ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 1087|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەن ئۇيغۇر دىسەڭ بىر ئوقۇپ باق...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسلى جالاپ كىم؟ (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)) k/ t9 i( T/ _  C  ^8 ]( |: }! z- o* B      ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا،ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇسا جارۇللا ئىسىملىك پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا داڭقى بار بىر ئۇيغۇر ياشىغان ئىكەن.بۇ كىشى قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن زىيارەت ئۈچۈن قەشقەرگە قەدەم تەشرىپ قىپتۇ،بۇ كىشى قەشقەرگە كىلىشى بىلەن قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرى ناھايىتى ناھايىتى ھەشەم -دەرەم بىلەن كۈتۈۋاپتۇ.بۇكىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن،ئۆي -ئۆيلەردە ناھايىتى مول دوستىخان ھازىرلاپ مىھمان قىلىش باشلىنىپ كىتىپتۇ.بىرنىڭ زىياپىتى تۈگىىسە يەنە بىرىنىڭ باشلىنىپ،بۇئالىمنىڭ ئۇف دىگۈدەك ھالىنى قويماپتۇ. شۇ تەرىقىدە ساق بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن ،قەشقەردە زىيارەت ۋە ئالىملار بىلەن،زىكىر سۆھبەتلەردە بۇلارمەنمىكىن دەپ كەلگەن ئالىمنىڭ ئايىغى تۈگىمەس زىياپەتلىرىدىن ئىچى پۇشۇپ، قەشقەردىكى ئاتالمىش كاتتىلاردىن:‹كەمىنە قەشقەرگە كەلگەندىن بېرى ھە قايسىلىرى پېقىرنى ناھىيىتى ئىززەت -ئىكرام بىلەن ۋە مول زىياپەتلەر بىلەن كۈتىۋالدىڭلا،بۇ جەرياندا سىلەرگە ئوخشاش يۇرت ئاتىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ تار نەزىرىمنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋالدىم. كەمىنىنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى سانى بۇخارا(يەنى ئىككىنچى بۇخارا)ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى پىيادە بىر ئايلىنىپ باققۇم با،بىلمىدىم بۇ ئارزۇيۇمغا يىتىشكە ئىمكان بېرىشەلىمىكىن؟!......›.دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپتۇ.كاتتىلار:‹ ۋاي ،بولىدۇ! قەشقەر سىلىدىن ئايلانسۇن›.دېيىشىپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)5 d- J6 g0 x" n: L             شۇنىڭ بىلەن مۇسا جارۇللا قەشقەردىكى زىيارىتىنى باشلاپتۇ،ئۇ قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنىش جەريانىدا قارىغۇدەك بولسا قەشقەرنىڭ ئىگىلىرى بولمىش بىچارە مىللەت ناھايىتىمۇ بىقوۋۇل،ئاجىز . ئەمما نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىنگىلىز،  روس،شىۋىت ،......يەنە ئامبال،لۇيى،دوتەي دېگەندەكلەر ناھايىتى كۆرەڭ تەكەببۇر ۋە ئۇششۇق تۇرغىدەك.ھەتتا يات تائىپەلەرنىڭ ئالدىدا قەشقەرنىڭ يۇرت  كاتتىلىرى بولمىش ھېلىقى نىمىلەرمۇ لاغ -لاغ تىترەپ تۇرغۇدەك.بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىم غەزىپىنى تەستە بېسىپ كوچىلارنى ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)1 \. i- _( D% k: \& B) n6 G               ئۇلار ئايلىنا-ئايلىنا ھېيتگاھ جامەنىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بىر خالتا كوچا ئېغىزىغا كىلىپ قاپتۇ.بۇكىشى بۇخالتا كوچىغا  كىلىپ قەدەم ئالغانىكەن،ھېلىقى‹كاتتىلار›:‹ياق تەقسىر بۇ كوچىغا زىنھار كىرمىگەيلا›. دەپ ئىلتىجا قىپتۇ.ئالىم:‹نىمە سەۋەپتى بۇ كوچىغا كىرمەيمىز ؟›. دەپ سوراپتۇ. ‹كاتتىلار›:‹ بۇكوچىغا پاھىشخانا ،ئەپيۇنخانا ،شۇنىڭدەك قىمارخانىلار جايلاشقان ، بۇ يەر سىلى ۋە بىزدەكلەنىڭ كىلىدىغان يېرى ئەمەس،شۇڭا سىلىمۇ كىرمىگەيلا .›دەپ توسۇپتۇ.ئالىم گىپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ.كاتتىلارمۇ ئامالسىز ئالىمنىڭ كەينىدىن كىرىشكە مەجبۇر بوپتۇ.ئالىم قارىغۇدەك بولسا ھەقىقەتەن بۇكوچا پاھىشەخانا،ئەپيۇنىانا،قىمارخانىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن(ئەلۋەتتە بۇ دۇككانلارنىڭ خوجايىنى باشقا مىللەت ئىكەن .› بىچارە ئۇيغۇر قىز-جۇۋانلىرى بۇيەدە ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرىۋاتقان ئىكەن.بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ ئالىمنىڭ ئىچى سېيرىلىپ كۆزلىرىگە ياش ئولىشىپ كىتىپتۇ.ئالىم بىرچەتتە چېھرىدىن چەكسىز خورلۇق ۋە مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ ، يالغان ناز قىلىپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان بىر دىلى سۇنۇق جۇۋاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.‹كاتتىلار ›نىمىش بولاكىن دەپ قىززىقسىنىپ قاراپ تۇرسا ئالىم ھېلىقى جۇۋاندىن سوراپتۇ:‹ ئى بىچارە قىزىم نىمە سەۋەپتىن بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز؟›.مۇشۇ كەمگىچە ھېشكىمدىن بۇنچىلىك ئىللىقلىق ھېس قىلىپ باقمىغان جۇۋان كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي  سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ:‹مەن پالانى يېزىدىكى پوكونى ئەدەمنىڭ قىزى پۇستانىخان بولىمەن  .مەن 14ياشقا كىرگەن چېغىمدا ئانام سىل كىسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.بىز چۆچۆرىدەك 4بالا يىتىم قالدۇق. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دادام بىچارە بىزگە ھەم دادا ، ھەم ئانا بولۇپ ئېتىز -ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ 2يىلنى ئۆتكۈزدى.