(http://bbs.oylirim.cn); h5 }- @2 C, G- v7 [
(http://bbs.oylirim.cn)4 r1 e4 ?! y2 C; Pسۇرەتتە: كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەر قۇتقۇزۇلماقتا
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇنىرىدىن تۇنىيا خەۋەر قىلىدۇ: «سىلەرنىڭ خېيىم خەتەرگە قارماي بىزنى قۇتقازغىنىڭلارغا رەھمەن، بولمىسا بىز ھازىرغىچە ھايات تۇرالايدىغان تۇرامايدىغانلىقىمىزنى بىلمەيتۇق.›› بۇ 7- ئاينىڭ 10-كۈنى بىر ئوتتۇرا ياشلىق خەنزۇ ئايالنىڭ تىكەن قۇدۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەخمۇت تۇرسۇننىڭ قۇلنى تۇتۇپ تۇرۇپ، دېگەن سۆزى.
(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
7- ئاينىڭ 10- كۈنى يېزا ئىگىلىك 1- شى 5- تۆۋەندىكى ئالتە ساياھەتچى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسىدىكى تاغقا ئوينىغىلى بارغان ئىدى. بۇ ساياھەتچىلەر چۈشتىن كىيىن سائەت ئالتە ئەتراپىدا قايتىپ كېتىۋېتىپ، تىكەن قۇرۇق كەنت تەۋەسىدىن ئۆتىۋېتىپ، شۇ يەردىكى ئېقىننىڭ قارشى تەرىپىدىكى گۈزەل مەنزىنى يېقىندىن كۆرۈش ئۈچۈن، ماشىنىدىن چۈشۈشتى. ساياھەتچىلەر ئېقىننىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە ئۇشتۇمتۇت كەلكۈن كەلگەچكە ئىككى ساياھەتچى ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، دەرھال قىرغاققا چىقىۋالدى، قالغان تۆت ساياھەتچى قىرغاققا چىقماقچى بولغان بولسىمۇ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە قايسى جاينىڭ بىخەتەرلىكىنى بىلمىگەچكە نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي، باشقىلارنىڭ كېلىپ قۇتقۇزۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)% T7 \' F6 X" K2 }3 x- ~" V( Z, U0 \5 fشۇكۈنى چۈشتىن كىيىن، تەڭرىتاغ گو لىن باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئونسۇ بوزدۆڭ يېزىسى تىكەن قۇرۇق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەخمۇت تۇرسۇن، تىكەن قۇرۇق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇردى باۋدۇن قاتارلىق ئۈچ ئادەم تۇز ئاۋات 3- كەنتنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسما قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ قايتىشىدا ئېقىننىڭ ئوتتۇرسىدا كەلكۈنگە قاپسىلىپ قالغان تۆت ئادەمنى كۆرۈپ، دەرھال ماشىنىنى ئېقىن بۇيىغا توختاتتى-دە، ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنى مەسلەتلەشتى، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان تىكەن قۇدۇق كەنتى 3-گۇرۇپىسىنىڭ باشلىقى مۇتەلىپ توقسۇن، كەنت ئاھالىسى رەخمىتۇللا، موللا قۇۋان بىلەن بىر چېگرا مۇداپىئە ساقچىسى يېتىپ كېلىپ، كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ياردەملەشتى. ئۇلار چوڭ كەلكۈن تېخى كەلمىگەن پەيتتىن پايدىلىنىپ، يېرىم مېتىر چۇڭقۇرلىقتىكى سۇنى كېچىپ، ئاخىرى قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇلار بىر سائەتتىن ئارتۇق تىرىشىش ئارقىلىق، ھېلىقى تۆت ساياھەتچىنى بىخەتەر جايغا ئېلىپ چىقتى.