|
ماقالە مەزمۇنى |
ئورخۇننى قوللامسىز؟ |
يوللىغۇچى ertoghrul كۆرۈش 13905 يوللانغان ۋاقتى 2008/3/17 00:29 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
يېقىندىن بۇيان ئورخۇن مۇنبىرىنىڭ گۇگىل ئېلانلىرى ۋە باشقا ئېلانلىرى سەرخىللىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، ئورخۇن مەسئۇللىرى ئېلان كىرىمىگە ھەرھالدا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. لېكىن ساپالىق ئورخۇن مەسئۇللىرى ھېچقاچان ئورخۇن ئېلانىنى چېكىشىكە بىزلەرنى قىزىقتۇرمىدى ۋە ئەسكەرتمىدى. بۇ ئەلۋەتتە ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. مەنمۇ ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ شەخسىي تۈزۈۋالغان بېتىمىگەئېلاننى چېكىپ قويۇش ھەققىدە ئەسكەرتكەن ئىدىم. كېيىن ئورخۇن مۇنبىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ ئۇ ئەسكەرتىشنى ئۆچۈرۋەتتىم. لېكىن بىزمۇ ئۆزىمىزنى سوراپ ئورخۇننىڭ ئېلانىنى كۈندە بىر قېتىم، ھېچ بولمىغاندا ھەپتىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ چېكىپ قويايلى. بۇ ئورخۇننىڭ تەرەقققياتىغا پايدىلىق. ئارىلىقتا ئورخۇن توختاپ قالغاندا ئېنتىرنىت دۇنياسدىن كۆڭلۈم بەكلا سوۋىدى. ئېچىلغاندىن كېيىن ئورخۇن ئەزالىرىنىڭ بولۇپمۇ كونا ئەزالارنىڭ قانچىلىك خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئولتۇرمىساممۇ ھەممىمىزگە ئايان. دېمەك بىز ئورخۇن مۇنبىرىگە مۇھتاج. ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مۇھتاج. لېكىن بۇيەردە مۇنداق سۇئال تۇغۇلىدۇ: ئورخۇننىڭ ئېلانلىرىنى چېكىش ئارقىلىق گۇگۇل شىركىتىنى ئالدامدۇق؟ جاۋابى: ياق! ئەمەلىيەتتە سەللا دىققەت قىلسىڭىز ئورخۇن مۇنبىرىنىڭ ئېلانلىرى سەرخىلدۇر. مەسىلەن: مەن تۆنۈگۈن « بىر پۇڭ خەجىلمەي دۇكان ئېچىپ خوجايىن بولۇڭ» دېگەن ئېلاننى كۆردۈم ۋە چېكىپ ئۇنىڭدىن زور مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىتىم. ئۇ دۇكاننىڭ ئارتۇقچىلىقى سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىنى ياكى شىركىتىنى ھەقسىز تورغا چىقرىپ قويالدىكەنسىز. ئۇ تور داڭلىق تور بېكەتلەردىن بولغاچقا Google دا ئاچقۇچلۇق سۆز ئىزدىسە سىزنىڭ مەھسۇلاتلىڭىزغا توغرا كېلىپ قالسا ئېچىپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭىدىن باشقا 2 گېگابايتلىق ھەقسىز بوشلۇق ئېلانى بولۇپ ئۇنىڭدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنۋاتىمەن. بۇ توغرۇلۇق كەڭ ئورخۇن ئەھلى بىلەن ئايرىم تېما سۈپتىدە ئورتاقلاشساممۇ بولىدۇ. مەن ئىلگىرى گۇگېل ئېلانلىرىدىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچاتتىم. كېيىن بىر نەچچە قېتىم ماڭا پايدا يەتكۈزگەندىن كېيىن خۇددى يېڭى تېما كۆرگەندەك ئېلانلارغىمۇ دىققەت قىلدىغان بولدۇم. ئەلۋەتتە بۇنداق مىسال ئالسام كۆپ، ئىشەنمسىڭىز سىزمۇ دىققەت قىلىپ قويۇڭ. ئەگەر ئورخۇن ئېلانلىرىنىڭ ھەقىقەتەن سىز بىلەن زادىلا مۇناسىۋىتى بولمىسا باشقا تور بەتلەرنى زىيارەت قىلغان كەبى بىرقىسىم پەن - تېخنىكىلق تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىپ قويۇڭ. چۈنكى بۇ ھەرگىزمۇ گۇگۇل كېلشىمگە خىلاپلىق ئەمەس. گۇگىلمۇ مۇناسىۋەتسىز بولسا قەتئىي چەكمەڭ دېمەيدۇ. بەزى بىر قسىم يېڭىدىن قۇرۇلغان تور بېكەتلەر نوقۇل سودا تۈسىنى ئالغان بولماستىن بەلكى، تور بېكەتلىرىنى گۇگىل شىركىتىگە چىكىلىش نىسىپتىنى مۇنداقچە ئېيتقاندا تونۇلۇش نسىپتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلان قىلدۇرىدۇ. خۇددى تېلېۋزور ئېلانلىرنىڭ كۆپىنچە بىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ كۈندە كۆرۈۋېرىپ ئاخىرى داڭلىق ماركا بەرپا بولغاندەك بىر ئىش. خۇلاسە كالام، ئىشلار نىيتىڭىزگە باقىدۇ. ئېلان چەككەن چېغىڭىزدا گۇگېل شىركىتىنىمۇ ئويلاپ قويسىڭىز، ئەلۋەتتە ئۇلار بىزدىنمۇ مەمنۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ ئابونتلىرنىڭ مەنپئەتلىرىنى قوغداشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئورخۇن مەسئوللىرىمۇ ئېتقادىمىزغا خىلاپ بولغان جىنىسي ئېلانىلارنىڭ ئېلان سۈپتىدە چىقىپ قېلىشىنى Google AdSense نىڭ ئېلان سۈزۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قەتئىي سۈزۋېتىشى كېرەك. ئەگەر جىنىسي ئېلانلار كۆرۈنۈپ قالسا مېنىڭ بۇ چاقىرىقىم نۆلگە تەڭ بولىدۇ. باشقا ئەزالارنىڭ زەربە بېرىش ئوبكىتىغا ئايلىنىپ قالىمەن. تېخىمۇ چاتاق يېرى شۇكى، مەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالىمەن. مەن ئۇنداق ئېلانلارنى ئورخۇندىغۇ كۆرۈپ باقمىدىم. بولسا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قەتئىي كۆرۈنمىسۇن. ئەگەر قوللسىڭىز بېلەت تاشلاڭ. ۋە ئېلانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ. قوللىماسلىقمۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ ئەركىنلىڭىز بولۇپ كۆز قارىشڭىزنى تولۇق ھۆرمەت قىلىمەن. ئەسكەرتىش: بۇ تېما پەقەتلا مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئورخۇن مەسئۇللىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتۇر. ئورخۇن مەسئۇللىرىغا: مۇمكىن بولسا بۇ تېمامنى رەڭلەپ، چوققىلاپ قويساڭلار. [align=justify]بىلىك كۇلۇبىدىكى Dell نىڭ يازمىسى ئورخۇنغا لايىقلاشتۇرۇلۇپ ئۆزلەشتۈرۈلدى. |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 78 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى | |||
1 | udun | Ertoghrul ئەپەندىمنىڭ بۇ پىكرىگە مەن قوشۇلىمەن. دېمىسىمۇ مەسئۇللاردىن ھېچبىر كىشى بۇ ھەقتە گەپ قىلمىغان، مەن بۇ بەتتىن گوگىلغا كىرىپ ئىزدەشنى ئەڭ قولايلىق دەپ قاراپ، دائىم شۇنداق قىلىمەن. مەن بىرنەچچە تورداشلىرىمنىڭ بۇ ھەقتىكى ياخشى باھاسىنىمۇ ئاڭلىدىم. ئورخۇننىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشىمەن دەيدىغانلا كىشىنىڭ Ertoghrul ئەپەندىمنىڭ بۇ يازمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. |
2008/3/17 00:43 | |||
2 | erdewil | ئورخۇننى قوللاپ بەرگەن يۇقىرىقى توردىشىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن تەشەككۈر... ئورخۇننى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشكە تىرىشايلى، رەھمەت |
2008/3/17 10:02 | |||
