يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
گېن تەتقىقاتچىلىرىنى ھەيران قال...
يوللىغۇچى moljer   كۆرۈش 18253   يوللانغان ۋاقتى 2007/12/17 16:04  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
[align=justify]ھازىرقى زامان ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمىدە ئىنسانلارنىڭ DNA قۇرۇلمىسى مۇھىم بىر تەتقىقات تىمىسى بۇلۇپ، DNA تۈزۈلىشىگە ئاساسەن ھازرىقى ئىنسانلارنىڭ قايسى رايوندىن كۆچۇپ كەلگەنلىگىنى،قانداق مىللەتلەر بىلەن بىرككەنلىگنى ، قانداق مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق ۋە تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىش ئۇنىڭ مۇھىم بىر تەتقىقات يۆنىلىشىدىن ئىبارەت. ئەنە شۇ DNA قۇرۇلمىسغا ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ يازما تارخ ماتىرياللىرى جاۋاپ بىرەلمىگەن چىگىش سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش تامامەن مۇمكىن. يەنى تارختا خاتىرلەنمىگەن ئىزلار دەل ئىنسانلارنىڭ DNA قۇرۇلمىسىدا خاتىرلەنگەن ۋە ساقلانغان.DNA زەنجىرى ئەشۇ قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ گېن ئالاھدىلىكىرنى ھازىرقى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.
ئۇيغۇرلار يىپەك يولىنىڭ غول لىنىيسىدە ، يەنى كېسىشمە يولىدا ياشىغان بىر مىللەت بۇلۇشى سۈپىتى بىلەن بۇ جۇغىراپىيلىك ئالاھىدە شارائىت ئۇيغۇرلاغا باشقىچە ئالاھىدە ئىزلارنى قالدۇرغان.مەدىنيەتتكى ئۆزگىچىلىك . يەنى غەرىپ -شەرىق، جەنۇپ- شىمالدىن كەلگەن مەدىنيەتنىڭ بىركىشى ،يۇغۇرلىشى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللىشى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر چىرايلىرنىڭ ئۆزگىچىلگى، ھەرخللىغى. سىز ئەتىراپىڭىزدىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدىن نېگىرلاردىن باشقا دۇنيادىكى ھەممە ئېرىقلارنى ئاساسەن تاپالايسىز . كۆك كۆز ،سېرىق چاچ ياۋۇرپالىقلارنى، قارا چاچ، قارا كۆز، قاڭشالىق ئىرانلىقلارنى، يالاڭ قاپاق، قارا تۈز چاچلىق شەرقى ئاسيالىقلارنى. دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ گېىن تىپى ئالاھىدە، يەنى بىر ئارلاشما تىپ.
گەرچە ئۆزەمنىڭ كەسپى تارىخ ،ياكى ئىنسانشۇناسلىق بىلەن مۇناسىۋەتىسىز بولسىمۇ بىراق ئىنسانىيەتىنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىكى تارىخى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارغا كۈچلۈك قىزىقىشىم بار. شۇ سەۋەپتىن تورغا چىقسام چەتئەل تورلىردا مۇشۇنداق تىمىلارغا ئائىت مۇنبەرلەردە چېپىپ يۈرۈيمەن. ئەشۇنداق مۇنبەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر قىزقارلىق تىمىنى ئۇچىىرتىپ قالدىم. يەنى بىر ئاق تەنلىك ئامىركىلىق ئۆزىنىڭ گېنىنى تەكشۈرتكەندە تەكشۈرۈش نەتىنجىسى ئۇنى ئۇيغۇر گېىن تىپىغا ماس كىلىدۇ دەپ چىقارغان.نەتىنجىدە بۇ تىما قىزىپ ئۇيغۇرنىڭ قەدىمقى تارىخى ، كىرورەن گۈزىلى، تەكلىماكاندىن چىققان ئاق تەنلىك ئىرققا تەۋە مۇميالارغىچە ، ھەتتا بۇ زىمندا ياشىغان ئاق تەنلىق قەدىمقى ئىنسانلاردىن توخىرىلارغىچە يىتىپتۇ.
ئۇنداقتا مەقسەتكە كەلسەك ئۇيغۇرلارنىڭ گېن تىپى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ نىمىشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان بۇ ئامىركىلىق ئۇيغۇر گېىن تىپى بۇلۇپ چىقىدۇ؟
   ئىنسانلارنىڭ DNAسىدىكى Y-chromosom ئاتلىق يۆنىلىش بويچە ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملىشىدىغان خىروموسوم بۇلۇپ ئۇ يەنە نەچچە ئونلىغان تىپلارغا ئايرىلغان. تەپسىلى تىپلار ۋە ئۇلارنىڭ جۇغىراپىيلىك جايلىشىشى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك. 