ئۈچۈنچى يىلى ئاچامنى يېزىمىزدىكى بەگنىڭ  كەنجى ئوغلى ئاياغ ئاستى قىلغاچقا نومۇسقا چىدىماي ئۆلىۋالدى.دادام بەگ ئوغلىنىڭ ئۈسىتىدىن ئەرز قىلسا(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يامۇلدىكى لويىلار دادامنىڭ ئەرزىنى بەگكە چېقىپ قويۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بەگ مىنىڭ ئۈستىمدىن ئەرز قىلغۇدەك بولدۇڭما دەپ دادامنى غالچىلىرىغا ئۇردۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىپ قويۇپ ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ قويدى .بىز دادىمىزنى مىڭ مۇشەقەتتە ئۆيىدىكى نەرسىلەنى سېتىپ.يەتمىسە جازانىخورلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ دادامنى داۋالاتتۇق .داداممۇ ئاخىرى مېيىپ بولۇپ ساقايدى .ئۇرۇق تۇققانلاردىم قەرز ئالمىدى دەملا؟ئۇرۇق تۇققانلاردىكى نەدىكى پۇل ئۇ؟كاتتىلاردىن ياردەم سورىمىدىڭىلارمۇ دەملا؟بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ يۇرت كاتتىلىرىنىڭ كاساپىتىن بولغان ئىش،دادام جازانىخوردىن ئالغان قەرزنى قايتۇرۇپ بولالماي مىنى بىر جازانى خورغا ياتلىق قىلدى.ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ داداممۇ ئاچچىق يۇتۇپ ۋاپات بولدى.ئىككى قېرىندىشىمنىڭ بىرسى بەگنىڭ مېلىنى باقىمەن دەپ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.10-20كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇبىچارىنىڭ جەسىتىنى بىر دەريا بويىدىن كىلىپ ئېلىپ كەلدى.يەنە  بىرى يوقاپ كەتتى .جازانىخور مىنى قويۇپ بەرگەندىن كىيىن مەھەلللىگە قايتىپ بارسام مەھەللىدىكىلەر مىنى پاتقۇزمىدى.شۇنىڭ بىلەن بۇيەردە تېنىمنى سېتىش ئارقىلىق جېنىمنى بېقىۋاتىمەن...›جۇۋان ئۆزىنى تۇتىۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كىتىپتۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
                  ئالىم بولسا تارام-تارام ياش تۆككەن ھالدا جۇۋانغا بىر تۇتام پۇل بەرگەندىن كىيىن مۇنداق دەپتۇ:‹ قىزىم سىز ھەر بىر قېتىم تېنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن بويىڭىزنى سۇغا سالالامسىز؟.›جۇۋان:‹ بەزىدە سالالايمەن ،يەنە بەزىدە سالالمايمەن......›دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .ئالىم:‹مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ھەر قېتىم تېنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن بىر قېتىم بويىڭىزنى سۇغا سېلىۋېتىڭ.شۇنداق قىلسىڭىز ئاللا گۇناھلىرىڭىزنى كەچۈرىدۇ.›دەپتۇ.ئالىمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان كاتتىلار غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ.‹يا،تەقسىر!بىر جالاپ خوتون زىنا قىلىپ ،ئارقىدىن غۇسلى تاھارەت قىلسا ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلمايدۇ دەپ قايسى كىتاپتا بار؟...ئۇنداقتا بۇ گۇناھ كىمگە يۈكلىنىدۇ؟›دەپ سورىشىپتۇ .ئالىم ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا:‹ئەلۋەتتە ھەر قايسىلىرىدەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ۋە ئۆزىنى ھەقىقىي ئوغۇل بالا،ئەركەك ھېساپلايدىغان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ گەردىنىگە يۈكلىنىدۇ.› كاتتىلار:‹ نىمىشقا بىزنىڭ گەدىنىمىزگە يۈكلەنگۈدەك بۇ گۇناھ؟›ئالىم :‹ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى مەزلۇملانى بىزدەك ۋە سىلىدەك يۇرت ‹ئاتا›لىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قىلدى.سىلەر بۇلارغا  ئىگىدارچىلىق قىلالماي مۇشۇنداق خورلىنىشىغا قاراپ تۇرغاندىكىن سىلەگە يۈكلىنىدۇ ... سىلەر ئۆزەڭلانىڭ ئىپپىتىنى ساقلىيالمايسىلەريۇ ئەجىبا مۇشۇ ناتىۋان ئايالنى ‹جالاپ خوتون›دەپ ئىپپەتسىزلىكتە ئەيىبلەمسىلەر؟! شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى ئىپپەتنى ساقلاش يالغۇن ئاياللانىڭلا مەجبۇرىيىتى ئەمەس ئەرلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى ...سىلەر بەلكىم ئۆزۈڭلانى پاك دەپ داۋا قىلاسىلەر.ناھايىتى ئەپسۇس،سىلەنىڭ مۇشۇ ھالىڭلا جالاپ خوتوندىن زادىلا پەرق ئەتمەيدىكەن.مەن قەشقەرگە كەلگەننىڭياقى بەزمە-زىياپەتلەر بىلەن كۈتىۋالدىڭلا.زىياپەتلەرگە قارىسام بىبىر-بىرىڭلادىن مەنمەنچىلىك تالىشىپ ناھايىتى ئىسراپچىلىق بىلەن داستىخان قىلدىڭلا .نازۇ نېىمەتلەنى يىگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى تاشلىۋېتىلدى.مەن دەسلەپتە ئەل يۇرتمۇ مۇشۇنداق پاراۋان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.بۈگۈنكى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئەھۋال ئۇنداق ئەمەسكەن.خەلىق نامرات ،ئاچ يالىڭاچ تۇرمۇش كۆرىۋېتىپتۇ.سىلەر بولساڭلا سېسىق كېكىرىپ يۈرىيسىلە.ۋەتەننىڭ ھەقدارسى بولمىش خەلىق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ..مانا بۇ خورلۇق ئەمەسمۇ؟خىيال قىپ بېقىڭلا ...سىلەنىڭ جالاپ خوتۇنندىن پەرقىڭلا بارمىكەن؟سىلەر مۇشۇنداق غورورسىز ۋەئاڭسىز بولغانقا،خەلىق مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغان .شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋە ئاياللانىڭ ئىززىتىدە،كىمدەكىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللانىڭ ئىززىتىنى  قوغدىيالمايدىغان شۇكىشى شۇكۈندىن باشلاپ:‹جالاپ›!!!
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

