ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ھەمجىنىسۋازلىق
ھەمجىنىسۋازلىق-بۇ بىر خىل ئەخلاقنىڭ چىرىكلىشىپ، كىشىلەرنىڭ ماددىي دۇنيا جەھەتتىن تۇيۇنۇپ،يالغۇزلۇق رۇھىي دۇنياسىدىن يۇپۇرۇلۇپ چىققان بىر خىل يامان سۈپەتلىك ئىللەت. ھەمجىنىسۋازلىق دېگەن بۇ ئىللەت ئامېرىكىدا ئەڭ بۇرۇن بايقىلىپ ھازىردۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يۇپۇرۇلۇپ چىقماقتا. بۇ تېمىنى بەك تەستە،بىر قىسىم ماتىرىياللاردىن ئىزدىنىش،ئىزدەش ئارقىسىدا يېزىپ چېقتىم،ئەتراپىمدىكى يۈزبېرىۋاتقان ئەمەلىي رېئاللىق ۋە ئېچىنىشلىق ئىشلارنى كۆرۈپ،ئاڭلاپ غەزەپ-نەپرەت ئارىسىدا بۇ تېمىنى يېزىشنى لايىق تاپتىم.
<<ھەمجىنىسۋازلار>>دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھەقىقەتەن كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ ۋە ئېچىندۇرىدۇ.ھەمجىنىسۋازلار-ئادەملەر ئاڭلاشنى خالىمايدىغان،ھەتتا ئەتراپىمىزدا مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئالاھىدە ئادەملەر تۇپى .يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بولۇپمۇمۇشۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفۇن چىققاندىن ،تور،كومپىيوتور ئۇمۇملاشقاندىن بۇيان دىيارىمىزدا ھەمجىنىسۋازلىق ئەۋج ئېلىپ يۇشۇرۇن ھالەتتىن ئاشكارە ھالەتكە ئۆتۈشكەباشلىدى.
يېقىنقىيىللاردىن بۇيان غەرپنىڭ جىنىسىي ئەركىنىلىك تەرغىباتىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە بەزى تەرەققىي قىلىپ كەتكەن دۆلەتلەردە ھەمجىنىسۋازلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ ھەتتا ئەرلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ توي قىلىشىنى قانۇنلاشتۇرغان دۆلەتلەرنى كۆردۇق(بەزى يەرلەردە ئايال ھەمجىنىسۋازلىمۇ بايقالدى)
دۆلىتىمىزدىمۇھەمجىنىسۋازلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ كېتىپ،ھەتتا ھەمجىنىسۋازلارنىڭ ئەركىنلىك ساداسى كۈچىيىپ،ئۇچۇق-ئاشكارا توي قىلىدىغانلارمۇ چىقتى. بۇرۇن يۇشۇرۇن ھالەتتە بولغان بولسا،ھازىر ئاشكارە ھالەتكە تەرەققىي قىلىپ كەتتى. ھازىرئەيدىزنىڭ كۆپىيىشى ئەر ھەمجىنىسۋازلار تۇپىدىن كۆپلەپ چېقىۋاتىدۇ.
ھەمجىنىسۋازلار-ئۆزىگەئوخشاش جىنىسلىقلارنى ياخشى كۆرۈش،جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىدىغان كىشىلەر .يەرلىك تىلدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان <<بەچچىغەز>>دەل ئەر ھەمجىنىسۋازلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتاھەمجىنسىلىق قانداق بارلىققا كەلگەن؟؟
بۇبىر خىل ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇپ،ئىنسانلارنىڭ ماددىي جەھەتتىن تۇيۇنۇپ مەنىۋى جەھەتتىن بۇزۇلۇشقا قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ،مېھىر-مۇھەببەتنىڭ سۇسلاپ كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىدىن ياتلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنڭ پاكىتسىزدەلىلى. يالغۇزلۇق،كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن كارى بولماي،ئۆزىنىلام ئويلاش،مېھىر-مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىپ،كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى،ئاتا بالىنى،دوسىت دوسىتنى،قېرىنداش قېرىنداشنى تاشلىۋېتىش،بىر-بىرىنى يالغۇزلۇق دۇنياسىغا تاشلىۋىتىشتىن كېلىپ چېققان مەنىۋى مەرەز رۇھىي كېسەللىك.
تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بۇلۇشىچە كۆپىنچە ھەمجىنىسۋازلار ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا ئاستا-ئاستامۇشۇنداق جىنسىي قىزىقىش يېتىلىدىكەن،كېيىنكى ئامىلنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇنداق ئىككى تەرەپتىن خۇلاسىلەشكە بۇلىدۇ:
1`دادىسىدىن يىراقلىشىپ،ئانىسىغا زىيادە ئامراق بولۇش. كۆپىنچە ئانىسى بىلەن بىللە تۇرغان بالىلار.ئوغۇللار ئەگەر ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا دادىسى خىزمەت ياكى باشقا ئىش ئالدىراشچانلىقى سەۋەپلەر بىلەن ئۇدا ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرسا، بۇ ئامراقلىق تەدرىجىي ئانىسىنىڭ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىش،ئىش-ھەرىكەتلىرىنى دوراشقا تەرەققىي قىلىدۇ ۋە بارا-بارا يات جىنىستىكىلەر (ئەرلەرنىڭ) قوغدىشىنى ئۈمۈدقىلغان،مېھىر-مۇھەببەت بېرىشىنى ئۈمۈد قىلغان.ئەرلەرگە بېقىنىدىغان ئاياللىق خۇسۇسىيەت شەكىللىنىدۇ. چوڭ بولغانسېرى دادىسى بىلەن بىللە تۇرمىغاچقا،دادىسىدىن يىراقلىشىشقا باشلايدۇ،باشقا ئەرلەردىن ئۆزىگە كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق ئىزدەپ،دادىسىنىڭ ئۆزىگە يەتكۈزمىگەن دادىلىق مېھرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقائورۇنىدۇ.كۆپلىگەن ھەمجىنىسۋازلار ئانىسى خاراكتېر جەھەتتىن دادىل،قورقۇمسىز،ئۇچۇق-يۇرۇق ۋە ئىشلاردا كەسكىن بولۇپ،بالىسى كىچىك ۋاقتىدابالىسىغا زىيادە كۆيۈنىدىغان تىپتىكى ئاياللاردىن بولسا،دادا بولغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىچ مېجەز،خۇشاللىق-خاپىلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان،بالىسى بىلەن پىكىرلىششكەقېرىق ھەتتا بالىدىن بېزار كېلىدىغان ئەرلەر.
2`كىچىكىدەئانىسى ياكى ھەدە-سىڭىللىرى بىلەن كۆپرەك بىرگە تۇرغان بالىلار:
بۇمەزگىلدە بالىنىڭ دوراش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ،نۇرغۇن نەرسىلەرنى دوراپ ئۆگىنىدۇ،شۇڭا ئانىسى ياكى ھەدە-سىڭىللىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى،گەپ-سۆز ھەتتاكېيىنىشلىرىگىچە ئوغۇل بالا ئۈچۈن بىر ئۆرنەك بولۇپ ئۇنى دوراپ ئۆگىنىۋالىدۇ ھەم بۇنى ئىنتايىن نورمال دەپ ھېس قىلىدۇ.ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدىن باشلاپ باشقا ئوغۇل دوستلىرىنىڭ ئوغۇللارچە قىلىقلىرى بىر خىل قۇپال كۆرۈنىدۇ،بۇ ئەمەلىيەتتە قىزلارچەتەپەككۇر ئىنكاسىغا پىسخىكىسى مايىللىشىپ قالغان. ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىغا يەتكەندەبولسا يەنە قىزلارچە تەپەككۇر قىلىدىغان بۇنداق ئوغۇل تەبىئىيلا باشقاھەمشىرىلىرىگە ئوخشاش قارشى جىنىستىكىلەرگە –ئوغۇللارغا قىزىقىدۇ.ئۆزىنىڭئىش-ھەرىكىتىدىكى نازۇكلۇق بىلەن ئوغۇللارنىڭ قوپاللىقلىرىنى سېلىشتۇرغاندا،ئوغۇللاردىن بىر خىل پاناھ تىلەيدۇ.ئۆزىنى ئاجىز،باشقا ئوغۇللارنى بولسا باشپاناھ بولىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.مانا بۇ شۇ بالىنىڭ ئوخشاش جىنىستىكىلەرگەقىزىقىدىغان ۋاقتى.
ماتىرىياللارداكۆرسىتىلىشچە،كۆپلىگەن ھەمجىنىسۋازلىق خاھىشى بار ئادەملەر ئۆزىنىڭ جىنىسىي قىزىقىشىنى تەخمىنەن 16ياش ئەتراپىدا ھېس قىلغان.ئەمما مۇشۇ باسقۇچتا يەنىلائوغۇلنىڭ ئاتا بىلەن مۇناسىۋىتى ئۇلارنىڭ كېيىنكى جىنسىي قىزىقىشى ۋە تاللىشىغازور تەسىر كۆرسىتىدىكەن .ئاتىنىڭ بىپەرۋالىقى ئۆزىگە كۆيۈنمەيدىغاندەك ھېس قىلىشى بالىدا كۈچلۈك ئاتىسىدىن يىراقلىشش خاھىشى پەيدا قىلىپ،ھەمجىنىسلىق جىنسىي قىزىقىش ئىپادىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن،ئەكسىچەبالدۇر بايقاپ توغرا يېتەكلىسە،خاتالىقنى تۈزەتسە يەنە ئىشنىڭ يامان تەرەپكەتەرەققىي قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدىكەن.
بۇيەنە بالىنىڭ ئەسلىي خاراكتېر بىلەنمۇ مەلۇم مۇناسىۋىتى بولۇپ،مەسىلەن بىرئائىلىدىكى ئىككى ئوغۇلنىڭ بىرسى ئىچ مېجەز،باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشىنى ياخشى كۆرمەيدىغان،يەنە بىرسى ئۇچۇق-يۇرۇق،دوستلىرى كۆپ،پائالىيەتچان بولسا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئامىللار تەڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ئالدىنقىسىنىڭ ھەمجىنسلىققا تەرەققىي قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن.
3.ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش: بۇ ئەھۋال ئوغۇللاردا يۈز بەرسە،تەبىئىيكى ئۇنىڭغا چېقىلغىنى بىر ئەر ھەمجىنىس ،يەنە كېلىپ بالىنىڭ تۇققىنى،ئاتا-ئانىسىنىڭ دوستى،ئۇقۇتقۇچىسى دېگەندەك تونۇش ئادەملەرنىڭ بىرسى.بۇنىڭدا ئەڭ چاتاق يېرى بالىسىدا ئۆزىنىڭ جىنسىي سالاھىيىتىگە بولغان تۇنۇشى قالايمىقانلىشىپ،ئۆزىدەگۇمانىي قاراش توغۇلۇشى مۇمكىن.
ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپىيىپ،يۇپۇرۇلۇپ چىقىۋاتقان ھەمجىنسۋازلىق دەل مۇشۇ تۈرگەمەركەزلىشىپ قالغان.يەنە ھەمجىنىسۋازلىق خاھىشقا ئىگە بولۇپ قېلىۋاتقان ئوغۇللارنىڭ،ئەركەكلەرنىڭ كۆپىنىچىسى ھەتتا ئۇمۇمىي جەھەتتىن ئوخشاش جىنىستىكىلەرنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ ئاندىن تەرەققىي قىلىپ ،باشقىلارنى سۆرەپ ئەكىرىشكە باشلىغان.
بۇخىل جىنىسىي پاراكەندىچىلىك ئەگەر بىر مەزگىل داۋاملاشسا بالىدا ھەتتا بۇ ئىشتىن بىر خىل ھۇزۇر ھېس قىلىدىغان تۇيغۇ بولۇپ ئاسانلا شەيتانغا قۇل بولۇپ،ئۆزىنى ئاسانلا بۇ ھەمجىنىسۋازلىق يۇلىغا تاشلايدۇ.يەنە بىر خىل ئەھۋال بۇنداق ئوغۇللارنىڭ بەزىسى ئائىلسى بۇزۇلغان،ئائىلسىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بولۇپمۇدادىسىنىڭ مېھرىبانلىقى،قوغدىشىغا ئېرىشەلمىگەن بالا بولۇپ قالسا،بېشىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك باشقىلارنىڭ زۇرلۇقىغا،زىيانكەشلىكىگە،پاراكەندىچىلىكىگەئۇچرىغاندىن كېيىن،بۇنى باشقا چوڭ ئەرلەرنىڭ كۆيۈنىشى دەپ قاراپ،دادىسىدىن تاپالمىغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشكەندەك ھېس قىلىدۇ-دە،كەينىدىن شۇنداق كىشىلەرنى ئۆزى ئىزلەپ بارىدىغان بولىدۇ. بىر قىسىملا بۇ يولغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىپ ئۆزى بىر شەيتانغا ئايلانغاندىن كېيىن،باشقا كىشىلەردىن ھۇزۇر تېپىش ئۈچۈن ئازدۇرۇشقاباشلايدۇ.ئىنسانلار ھاسىل قىلغان بۇ پاتقاقلىققا پۇتىنى باشقىلارمۇ تىقىشقاباشلايدۇ. بۇلۇپمۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا.چچ،ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرى بۇ شەيتان يۇلنى ئېچىپ بېرىپ يېقىنقى3يىلدىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەمجىنىسۋازلار شىددەت بىلەن كۆپىيپ كېتىشكەباشلىدى.بۇنىڭدا سېرىق فېلىم،سېرىق فېلىممۇ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.
ئۈرۈمچىدەھەمجىنسۋازلارنىڭ سانى10000دىن ئاشىدىكەن(ئۇيغۇرئۇغۇل-ئەر).ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ كۆڭلىنى ئېچېپ كېتىدىغان ھەمجىنسۋازلارمۇ نۇرغۇنكەن. بۇ تەبىئىيلا بۇ مەرەز ئىشنى باشقاۋېلايەت-ناھىيەلەرگە تارقىلىشغا بىۋاستە رول ئۆتەيدىغان شەھەر بولۇپ قالغان.چۈنكى ئۈرۈمچى دىيارىمىزنىڭ مەركىزى شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن ئادەملەر كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ.بۇ تەبىئىيلا بۇ ھەمجىنىسۋازلار تۇپىنىڭ دىيارىمىزغاسىڭىپ كېرىشىگە،تارقىلىشىغا توسقۇنسىز شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
ھەمجىنىسۋازلارئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش نىسىبىتى ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يۇلىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ مەرەز ئادەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردەشىددەت بىلەن كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ،2014-يىللىق بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىچىدەھەمجىنىسۋازلار ئارىسىدىكى يۇقۇملىنىش نېسىبىتى 70%كە چېققان.باشقا شەھەرلەردەقانداق ئۇ نامەلۇم.بۇ نېجىس خاراكتېرلىك ئاپەت جۇڭخۇا ئوغۇلىرىنى تېز سۈرئەتتەئۆزىگە تارتىپ ئەكىرىپ كەتمەكتە . ئاساسلىقى 17ياشتىن 40ياشقىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنچوڭ بولغان كىشىلەرمۇ بۇ تۇپقا تۈركۈم-تۈركۈملەپ كىرىپ كەتمەكتە.
ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى دۆلىتىمىزدە ئاساسىي جەھەتتىن كونتىرول قىلىندى.ئەمما ئەر ھەمجىنسۋازلارئارىسىدىكى تارقىلىشى يەنىلا تېز بولماقتا. بەزى شۇم سودىگەرلەر ھەمجىنىسۋازلىقنى بىر سودا پۇرسىتى دەپ بىلىپ،ھەمجىنسلار قاۋاقخانىسى،كۇلۇبى ۋە ناخشا ئېيتىش ئۆيىدېگەندەك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى ھەدەپ ئېچېپ،ئۇلانىڭ ئۇچرىشىشى،تارىلىش يۇللىرى ئۈچۈن ئوبدانلا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. چچ،ئۈندىدار ۋە ھەر خىل تور بەتلەر ئارقىلىق ھەمجىنسۋازلىق تۈرىدىكى سېرىق فىلىم-كۆرۈنىشلەرنى باشقىلارغا تارقىتىش،كۆرۈش يۇللىرى ئارقىسىدا بارغانسېرى يۇشۇرۇن ئاپەتكە ئايلانغىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ھەمجىنسلارنىڭ جىنسىي پائالىيىتى كۆپىيىپ ۋە جۆرە ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى تېزلەشتى.
ئاتا-ئانىلارزادى بالىلىرىمىزغا قانچېلىك ھېزى بۇلاۋاتىمىز،كېچىكىدىن باشلاپ چۇڭقۇرمېھىر-تەربىيە سىڭدۈرۈۋاتىمىزمۇ؟
خوش،قېنى ئۇقۇرمەن سىز ئەمدى نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟بۇ ھەقتە نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟ئۇيغۇرجەمئىيىتىگە قارا قۇلىنى سۇزاۋاتقان بۇ نېجىس ئىش سىزنى نېمە ئويلاغاسالدى؟ھەممىمىز قۇلىمىزنى يۈرىكىمىزگە قويۇپ تۇرۇپ ئوبدان ئويلاپ باقايلى بىر-بىرمىزگە ھېزى بۇلايلى. |