بېسىپ قوغلاپتۇ. ئېيىق پالۋان ئەمدى قوغلاپ يىتىشۋالاي دېگەندە سۇنغان پۇتىنى سۆرەپ قېچىپ بولالىشىغا كۆزى يەتمىگەن يالماۋۇز بىر سېھىر ئەپسۇن بىلەنلا ئس - تۈتۈنگە ئايلىنىپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. ئېيىق پالۋان بېرىپ قارىسا يالماۋۇز يوقاپ كەتكەن جايدا تۈگمەن تېشىنىڭ يۈز ھەسسچىلىك چوڭلۇقتىكى يوغان بىر تاش تۇرغۇدەك . ئۇ تاشىنى ھاسىسى بىلەن بىرنى قويۇپ كۈكۈم تالقان قىلىۋىپتۇ ۋە ئېڭىشىپ قاراپ ئەسلىدە ئۇ يەرنىڭ بىر ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئېيىق پالۋان ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرىپ قارىسا ئۆڭكۈرنىڭ تېگى كۆرۈنمەپتۇ. يالماۋۇز مۇشۇ تەرەپكە قاچقان ئوخشايدۇ دەپ تۆۋەنگە قاراپ مېڭىۋرىپتىكەن ناھايىتى ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىن بىر كاتتا يەر ئاستى شەھرىگە كىرىپ قاپتۇ. قارىسا كوچا بويلىرىدا ھېساپسىز يىمەكلىكلەر تىزىلپ تۇرۇپتۇ. ئەمما يا ئۆنى ساتىدىغان يا ئالىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىكەن ، قورساقلىرى ئېچىپ ئۈچەيلىرى تارتىشىپ كەتكەن ئېيىق پالۋان نېمە كۆرسەم قورسىقىمنى تويغۇزىۋېلىپ كۆرەي دەپ يىمەكلىكلەردىن خالىغانچە يەپتۇ ۋە شەھەر كوچىللىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر يورۇقچىلىققا چىقىپ قاپتۇ، قارىسا يۈز ئادەمنىڭ قۇچىقى ئاران يەتكىدەك ئاجايىپ چوڭ ھەم ئىگىز بىرتۈپ چىنارنىڭ ئۈستىدىن كۈچلۈك بىر نۇر چاقناپ تۇرغۇدەك . ئېيىق پالۋان كۆزىنى تەستە ئېچىپ تېخىمۇ ئىنچىكلەپ قاراپتىكەن چىنارنىڭ ئەڭ ئۇچىدا بىر قەپەزنىڭ تۇرغانلىقىنى ، قەپەزنىڭ ئىچىگە تەڭداشسىز گۈزەك بىر ساھبجامالنىڭ سولاپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ھېلىقى كۈچلۈك نۇر ئەسلىدە ساھبجامالنىڭ پىشانىسىدىن چاقنىغان نۇر ئىكەن . ئېيىق پالۋان ھەيران بولغان ھالدا بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ ساھىبجامالدىن سوراپتۇ:
(http://bbs.oylirim.cn). m9 c$ d% M& E& O$ @" |1 z. X- ئەي ھۆسنى جامالىدا تەڭداشسىز ساھىبجامال ،چىرايىڭىزدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىكەن . لېكىن چىنارنىڭ ئۇچىدا قەپەسنىڭ ئىچىدە نىمە ئىش قىلىسز ؟
(http://bbs.oylirim.cn)* }/ A1 F }7 B" O2 Gيالماۋۇزنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىكى ئاغزىغا قاپلشىپ قالغان ساھبجامال ئۈنىنى چىقىرالماي ياندىكى بىر تۆمۈر ئۆينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېيىق پالۋانىغا گەپ قىلماسلىق ھەققىدە ئىشارەت قىلپتۇ.گەرچە ئېيىق پالۋان ساھىبجامالنىڭ نېمىدىندۇر قورقۇپ تۇرغانلىقىنى بىلسىمۇ ئاۋازىنى قويۇۋىتىپ بايىقى سۇئالنى تەكرارلاپتۇ.