ئۇنداقتا پۇتۇن دۇنيانىڭ Y-chromosom  تىپلىرنىڭ جايلىشىش خەرتىسىنى كۆرۈپ باقايلىك. 




بۇ خەرتىدىن قىزىل چەمبەر ئىچىگە ئېىلىنغان ئۇيغۇر Y-chromosom تىپى گىرافىكىغا دىققەت قىلىڭ. 




ئۇيغۇر Y-chromosom تىپى گىرافىكىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنىشى 



گىرافىكتىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ئۇيغۇرلار Y-chromosom دىكى ئاساسلىق تىپلار:R1b, R1a, O, J, Cدىن ئىبارەت.
R1b تىپى : ئاساسلىقى غەربىي ياۋۇرپادا كەڭ كۆرۈلدىغان تىپ، بۇلۇپمۇ ئەنگىليە،ئىرلاندىيە،گېرمانىيە، ۋە ئىسپانيەلەردە كەڭ كۆرۈلدۇ.
R1a تىپى : ئاساسلىقى رۇسىيە ۋە ئەتىراپىدىكى شەرقى ياۋۇرپا ئەللىردە كۆپىرەك تارقالغان تىپ.
J  تىپى :ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەبلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تۇركىيە ئىتالىيە قاتارلىق ئوتتۇرا دېڭىز بويدىكى ئەللەردە كۆپ كۆرۈلدۇ.
C تىپى: ئاساسلىقى سىبىريەدە كەڭ تارقالغان تىپ بۇلۇپ موڭغۇل ۋە بۇيرات، ئالتاي،ئېۋېنكى ۋە قازاقلاردا كەڭ تارقالغان تىپ.
O تىپى : ئاساسلىقى شەرقى ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرگە كەڭ تارقالغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ گېن قۇرۇلمىسى نىمىشقا گېن تەتقىقاتچىلىرنى ھەيران قالدۇردۇ؟
ئېنگىلىزچە ئېنسكلوپىدىيەلەردىن Y-haplogroups R1b تىپىنى ئىزدىسىڭىز، R1b  تىپنىڭ غەربى ياۋۇرپادا كەڭ تارقالغان بىر تىپ بۇلىشى بىلەن بىرگە، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلادىمۇ بۇ خىل تىپنىڭ خېلى كۆپ سالماقىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىكەنلىگىنى كۆرسىز .ئۆزڭىزمۇ ئۈستىدە بىرلگەن دۇنيادىكى Y-haplogroup تىپىنىڭ تارقىلىش خەرتىسگە دىققەت قىلسىڭىز ، قىزىل رەڭلەرنىڭ غەربى ياۋۇرپادا ،تۇم سېرىق رەڭلەرنىڭ رۇسىيە قاتارلىق شەرقى ياۋۇرپا ئەللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ،ئالتاي، ھىندىستاندا كوپ ئىكەنلىگىنى كۆرسىز. يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا بەكىرەك دىققەت قىلسڭىز ئۇيغۇر ۋە قىرغىزدىن ئىبارەت بۇ مىللەتلەرنىڭ گېن قۇرۇلمىسنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلگىنى كۆرسىز. يەنە ئۇيغۇرلار دا قىزل رەڭ يەنى غەربى ياۋۇرپا گېن تىپى R1b نىڭ سالمىقى ئەتىراپىدىكى قوشنىلىرغا قارغاندا، يەنى پۇتكۈل ئاسىيا رايونىغاسېىلىشتۇرغاندا كورۇنەرلىك دەرجىدە يۇقىرلىغىنى كۆرسىز. ئۇندىن باشقا يەنە سېرىق رەڭ يەنى شەرقى ياۋۇرپا گېن تىپى R1a نىڭ نىبىتىمۇ خېلى يۇقىرى .
بۇ دەل گېنشۇناسلارنى ھەيران قالدۇرغان قىزىق نوقتا. يىراق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلاردا نىمىشقا بۇنداق كۆپ نىسبەتتە R1b،R1a مەۋجۇت بولىدۇ؟


تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 70   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 bugrahan         بۇنىڭ جاۋابى:  5-يارالمىش ئىنسانلارنىڭ  ئۇيغۇرلار ۋە نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇ ئېلىپ ماڭغان كىشىلەردىن تارقالغان. 
        ( ئىشەنگۈسىز تارىخ دېگەن تىمىنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز!)
2007/12/18 17:15
2 bares بۇغراخان توغرا ئىي تىدۇ .مۇشۇ تىمىنى  ئۇ قىسڭىز ھەيران قالىسىز ! 2007/12/21 20:48
3 Elturk ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز ؟ 2007/12/22 13:12
4 niyazdixan

  نەقىل:
1 - قەۋەتتىكى bugrahan 2007-12-18 17:15 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
        بۇنىڭ جاۋابى:  5-يارالمىش ئىنسانلارنىڭ  ئۇيغۇرلار ۋە نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇ ئېلىپ ماڭغان كىشىلەردىن تارقالغان.  
        ( ئىشەنگۈسىز تارىخ دېگەن تىمىنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز!)

گېن تەتقىقاتچىلىرى ئىشەنگۈسىز تارىخ دېگەن تىمىنى ئوقۇپ چىقسا بەزىبىر ئىشلارغا بولغان ھەيرانلىقلىرىنى تۈگىتىدىكىەندە .
2007/12/22 20:31
5 Yawuz [align=justify][align=justify]

  نەقىل:
1 - قەۋەتتىكى bugrahan 2007-12-18 17:15 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
        بۇنىڭ جاۋابى:  5-يارالمىش ئىنسانلارنىڭ  ئۇيغۇرلار ۋە نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇ ئېلىپ ماڭغان كىشىلەردىن تارقالغان. 
        ( ئىشەنگۈسىز تارىخ دېگەن تىمىنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز!)

رىۋايەت دىگەن بەرىبىر رىۋايەت، رىۋايەت گەرچە تارىخنىڭ مەلۇم تەرىپىنى يورۇتۇپ بېرەلىسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز تارىخ بولالمايدۇ.
خوش ئەمدى يۇقۇرىدىكى تېمىغا قايتىپ كەلسەك،  دىيارىمىز  ئەڭ قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى، شۇڭا بۇ رايوندا ياشاپ ۋە قۇرۇپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ گېن تىپى قۇرۇلمىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىغا مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، دىيارىمىزنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ھازىرغىچە دىيارىمىزدىن قېزىۋېلىنغان 4000 يىل بۇرۇنقى جەسەتلەرنىڭ ئېرقى ئالاھىدىلىكىگە قارىغاندا، قېزىۋېلىنغان جەسەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە (ھەممىسىدە دىيىشكىمۇ) بولىدۇ، ياۋروپا ئېرقىنىڭ ئېرقى ئالاھىدىلىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدىغان بولۇپ، كىرورەن گۈزىلى، چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەر ۋە خېجىڭ قارا مۇدۇن قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەر بۇ سۆزىمىزگە ئىسپات بولالايدۇ،
ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولغان جەسەتلەردە گەرچە يەنىلا ياۋروپا ئېرقى ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ دەۋرگە مەنسۇپ بولغان قىسمەن جەسەتلەردە قىسمەن موڭغولوئىدلىق ئېرقى ئالامەتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان. مېنىڭ قارىشىمچە بولغاندا بۇ دەۋردە قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشنىڭ كېڭىيىشى ۋە تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلىشى ۋە ئارىلىشىشى چوڭ قەدەمدە بولمىسىمۇ كىچىك قەدەمدە باشلىنىشقا باشلىغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە مىللەتلەرنىڭ بۇ خىل قوشۇلىشى ئۈزۈلۈپ قالماي ئىزچىل داۋاملىشىپ ماڭغان ۋە موڭغولوئىد ئېرقتىكى كىشىلەرنىڭ تۈركۈملەپ بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىپ ئۆزئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش جەريانىدا مىللەتلەرنىڭ قوشۇلىشى تېخىمۇ كېڭىيىپ، بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئېرقى ئالاھىدىكىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ چىڭگىز ئىستىلاسىدىن كېيىن شەكىللەنگەن مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلىشى بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئېرقى ئالاھىدىكىگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ گېن قۇرۇلمىسىدا يۇقۇرىقىدەك كۆپ خىل ئامىللارنى شەكىللەندۈرگەن بولسا كېرەك.
گەرچە بىز ئۇيغۇرلاردا " قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن " دىگەن تەمسىل بولسىمۇ، لېكىن تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يېزىپ باقتىم، بۇنىڭغا يەنىلا مۇشۇ كەسپنىڭ ئەھلىلىرى بىرنىمە دىسۇن.

