ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 58001|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۆڭلى كەڭگە جاھانمۇ كەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆڭلى كەڭگە جاھانمۇ كەڭ
(http://bbs.oylirim.cn)1 q9 M$ H8 M  |- Y; H
ئاپتورى: ئابلىز ئىبراھىم دولان

(http://bbs.oylirim.cn)1 n6 _% n7 F/ I; L. [
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئادەملەر بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان شەخس سۈپىتىدە جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەركىمنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى، تەربىيەلىنىش ئەھۋالى، كەچۈرمىشى، تونۇش سەۋىيىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئادەملەر ئۆزئارا چۈشىنىشمەسلىك ياكى بىر مەزگىل ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى كۈندىلىك تۇرمۇشتا توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن، زىددىيەتتىن ساقلانماق قىيىن. ئەمەلىيەتتە ئاشۇ توقۇنۇش، زىددىيەتلىك ئىشلارنىڭ يىغىشتۇرۇۋالغىلى، ئوڭشىۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قېلىشى ناتايىن. بۇنى ئاكتىپ يۆنىلىشكە بۇراپ، ياخشى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش تامامەن مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇنىڭدا رول ئوينايدىغىنى نېمە؟ بۇ دەل كەڭ قورساقلىقتۇر. كەڭ قورساق بولۇش دېگىنىمىز-كۆڭلى كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش، باشقىلارنىڭ خاتالىقى ۋە سەۋەنلىكىنى كەچۈرۈش، ئەپۇ قىلىش كۆڭلىگە ئالماسلىق ۋە سۈرۈشتە قىلماسلىق دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ قەدىمىي ئەنئەنە سۈپىتىدە ئادىمىي پەزىلەتنىڭ ۋە ئادەم بولۇشنىڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك ئۆلچىمى بولۇپ كەلدى.ئۇ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق ۋە بەخت. ئۇ كىشىلەرنىڭ يۈكسەك مەنزىلىدە كىشىلىك ئالاقىدە ۋە ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەتتە شېرىن مېۋە بولۇپ كەلدى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كۆڭلى كەڭگە جاھانمۇ كەڭ دېگەندەك، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە كۆڭلى كۆكسى كەڭ ئادەملەر كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى، ئۇلارغا جاھانمۇ ناھايىتى كەڭرى بىلىندى ۋە كەڭ بولدى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىراق «ئۆزۈڭ خالىمىغاننى باشقىلارغا تاڭما» دېگەنگە ئەمەل قىلمىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆز ھېسسىياتى ۋە ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، باشقىلارنى ئۆزىنىڭ تارازىسىدا ئۆلچەپ، ھە دېسىلا باشقىلاردىن ئاغرىنىپ، ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت ساقلاپ يۈرىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن جاھان تولىمۇ تار ۋە رەھىمسىز كۆرۈنۈپ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك كرىزىس، ئاداۋەتلەرگە ئوت پىلتىسىنى ياقتى. بۇلار قارىغۇلارچە مۇستەبىتلىكى بىلەن ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى، باراۋەرلىكىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۆزى قىلىشنى خالىمىغان كەڭ قورساقلىقنى باشقىلارغا زورلاپ تېڭىپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلى كۆكسىنىڭ دېڭىزدىنمۇ كەڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلدى، بۇ قانداقمۇ ئەقىلگە سىغسۇن؟
(http://bbs.oylirim.cn); ~  a* {  Q7 |دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق، ھەربىر ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى، مۇۋەپپەقىيىتى ۋە مەغلۇبىيىتى بولىدۇ، كىشىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر بىلەن بىللە ياشىغىنىمىزدا، ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ كەمچىلىكى مەسىلىسىگىلا ئېسىلىۋېلىپ قويۇپ بەرمىسەك، قورسىقىمىزنى كەڭ تۇتمىساق، ئۇھالدا  باشقىلاردا بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، گەپ-سۆزلىرىدە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، ھەتتا چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلار يۈز بېرىدۇ. ئەكسىچە، كۆڭلى-كۆكسىمىزنى كەڭ تۇتۇپ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ياخشىلىقىنى كۆپرەك كۆرسەك، ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلساق، ئۇلار شۇنىڭغا ماس سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنىڭغا مۇناسىپ سۆز ھەرىكەت ۋە دوستانلىقىمۇ بولىدۇ. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قىسقىسى، سىز باشقىلارغا كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. بىراق كەڭ قورساقلىق ھەرقانداق خورلۇققا چىداشلىق بېرىش، سۈكۈت قىلىش، ھەممىلا ئىشتا يول قويۇش، سەۋر قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، ئىشلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىك، ھەق-ناھەقلىق پەرقى بولىدۇ. ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا، ھەق-ناھەق ۋە دۈشمەن بىلەن ئۆزىنى ئېنىق ئايرىپ، ئارىسالدى بولۇپ تۇرماي ئېنىق يول تۇتۇش كېرەك. تۇرمۇشتىكى يامان، ياۋۇز نىيەتلىك كىشلەرگە ۋە تۈرلۈك ئىللەتلەرگە قارىتا قارىغۇلارچە مادار قىلىش يولىنى تۇتماسلىق كېرەك، بەلكى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ پىداكارلىق كۆرسىتىش كېرەك.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 22:51 , Processed in 0.595880 second(s), 46 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش