ئويلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
  ئەزا بۇلۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 17897|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۆڭۈل باشلىغان يول...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

(http://bbs.oylirim.cn)( M- b! j4 |6 F. x* `6 g% {
(http://bbs.oylirim.cn): ]4 Z* C, e1 L
(http://bbs.oylirim.cn); }  X) Q4 H' ~% N' }) a$ hئوقۇشۇم ئاخىرى تۈگىدى. ئۆيۈمگە قايتىدىغاننىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ يۈرگەن كۈنلەر بولغاچقا ناھايىتى خۇشال ئىدىم. نەرسە - كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆيدىكىلەرگە سوۋغا – سالام ئېلىپ، يۈك - تاقلىرىمنى تەييار قىلىپ، ئۆيگە كېتىشنىڭ تەييارلىقى بىلەن ھەلەك ئىدىم. ئاتا - ئانامنى، دوست - بۇرادەرلىرىمنى كۆرۈشنىڭ خوشاللىقىدا يۈرىكىم ئويناپ، ناخشا ئېيتقۇم كېلىپلا تۇراتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)- }) W- b$ F  S! h% ~«ئۆگۈنلۈككە ماڭىمەن» دېگەن كۈنى ئانامدىن تېلىفۇن كېلىپ قالدى. مەن خۇشال ھالدا تېلېفۇننى ئېلىپ:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ داداملار ياخشىمۇ؟ قاراڭ ئانا، مەن بۈگۈن ئۆيگە كېتىدىغان بولدۇم. ئوقۇشۇم تۈگىدى...- دەپ تۇرۇشۇمغا تېلېفۇندىن يىغا ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇ دەقىقىدە قانداقتۇر بىر شۇملۇق كۆڭلۈمگە سايە تاشلاپ، يۈرىكىم ئاغدى. گەپتىن توختاپ جىممىدە تۇردۇم. يىغا ئاۋازىنى قايتا دەڭسىدىم، «خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ يا...» دېگەنلەرنى ئويلاپ، جىممىدە تۇرۇپ قۇلاق سالدىم. توغرا، سەزگۈلىرىم مېنى ئالدىماپتۇ، ئانام ھەقىقەتەن يىغلاۋېتىپتۇ. ئانامنىڭ يېنىدا يەنە ئاللىكىملەرمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يىغلاۋېتىپتۇ.
(http://bbs.oylirim.cn)! [; j# k9 m' }2 O% \8 J, q-نېمە بولدىڭىز ئانا؟ نېمىشقا يىغلايسىز؟ گەپ قىلىڭە، زادى نېمە ئىش بولدى؟...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئانام سورىغان سۇئاللىرىمنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ، يەنىلا مىشىلداپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ گەپ قىلمىغانسېرى جىددىيلىشىپ، تىت – تىت بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. پۈتۈن ھۇجۇدۇم قۇلاققا ئايلىنىپ، تېلىفۇندىن بىر سادا كېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتىم.
(http://bbs.oylirim.cn)3 q2 V8 X: |" N* }ئانام بىر ھازا مىشىلداپ يىغلىدى، ئاندىن ئېغىر بىرنى تىنىۋېلىپ ئېغىز ئاچتى:
(http://bbs.oylirim.cn)) X: Y* r! o4 @. r: Z% G( l: i-بالام، يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بولساڭ ئارتۇق گەپ قىلىپ كۆڭلۈڭنى بىسەرەمجان قىلماي. كەلگەن ۋاقتىڭدا كۆرۈشەيلى...- دېدى.
(http://bbs.oylirim.cn)) t: o# m& |9 }0 i) Y( vبۇنى ئاڭلاپ جىددىيلىكىم ھەسسىلەپ كۈچەيدى. شۇ تاپتا يىغلىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ تۇراتتىم.
(http://bbs.oylirim.cn)  ~- H$ b' }. o' e6 q-ياق، ياق ئانا، ماڭا دەپ بېرىڭ، زادى نېمە ئىش بولدى؟ مېنى بۇنداق ئەنسىرەتمەڭ جېنىم ئانا... گەپ قىلسىڭىزچۇ!...- دېدىم مەن يىغلامسىراپ تۇرۇپ. ئانام:
(http://bbs.oylirim.cn)% A8 e$ ^# R9 {3 Z* N2 i-بولدى بالام، كەلگەندە بىلسەڭمۇ بولىدۇ. بەرىبىر بولغۇلۇق بولۇپ بولدى، سەن بىلسەڭمۇ ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيسەن...- دېگىنىچە يەنە ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى. بۇ ھال مېنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ، ئەقلىمدىن ئازغۇدەك ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتاتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئادەمنى بۇنداق قىينىماي گەپ قىلسىڭىزچۇ! زادى نېمە ئىش بولدى؟ زەردە بىلەن ۋارقىراپ سالغىنىمنى شۇ گەپنى دەپ بولۇپ ھېس قىلدىم. بىراق ئانام گەپ قىلماي يىغلاۋەرگەچكە ھەقىقەتەن تاقەت قىلىپ تۇرالمىدىم. ئانام يىغىدىن ئۆزىنى توختىتالمىغان ھالدا:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-سېنىڭ دۇنيالىقتىكى بىردىن - بىر ئاغىنەڭ... ئەڭ يېقىن دوستۇڭ ئادىل... ئۇ... ئۇ بىزنى تاشلاپ كەتتى... بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى...- دېدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇنىڭدىن كېيىنكى گەپلەر قۇلىقىمغا كىرمىدى، ئانام يەنە نېمىلەرنى دېدى، بۇنى ئىلغا قىلالمىدىم. بىراق قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىغان بۇ گەپلەرگە ئىشىنىشكە ئامالسىز ئىدىم. يۇرتقا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش، ئۇزۇندىن بىرى يىغىلىپ قالغان گەپلىرىمىزنى دېيىشىپ، مەھەللىمىزنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن تەڭ نەپەس ئېلىشنى قانچىلىك ئارزۇ قىلغان ئىدىم ھە؟! ئۇنىڭغا ئالغان سوۋغاتلارنى ئۆز قولۇم بىلەن بېرىپ، خۇشاللىقىغا تەڭ جۆر بولماقچى ئىدىمغۇ!؟ ئەمما ئانام ئۇنى «بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى» دەۋاتىدۇ. بۇ «ئۆلدى» دېگەن گەپقۇ؟! ئۇ قازا قىلغانمىدۇ؟ ياكى...
(http://bbs.oylirim.cn)) _+ u% Q# w( Z5 b0 r7 q6 X+ Oتېلېفۇننى قانداقلارچە قويۇۋەتتىم، ياكى ئانام گېپىنى دەپ بولۇپ ئۆزى قويۇۋەتتىمۇ، بىلمەيمەن. ئېسىمگە كەلگەن چېغىمدا قولۇمدا تېلېفۇن ئەمەس، بەلكى ئادىلغا ئاتاپ سېتىۋېلىپ، ئۇزۇندىن بىرى يېنىمدا ساقلاپ كەلگەن ئىككى تۈپ توغراق تۇراتتى. گەرچە ئۇ ھەقىقىي توغراق بولمىسىمۇ، توغراققا ئوخشىتىپ ياسالغان مودىل ئىدى. بۇ ئىككى تۈپ توغراق بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ ئۆسكەن ھالەتتە بولۇپ، مېنىڭ نەزىرىمدە ئادىل بىلەن ئىككىمزگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
(http://bbs.oylirim.cn): P: b* J, p# dئانامنىڭ گەپلىرى ئېڭىمدا بار، بىراق ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم، چۈنكى ئادىلدىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئۇخلاپ چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. تۇيۇقسىز كاللامدا چاقماق چاققاندە بىر خىيال پەيدا بولدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
«كېتىش كېرەك، تىزدىن يۇرتقا كېتىش كېرەك. ھەر قانچە بولسىمۇ ئانام بۇنداق ئىشقا چاقچاق قىلماس... ئەجەبا راستىنلا...»(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئويلاپ شۇ يەرگە يەتكەندە دەررۇ يولغا چىقىش نىيىتىگە كەلدىم ۋە قولۇمدىكى بىر جۈپ توغراق مودىلىنى ئالدىراپ سومكامغا سالدىم. ئاندىن تەييار بولغان نەرسىلىرىمنى ئېلىپ، تەييارسىزلىرىنى شۇ پېتى قويۇپلا يولغا چىقتىم.
(http://bbs.oylirim.cn); E  R- Q" t. Y) b2 G& qجىددىيچىلىك ئىچىدە بېكەتكە يېتىپ كەلدىم، سۈرۈشتۈرسەم يۇرتقا بارىدىغان ماشىنىدىن بىرسىلا قاپتۇ. مەن يۈك – تاقىلىرىمنى يۇلۇچىلار كۈتۈش زالىدىكى ئورۇندۇقلاردىن بىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، بېرىپ بىلەت ئالدىم. بىراق ماشىنا يەنە ئىككى سائەتتىن كېيىن ماڭىدىغان بولغاچقا، ۋاقىتنى كۈتۈش زالىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى. ئەمما بۇ ئىككى سائەت مەن ئۈچۈن خۇددى ئىككى يىلدەك ئۇزاق بىلىنىپ، تولىمۇ تەسلىكتە ئۆتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاخىرى يولغا چىقتۇق. ماشىنا يەڭگىل تەۋرىنىپ ماڭماقتا ئىدى. ئىختىيارسىز بالىلىقىمدىكى دەملەر خۇددى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. ئادىل ئىككىمىزنىڭ مەھەللىمىزدىكى توپىلىق يولدا قوغلىشىپ ئوينىغانلىرىمىز، ئىگىسى ئۇخلاپ قالغان قوغۇنلۇققا ئوغرىلىققا كىرگىنىمىز، قوغۇننىڭ ئىگىسى ئويغىنىپ كېتىپ، بىزنى تۇتىۋېلىپ توغراققا باغلاپ قويغانلىرى، ئۆمۈرلۈك جانجىگەر دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈش ھەققىدە بېرىشكەن ۋەدە-قەسەملىرىمىز، ھەتتا ئاكا-ئۇكا بولۇشۇپ يۈرگەنلىرىمىز خۇددى تۆنۈگۈنكى ئىشتەكلا ئىسىمدە ئىدى. تېخى ئۇنىڭ «ئاداش، ئاتا - ئانىمىزغا دەپ قويايلى، بىز ئۆلگەندە ئككىمىزنى بىر يەرلىككە قويسۇن» دېگەندەك غەلىتە، ئەمما ئىنتايىن سۆيۈملۈك گەپلىرى بار ئىدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىز چوڭ بولۇپ، ياشلىق مەۋسۈمىگە قەدەم قويدۇق. مەن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم. ئادىل بولسا ئائىلە ئىقتىسادى سەۋەبىدىن، يەنە كېلىپ  ئاتا – ئانىسى كېسەلچان بولغاچقا تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن توختىدى. مەن تولۇق ئوتتۇرىنى شەھەردە تاماملىدىم. ئۇ چاغدا ھەر ھەپتىدە كۆرۈشۈپ تۇرالايتتۇق، لېكىن ئالىي مەكتەپ چاقىرىقى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا بىر كەتكەنچە ئالتە ئاي بولغاندا ئاندىن كېلەلىدىم. مەن كەلگەندە ئادىل باشقا شەھەرگە ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن ئىكەن. تېلېفۇندا ئالاقىلىشاي دېسەم، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ تېلېفۇن نۇمۇرىنى بىلمەيدىكەن. تاكى تەتىل توشۇپ، مەن مەكتەپكە قايتقۇچىمۇ ئۇنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇ كۆرۈشمىگەنچە، ئارىدىن ئىككى يېرىم يىل ئۆتۈپتۇ. بۇ جەرياندا ئۆزىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولغان، ئەمما ئىمكانىيەت بولمىغان دوستۇمنىڭ مانا بۈگۈن شۇم خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. بۇرۇنقى شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىدا بىر دەمگىنە ئەيللەيلەنگەن بولساممۇ، ئەمدىكى ھاياتىمدا، رىئال تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن ھەمدە ماڭا شۇم خەۋەر بولۇپ يېتىپ كەلگەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلىش ماڭا ھەقىقەتەن قېيىن بولۇۋاتاتتى. ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا قانچە تىرىشقان بولساممۇ بۇ مۇسىبەت ماڭا بەكلا ئېغىر كەلدى. چوپ-چوڭ يىگىت بولۇپ قالغىنىمغا قارىماي، كۆز يېشىمنى توختىتالمىدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇنداق قىلىپ، 24 سائەتكە سوزۇلغان ئۇزۇن سەپەرنى مىڭ جاپادا تاماملاپ ئۆيگىمۇ كەلدىم. لېكىن، شۇنچە ئالدىرىغىنىمغا چۇشلۇق ئادىلنىڭ مېيىت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىدىم. ئۆيگە كىرگىنىمدە ئانام، داداملا يوق ئىكەن. مەنمۇ نەرسە - كېرەكلىرىمنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپلا دەرھال ئادىلنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىلىگە ئاق باغلىۋالغان ئەرلەر، بېشىغا ئاپئاق ئۇزۇن ياغلىقلارنى تاشلىۋالغان ئاياللار ئادىلنىڭ ئۆيگە كىرىپ - چىقىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىشىك تۈۋىگە كېلىشىم بىلەن ھويلا ئىچىدىن يىغا – زارە ئاڭلاندى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ يۈرىكىمنىڭ قات – قاتلىرىدىن ئازاب، سېغىنىش، ھەسرەت ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خىل دەرتلىك پىغان ئۆرلەپ، ئىچ – ئىچىمدىن يىغا قىستىدى. جانجىگەر دوستۇمغا بولغان سېغىنىش ھېسسىياتى ۋە مۇسىبەت قايغۇسى ئىچىدە چاناققا سىغماي قۇتراۋاتقان كۆز يېشىمنى مەيلىگە قويۇۋەتتىم...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقا تەرىپىدە يوغان بىر تۈپ سۆگەت دەرىخى بولىدىغان. بۇ بەكلا قېرى سۆگەت بولۇپ، باراقسان ئۆسكەن شاخلىرى ھەريان يېيىلىپ، خېلى كەڭرى دائىرىگىچە سايە تاشلايتتى. بۇ سۆگەت تۈۋى ئادىل ئىككىمىزنىڭ تالاي ئەسلىمىلىرىمىز ۋە بالىلىقىمىزنىڭ شاھىدى، شۇنداقلا مۇھىم ئىشلىرىمىزنى مەسلىھەتلىشىدىغان، دەرتلىرىمىزنى تۆكۈشۈپ، ھال – مۇڭ بولۇشىدىغان جايىمىز ئىدى. بۇ جاي بىزنىڭ تالاي خۇشاللىقىمىزغا، نۇرغۇن ئارزۇ – ئارمانلىرىمىزغا، كۆڭۈل سىرلىرىمىزغا گۇۋاھچى بولغان. بۇ جاي بىزنى مىڭلىغان گۈزەل تۇيغۇلىرىمىز بىلەن باغاشلاپ، يىگىتلىك مەۋسۈمىگە ئۇزاتقان ئىدى. بىر – بىرىمىزنى ئىزدىسەك، مۇڭداشقىمىز كەلسە كۆڭلىمىز تەبئىيلا شۇ سۆگەت تۈۋىنى تارتاتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)! z3 z' ]$ Y3 Fنېمىشقىكىن قەدىمىم ئىختىيارسىز شۇ سۆگەت تۈۋىنى تارتىپ قالدى. مەن بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ سۆگەت تۈۋىگە كەلدىم. ئۇمۇ خۇددى ئادىلنىڭ مۇسىبىتى ئۈچۈن ھازا تۇتقاندەك مۇڭلىنىپ قاپتۇ. خۇددى ئاتىسى ئۆلۈپ، يېتىم قالغان بالا بوزلاپ يىغلىغاندەك، بوينىنى قىسقان ھالدا شاخلىرىنى لەرزان ئېرغاڭلىتىپ تۇرۇپتۇ. مەن ئاستا كېلىپ ئۇنىڭ يېرىق ھاسىل قىلغان غولىغا، قاتتىق قوۋزاقلىرىغا يۈزۈمنى ياقتىم، شۇ ھامان ئەمدىلەتىن توختىغان كۆز يېشىم سەل بولۇپ ئاقتى...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئادەم بەدىنىنى مېڭە كونترول  قىلىدۇ. بىراق شۇ تاپتا مېڭەم يۈرۈگۈمنى، كۆزۈمنى كونترول قىلىشقا ئاجىز كەلدى. دادام دائىم «ئوغۇل بالا دېگەن يىغلىمايدىغان» دەپ ماڭا مەدەت بېرەتتى ۋە يىغلىشىمنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتى. لېكىن ھازىر ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىمنى ئۆزۈمگە قانچە ئەسكەرتىپ تۇرساممۇ يىغلىماسلىققا ئىلاجىم بولمىدى. ئوغۇل بالىنىڭمۇ يۈرىكى گۆشقۇ؟ ئۇنىڭمۇ ئازابلىنىدىغان، يېقىنلىرىدىن ئايرىلغاندا چىدىمايدىغان، سېغىنىش تۇيغۇسىدا پۇچۇلىنىدىغان چاغلىرى بولىدۇغۇ؟! بۇنداق ئېغىر يوقۇتۇشقا «يىغلىمايمەن» دەپلا چىداپ كەتكىلى بولامدۇ؟!...