2007/12/24 15:01
6 uyzat ئىنسانلار گېن گۇرۇپپسى سېخمىسنىڭ تەكشۈرلۈپ-سىزىپ چىقىلىشى تېخنىكا جەھەتتىلا ئەمەس،بەلكى تارىخ،ئىجتمائى مۇناسىۋەت،قانداشلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن رول ئوينايدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىم: گېن ئارقىلىق  ئىنسانلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كۆچۈش ئەۋەلىنى ئەكىس ئەتتۈردۇ.


ئالىملار ئىنسانلارنى ئافىرقىدىن تارقالغان دەپ قاراشماقتا.






ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى:


ئۇيغۇرلار:



*لېكىن بەزى ئالىملار يەنىلا ئىنسانلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن تارقالغان دەپ قارىماقتا.


بۇ توغۇرلۇق ماتىرياللارنى كېيىنچە يوللاي.
2007/12/25 12:14
7 Kulbilge [align=justify]ئۇغۇزخاننىڭ توت ئوغلى بولۇپ، بىرسى شىمالغا بىرىپ شىمال مەلىكىسىدىن 9نى خوتونلۇققا ئىلىپ شۇيەردە ئاۋۇپتۇ. ئىككىنچىسى غەرپكە بىرىپ غەرپ مەلىكىسىدىن 9نى ئىلىپ شۇيەردە ئاۋۇپتۇ. ئۇچىنچىسى شەرققە يۇرۇپ شەرق مەلىكىسىدىن 9نى ئىلىپ شۇ يەردە ئاۋۇپتۇ. يەنە بىر ئوغلى جەنۇپقا بىرىپ جەنۇپ مەلىكىسىدىن 9نى ئىلىپ شۇ يەردە ئاۋۇپتۇ. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا نۇرغۇن جەڭ ۋە ئۇرۇشلار بولۇپتۇ. ئەمما ئاخىرى ئۇغۇزخاننىڭ ئەۋلادلىرى بۇ زىمىنلاردا غەلىبە قىلىپ ئۇغۇز روھىنى ساقلاپ قاپتۇ.
بۇ ئۆزەم توقۇپ چىققان كىچىك رىۋايەت، ئەمما ھازىرقى ئالتاي-ئورال خەلقلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى مەلۇم جەھەتتىن چۇشەندۇرەلىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. ئەمما ئۇنى ئىرقى ياكى گىن نوقتىسىدىن ئىسپاتلاپ چىقىش  مۇمكىنمۇ ، ئىسپاتلىغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ قانچىلىك رىيال ئەھمىيىتى باردۇر.

2008/1/10 18:45
8 Nawayi لەشكەر ياخشىمۇسىز ، تىمىڭىزغا بەك قىزىقىپ قالدىم ، مەن بېيجىڭدا مەخسۇس مۇشۇ تۇرنى ئىشلەيمەن ، لىكىن تەتقىقات ئوبىكتىپ ياۋايى ھايۋانلاردىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى  يەنى تەدرىججەى تەرەققىيات جەريانىدىكى گىن مۇساپىسىنىڭ يەنى يىقىن يىراقلىقنىڭ سىلىشتۇرما ئانالىزى ۋە شۇ ئارقىلىق تەبۇيەتتىكى ھەقىقى ئورنىنى بىكىتىش، سىز دىگەن  ژتەتقىقات بىلەن تامامەن ئوخشاش ، بۇ ئۇيغۇرچە ئىنكاسنى بەك جاپادا يازدىم ، ئلاقىلىشىپ تۇرىلى تىلفۇن 13811934837 قالغان ئادرىسلىنى نىياز دىخان بىلىدۇ  2008/1/10 22:00
9 Nawayi كەچۇرۇڭ ئىمىڭىزنى خاتا كۇرۇپتىمەن مۇلجەر ئەپەندىم 2008/1/10 22:02
10 udun مەن گېن تەتقىقاتى يەكۈنلەپ چىققان بۇ نەتىجىلەرگە قىلچە قىزىقمايمەن، بۇ نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟
مەسىلەن: ئاتۇشلۇقلار يۇرتىمىزنىڭ ھەممە جايىغا ماكانلاشقان، 1000000.....يىلدىن كېيىن مەن گېن تەتقىق قىلدىم دەيلى، &%$#@*^....گېنلارنىڭ تارقىلىش يۆنۈلۈشى بويىچە ئېيتقاندا ، نېمە يەكۈن چىقىدۇ؟  بارلىق ئۇيغۇرلار  ئاتۇشتىن تارالغان دېگەننىمۇ؟ ياكى .................
2008/1/11 01:49
 جەمئىي باھا 70  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/7  |<  <<   1 2 3 4 5 6   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009