|

 |
 |
 |
 |
خوتۇن قانچىلىك مۇھىم؟
(http://bbs.oylirim.cn)3 `; _- g* A! a, G2 u* D$ G1 e6 v(ھېكايە) (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئابدىغېنى ئابدۇراخمان
(http://bbs.oylirim.cn)" v8 y1 J; m, Y' H0 D' W, t6 P3 n9 t(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يېقىندا ئۇزۇن قۇلاق كىشىلەر ئۆز- ئارا ئېيتقان مۇنداق بىرسۆھبەت خەۋىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-بېيجىڭدا مەخسۇس يېشىل يېمەكلىكلەرنى تېرىپ ئۆستۈرىدىغان بىر زامانىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى بار ئىكەن،ئۇ يەردە بۇغداي،شال قاتارلىق ئاشلىقلارنىلا ئىشلەپچىقىرىپ قالماي يەنە يېشىل كۆكتاتلارنىمۇ ئىشلەپچىقىرىدىكەن.ئەمما باھاسى بەكلا قىممەت ئىكەن.شۇنداقتىمۇ تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋېتىپتىمىش.
(http://bbs.oylirim.cn): Y0 m$ @; ?9 [7 v- S-قانچىلىك قىممەت ئىكەن؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئادەتتىكى يېمەكلىكلەر باھاسىنىڭ سەككىز ھەسسىسىدىن ئون ھەسسىسىگىچە باھادا سېتىلىدىكەن.مەسىلەن: بىر كىلوگىرام ئادەتتىكى ئۇن بازاردا 2.5 يۈئەن بولسا بۇيەرنىڭ يېشىل يېمەكلىك ئۇنىنىڭ باھاسى 25يۈئەندىن 30 يۈئەنگىچە ئىكەن.ئوتياشلىرىنىڭمۇ بىر كىلوگىرامىنى ئادەتتىكى باھانىڭ 10ھەسسىسىچىلىك باھادا ساتىدىكەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
- پاھ،پاھ،پاھ،نىمىدىگەن قىممەتچىلىك،ئۇنى قانداق ئۆستۈرىدىكەن،نېمە رولى بار ئىكەن؟
(http://bbs.oylirim.cn): r" p9 u) z8 \2 w3 l-ئۇ يەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ تۇپرىقى بەكمۇ پاكىز ،بۇلغانمىغان بولۇپ خىمىيەۋى ئوغۇت،دېھقانچىلىق دورىلىرى دېگەندەكلەر قەتئىي ئىشلىتىلمەيدىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)& n) a" J$ c- Y/ { -ئەمىسە يەرلىرىنى قانداق ئوغۇتلايدىكەن؟
(http://bbs.oylirim.cn)+ @9 e) ^- j. k -مال -چارۋىلارنىڭ تېزەكلىرى،كۈنجىرە دېگەەندەك ئەنئەنىۋىي ئوغۇتلار بىلەن ئوغۇتلايدىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)2 E& ^, _5 s9 H9 ^0 g8 F -بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتا- بوۋىلىرىمىزمۇ يەرلەرنى شۇنداق ئوغۇتلايدىكەنتۇق،لېكىن يەرنىڭ ھوسۇلى كۆپ بولمايدىكەن. ئۇلار بىر مويەردىن كۆپ بولسا300جىڭ،بولمىسا 100-200جىڭلا بۇغداي ئالالايتتىكەنتۇق.ئۇنداق تۆۋەن ھوسۇل چىقسا بۇ قوساقنى قانداق بېقىپ بولغىلى بولىدۇ؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-بايىقى باھانى ئاڭلىغانسىز،يېشىل،زىيانسىز ئاشلىق سان جەھەتتە كۆپ چىقمىغان بىلەن باھاسى ئوبدان.ئۇنىڭ بىر كىلوسىنى ئادەتتىكىنىڭ 10كىلوسىنىڭ پۇلىغا ساتسىڭىز نىمىدەپ زىيان چىققۇدەك؟مەسىلەن: بىر مودىن 150كىلو ھوسۇل چىقتىمۇ دەيلى،23يۈئەندىن ھېسپلىسىڭىز 3450يۈئەن دېگەن گەپ.ئادەتتىكى يەردىن ئادەتتىكى بۇغداي 400كىلودىن 500كىلوغىچەچىقىدۇ. ئۇنى 2.6يۈئەندىن ساتساق ئاران 1300يۈئەن بولىدۇ.قېنى قايسىسىسنىڭ ئۈنۈمى يۇقۇرى ئىكەن؟ ...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇلار يەنە ئاللىنىمىلەرنىدۇ دېيىشىپ مۇنازىرلىشىپ كېتىشتى.بۇ سۆھبەت ئېسىمگە بۇرۇنقى(20-ئەسىرنىڭ 60-70 يىللىرىدىكى) ئىشلارنى سېلىپ مېنى ئەسلىمىلەر قوينىغا سۆرەپ كەتتى.ئۇ مېنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم بولۇپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات ئۆتەتتى.مەھەللىمىزدىكى دېھقانلار ھەر يىلى 300-400موچە يەرنى بۇغداي تېرىسىمۇ لېكىن خاماندىن كېيىنلا بۇ بۇغدايلار نىڭ كۆپ قىسمى دۆلەتكە سېتىپ بېرىلىپ، ئاز بىر قىسمىلا چوڭ ئەترەتنىڭ ئامبىرىغا قاچىلىنىپ كۆزىمىزدىن يۈتەتتى.دېھقانلارنىڭ يىل بويى يەيدىغىنى قوناق بىلەن تېرىق بولاتتى.بۇغداي بەكمۇ قىممەتلىك بولۇپ پەقەت چوڭ بايرام ۋە ھېيت كۈنلىرىدىلا ھەربىر ئائىلىگە نەچچە كىلوگىرامدىنلا تەقسىملەپ بېرىلەتتى. دېھقانلار ئۇنى ئۇن قىلغاندىن كېيىن بۇغداي نېنى،لەغمەن،سۈيقاش دېگەندەك ئېسىل تاماقلارنى قىلىپ يەيتتى.ئۇ چاغدىكى بۇغدايلار ئەسلىدىن شۇنداق تاتلىقمىدىكىن ياكى ئازلىقىدىن شۇنداق مەززىلىك تېتىيتتىمىكىن، ئىشقىلىپ يېسەك ئاغزىمىز ئاجايىپ ھوزۇر ھىس قىلاتتى.بۇغداي نېنى كۆزىمىزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل،ئەڭ قىممەتلىك يېمەكلىكتەك كۆرۈنەتتى.ھازىرقى نانلارنى نان دېگىلى بولامدۇ،تېخى بۈگۈنىتونۇرغا ياپسا، ئەتىسىلا قېتىپ قېلىپ ئوشتىغىلى بولمىغان،ئۇ چاغدىكى ئۆيدە ياپقان بۇغداي نانلىرىنى ھەپتە ئون كۈندىن كېيىن ئوشتىسىمۇ ئاسانلا ئوشتىلاتتى .تەمى بىر خىللا تاتلىق تۇراتتى. يۇقارقى سۆھبەتتە تىلغا ئېلىنغان قىممەت باھالىق بۇغداي دەل ئەشۇ چاغلاردىكىدەك زىيانسىز،بۇلغانمىغان،غەيرى تەركىپلەر قوشۇلمىغان،تەبىئەتنىڭ پاكىز مۇھىتىدا تۈجۈپىلەپ، پاكىز ئۆستۈرۈلگەن بۇغداينىڭ نېمىتى بولسا كېرەك.
(http://bbs.oylirim.cn)4 y* Z' C* a6 f+ Yھېلىمۇ ئېسىمدە ئۇ چاغد ا شارائىت بەكلا ناچار بولسىمۇ لېكىن كىشىلەر بەكمۇ قاۋۇل،بەكمۇ كۈچتۈڭگۈر ئېدى.ھارۋا كەمچىل بولغاچقا ئاياللار قىش كۈنلىرى تاغارغا سۇ قۇمى ياكى سېرىق قۇمنى ئۇسسۇتۇپ ئۆشنىسىگە ئېلىپ يۈدۈپ 1-2كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئېتىزلارغا ئاپىرىپ تۆكۈپ يەرلەرنى قۇملايتتى.تاغارغا ئۇسسۇلغان قۇملار 100جىڭدىن كەم بولمايتتى.ئەرلەر بولسا ئۇلاردىنمۇ ئاشۇرۇپ150جىڭدىن 200جىڭغىچە كېلىدىغان قۇملارنى،ئاشلىقلارنى يۈدۈپ بىمالال كېتىۋېرەتتى. بۈگۈنكى زاماننىڭ ياشلىرىغا ئۇنچىلىك ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى يۈدىتىپ قويسىڭىز كۆتۈرەلمەسلىكى،كۆتۈرسىمۇ 10—20قەدەمدىن يىراققا كۆتۈرۈپ بارالماسلىقى ئېنىقلا.ئۇچاغدىكى كىشىلەر كۆرۈمسىز، چىرايىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرغان بىلەن چىداملىق ئېدى،ئاسان كېسەل بولمايتتى.تاۋى نازۇكلۇق قىلمايتتى.ھازىرقى بالىلارنىڭ چىرايىغا قارىسا نۇرتۆكۈلۈپ تۇرىدۇ،لېكىن چىدامسىز،نىمىلا ئىشقا سالماڭ ۋايساپلا تۇرۇدۇ.ئاسان كېسەل بولىدۇ.ئەينى زاماندا دوختۇر ۋە دوختۇرخانىلار ئاز،كېسەللەمۇ ئاز ئېدى.مانا ھازىر دوختۇر ۋە دوختۇرخانىلار كۆپۈيىۋىدى كېسەللەر شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كەتتى.مەيلى قايسىلا دوختۇرخانىغا كىرمەڭ نەچچە كۈن ئۆچىرەت تۇرمىسىڭىز كېسەلنى ياتاققا ئالدۇرتالمايسىز.بۇنداق دېسەم دوختۇرلار سانىنىڭ كۆپۈيىشى كېسەللەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىۋەتتتىمۇ؟ دەپ سورىشىڭلار مۈمكىن.ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس،كېسەللەر سانىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپۈيىشىدەك داۋالىنىش ئېھتىياجى دوختۇرخانىلار ۋە دوختۇرلار سانىدىكى ئاۋۇشنى بارلىققا كەلتۈردى.كىشىلەر رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا يېشىل تەبىئەت، يېشىل مۇھىت،يېشىل يېمەكلىك،يېشىل دورا،زىيانسىز تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئىنسانلار تۇرمۇشىدا نەقەدەر مۇيۇملىقىنى بارا- بارا تونۇپ يەتمەكتە.