(http://bbs.oylirim.cn)6 R7 Q& S0 w. B9 P4 G0 H8 [ئاتا – ئانام ئۆيدە تۇرغان يۈك – تاقلىرىمنى كۆرۈپ، مېنىڭ قايتىپ كەلگىنىمنى بىلىپتۇ. ئۇلار ئادىلنىڭ ئۆيىدىكىلەردىن ۋە خوشنا – خولۇملاردىن سوراشتۇرۇپ مېنى تاپالمىغاندىن كېيىن «شۇ يەردە بولمىسۇن يەنە!» دېگەن ئوي بىلەن سۆگەت تۈۋىگە كەپتۇ. ئانام مېنى سۆگەت غولىغا ئېسىلىپ يىغلاۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپ:
(http://bbs.oylirim.cn)  e: i) f5 |$ p; F-جېنىم بالام، ئامراق ئادىشىنىڭ دىدارىنى كۆرەلمىگەن غېرىپ بالام...
(http://bbs.oylirim.cn)' @, f- \# K1 S' s$ zدەپ يىغلىغىنىچە، كېلىپ مېنى باغرىغا باستى...
(http://bbs.oylirim.cn)) z. t0 e: @8 O8 k7 O' z: X1 @6 t. uكەچلىك تاماق ئۈن – تىنسىز يېيىلدى. بۇنى «تاماق يېيىلدى» دېگەندىن كۆرە، «تاماق كۆزدىن كەچۈرۈلدى» دېگەن تۈزۈكراق ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)4 `# r8 N* j# l4 Y3 L: \ئانام چىرايلىق چىنىگە يېرىم قىلىپ ئۇسۇلغان، ئاز بولغىنى بىلەن ئېچىلمەي ئاللىقاچان سۇۋۇپ قالغان سۇيۇقئاشنى ئالدىمدىن ئالغاندا ئېغىر خۇرسىنىپ، چىرايىمغا بىچارىلەرچە تىكىلدى. ئۇ داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ يۈك – تاقلىرىمنى جايلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھوجرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ۋە ھايالشىمايلا بىر خاتىرىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-بالام، دېدى ئانام كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ،- بۇ خاتىرە دوستۇڭ ئادىلنىڭ ساڭا قالدۇرغان يالدامىسى - كۈندىلىك خاتىرىسى ئىكەن. پەقەت سېنىلا كۆرسۇن دېدى... كۆز يۇمۇش ئالدىدا ئېيتقان ئاخىرقى گېپىمۇ شۇ بولدى...
(http://bbs.oylirim.cn)+ d( v+ E0 G/ l$ l  |% ~2 _2 e8 Aئانام شۇ گەپلەرنى ئېيتىۋاتقاندا مارجاندەك ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ ئاقتى. ئۇ خاتىرىنى ماڭا ئۇزاتتى. مەن تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن خاتىرىنى ئاۋايلاپ ئالدىم ۋە خاتىرە يۈزىدىكى «بۇ خاتىرە قىيامەتلىك دوستۇم ئەكبەرگە تېگىدۇ» دەپ يېزىلغان خەتكە كۆز يۈگۈرتتۈم. شۇ ھامان يۈرىكىم ئاغدى، خۇددى ئادىل ئالدىمدا ماڭا كۈلۈمسېرەپ قاراۋاتقاندەك، خاتىرىنى ئاچسام ئۇنىڭ ئىچىدىن ئادىل چىقىپ كېلىدىغاندەك تۇيۇلۇپ، كۆڭلۈمدە كۈچلۈك بىر تەقەززالىق تۇيغۇسى ئويغاندى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
خاتىرە مىكرو قۇلۇپلۇق بولۇپ، ئۇنىڭغا مەخپى شىفىر سېلىنغان ئىدى. مەخپى شىفىر قانچە بولغىيدى؟ ئادىلنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، يېشى، مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، بىز ئايرىلغان ئاشۇ كۈننىڭ چىسلاسى... ھېچقايسىسى ئەمەس ئىدى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى ئون يىللار ئىلگىرى ئىككىلىمىز ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۆرگەن، ھەتتا ئۆزىمىزنى ئوبرازىغا ئوخشۇتۇپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئامراق بولغان 007 ناملىق فىلىم يادىمغا يەتتى. شۇ چاغلاردا مەن دائىم «چوڭ بولسام 007 دەك ئادەم قالتىس بولىمەن» دەيتتىم. ئادىلمۇ تولا ۋاقىتلاردا ماڭا ئامراقلىق قىلىپ، ئىسمىمنى چاقىرماي «007» دەپلا چاقىراتتى. شۇ ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتۇپ قۇلۇپقا 007 دېگەن نۇمۇرنى كىرگۈزدۈم، دېگەندەك مىكرو قۇلۇپ ئېچىلىپ كەتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
خاتىرىنىڭ بىرىنچى بېتىنى ئاچتىم. ئۇنىڭغا مۇنداق قۇرلار پۈتۈلگەن ئىدى:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جانجىگەر ئاغىنەم ئەكبەر، قانداق ئەھۋالىڭ؟ ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟ بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە، سېنى بەكمۇ، بەكمۇ سېغىندىم...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
خاتىرىنىڭ تۇنجى بېتىگە، بارى – يوقى ئىككىلا قۇرغا يېزىلغان خەتنى كۆرۈپ، ئۆپكەم ئۆرۈلدى. تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىغان كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىپ، يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرماقتا ئىدى. ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋالغۇم، پۇخادىن چىققۇدەك، ئىچ – باغرىم بوشىغۇدەك قېنىپ بىر يىغلىۋالغۇم كەلدى. ئەمما دادام بىلەن ئانامنى ئاياپ ئۈنۈمنى چىقىرالمىدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)+ r6 r, O. y2 l- `خاتىرىنى داۋاملىق ئوقۇشقا جۈرەت قىلالمىدىم، چۈنكى ئۇنى ئىچكىرىلەپ ۋاراقلىسام كۆز يېشىم توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئۇنى ئاۋايلاپ يېپىپ، سېغىنىشتا پۇچىلانغان باغرىمغا باستىم.
(http://bbs.oylirim.cn)* g, ~2 ~9 P1 l" eكېچە يېرىمدىن ئاشقان بولسىمۇ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم. قىيا ئوچۇق دېرىزىدىن ئۆي ئىچىگە ئاي نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى. شۇ تاپتا ئۇيقىدىن بىدارمەن، خىيالىمدا يەنىلا ئادىل ئىككىمىزنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرى...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تۇيۇقسىز كۆڭلۈمدە شۇنداق بىر خىيال پەيدا بولدى. ئادىل زادى قانداق ئۆلدى؟ نېمىشقا بىر ئوبدان تۇرغان ئادەم تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ قالىدۇ؟ بۇ سۇئاللار كاللامنى سەگىتىپ، ئادىلنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەشكە دەۋەت قىلدى.
(http://bbs.oylirim.cn)4 Y$ Q2 y* t8 o4 Tخاتىرە! راست، ئاشۇ خاتىرىنىڭ ئىچىدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بولۇپ قالسىچۇ؟! شۇ ئوي بىلەن ھېلىقى خاتىرىنى يەنە قولۇمغا ئالدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەكبەر، قانداق ئەھۋالىڭ؟ ئوقۇشۇڭ ياخشى كېتىپ بارامدۇ؟ سېنى بەكمۇ سېغىندىم، جېنىم دوستۇم. ئەگەر يېنىمدا بولغان بولساڭ ئىچىمگە سىغمايۋاتقان دەردلىرىمنى راسا بىر تۆكۈۋالاتتىم. ئەپسۇس، ھازىر سەن يوق، شۇڭا ساڭا دېمەكچى بولغان بارلىق گەپلىرىمنى مۇشۇ خاتىرىگە تۆكۈشنى لايىق تاپتىم. سەن بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ خاتىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن ساڭا بېرىمەن. ئەگەر ھازىر خاتىرە قالدۇرىۋالمىسام، سەن بىلەن كۆرۈشكىچە بۇ ئىشلار ھازىرقىدەك ساقلىنىپ قالماسلىقى، ھازىرقى ھېسسىياتىممۇ، كۆڭلۈممۇ بۇ پېتى تۇرماسلىقى مۇمكىن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۈگۈن ئايلىنىپ كىرىش مەقسىتىدە ناھىيە بازىرىغا چىقتىم، لېكىن قايتىش يولىدىكى ماشىنىدا ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇنىڭ سىرلىق قاراشلىرىدىن ھەر قانداق ئادەمنىڭ يۈرىكى لەرزىگە كېلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنى كۆڭۈل قەسرىگە باشلاشنى ئارمان قىلىپ قالاتتى. ئۇ قىز ئوغۇرلۇقچە ماڭا قاراپ، مەن ئوغۇرلۇقچە ئۇ قىزغا قاراپ، بىر – بىرىمىزنى مارىلايتتۇق.
(http://bbs.oylirim.cn)1 E; c2 b" c  T) `! r% N3 qماشىنا خېلى ماڭغاندىن كېيىن يېزىغا يېقىنلاشتى. دېمەك مەنزىلگە ئاز قالغان ئىدۇق. يەنە گەپ قىلمىسام، سەل تۇرۇپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتسەك ئۇنى قايتا كۆرۈش – كۆرەلمەسلىكىمنى بىلمەيتتىم. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراش باھانىسىدا تونۇشۇپ قېلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ھەي، سىز شەھەرلىكمۇ؟ ئىلگىرى سىزنى بۇ يېزىدا كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سورايدىغاننى سوراپ بولۇپ خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم. تەرەببالا بۇنداق سۇئال سوراشنىڭ ئەدەپسىزلىق بولىدىغانلىقىنى قىزنىڭ ئوڭايسىزلىنىپ ئەتراپىغا قاراپ – قاراپ قويغىنىدىن چۈشەندىم. ماشىنىدا ئادەم كۆپ ئىدى، قىزمۇ چاندۇرماي:
(http://bbs.oylirim.cn); B- _6 G+ Y7 ?7 |+ Z. W-ھەئە، شەھەردىن تۇغقان يوقلاپ كىرگەن...- دېدى.
(http://bbs.oylirim.cn): O' K; [1 w5 j, u" ?-تۇغقىنىڭىز بۇ يېزىنىڭ قايسى كەنتىدىن؟- دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، ئارىنى يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-كۆكتاش كەنتىدە،- دېدى قىز ئارانلا ئاڭلانغۇدەك قىلىپ.