ئېيىق پالۋاننىڭ قورقۇمسىزلىقىدىن جۈرئەتلىنىپ بۇ بىر باتۇر يىگىت ئوخشايدۇ، ئەھۋالمنى بىلىپ مېنى قۇتۇلدۇرۋالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىغان ساھىپجامال كەچۇرمىشلىرىنى سۆزلەپ بىرىپتۇ. ئۇ ئەسلىدە بىر پادىشاھنىڭ مەلىكىسى بولۇپ ئۆزىنىڭ خاس چاھار بېغىدا كىنىزەكىلىرى بىلەن باغ سەيلىسى قىلىۋاتقاندا يالماۋۇز تەرىپىدىن بۇلاپ كېلىنپ خوتۇن بولۇشقا زورلۇنۇپتۇ، ئەمما مەلىكە ئۇنىماي تۇرۋالغاچقا قەپەزگە سولاپ چىنارنىڭ ئۇچغا ئېچقىپ قويغانىكەن. مەلىكنىڭ چىنارنىڭ ئۈستىدە تۇرۋاتقنىغا نەچچە يىل بوپتۇ. يالماۋۇز ئۇنى ھەركۈنى خوتۇن بولۇش تەلپىگە كۆندۈرمەكچى بولۇپ دېمگەنلىرى قالمايدىكەن، مەلىكە گەپ چىشلىمگەندىن كيېن پەسكە چۈشكىلى قويماي ئاشۇنداق جازالايدىكەن. ئېيق پالۋان دەل ئۆزىنىڭ ئانسدەك قىسمەتكە يولۇققان بۇ بىچارە مەلىكىگە ئىچ ئاغىرىتپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش نىيتىگە كەپتۇ ۋە : (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ـ يالماۋۇز ھازىر قەيەردە ؟ - دەپ ۋاقىراپتۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەلىكە ھېلىقى تۆمۈر ئۆينى كۆرسۈتۈپ دەپتۇ:
(http://bbs.oylirim.cn)6 F$ P! \/ [- q. {6 Tـ ئۇ ھىلېراقتا ئاقساقلاپ كىرىپ كەتتى ، لېكىن ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەك تەس، تۆمۈر ئۆينىڭ ئىچىگە ئەشۇ يالماۋۇزدىن باشقا ئادىمزات كېرەلمەيدۇ، - دەپتۇ بىر تەرەپتىن ئۈمۈتىلىنپ تۇرسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئەنسىرەپ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ـ خاتىرجەم بولۇڭ مەلىكە ، مەن ھازىرلا كېلمەن. - دەپتۇ ئېيق پالۋان ۋە مەلىكە كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ يول ئاپتۇ. لېكىن تۆمۈر ئۆينىڭ ھېچقانداق يېرىدە كىرىدىغان ئىشكى ياكى تۇڭلىكى يوقكەن. ئېيق پالۋان ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ تۆمۈر ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى ئۆتمەتۆشۈك قىلۋەتسىمۇ يالماۋۇز چىققىلى ئۇنىماپتۇ. تىللاپ ئاچچىقىنى كەلتۈرسەم چىقىپ قالارمىكىن دەپ ئويلاپ:
(http://bbs.oylirim.cn)0 s5 j1 Y! l5 u8 ^+ @7 \1 H; eـ يالماۋۇز بۇياققا چىق، بۈگۈن ئەجىلىڭ توشتى، مەن سېنىڭ جېنىڭنى ئالغلى كەلدىم. ھو توخۇ يۈرەك بەدبەخ، ئاجىزلارنى بوزەك قىلغان چاغدىكى ھەيۋەڭ قېنى ؟ چاققان چىق، بولمسا ئۆزۈم كىرىپ كۆرگىلكىڭنى كۆرستىمەن، پۇت - قۇلۇڭنى سۇندۇرۇپ ئۇچاققا ئوتۇن قىلپ قالايمەن ، ئۆلتۇرۇپ تاپىڭنى ئىتىقا تاشلاپ بىرىمەن، - دەپ ۋاقىراپ دېمگەنلرى قالماپتۇ، ئادەم نەسىلىدىن يېڭلىپ باقمىغان يالماۋۇز ئېيق پالۋاننىڭ ئۆزى بۇرۇن ئۇچراتقان ئادەملەرگە پەقەت ئوخشمايدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا دېگىنىنى قىلمىغچە بولدى قىلمايدىغانلىقىنى پەملەپ يەتكەچكە ھەر قانچە ئاچچىقى كەلسمۇ يەنىلا سىرتىقا چىققلى ئۇنماي ئىچىگە تېنىپ يېتىۋاپتۇ. ئامالىسز قالغان ئېيق پالۋان كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولار دېگەن ئۈمۈدتە ئۆڭكۈرنىڭ ئاغىزىدىن چىقىپ ھەمراھلىرنى ئىزدەپ مېڭپتۇ، ھەمراھلىرىمۇ قازاندا گۆشنى پىشۇرۇپ قويۇپ ئۆزى يوقاپ كەتكەن ئېيق پالۋاننىڭ ئىزىنى ئىزداپ مۇشۇ ياققا قاراپ كېلۋاتقانىكەن، ئۇلار دەل يېرىم يولدا ئۇچرۇشۇپتۇ. ئېيق پالۋان كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەرگەچ بۇرادەرلىرىنى يالماۋۇز كىرىۋالغان ھېلىقى تۆمۈر ئۆينىڭ يېنىغا باشلاپ بېرىپتۇ، تاغ پالۋىنى تۆمۈر ئۆينى ئالقىنغا ئېلۋىلپ ئوڭ - تەتۈر پىرقىرتىپ بىردەم يەرگە ئۇرسا بىردەم ئاسمانغا ئېتىپ ئۆينىڭ ئىچىدىكى يالماۋۇزغا زادىلا ئارامچىلىق بەرمەپتۇ. ئۇ تامدىن بۇ تامغا سوقۇلۇپ چىداپ بولالمغان يالماۋۇز ئاخىرى ئىس - تۈتەككە ئايلىنىپ ئۆينىڭ تېشغا چىقىپتۇ ۋە ئەسلى ھالتىگە قايتىپ:
(http://bbs.oylirim.cn)5 I* v& `) G; ~1 F: @% Kـ شۇنچە يۈرەكلىك باتۇر بولغنىڭ بىلەن كۆزۈڭ كىچك نامەرت نېمكەنسەن، كىچككىنە گۆشىڭنى يەپ قويغانغا بىر پۇتۇمنى ناكا قىلغىنىڭ يەتمەي مۇشۇ يەرگىچە ئارقامدىن قوغلاپ كەپسەن. گۆشىڭنى يېگەن بولسام پۇتۇمنى سۇندۇردۇڭ، ھېچكىمنىڭ ھېچكىمدە قالمىدى. باشقا ئاداۋىتىمىز بولمغاندىكىن بولدى بىر قۇشۇق قېنڭدىن كەچتىم. ئاچچىقم كەلمەستە بۇرادەرلىرىڭنى ئېلىپ يولۇڭغا كېتۋال ، خالساڭ دوسىت بولۇپ قالايلى، - دەپتۇ ئېيق پالۋانغا.
(http://bbs.oylirim.cn)1 S4 r/ J& [/ A, j3 Y% K- n: zيالماۋۇزنىڭ ئۆلەر ھالەتكە چۈشۈپ قېلپىمۇ يەنە ئاغزىدىن يوغان گەپنى چۈشۈرمىگىنىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ئېيق پالۋان ئۇنڭغا گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى بىلپ تۆمۈر ھاسسى بىلەن بىرنى ئۇرۇپلا كاللىسنى مىجىپ تاشلاپ سېسق جېنىنى كۆككە سورۇېتىپتۇ. چۈنكى ئېيق پالۋان نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ قان قەرىزىگە بۇغۇلغان بۇ يىرىتقۇچ يالماۋۇزنىڭ ھىيلە ئىشلتىپ ھايات قېلۋالسىلا يەنە ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلدىغانلىقىنى پەملەپ ئۈلگۈرگەنىكەن. يالماۋۇز ئۆلگەندىن كېين ئېيق پالۋان بۇرادەرلىرىنى باشلاپ چىنارنىڭ تۈۋىگە كەپتۇ. مەلىكىنى زەخملەندۈۇرمەي يەرگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن چىنار پالۋاننىڭ ھۈنىرىنى ئشقا سېلشقا توغرا كەپتۇ، چىنار پالۋان ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان چىنار يۇلۇش ئەپسۇنىنى ئوقۇپ چىنارنىڭ غولىدىن تۇتۇپ بىر تارتىپلا قۇمۇرۇپ كۆتۈرۈۋاپتۇ ۋە پەم بىلەن يەرگە يېقىتىپتۇ. قەپەزنىڭ قۇلۇپى ئېيق پالۋاننىڭ ھاسسى بىلەن ئېچىلىپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)1 M" D k6 h& }4 O% A! e+ nئەمدى ئېيق پالۋان ئانسى ۋە بۇۋا - مۇمسنى يوقلىۋىتىپ ئاندىن مەلكىنى قىزىنىڭ يولىغا تۆت كۆزى بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرغان ئاتا - ئانسنىڭ قولىغا ساق - سالامەت تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بوپتۇ. بىراق ئۇلار يولىدا كېتۋاتسا بالىلىرنى كۆتۈرەلسە كۆتۈرۈپ، كۆتۈرەلمسە يىتلەپ، يۈك - تاقىلرىنى باشلىرىغا ئارتشىۋالغان بىر مۇنچە ئادەم قاچ - قاچ بولۇپ يۈگۈرۈشۈپ كېتۋاتقدەك، ئېيق پالۋان نەگە ماڭغانلىقىنى سوراپتكەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن كەلكۈن كېلىپ يۇرتنى سۇ بېسپ كەتكەنلىكىنى ، نۇرغۇن مال - مۈلۈك ۋە ئۆي جايلىرىنىڭ سۇ ئاستدا قالغانلىقنى ، قېچشقا ئۈلگۈرەلمەي سۇدا غەرىق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھەددى- ھېسابى يوق ئىكەنلكىنى ، سۇدىن شۇنداق تۇيۇپ كەتكەچكە مۇشۇ تەرەپتە سۇ قىس بىر يۇرت بار دەپ ئاڭلاپ شۇ يۇرتنى پاناھىداپ ماڭغانلىقنى سۆزلەپ بىرپتۇ. ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېين :(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ـ بۇنىڭغا بىر ئامال قىلايلى ،- دەپتۇ ئېيق پالۋان بۇرادىلىرىگە قاراپ . بۇ دەل سۇ پالۋىننىڭ ئۆز ھۈنىرىنى ئىشقا سالدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەن .شۇڭا ئۇبىر ياخشى ئىش قىلىش نىيىتىدە : (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- خالايىق ،قاچماڭلار، بو قورققىدەك ئىش ئەمەس، يۇرتىڭلارغا سۇ بارىدىغان دەريانى بىزگە كۆرسىتىپ قويساڭلار سۇنى بىردەمدىلا توسۇۋالىمىز،- دەپتۇ- دە كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ دەريا بويىغا بارغاندىن كېيىن سۇ قايتۇرۇش ئەپسۇنىنى ئوقۇپ تۇرۇپ دەريا سۈيىنى بىر شاپاللاپلا ئارقىسىغا ياندۇرۋېتىپتۇ. سۇ پالۋىننىڭ قالتىس ماھارىتىدىن چەكسىز سۆيۈنگەن خالايىق ئۇلارنى يۇرتىغا بىرىپ مېھمان بولۇپ كېتىشكە زورلاپ تۇرۇۋاپتۇ . كۈتۈلىمگەندە بۇ دەل مەلىكىنىڭ ئاتا - ئانىسنىڭ يۇرتى بولۇپ پادىشاھ كىمكى يۇرۇتىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرالىسا شۇنىڭغا خەزىنەمدىكى بارلىق ئالتۇن- كۆمۈشلەرنى ، پادىشاھلىق تاجۇ تەختىمىنى ۋە ساھىبجامال مەلىكەمنى شەرتىسز تەقدىم قىلىمەن دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىكەن .پادىشاھ گېپنى قىلىغان ئۇ مەلىكە يالماۋۇز بۇلاپ كەتكەن مەلىكىنىڭ بىر قورساقتىن چۈشكەن ئۆز سىڭلىسى بولۇپ چىرايى بوي ـ تۇرقى ۋە ئاۋازىدىن تارتىپ بىر - بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئۇخشايدىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn): l- p) |8 w; W& ^% ~$ J( dپادىشاھ پۈتۈن يۈرت جامائىتىگە كاتتا توي زىياپەت بىرىپ كىچىك مەلىكىنى سۇ پالۋىنىغا، چوڭ مەلىكىنى ئېيق پالۋانغا چېتىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ قىزىنى ۋە يۇرتنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ بەرگىنىگە مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈپتۇ شۇنداقلا ئۆز لەۋزى بويچە خەزىنىسىدىكى بارلىق ئالتۇن - كۈمۈشلەرنى ۋە پادىشاھلىقىنى جامائەتنىڭ ئالدىدا سۇ پالۋىنىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپتۇ. سۇ پالۋىنى گەرچە، مېنىڭ بىر يۇرتقا باش بولغۇچىلىكىم يوق ، بايلىق بىلەن مەلىكىگە ئېرىشكىنىمنىڭ ئۆزىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ ، ئۆزلىرى پادىشاھلىق قىلىۋەرسىلە دەپ چىڭ تۇرۇپ باققان بولسىمۇ مەلىكنىڭ دادىسى سۇ پالۋىننى پادىشاھ دەپ ئەلگە جاكارلىۋەتكەچكە ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەپتۇ . شۇنداق قىلىپ سۇ پالۋىنى ئۆزىمۇ ئۇقمايلا كاتتا بىر بايغا، بىر يۇرتنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋە ئاجايىپ بىر گۈزەل مەلىكىنىڭ ئېرىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. ئەلۋەتتە ئۇ ئۆزى پادىشاھ بۇلۇۋېلپلا بۇرادەرلىرىنى ئۇنتۇلۇپ قالماپتۇ.ئۈچ بۇرادىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يۇرتتا تۇرۇپ قىلىشقا چىن كۆڭلىدىن تەكلىپ قېپتۇ. ئەمما ئېيق پالۋان بوۋىسىنىڭ يېنىغا كەتمىسە بولمايدىكەن.ئېيق پالۋان سۇ پالۋىنى ۋە بۇ يۇرت جامائىتى بىلەن خوشلۇشۇپ ماڭغاندا شۇنچە يىل جۇدالىق ئازابىنى تارتقان ئاچا- سىڭىل ئىككى مەلىكە كۆرۈشە - كۆرۈشمەيلا يەنە ئايرىلشقا مەجبۇر بولغىنىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ بارغىن دېسە كەلگىن دېيىشىپ ئۇزاقتىن ئۇزاق يېغلاپ خۇشلشىپتۇ . تاغ پالۋىنى بىلەن چىنار پالۋانمۇ كېتىمىز دەپ يولغا چىققانىكەن سۇ پالۋانى ئۇلارغا نۇرغۇن ئالتۇن- كۆمۈشلەرنى يوللۇق تۇتۇپتۇ. شۇنداقلا بۇ تۆتەيلەننى ئىسل مەپىلەر بىلەن يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. بىراق يولدا كېتىۋىتىپ ئېيق پالۋاننىڭ خوتۇنى بىلەن ئامراقلىق بىلەن چېقىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ تاغ پالۋىنى بىلەن چىنار پالۋاننىڭ بىردىنلا نىيىتى بوزۇلۇپتۇ. دائىم بىللە يۈرۈپ نېمە ئىش قىلسا تەڭ قىلىدىغان تۆت قىيامەتلىك دوستىنىڭ ئىككىسىنىڭ بىردىن خۇتۇنغا ئىگە بولۇۋېلىپ ئۆزلىرىنى بۇيتاق قالدۇرغىنىدىن ئىچى ئىېچىشىپ زادىلا چىدىيالماپتۇ. گەرچە سۇ پالۋاننىڭ ئىشىدا ھېچ كىمنىڭ تۆھپىسى بولمىغانلىقتىن بۇ ھەقتە ئارتۇق گەپ قىلىشقا تىلى كۆيسىمۇ ئېيق پالۋاننىڭ ئۆزلىرىنى قارىتىپ قويۇپ كۆز ئالدىدا خۇتۇنىغا ئامراقلىق قىلىشلىرىدىن ئىككىسنىڭ ئىچىنى ئاللا نېملەر يېيىشكە باشلاپتۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ـ ۋۇي راست ، يالماۋۇزغا ئۆزى تەڭ كېلەلمەي مېنى ياردەمگە چاقىرغان ئەمەسمىدى؟ يالماۋۇزنى مەن ئۆلتۈرۈشۈپ بەرمىسەم قانداقسىگە بۇ مەلىكىگە ئېرىشەلەيتتى ؟ - دەپتۇ تاغ پالۋۋىنى.
(http://bbs.oylirim.cn)$ G- Y/ c( s8 M0 f5 Wـ شۇ ئەمەسمۇ، بەكمۇ ئىنساپسىز نېمكەن ، مەلىكىنى چىنارنىڭ ئۈستىدىن مەن ئېلىپ بەرگەن تۇرسام ئۆزى خۇتۇن قىلۋالغىنى نېمىسى ؟ - دەپتۇ چىنار پالۋان .
(http://bbs.oylirim.cn)/ i7 _8 [7 P1 C' f, Y! r7 B: ?6 @3 Xئۇلارنىڭ گەپلىرى بارغانسېرى بىر يەردىن چىقىپ ئېيق پالۋان يۇرتىغا بېرىۋېلىشتىن ئىلگىرى ئۇنى بىر ئاماللار بىلەن ئۇجۇقتۇرىۋىتىپ مەلىكىنى تارتىۋالماقچى بولۇشۇپتۇ . بىراق ئېيق پالۋاننى قانداق باپلاشنىڭ ھېچبىر مۇۋاپىق چارىسىنى تاپالماپتۇ. ئۇلار يەككە ئېلىشىپ يېڭەلمەيدىغانلىقنى بىلگەچكە تاغ پالۋىنى تاغلاردىن ، چىنار پالۋۋىنى چىناردىن مەدەت تىلەپ ئىككىلىسى ئۆز ئەپسۇنلىرىنى ئوقۇشقا باشلاپتۇ. تاغلققا يېقىنلىغانسېرى ئەمدى پەيتى كەلدى دەپ خۇشال بولغان تاغ پالۋىنى تاغلارنى ھەرىكەتكە كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئەمما كۆتۈلمىگەندە تاغدىن بىر تاش غۇلاپ چۈشۈپ ئۆزىنىڭ جېنىنى ئاپتۇ. ئەمدى ئېيق پالۋانىنى جايلىۋەتسەملا مەلىكە ماڭا ئوڭچە قالىدۇ دەپ خۇشلۇقتىن قىن - قىنىغا پاتماي قالغان چىنار پالۋان چىنارلىققا كېلىپلا چىنارلىرىغا ئەپسۇن ئوقۇپ بۇيرۇق بىرىپتۇ. ئەمما ئۆزى يۇلۇپ سىڭايان تاشلاپ قويغان بىر تۈپ چىنار دەل ئۆزىنى بېسىپ مىجىقىنى چىقىرىۋىتپتۇ ۋە دەرھاللا جەھەننەمگە يولغا ساپتۇ. بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئىككى بۇرادىرىدىن ئايرىلغان ئېيىق پالۋان يۇرتىغا بارغاندىن كېين ئىككى دوستىغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ بىرىپ قەبرە قاتۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كۆزىگە ياش ئېلىۋاتقاندا غايىپتىن بىر سادا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئەسلىدە نىيتى بۇزۇلۇپ ئۆزىنى قەستلىمەكچى بولغاندا قىيامەتلىك دوسىت بولۇش ئۈچۈن قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تەڭرىنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ ئالا كۆڭۈللۈكنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. ئېيىق پالۋان قىيامەتكىچە دوسىت بولۇپ ئۆتىمىز دەپ قەسەم ئىچىپ قول بىرىشكەن بۇ پالۋان دوستلىرىنىڭ قىلمىشىدىن توۋا دەپ ياقىسىنى چىشلەپ ئۇدۇل شاھ بوۋسىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ، يۇرتىنىڭ قايتىدىن ياشارغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپتۇ، شۇنداقلا ئانىسى ۋە بوۋا - مومىسىنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي ئۇلانىڭ خىزمىتىنى قىلىپ دۇئاسنى ئېلىشقا قەسەم ئىچىپتۇ. ئاللىقاچان ياشىنىپ قالغان زامانىدىنشاھ يۇرتقا كاتتا توي زىياپىتى بىرىپ ئېيىق پالۋاننىڭ پادىشاھ بولغانلىقىنى جاكارلاپتۇ ۋە دۆلەتنڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ئېيىق پالۋانغا خاتىرجەم تاپشۇرۇپتۇ. ئېيىق پالۋان شاھلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن باشتىن - ئاخىر بوۋسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ ھەممە ئىشتا ئاۋامىنى ئويلىغاچقا ئىشلىرى كۈندىن - كۈنگە روناق تېپىپ دۆلەت بارغانسىرى گۈللىنىپتۇ. سۇ پالۋىنى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويمىغاچقا يۇرتتا قۇرغاقچىلىقمۇ، سۇ ئاپىتىمۇ يۈز بەرمەپتۇ. پۈتكۈل يۇرت زامانىدىنشاھ پادىشاھلىق قىلغان چاغلاردىكىگە ئوخشاشلا ھەق - ئادالەت بىلەن باشقۇرلۇپ ئاۋام خەلق بەخىت ـ سائادەت ئىچىدە خاتىرجەم تىرىكچىلىكنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn)& R1 K! Q" }: ]- _4 Hسۆزلەپ بەرگۈچى:مەكىت ناھىيە تۈمەنتال يېزا تۈمەنتال كەنت 5-مەھەللىدىن
(http://bbs.oylirim.cn)9 R5 g! C- U' ?" Y5 n3 ?5 ^4 n) pھەسەن بارات،(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
خاتىرلەپ رەتلىگۈچى: مەكىت ناھىيەلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدىن ئادىل ئابدۇرېھىم چوڭقۇرچاق 18699822323
|
 |
 |
 |
 |
|
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان - ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|