كائىناتتىكى توققۇز سىر(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(http://bbs.oylirim.cn). ~0 o/ u; ~9 y/ y5 |3 }7 H* J
(http://bbs.oylirim.cn)# d; [. m/ y; s* B; N$ P! i" X (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاسترونوملار تارتىشىش كۈچى دولقۇنىنى تېپىپ چىقتى. ئۇنداقتا كائىناتتا يەنە قانداق نەرسىلەر ئىنسانلارنىڭ بايقىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىزنى تۆۋەندىكىلەرگە ئاغدۇرۇڭ:
(http://bbs.oylirim.cn)6 L( c) B, ^' V* m% r* o+ n 1. ئالەمنىڭ چوڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب نېمە؟
(http://bbs.oylirim.cn)1 B) q$ ^. I4 o0 D( z9 ? چوڭ پارتلاش نەزەرىيەسى نۆۋەتتە ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى تەسىر كۈچى كۈچلۈك تەلىمات. بىراق، زادى قانداق سەۋەب ئالەمنىڭ چوڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ بۇنىڭدىن 13 مىليارد 700 مىليون يىل ئىلگىرى ئالەمنىڭ ۋاقىت ۋە بوشلۇقى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن قانداق ئىشلار يۈز بەرگەن؟ دېگەندەك سو******ر بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئالىملار‹‹چوڭ قاڭقىش››، ‹‹كۆپ مەنبەلىك ئالەم››، ‹‹ئايلانما ئالەم›› ۋە ‹‹پاراللېل دۇنيا›› قاتارلىق بىر قاتار نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆپ مەنبەلىك ئالەم نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، بىز تۇرۇۋاتقان ئالەمنى كۆپلىگەن ئالەملەر ئىچىدىكى بىرسى دېيىشكە بولىدىكەن، ئالەملەرنىڭ سانى چەكسىز كۆپ بولۇپ، ‹‹كېيىنكى ئەۋلاد ئالەم››لەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ تۇرىدىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)6 A! \! @+ K# b 2. ئالەم قانداق ئاخىرلىشىدۇ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئالىملار ئالەمنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىغا قىزىقىپلا قالماي، يەنە ئالەمنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىغىمۇ قىزىقىدۇ. يەنى ‹‹چوڭ تارىيىش›› بولامدۇ ياكى ‹‹چوڭ توڭلاش›› بولامدۇ ۋە ياكى ‹‹چوڭ پارچىلىنىش›› بولامدۇ، دېگەندەك. ئەگەر قاراڭغۇ ئېنېرگىيە ئەڭ ئاخىرىدا يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن تارتىشىش كۈچىنى چەكلەشكە يەتمىسە، پۈتكۈل ئالەم ‹‹چوڭ پارتلاش››نىڭ ئەكسىچە تارىيىپ ئالاھىدە بىر نۇقتىغا ئايلىنىپ قېلىشى، ياكى قاراڭغۇ ئېنېرگىيە ئالەمنى ئاستا – ئاستا ۋە تەدرىجىي كېڭەيتىپ بارلىق ماددىلارنى ئۈن – تىنسىز مۇتلەق نۆل گىرادۇس ئەتراپىغا كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر قاراڭغۇ ئېنېرگىيە باشقا بارلىق كۈچلەرنى بېسىپ كەتسە ئالەمنىڭ تۈزۈلۈشىدە ئېگىلىش يۈز بېرىپ ‹‹چوڭ پارچىلىنىش››نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئالەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرى قانداق بولىدۇ، بۇنىڭغا ھازىرچە بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn); O4 N. D1 I+ R: q+ `0 T 3. تارتىشىش كۈچى نېمە ئۈچۈن غەلىتە بولىدۇ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تارتىشىش كۈچى گەرچە ئالەمدىكى تۆت ئاساسىي كۈچنىڭ بىرسى بولسىمۇ، ئۇنى باشقا كۈچلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاجىز دېيىشكە بولىدۇ، ئادەممۇ ناھايىتى ئاسانلا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنى يېڭىپ ئېگىزگە سەكرىيەلەيدۇ. تارتىشىش كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى تەسۋىرلەش ھەم بۇ خىل ئالاھىدە كۈچ بىلەن باشقا بىرنەچچە خىل كۈچنى مۇكەممەل فىزىكىلىق نەزەرىيە بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالىملار‹‹گراۋىتون›› ئۇقۇمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن؛ باشقا خىل قاراشتىكىلەر بولسا تارتىشىش كۈچى ئەمەلىيەتتە باشقا ئۈچ خىل ئاساسىي كۈچ بىلەن ئوخشاش كۈچىنىشكە ئىگە بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ تەسىرى بوشلۇققا ھەددىدىن ئارتۇق تارقىلىپ كەتكەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)+ O9 q$ m- R% ?# l; d 4. قارا ئۆڭكۈردىن باشقا يەنە ئاق ئۆڭكۈرمۇ بارمۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn)+ U z1 |* f- U. ?, V ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن، نۆۋەتتە بىرنەچچە قارا ئۆڭكۈر بايقالدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى دەل سامان يولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدە. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئېينىشتيىن تەڭلىمىسى ئارقىلىق ئاق ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. ئۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەكسىچە سىرتقى رايونلارنى داۋاملىق ماددا ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ، ئەمما سىرتنىڭ ھەرقانداق ماددىسى ۋە رادىياتسىيەسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئاق ئۆڭكۈر تېخىچە بايقالمىدى، ئەگەر ئاق ئۆڭكۈر بايقالسا يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ماددىلار نەدىن كەلگەن، دېگەندەك نۇرغۇن ئالەم مەسىلىلىرى ئاسانلا ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
5. ‹‹فېرمى كۆپۈكچىسى›› قانداق شەكىللەنگەن؟
(http://bbs.oylirim.cn): R- b& v ?$ D$ g' y9 z- x4 F+ A كىشىلەر سامان يولى سىستېمىسىدا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خېلى بۇرۇنلا بىلگەن، بىراق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، قارا ئۆڭكۈر سامان يولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدە تەخسە تەكشىلىكىگە تىك يۆنىلىشتە، ئۆزئارا سىممېتىرىك ھەم ئارىلىقى 50 مىڭ نۇر يىلى بولغان غايەت زور ئىككى ‹‹گاز كۆپۈكچىسى››نى ‹‹پۈۋلەپ›› چىقارغاندەك كۆرۈنىدۇ. ‹‹فېرمى كۆپۈكچىسى››نىڭ قۇرۇلمىسىنى ئالىملار 2010 – يىلى فېرمى گامما رادىياتسىيەسى تېلېسكوپىدىن پايدىلىنىپ بايقىغان بولۇپ، ئېھتىمال 2 مىليون يىللار بۇرۇنقى پارتلاشتا پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراشماقتا. تەتقىقاتلاردىن يەنە گاز كۆپۈكچىسىدە سىلتسىي، كاربون ۋە ئاليۇمىن بارلىقى مەلۇم بولماقتا، بۇ ئۇنىڭدىكى ماددىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ماسسىسى چوڭراق بولغان تۇرغۇن يۇلتۇزلار ياكى قارا ئۆڭكۈرلەر تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن پۈركۈمە ئېقىملار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. نۆۋەتتە، ئاسترونوملار شۇ قېتىمقى چوڭ پارتلاشنىڭ قالدۇق دولقۇنلىرىنى داۋاملىق كۆزەتمەكتە ۋە ئۆلچىمەكتە.
(http://bbs.oylirim.cn)3 }3 b, d3 O% z3 a' u! G: | 6. قاراڭغۇ ماددىنىڭ ‹‹ئەسلىي قىياپىتى››نى قانداق كۆرسەتكىلى بولىدۇ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئالىملار نۆۋەتتە ئالەمنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىنىڭ قاراڭغۇ ماددىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە، گەرچە قاراڭغۇ ماددىنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ، ئامما ئۇ چوقۇم مەۋجۇت، بولمىسا يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى شەكىللەنمىگەن، ئالەممۇ تەرەققىي قىلىپ ھازىرقىدەك شەكىلگە كەلمىگەن بولاتتى. قاراڭغۇ ماددىنى قانداق تاپقىلى بولىدۇ؟ ئالىملار بۇ ھەقتە ئۈچ خىل ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويغان: بىرسى ئالەمنىڭ چوڭ پارتلىشىغا تەقلىد قىلىش، يەنە بىرسى قاراڭغۇ ماددا زەررىچىلىرى بىلەن ئادەتتىكى ماددا زەررىچىلىرى ئارىسىدىكى سوقۇلۇشنى تەكشۈرۈش، ئۈچىنچىسى بولسا تەكشۈرگۈچ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدىن قاراڭغۇ ماددىنىڭ ئىزنالىرىنى ئىزدەش.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
7. بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسى نېمە ئۈچۈن تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك بولىدۇ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كۆپ سانلىق يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى ئادەتتە يۇمىلاق تەخسە، ئېللىپىسوئىد ياكى ئۆلچەمسىز شار شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ، 2012 – يىلى ئاسترونوملار 70 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتىن LEDA074886 دەپ ئاتىلىدىغان تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك غەلىتە يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى بايقىدى. ئۇ ئېھتىمال ئىككى ئايلانما يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ئۆزئارا سوقۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
8. پۇلسار(ئىمپۇلس يۇلتۇز) لارنىڭ ئىمپۇلس ‹‹ۋېكليۇچاتېلى›› نەدە؟
(http://bbs.oylirim.cn), J( J7 A' {+ [7 O* U5 M9 c پۇلسارلار دەۋرىي ھالدا ئېلېكتىرو ماگنىتلىق ئىمپۇلس سىگناللىرىنى تارقىتىپ تۇرىدىغان نېيترون يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۇنداقتا پۇلسارلارنىڭ ئېلېكتىرو ماگنىتلىق ئىمپۇلس سىگناللىرىنى تارقىتىش ‹‹ۋېكليۇچاتېلى›› نەدە بولىدۇ؟ 2008 – يىلى ئالىملار بىر پۇلسارنىڭ ئېلېكتىرو ماگنىت سىگنالىنىڭ ئېتىلىپ قېلىش ۋاقتىنىڭ 580 كۈنگە يەتكەنلىكىنى بايقىغان، بۇنىڭدىن ئېچىلىش – يېپىلىش دەۋرىنىڭ پۇلسارلارنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماگنىتلىق ئاقار جىسىملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. بىراق ماگنىتلىق ئاقار جىسىملاردا يەنە نېمە ئۈچۈن داۋالغۇش يۈز بېرىدۇ؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
9. لىتىيلار نەگە كەتتى؟
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا لىتىي ئېلېمېنتىمۇ ھىدروگېن ۋە گېلىيغا ئوخشاش ئالەمدە ناھايىتى مول بولۇشى كېرەك ئىدى، بىراق ئاسترونوملار 13 مىليارد يىل بۇرۇنقى كەم ئۇچرايدىغان ئۈچ تۇرغۇن يۇلتۇزنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلاردىكى لىتىي مىقدارىنىڭ نەزەرىيەۋى قىممەتتىن كۆپ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە لىتىيلار بەلكىم تېلېسكوپ بىلەنمۇ كۆزەتكىلى بولمايدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە ئېھتىمال ئەئېكسىئونلار (بىر خىل تەسەۋۋۇر قىلىنغان ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىسى) لىتىي ئاتوملىرىدىكى پىروتونلارنى سۈمۈرۈۋالغان بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم لىتىي ئاتوملىرى يوقاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.