(http://bbs.oylirim.cn)7 T4 n  v, E. Q8 E-يولىمىز بىركەنغۇ ئەمىسە؟! مەنمۇ كۆكتاش كەنتىدىن، يول بىر بولغاندىكىن بىللە كېتەيلى، قانداق؟
(http://bbs.oylirim.cn)0 w% F; w& V  {+ u* |" ?قىز خوشياقمىغان بىر قىياپەتتە:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-مەيلى...- دېدى ۋە بېشىنى بۇراپ، دېرىزە تەرەپكە قاراپ بىر ئولتۇرغىنىچە، تاكى يېزىغا كىرگۈچە زۇۋان سۈرمىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)1 _! K  q# P$ ^! J$ e, M; hيېزىدىكى بىكەتكە كىرىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق. مەن قىز بىلەن بىللە ئۈچ چاقلىق كىرا موتوسېكىلىتىغا ئولتۇردۇم، بىز كۆكتاش كەنتىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. كەنتكە يېقىنلاشقاندا مەن قىزغا بىلدۈرمەي ئۆزۈمنىڭ تېلىفۇنىنى تىترەش ھالىتىگە توغرىلاپ قويدۇم ھەمدە «ئىشلىتىۋالاي» دەپ قىزنىڭ تېلېفۇنىنى سورىدىم. قىزمۇ گەپ قىلماي سومكىسىدىن قول تېلېفۇنىنى چىقىرىپ ماڭا بەردى. مەن ئۇنىڭ تېلېفونىغا ئۆزۈمنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىنى كىرگۈزدۈم ۋە ئۇلاش كۇنۇپكىسىنى باستىم، ئاندىن پادىچى شىمىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالغان قول تېلېفۇنۇم دىررىدە تىترىگەندىن كېيىن تېلېفۇننى ئۈزىۋەتتىم.
(http://bbs.oylirim.cn); i7 v9 x  Y) A/ pقىز كەنت ئېغىزىدىكى دوقمۇشتا موتوسېكىلىتتىن چۈشۈپ قالدى. تۇغقىنىنىڭ ئۆيى مۇشۇ ئەتراپتا بولسا كېرەك، ئۇ «خوش» دېگەن مەنىدە ماڭا سۇسقىنە باش لىڭشىتىپ قويۇپ، ئۇششاق چامداپ كېتىپ قالدى. ئاڭغىچە شوپۇر موتوسېكىلىتنى ئوت ئالدۇرۇپ ھەيدەپ ماڭدى. خېلى يىراقلارغا كەتكىچە بوينۇمنى سوزۇپ قاراپ ئولتۇرغان بولساممۇ ئارىلىق يىراقلاپ كەتكەچكە قىز كىرىپ كەتكەن تەرەپنى كۆرۈۋالالمىدىم. شۇنداقتىمۇ بەكلا خۇشال ئىدىم. سەن يېنىمدا بولغان بولساڭ بەكلا ياخشى بولاتتى. بۇ گەپلىرىمنى ساڭا ئېيتىپ بەرسەم، سەن ماڭا مەسلىھەت بەرسەڭ، كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش، قىزنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئۇتۇش دېگەندەك ئىشلاردا سەن ماڭا يول كۆرسەتسەڭ ياخشى بولاتتى، جېنىم ئاغىنەم. «»
(http://bbs.oylirim.cn)/ l, s, r- @( @" d% z. W9 Kشۇ         چاغدا ئويلاپ قالدىم، ياخشى كۆرۈش دېگەن مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ؟ نېمانچە شىرىن تۇيغۇ، نېمانچە تاتلىق سېغىنىش ھە؟!
(http://bbs.oylirim.cn)3 I9 ~2 Q& i- H7 I! L7 `1 iقىزغا بولغان كۆڭلۈمنى قانداق بىلدۇرەرمەن؟ ئۇ مۇھەببىتىمنى قوبۇل قىلارمۇ؟ بولدىلا، «باشقا كەلگەندە باتۇر» دەپتىكەن، ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولار. ئاداش، كېيىنچە كۆرۈشەيلى. ئاللاغا ئامانەت!
(http://bbs.oylirim.cn)4 X0 S& v" }& `, u+ B1 aشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ قەلبىمنى ئىختىيارسىز بەختىيارلىق، خۇشاللىق تۇيغۇسى چۇلغىۋالدى. ئەڭ يېقىن ئاغىنەمنىڭ مۇھەببەت كوچىسىغا قەدەم باسقىنى، تۇنجى مۇھەببەت تۇيغۇلىرىنى، باش قېتىنچىلىقى ۋە بارلىق ئىستەكلىرىنى ماڭا بىلدۈرگۈسى كەلگىنى، مۇشۇنداق چاغدىمۇ تۇنجى بولۇپ يەنە مېنى ئېسىگە ئالغىنى مېنى قەۋەتلا خۇشال قىلدى.
(http://bbs.oylirim.cn)* ~! @: |$ }% |# |  e! j  mخاتىرىنىڭ كېيىنكى بېتىنى ئاچتىم...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئەسسالام دوستۇم، قانداق ئەھۋالىڭ؟ بۈگۈن ساڭا بىر خۇشخەۋەر ئېيتاي، مەن ھېلىقى قىز بىلەن ھەقىقىي تونۇشتۇم. ئۇنىڭ ئىسمى گۈلمىرە بولۇپ، ناھايتى ئاقكۆڭۈل، ئوچۇق - يورۇق قىز ئىكەن. مىجەزى بەكلا شوخ دېگىنە! بىز كۈندە دېگۈدەك تېلېفۇنلىشىپ، مۇڭدىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى چىقىشىپ قالدۇق. ھازىر مۇھەببەت ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتىمىز، دېسەم ھەرگىز ئارتۇق بولمايدۇ. ئۇنى بىردەم كۆرمىسەم چىدىمايمەن، ئۇ مېنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي رام قىلۋالدى. مەنمۇ ئۇنىڭدەك چىرايلىق بىر قىز دوستۇمنىڭ بولغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال. ئىشقىلىپ ھازىر ئىشلار ياخشى.
(http://bbs.oylirim.cn)( u3 P3 A7 Q6 e# e* ?* G+ S0 \( Qھە راست، بۈگۈن ئۇ مېنى چاقىرتىپ «بىللە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرەيلى، مېنىڭ ئاكىلىرىم ھەممىسى شۇ يەرلەردە كاۋاپچىلىق قىلىدۇ ھەم ئاشخانا ئاچىدۇ. خالىساڭ بىللە كىرىپ ئازراق ئوقەت قىلىپ، پۇل تېپىپ چىقايلى. مەن توي ئىشىمنى يەنە بىر - ئىككى يىلدىن كېيىن ئاندىن ئويلىشىمەن، شۇنىڭغىچە ئىككىلىمىز بىر ئاز پۇل يىغىۋالايلى، توي قىلساقمۇ ھەممە ئېغىرىمىزنى چوڭلارغا سالساق ياخشى بولماس. ئەگەر سىز كىرىشنى خالىمىسىڭىز ئۆزۈم يالغۇز مېڭىۋېرىمەن. ئاكىلىرىمغا ياردەملەشمىسەم بولمايدۇ. ئۇلار ئاشخانىغا يەنە ئىككى ئادەم لازىم دېگەنىدى. شۇڭا سىزنىمۇ كىرسۇنمىكىن دەپ ئويلىدىم» دېدى. قانداق قىلىشىمنى بىلمىدىم، بېشىم بەكلا قاتتى. ئاتا - ئانامغا مەسلىھەت سالسام، ئۇلار: «ئوغۇل بالا دېگەن جاھان كۆرگۈلۈك، بوپتۇ، كىرسەك كىرگىن» دېدى، ئەمما مېنىڭ پەقەتلا كىرگۈم يوق. كىرمىسەم گۈلمىرەدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن. زادى قانداق قىلسام بولار؟
(http://bbs.oylirim.cn)* d8 t- N; U: f2 B0 u8 J8 o# _بولدىلا، تەۋەككۈل قىلىپ كىرىپ باقاي، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم! قالغىنىنى كېيىن كۆرەرمەن. كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى بۇ خاتىرىگە يېزىۋېلىپ، ئوچۇقراقىنى ئېيتسام ساڭا دەۋېلىپ خېلى ئىچىم بوشاپ قالدى. ئەمىسە ئاللاغا ئامانەت ئاداش! كېيىن كۆرۈشەيلى!(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. مەن چېغىمدا نەچچە يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇش زۆرۈرىيىتى بىلەن كىرىپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىگە تەستە كۆنگەن تۇرسام، ئۇنىڭدەك تۈزۈك ئوقۇمىغان، خەنزۇ تىلىنى ئانچە بىلمەيدىغان، نەزەر دائىرىسى تار ھەم بىلىدىغانلىرى ئاز بىر بالىنىڭ ئۇ يەرلەردە جاھاندارچىلىق قىلمىقى ئاسانمۇ؟ بۇ قىز ئۇنى نېمىشقا شۇ يولغا باشلايدىغاندۇ؟ كېيىن قانداق بولغاندۇ؟ شۇ قىزىقىشلار ئىلكىدە ئىختىيارسىز خاتىرىنىڭ كېيىنكى بەتلىرىگە نەزەرىمنى ئاغدۇردۇم.
(http://bbs.oylirim.cn): A) {/ j4 ]: r  U-ئەكبەر، ياخشى تۇرۋاتامسەن ئاداش؟ مەن ئاخىرى ئىچكىرى ئۆلكە دېگەن بۇ يەرگە كىردىم. بۇ يەر ناھايتى گۈزەل ئىكەن، ئېگىز - ئېگىز بىنالار، يېشىل چىملىقلار كۆزلەرنى قاماشتۇرىدۇ دېگىنە. بىزنىڭ يۇرتتا ماشىنا، موتوسېكىلىتلار يولدىن ئۆتۈپ قالسىمۇ چاق ئاستىدىن ئۆرلىگەن توپىلار ئۆيگىچە كىرىپ، يوتقان – كۆرپە، تام - تورۇسلارغا قونىدىغان، بىراق بۇ يەردە ئۇنداق ئاسمانپەلەك ئۆرلەيدىغان توپا – تومانلار يوق، ھەتتا كىيىم - كېچەكلەرمۇ ناھايتى پاكىزە تۇرىدىكەن. سەنمۇ مۇشۇنداق پاكىزە ھەم گۈزەل شەھەردە ئوقۇۋاتقانسەن ھە؟ ئىككىمىز مۇشۇ شەھەردە ئۇچرىشىپ قالغان بولساققۇ بەك ياخشى بولاتتى. يېنىمدا بولۇشۇڭنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن جېنىم ئاداش!
(http://bbs.oylirim.cn)- c, @& Z3 ?. P: fبۇ يەرگە كىرگىنىمگىمۇ ھەش - پەش دېگۈچە بىر ئاي بولۇپ قاپتۇ، بۇ بىر ئايدىن بىرى كۈنلىرىم ئويۇن - تاماشا بىلەنلا ئۆتىۋاتىدۇ. پۇلنى قانچىلىك خەجلىسەم گۈلمىرەنىڭ ئاكىسى ئايىماي بېرىدۇ، نېمە ئىش قىلىمەن دېسەم رايىمغا قويىدۇ. تېخى ئۆيۈمدىكىلەرگە ئىككى مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بەردىم. ھازىر كۈنلىرىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ. سېنىڭمۇ كۈنلىرىڭگە خۇشاللىق يار بولسۇن! خوش ئاغىنە!
(http://bbs.oylirim.cn)8 b9 R, J' G' G+ S/ K: ?بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ئىنتايىن بىئارام بولدۇم. ئاتايىن شۇنچە يىراقتىن بىر ئادەمنى ئىچكىرىگە ئەكىرىپ، بىكارغىلا خەجلىشىگە پۇل بېرىپ، ئويۇن – تاماشاغا سېلىپ قويىدىغان ئىش بولامدۇ؟ بۇ سېخىلىقنىڭ كەينىگە بىر شۇملۇق يۇشۇرۇنغانمۇ قانداق؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن ئالدىراپلا كېيىنكى بەتنى ئاچتىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئىنساننىڭ بېشىغا ھەر قىسما كۈنلەر كېلىدىكەن، ئاداش. بېشىمغا كەلگەن ئىشلارنى ساڭا دەي دېسەم تېخى، دېمەي دىسەم تېخى. بولدىلا، ساڭا دېمىسەم كىمگىمۇ دەيمەن!؟ ئەڭ يېقىنىم، ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمىم، مېنى چۈشىنىدىغان، ھالىمغا يېتىدىغان كىشىممۇ پەقەتلا سەنغۇ ئاخىر! بۇ خاتىرىگە كۆڭۈل سىرلىرىمنى تۆكۈشكە پېتىنالماي ئارىدىن ئون ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۈگۈن ساڭا بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي، لېكىن مەندىن يىرگەنمە، جېنىم دوستۇم. مەن يامان يولغا كىرىپ قالدىم، بۇ ئشلارنى ساڭا دېيىشكە پېتىنالماي كەلگەن ئىدىم. ئەمدى ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە سەندىن يەنە نېمىسىنى يۇشۇرارمەن!؟ ئەمدى يۇشۇرساممۇ يۈرەككە پاتمايدۇ، شۇڭا بۈگۈن ھەممىنى دەيمەن.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ خاتىرىنىڭ ئالدىنقى بېتىنى يېزىپ ئۇزۇن ئۆتمەي گۈلمىرە بىلەن بازار ئايلانغىلى چىقتىم. ئىككىمىز بازار ئايلىنىپ، مېڭىپ -مېڭىپ ئادەم كۆپ توپلاشقان بىر كىيىم - كېچەك بازىرىغا كېلىپ قالدۇق. مەن باشتا گۈلمىرەنى كىيىم ئالىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، بىراق ئۇ شۇنچە ئايلىنىپمۇ بىرەر تال كىيىم سېتىۋالمىدى، ھەتتا بىرەر پايپاققا چاغلىق نەرسە كۆرمەي، قارىسىغىلا ئايلىنىۋەردى. مەن ئەجەبلىنىپ ئۇنىڭدىن بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى سورىدىم، ئۇ ماڭا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرىۋېرىپ بەك زېرىكىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بىردەم بازار ئايلانغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن گەپ قىلماي ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىۋەردىم. نېمىشقىكىن، گۈلمىرە مەن بىلەن ئىككى - ئۈچ مىتىر ئارىلىق قويۇپ ماڭاتتى. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن قالماي دەپ ىېلى تىز مېڭىپ باقساممۇ ئۇ ھامان مېنى كەينىدە قالدۇرۇپ كېتىۋېرەتتى.
(http://bbs.oylirim.cn)$ @9 o0 o7 f4 c. oبىر چاغدا ئۇ تېلېفۇندا سۆزلەشكەچ ئۇدۇل تەرەپتىن پىيادە كېلىۋاتقان بىر خەنزۇ قىزغا سوقۇلۇپ كەتتى. بۇنى سوقۇلۇپ كەتتى دېگەندىن كۆرە قەستەن سوقۇلدى، دېگەن تۈزۈك ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسى سوقۇلۇپ كەتكۈدەك زىچ ئەمەس، يەنە كېلىپ كوچىدا ئادەم شالاڭ ئىدى. خەنزۇ قىزنىڭ مۈرىسىگە ئېسىۋالغان سومكىسى بىلەن قولىدىكى تېلېفۇنى يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۆزىمۇ سەنتۈرۈلۈپ يىقىلغىلى تاسلا قالدى. مەن تىزلىكتە بېرىپ قىزدىن كەچۈرۈم سورىدىم ھەمدە يەرگە چۈشكەن سومكىسىنى ئېلىپ قېقىشتۇرۇپ، قولىغا تۇتقۇزدۇم. قىز سەل نارازى بولغاندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈردى، ئەمما تىزلا ئېچىلىپ، ماڭا بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ كېتىپ قالدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بىز ئازراق ماڭغاندىن كېيىن بىر خۇيزۇ ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتتۇق. بۇيرۇتقان تاماق بەكلا ئۇزۇندا چىقتى. شۇنىڭغىچە بىز تاغدىن – باغدىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇردۇق. تاماقنى يەپ بولۇپ ھېساۋات قىلىش ئۈچۈن مۇلازىمنى چاقىردىم. شۇ ئارىدا ئىشىكتىن بەش - ئالتە خەنزۇ كىرىپلا گۈلمىرەنى قارا – قويۇق ئۇرۇپ كەتتى. مەن نېمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي دىلىغۇللۇقتا ھاڭۋېقىپلا قالدىم. يەنە قاراپ تۇرسام گۈلمىرە بەك تاياق يەپ كېتىدىغاندەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مەنمۇ ئارىغا چۈشۈپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇشتۇم. ئەمما ئۇلار كۆپ بولغاچقا ئاقىۋەتتە ئېغىر تاياق يەۋالدۇق.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مېنىڭ بېشىم يېرىلىپ كەتكەن، گۈلمىرەنىڭ يۈز – كۆزلىرىگە ئوبدانلا كۆك چۈشكەن ئىدى. نەدىن پەيدا بولدىكىن، بىر دەمنىڭ ئىچىدە بىر توپ ساقچىلار پەيدا بولۇپ، ھەممىمىزنى بىر ماشىنىغا چىقىرىپ ساقچىخانىغا ئېلىپ باردى.
(http://bbs.oylirim.cn)8 @7 G" P) T6 O% Y/ o-مەن ئەرز قىلىمەن، بىز ئۇلارنى تونۇمىساق، يا ھېچقانداق ئۆچ – ئاداۋىتىمىز بولمىسا، بىكاردىنلا ئادەم ئۇرسا بولامدۇ؟ - دېدىم مەن ساقچىلارنىڭ سورىقى باشلانماستىنلا چېچاڭشىپ.
(http://bbs.oylirim.cn)5 E8 j# w  l6 v' ?/ V% x% n! hئۇلار ماڭا كۆزىتىش ئاپاراتىدا سۈرەتكە ئېلىنغان بىر كۆرۈنۈشنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا گۈلمىرەنىڭ ھېلىقى خەنزۇ قىزنى سوقۇۋېتىش كۆرۈنۈشى ئېنىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، گۈلمىرەنىڭ قىزنى سوقۇۋېتىش جەريانىدا ئۇنىڭ سومكىسىدىن پۇل سۇغۇرىۋالغان كۆرۈنۈش بار ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ قالدىم. ساقچىلارمۇ ئاشۇ كۆرۈنۈشنى قايتا - قايتىلاپ بىر نەچچە قېتىم قويدى ۋە:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئەمدى چۈشەندىڭمۇ؟- دەپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)- |5 t$ B4 N6 ?5 Gساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىز ئۇ يەردىن ئايرىلغاندا ھېلىقى خەنزۇ قىز سومكىسىدىكى پۇلنىڭ يۈتكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال 110 غا مەلۇم قىلغان، ساقچىلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، تىزلىكتە شۇ يەردىكى بىر دۇكاننىڭ ئىشىك بېشىغا ئورنىتىلغا كۆزىتىش ئاپاراتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدا خاتىرىلىنىپ ماڭغان كۆرۈنۈشلەردىن خەنزۇ قىزنىڭ پۇلىنى گۈلمىرەنىڭ سوقۇۋالغانلىقىنى دەلىللەپ چىققان. ئاندىن شۇ كۆرۈنۈشتىكى كىيىم – كېچەك ۋە چىراي ئالاھىدىلىكىمىزگە ئاساسەن، يېقىن ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ج خ خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا بىزنى قولغا چۈشۈرۈشنى تاپىلاپ قويۇپ ئۆزلىرىمۇ بىزنى ئىزدەشكە ئاتلانغان. ئۇنىڭغىچە پۇلى يۈتكەن خەنزۇ قىز جەمئىيەتتىكى دوستلىرىدىن بىر نەچچىسىگە تېلېفۇن بېرىپ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە بىزنىڭ چىراي، كىيىم – كېچەك ئالاھىدىلىكىمىزنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان، شۇڭا ساقچىلار ئىزدەپ تېپىپ بولغىچە قىزنىڭ دوستلىرى چاققان كېلىپ، تاماق يەپ ئولتۇرغان يېرىمىزدىن تېپىۋېلىپ، قىزنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىپ بېرىش ئۈچۈن بىزنى بولۇشىغا ئۇرغىنى ئىكەن. تېخى دېيىشىچە، بىزنىڭ تەلىيىمىز بار ئىكەن، ئەگەر ساقچىلار ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كەلمىگىنىدە بىرەرسىمىزنىڭ جېنى ئۇ لۈكچەكلەرنىڭ ئالقىنىدا ئۇ دۇنياغا راۋان بولارمىش. بۇ يەردىكى لۈكچەكلەر مۇشۇنداق قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان قارام نېمىلەرمىش. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم، بىراق ئىشەنمىسەم بولمايتتى. چۈنكى، مەن ئىچكىرىگە كىرگەندىن باشلاپلا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلارغا قاراپ بەزىدە ھەيران بولسام، بەزىلىرىنىڭ سەۋەبىنى، جاۋابىنى بىلەلمەي تېڭىرقايتتىم.
(http://bbs.oylirim.cn)" @) q. W! G8 l) o( G: w; u  f-ئەمدى بۇنداق ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلماڭلار ،- دېدى بىزنى سوراق قىلغان ئېگىز بويلۇق، ئاقپىشماق كەلگەن خەنزۇ ساقچى، - ھازىر دېگەن قانداق دەۋر؟ ئاسماندا تور، يەردە قاپقان بار. قانۇن رەھىمسىز، ئۇ ھەرگىزمۇ «ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىكەن، تىجارەت قىلاي دېسە پۇلى يوق، ئىشلەي دېسە خىزمەت تاپالماپتۇ، شۇڭا ئوغرىلىق قىپتۇ، بوپتۇلا» دەپ يۈرمەيدۇ. ئۇ ئىنتايىن ئادىل، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالايدۇ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ ھوقوقىنى قوغداپ بېرىدۇ، بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!
(http://bbs.oylirim.cn)& I7 Y9 P6 T8 Q9 Z2 J: G- سىلەر ئازسانلىق مىللەت، بىز سىلەرنى ھۆرمەت قىلىمىز،- دېدى يەنە بىر كۆزەينەكلىك ساقچى ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن،- شىنجاڭدا نۇرغۇن ياخشى كىشىلەر بار. ئۇلار ئۆزىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەيدۇ، قان – تەر ئاققۇزۇپ پۇل تېپىپ ھالال ياشايدۇ. سىلەر شۇلاردىن ئۆگىنىشىڭلار كېرەك، بۇنداق خەقنىڭ رىسقىغا چاڭ سېلىپ ياشىساڭلار ھەممىنىڭ نەپرىتىگە قالىسىلەر!...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇلار بىزگە بىر ھازا تەربىيە ئىشلىگەندىن كېيىن قويۇپ بەردى. مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خىجىللىقتىن ئۆلۈۋالغۇدەك بولۇپ كەتتىم. يەرگە كىرىۋالاي دېسەم قاتتىق، ئاسمانغا چىقىۋالاي دېسەم يىراق بىلىنىپ كەتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن گۈلمىرە بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)3 p7 u% G) @/ Q& l-ھەي، نېمىشقا ئوغۇرلۇق قىلىسەن، ھە؟ سېنىڭ زادى نېمەڭ كەم؟ بىز شۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەممۇ؟ گەپ قىلە!؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ كۆزىگە قادالدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ ئىشىڭنى قىلە ماڭ!...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇ مېنى ئىتتىرىۋېتىپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. مەن ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئۆزۈمگە قارىتىش ئۈچۈن تارتىشىمغا، ئۇ غەزەپ بىلەن يۈزۈمگە كېلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق ئۇردى. تۇيۇقسىز تەگكەن قاتتىق شاپىلاقتىن يۈزۈم ۋاششىدە ئېچىشىپ، ئاغرىپ كەتتى. ئالدىمدا تۇرغان بۇ قىزنىڭ ئەينى چاغدا مېنى ياخشى كۆرگەن، مەنمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيگەن گۈلمىرە شۇ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)' V9 z: r" X* D6 B2 H- n-قانداق قىلاتتىڭ؟ مەن شۇنداق ئادەم، ئوغۇرلۇق قىلىمەن، بۇلاڭچىلىق قىلىمەن، نېمە ئىش قىلىپ پۇل تاپقىلى بولسا شۇنى قىلىمەن، گېپىڭ بارمۇ؟ بىلمىگەن بولساڭ ئەمدى بىلىۋال، مەن مانا مۇشۇنداق ئادەم!...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇ غەزەپ بىلەن چالۋاقاپ تۇرۇپ، بار ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاران بېسىۋېلىۋاتقان ئاچچىقىم بىراقلا مېڭەمگە تەپتى. جان ئاچچىققا چىدىماي گۈلمىرەنى بىر كاچات سالدىم. ئۇ قىررىدە چىرقىرىدى، ئارقىدىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ ماڭا غەزەپ – نەپرەت بىلەن قاتۇرۇپ بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن، يۈزىنى ئالىقىنى بىلەن توسقىنىچە يىغلىغان پېتى يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
گۈلمىرە چىقىپ كەتكەن ئىشىككە قاراپ ئۈن – تىنسىز ھالدا بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم. ئىچ – ئىچىمدىن قاپساپ كېلىۋاتقان پىغانىمنى بېسىۋېلىشقا ئامالسىز ئىدىم. شۇ ھالدا يۈرىكىم ئاغرىدى، نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدىم، بۇ يەرگە كىرگىنىم ئۈچۈن مىڭ پۇشايمانلارنى قىلدىم. كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياش سىرغىدى...
(http://bbs.oylirim.cn)1 L0 |. b7 a# I3 G9 qساقچىخانىدا كۆرگەن سىن كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. «بۇ خۇددى كىنولاردا، ھېكايە - رومانلاردا تەسۋىرلەنگەندەك قارا گورۇھلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەتەرلىك ئىشلار ئوخشايدۇ، ئەگەر گۈلمىرە ۋە ئۇنىڭ ئاكىلىرى مېنى قويۇپ بەرمەي، ئوغۇرلۇق ۋە باشقا قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىسا يۇرتۇمغا قايتالمايدىغان، ھەتتا ئاتا - ئانامنىمۇ قايتا كۆرەلمەيدىغان ئوخشايمەن» دەپ ئويلاپ، ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)& z& N* w, s7 f( V& r7 dئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا ئۆينىڭ ئىچىدە، يېنىمدىلا ئاياغ تىۋىشى ئاڭلانغاندەك مەلۇم بولدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئىشىك ئالدىدا ئېگىز بويلۇق سىمىز بىر ئادەم، ئۇنىڭ كەينىدە ئورۇقلىقىدىن گۆردىن ئېچىۋالغان مۇردىدەك كۆرۈنىدىغان قارامۇتۇق يەنە بىر ئادەمنىڭ تۇرغانلىقنى كۆردۈم. ئىككىسى ماڭا چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ سۈرلۈك ھالىتىنى كۆرۈپ، تىلىم گەپكە كەلمەي، يۈرۈكۈم ئېغىزىمغا تىقىلىپ قالدى. ئۈندىمىگىنىمنى كۆرۈپ ھېلىقى ئېگىز بويلۇق بىرلا چامداپ ئالدىمغا كەلدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ھەي لامزەللە، گۈلمىرەنى ئۇرۇپسەنغۇ؟! ئوغۇل بالا تۇرۇپ بىر قىز بالىنى ئۇرغان بارمۇ، ھە؟ نېمە قىلغىنىغا ئۇراتتىڭ؟ گەپ قىلە! ئۇنىڭ يۈز - كۆزلىرىنى كۆكەرتىۋېتىپسەنغۇ!؟(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ چېكەمدىن پۇررىدە تەر قۇيۇلدى. بارى – يوقى بىر تەستەك ئۇرغىنىم ئۈچۈن يۈز – كۆزلىرىنى كۆكەرتىۋېتىپتىمىشمەن. رەڭ قۇتىسى بىلەن ئۇرمىغانتىمغۇ بولمىسا!؟ توغرا، خەنزۇ قىزنىڭ دوستلىرى...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-مەن... ياق، مەن ئۇرمىدىم... گۈلمىرە بازاردا بىر خەنزۇ قىزنى سوقۇۋەتكەن بولىۋېلىپ ئۇنىڭ سۇمكىسىدىكى پۇلىنى ئوغرىلاپتىكەن. شۇ قىزنىڭ دوستلىرى بىزنى تۇتىۋېلىپ ئۇرۇپ كەتتى. گۈلمىرەلا ئەمەس مەنمۇ تاياق يېدىم...
(http://bbs.oylirim.cn)) X1 Q$ x) A, V* L0 Jبازاردا بولغان ئىشلاردىن ئۇلار خەۋەرسىز ئىدى. ئەگەر ئۆزۈمنى ئاقلىمىسام گۈلمىرە يېگەن تاياقنىڭ بەدىلىنى مەن تۆلەيدىغاندەك قىلاتتىم. شۇڭا ئىشنىڭ ئەينەن جەريانىنى دېدىم. بىراق ئۇلار ماڭا ئىشەنمىدى ۋە:
(http://bbs.oylirim.cn)+ V. Q4 S: w8 `0 o1 F-بىزنى كىچىك بالا چاغلاپ قالدىڭمۇ؟ گۈلمىرە سېنى ئۇردى دەۋاتسا، تەپتارتماي تېنىۋېلىپ بارىسەنا؟! – دېگىنىچە مېنى ئۇرۇپ، دەسسەشكە باشلىدى. يالۋۇرۇشلىرىم بۇ ياۋۇزلارغا كار قىلمىدى، ئۇلارنىڭ بازغاندەك مۇشت – تېپىكلىرى ئاستىدا تۈگۈلۈپلا قالدىم...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تاياق دەستىدىن ھۇشۇمدىن كېتىپتىمەن، ھۇشۇمغا كېلىپ ئۆزۈمنى دوختۇرخانىنىڭ بالنست ياتىقىدا كۆردۈم. بېشىمدا گۈلمىرە ئولتۇراتتى، ئۇنى كۆرۈپ يۈرىكىم «قارت» قىلىپ قالدى. ئۇ ماڭا بىر ھازا تەسەللىي بېرىپ كۆڭۈل قويغاندىن كېيىن، ئوغۇرلۇقنىڭ پايدىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىدىغان كىرىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىر مۇنچە سۆزلىدى. ئەگەر ئۇنىڭ ئاكىلىرىنىڭ گېپىگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلمىسام، مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن قورقتۇم، ھەقىقەتەن قورقتۇم. ئەمدى كېلىپ ئۆلۈكۈم مۇشۇ يات شەھەرلەردە قالارمۇ؟! ئاتا – ئانامنىڭ دىدارىنى بىر كۆرەلمەي ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟! بۇلارنى ئويلاپ مېنى قايتىدىن يىغا باستى. بىراق كۆزلىرىمگە مىختەك تىكىلىپ، مەندىن جاۋاپ كۈتۈپ تۇرغان گۈلمىرەگە بىر نېمە دەپ جاۋاپ بەرمىسەم بولمايتتى. شۇڭا ئۇنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن «مەن ياخشىراق ئويلىنىپ باقاي» دېدىم.
(http://bbs.oylirim.cn). m% s/ a- b9 ~/ aقانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلاي دېسەم ۋىجدانىم يول قويمىسا، ئۇنداق قىلماي دېسەم ئاتا – ئانامنى، سىلەرنى كۆرەلمىسەم، ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق تەڭلىك بولامدىغاندۇ؟! ئەگەر دادام ئوغرىلىق قىلغىنىمنى بىلىپ قالسا مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىغا ئىككىلا ئالەم رازى بولمايدۇ. ئاناممۇ ياقامغا ئېسىلىپ قان يىغلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار مېنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىمنى، خەقنىڭ قولىدا خورلىنىپ، ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈرۈشۈمنىمۇ خالىمايدۇغۇ ھە؟! توغرا، «جان بولسا جاھان» دەپتىكەن، ئاۋۋال بۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالاي. جېنىم ئامان قالسىلا قالغىنىنى كېيىن بىر تەرەپ قىلىۋالىمەن. ھازىرچە ھايات قېلىش ئەڭ مۇھىم!
(http://bbs.oylirim.cn)# `. j0 ~1 c! V+ B2 Y# Cشۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ، گۈلمىرەنىڭ تەكلىپىگە، توغرىراقى تەھدىتىگە ماقۇل بولۇش قارارىغا كەلدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن بۇ يەردە نۇرغۇن دوست تۇتتۇم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كاۋاپچىلىق، ئاشپەزلىك قىلىدىغانلارمۇ، ياڭاق، ئۈزۈم، گۈلە - قاق ساتىدىغانلارمۇ، بازار ئوينايدىغانلارمۇ بار بولۇپ، بىز خۇددى بىر مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغاندەك ئىچەكىشىپ كەتتۇق. ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغاچقا، ئاشۇلار ئىچكەننى ئىچىپ، چەككەننى چېكىپ،قىلغاننى قىلىپ يۈرۈپ، بەزىبىر يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋالدىم. كۈنلىرىم ئوغرىلىق قىلىش، ئىچىپ – چېكىش، ئويۇن – تاماشالار بىلەن ئۆتىۋەردى، بۇ جەرياندا ئوغرىلىقتىمۇ خېلى يېتىشىپ قالدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مىجەزىم مېنى ئوغۇرلۇققا سالغان مۇتتەھەم، قارا يۈزلەرنىڭ مىجەزىگە ئوخشاش قارام، قورقۇمسىز، رەھىمسىز بولۇپ ئۆزگىرىپ، بۇرۇنقى خۇي – پەيلىم، مىجەز – خارەكتىرىمدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ئىنساپ، غورور دېگەنلەر بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدىغان، ئەمەلىي نەپنىلا كۆزلەيدىغان شەخسىىيەتچى مىجەز يېتىلدۈرىۋالدىم. «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، ياماننىڭ يولۇقساڭ يارىسى» دېگەن گەپ ھەقىقەتەن راست ئېيتىلغان ئىكەن.
(http://bbs.oylirim.cn)) c2 u' T9 [6 @' ~8 w. Iبىر كۈنى ياتاقداشلىرىم «ئويناپ كېلىمىز» دەپ بازارغا جابدۇنۇپتۇ. مېنىڭ ياتاققا كىرگىنىمنى كۆرۈپ ئۇلار خۇشال بولۇپ كېتىشتى ۋە مېنىمۇ بىللە بار دەپ تۇرىۋالدى. ئۇلارنىڭ زورى بىلەن بىللە باردىم، ئاۋۋال بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېدۇق، ئارقىدىن ئالا – يېشىل چىراغلىرى ۋالىلداپ يېنىپ تۇرىدىغان، يېرىم يالىڭاچ قىزلار ھەر قىسما ھەرىكەتلەرنى چىقىرىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان بىر قاۋاقخانىغا بېرىپ تازا ئىچىپتىمىز. مەن ئۇلاردەك جىق ئىچمىگەچكە ئەس - ھۇشۇم خېلى جايىدا ئىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)/ k5 W' _* C/ q( k. k, yبىز قايتماقچى بولۇپ سىرتقا چىققاندا ئاللىقاچان يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھاۋا ئىنتايىن ياخشى، يەنە كېلىپ ئەتراپتا ئادەم ۋە ماشىنىلار شالاڭ بولغاچقا، بىز ھاۋا يېگەچ پىيادە قايتماقچى بولدۇق. پاراڭلاشقاچ بىر – بىرىمىزنى يۆلەپ مېڭىپ، بىر تار كوچىغا كېرىپ قاپتىمىز. كوچا ئىچىدە قاتار قىلىپ سېلىنغان ئۆيلەر بار بولۇپ، ھەر بىر ئۆينىڭ ئىشىك تۈۋىدە ھەررەڭ – سەررەڭ ياسىنىۋالغان قىزلار تۆت – بەشتىن بولۇشۇپ، پاراڭلىشىپ تۇراتتى. غەلىتە يېرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېرىم يالىڭاچ كىيىنگەن بولۇپ، پاچاق – يوتىلىرىنى، مەيدە –بىلەكلىرىنى تامام ئوچۇق قويغان، ئىنتايىن قىنىق گىرىم قىلىشقان، بەزىلىرى تاماكا چېكىۋاتقان، بەزىلىرى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا ئاللىقانداق خۇلقلارنى چىقىرىپ ئەركىلەپ، كۆزىنى قىسىپ، لەۋلىرىنى ئۇچلاپ شەرەت قىلىپ، ھاياسىزلارچە قېلىقلارنى چىقىرىپ تۇراتتى. ئۇلار تەخمىنەن يىگىرمە بەش - ئوتتۇز ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، تۇرقىدىن ياخشى يولدىكى ئاياللاردەك قىلمايتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەست بولۇپ قالغان ياتاقداشلىرىم دەلدەڭشىپ تۈزۈك ماڭالمىغانسېرى بۇ يول ماڭا بەكلا ئۇزىراپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. مەن ئۇلارغا تىزراق مېڭىشنى جىكىلەپ، ئېغىرراق تەڭشىلىۋالغان بىر ئاغىنىمىزنى يۆلەشتۈرۈپ مېڭىۋەردىم.
(http://bbs.oylirim.cn)" ~0 f- r, K+ I, v' J; L$ rبىز شۇ يوسۇندا ئالدىمىزغا قاراپ مېڭىۋەردۇق. بىراق ھېلىقى ئالۋاستىدەك ياسىنىۋالغان ھاياسىز ئاياللار ئەتراپىمىزغا ئولىشىۋالدى ۋە تەرەپ - تەرەپتىن بىزنى تارتىشقا، ئاشۇ ئىشىكلىرىدىن قىپقىزىپ پەردىلەر ۋە غۇۋا چىراق نۇرلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىشقا باشلىدى. ئەقلىنى ھاراققا تېگىشىۋەتكەن ئاغىنىلىرىم ئۇلارنىڭ ئازدۇرۇشلىرىغا بەس كېلەلمەي: (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-توختاڭلار، ئىچىدىغاننىمۇ ئىچىپتىمىز، ئوينىغاندىكىن چىڭىغا چىققۇچە ئوينايلى. قىزلارمۇ تەييارلىكەن، كىرىپ بىرەر – يېرىم دەم ئويناپ ئاندىن ماڭىمىز...- دەپ چىڭ تۇرىۋالدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن ئۆمرۈمدە ئۇنداق نىجىس، پاسكىنا يەرگە كىرىپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق يەرلەرنى ئەزەلدىن ئاتىقى يامان دەپ بىلەتتىم، شۇڭا كۆڭلۈمدە ئاللىقانداق بىر قورقۇنچ پەيدا بولدى. ئۇلار بىلەن بىللە كىرىشنى خالىمىدىم، شۇڭا:
(http://bbs.oylirim.cn). q+ v8 J8 U3 l-كىرسەڭلار ئۆزۈڭلار كىرىڭلار، مەن كىرمەيمەن. بۇنداق يەرلەردە يۈرگەن ئادەمنى نەس باسىدۇ، بولسا سىلەرمۇ كىرمىسەڭلار ياخشى بولاتتى. ماقۇل دېسەڭلار، قايتىپ كېتەيلى! – دېدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)$ H6 |7 ]) k$ W7 j8 N# _ئۇلار ئولاش - چولاش مېنى سۆرەشتۈرۈپ:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-يۈرە، بىللە كىرىمىز. بىر قېتىم كىرگەنگە ھېچنىمە بولمايدۇ، - دەپ، تارتىپ ئېلىپ ماڭدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ياق، مەن بۇنداق ئادەملەردە ئەيدىز كېسىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان، ئۆزۈمگە ئىش تاپقىم يوق، ئىشقىلىپ مەن...
(http://bbs.oylirim.cn)3 K/ _0 f6 A8 C/ C9 g-بولدى قىلە ۋاي، ئەيدىز كېسەل «قاچان يۇقىمەنكىن» دەپ ساڭا قاراپ تۇرۇپتۇما؟ - ئارىدىن بىرەيلەن گېپىمنى تارتىۋېلىپ قوپاللا تەگدى،- ئۇلارنىچۇ، ئاۋۋال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، ئاندىن بۇ يەرگە ئەكىلىدۇ. ئۇنداق ئۇدۇل كەلگىنىنى يېتىلەپ كېلىدىغان ئىش يوق. قورقما، ھېچ ئىش بولمايدۇ، مۇنداق يەرلەرگە كىرىپ ئويناۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولدى، بىزمۇ ئۆلۈپ قالمىدۇققۇ!؟ ئوغۇل بالا دېگەن ھەممە ئىشنى كۆرۈپ باققۇلۇق، ئاياللارغا يېقىن يولىمايمەن دېسەڭ سەندىن گۇمانلىنىپ قالىمەن جۇمۇ!...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۇلار ھەر تەرەپتىن ھەر نېمىلەرنى دېيىشتى. بىراق مەن زادىلا ئۇنىمىدىم. ئۇلار مېنى گەپكە كىرگۈزەلمەي، ئۆزلىرى ھېلىقى ئۆيلەرنىڭ قايسىدۇر بىرلىرىگە كىرىپ كېتىشتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
سۈرلۈك ھەم تار كوچا ئىچىدە يالغۇز قالدىم، ياق، يالغۇزمۇ ئەمەس، ھېلىقى ھەررەڭ – سەررەڭ كىيىملىك، قېنىق گىرىملىك ئاياللار بىلەن قالدىم. ئەمما ئۇ ئالۋاستى چىراي قىزلار مېنى مەنسىتمىگەندەك قاراپ، بۇرنىنى پۈرۈپ قويۇشتى ياكى مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ مەندىن نېرى كېتىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ قېلىقى جان - جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. خۇددى مېنى «بولۇمسىز، ئەركەك ئەمەس» دەپ مازاق قىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ، ئاچچىقىم كەلدى.
(http://bbs.oylirim.cn)1 S3 O5 M' Y. t5 {5 sئويلاپ قالدىم، بايا دوستۇم «بۇ قىزلار دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، ئۇلاردا كېسەل يوق، بىر قېتىم كىرگەنگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، بىزمۇ كىرىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى» دەۋاتىدۇ. تېخى ھەممىسى ئىشەنچ بىلەن كىرىپ كېتىشتى. شۇنىڭغا قارىغاندا راستىنلا بىخەتەرمۇ نېمە؟ ئۇلار راست دەيدۇ، بىرەر كېسەل بولسا بۇ كەمگىچە ئاللىقاچان بايقىلىپ بولاتتى، مەن چوقۇم ئارتۇق ئويلىۋالغان ئوخشايمەن.
(http://bbs.oylirim.cn)1 H* A1 s; G  A- B4 sشۇلارنى ئويلاپ مەنمۇ تەۋەككۈلگە قەدەم تاشلىدىم. دوستلىرىم كىرىپ كەتكەن ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىشىمگە، بىر قېرى دەللال ئالدىمغا كەلدى. ئۇ غەلىتە ھىجايغىنىچە، ماڭا بىر نېمىلەرنى دېدى، لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى. چۈنكى، بۇ يەرگە كىرىشنى ئىختىيار قىلىۋاتقان بولساممۇ كۆڭلۈمدىكى قورقۇنچ تەلتۆكۈس يوقىمىغان ئىدى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دەللال ئايال مېنى سۇس چىراق نۇرى غۇۋا يورۇتۇپ تۇرىدىغان بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي بۇ ئۆيگە قىزىل رەڭلىك ئاسما مايكا، بىر غېرىچلا كەلگۈدەك قىسقا ھەم تار يوپكا كىيىۋالغان، سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى قۇش چاڭگىسىدەك پاخپايتىپ، لەۋلىرىنى قان ئىچكەندەك بويىۋالغان بىر قىز كىرىپ كەلدى. ئاندىن كاسا – بەللىرىنى ئوينىتىپ ماڭغىنىچە، قىلچە تەكەللۇپ قىلماستىن كېلىپ قۇچىقىمدا ئولتۇرۇپ، بوينۇمغا گېرە سالدى...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قىز بالا زاتىغا بۇ قەدەر يېقىنلىشىشىم، توغرىراقىنى ئېيتقاندا، مۇنداق مۇناسىۋەتتە بولۇشۇم بۇ ھاياتىمدا مۇشۇ تۇنجى قېتىم ئىدى. نېمىشقىكىن، بۇ يەردە ئارتۇق تۇرالمىدىم. خۇددى بىرسى كانىيىمنى بوغۇپ نەپەس ئالغىلى قويمايۋاتقاندەك، يەنە تۇرىۋەرسەم ئۇزاققا قالماي ئۆلۈپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ، زادىلا چىدىيالمىدىم. شۇڭا، چىپ – چىپ تەرلىگەن ھالدا كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ، «كەتمىگىنە» دەپ مىياڭلاپ، ئەركىلەپ ھالى قالمىغان سېرىق چاچلىقنىڭ قوللىرىنى سىلكىپ ئىتتىرىۋېتىپ، بۇ نەس باسقۇر قاراڭغۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم...
(http://bbs.oylirim.cn). P$ q" u& q( C7 U3 s2 Mيۈرىكىم ئەنسىز سوقۇۋاتاتتى. كەچۈرگۈسىز گۇناھ قىلغاندەك، خۇددى ئەمدى ئۆمۈر بويى پاكلىنالمايدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇ ھۇجۇدۇمنى ئارامسىز قىيناپ، يۈرىكىمنى بىر چىشلەم – بىر چىشلەمدىن يېمەكتە ئىدى. توغرا، بۇ گۇناھ بولماي نېمە؟! مەنمۇ ئادەم بولدۇممۇ؟ ئاتا – ئانام مېنى مۇشۇنداق ئادەم بولسۇن دەپ باققانمىدى، ھە؟! (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەندىن باشقىلار ھېلىقى نەس باسقۇر قاراڭغۇ ئۆيدىن تېخى چىقمىغان ئىدى. بىردەم ساقلاپ باقتىم، لېكىن ئۇلار ھېچ قارىسىنى كۆرسىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئەتراپتىكى خىرىدار كۈتۈپ تۇرۇشقان ھەررەڭ – سەررەڭ قىزلارنىڭ مازاق قىلغاندەك قاراشلىرى، مېنى ئىما قىلىپ يېنىدىكىلەرگە نېمىلەرنىدۇر دەپ كۈلۈشلىرى، مەنسىتمىگەندەك مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ يىراق كېتىشلىرى جېنىمدىن ئۆتتى. بۇ يەردە يەنە تۇرىۋېرىشتىن خىجل بولۇپ، ئۇلارنى ساقلىماي كېتىۋېرىشنى توغرا تاپتىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كوچىنىڭ بېشىغا چىقىپلا ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان بىر تاكسىنى توسۇپ، خۇددى كەينىمدىن ئىت قوغلىغاندەك چاققانلىق بىلەن تاكسىغا چىقىپ جايلاشتىم ھەم شوپۇرنىڭ سورىشىنىمۇ كۈتمەستىن بارىدىغان يېرىمنى ئېيتىپ بېرىپ، ئېغىرلاشقان گەۋدەمنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە تاشلىدىم...
(http://bbs.oylirim.cn)$ w: F8 X2 @" U' t# {ئاخىرى ياتاققىمۇ كېلىۋالدىم، يوتقان بىلەن بېشىمنى چۈمكەپ يېتىپ، يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر باشتىن ئەسلەپ چىقتىم. قانداقلا ئويلىساممۇ بۇ ئازابلىق گۇناھ تۇيغۇسىدىن خالاس بولالمىدىم، ئۆزۈمگە قانداقلا تەسەللىي بەرسەممۇ قەلبىمنى بېسىپ تۇرغان مۇدھىش كۆلەڭگىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىدىم. بۇ ئازابنى، بۇ قەدەر خورلۇقنى ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ھېس قىلىۋاتاتتىم. ئويلاپ شۇ يەرگە يەتكەندە ئىچكىرىگە كىرگىنىمگە بەكلا پۇشايمان قىلدىم، ئاتا – ئانامنى سېغىندىم، ئۇلارنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى تاشلاپ، ئۈن قويۇپ يىغلىۋالغۇم كەلدى. بۇ يەردە ھېچكىمىم يوق، ھازىر گۈلمىرەمۇ بۇرۇنقى گۈلمىرە ئەمەس. ماڭا خۇددى ناتونۇش ئادەمدەك مۇئامىلە قىلىدۇ. دەسلەپ كۆيۈشكەن چاغدا بەرگەن شىرىن ۋەدىلىرى ئاللىقاچان توزۇپ كەتكەن. ئۇ مېنى پەقەت ئوغۇرلۇققا سېلىش ئۈچۈنلا بۇ يەرگە ئېلىپ كەپتىكەن، توغرا، چوقۇم شۇنداق، چوقۇم شۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ مېنى ئالداپ ئېلىپ كەپتۇ...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
شۇلارنى ئويلاۋېتىپ، يۈرىكىمنى ئۆرتەپ تۇرغان ئاچچىق يىغامنى ھەر قانچە قىلىپمۇ باسالمىدىم. يىغلاش بىلەن ھەممە ئىشنى ھەل قىلغىلى بولسا ئىدى، شۇ تاپتىكى ئېچىنىشلىق يىغام بىلەن دەقىقە ئىچىدىلا ئاتا – ئانامنىڭ يېنىغا، ئۇلارنىڭ ئىللىق باغرىغا بېرىۋالسام...
(http://bbs.oylirim.cn)+ p0 V0 C2 L7 Zمەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان بولسام مېنىڭمۇ ئىستىقبالىم پارلاق بولار ئىدى. مۇشۇ تاپتا بۇرۇختۇملۇق ۋە سېسىقچىلىققا تولغان بۇ ياتاقتا ئەمەس، بەلكى سەن بىلەن بىللە تىنماي ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ھالەتتە، سېنىڭ يېنىڭدا بولار ئىدىمغۇ ھە؟! شۇنداق بولغان بولسا بۇنداق ھاقارەتلىك ئېغىر كۈنلەرنىمۇ كۆرمەس ئىدىم. يەنىلا ئۆزۈمدىن ئاغرىنسام بولىدۇ، ئويۇنغا بېرىلىپ ياخشى ئوقۇماي، ئۆيدىكىلەر «مەكتەپكە بار!» دېسە، سېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ ئۆزۈم دەرستىن قېچىپ يۈرۈپتىكەنمەن، جېنىم ئاداش، ئەمدى ئويلىسام بەك پۇشايمان قىلىمەن. ئاشۇ ۋاقىتلارنى ياندۇرۇپ كەلگىلى بولسا ئىدى، قانچىلىك بەدەل كەتسىمۇ باش تارتماي، ئەركىنلىكىمنى، بەختىمنى، بىلىم ئىگىلەش پۇرسىتىمنى قايتا قولغا كەلتۈرىۋالغان بولسام، ھازىرقى پۇشايمانلىق، ئازابلىق ھاياتىمغا خاتىمە بېرەلىگەن بولسام...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، ئەتىسى پۈتۈن بەدىنىم ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك، بېشىم ھازىرلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك قاتتىق ئاغرىۋاتقان، كۆڭلۈم ئاينىپ، ياندۇرغۇملا كېلىدىغان، كەيپىم ئوسال بىر ھالەتتە ئويغاندىم. قەدەملىرىم ئېغىر، روھىم چۈشكۈن ئىدى. ھېچ ئىش قىلغۇممۇ كەلمەيتتى. سەل – پەل ئوڭشىلىپ قالارمەن دەپ ئۆزۈمنى قانچە زورلاپ باققان بولساممۇ گېلىمدىن ھېچنېمە ئۆتمىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)9 T' F- }( ?5 v9 x5 _كۆڭۈمدىكى گۇمان، تەشۋىشلەر ئىچىمنى تاتىلاپ ھېچ ئارام بەرمەيتتى. ئولتۇرسام – قوپسام «ئەيدىز بولۇپ قالارمەنمۇ» دېگەن مۇدھىش خىيالنىڭ ئىسكەنجىسىدە قىينىلاتتىم. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسام قانداق قىلارمەن؟ يۇرتقا قايتالماي، ئۆلۈكۈم مۇشۇ يەرلەردە سېسىپ كېتەرمۇ؟ ئاتا – ئانامنى كۆرۈلمەي، ئۇلارنىڭ ئىللىق باغرىنى يۈزۈمنى ياقالماي، مۇشۇ يات شەھەرلەردە بىچارىلەرچە ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
كۈنلەر ئۆتكەنسىرى بۇ تەشۋىشلىرىم بارا – بارا تارقاپ، دىلىغۇللۇقلارنى ئۇنتۇشقا باشلىدىم. ئادەم دېگەن ئاجايىپ غەلىتە بولىدىكەن، دەسلەپ بۇ ئىش توغرىلىق ساراسىمىگە چۈشكەندە خۇددى نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قېلىۋېدىم. مانا ئەمدى بۇ قورقۇنچلار ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ، ئورنىنى ئىلگىرىكىدەكلا خۇشاللىق ئىگىلىدى. ئەڭ مۇھىمى، شۇ ئىشتىن ساۋاق ئالدىم، ئۇنداق يولدا ماڭسا ئەنە شۇنداق قورقۇنچلۇق خىيال، ئازابلىق پۇشايمان ئوتلىرىدا ئۆرتىنىپ، كۈندە نەچچە ئۆلگەندەك قىينىلىپ ياشايدىغىنىمنى، شۇڭا ئەمدى ئىككىنچىلەپ ئۇنداق مەينەت كوچىغا، مەينەت ھەۋەس يولىغا كىرىپ قالماسلىقىم كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ۋاقىت تولىمۇ تىز ئۆتىدىكەن. ئاتا – ئانامنى، ئۇرۇق – تۇغقانلارنى، سېنى سېغىنغىنىمدا ئىنتايىن ئاستا ئۆتۈپ جېنىمنى ئىكەكدىگەن ۋاقىت تۇيدۇرماستىن بىر مۇنچە ۋاقتىمنى، بىغۇبار، غەمسىز چاغلىرىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ. بۇ يەرگە كىرگىلىگىمۇ ھەش – پەش دېگۈچە بىر يىلدىن ئېشىپتۇ. يۇرت سەۋداسى، ئۆيدىكىلەرنى سېغىنىش پىراقىدا ساراڭ بولاي دېدىم، شۇڭا يۇرتقا بېرىپ كېلىشنى قارار قىلدىم. شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى گۈلمىرە ھەم ئۇنىڭ ئاكىلىرى بىلەن بىللە ياشاش جەريانىدا خېلى يېقىن بولۇپ قالغان، ھەتتا مىجەز – خۇلق، ئوي - پىكىر جەھەتلەردىمۇ ئىنتايىن كۆنۈشۈپ كەتكەن ئىدىم. ھازىر ئۇلارغا قانداق ئىشىم، نېمە گېپىم بولسا قورۇنماي، ئەركىن – ئازادە، بىمالال دېيەلەيتتىم. ئۇلارمۇ مېنىڭ ھەر قانداق ئىشىم ۋە گېپىمگە ئىتىبارسىز قارىمايتتى. گۈلمىرە ئىككىمىزمۇ ئاشكارا مۇھەببەتلەشتۇق، تېخى كېيىن يۇرتقا قايتىپ توي قىلماقچىمۇ بولدۇق.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
بۇ قېتىم گۈلمىرە ئاكىلىرى بىلەن قالدى، مەن ئۆيدىكىلەرنى يوقلاش ئۈچۈن يۇرتقا قاراپ يولغا چىقتىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئاتا – ئانام مېنى كۆرۈپ ئېيتىپ تۈگەتسىز خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇلارنىڭ ماڭا بۇنچىۋالا ئامراق ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىۋاتقاندەك بولۇپ قالدىم. مېنىڭ كەلگىنىمنى ئاڭلاپ بارلىق ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارقا – ئارقىدىن ئۆيىمىزگە كېلىپ، مەندىن ھال – ئەھۋال سورىدى، ئۇزاقتىن – ئۇزاق مۇڭداشتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىدىن ۋە ماڭا بولغان مۇھەببىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، ئىپتىخارلاندىم. ئۇرۇغ – تۇغقاندارچىلىق مېھرىنىڭ بۇ قەدەر چوڭقۇر بولىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئىشقىلىپ، ئۆزۈمنى ئاجايىپ بەخىتلىك سەزدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۆيگە كېلىپ، ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى قىلغان تۇنجى ئىشىم دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزۈمنى تەكشۈرتۈش بولدى. يېزىمىزدىكى دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەم، تونۇش – بىلىشلەر دوختۇرخانىغا كىرىپ چىققىنىمنى كۆرۈپ قالسا باشقىلارغا دەپ قويۇشىدىن قورقتىم. ئەگەر راستىنلا شۇنداق كىسەل يۇقتۇرىۋالغان بولسام دوختۇرلار بۇ ئىشنى باشقىلارغا دەۋېتەرمۇ؟ «ئۆيۈڭدىكىلەرنى چاقىر» دەپ تۇرىۋالارمۇ؟... دېگەندەك ئەندىشىلەردىمۇ بولدۇم. شۇڭا باشقا ناھىيەگە بېرىپ، مېنى ھېچكىم تونۇمايدىغان جايدا تەكشۈرتتىم. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
تەكشۈرۈشكە مەسئۇل دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئىككى سائەتتىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالغىلى كەلدىم. دوختۇر ئىجىر – مىجىر خەنزۇچە خەتلەر يېزىلغان دىئاگنۇز قەغىزىنى تەپسىلىي كۆردى ھەمدە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بىر دەم ئۈنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى. بۇ ھال ئەندىشەمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دوختۇر بىر ھازادىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆزەينەك ئاستىدىكى سىنچى كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى ھەمدە سالماقلىق بىلەن:
(http://bbs.oylirim.cn)3 ~2 ~3 s/ [' `8 v! C" B-سىز ئەڭ ياخشىسى يوقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ، چوقۇم مۇشۇنداق كېسەل دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن، چۈنكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىمۇ بەزىدە خاتا چىقىپ قالىدۇ. مەنمۇ بۇ نەتىجىنىڭ خاتا بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
دوختۇرنىڭ قولىدىن ماڭا تەڭلەنگەن دىئاگنۇز قەغىزىنى ئالدىم، ئەمما كېيىنكى گەپلەر قۇلىقىمغا كىرمىدى. ئىشىكتىن قانداق چىقتىم، قايسى پەلەمپەيدىن چۈشۈپ، قايسى يول بىلەن مېڭىپ يېنىپ چىقتىم، بۇلارنى ئىلغا قىلالمايمەن. كاللامدا جاننى ئالغۇدەك قورقۇنچلۇق ۋەھىمە.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ، دوختۇرنىڭ ھەممە گەپلىرىنى تولۇق ئاڭلىساممۇ بولغان ئىكەن، ھۇشۇمنى بىلىپ سەل ئۆزۈمگە كەلگىنىمدە ناھىيە مەركىزىدىكى چوڭ يولدا تۇرغانلىقىمنى ئاڭقىرالىدىم. ئەمدى ھېلىقى دوختۇرنىڭ يېنىغا «بايا گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىمايلا چىقىپ كەتكەن، ئەمدى داۋامىنى دەپ بېرىڭ» دەپ كىرگىلى بولمىسا!...
(http://bbs.oylirim.cn); p- @: k  J$ M  {سالپايغان پېتى ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. شۇ كېچە پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىڭ يىلدەك مۈشكۈل ئۇزاقتا تاڭ ئاتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
ئەتىسى شەھەرگە كىرىپ، نەچچە دورا دۇكانلىرىنىڭ ئالدىدىن ئارىلاپ، چۆرگىلەپ يۈردۈم، لېكىن ئىچىگە كىرىشكە پېتىنالمىدىم. ئويلا – ئويلا ئاخىرى چەترەك كوچىغا جايلاشقان كىچىك بىر دورا دۇكىنىغا ئەيمىنىپقىنا كىردىم. دورىخانا خوجايىنى خەنزۇ بولۇپ، كىرىشىمگىلا مەندىن ئەھۋال سورىدى ۋە چالا ئۆگۈنىۋالغان ئۇيغۇر تىلىدا:
(http://bbs.oylirim.cn)8 F: E( {, W# P5 v' i-ساڭا نېمە دورا لازىم؟- دەپ سورىدى.
(http://bbs.oylirim.cn)- l3 S0 g% ~. F" J2 e# @5 h* _# N   مەن گەپ قىلماستىن ئۇنىڭغا تەكشۈرۈش قەغىزىنى سۇندۇم ھەمدە نەچچە يىل ئىچكىرىدە يۈرۈش جەريانىدا خەنزۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۆزلىشىپ يۈرۈپ ئۆگەنگەن ئۆلچەملىك خەنزۇ تىلىدا سۆزلەپ:
(http://bbs.oylirim.cn)0 S5 J# d5 W# T3 V$ A- v-بۇ قەغەزدە نېمە كېسەل دەپ دىئاگنۇز قويۇلۇپتۇ، شۇنى ئوقۇپ بەرگىن،- دېدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)7 t4 j/ {& n! X5 @7 _    دورىخانا خوجايىنى قەغەزنى قولۇمدىن ئېلىپ، گازىر كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقىنىچە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، ماڭا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ قېلىقى جىددىيلىكىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋەتتى. يۈرىكىم ئالدىمدىكى كىشىگە ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە دۈپۈلدەپ سوقاتتى. دورىخانا خوجايىنىنىڭ كۆزلىرىدە مەنسىتمەسلىك ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى. شۇ ھامان كۆزلىرىمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ، خىلمۇ – خىل دورىلار تۈرى بويىچە تىزىۋېتىلگەن دورا ئىشكاپىغا قارىۋالدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)& d+ d" `# h, L  W-ھەي، نەلەردە يۈرۈپ يۇقتۇرىۋالغانسەن ھە؟ ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قاپسەنغۇ؟!- دېدى دورىخانا خوجايىنى غاراڭ – غۇرۇڭ ئارىلاش چىقىراق ئاۋازدا.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭقىرالمىدىممۇ ياكى خاتا ئاڭلىۋالغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىممۇ، ئىشقىلىپ گەپ – سۆز قىلماي قاراپ تۇرىۋەردىم. ئۇ ئەينەك ئۈستەلگە ۋاققىدە بىرنى مۇشتلاپ:(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-سېنى دەۋاتىمەن ھەي يىگىت، ئەيدىز بولۇپ قاپسەن دېسەممۇ ھاڭۋاقتىدەك قاراپ تۇرىسەنغۇ؟- دېدى. (بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   ئىككىنچى قېتىم دېيىلگەندە بۇ گەپنى ھەقىقەتەن ئېنىق چۈشەندىم. تاپىنىمدىن كىرگەن بىر ئاغرىق يۈرىكىمگە بېرىپ، نەچچە قوچۇپ توختىدى. شۇنداقتىمۇ چاندۇرغۇم كەلمىدى. شۇڭا ئۆزۈمنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ:
(http://bbs.oylirim.cn): |( q4 L- A& m0 `9 l& ?-بۇ دىئاگنۇز مېنىڭ ئەمەس، باشقا بىرسىنىڭ. ئۆزى قورقۇپ كەلگىلى ئۇنىمىغانتى، شۇڭا تەكشۈرۈش قەغىزىنى كۆتۈرۈپ كەلدىم،- دېدىم ھەمدە دىئاگنۇز قەغىزىنى ئۇنىڭ قۇلىدىن ئېلىپ دورىخانىدىن چىقىپ كەتتىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    شۇ يەردىن چىققىنىمچە قاتتىق يۈگۈردۈم. ھېرىپ ھالىمدىن كەتكۈچە، ئۈستىبېشىمدىن پۇرۇلداپ تەر قۇيۇلغىچە، پۇتلىرىم سىرقىراپ ئاغرىپ، قەدەم ئالغۇدەك ماغدۇرۇم قالمىغىچە يۈگۈردۈم. نەلەرگە بېرىپ، نەلەردىن ئايلىنى ئۆتتۈم، تونۇش – بىلىشلەر ئۇچرىدىمۇ – يوق، ھېچنېمىنى بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ ساراڭلارچە يۈگۈردۈم. بىر چاغدا ھېرىپ – ھاسىراپ يىقىلىپ چۈشەي دېگەندە ئاندىن جايىمدا توختىدىم. بۇ چاغدا كەچ كىرىپ قالغان بولۇپ، ماڭا خۇددى قىزغۇچ شەپەق ئاسماننىڭ باغرىنى كۆيدۈرىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    ئېغىرلاشقان قەدەملىرىمنى تەسلىكتە يۆتكەپ، يېزىمىزغا ماڭىدىغان بىكەتكە كەلدىم. ئاپتۇبوسقا چىقىپ قاتتىق ئورۇندۇقتا بىر ئولتۇرغىنىمچە تۈگىمەس خىياللار قوينىغا غەرق بولۇپ كېتىپتىمەن. ئاپتۇبوسنىڭ تاشلىق يوللاردا سىلكىنىپ، تەۋرىنىپ مېڭىشلىرىمۇ، ئاپتۇبوستىكىلەرنىڭ ۋاڭ – چۇڭلىرىمۇ خياللىرىمنى بۇزالماپتۇ. بىر چاغدا قاتتىق بىر قولنىڭ تۈرتۈپ نوقۇشىدىن ئېسىمگە كەلدىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-ئۇكاموي، ئەھۋالىڭ ياخشىدۇ؟ ماشىنا بېكەتكە كېلىپ بولغىلى نە ۋاخ، سەن يەنە ئولتۇرىسەنغۇ؟...- دېدى چىرايى ماڭلىشاڭغۇ كەلگەن سېمىز شوپۇر ماڭا نارازى بولغان قىياپەتتە قاراپ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
   -ھە... كەچۈر ئاكا، خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن...
(http://bbs.oylirim.cn)$ u6 D! G9 t6 V   قولۇمدىكى تىتىلىپ كېتەي دەپ قالغان دىئاگنۇز قەغىزىنى مىجىقلىغىنىمچە ئاستا ماشىنىدىن چۈشتۈم.
(http://bbs.oylirim.cn)9 x" r) a$ W" f) t& k0 n   بوسۇغىدىن ئاتلىشىم بىلەن مېنى ساقلاپ يولۇمغا قاراپ ئولتۇرغان مېھرىبانىم ئانام خۇشلۇقىدا كىيىكتەك تاقلىغىنىچە ئالدىمغا كەلدى. بىردىنلا يۈرىكىم ئېچىشتى، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئانامنىڭ باغرىغا تاشلاندىم...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    ئۆلۈم ۋەھىمىسى ۋە ئەتىگەندىن بىرىقى ھاردۇق سەۋەبىدىن روھسىزلا ئىدىم. پەقەت ئانامنىڭ يېنىدا جېقراق تۇرىۋالسام، ئۇنىڭ مېھرىگە، ھىدىغا قېنىۋالسام دەپلا ئويلايتتىم. دادام يېنىمدا بولسا، قولۇمنى قويىۋەتمىسە دەپ ئارزۇ قىلاتتىم. خۇددى ئاتا - ئانام مېنى ھەممە پالاكەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرالايدىغاندەك، ئۇلارلا مېنى ئەجەل قوينىدىن تارتىپ چىقىرالايدىغاندەك تۇيۇلاتتى. لېكىن بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇ مەرەز كېسەلنى يۇقتۇرىۋالغان ئىكەنمەن، ئاقىۋىتىمنىڭ چوقۇم ئۆلۈم بولىدىغانلىقى ياخشى بىلەتتىم. مانا مۇشۇنداق بىلىش بىلەن ئېتىراپ قىلماسلىق، ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىق ئارىسىدا تېڭىرقاپ، ئازابلىنىپ كېتىۋاتاتتىم. كاشكى شۇ نەس باسقۇر شەھەرگە، ھېچبولمىغاندا ئاشۇ ئالۋاستىخانىغا بارمىغان بولسام...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
-سەن ئەيدىز!... سەن دېگەن ئەيدىز!...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    بۇ ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدىن زادىلا كەتمىدى. مەيلى نەدە بولاي، مەيلى نېمە ئىش قىلماي، مۇشۇ ئاۋازنىڭ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىغىنى جاراڭلىغان، ئىچ – باغرىمنى يېگىنى يېگەن ئىدى.قانداق قىلىمەن؟ مەن زادى قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ئاھ خۇدا! ياش ھاياتىم مۇشۇنداقلا نابۇت بولارمۇ؟! مەن تېخى ئاتا – ئانامغا قانمىغان ئىدىمغۇ!؟ ئىنىم بىلەن سىڭلىم... ئۇلار كېيىنكى ئۆمرىدە ماڭا تايىناتتى ئەمەسمۇ؟ مەن قانداق ئاكا؟ مەن ئاكا بولالىدىممۇ؟! قۇدرەتلىك ئىگەم، شۇ بىر قېىتملىق گۇناھىم ئۈچۈن مېنى مۇشۇنداق ئېغىر جازالامسەن؟ ئاتا – ئانام قانداق قىلىدۇ؟ ئۇلار چوقۇم قان يىغلايدۇ؟ سەندىن ئۆتۈنەي، مېنى ئۇلاردىن ئايرىۋەتمىگىن! ئۆتۈنۈپ قالاي!...
(http://bbs.oylirim.cn)& V3 \) O8 n$ B# o. y6 b2 P. W    كېچە – كېچىلەپ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم. راست ئەمەسمۇ؟ ماڭا ئوخشاش بېشىدا تاغدەك ئېغىر غېمى بار ئادەم قانداقمۇ ئۇخلىيالىسۇن؟ بۇ كۈنلەرنى قانداق ئۇزىتىۋاتىمەن، ئۇيقۇسىز كېچىلەرنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتىمە، بۇنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ. ئىشقىلىپ ئىچىم تىنىپ كەتتى.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    كىچىكىمىزدە ھەمىشە بىللە ئوينايدىغان، كېيىنچە بارلىق مۇڭلىرىمىزغا شاھىد بولۇپ قالغان ھېلىقى سۈگەتنىڭ تۈۋى مەن دائىم بارىدىغان بىردىن – بىر جاي بولۇپ قالدى. بۇ يەردە قانچە ئۇزۇن ئولتۇرساممۇ ھېچكىم ماڭا دەخلى قىلمايتتى. ئەڭ مۇھىمى بۇ يەردە ئىككىمىزنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىمىز ھەم تالاي سىرلىرىمىز بار ئىدى. بۇ يەردە ئولتۇرۇپ خىيال سۈرسەم سەن بىلەن مۇڭداشقاندەك بولۇپ قالاتتىم. چۈنكى خىيالىمدىكى ساڭا غايىبانە ھالدا ھەممە گەپلىرىمنى دەيتتىم، پىغانىمنى تۆكەتتىم. ساڭا بولغان سېغىنىشىمنى شۇ ئارقىلىق باساتتىمكى، ئىچىمدىكى ئازاب – ئوقۇبەتلىرىمنى ماڭا شۇنداق تۆكەتتىم.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
جېنىم دوستۇم، سەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ياكى تەتىل قىلىپ كەلگىچە مەن ھاياتمۇ ياكى ئەجەل قوينىغا مەھكۇم بولامدىم، بۇنى بىلمەيمەن. بىراق ئاخىرقى تىنىقلىرىمدا بولسىمۇ سېنى بىر كۆرۈۋېلىشنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلىمەن. نېمانچە ئەقىلسىز بولغىيدىم ھە؟ ياخشى ئوقۇپ سەن بىلەن بىللە ئالىي مەكتەپكە كەتكەن بولسام بۇ كۈنلەرگە دۇچار بولماس ئىدىمغۇ...
(http://bbs.oylirim.cn)" I* @7 l1 x1 V5 V- r     كۈندىن – كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىۋاتىمەن. بۇ گەپنى ئەڭ دەسلەپ ئانام دېگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەينەكتىكى ئەكسىمگە سەپسېلىپ قاراپ ھەقىقەتەن شۇنداق بولغانلىقىنى سەزدىم. كۆڭلۈم غىزا تارتىپ گېلىمدىن بىر نەرسە ئۆتسە نېمە دەي!...
(http://bbs.oylirim.cn)9 l% |7 E: j; @4 T& U  ~* {, \     بۇنداق كېسەل بولۇپ قالغىنىمنى ئۆيدىكىلەرگە ئۇقتۇرسام بولمايتتى. ئۆيدىكىلەرگە ئەمەس، ھېچكىم – ھېچكىمگە ئۇقتۇماسلىقىم كېرەك ئىدى. بولمىسا ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يۈزىنى تامام تۆكۈپ بولاتتىم. «ئۆيدىكىلەرگە يۇقتۇرۇپ قويارمەنمۇ» دەپ ئەنسىرەپ، كۈنبويى دەككە – دۈككىدە يۈرەتتىم. تاماق يەيدىغان قاچا – قۇچىلىرىمنى ئايرىۋېلىپ، ئۆزۈم يۇياتتىم ھەم ھوجرا ئۆيۈمگە ئەكىرىۋېلىپ، ئايرىم يەردە ساقلايتتىم. ئۆيدىكىلەر سەۋەبىنى سورىسا «ئىچكىرىدە ھەممىمىز مۇشۇنداق قىلىمىز، شۇڭا كۆنۈپ قاپتىمەن» دەيتتىم. بۇ كەمگىچە بەلكىم ئىچكىرىدە قالغانلارمۇ ھەممىسى مۇشۇنداق قىلىدىغان كۈنگە قالغاندۇ، ياكى بۇنداق كۈنگە قالىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەي، بىخۇد ھالەتتە يەنە شۇ مەينەتخانىلاردا لەيلەپ يۈرۈشىدىغاندۇ. ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ كۈنلىرىمۇ ئۇزاققا قالماي مېنىڭدىن قېلىشقۇسىز بولىدۇ.(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    يېزىمىزدەك نامرات، چەت رايۇنلاردا نەدىمۇ بۇ خىل كېسەلنى داۋالايدىغان دورا – ئوكۇللار بولسۇن؟! باشقا جايلارغا بېرىپ داۋالىتاي دېسەم ئۇنىڭغا يەتكۈدەك پۇل نەدە؟ ئىچكىرىدە ئوغۇرلۇق قىلىپ تاپقان، گۈلمىرەنىڭ ئاكىلىرى «سېنىڭ ئۆلۈشۈڭ» دەپ بەرگەن پۇللاردىن ئاياپ يىغىپ قويغان 15000 يۈەننى ئىچكىرىدىن چىقىپ ئۆيگە كەلگەن كۈنۈم ئاتا – ئانامنىڭ ئالدىدا قويغان، شۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، «ۋاپادار، ياراملىق بالىسى» بولىۋالغان ئەمەسمىدىم؟ ئەمدى بولغاندا ئۇلارغا «پۇل بېرىڭلار» دەپ بېزىرىپ تۇرالايتتىممۇ؟ توۋا، ئۇيالماستىن، يۈزۈمنى قىزارتىپمۇ قويماي ئوغۇرلۇق قىلىپ تاپقان پۇللىرىمنى مېنى ھالال قان – تەرى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان ساپ نىيەتلىك، خىزىردەك ئاق كۆڭۈل ئاتا – ئانامغا بېرىپتىمەن. ئۆزۈم ھارام تېپىپ، ھارام يەپ، خەقنىڭ رىسقىنى تارتىۋېلىپ بايلىق توپلاپتىمەنۇ، ئۆزۈمنىڭ ھارام پۇللىرى ھەم كەچۈرگۈسىز گۇناھلىرىمغا ئاتا – ئانامنىمۇ شىرىك قىلىپ قويۇپتىمەن! ئېسىت! شۇ چاغلاردا ئەقلىم نەگە كەتكەن بولغىيدى؟!...
(http://bbs.oylirim.cn): t' m9 _& z8 }6 W     ئەكبەر، جېنىم ئاغىنە، مەن بەك ۋىجدان ئازابى تارتىپ كەتتىم. نەچچە يىللاردىن بىرى مەن پۇللىرىنى، يان تېلىفۇن، ئالتۇن زىبۇ – زىننەت، قىممەت باھالىق نەرسىلىرىنى ئوغۇرلىغان، سومكىلىرىنى بۇلىغان كىشىلەرنىڭ ئاھى تۇتقان ئوخشايدۇ. ئىشقىلىپ پات ئارىدا ئۆلىدىغانلىقىم ئېنىق، ئۇنىڭسىزمۇ مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىم ئېنىقلانغاندىن بىرى كۈندە نەچچە رەت ئۆلۈۋاتىمەن. يىغلىغانغا كۆز ياش قۇرىمايدىكەن، ئېچىشقانغا، ئاغرىغانغا يۈرەك سېسىپ تۈگىمەيدىكەن. لېكىن ئادەم ئادەمدەك ياشىيالمايدىكەن ياكى ئۆلەلمەيدىكەن جېنىم دوستۇم...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
     بىر نەچچە قېتىم ئۈلىۋېلىشنىمۇ ئويلاپ باقتىم. لېكىن جۈرئەت قىلالمىدىم. قايسى بىر چاغلاردا مەھەللىمىزدىكى خاتىپ ئاخۇنۇمنىڭ ۋەز – نەسىھەت قىلىۋېتىپ «مۇسۇلمان ئادەم ئۆز جېنىغا قەست قىلىپ ئۆلىۋالسا ئىمانسىز پېتى كېتىدۇ» دېگەن گەپلىرىنى ھېلىھەم ئېسىمدە. يەنە كېلىپ، مەن ئۈچۈن سەكپارە بولىۋاتقان ئاتا – ئانامنى، ئىنى – سىڭىللىرىمنى مۇسىبەت ئازابىدا قويغۇم كەلمىدى. مەن ھامان ئۆلۈپ كېتىمەن، ئۇلار چوقۇم ئازابلىنىدۇ. بىراق ئۆلىۋالسام ئۇلارنىڭ تېخىمۇ بەكرەك ئازابلىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا ئۇنداق قىلالمىدىم.
(http://bbs.oylirim.cn)) ?5 b, S( ~8 s1 o* U( _     ئاداش، قولۇم تىترەيدىغان، بېشىم قېيىپ ئۆرە تۇرغىدەك ماغدۇرۇم قالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ھازىر سۆگەت تۈۋىگە چىقساممۇ ئانام ياكى ئىنىم يۆلەپ ئەكىرىپ كەتمىسە يېنىپ كەلمىكىم تەس بولۇپ قالدى. سەن زادى قاچانمۇ كېلەرسەن؟ سېنى بىر كۆرىۋالسام بولاتتى. بۇ خاتىرىنى ساڭا ئۆز قولۇم بىلەن بېرىۋالسام بولاتتى، جېنىم ئاداش. بەلكىم ھېچقانچە ئۆمرۈم قالمىغاندۇ، لېكىن بۇنى ساڭا بىلدۈرۈشكە ئامالسىزمەن. دېھقان ئادەملەر شەھەرلەرنىڭ ئىسملىرىنى بىلىپ بولالمايدىكەن. نەدىلىكىڭنى سورىغىنىمدا ئاناڭ:
(http://bbs.oylirim.cn)/ L6 }+ u- P4 E5 M) [; Q2 u0 P   -قايسى بىر شەھەر دەۋاتقانتى، كاللىمىزغا چۈشمەيدىكەن بالام، ئۇ ئىچكىرى دېگەن يەردە ھەممە نېمە قىممەتمىش، بىچارە بالا بىز ئەۋەتكەن تۇرمۇش پۇلىنى تىجەيمەن دەپ تېلىفۇن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشكىمۇ كۆزى قىيماپتۇ. ئاممىۋى تېلفۇنلاردىن تېلىفۇن قىلاتتى. تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر تېلىفۇن بېرىپتىكەن. بۇدا تېلىفۇن قىلسا سىزنىڭ ئىزدىگىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماي دەپ قويىمەن، بالام. خاتىرجەم بولۇڭ،- دېدى.
(http://bbs.oylirim.cn)( b) \+ W, @) @9 P" R! f     ساناقلىقلا ئۆمرۈم قالغان تۇرسا، قانداق خاتىرجەم بولالايمەن؟
(http://bbs.oylirim.cn)$ a- B3 c# F( Z' @! i) ?4 X6 g    ئىشقىلىپ تېلىفۇننى بەكلا كېچىكىپ سېتىۋالدىڭ. شۇنىڭغىمۇ شۈكرى، ھەر ھالدا خەۋىرىڭنى ئالىدىغان بولدۇم. ساڭا تېلىفۇن بېرەي دەپ نەچچە قېتىم نۇمۇرۇڭنى كىرگۈزۈپ، تېلىفۇننى ئۇلاپ بولۇپ، يەنە ئۈزىۋەتتىم. تېلىفۇننى بالدۇرراق ئىشلەتسەڭ بولماسمىدى؟! ئەھۋالىم ياخشى چاغلاردا تېلىفۇن تۇتقان بولساڭ، ھېچبولمىسا بار يېرىڭنى بىلگەن بولسام، يېنىڭغا بېرىپ دىدارىڭغا قېنىۋالماسمىدىم! ئۆيۈڭدىكىلەردىن يان تېلىفۇن تۇتقانلىقىڭنى ئاڭلاپ پۈتۈن ئالەمنى بەرگەندەك خۇش بولۇپ كەتتىم. نۇمۇرۇڭنى بىر پارچە قەغەزگە خاتىرىلىۋېلىپ، ئۇدۇل سۆگەت تۈۋىگە چاپتىم. بىراق يەنىلا ئۇرالمىدىم. نېمانچە قورقۇنچاق، يارامسىز، يىغلاڭغۇ بولۇپ كەتتىم ھە؟!...
(http://bbs.oylirim.cn)$ A9 L9 R5 F( M! G6 a% f5 g. H    خاتىرىدىكى مەزمۇنلار مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشقان ئىدى. كەينىدىكى ئاق قالدۇرۇلغان ۋاراقلارنى بىرمۇ – بىر ئۆرۈپ ئاختۇرغان بولساممۇ نە بىر دانە چېكىت، نە بىر تال پەش ئۇچرىمىدى. دېمەك، ئادىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بايانلىرى شۇ بولۇپ قاپتۇ. ئۇ داۋامىنى يېزىشقا مۇۋەپپەق بولالماپتۇ. ئۇنىڭغا ئۈلگۈرمەيلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    ئاھ يۈرەك، نېمانچە ئاغرىيدىغانسەن؟ ئۇنىڭغا تارتىشتىڭمۇ؟ ئېيتقىنا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتكۈڭ بارمىدى؟ نېمانچە ئېغىر ئازاپ بۇ؟ قانداق چىدارمەن؟ قانداقمۇ چىداپ بولارمەن؟... ئادىلمۇ مۇشۇنداق قىينالغان بولغىيمىدى؟ مەن ئۇنىڭغا چىدىمىغاندەك، ئۇمۇ ماڭا چىدىماي، كۆزلىرى كەينىدە كەتكەن بولغىيمىدى؟ كاشكى جانجىگەر ئاغىنەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىدە يېنىدا بولالىغان بولسام، قوللىرىنى تۇتۇپ تەسەللىي بېرەلىگەن بولسام...(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )
    باغرىمنى ھەرە بىلەن تىلغاندەك ئېچىشتۇرۇپ ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىم ئەمدى توختىمايدۇ. ئۇ توختىسا توختار، لېكىن يۈرىكىمنىڭ كۆيۈشى، ئازابلىق سېغىنىش مەڭگۈ توختىمايدۇ...
(http://bbs.oylirim.cn)3 Z; F9 D$ }- W: v& F$ m
(http://bbs.oylirim.cn)4 E) m6 r- G7 G(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

(http://bbs.oylirim.cn)% O2 t2 H# B: o0 `" ?  O
(http://bbs.oylirim.cn)- `8 U3 n$ R9 j) B(بۇ مەزمۇن پۈتۈنلەي ئويلىرىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن،تور ئادرېسى::http://bbs.oylirim.cn/ )

كۆچۈرسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ !
(http://bbs.oylirim.cn)! B% K. y& G* U5 p


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئېسىلئېسىل ناچاركەنناچاركەن
تېمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئادېرسى: 

ئويلىرىم مۇنبىرى -باياناتنامىسى1 .مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلارنىڭ بىر قىسمى مۇنبىرىمىزگە تەۋە(ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ)، بىر قىسمى شۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، 2. تېما يوللىغاندا بارلىق ئەزالارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز:تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن ئاساسى مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىش لازىم. 3. ئەگەر يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بېكەت مەسئۇلى ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ،ئەسەر ئاپتۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىش تەلەپ قىلىنىدۇ،مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرىلىدۇ 5. تېما .ئىنكاسلارنى يوللاش جەريانىدا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،ئىملا مەشىقى قىلىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ باش تىزىملىكىگە قاراڭ! 6. تېما ئىنكاسلارنى يازغاندا قالايمىقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا يازما يېزىڭ! 7.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن قوشۇمچىلارنىڭ مەخپى نومۇرى www.oylirim.com bbs.oylirim.cn مۇشۇلار بولىدۇ .تەپسىلاتى تېما ئىچىدە ئەسكەرتىلىدۇ! بېكىتىمىزنى قوللىغان ئاساستا مەشغۇلات قىلىڭ! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بۇلۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئويلىرىم | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئېلان بېرىڭ | ھەمكارلىشىڭ | مۇلازىمەت | سەھىپىلىرىمىز | بىزگە قوشۇلۇڭ | پىكىر بېرىڭ | رادىئو

QQ|ئۇلىنىش قوشوش|زىندان|ئويلىرىم مۇنبىرى ( 新ICP备15002431号 )

© 2013-2016 Comsenz Inc.    Powered by OYLiRiM.CoM Design Discuz! X3.1

GMT+8, 2017-5-4 19:50 , Processed in 0.913802 second(s), 45 queries .

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表秘思栏目网立场。本站只提供交流平台

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش