يېڭى خەۋەرلەر

ئېلان ئورنى

تېىخىمۇ كۆپ+

يېڭى خەۋەرلەر

ماقالە مەزمۇنى

   
خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىپقان تۆ...
يوللىغۇچى oguzhakan   كۆرۈش 4047   يوللانغان ۋاقتى 2009/1/8 01:06  ||مۇنبەردە كۆرۈش||
                                    خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىپقان تۆرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ تېپىلىش ئەھۋالى
                                                                ئادالەت ھادى

خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىقان تۆرىلەر 1937-يىلى كۈزدە شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ،1943-يىلى دەھشەتلىك يۇسۇندا قەتلى قىلنغان.ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنڭ قاچان،قانداق تېپىلغانلىقى توغرىسىدا بىلىشىمچە ، 1946-يىلى9-ئايلاردا ئۈرۈمچى 3-ساقچى بۈلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زىياۋدۇن ئەپەندى شۇ چاغدىكى ئۈچ ۋىلايەت گېزىتىدە ‹‹زالىم شىڭ شىسەي تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان مەرھۇملارنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىپ ئېچىپ ئېلىڭلار...››دىگەن مەزمۇندا خەۋەر ئېلان قىلغان ئىكەن.خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئوغلى سەئىدۇللا مەزكۇر خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا بۇ ئىشقا كىرىشمەكچى بولغان بولسىمۇ،لېكىن ئۆزى تۇرپاندا بۇلۇپ قېلىپ ۋاختىدا ئۈرۈمچىگە كېلەلمىگەن ئىكەن.پەقەت 1947-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى يۇرت چوڭلىرىدىن موللا خوجىنىياز ھاجىم،زىرىپخان مەخسۇم ھاجىم ۋە ھامىتخانلار بىلەن بىرلىكتە باياۋان تېغىغا چىقىپ،بۇ ئىشقا كىرىشكەنىكەن.
ئۇلار بۇ تاغدىكى شېھېتلەر كۈمۈلگەن يەرنى ئاچقاندا،بۇ يەردىن بىرقانچە كىشىنىڭ جەسىدى چىققان،ئۇنىڭ ئارىسىدا خوجىنىياز ھاجىمنىڭ جەسىدى ئوغلى تەرىپىدىن تۇنۇلغان.شۇ قاتاردا شېرىپقان تۆرىنىڭ جەسىدىمۇ تېپىلغان.جامائەت بۇ جەسەتلەرنى دۇئا-تەگبىر بىلەن قەبرىستانلىقتىكى يەرلىككە قۇيۇپ قايىتقانىكەن.
خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەينى چاغلاردا ئاستىنقى ئوتتۇرا ئىككى چىشى ئالتۇن چىش بۇلۇپ،شېھىد قىلىنغاندا بۇ ئىككى چىش قۇمۇرۇپ ئېلىنغىنى ئۈچۈن،ئۇنىڭ ئورنى بەلگە بۇلۇپ قالغان؛ئىككىنچىدىن،خوجىنىياز ھاجى ساقال-بۇرۇتلىرى ئۇزۇن قۇيۇلغان كىشى بۇلۇپ ،كۈمۈگلۈك تۇرغان بىرنەچچە يىل جەريانىدا ساقىلى ئۇۋۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، بۇرۇتى ئۆز ئەينى تۇرغانىكەن.يۇقىرىقى بەلگىلەر جەسەتنىڭ خوجىنىياز ھاجىنىڭ جەسىدى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى قىلىنغان.
شېرىپقان تۆرىنىڭ جەسىدى مۇنداق تۇنۇلغان:شېرىپقاننىڭ كىيىنكى كۈنلىرىدە ئەلەن ۋاڭ بىر قۇر كىيىم تىكتۈرۈپ ئۇنىڭغا كەيگۈزۈپ قويغانىكەن.مەرھۇمنىڭ جەسىدى كىيمى بىلەن كۈمۈۋىتىلگەن بولغاچقا ، بۇ كىيىم بۇلۇپمۇ كىيىمنىڭ ياقىسى جەسەتنىڭ شېرىپقاننىڭ جەسىدى ئىكەنلىكىگە بەلگە بولغان.ئىككىنچىدىن؛شېرىپقان تۆرە ئۇستىخانلىق، ئالاھىدە يوغان ئادەم بولغاچقا،بىلدىغانلار بۇ جەسەتنى تەكشۈرۈپ يۇقىرىقى بەلگىلەر ئاساسىدا ‹‹ شېرىپقان جەسىدى›› دەپ بىكىتكەن.
خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىپقان تۆرە كۈمۈلگەن ۋاختىدا،كۆمگۈچىلەردىن بەزىلەر بىر بەلگە بۇلۇپ قالسۇن دىگەن خىيال بىلەن خەت يېزىلغان ئىككى تاختاي پارچىسىنىمۇ بىللە كۆمۈلگەنىكەن.بۇ تاختاي پارچىلىرىمۇ جەسەتلەر بىلەن بىللە تېپىلغان.تاختايدىكى خەتلەر ئۈچۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،لېكىن بەلگە ئاساسلىرى بىلەن بۇ يەرلىكنىڭ (لەھەد) نىڭ ھەقىقەتەن مەرھۇملارنىڭ كۈمۈلگەن جايى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلانغان .
مەنبە :شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى 34-قىسىمدىن ئېلىندى.

تەرتىپ نومۇرى باھالىغۇچى ئومۇمىي باھا 30   ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش||  ||باھا بېرىش|| باھا ۋاقتى
1 TuranTekin تۈۋەندىكى ئۇلىنىشتا توردىشىمىز makan ئەپەندىنىڭ خوجانىياز ھاجىنىڭ ھازىرقى قەبرىسى ھەققىدىكى يازمىلىرى بار ئىكەن. كۈرۈپ باققايسىلەر.
/bbs/read.php?tid=1443
2009/1/8 08:50
2 HALKQIL سىياسى  كاللىسى  يوق،  بۇرنىنىڭ  ئۇچىنىلا  كۆرىدىغان  بۇ  خوجىنىياز  دىگەن  ئادەمنىڭ  ئاقىۋىتى  نىم  بولدى؟  خەلقى < سابىت  داموللا >  ئۇ  كىشى < خوجىنىياز >  دىن  نىمىلەرنى  كۈتكەن  ئىدى؟  ئۇ  مىللىتىگە  نىمىلەرنى  قىلىپ  بېرەلىدى؟  ئۇ < خوجىنىياز >  ئاقىۋەت  ئۆزى  ئىشەنگەن  ياتلار  قولىدا  ئۆلتۈرۈلدى.  ئۇنىڭ   ش ... ق ... ت ...  نى  پاچاقلاپ  يوقۇتىۋەتكەن  قىلمىشىغا   كىيىنكى  ھۆكىمەت  يا  ئۇنى  دۆلەتنىڭ  بىرلىكىنى  قوغدىغان  ۋەتەنپەرۋەر  دەپ  ماختاپ  قويغان  بولسىچۇ  كاشكى   دىمەك  ئۇنىڭ  قىلغانلىرىنى  ئويلىغاندا   ئۇنىڭ  ئۆلىمىگە  ئانچە  ئېچىنىپ  كىتىشكىمۇ  بولمايدۇ. 2009/1/8 13:06
3 كۆكنۇر

  نەقىل:
2 - قەۋەتتىكى HALKQIL 2009-01-08 13:06 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
سىياسى  كاللىسى  يوق،  بۇرنىنىڭ  ئۇچىنىلا  كۆرىدىغان  بۇ  خوجىنىياز  دىگەن  ئادەمنىڭ  ئاقىۋىتى  نىم  بولدى؟  خەلقى < سابىت  داموللا >  ئۇ  كىشى < خوجىنىياز >  دىن  نىمىلەرنى  كۈتكەن  ئىدى؟  ئۇ  مىللىتىگە  نىمىلەرنى  قىلىپ  بېرەلىدى؟  ئۇ < خوجىنىياز >  ئاقىۋەت  ئۆزى  ئىشەنگەن  ياتلار  قولىدا  ئۆلتۈرۈلدى.  ئۇنىڭ   ش ... ق ... ت ...  نى  پاچاقلاپ  يوقۇتىۋەتكەن  قىلمىشىغا   كىيىنكى  ھۆكىمەت  يا  ئۇنى  دۆلەتنىڭ  بىرلىكىنى  قوغدىغان  ۋەتەنپەرۋەر  دەپ  ماختاپ  قويغان  بولسىچۇ  كاشكى   دىمەك  ئۇنىڭ  قىلغانلىرىنى  ئويلىغاندا   ئۇنىڭ  ئۆلىمىگە  ئانچە  ئېچىنىپ  كىتىشكىمۇ  بولمايدۇ.

  تارىخىي مەسىلىلەرگە تارىخ نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك. تۈنۈگۈنكى جىدەلنىڭ پارىڭىنى سالغاندەكلا پىكىر قىلسىڭىز  بەك يەڭگىلتەكلىك بولۇپ قالىدۇ، قېرىندىشىم. كونىلارنىڭ شۇنداق بىر ھىكمىتىنى سىزگە سوۋغا قىلاي: "كىشى ئۆز نادانلىقىنى كەم سۆزلىكى بىلەن يوشۇرالىسا، ئۇ شۇ سۈپىتى بىلەنمۇ ئاقىللاردىن سانىلىدۇ، ئەپسۇسكى بۇ ئىككى خىل سۈپەتنىڭ بىر كىشىدە جەم بولمىقى بەكمۇ تەس"
2009/1/8 13:55
4 uyghurtekin خەلقچىل ئەپەندىم كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن ،،،،لېكىن ئۇنداق دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ ،،،،،،،،،،،،،،،ئەگەر سىز  شۇلارنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىزمۇ شۇنداق قىلغان بولاتتىڭىز،،،،،،ئىچكى دۇنيايىڭىزنى ياخشىراق كۆزىتىپ بېقىڭ ،،،،،،شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت شۇلارنى ئاشۇ يولدا مېڭىشقا مەجبۇر قىلغان....،،،،،،،،،،،كىم مۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشنى خالايدۇ ،،،،،،سىز باشقىلار  ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشنى خالامسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


  ئۆتـكەن ئىش ئۆتتى بۇندىن كېيىن يەنە پۇرسەتلەر كېلىدۇ شۇ چاغدا بۇ ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ئىشنى ئوبدانراق قىلساقلا بولىدۇ .مېنىڭچە،
2009/1/8 13:57
5 HALKQIL

  نەقىل:
4 - قەۋەتتىكى uyghurtekin 2009-01-08 13:57 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
خەلقچىل ئەپەندىم كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن ،،،،لېكىن ئۇنداق دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ ،،،،،،،،،،،،،،،ئەگەر سىز  شۇلارنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىزمۇ شۇنداق قىلغان بولاتتىڭىز،،،،،،ئىچكى دۇنيايىڭىزنى ياخشىراق كۆزىتىپ بېقىڭ ،،،،،،شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت شۇلارنى ئاشۇ يولدا مېڭىشقا مەجبۇر قىلغان....،،،،،،،،،،،كىم مۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشنى خالايدۇ ،،،،،،سىز باشقىلار  ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشنى خالامسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


   ئۆتـكەن ئىش ئۆتتى بۇندىن كېيىن يەنە پۇرسەتلەر كېلىدۇ شۇ چاغدا بۇ ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ئىشنى ئوبدانراق قىلساقلا بولىدۇ .مېنىڭچە،

uyghurtekin  ئەپەندى  راس  دەيسىز  ئوتكەن  ئىش  ئوتتى.  ئەندى  بولسىمۇ  ئالدىمىزغا  قاراپ  ياشايلى !!!  شۇ نادان  كىشىلەرنىڭ  تارختا  كەتكۈزۈپ  قويغان  كەمچىلىكلىرىنى  ياخشى  يەكۈنلەپ  كىيىنكى  < ئىشلاردا  بولسىمۇ >  ئۇنداق  خاتالىقلارنىڭ  قايتا  كۆرۈلمەسلىگى  ئۈچۈن  تىرىشايلى.

ئىشىنىمەنكى  بۇ  كۈنلەرمۇ  ئۈتۈپ  كېتىدۇ.
2009/1/8 16:28
6 555rikabatqi خۇجىنىيازھاجىنى قانداق خاتالىق ئۆتكەزدى ؟قانداق قىسىگە سىياسى كاللىسى يوق دىيەلەيمىز ،ئاۋۇ سىياسى كاللىسىبار ماجۇڭيىڭنىڭ ئاقىۋىتى نىم بولدى ئاخىرىدا 2009/1/8 17:01
7 palwan يولداشلارنىڭ خوجىنىياز ھاجىنىڭ ھاياتىغا ئۇنداق ياكى مۇنداق دەيدىغانلىقى تەبى. لېكىن يولداش خەلىقچىلدىن شۇلارنى سورىغۇم(ئۆزەمدىنمۇ) كېلىۋاتىدۇ. تۇمۇر خەلىپە، خوجىنىياز دىگەن زاتلارنىغۇ سىياسى كاللىسى يوق، بۇرنىنىڭ ئۈچىنى كۆرىدىغان(يولداش)لاردەك ئىگىزدە تۈرۈپ يىراقنى كۆرەلمەس دەپ ئاچچىقلىدۇق لېكىن ئۇلار ئەركىنلىك ئۈچۈن  جېنىنى ئايىماستىن كۆھرەك كىرىپ چىقالىدى. ئۇلار ئەركىنلىك ئۇچۇن سىتىخىيلىك بولسىمۇ كۆرەش قىلدى. ئۇلاردىكى مۇشىۇخىل روھ تېپىلماستۇر، ئىسلامدا <<ئازماس بىر ئاللا>> دىيىلىدۇ. ھەممىمىز خام سۇت ئەمگەن بەندىلەر ئەمەسمۇ. ئەمما سىز بىلەن مەن ئۆزىمىز خىزمەت قىلىۋاتقان ئورۇنلاردا خىلى چوڭ ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىدە سۇكۇت قىلىمىز. نىمىشقا ؟جېنىمىزنى قويۇپ تۈرايلى پەقەت شۇ ئايلىق ھەققىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمىز. مۇشۇ سېلىشتۈرما ئالدىدا سىز يەنە ئۇلارنى <<سىياسى ئېڭى تۆۋەن>> دەپ ئەيىپلىيەلەمسىز. مەن ئۇلارنى باھالاشقا ئاجىز دىگەنلەرنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ چاغلاپ گەپ قىلايلى يولداشلار. دىگەنگىلا گەپ بولىۋەرمەيدۇ. ئۈزىمىز مەيدانىمىزنى ئوبدان تۈنۇپ ئاندىن سۆزلىسەكمۇ كېچىكمەيمىز دەپ ئويلايمەن.
يولداشلارغا ئايان بولغىنىدەك باھا بىرىش ئاسان، سىز بىلەن مەن مۇشۇنداق لاي سۇدەك ئۆتىلىۋەرسەك. 50يىل ياكى 100 يىلدىن كېيىن ئەۋلاتلار بىزگە نىمە دەپ باھالارنى بىرەر؟ئوبدان ئويلايلى يولداشلار. رەخمەت.
2009/1/8 17:27
8 HALKQIL palwan  ئەپەندى  سىز  بىلەن  بىزنىڭ  ئىسىملىرىمىز  تارخ  بەتلىرىگە  يېزىلمايدۇ.   شۇڭلاشقا  كىيىنكى  ئەۋلاتلارمۇ  بىزگە  ھىچقانداق  باھالارنى  بېرەلمەيدۇ .  خوجىنىياز  دىگەن  بۇ  ئادەم   ئىنقىلاپقا  رەخبەرلىك  قىلىمەن  دىگۈچە  تاغدا  پادىسىنى   بېقىپ ،   جەرەن ،  كىيىك  ئوۋلاپ  يۈرسىلا  بولاتتىكەن  ئەسلى.  ئۇ  تۆمۈر  خەلىپىنىڭ  بىر  تۇڭگاننىڭ  ياغلىما  سۆزلىرىگە  ئالدىنىڭ  ئاقىۋەتتە  ئۈرۈمچىدە  ئۆلتۈرۈلگەنلىكى،  ئۆزىنىڭمۇ  ئۆزى  چىللاپ  كەلگەن  ما  جۇڭيىڭ  دىگەن  شۇمتەككە  نەچچە  رەت  ئالدانغانلىقى  قاتارلىق  ئەھۋاللارنى  نىمىشقا  يەكۈنلەپ  باقمايدۇ ؟  يەنە  كىلىپ  33 - يىلى  سابىت  داموللامنىڭ  قەشقەردە   ئۇنىڭغا  ئۇنىڭغا  كۆرسەتكەن  ئىلتىپاتى  شىڭ  شىسىينىڭ  ئۇنىڭغا  بەرگەن  مۇئاۋېنلىقىدىن  كىچىكمىدى؟    دىمەك  ئۇنىڭ  كاللىسى  شۇ  دەرىجىدە  ئاددى  دەيمەن.

قەھرىماننى  تارىخى  دەۋر،  شارائىت ،  پۇرسەت  يارىتىدۇ ،
  ئۇنىڭغا  شۇ  دەۋرلەردە  يۇقارقى  پۇرسەتلەرنىڭ  ھەممىسى  بارتى .
ئەپسۇس  ئۇ   ئۆزىگە  ئىشەنگەن  خەلقىگە   ھىچ  ئىش  قىلىپ  بېرەلمىدى. 

يەنە  كىلىپ  سىز  بىلەن  بىزگە  ئۆز  ۋاقتىدا  ئۇنىڭدا  بار  بولغان  پۇرسەتلەرنىڭ  بىرىمۇ  يوق.  شۇنداقتىمۇ  ئىشىنىمەنكى  بۇ  بۇ  كۈنلەرمۇ  ئۆتۈپ  كىتىدۇ.
2009/1/8 18:59
9 HALKQIL

  نەقىل:
6 - قەۋەتتىكى 555rikabatqi 2009-01-08 17:01 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
خۇجىنىيازھاجىنى قانداق خاتالىق ئۆتكەزدى ؟قانداق قىسىگە سىياسى كاللىسى يوق دىيەلەيمىز ،ئاۋۇ سىياسى كاللىسىبار ماجۇڭيىڭنىڭ ئاقىۋىتى نىم بولدى ئاخىرىدا

نىم  بولاتتى  ئۇكام  ----  ئەشۇ  ئىككى  قوچقار  ئۈسۈشتى  پايدا  چەتتە  تۇرغان  شىڭ  شىسەيگە  بولدى.   خۇجاخۇندا  شۇ  ماجۇڭيىڭ  يېرىمىچىلىك  بولسىمۇ  كاللا  بولغان  بولسا  ئىدى  ئىشلار  ھازىرقىدەك  بوپكەتمىگەن  بولاتتى. 

ئاخىرىدا  سىزگە  دىسەم  كۆپرەك  تارىخى  كىتاب  كۆرۈڭ !   كۆپرەك  ئانالېز  قىلىڭ ! 
2009/1/8 19:06
10 tayir2603 ھەممە ئىش ئۆتۈپ بولغاندا ئۇنى ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ باھا بېرىش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.  كىتاپتىن ئوقۇۋېلىپلا ۋاي ئۇ مۇنداقەي ۋاي بۇ مۇنداقەي دەيدىغانغا ئەسلا ھەققىمىز يوق ، بىزنىڭ قىلىدىغانىمىز ، قىلالايدىغىنىمىز پەقەت مېغىزىنى ئېلىپ شاكىلىنى تاشلاش. ھەرگىزمۇ چاينى ئىچىپ قويۇپ قۇررۇق گەپ سېتىش ئەمەس. تارىخ ئەزەلدىن بىراۋنى مۇتلەق ياخشى ياكى مۇتلەق يامان دەپ يەكۈن چىقىرىپ باققان ئەمەس.سۇبيېكتىپ پىكىر قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك! 2009/1/8 20:18
 جەمئىي باھا 30  ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
بەت نومۇرى 1/3  |<  <<   1 2 3   >>  >| 
Powered by DiY-Page 5.3.1 © 2005-2009