مۇھەببەت ۋە نىكاھ
رۇزىلىي ئەخمەتنىياز
بىر كۈنى ئەپلاتون ئۇستازى سوقراتتىن سوراپتۇ:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-"مۇھەببەت دىگەن نىمە؟" دەپ سوراپتۇ.سوقرات ئۇنىڭ سۇئالىغا ئۇدۇللا جاۋاب بەرمەي ئۇنىبۇغدايىلىققا ئەڭچوڭ باشاقتىن بىرنى ئۈزۈپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا بۇ جەرياندا پەقەتئالدىغىلا قاراپ مېڭىشقا بولىدىغانلىقىنى،كەينىگە يېنىشقا بولمايدىغانلىقىنىئەسكەرتىپ قويۇپتۇ.
ئەپلاتون ئۇستازىنىڭ تەلىپىبويىچە ئېتىزلىققا بارغان بولسىمۇ ، لېكىن قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ. ئۇسستازى ئۇنىڭنىمىشقا قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەنلىكىنى سورىغانىكەن،ئۇ :
-كەينىمگە يانسام بولمايدىغانلىقىئۈچۈن ماڭغان يولۇمدا چوڭ باشاقلار ئۇچىرىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئالدىمدا بۇنىڭدىنمۇچوڭلىرى بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ ئۈزمەي مېڭىۋېرىپتىمەن. ئەمما بۇغدايلىقنىڭ ئۇبېشىقغا ئاز قالغانسىرى ئەڭ چوڭ باشاقلارنىڭ كەينىمدە قالغانلىقىنى،پۇرسەتنىڭقولدىن كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، نەتىجىدە بىر تالمۇ باشاق ئۈزەلمەي كەلدىم دەپجاۋاب بېرىپتۇ.
يەنە بىر قېتىم،ئەپلاتون ئۇستازى سوقراتتىننىمىنىڭ نىكاھ ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. سوقرات بۇ قېتىممۇ ئۇنى ئورمانلىققا بېرىپمىلاد دەرىخى سۈپىتىدە ئۆيگە قويۇپ قۇيۇشقا ھەممىدىن بەك ماس كېلىدىغان،ئەڭچوڭ،ئەڭ باراقسان دەرەختىن بىرنى تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.بۇ جەرياندىمۇ ئوخشاشلاپەقەت ئالدىغا قاراپ مېڭىشقىلا بولىدىكەن.كەينىگە يېنىپ قايتىدىن تاللاشقابولمايدىكەن.
ئەپلاتون ئۇستازىنىڭ دىگىنى بويىچە ئورمانلىققابېرىپ ئىشقا كىرىشىپ كىتىپتۇ.
ئانچە باراقسان ئەمەس،بەكناچارمۇ ئەمەس،ئادەتتىكى دەرەختىن بىرنى ئېلىپ كەپتۇ.بۇنى كۆرگەن ئۇستازى ئۇنىڭدىننىمە ۋەجىدىن ئادەتتىكى بىر دەرەخنى كىسىپ كەلگەنلىكىنى سورىغانىكەن ئەپلاتونمۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:
«بۇ قېتىم ئۆتكەنكىتەجىرىبە-ساۋاقنى يەكۈنلىدىم،ئورمانلىققا كىرىپ يولنىڭ يېرىمىنى بېسىپ بولغاندا بۇدەرەخنىڭمۇ خېلى يامان ئەمەسلىكىنى،بىرەر دەرەخنى ۋاقتىدا تاللىۋالمىسام،پۇرسەتنىقولدىن بېرىپ قۇيۇپ قۇرۇق قول قالىدىغانلىقىمنى بايقاپ ئۇنى كىسىپ كەلدىم».
سوقرات ئۇنىڭ جاۋابىدىن مەمنۇن بولۇپ مۇنداقدەپتۇ:«توغرا،نىكاھ دىگەن دەل شۇ».
كىشىلىك تۇرمۇش ھەر خىل ئەگىرى توقايلىقلارنىمۇجەسسەملىگەن بولىدۇ، بىز بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قولدىن بەرسەك،ئۆمۈرلۈكپۇشايماندا قالىمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىككىنە ئېھتىماللىقتىن تەۋەككۈل قىلىپ زورنەتىجىلەرنى يارىتالىغاندىلا ئاندىن بىر نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنىئەھمىيەتلىك كۈنلەرنى ۋە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمايمىز!.