بىلىك-ئىنتىل ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى ھەم خەتلىك كىنو ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇ ئېلاننى كۈندە بىر قېتىم چېكىپ قويۇڭ،رەھمەت
1-بۆلەك 2-بۆلەك 3-بۆلەك 4-بۆلەك (جەمىئىي تۆت بۆلەك)
====================================================================
ئورخۇن
ئۇيغۇر تارىخى تورى ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىققۇچى
بارلىق ئىلىم سۆيەر تورداشلارغا چوڭقۇر سالام يوللايدۇ
ئانا تىل
ئىپتىخارىم، چىن غۇرۇرۇم، شۆھرىتىمسەن ئانا تىل،
ناخشا ئېيتسام مۇڭلۇرۇمسەن، كۈيلىرىمسەن ئانا تىل.
قايسى چاغ بولدۇم تەۋەللۇت سەن بىلەن چىقتى تىلىم،
پەنگە ئاشىق بىقارار قىلغان گۈلۈمسەن ئانا تىل.
سەن بىلەن ئۆتتى ئۆمۈرنىڭ رەڭگارەڭ شۇ باغلىرى،
دەرتلىرىم، كۈلكەمگە ھەم جۆر سىردىشىمسەن ئانا تىل.
سەن ئانا ئەلنىڭ كۆمۈلمەس تارىخىنىڭ شاھىتى ،
ھەقنى-ناھەقنى ئېنىق قىلغان نۇرۇمسەن ئانا تىل.
سەن بىلەن مەھمۇد، نەۋائى...كەلدى چاقناپ ھەر زامان،
كى مۇقامنى تىلىدا ياڭراتقانسەن ئانا تىل.
قايسى تۇز كور ئەلگە ھۇقۇشتەك زاۋاللىق تىلىسە،
بەتنىيەتكە چىڭ قادالغان خەنجىرىمسەن ئانا تىل.
قىممىتىڭ بولغان باھاسىز، تەڭدىشىڭ ئالەمدە يوق،
ئايرىلالماس تىل تۇمار-ئەڭگۈشتەرىمسەن ئانا تىل.
بىر سېنى دەپلا ئۆتەرمەن ، ئۆزگە يارىم يوق مېنىڭ،
چۈنكى دىل رىشتىم چىگىلگەن دىلبىرىمسەن ئانا تىل.
خىسلىتىڭ يازغانغا پۈتمەس، سەن ھايات سەن مەن ھايات،
سېنى قوغدايمەن ئەبەدكە ، جان - جېنىمسەن ئانا تىل.
============================================================
Copyright 2008-2009
Uyterjime Group All rights reserved
بارلىق ھوقۇق ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تورىغا تەۋە