(http://bbs.oylirim.cn)/ H0 M2 ~% N% ?, X0 D2 M& {( D" @7 P كەنتىمىزدىكى بەزى ئەقىللىق دېھقانلار يىل بويى يەيدىغان ئوزۇقلۇق ئاشلىقى ئۈچۈن ،خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەتمەي ،سۇلياۋ يوپۇق ياپماي،دېھقانچىلىق دورىسىمۇ چاچماي، ئايرىم يەرگە ئايرىم بۇغداي تېرىپ،خامىنىنىمۇ ئايرىم ئېلىپ ،چىققان ئاشلىقىنى ئايرىم قازناققا قاچىلاپ ،ھەر قېتىم ئۆيدە ئۇن تۈگىگەندە شۇ بۇغدايدىن ئۈگۈت تەييارلاپ تۈگمەنگە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزى ئۈستىدە قاراپ تۇرۇپ،تۈگمەنچى قانچىلىك ھەق ئالسىمۇ بېرىپ ،ئىشەنچىلىك ئۇن قىلدۇرۇپ كېلىپ شۇنىڭدىن تاماق ئېتىپ ۋە نان يېپىپ يەپ يۈرىدىغان بولدى.ئۇلارنىڭ ھويلىلىرىدا ھەتتا كىچىك- كىچىك سەي ئېتىزلىرىمۇ بار بولۇپ كۆكتاتلىرىنىمۇ ئۆزلىرى تېرىپ ئۆستۈرىدۇ.شۇنداقلار ھەقىقەتەن ئۈنۈمىنى كۆردى.دوختۇرخانىغا كېتىدىغان پۇللىرىنى تېجەپ قېلىپ باي بولۇش يولىدا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇزاپ كەتتى.
(http://bbs.oylirim.cn). O) `% \* B4 i* i- o
(http://bbs.oylirim.cn)5 a6 d* q6 n( A" \% [9 L. Q+ }(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
يۇقارقىلار مۇقەددىم ە ئورنىدىكى بايانلار،تېمىغا مۇناسىۋەتلىك خوتۇن ھەققىدىكى سۆھبەتىكە ئەمدى كېلىمىز. ناھىيەلىك پارتىكومدا بىزگە ئېچىلىۋاتقان تەربىيەلەش خاراكتىدىرىكى يىغىنغا بۇ قېتىم ھەر بىر كەنىتتىن ‹‹ئۈچ پىشقەدەم›› لەر ۋەكىلىدىن بىردىن كىشىنى قاتناشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.شۇ باھانىدا شۇنداقلار ۋەكىلىدىن ئون نەچچە كىشى سېپىمىزگە يېڭىدىن قېتىلدى.شۇ پىشقەدەم ۋەكىللەر ئارىسىدا يېشى75لەردىن ئاشقان،چاچ ساقاللىرىنى ئاق ئارىلىغان،بۇرۇن كەنىت سېكرىتارى بولۇپ ئىشلىگەن ئىككى بوۋاي بار ئېدى.ئۇلارشۇنچىۋالا ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي بىزدىن تېتىك ئېدى.يۈزلىرى خۇرازنىڭ تاجىدەك قىزىل بولغاننىڭ ئۈستىگە پاكىزلىقىدىن نۇر تامچىپ تۇراتتى.يىغىن بىنانىڭ بەشىنچى قەۋىتىدىكى چوڭ زالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ لېفىت بولمىغاچقا ھەر قەۋەتتە 24تىن96پەلەمپەينى بېسىپ چىقىشقا توغرا كېلەتتى.بۇ تېنى ئاجىزراق كىشىلەر ئۈچۈن خېلى مۈشكۈل سىناق بولدى.سەمىرىپ كەتكەن خانىملار،راھەتتە ئۆسكەن ياش بايۋەتچىلەر،200مېتىردىن ئارتۇق سەپەرگە ماشىنا ياكى موتسېكىلىت ئىشلىتىپ راھەتتە ياشاشقا كۆنگەن ياش كادىرلار بۇ پەلەمپەيلەردىن چىققۇچە قىيىن سىناققا دۇچ كەلدى.ئۇلار ھاسىرىشىپ-ھۆمىدىشىپ، ھەتتا بەزىلىرى تېخى نەچچە يەردە ئولتۇرۇپ ھاردۇق ئېلىشىپ ئۈستىگە ئاران چىقتى.لېكىن ھېلىقى ئىككى بوۋاي بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىمالال قەدەم بېسىپ بىز ئوتتۇرا ياشلىقلار بىلەن تەڭ دېگۈدەك ئۈستىگە چىقىپ بولدى.چىقىش جەريانىدا ھاسىراپ قالىدىغان،توختىۋالىدىغان،ياكى پەلەمپەينىڭ يان ياغىچىنى تۇتۇپ تاينىپ ماڭىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلمىدى.تۆت سائەت داۋاملاشقان يىغىن جەريانىدا ياشلاردىن نەچچىسى تازىلىق ئۆيىگە چىقىپ ھاجەت قىلىپ كىردى. لېكىن ئۇلار مىدىراپمۇ قويماي ئولتۇرۇپ يىغىننى ئاخىرلاشتۇردى.مەن ئۇلانىڭ ساغلام بەدىنى ۋە چىدامچانلىق روھىغا قول قويماي تۇرالمىدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كەچتە ئۆيگە قايتىدىغان چاغدىمۇ ئۇ ئىككى بوۋاي بىلەن بىر ماشىنغا ئولتۇرۇپ سەپەرداش بولۇپ قالدىم. ياشانغانلار قىزغىن، پاراڭچى سۆھبەتخۇمار كېلىدىكەن.بىز تاكى ماشىندىن چۈشكەنگە قەدەر ئۇلار قىزغىن سۆھبەتتە بولۇپ تۇرمۇشىغا دائىر ئىشلارنى سۆزلىشىپ ماڭدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ھاجىمكا ،بۇ يىل نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟،- سورىدىم مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەممىدىن پاراڭچى،ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ يۈزلىرى ئالمىدەك قىزىرىپ ۋە پارقىراپ تۇرغان،يۈزلىرى ۋە كۆزلىرىدىن نۇر تۆكۈلۈپ ،پۈتكۈل ۋۇجۇدىدىدن ياشلارغا خاس جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇرغان مۇسا ھاجىمدىن.بۇ ھاجىمنىڭ ئاقىرىشقا باشلىغان لېكىن پاكىز ياسىتىلغان چاچ ساقاللىرىنى دېمىسە تونۇمايدىغان كىشى تۇرقىغا قاراپلا 45-50ياشلاردىكى پاكىز، تېمەن ئادەم ئىكەن دەپ ئويلاپ قالاتتى. ( بۇ ئادەم70-80-90-يىللاردا يىگىرمە بەش يىلدەك كەنت سېكرىتارلىقنى قىلىپ پۇل ،مال -دۇنيا ۋە يۈز ئابرۇي تاپقان ئېدى، 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سېكرىتارلىقتىن پېنسىيەگە چىققان بولۇپ شۇ چاغلاردا ‹‹مۇسا شۇجى›› دېيىلەتتى.پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ياندۇرقى يىلى قانۇنلۇق ھالدا ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەندىن كېيىن بولسا ‹‹مۇسا ھاجىم›› دەپ ئاتىلىدىغان بولغان ئېدى).
(http://bbs.oylirim.cn)7 |0 B4 O* ^( {4 s9 T' s, t-بۇ يىل خۇدايىم بۇيرىسا75 ياشقا قاراپ ماڭدىمغۇ!،-دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
(http://bbs.oylirim.cn)1 S H! A- P4 F" [- v0 ]7 a. h-توۋا دېسىلە،تۇرقىلىرىدىن قارىسا ‹‹ئاتمىش ياشقا كىردىم›› دېسىلىمۇ ئىشەنمىگۈدەك قىران كۆرۈنىدىكەنلا بوممىسا-دېدىم مەن ھەيرانلىقىمنى باسالماي.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-بىز ئەۋلادىمىزدىن تارتىپ جاغدا ئادەملەر،-دېدى ئۇ جاۋابەن-تېنىمىز ساغلام،كۈچ قۇۋۋىتىمىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.دادام رەھمەتلىك يۈز ياشتىن ئاشقان چاغدىمۇ ئېتىزدا كەتمەن چېپىپ ئىشلەپ يۈرەتتى.بوۋاممۇ شۇنداق ئىكەنتۇق.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-قانچە بالىڭىز بار؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-بىرىنچى خوتۇنۇمدىن بەش بالام بار،كېيىنكىسىدىن بىر قىزىم بار.كىچىك قىزىم بىلەن كىچىك نەۋرىلىرىم تەڭتۈش كېلىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقىم تېخىمۇ ئاشتى.ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە تېخىمۇ قىزىقىپ قالدىم.مەن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى سوراپ بولغۇچە ئۇ ئەزەلدىن پاراڭچى،خۇشچاخچاق ئادەم بولغاچقا يېنىدىكى يەنە بىر ھەمرىيى بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولۇپ كەتتى.ھەرقانداق بىر سورۇندا شۇنداقلاردىن بىرەرسى بولۇپلا قالسا ئۇ نۇرغۇن –نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلارنى، كەچۈرمىشلىرىنى توختىماي سۆزلەپ بېرىپ سورۇننى جانلاندۇرىدۇ. باشقىلارغا ئاغزىنى ئاچقۇدەك ئىمكانىيەتمۇ قالدۇرمايدۇ.مۇسا ھاجىم سۆھبەت مەزمۇنىدا ئۆزىنىڭ ۋە بىر قىسىم قۇرداشلىرىنىڭ قايتا نىكاھىقا دائىر بىر قىسىم ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مېنىڭ تېخى سورىمىغان نۇرغۇن سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تېپىپ بەردى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-سەمەت شاڭجاڭ خوتۇنى بىلەن ئۆي تۇتالىغاندىمۇ؟-دەپ سورىدى يەنە بىر بوۋاي(ئىسمى قېيىم مەمەت،ئۇمۇ كونا سېكرىتارلاردىن بىرى بولۇپ ھازىر پېنسىيەدە ئېدى،ئۇ بۇ ھېكايىمىزدىكى يانداش پېرسۇناژ بولغاچ ئۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمىز)(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-سەمەت شاڭجاڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ يۇرت ئىچىدە نەدە توي،نەدە ئۆلۈم- يېتىم بولسا ھەممىسىگە بېرىپ،ئادەم ئىلغىماي ئادەمگەرچىلىكنى ياخشى قىلىپ كەلدىى ،-دەپ جاۋابەن سۆز باشلىدى مۇسا ھاجىم،-.شۇڭا ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالمىدى.دەسلەپكى يىللاردا خوتۇنى ھايات بولغاچقا ئاش تامىقنى ۋاقتىدا يەپ،كىيىم -كېچەكنىمۇ پاكىز رەتلىك كېيىپ ،كۆڭلى توق،ئارتۇقچە غېمى يوق يۈردى.ھەر بازىرى بازاردىن قالماي يۈرگەچكە دوست بۇرادەرلىرى بىلەنمۇ داۋاملىق ئۇچرىشىش-مۇڭدىشىش پۇرسىتى بولۇپ قېرىلىقى چانمىدى.خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشى بۇرۇنقىغا تامامەن ئوخشىماي قالدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-خوتۇن دېگەن ئۆينىڭ گۈلى جۇمۇ،-دېدى قېيىم مەمەت بوۋاي گەپ ئارىلاپ-خوتۇنسىز ئۆينى ئۆي دېگەندىن كۆرە گۆر دېگەن تۈزۈك.
(http://bbs.oylirim.cn)( q, S7 m: X) U7 Q$ t -شۇنداق،-دېدى ھاجىم ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ،-خوتۇنسىز ئۆي بەئەينى دوزاق،ئۇنداق ئۆيدىن خاپىلىق بىلەن بوران ئۇچۇپ تۇرىدۇ.كۆزنى نەم،كۆڭۈلنى غەم باسىدۇ.بالىلار‹‹ بىزئاتا ئانىمىزنى بەك بېقىۋەتتۇق،ئالدىدىن گۆش بىلەن ياخشى يېمەكلىكلەرنى كەم قىلمىدۇق.ئاغرىسا داۋالاتتۇق،تالاغا ئاچىقىپ ھاۋالاتتۇق دېگىنى بىلەن،ئاتا بولغۇچى ئەڭ مۇھىم نەرسىسى كەمدەك،نېسىپ بولغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسى غەمدەك تۇيۇلۇپ تۈگۈشۈپلا كېتىدۇ.چۈنكى ياشلار ئالدىراش كېلىدۇ،قېرىلارنىڭ ھالىغا تولۇق يېتىپ ھەممىدە دەرمان بولۇپ بولالمايدۇ. كۈندۈزى ئىش بىلەن خىزمەتنى دەپ، كەچتە خوتۇنى ياكى ئېرىنى،ئوماق بالىلىرىنى دەپ ئالدىراش بوپ كېتىپ ياشانغان ئاتا- ئانىسىنى ئۆيگە تاشلاپ قويىدۇ.ئادەم ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ئازاپنىڭ يالغۇزلۇق،تاشلىنىپ قېلىش ئىكەنلكىنى بىلمەيدۇ.بىلسىمۇ ئۇنى ھەل قىلىشقا قادىر بوپ بولالامايدۇ.تۆت تام ئىچىدە يالغۇز قالغان ئادەم بەكمۇ غېرىپسىنىدۇ. يېنىدا ھەمراھ بولۇپ ئولتۇرىدىغان،مۇڭدىشىدىغان،سىردىشىدىغان بىر كىشىگە بەكمۇ تەشنا بولىدۇ.تۈندە كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقى بىلەن يوتقاننىڭ سوغاقلىقى،كۈندۈزدە ئەتراپنىڭ جىمجىتللىقى بىلەن مۇڭداش،سىرداش ،دەرتداش،ئىشداش بولۇپ ھەمراھلىققا يارايدىغان بىرەرىنىڭ بولماسلىقى جېنىغا تېگىدۇ.ياشلىقنى، قەدىناسىنى ،بالىلىرىنى،دوستلىرىنى،يۇرتداش قۇرداشلىرىنى سېغىنىدۇ. سىرتقا چىققۇسى،ئادەم بار يەردە يۈرگۈسى، بۇ يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇپ كەتكۈسى كېلىپ كېتىدۇ.شۇڭا جان بىلەن كارى يوق ھالدا ئېتىزغا چىققۇسى،چامى يەتكىنىچە ئىش قىلغۇسى،ئىش قىلالمىسىمۇ قىردا بولسىمۇ ئولتۇرۇپ، ئائىىسىدىكىلەرنى،ئېتىزدىكى زەل زىرائەتلەرنى كۆرۈپ تۇرغۇسى كېلىپ كېتىدۇ.لېكىن بالىلار ئۇنى چۈشەنمەي:‹‹ ساڭا ئېتىزدا نېمە بار،ئۆيد ە ئولتۇرغىنا،جاپاغا ئۆزۈڭنى ئۇرمىغىنا ،بىزگە ئىشلىشىپ بېرىمەن دەپ ئاغرىۋالساڭ، قىلغان ئىشىڭنى بىر كىم بەش كويغا ئالمايدۇ،ئەمما شۇنداقلا دوختۇرخانىغا بېرىپ قالساڭ بەش مىڭ كوينى ئىككى كۈندىلا تۈگىتىسەن›› دەپ تۇرۇۋالىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ياشانغانلارنىڭمۇ ھېسسىياتلىق ئادەم ئىكەنلىكىنى،ئۆيگە سولاپ قويۇپ يەيدىغان ئىچىدىغىنىنى تاشلاپ بەرسىلا بولىۋېرىدىغان ھايۋان ئەمەسلكىنى ئۇلار ئېسىگە كەلتۈرمىسە كېرەك-دەپ يەنە تەستىقى سۆز بىلەن گەپكە ئارلاشتى قېيىم بوۋاي.
(http://bbs.oylirim.cn)9 k9 X. q l7 p: |; A% I, n( S-ئىنسان ھەرقانداق بىر ئىش بېشىغا كەلمىگۈچە بىلمەيدىكەن،-دېدى مۇسا ھاجىم سۆزىن ى داۋامالاشتۇرۇپ،-بېشىغا ئىش كېلىپ غەرەز ئۇقۇپ بۇرۇن قىلغانلىرىنى ئوڭشاي دېگەندە ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتۈپ پۇرسەت قولدىن كەتكەن بولىدىكەن. سەمەت شاڭجاڭنىڭ خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تا يەتتە يىلغىچە ئۇنىڭغا قارىلىق تۇتۇپ يالغۇز ياشىدى.بۇ جەرياندا ئۆلۈم پەتىلىرىنى تەرىك قىلمىغان بولسىمۇ لېكىن بازار بىلەن توي تۆكۈنلەرنى،دوستلىرىنى تەرىك قىلىپ ھويلىسىغا سولىنىپلا قالدى.سالامەتلىكى بۇرۇنقىدىن ناچارلىشىپ پات- پات دوختۇرخانىغا بارمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالدى. بىر بازار كۈنى بىز بازاردا ئۇچرىشىپ قېلىپ بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەچ مۇڭدىشىپ قالدۇق.ئۇ تېنىنىڭ ساقسىزلىق ئەھۋالىدىن داتلىنىپ مەسلىھەت سورىۋىدى مەن بىر‹‹دورا›› بۇيرۇدۇم. ئۇ مەن بۇيرىغان دورىنى ئاڭلاپ مەقسىدىمنى چۈشەنمەي تە بولدى.
(http://bbs.oylirim.cn); T1 e0 s" G1 P7 s8 h-نېمە دورا بۇيرىغانتىڭىز؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-خوتۇن بۇيرىغان ئېدىم. ئۇ ئاڭلاپ ‹‹ھاجىم تولا چاخچاق قىلمىسىلا، سىلى ھازىر ‹ئۆلىمەن دېسە تېپىمەن› دېگەندەك گەپ قىللا. خوتۇن دېگەننى تەندە كېسەل يوق،كۈندە قۇساق توق،سۆڭەكتە يىلىكى،سويما چۈشكىدەك پىلىكى بار ئادەم ئالىدۇ.مەن ھازىر ئالىمەن دېسەممۇ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق.مەن يەتتە يىلدىن بېرى يالغۇز يېتىپ قوپۇپ يۈرۈپ يالغۇزلۇققا كۆنۈپ كەتتىم.ھاياتتىنمۇ سوۋۇپ كەتتىم.رەھمەتلىك مومىيىمنىڭ قەدرىگىمۇ تازا يەتتىم.ياشلىق قىرانلىق چاغلىرىمدا ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان بەزى ئىشلارنىمۇ خېلى كۆپ سادىر قىپ ساپتىكەنمەن، ئۇنىڭ قارغىشى تۇتتىمۇ، ئۇ كەتكەندىن بېرى ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرىۋاتىمەن.شۇڭا بۇ ئاخىرقى ئۆمرۈمدە بولسىمۇ گۇناھلىرىمغا توۋا قىلىپ،ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ھەمرا قىلىپ شۇنىڭ تەرىتى بىلەن پاك ھالدا ئۇ دۇنياغا كېتەيمىكىن دەيمەن›› دەيدۇ.مەن دېدىم:‹‹ شاڭجاڭ،ئۆلۈم دېگەن ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئىش،بەزىمىز بالدۇر كېتىدىكەنمىز،بەزىمىز كېيىن.بىرەيلەن ئۆلسە يەنە بىر ھەمرايىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلۈپ كەتكىلى بولمايدىكەن.ھايات قالغانلارغا بۇ دۇنيادا يەنىلا تۇرمۇش لازىم.تۇرمۇش دېگەن بىر زەمبىلگە ئوخشايدۇ.ئۇنىڭ بىر بېشىنى ئەركەك،يەنە بىر بېشىنى ئايال كىشى تۇتمىسا سەپەرنى ئوڭۇشلۇق داۋام قىلىپ مەنزىلگە يەتكىلى بولمايدۇ.ئۇنداق قىلمىغانلار مۇدۇرۇپ چوقۇرۇپ،زەمبىلنى يالغۇز سۆرەپ بولالماي مۇددەتتىن بۇرۇنلا سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ.‹‹سەپتىن چۈشۈپ قالدى›› دېمەكلىك ئۆلدى دېمەكلىكتۇر. بايا ‹‹خوتۇن كىشى قېرىغان يالغۇز ئەرگە دورا›› دېسەم چاخچاق قىلىۋاتامدىكىن دېدىلە.بۇ ھەرگىز چاخچاق ئەمەس.ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ۋە ئەمەلىيىتىمدە ئىسپاتلانغان ھەقىقەت.خەۋەرلىرىدە بار، مەنمۇ مومىيىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىككى يىل بويتاق ئولتۇرغان.سىلىگە ئوخشاش غەمگە پاتقان،يالغۇز ياتقان ،غېرىپلىق،مىسكىنلىك،ئاغرىق سىلاقنىڭ دەردىنى راسا تارتقان.شۇ چاغدا مەنمۇ ‹‹نەچچە يىلغا قالماي ئۆلۈپ رەھمەتلىكنىڭ كەينىدىن كېتىدىغان ئوخشايمەن›› دەپ بەك مەيۈسلەنگەن ئېدىم.كېيىن تۇققانلار ئۆيلەپ قويۇۋىدى. تېتىكلىشىپ قالدىم.كېسەل كۆرپىسىنى تاشلاپ مەزمۇت قەدەم ئالدىم.مانا تۇرقۇمغا قارىسىلا، كېسىلىم تۈگەپ،غەملىرىم يېنىكلەپ ياشلىق چاغلىرىمغا قايتقاندەك بولۇپ قالدىم.بىراۋ‹‹خوتۇن كىشى دېگەن ئولتۇرساڭ مۇڭداش،دەرت تۆكسەڭ دىلداش،پەرزەنتلىرىڭدىن ئۆتە ۋاپادار -قەلىبداش.يۆلەنسەڭ تېمىڭ،ئۇ بىللە بولسا يېنىكلەر غېمىڭ›› دېگەن ئىكەن. ئەمەلىيىتىمدىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى، تۇل ئايال يالغۇزلۇق غېرىپلىققا چىداپ باللىرى نەۋرىلىرىگە گۆل بولۇپ يالغۇز ياشىيالايدىكەن،يىرتىلسا ياماپ،كىر بولسا يۇيۇپ،قۇرسىقى ئاچسا تاماق قىلىپ يەپ ئولتۇرالايدىكەن.ئەمما ئەر كىشىنىڭ كۈنى تەسكەن.مومىيىدىن ئايرىلىپ ئون يىل غېرىپ بويتاق بولۇپ ئولتۇرالىغان ئەرگە ئاللاھ ئىگەم رەھىم قىلىپ جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىسىمۇ ئارتۇق كەتمىگۈدەك جۇمۇ،-دېدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدى.كېيىن گېپىمنىڭ راستلىقىغا ئىشەندى.شۇنداق قىلىپ ئۇنى ئۆيلەپ قويماقچى ،لايىق تاپماقچى بولدۇق.ياشلارغا لايىق تاپماق ئاسان بولغان بىلەن قېرىلارغا تاپماق تەسكەن.ئەر ياراتقان خوتۇن ئەرنى ياراتمايۋاتقان، بەزى‹ تەگسەم بولاتتى›دېيدىغانلىرى بىزگە يارىمايۋاتقان.بەزى لايىق كېلىدىغانلىرى ھەم توي قىلىشقا ئۆزى ئ ۇنىغانلىرى پەرزەنتلىرى ۋە تۇققانلىرىغا ‹‹مەن ئەرگە تېگىمەن›› دەپ ئېغىز ئاچالماي قىينىلىۋاتقان.ئادەم قېرىغاندا كىچىك بالىدەك بولۇپ قېلىپ بالىلىرى بىلەن ئورنى ئالمىشىپ قالىدىكەن.مەسىلەن: بىز ئوتتۇرا ياش ۋاقىتلىرىمىزدا بويىغا يەتكەن باللىرىمىزنى ئۆيلەپ قويۇش ئۈچۈن لايىق ئىزدەيدىكەنمىز.تېپىلغان لايىقنىڭ بولۇش ياكى بولماسلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىدىكەنمىز.قېرىپ بويتاق قالغاندا بولسا باللىرىمىز بىزنى قايتا ئۆيلەپ قويماقچى بولۇپ بىزگە خوتۇن ئىزدەيدىكەن.ئۇلارغا يارىغىنى بىزگەيارىمايدىكەن،بىزگە يارىغىنى ئۇلارغا يارىمايدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلارغا مۇھتاج بولۇپ كۆزىگە قاراپ ئەپلەپ -سەپلەپ كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدىكەنمىز.سەمەت شاڭجاڭ يەتتە يىل بويتاق يۈرۈپ باللىرىنى‹‹دادام ئاخىرقى ئۆمرىدە مانا شۇنداق يالغۇزلۇقتا بويتاق ئۆتۈپ كەتمەكچى ئوخشايدۇ›› دېگەن تونۇشقا كەلتۈرۈپ قويغان بولغاچقا، ئۆيلىنىش نېيىتىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇلارغا قايتا نىكاھ توغرىلىق ئېغىز ئېچىشتىن قورققان ئېدى.شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا لايىق تېپىش ۋە تونۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ قالدىم.بۇ‹‹ئاغزىمدىن چىقتى،ساقالغا ياماشتى›› دېگەندەك ئاغزىمدىن بالاغا قېلىپ ئۆزۈم قىلغان نەسىھەتتىن ئۆزۈم تاپقان ئاۋارىچىلىق پەيدا بولدى.شۇنداق قىلىپ خوشنا يېزا بازىرىدىكى بىر سامسىپەزنىڭ بىر ئەردىن چىقىپ ئولتۇرۇپ قالغان قىرىق ياشلاردىكى رەيھانگۈل ئىسىملىك قىزىنى ئۇنىڭغا لايىقلىققا تونۇشتۇردۇم. رەيھانگۈل بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ،ئەھۋالنى دەپ ئىككىسىنى كېلەركى بازار كۈنى ئۇلارنىڭ بازىرىدا يۈز كۆرۈشتۈرۈپ باقماقچى بولدۇم.سەمەت شاڭجاڭ بۇرۇن ھوقۇق تۇتقاندا ھەممىگە گېپى ئۆتۈدىغان،كىمگە قانداق گېپى بولسا ئۇدۇللا دەۋېرىدىغان ئادەم ئېدى،ئەمدىلىكتە كىچىك بالىدەك تاتىنچاق بولۇپ قاپتۇ. رەيھانگۈل بىلەن يۈز كۆرۈشىپ توي ئىشىنى كېلىشىدىغان ئىشنى ئۇنىڭغا دېۋىدىم قورقۇپ كەتتى:‹‹ۋاي مەن خوتۇن كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغىلى نىكەم، پۇت قولۇم تىترەپ،تىلىم كېكەچلەپ نېمە دېيىش،قانداق سۆزلىشىشنىمۇ بىلمەيمەن.سىلە بىللە بېرىپ كۆرۈشۈشتە بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇڭلا›› دەپ تۇرۇۋالدى.‹‹ئۇنداق يەردە مەنمۇ تۇرسام قانداق بولىدۇ›› دەپ قانچە دېسەممۇ ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ماقۇل بولدۇم. ياندۇرقى بازار كۈنى مەن شۇ ئىش بىلەن بازارغا باردىم،سەمەتشاڭجاڭمۇ چىرايلىق ياسىنىپ،چاچ ساقاللىرىنى پاكىز قىردۇرۇپ تەييار بولۇپ تۇرغان ئىكەن.ئۇنى ئورنى چەتتىرەك،ئەمما تامىقى ۋە مۇلازىمىتى ياخشى،نۇرغۇن ئايرىمخانىلىرى بار بىرئاشخانىنىڭ ئەڭ چەتتىكى ئايرىمخانىسىغا باشلاپ قويۇپ ھېلىقى چوكاننى باشلاپ كىردىم. ئۇلارغا پولا،،كاۋاپ،سوغاق ئىچىملىك دېگەندەك نەرسىلەنى بۇيرۇتۇپ بىللە ئولتۇردۇق.باشتا ئۇلارنى بىر بىرىگە تونۇشتۇردۇم.بەش مىنۇتچە بىللە پاراڭلاشقاچ غىزالاندۇق.كېيىن ئۇلارنىڭ ئازادىرەك پاراڭلىشىپ بىر نىيەتكە كېلىۋېلىشى ئۈچۈن بىرئىشنى باھانە قىلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتىم.ئۇلار شۇ كۈنى بىللە تاماق يېيىشىپ ئولتۇرۇپ سۆزلىشىپتۇ ،بىر بىرىنى چۈشىنىشىپتۇ.ئاخىر كېلىشىەلەيدىغانلقىنى جەزىم قىلىشىپ توي قىلىشقا پۈتۈشۈپتۇ.شۇ ئىشتىن كېيىن مەن ئۇلا .ئارىسىدا ئەلچى بولۇپ رەيھانگۈلنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سۆزلەشتىم.دادىسى:‹‹ سەمەت شاڭجاڭ ئوبدان ئادەم،لېكىن يېشى چوڭراق.بىز بىر دېمەتلىك كېلىمىز.قىزىم ئۆزى توغرا كۆرسىلا مېنىڭ باشقا پىكرىم يوق››دېدى.مەن يەنە سەمەت شاڭجاڭنىڭ بالىلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ،ئۇلارغا قېرىغاندىكى يالغۇزلۇقنى دەردىنى سۆزلەپ، دادىسىن ى ئۆيلەپ قويۇشنىڭ زۆرۈرىيتىنى چۈشەندۈردۈم.ئۇلارمۇ قوشۇلدى.شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتتى.ئارىدىن بىرەر ئايچە ۋاقىتمۇ ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ئاددىي بولسىمۇ تويىنى قىلىپ قويدۇق.رەيھانگۈل كىرگەندىن كېيىن سەمەت شاڭجاڭنىڭ ئۆيى قايتىدىن ئۆيگە ئوخشىدى.يەرلەرگە كۈندە سۈپۈرگە تېگىپ،كىر-قاتلار ۋاقتى –ۋاقتىدا يۇيۇلۇپ،يېڭى -يېڭى لازىمەتلىكلەر تولۇقلاپ سېتىۋېلىنىپ،راھەت ئازادە ئۆي بولۇپ قالدى.سەمەت شاڭجاڭمۇ خېلى تېتىكلىشىپ كۈندىن كۈنگە ياشىرىپ قالدى.بۇرۇن قاچانلا قارىسا م ئويچان،غەمكىن كۆرۈنەتتى.مانا ئەمدى چىرايىدىن تەبەسسۈم كەتمەيدۇ.بۇرۇنقى چاغلىرىدىەكىدەك چاخچاقچى،سۆزمەن بولۇپ كەتتى.دېيىشىچە پۇت- قوللىرى يەڭگىللەپ،بۇرۇنقى نۇرغۇن كېسەللىرىمۇ يوقاپ كېتىپتىمىش .بۇ ئىشتىن كېيىن پەرزەنتلىرىمۇ دادىسىدىن خاتىرجەم بولۇپ قالدى.ئۇلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك كۈندە ئالتە ۋاق ئۇنى يوقلاپ ئاۋارە بولمايدىغان،خاتىرجەم ھالدا خىزمىتىنى ۋە باشقا ئىش ئوقەتلىرىنى قىلىدىغان بولدى.مانا بۇ ئىشلارغىمۇ 10-15 يىلچە بولۇپ قاپتۇ.ئۇلار شۇ ئۆي تۇتقانچە بىر بىر بىلەن ئىچىكىشىپ ھازىر خېلى كونا قەدىناسلاردىن بولۇپ قالدى.
(http://bbs.oylirim.cn)1 f( Z( m9 \4 D" e' W; t-بويتاقلارنى ئۆييلەپ قويۇش،قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش چوڭ ساۋاپلىق ئىشلار قاتارىدا بار.ئاڭلىسام سىز ياردەم قىلىپ بېشىنى ئوڭشاپ قويغان ياشانغانلار ئاز ئەمەس ئىكەن.-دېدى قېيىم مەمەت پاراڭنى داۋاملاشتۇرماق بولۇپ ھاجىمنىڭ ئاغزىنى تاتىلاپ،-ئوتتۇرا مەكتەپتىن پېنسىيەگە چىققان،بويتاق ئولتۇرغىلى 3-4 يىل بولۇپ قالغان ئاتاۋۇللا مۇئەللىمنىڭ بېشىنىمۇ سىزنى ئوڭشاپ قويدى دەيدىغۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn) Q1 [2 a8 Y9 N% p& n-شۇنداق،ئاتاۋۇللا پېنسىيەگە چىقىپ نەچچە يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا ئايالى ئۆلۈپ كېتىپ بويتاق قالدى. قايتا نىكاھلىناي دېسە مۇۋاپىق لايىق تاپالمىدى.شۇنىڭ بىلەن بويتاقچىلىقتا كەلسە -كەلمەس ئادەملەر بىلەن دوست تارتىشىپ يۈرۈپ ھاراقكەش بولۇپ كەتتى.كۆڭلۈمدە‹‹ بۇرۇن خېلى تۈزۈك ئادەم ئېدىڭ،قارىغاندا بويتاقچىلىق ئېغىر كېلىپ دەرتمەنچىلىكتە ئىچىپ -چكىپ يۈرۈۋاتقان ئوخشايسەن،توختا، سېنىمۇ بىر ساقايتاي!›› دېدىم دە لايىق ئىزدەشكە باشلىدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
خەۋىرىڭىزدە بار، بىزنىڭ ئىلكىمىزدە نەچچە يۈز مو يەر بار.ھەر يىلى ئۇيەرنىڭ كۆپىنچى سىگە كېۋەز تېرىيمىز.ئەتىيازدىن تارتىپ تاكى كەچكۈزدىكى يىغىم ئاخىرلاشقانغا قەدەر تېرىش،تاقلاش، ئوتاش،پەرۋىش ۋە كېۋەز تېرىشكە قەدەر ھەممە ئىشقا ئادەم ياللاپ ئىشلىتىمىز.بولۇپمۇ كېۋەز تېرىم مەزىگىلىدە كۈنلۈك ياللىنىپ كۋېزنىڭ جىڭ سانىغا پۇل ئېلىشقا ئىشلىشىپ بېرىدىغانلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپ بولىدۇ.مەن كېۋەز تېرىشىپ بەرگىلى كەلگەنلەر ئارىسىغا دىققەت قىلسام 45ياشلار چامىسىدىكى ئايگۈلخان ئىسىملىك بىر ئايال ھەر كۈنى دېگۈدەك بار.ئىشقا ھەممىدىن بۇرۇن كېلىدۇ ،كېۋەزنى ھەممىدىن كۆپ ۋە پاكىز تېرىدۇ.باھا تالاشمايدۇ،ئىشقا ساختا قىلمايدۇ. تېگى تەكتىنى سۈرۈشتە قىلسام يېزىمىزنىڭ 3-كەنتىدىكى بۇرۇنقى بىر پىشقەدەم مەھەللە باشلىقنىڭ ئايالى ئىكەن.ئېرى ئۆلۈپ كېتىپ ئۈچ بالا بىلەن تۇل قالغىلى 10يىلچە بوپتۇ.بۇ ئون يىلدىن بېرى بالىلىرى چوڭ بولۇپ بىر- بىرلەپ ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ بۆلەك چىقىپ كېتىپ ئۆزى كىچىك ئوغلى بىلەن بىر ھويلىدا قاپتۇ.گەرچە ئوغلى بىلەن ئەپ بولسىمۇ لېكىن كىچىك كېلىنى بىلەن تازا ئەپ ئەمەسكەن.سەۋەپ ئايگۈلخاندا ئەمەس بەلكى كېلىندە ئىكەن.بۇ كېلىن ئىچى قوتۇر، شەخسىيەتچى،شۆپۈك ئېغىز،سۇخەنچى،ياسانچۇق..دېگەندەك تۈرلۈك ناچارئىللەتلەرگە ئىگە بولغاندىن سىرت تالاغا قارايدىكەن.ئېرى يوق چاغلاردا ئەسكى ئىشلارنى قىلىدىكەن.بەزىدە قېينانىسى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالسىمۇ بىشەملىك قىلىپ سوقۇشۇپ، قىلمىشىدىن تېنىۋېلىپ قۇتۇلىدىكەن.ھىيلە-مىكىردىمۇ ئۇستا بولغاچقا ئېرىگە قېينانىنىسى ئۈستىدىن كۈندە داتلاپ بېرىپ سوقۇشۇپ يۈرۈپ ئانىسىغا ئىشەنمەس قىلىۋەتكەن ئىكەن. شۇ سەۋەپتىنمۇئايگۈلخان ئۆزىنى بۇ ئائىلىدە ئەرزىمەس بىر ئادەمدەك ھىس قىلىپ،ئۇلار بىلەن بىر ھويلىدا بولسىمۇ ئۆي ئايرىپ ئولتۇرغان ئىكەن.شۇنداق بولغاچ ئارىسىنى 30سانتىلىق بىر تام ئايرىپ تۇرسىمۇ كۈن بويى تۈزۈك گەپلەشمەيدىكەن. بىر قازاننىڭ تامىقىنى يېيىشمەيدىكەن. بۇ خىل بىئەپ ھالەتتىن ئىچى سىقىلغان ئايگۈلخان ئۆيدە ئولتۇرغۇسى كەلمەي، كۈن بويى سىرتلارغا چىقىپ مەندەك ھاجەتمەنلەرگە كۈنلۈك ئىشلەپ جان بېقىپ يۈرۈپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)3 g8 N; j/ ^/ h* V7 ^-بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن سوراپ بىلدىلىمۇ؟-سورىدى قېيىم مەمەت بىر خىل مۇغەمبەرلىك كۈلكىسى بىلەن كۈلۈپ.
(http://bbs.oylirim.cn)- \0 E% P5 S: a6 P( @ \-توۋا دېسىلە، مەن دېگەن ئەركىشى تۇرسام بۇنداق ئىشلارنى قانداقمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدىن سوراپ بىلەلەيمەن،ئۇ ئايال تولا چاغلاردا بىزنىڭكىگە كېلىپ ئىشلەيدىغان بولغاچقا ئايالىم بىلەن تونۇشۇپ سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالغن ئىكەن.ئۇلار ھەر كۈنى ئېتىزدا بىللە ئىش قىلغاچ مۇڭدىشىدىكەن.مەن كۆڭلۈمدە ئايگۈلخاننى ئاتاۋۇللاغا لايىق كۆرۈپ، ئايالىمنى ئۇنىڭدىن گەپ ئېلىپ بېقىشقا بۇيرىغان ئېدىم.ئۇلار پاراڭلىشىش جەريانىدا يۇقارقى ئىشلارنى ئۇقۇپتۇ.دېمەك يۇقارقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئايگۈلخاننىڭ ئۇ ئۆيدە ئەمدى تۇرغۇدەك ئەھۋالى قالماپتۇ.سەمىمىي،ئاق كۆڭۈل،تاياقچى ئەمەس،ئىچمەيدىغان،كۆيۈنۈشنى بىلىدىغان، ۋاپادار لايىقتىن بىرەرنى تاپسا ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى، تۇرمۇشتا خاتىرجەم بولۇپ خۇشال –خورام ياشاشنى ئەلۋەتتە خالايدىكەن.ئايالنىڭ يۇقارقى شەرتلىرىگە ئاتاۋۇللا كۆپ جەھەتتىن چۈشسىمۇ ئەمما ‹‹ئىچمەيدىغان،چەكمەيدىغان››دېگەن شەرتلىرىگە چۈشمەيدىكەن.شۇ ئىشتىن كېيىن مەن ئاتاۋۇللانى ئىزدەپ تېپىپ پاراڭلاشتىم.ئەھۋالنى ئېيتتىم. ئۇ :‹‹ھەممە پىشكەللىك،ئەسكىچىلىك مۇشۇ ھاراق تۈپەيلى كەلدى.ئۆتكەندە ھاراق ئىچىپ موتسېكىلىت مىنىپ قاتتىق يىقىلدىم. پۇتۇم سۇنۇپ كېتىپ دوختۇرخانىدا نەچچە ئاي ياتتىم.يالغۇزچىلىقنىڭ،بويتاقچىلىقنىڭ دەردىنى تېخىمۇ بەك تارتتىم.ئادەم ئېغىركېسەل بوپ قېلىپ ئىزىغا تەرەت قىلىپ ياتقاندا ھەرقانچە كۆيۈمچان پەرزەنتلىرىڭىز بولسىمۇ بېقىپ بولالماي قالىدىكەن.ماڭا خوتۇن كىشى دوختۇرنىڭ دورىسىدىنمۇ بەكرەك دورا بولۇپ كەتتى.ئۇنىڭغا ئېرىشسەم جىسمانىي كېسەللىرىملا ساقىيىپ قالماي يەنە روھىي كېسەللىرىممۇ ساقىيىپ كېتىپ باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمەن.مېن ىئۆيلەپ قويۇشنى ئويلاپ بەك ياخشى قىپسىز.بىر قۇرساقتىن چىققان قېرىنداشلىرىممۇ سىزچىلىك قىلالمىغان ئېدى.ساۋاپ تېپىڭ ھاجىم.بولسا بىر شۇنداق قىلىڭە،سىزدىن ئۇدۇنيا-بۇ دۇنيا خوش بولۇپ قالاي!›› دەپ يالۋۇرۇپلا كەتتى. ھاراق دېگەن نىجىسنى ئىككىنچىلەپ ئاغزىمغا ئالمايمەن دەپ ۋەدە -قەسەملەرنى بەردى.مانا شۇندىن كېيىن ئىككىسنى بىر ئۆيلۈك قىلىپ قويغان ئېدۇق ،غېرىپ بىلەن سەنەمدەك بولۇشۇپ كەتتى.بىرئوبدان ئۆيىنى تۇتۇۋاتىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئۇ ھاراقنى تاشلىدىمۇ؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-تاشلىدى،ئىككىنچىلەپ ھاراق تاماكىغا يېقىن يولىمىدى. ئۆتكەن يىلى ناھىيەدىكى ئاۋات سودا كوچىسىدىن ئولتۇراق ئۆي ۋە دۇكان سېتىۋالدى.مەن شەھەر قۇرۇلۇش ئېدارىسىدىكى قىزىمغا بۇيرۇپ ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان يوللىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بەردىم.ئۇلار ھازىر قىشىمۇ -ياز ئەشۇ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ شەھەرلىك بولۇپ كەتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)# a1 D/ \! K: b& S; e6 j-دۇكىنىغا نېمە مال ساپتۇ.سودىسى ياخشىمىكەن؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-دۇكىنىغا كېيىم -كېچەك ساپتۇ.دۇكىنى ئاۋات يەردە بولغاچقا، ھەم ئاتاۋۇللا سۆزمەن،چىقىشقاق،ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان ئادەم بولغاچقا سودىسى بەكلا ئېقىپ كەتتى.كېلەر قېتىم كەلگەندە مەن سىزنى دۇكىنىغا باشلاپ كىرىپ كۆرۈشتۈرۈپ قوياي.
(http://bbs.oylirim.cn)% N, N) G* u2 W-بولىدۇ،ھاجىم،سىزدىن شۇنى سورىغىم كەپ قالدى،يۇرتىمىزدا سىزدىن باي،سىزدىن مۆتىۋەر ئىككىنچى بىر ى يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلىرىڭىزدىن ئىككىسى ناھىيەدە مۇھىم ئورۇندا خىزمەت قىلىدۇ.نەگە قول ئۇزۇتىمەن دېسە ئۇزۇتالايدۇ. شۇنداق تۇرۇپ نېمىشقا سىزمۇ ئاتاۋۇللا مۇئەللىمدەك شەھەرگە كىرىپ كېتىپ بىنا ئۆيدە ئولتۇرمايسىز؟
(http://bbs.oylirim.cn)0 x5 |( M5 a% A* P! |-مەن ئاتاۋۇللاغا ئوخشىمايمەن،شەھەردىن يېزىنى ياخشى كۆرىمەن. ھەقىقەتەن شەھەردىكى بالىلار مېنى شەھەرلىك قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋات يەردىن 150پىڭپاڭلىق ئۆيدىن بىرنى سېتىۋېلىپ،ئۇنى زامانىۋى ئۇسۇلدا بېزەپ تەييارمۇ قىلغان،مېنى كۆچۈپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرۈمنى شۇ ئۆيدە ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىپ يالۋۇرۇپ، قىلمىغان تاتلىق سۆزلىرىمۇ قالمىغان ئېدى.لېكىن مەن قەتئىي ئۇنۇمىدىم.شەھەر پاكىز،ئۆيلىرى ئازادە بولغان بىلەن ھاۋاسى ساپ ئەمەس.ئۇ يەردىن قانچىلىك چوڭ ئۆي سېتىۋالمايلى يېزىدىكى ئۆيۈمدەك،تېخىمۇ كەڭرى ئازادە بولالمايدۇ.سىز بىلىسىز ،ئۆيۈمنىڭ ئورنى نەچچە مو كېلىدۇ.ئون نەچچە ئېغىز ئۆي ۋە ھويلا تاملارنىڭ ھەممىسى پىششىق خىش بىلەن پۇختا،سۈپەتلىك سېلىقلىق. ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى يەتتە مو كەلگۈدەك مېۋىلىك بېغىمنى دېمەيسىز.ئۇنىڭدا رايۇنىمىزدا ئۆسەلىگۈدەك مېۋىلىك كۆچەت تۈرلىردىن ھەممىسى بار.ھەممىدىن بەك شۇنىڭدىن كېچەلمەيمەن. ئېغىللىرىمىزدا نەچچە ئون تۇياق كالا،ئات،ئېشەك،300دىن ئارتۇق قوي- ئۆشكە بار.ھەممىسىنى بېقىشقا ئادەم ياللاقلىق.بىزگە مەيلى ئېتىز ،مەيلى چارۋا ئىشىدىن جاپا كەلمەيدۇ.سۇ،توك،تېلىفۇن ئالاقىسى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ قولايلىشىپ كەتتى.ئۇ جەھەتتىمۇ شەھەرلىكلەردىن قېلىشمايمىز.يەرلەرنى تېرىش ۋە باشقۇرۇشتىمۇ يۇقۇرى ئات كۈچىگە ئېگە نەچچە تىراكتۇر،يېتەرلىك چاتما سايمان،ئۇندىن باشقا توپا قېزىش ماشىنىسى،توپا ئۇسسۇش ماشىنىسى دېگەنلەرمۇ يېتەرلىك بار.ئۇلارنى يېزىدىكى ئوغۇللىرىم ۋە ياللىغان شوپۇرلار باشقۇرىدۇ.بىر يەرلەرگە بېرىپ قالساق ئۆيدە كىچىك ئائىلە ماشنىسىدىنمۇ نەچچىسى بار.بۈگۈن يېزىنىڭ ئورۇنلاشۇرغان يىغىنىغا ئۇلار ئورۇنلاشتۇرغان ماشىنغا چىققىنىم بىلەن نەگىلا بارسام ئېلىپ بارىدىغان خاس ماشىناممۇ بار.ئاللاھقا شۈكۈر تۇرمۇشىمىزدىن بەكمۇ رازىمەن.
(http://bbs.oylirim.cn)$ b$ b8 T2 k% i6 G1 p3 U-راست دەيسىز ھاجىم،سىز ئۆزىڭىزمۇ نىيىتى ساپ،ھالال نىيەت،بىباھا ئادەم،شۇنچىلىك باييلىقنىڭ ئېگىسى تۇرۇپ كىبىرىڭىز يوق.ھەر يىلى پۇل چىقىرىپ يوللارنى ياسىتىسىز،كۆۋرۈكلەرنى سالدۇرىسىز.قاقاس يەرلەرنى تۈزلىتىپ ئورمان سالدۇرۇپ زىرائەت تېرىتىپ كۆكەرتىسىز.بېشىغا كۈن چۈشكەن،ھاجەتمەن بولۇپ قالغان دېھقانلار ئىشىكىڭىزگە كەلسە ھېچبىرىنى قۇرۇق قول قايتۇرمايسىز.شۇنداق بولغاندىكىن سىزنى ئاللاھمۇ قوللايدۇ، ھۆكۈمەتمۇ قوللايدۇ.خەلقمۇ قوللايدۇ. سىز ھەقىقەتەن تەۋەرۈك ئادەم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئارتۇق ماختىۋەتتىڭىز،مەن يۇقارقى سۆزلەرنى ماختىنىۋېلىش يۈزىسىدىن دېمىدىم،پەقەت گەپكە –گەپ كېلىپ قالدى. ئاللاھ ئىگەم ماختانچاقلارنى،مەنمەنچىلەرنى ھاكاۋۇر،كېبىرلىك كىشىلەرنى يامان كۆرىدۇ.زىيادە كۆپ مال- دۇنيامۇ بەزىدە كۆرۈنمەس كىرغا ئوخشايدۇ.ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىنى ۋە ئېتىقادىنى كىرلەشتۈرۈپ مەنمەنچىلىككە، ئاسىيلىققا، شەخسىيەتچىلىككە ئېلىپ بارىدۇ. باشقىلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ بىگۇناھلارغا زۇلۇم سېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.شۇڭا مەن ھەر كۈنى بەكمۇ ئېھتىيات بىلەن يۈرىمەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئالتۇندەك گەپ قىلدىلا ھاجىم،سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئادەم نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشۈنىۋالىدىكەن.ئاڭلىسام ھازىرقى ئاياللىرى ئىككىچى ئاياللىرى ئىكەن،ئۇنى سىلىدىن خېلىلا كىچىك دېيىشىدۇغۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn), o7 L% R! N, a! t4 p. I+ x, G-بۇ ئىشتىنمۇ خەۋەر تاپاي دەپ قاپلىدە، بوپتۇ يول تېخى خېلى ئۇزۇن،ۋاقتىمىزمۇ بار،بۇ ھەقتىمۇسۆزلەپ بېرەي.بۇ بۇندىن 20- يىللارنىڭ ئالدىدىكى ئىش.مەن خىزمەتتىن ئارام ئېلىشقاچىقىپ بىرەر ئىككى يىلغا قالماي قەدىناسىم،بەش بالامنىڭ ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدىم.بۇ چاغدا بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان چوڭ بولۇپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ كېتىشكەن ئېدى.ئىككىسى ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئوقۇپ شەھەردە خىزمەتكە چىقىپ شەھەرلىك بولۇپ كەتكەن،قالغان ئۈچى يېزىدا مەن بىلەن قېلىپ ئىگىلىمكىمىزگە ۋارىسلىق قىلغان،ھەر ئىشتا ماڭا قول-پۇت بولۇپ،جىمىكىجاپايىمغا يار-يۆلەك بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئېدى.بويتاق قالغاندىن كېيىن ھېچكىمگە ئېغىز ئاچماي بىر ئىككى يىلنى بويتاق ئۆتكۈزدۈم،گەرچە ھەممە نەرسەم تەل،بالىلىرىم نەۋرىلىرىم كېچە-كۈندۈز يېنىمدىن بىر مىنۇت نېرى بولماي ئۆم -ئىناق ياشاۋاتقان بولساممۇ لېكىن تۇرمۇش ماڭا تېتىمىدى.تۇزى تېتىمىغان ئاش ئادەمنى لەززەتتىن مەھرۇم قىلىپ ئىچ پۇشۇقى پەيدا قىلغاندەك، بۇ تۇرمۇشمۇ مەندە كىشىگە ئېيتىپ بولغۇسىز ئىچ پۇشۇقى پەيدا قىلدى.بالىلارنىڭ ئانىسىنى،ياشلىق قىرانلىق چاغلاردىكى مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىمزنى قانچە -قانچە ئەسلەپ قالدىم.ئەسلىىمۇ ھەر نۆۋەت پەسلەپ قالدىم.بالىلار مېنىڭ شۈكلەپ كەتكىنىمنى،ئويغا چۆمۈپ غەمكىن بولۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ئۇنى بۇنى سوراپ يۈرۈپ كۆيۈنگەن بولدى. دەردىمنى كىشىگە تىنمىدىم.ئۇ چاغلار دىنى سىياسەت كەڭرى،ھېچ يەردە ھېچ ئىش چىقمىغان ۋاقىتلارئېدى.ھۆكۈمەت كادىرلارنىڭ ھەق قىلىشى،دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تېخى چەك قويمىغان ئېدى.شۇڭا ئىلتىماس قىلىپ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپمۇ كېلىۋالدىم.قايتىپ كېلىپ ئىككىنچى يىلى تۇققانلار مېنى ئۆيلەپ قويۇشماقچى بولۇشتى.تەرەپ-تەرەپلەرگە چېپىشىپ نەچچە ئون يەردىن لايىقلارنى تېپىشتى.لېكىن ئۇلارنى رەھمەتلىك مومىيىمغا سېلىشتۇرۇپ بىرىنىمۇ ياراتمىدىم.بىر كۈنى تۇققانلار 30 ياشلىق بىر چوكاننى تېپىپتۇ. ئۇ بۇرۇن خوشنا يېزىدىكى مەلۇم كەنت سېكرىتارىنىڭ كېلىنى بولۇپ تۇرغان بولۇپ،ئون يىلچە ئۆي تۇتقان ئىكەن.ئەمما يولدىشى بەكلا كۈنلەمچى بولغاچقا ئۆيىدە كۈندە دېگۈدەك جېدەل-ماجرا قۇرىماي ئاخىرئاجرىشىپ كېتىپ ئاتا –ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قالغان ئىكەن.تۇققانلار بىزنى كۆرۈشتۈرگەندە قارىسام، قاش- كۆزى جايىدا،خۇش پىچىم ،چىرايىدىن ئېۋەن تاپقىلى بولمايدىغان قاملاشقان بىر چوكان ئىكەن.ئەمما ياش پەرقىمىز بەكلا چوڭ بولۇپ ئۇ قىزلىرىم ۋە چوڭ ئوغۇللىرىمدىن 4-8 ياش ئەتراپىدا كىچىك چىقىپ،مەن بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئايالى بىلەن دېمەتلىك چىقىپ قالىدىكەن .تەقى- تۇرقى،چىرايى كۆزۈمگە سىغقان بولسىمۇ بەكلا ياشلىقىدىن ئەنسىرىدىم.بۇنداق چوكانلار مەندەك قېرىغا پۇل- مال دۇنيانى ياكى باشقا بىرەر سەۋەپنى دەپ تەگمىسە ئالدىراپ تەككىلى ئۇنىمايتتى.شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا ئۇنىمىدىم.ئەمما ئۇنى تاپقان تۇققىنىمىز چىڭ تۇرۇۋالدى .ئۇنى- بۇنى دەپ يۈرۈپ ئۇ چوكاننى ئۇزاق تەرىپلەپ يۈرۈپ مېنى قىزىقتۇرۇپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن: ‹‹ئەمىسە ئۆزۈم بىر سۆزلىشىپ باقاي،ماڭا ئاش بولامدۇ يوق؟›› دېدىم ئۇلار قوشۇلدى.ئىككىمىز يالغۇز قالغاندا مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم:
(http://bbs.oylirim.cn)5 ?% G; l4 Z' d/ M A$ `-مېنى تونۇمسىز؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-تونۇيمەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-قانچە ياشقا كىردىڭىز؟
(http://bbs.oylirim.cn) {+ l& S& s6 d. Q( ]. [ m( X( r-30ياشقا.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-مېنىڭ قانچە ياشقا كىرگىنىمنى بىلەمسىز؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ياق بىلمەيمەن،پەرىزىمچە 40-45ياشلاردا باردەك تۇرىلا.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-مەن سىزنىڭ پەرىزىڭىزدىكىدىن خېلىلا چوڭ. بۇ يىل 55ياشقا كىردىم.شۇنداق بولغاندا سىزدىن توپتوغرا 25ياش چوڭ بولغان بولىمەن.شۇنچە قېرى بولساممۇ مەيلىمۇ؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-مەيلى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-بالىڭىز بارمۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn). D2 W% m$ m, p5 i! z( a-بىر ئوغلۇم بار ئېدى،بۇرۇنقى ئېرىم تارتىۋالغان.
(http://bbs.oylirim.cn) C4 c8 I$ K8 t$ p; ^! Q4 Y-مەن بىلەن نىمىشقا توي قىلماقچى بولدىڭىز؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئېرىمدىن ئاجرىشىپ ئولتۇرغىلى نەچچە يىل بولدى.نەچچە يەردىن لايىق چىققان بولسىمۇ ھېچبىرى دىتىمغا ياقمىدى.بۈگۈن تۇققانلار سىزنى سايە قىلىۋىدى تەگسەم تېگەي دېدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-نىمىشقا؟
(http://bbs.oylirim.cn) \' k5 T+ H: c p -يېشىڭىز چوڭراق بولغان بىلەن بەك قېرىپ كەتمەپسىز.ياشتەكلا كۆرۈنىدىكەنسىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنى يۇرتتا خېلى كۆپ ئادەم تونۇيدۇ.ئىززەت ئابرۇيىڭىز ئۈستۇن.ئىمانلىق،ئىنساپلىق،ھاراق-تاماكا،ئويۇن- تاماششا دېگەندەك يامان ئىشلاردا يوق.ئاڭلىسام خوتۇن كىشى يېشى چوڭراق، ئۆزىنى توختاتقان ئادەمگە تەگسە راھەت كۆرەرمىش،ئىززىتى- ھۆرمىتى بولارمىش.شۇڭا تەگسەم تېگەي دېدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-توي ئىشى ئۆمۈر ئىشى،بازاردىكى ئات- ئۇلاغ سودىسى ئەمەس.ئادەتتىكى كىشىلەر توي ئىشىنى ئويۇن دەپ بىلگەچكە لايىقى ياخشى چىقماي كۆڭۈللۈك ئۆي تۇتالمايدۇ.شۇڭا ئۆيىدىن جېدەل قۇرۇمايدۇ.سىزمۇ بەكلا ياش ئىكەنسىز،مەنمۇ خېلى ياشىنىپ قالغان ئادەم. شۇڭا سىز بىلەن گەپنى ئوچۇق دېيىشىپ ئاندىن بىر ئۆيگە كىرمىسەم بولمايدۇ.مېنىڭ ئۈچ ئەيىپىم بار ،ھازىر سىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىمەن ۋە ئۈچ كۈن ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىمەن.ئۈچ كۈندىن كېيىن سىز:‹‹ شۇ ئەيىپلىرىڭىز بولسىمۇ مەيلى، تېگىۋېرىمەن دەپ قارارىڭىزدا چىڭ تۇرالىسىڭىز بىز ئاندىن تۇرمۇشلۇق بولايلى.ماقۇلمۇ؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ماقۇل(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئەمىسە دەي،بىرىنچى ئەيىپىم، مەن بەكلا خەسىس ئادەم.خەسىس دېگەنلىك بېخىل دېگەنلىك.يېنىمدا ئون كوي پۇلۇم بار بولسا شۇنى خەشلىۋېتىشكە چىدىماي ئاچ- زېرىن يۈرىمەن.باشقىلارغىمۇ بەرمەيمەن.ئەگەر پۇل مېلىمنى دەپ ،پۇلنى جىق خەشلىيەلەرمەنمكىن دەپ ماڭا تەگمەكچى بولغان بولسىڭىز نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ياق ماڭا پۇلىڭىز كېرەك ئەمەس،سىز بولسىڭىزلا بولدى،ئىككىنچىسىنى دەڭ.
(http://bbs.oylirim.cn). b3 Y, B. R1 B+ _/ A-ئىككىنچى،باياتىنمۇ دېيىشتۇق،مەن بەكلا قېرى،سىزدىن 25 ياش چوڭ،دادىڭىز دېمەتلىك ئادەم.مەن ياشلارغا ئوخشاش قاۋۇل،جۇشقۇن،ئىشقىۋاز ئەمەس.ئەر خوتۇنچىلىق تۇرمۇشتا سىزگە ماسلىشىپ كېتەلمەسلىكىم،سىزنىڭ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقالماي ئارىمىزدىكى مېھرى-مۇھەببەتكە تەسىر يېتىپ قېلىشى مۈمكىن،شۇڭا بۇ تەرەپنىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىپ توغرا قارار چىقارمىسىڭىز بولمايدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ھە بۇنى ئويلىشىپ كۆرەي،ئۈچىنچىسىچۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn)+ O0 W% T0 `$ t% i3 Q-مەن سىزدىن قېرى بولغاچ ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە سىز بىلەن تەڭ،بىرگە ياشىيالماسلىقىم مۈمكىن. سىزدىن بۇرۇن كېتىپ قالسام بالىلىرى مسىزنى ئۆينىڭ پۈتۈن مال –مۈلكىگە ئىگە قىلمايدۇ.پەقەت نەچچە تۈمەن پۇل بېرىپلا يولغا سېلىپ قويۇشى مۈمكىن.ئەگەر مال مۈلكۈمگە مىراسخور بولۇشنى ئويلاپ تەگمەكچى بولغان بولسىڭىزمۇ نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ. زىيان تارتىپ قالىسىز.
(http://bbs.oylirim.cn)& B5 |2 O5 M! R& w1 l-تۈگىدىمۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn)9 S# p2 O" T" V1 o! l-ھەئە تۈگىدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئۇنداق بولسا ئۈچ كۈندىن كېيىن جاۋابىنى بېرەي.
(http://bbs.oylirim.cn)2 C# m3 u2 g- Y3 [; D+ @% Q% e( U- شۇنداق دېيىشىپ خوشلاشتۇق،-دېدى مۇسا ھاجىم ھېكايسىنى داۋاملاشتۇرۇپ،-ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇقسام ئۇ قارارىدىن يانماپتۇ.مەن بىلەن توي قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانچە داغدۇغىلىق بولمىسىمۇ توي قىلدۇق.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئاخىر قانداق بولدى؟-قىزىقىپ سورىدى قېيىم مەمەت.
(http://bbs.oylirim.cn)/ U( r- _6 A$ e/ u/ d& C-قانداق بولاتتى،رىزقىمىز چۈشكەن ئىكەن،بىر ئوبدان قاملىشىپ، ئامراق ئەر -خوتۇنلاردىن بولۇپ قالدۇق.مەن ھېلىقى سۆزلەرنى ئۇنى سىناش ئۈچۈن دېگەن ئېدىم ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن مەن ئۇنى خىراجەتتىن قىسىپ قويمىدىم. قانداق كىيىم كېيىمەن،نىمە يەيمەن،نېمە تاقايمەن دېسە دېگىنىنى قىلىپ بېرىپ راھەت كۆرسەتتىم،ئۇمۇ مېنى ياش، چىرايلىق،يېقىشلىق خوتۇننىڭ ھوزۇرى بىلەن تەمىن ئېتىپ ھايات لەززىتىنى تېتىتتى.ياندۇرقى يىلى تېخى ماڭا ئوماققىنە بىر قىز تۇغۇپ بەردى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-شۇ چاغدا نەۋرىلىرىڭىزمۇ بار بولغىيتى؟
(http://bbs.oylirim.cn)3 @9 Y8 j& h$ N9 d$ B6 T-نەۋۋرىلىرىمنىڭ چوڭى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ بولغان،كىچىكلىرىمۇ 4-5ياشلارغا كىرىپ قالغان ئېدى.قىزىق يېرى كىچىك كېلىنىم ئايالىم بىلەن بىر ئاي ئىچىدە تۇغۇپ ئۆينى ئاۋات قىلدى. بۇئىككى بالا شۇندىن بېرى تەڭ ئويناپ، تەڭ چوڭ بولۇپ ئۆيىمىزنى ئاۋات قىلدى.
(http://bbs.oylirim.cn)+ H: X7 c# @3 H i; Y4 @3 v, N-ئۇ قىز ھازىرمۇ بارمۇ؟
(http://bbs.oylirim.cn)" q$ R1 } z- k& ?8 |2 p-بار ،چوپ -چوڭ بولۇپ كەتتى.ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ.نەچچە يىلدىن كېيىن ئوقۇش تاماملاپ خىزمەتكە چىقسا ۋە ياتلىق بولسا ئۇمۇ مېنى نەچچە نەۋرىلىك قىلىۋېتىدۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)2 { A3 o8 B9 q2 d% O1 D6 ]-بۇ گەپچە ھازىر يەتمىشتىن ئېشىپلىدە.-سورىدىم مەن.
(http://bbs.oylirim.cn)# v! k$ g8 `# F0 v$ h/ Z; e-شۇنداق،قايتا نىكاھلىق بولغاندا 55 ياشتا ئېدىم،ھازىر يىگىرمە يىل ۋاقىت ئۆتتى.بۇ يىل 75ياشقاكىردىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-75 ياش،توۋا بۇ تۇرقىلىرىدن قارىسا ھېچكىممۇ بۇ سۆزلىرىگە ئىشەنمەيدۇ ،ياش خوتۇنلىرى دورا بولۇپ45-50 ياشلاردىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەردەكلا تۇرۇپلا،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسىلە ھاجىم!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سۆھبىتىمىز ئاخىرلاشقىچە يېزىمىزنىڭ بازىرىغىمۇ كېلىپ قالدۇق.مۇسا ھاجىمنىڭ كىچىك ئوغلى ئابلەتجان دادىسىغا ماشىنا ئېلىپ كېلىپ ساقلاپ تۇرغان ئىكەن ھاجىم بىز بىلەن خوشلىشىپ شەخسى ماشىنىسى بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)/ H( y- R6 Y- d( x. H& o) z! xمەنبەسى ئۆز قەلىمىم(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
|
 |
 |
 |
 |
|
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان - ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|