دىۋان
ۋاقتى: 2014-7-15 02:32:46 | ئايرىم كۆرۈش
  تەپسىلىي ئوقۇپ بېقىشىڭلانى تەۋسىيە قىلىمەن


يىكەنداز
ۋاقتى: 2014-7-15 14:52:26 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ... ئادەمنى ئويلاندۇردىغان بىر تىما  يوللاپسىز  قېرىندىشىم  ئاللاھ قوللۇرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!!!!!!!!!!!


گىلەم
ۋاقتى: 2014-7-15 22:30:06 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت


باھا سۆز

قىزلارغا يۈز نەسىھەت دىگەن كىتاپتىن ئارىيە كەندە ، يېزىپ يوللىۈان قوللىرىڭغا ئاللھ ئىگەم دەرت بەرمىسۇن ئوم  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-15 23:44
كىرىسلو
ۋاقتى: 2014-7-15 23:44:25 | ئايرىم كۆرۈش
شەھرىزات يوللىغان ۋاقتى  2014-7-15 22:30 (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
رەھمەت

(http://bbs.oylirim.cn)# |3 `" i6 m, f$ p3 T6 I5 z(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قىزلارغا يۈز نەسىھەت دىگەن كىتاپتىن ئارىيە  كەندە  ، يېزىپ  يوللىغان قوللىرىڭغا ئاللاھ ئىگەم دەرت بەرمىسۇن ئوماق سىڭلىم


كىگىز
ۋاقتى: 2014-7-16 01:50:10 | ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت سىىزگە..تۇيۇق يولغا كىرگەن قىزلار ھەرگىز سەۋەپسىز تۇيۇق يولغا كىرمەيدۇ.شەھۋانى ئەرلەنىڭ غورۇرى،مەسئۇليىتى  ئىتقادى بولغان بولسا ھەرگىزمۇ ئۇنداق جايلارغا بارمىغان بولاتتى،


ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-7-16 21:18:56 | ئايرىم كۆرۈش
جىڭ گەپ قىلدىڭلا رەھمەت


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 05:56 , Processed in 0.660624 second(s), 43 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش