NOD32 ۋىروسخورى ھەقسىز يېرىم يىللىق ۋىرۇس تازىلاش قورالى - [يۇمتاللار] |
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/owqi007-logs/38746348.html
ئالدىنقى قېتىم مەن رۈيشىڭنىڭ2009-يىللىق ھەقسىز نۇسقىسنى تەۋسىيە قىلغانئىدىم بۇ قېتىم تەببىركار بلوگىنى ئارلاۋىتىپ تەبىركار ئەپەندىنىڭ بۇ NOD32ۋىروسخورنى تەۋسىيە قىلىپ يوللىغانلىقنى كۆردىم توردىنمۇ ئىزدەپ كۆرسەم بۇ ۋىروسخىور نىڭ باشقىلارنىڭ قوللاش نىسبىتى خېلى يۇقىركەن سىلەرمۇ ئىشلىتىپ كۈرۈڭلار
تەدبىركارنى ياقتۇرىدىغان تورداشلار بەلكىم مېنىڭ ئىزچىل قايسى ۋىروسخورنى ئىشلىتىدىغانلىقىمغا قىزىقىشى مۇمكىن، چۈنكى مەن ھەر بىر قېتىم يۇمشاق دېتال تونۇشتۇرۇپ يازما يازغىنىمدا، چۈشۈرۈش ئادرېسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن بۇ ھۆججەتنىڭ مەلۇم ۋىرۇس تازىلاش قورالى تەرىپىدىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىزاھلاپ قويىمەن. توغرا، Tedbirkar ئىزچىل ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ۋىروسخور دەل NOD32 دۇر! سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، چۈنكى ئۇ ئىنتايىن كارغا كېلىدۇ، ئاجايىپ ياخشى كارغا كېلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى 360 بىخەتەرلىك مەركىزى ھەقسىز يېرىم يىللىق ھەقىقى نەشىردىكى NOD32 نى تەمىنلىگىلى خېلى بولدى، گەرچە ئىزچىل دوستلارغا تەۋسىيە قىلاي دەپ ئويلىغان بولساممۇ، پۇرسەت چىقماي كەلگەن ئىدى، بۈگۈن بۇ مۇنەۋۋەر ۋىرۇسخورنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىۋېتەي.
ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئادەتتە ھەمىشە ئارقا سەھنىدە ئىزچىل خىزمەت قىلىدۇ، شۇڭا بىر خىل ئىشەنچىلىك ۋە مۇقىم، سېستىما بايلىقىنى ئىگەللىشى تۆۋەن، كۈندىلىك كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا ھەرگىز تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ھەمدە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋىرۇستىن قوغدىنىش ۋە ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى بولغان ۋىرۇسخورلا ئاندىن مۇنەۋۋەر بولغان ۋىرۇسخور بولالايدۇ. ھالبۇكى، بازاردىكى كۆپ قىسىم ۋىروسخورلار ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغىلا ئېتىبار بېرىپ، سېستىما بايلىقىنى كونترول قىلىش جەھەتتە سەل قارىغان، ھەتتا كومپيۇتېرغا ۋىروس تازىلاش قورالىنى قاچىلىسىڭىز، كومپيۇتېرنى ۋىرۇس يۇقۇپ قالغاندىنمۇ بەك ئاستىلىتىۋېتىدۇ. بەزىدە ئۆزۈمدىن سوراپ قالىمەن، بۇنداق ۋىروسخورنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشىمۇ قانداق؟
بىر ۋىروسخور سېستىمىنى قاتۇرۇپ قويسا، باشقا پروگراممىلارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزسە ياكى پۈتكۈل سېستىمىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويسا، مەيلى ئۇنىڭ ۋىرۇس تازىلاش ئىقتىدارى قانچىلىق كۈچلۈك بولسۇن، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ بىر خىل لاياقەتسىز مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېسىپ ئېيتالايمەن، سىزدە بىر دانە ۋىرۇستىن قوغدىنىش ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە بولغان ۋىرۇسخور + ياخشى بولغان تورغا چىقىش ئادىتى + بىر ئاز بىخەتەرلىك كۆز قارىشى بولسىلا، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئىزچىل بىخەتەر خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. مېنىڭ ۋىرۇسخور تاللاشتىكى پرىنسىپىم، كۈندىلىك كومپيۇتېر مەشغۇلاتىمغا تەسىر يەتكۈزمىگەن شەرت ئاستىدا، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋىرۇسخورنى تاللايمەن.
ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئاساسى كۆرۈنمە يۈزى
نېمىشقا مېنىڭ نەزىرىمدە NOD32 بۇنچە قالتىس؟
1. بازاردىكى كۆپ قىسىم ۋىروسخورلارنى مەن ئىلگىرى ئىشلىتىپ باققان، NOD32 مېنىڭ نەزىرىمدە سېستىما بايلىقىنى ئىگەللىشى ئەڭ تۆۋەن ھەمدە ۋىرۇس تازىلاش ئىقتىدارى جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقى ئەڭ ياخشى بولغان مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ! ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سېستىما بايلىق ئىگەللىشىنىڭ بازار بويىچە ئەڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى دېمەيلا قويايلى، ئۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا كومپيۇتېرىڭىزنى قوغداۋاتقان چاغدا، سىز ھەتتا ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئۇنتۇپ قالىسىز. ئادەتتىكى سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلاردىمۇ، ئۇنىڭ كومپيۇتېر سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، مانا بۇ NOD32 نىڭ مۇنەۋۋەر بىر تەرىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2. NOD32 سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا نىسبەتەن "تاجاۋۇزچىلىق" قىلمىشى يۈرگۈزمەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنمۇ يوق بىلمىدىم، بىر قىسىم ۋىرۇسخورلار، مەسىلەن Norton غا ئوخشاش IE نىڭ يۈزىگە ئادەمنىڭ كۆزىنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغان بىر تال قورال ستونىنى قوشۇپ قويىدۇ، ياكى يەنە مەسىلەن 瑞星 غا ئوخشاش سېستىمىغا تىزىملىنىپ كىرىدىغان جايغا ئۆزىنىڭ Logo ماركىلىرىنى قىستۇرىۋالىدۇ، شەخسەن مەن بۇنداق قىلمىشلاردىن ئانچە بەك مەمنۇن بولۇپ كەتمەيمەن. ئەمما NOD32 بولسا "ئوڭ كۇنۇپكا ۋىرۇس تازىلاش" تىزىملىكىدىن باشقا، سېستىمىغا ھېچقانداق يولدىن چىققان ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارمايدۇ.
3. ۋىرۇس تازىلاش ئىقتىدارى. گەرچە مېنىڭ NOD32 نى تەۋسىيە قىلىشىمدىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ باشقا ۋىروسخورلاردىن خېلىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكى بولمىسىمۇ، ئەمىلىيەتتە NOD32 نىڭ ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ! ئۇنىڭ پۈتكۈل يەرشارى بويىچە ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى ساناقسىز بولۇپ، مەسىلەن، ICSA، Checkmark، AV Comparative قاتارلىقلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، Virus Bulletin، PC Magazine قاتارلىقلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. پەقەت بۇلا ئەمەس، NOD32 پۈتكۈل يەر شارى بويىچە بىردىنبىر 53 قېتىم VB100%(دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق ۋىرۇسقا قارشى سىناق قۇرۇلمىسى) سىنىقىدىن ئۆتكەن ۋىرۇستىن قوغدىنىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئېرىشكەن نەتىجىلىرى بىلەن خاتىرجەم ھالدا بىرىنچى نومۇرلۇق تەختتە ئولتۇرىۋاتقان، يەر شارى بويىچە ئەڭ كۆپ سىناقتىن ئۆتكەن، كۆپ قىسىم ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرىغا ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتقان، ئىسمى جىسمىغا لايىق كەسپى جەھەتتىكى بىر قابىل رەھبەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ
NOD32 نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ھەققىدە
ESET NOD32 بولسا بىر تۈرلۈك 16 يىللىق تارىخقا ئىگە كونا ماركىدىكى ۋىرۇستىن ساقلىنىش يۇمشاق دېتالى. ئەڭ دەسلەپكى تارقالغان جاي سلوۋاكىيە، نۆۋەتتە تىجارەت مەركىزى ئامېرىكىغا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پۈتكۈل يەر شارى بويىچە بىردىنبىر ئارقا-ئارقىدىن 53 قېتىم خەلقئارالىق نوپۇزغا ئىگە VB100 نىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن يۇمشاق دېتال. دۆلەت ئىچىدىمۇ، ESET NOD32 نى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە يۇقىرىلاپ، بولۇپمۇ كۆپ قىسىم تور ئاھالىلىرى ئارىسىدا ناھايىتى ياخشى باھا ئېرىشمەكتە.
NOD32 ئۆزىدە مۇستەققىل بولغان ئالى دەرىجىلىك قوزغىتىش شەكلىدىكى ماتورىنى ئىشلىتىدۇ، ئېلان يۇمشاق دېتاللىرى، Root Kit، جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتاللىرى، ياغاچ ئات، Trojan، ۋىرۇس، پارازىت قۇرت قاتارلىق يۇمشاق دېتال ۋە قوراللارغا نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىممۇنت ئۈنىمىگە ئىگە، ئابونت ئۇچۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، شەخسى ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك قوغداش ئېلىپ بارىدۇ
نى تەڭشەش
NOD32 نى يېرىم يىللىق ھەقسىز ئىشلىتىش ۋە ئاكتىپلاش نومۇرى
360 ۋە ESET شىركىتى ھەمكارلاشقانلىق تۈپەيلى، NOD32 نىڭ يېرىم يىللىق ھەقسىز ئىشلىتىش ئاكتىپلاش نومۇرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ھەقسىز يېرىم يىل ۋىرۇس ئامبىرىنى يېڭىلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولۇشقا، خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولىدۇ ھەم NOD32 نىڭ 360 مەخسۇس نۇسقىسىنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىش ھەققىمۇ ئىنتايىن ئەرزان. يېڭىدىن كومپيۇتېر قۇراشتۇرغان ياكى ۋىروسخور ئىزدەپ يۈرگەن دوستلارغا نىسبەتەن NOD32 نى ئىشلىتىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، 360 ھەمكارلىق نەشىرىدىكى NOD32 بولسا ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش نۇسقىسى، تولۇق يۈرۈشلۈك نۇسقىسى ئەمەس، خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلايدىغان 防火墙(ئوتتام؟) ئىقتىدارى يوق. بىراق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ، ئوتتام چۈشۈرۈش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالىسىز تېخى
ناۋادا سىز تولۇق يۈرۈشلۈك نۇسقىسىنى زادى ئىشلىتىمەن دېسىڭىز، ئۇنداقتا بۇنىمۇ ھەقسىز ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ESET NOD32 يۈرۈشلۈك نۇسقىسى 官方 تەرەپتىن 90 كۈنلۈك ھەقسىز ئىشلىتىشكە تەمىنلىپتۇدەك، لازىم بولسا بەت ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ناۋادا سىز 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلىنى قاچىلىغان بولسىڭىز، ۋىرۇس تازىلاش بېتىنى ئاچسىڭىزلا NOD32 نىڭ ئاكتىپلاش نومۇرىغا ئېرىشەلەيسىز. 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلىنى قاچىلاپ بولۇپ لازىم قىلمىسىڭىز ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ، 1 مىنۇتلۇقلا ئىش.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: NOD32 ھەقىقىي نەشىرى 360 نۇسقىسى مەنبەسى: تەدبىركار ئاكتىپلاش نومۇرىغا ئېرىشىش ESET NOD32 يۈرۈشلۈك نۇسقىسى 90 كۈنلۈك ھەقسىز نۇسقىسى