3 | palwan | يولداش ئەرتوغرۇلنىڭ مېننەتسىز ئۇرخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بىكىتىنى قوللىغانلىقىغا ئىچ-ئىچىمدىن قايىلمەن، ئۆزنىلا ئويلاپ ئۆزگىنى ئويلاشنى ئۈنۇتقان، مال-دۇنيانىلا كۆزلەپ ئادىمىلىكنى ئۈنتۇشقا باشلىغان بۇگۇنكى دەۋىرگە نىسپەتەن يولداش ئەرتوغرۇلنىڭ بۇ روھىنى مەدىھلەشكە ئەرزىيدۇ، لېيفىڭ روھىنى نۇر چاشتى دىسە نەق مۇشۇ روھنى مىسال ئالسا بولغىدەك. تورداشلار نامىدىن سىزگە تەشەككۇر ![]() ![]() |
2008/3/17 10:31 | |||
4 | nawebar873 | مەنمۇ دائىم ئورخۇندىكى گوگىل ئارقىلىق ئىزدەش ئىلىپ بارىمەن ،ئورخۇن مېنىڭ باش بېتىم بولغاچقا ،بۇبەتتىن گوگىلنى ئىچىش بەكمۇ ئەپلىك. | 2008/3/17 10:48 | |||
5 | baturjangqi | ياخشى تەكلىپتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك . ئەمدىكى گەپ ، بىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى تەكلىپنى ئەمەلى قوللىشىمىزدا . | 2008/3/17 14:34 | |||
6 | kulke | ئانداق بولسا ھەممىمىز كۈندە 2-5 قېتىمغىچە گوگول ئېلانىنى دەسسىۋەتمەمدۇق ئورخۇندىكى . گەپنى ئېغىزىمىدا ، خەتنى قولىمىزدا يازغان ھېساب ئەمەس جۇمۇ . ئورخۇندا ۋە ياكى باشقا بېكەتلەردە قويۇلغان گوگول ئېلانى ئىككى خىل . يەنى بىرى ھەقلىق ئېلان بىرى ھەقسىز ئېلان . بەزى تورداشلار بۇ ئىككى ئېلاننىڭ پەرقىنى بىلمەي ئالدىغا كەلگەننى بېسىۋېرىدىكەن . بۇنداق بولغاندا ھەقسىز ئېلانننى چەكسەڭلار قىلچە پايدىسى يوق . شۇڭا ئاشۇ بىر قېتىم چېكىشىمىزنىڭ بېكار نەرسىگە ئىسراپ قىلماي ھەقلىق ئېلاننى چېكىپ قويايلى دوستلار . بۇ ئىككىسىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق : 1 - ھەقلىق ئېلاننى پەرقلەندۈرۈش : google提供的广告 دېگەن خەت بار ئېلان ھەقلىق ئېلاندۇر . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك : مانا مۇشۇ ھەقلىق ئېلان . مۇشۇنى كۈندە پەقەت بىرلا قېتىم چېكىپ قويسڭىز ئورخۇننى قوللىغان بولىسىز . 2 - ھەقسىز ئېلاننى پەرقلەندۈرۈش : google提供的公益广告دېگەن خەت بار ئېلان ھەقسىز ئېلاندۇر . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك : بۇ ئېلاننى چەكمەڭ . بۇ ھەقسىز ئېلان . بۇنى چەكسىڭىز ئورخۇنغا قىلچە پايدىسى يوق . ئەمسە دوستلار بىرلىكتە كۈندە دەسسەپ قويايلى ھە ئورخۇندىكى ھەقلىق ئېلانلارنى . ئەمدى پەرق ئېتىۋالغانسلەر قايسىنى چېكىش قايسىنى چەكمەسلىكنى . ============================== ۋاقتىڭلار بولسا ماۋۇ بېكەتتىكى ئېلاننىمۇ چېكىپ قويۇڭلار:/erdewil/uyterjime.htm |
2008/3/17 20:32 | |||
7 | bares | مەن قۇشۇلىمەن ......قارىغاندا مەنمۇ ئۇرخۇندىن ئايرىلالايدىغان دەك قىلماي مەن . | 2008/3/17 22:48 | |||
8 | kulke | ئورخوندىن ئايرىلسىڭىز ئۇيغۇر تارىخىدىن ئايرىلىسىز . چوقۇم ئايرىلماسلىقىڭىز كېرەك ...... قانداق دېدىم . ![]() ![]() |
2008/3/18 02:25 | |||
9 | kimsiz | ئەڭ يۇقىرىدىكى خەنزۇچە خەتلىك گوگل ئېلانىمۇ؟ مەنمۇ چېكىۋەتتىم. مەنمۇ قوللايمەن. | 2008/3/18 12:40 | |||
10 | udun |
سىز قايسىلا بەتكە كىرسىڭىز ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن تەييارلانغان سىزگە تەۋە جايدىمۇ بار، نېمىنى كۆرۈشكە ئېھتىياجىڭىز بولسا شۇنى چېكىسىز. |
2008/3/18 23:50 | |||
جەمئىي باھا 78 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|