نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغان بۈركۈت
(http://bbs.oylirim.cn)' x0 S, @" S" U- r' s3 e( {; i
(http://bbs.oylirim.cn): Q% d% p J# |, s* P( m% b# \) H بىر جۈپ بۈركۈت بىر ئورمانلىققا ماكانلاشماقچى بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەم ئېگىز ھەم يوغان، شاخلىرى باراقسان ئۆسكەن بىر تۈپ دەرەخنى تاللاپ ئۇۋا سېلىپ، يازدا بۇ يەردە ئەۋلاد قالدۇرماقچى بوپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)1 ]3 Y! {3 d V5 _! J9 G
(http://bbs.oylirim.cn)# ~6 X. o7 `. A2 I& `0 `6 \/ y كۈندە دەرەخ ئاستىدا تۆشۈك تېشىدىغان قارىغۇ چاشقان بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن سېسىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەچكە، بۈركۈتكە نەسىھەت قىلىپ: ‹‹بۇ دەرەخ ھەر ۋاقىت ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى مۇمكىن، سىلەر ئەڭ ياخشىسى بۇ دەرەخكە ئۇۋا سالماڭلار›› دەپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)/ H4 O8 V: P2 p, ~+ h L
(http://bbs.oylirim.cn)1 u; c* S/ u; a* a1 G بۈركۈت بۇنى ئاڭلاپ ئىچىدە: ‹‹ۋۇي، بۇ غەلىتە ئىشقۇ، بوشلۇقنى سورايدىغان بۈركۈتكە سىلەردەك كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرمەيدىغان قارىغۇ چاشقاننىڭ نەسىھەتىنىڭ نېمە كېرىكى، سېنىڭ كۆز نۇرۇڭ بۈركۈتنىڭ كۆزىدىنمۇ ئۆتكۈرمۇ؟›› دەپ ئويلاپ، قارىغۇ چاشقاننىڭ نەسىھەتىگە پەرۋا قىلماي، دەرھال ئۇۋا ساپتۇ ھەمدە يازدا تۇخۇم بېسىپ ئەۋلاد قالدۇرۇپتۇ.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىر كۈنى بۈركۈت ئوۋ غەنىمەتلىرىنى ئېلىپ ئۇۋىسىغا قايتىپتۇ. لېكىن ئۇۋا سالغان ھېلىقى دەرەخ ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، بالىلىرىمۇ ئۆلگەن ئىكەن. بۇ ھالنى كۆرگەن ھاكاۋۇر بۈركۈت يىغلاپ تۇرۇپ: ‹‹مەن بەك مەنمەنچىلىك قىلىپ، ئۆزۈمنى چوڭ تۇتۇپ، ئۆزۈمگە ئۆزۈم زىيانكەشلىك قىلدىم›› دەپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)& ^/ T5 L. }4 y- i9 N- F
(http://bbs.oylirim.cn)4 Q, S- H: f- f: ]' h) m تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بولىدۇ، بىز چوقۇم كەمتەرلىك بىلەن باشقىلاردىن مەسلىھەت سوراشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. كونىلاردا ‹‹ئۈچ كىشىنىڭ ئىچىدە ئۇستاز بولىدىغان بىرسى تېپىلىدۇ›› دەيدىغان بىر ھېكمەتلىك سۆز بار.