ئورخۇن مۇنبىرى » ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي » خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىپقان تۆرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ تېپىلىش ئەھۋالى | 
| ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler | 
| 
        oguzhakan       
      
 
 
	    دەرىجىسى :لەشكەر  | 
		
			
			
			
			 | 
	
|---|
                                    خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىپقان تۆرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ تېپىلىش ئەھۋالى  ئادالەت ھادى خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىقان تۆرىلەر 1937-يىلى كۈزدە شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ،1943-يىلى دەھشەتلىك يۇسۇندا قەتلى قىلنغان.ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنڭ قاچان،قانداق تېپىلغانلىقى توغرىسىدا بىلىشىمچە ، 1946-يىلى9-ئايلاردا ئۈرۈمچى 3-ساقچى بۈلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زىياۋدۇن ئەپەندى شۇ چاغدىكى ئۈچ ۋىلايەت گېزىتىدە ‹‹زالىم شىڭ شىسەي تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان مەرھۇملارنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىپ ئېچىپ ئېلىڭلار...››دىگەن مەزمۇندا خەۋەر ئېلان قىلغان ئىكەن.خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئوغلى سەئىدۇللا مەزكۇر خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا بۇ ئىشقا كىرىشمەكچى بولغان بولسىمۇ،لېكىن ئۆزى تۇرپاندا بۇلۇپ قېلىپ ۋاختىدا ئۈرۈمچىگە كېلەلمىگەن ئىكەن.پەقەت 1947-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى يۇرت چوڭلىرىدىن موللا خوجىنىياز ھاجىم،زىرىپخان مەخسۇم ھاجىم ۋە ھامىتخانلار بىلەن بىرلىكتە باياۋان تېغىغا چىقىپ،بۇ ئىشقا كىرىشكەنىكەن. ئۇلار بۇ تاغدىكى شېھېتلەر كۈمۈلگەن يەرنى ئاچقاندا،بۇ يەردىن بىرقانچە كىشىنىڭ جەسىدى چىققان،ئۇنىڭ ئارىسىدا خوجىنىياز ھاجىمنىڭ جەسىدى ئوغلى تەرىپىدىن تۇنۇلغان.شۇ قاتاردا شېرىپقان تۆرىنىڭ جەسىدىمۇ تېپىلغان.جامائەت بۇ جەسەتلەرنى دۇئا-تەگبىر بىلەن قەبرىستانلىقتىكى يەرلىككە قۇيۇپ قايىتقانىكەن. خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەينى چاغلاردا ئاستىنقى ئوتتۇرا ئىككى چىشى ئالتۇن چىش بۇلۇپ،شېھىد قىلىنغاندا بۇ ئىككى چىش قۇمۇرۇپ ئېلىنغىنى ئۈچۈن،ئۇنىڭ ئورنى بەلگە بۇلۇپ قالغان؛ئىككىنچىدىن،خوجىنىياز ھاجى ساقال-بۇرۇتلىرى ئۇزۇن قۇيۇلغان كىشى بۇلۇپ ،كۈمۈگلۈك تۇرغان بىرنەچچە يىل جەريانىدا ساقىلى ئۇۋۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، بۇرۇتى ئۆز ئەينى تۇرغانىكەن.يۇقىرىقى بەلگىلەر جەسەتنىڭ خوجىنىياز ھاجىنىڭ جەسىدى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى قىلىنغان. شېرىپقان تۆرىنىڭ جەسىدى مۇنداق تۇنۇلغان:شېرىپقاننىڭ كىيىنكى كۈنلىرىدە ئەلەن ۋاڭ بىر قۇر كىيىم تىكتۈرۈپ ئۇنىڭغا كەيگۈزۈپ قويغانىكەن.مەرھۇمنىڭ جەسىدى كىيمى بىلەن كۈمۈۋىتىلگەن بولغاچقا ، بۇ كىيىم بۇلۇپمۇ كىيىمنىڭ ياقىسى جەسەتنىڭ شېرىپقاننىڭ جەسىدى ئىكەنلىكىگە بەلگە بولغان.ئىككىنچىدىن؛شېرىپقان تۆرە ئۇستىخانلىق، ئالاھىدە يوغان ئادەم بولغاچقا،بىلدىغانلار بۇ جەسەتنى تەكشۈرۈپ يۇقىرىقى بەلگىلەر ئاساسىدا ‹‹ شېرىپقان جەسىدى›› دەپ بىكىتكەن. خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىپقان تۆرە كۈمۈلگەن ۋاختىدا،كۆمگۈچىلەردىن بەزىلەر بىر بەلگە بۇلۇپ قالسۇن دىگەن خىيال بىلەن خەت يېزىلغان ئىككى تاختاي پارچىسىنىمۇ بىللە كۆمۈلگەنىكەن.بۇ تاختاي پارچىلىرىمۇ جەسەتلەر بىلەن بىللە تېپىلغان.تاختايدىكى خەتلەر ئۈچۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،لېكىن بەلگە ئاساسلىرى بىلەن بۇ يەرلىكنىڭ (لەھەد) نىڭ ھەقىقەتەن مەرھۇملارنىڭ كۈمۈلگەن جايى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلانغان . مەنبە :شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى 34-قىسىمدىن ئېلىندى.  |  
||
![]()  |  
| 
        TuranTekin       
      
   ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر! 
  
 
	    دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى  | 
		
			
			
  | 
	||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
		
		
		![]()  | 
	
| 
        HALKQIL       
      
 
	    دەرىجىسى :لەشكەر  | 
		
			
			
  | 
	||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
| 
        كۆكنۇر       
      
 
 
	    دەرىجىسى :ياساۋۇل  | 
		
			
			 | 
	
|---|
Quote:2 - قەۋەتتىكى HALKQIL 2009-01-08 13:06 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : تارىخىي مەسىلىلەرگە تارىخ نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك. تۈنۈگۈنكى جىدەلنىڭ پارىڭىنى سالغاندەكلا پىكىر قىلسىڭىز بەك يەڭگىلتەكلىك بولۇپ قالىدۇ، قېرىندىشىم. كونىلارنىڭ شۇنداق بىر ھىكمىتىنى سىزگە سوۋغا قىلاي: "كىشى ئۆز نادانلىقىنى كەم سۆزلىكى بىلەن يوشۇرالىسا، ئۇ شۇ سۈپىتى بىلەنمۇ ئاقىللاردىن سانىلىدۇ، ئەپسۇسكى بۇ ئىككى خىل سۈپەتنىڭ بىر كىشىدە جەم بولمىقى بەكمۇ تەس"  |  
||
![]()  |  
| 
        uyghurtekin       
      
 
 
	    دەرىجىسى :يۈز بېشى  | 
		
			
			 | 
	
|---|
خەلقچىل ئەپەندىم كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن ،،،،لېكىن ئۇنداق دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ ،،،،،،،،،،،،،،،ئەگەر سىز  شۇلارنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىزمۇ شۇنداق قىلغان بولاتتىڭىز،،،،،،ئىچكى دۇنيايىڭىزنى ياخشىراق كۆزىتىپ بېقىڭ ،،،،،،شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت شۇلارنى ئاشۇ يولدا مېڭىشقا مەجبۇر قىلغان....،،،،،،،،،،،كىم مۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشنى خالايدۇ ،،،،،،سىز باشقىلار  ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشنى خالامسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ئۆتـكەن ئىش ئۆتتى بۇندىن كېيىن يەنە پۇرسەتلەر كېلىدۇ شۇ چاغدا بۇ ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ئىشنى ئوبدانراق قىلساقلا بولىدۇ .مېنىڭچە،  |  
||
![]()  |  
| 
        HALKQIL       
      
 
	    دەرىجىسى :لەشكەر  | 
		
			
			 | 
	
|---|
Quote:4 - قەۋەتتىكى uyghurtekin 2009-01-08 13:57 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : uyghurtekin ئەپەندى راس دەيسىز ئوتكەن ئىش ئوتتى. ئەندى بولسىمۇ ئالدىمىزغا قاراپ ياشايلى !!! شۇ نادان كىشىلەرنىڭ تارختا كەتكۈزۈپ قويغان كەمچىلىكلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ كىيىنكى < ئىشلاردا بولسىمۇ > ئۇنداق خاتالىقلارنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىگى ئۈچۈن تىرىشايلى. ئىشىنىمەنكى بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كېتىدۇ.  |  
||
![]()  |  
| 
        555rikabatqi       
      
 
 
	    دەرىجىسى :ياساۋۇل  | 
		
			
			
  | 
	||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
| 
        palwan       
      
 
	    دەرىجىسى :يۈز بېشى  | 
		
			
			
  | 
	||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
| 
        HALKQIL       
      
 
	    دەرىجىسى :لەشكەر  | 
		
			
			
  | 
	||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
| 
        HALKQIL       
      
 
	    دەرىجىسى :لەشكەر  | 
		
			
			 | 
	
|---|
Quote:6 - قەۋەتتىكى 555rikabatqi 2009-01-08 17:01 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : نىم بولاتتى ئۇكام ---- ئەشۇ ئىككى قوچقار ئۈسۈشتى پايدا چەتتە تۇرغان شىڭ شىسەيگە بولدى. خۇجاخۇندا شۇ ماجۇڭيىڭ يېرىمىچىلىك بولسىمۇ كاللا بولغان بولسا ئىدى ئىشلار ھازىرقىدەك بوپكەتمىگەن بولاتتى. ئاخىرىدا سىزگە دىسەم كۆپرەك تارىخى كىتاب كۆرۈڭ ! كۆپرەك ئانالېز قىلىڭ !  |  
||
![]()  |  
| 
        tayir2603       
      
 
 
	    دەرىجىسى :لەشكەر  | 
		
			
			
  | 
	||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
| 
        HALKQIL       
      
 
	    دەرىجىسى :لەشكەر  | 
		
			
			 | 
	
|---|
Quote:11 - قەۋەتتىكى tayir2603 2009-01-08 20:18 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : بۇ يەردە ھەركىمنىڭ ئۆز - كۆز قارىشىنى سۆزلەش - ئوتتۇرىغا قويۇش ئەركىنلىگى بار. < بىر ئادەم ئۆلۈپ ئىمام ناماز چۇشۇرۈرگەندە ئەي جامائەت مەرھۇم قانداق ئادەم ئىدى دىسە بىزلەر - ناماز قاتناشچىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ياخشى ئادەم ئىدى دىيىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەنبىز > ئەگەر باشقىلارنىڭ دىگىنى كۆڭلىڭىزگە ياقمىسا ئۆز پىكرىڭىزدە قالسىڭىزمۇ بولىدۇ. توغرا ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما بىز نىمىشكە ئۇ ئۇنداق ، بۇ مۇنداق دىيەلمىگۈدەكمىز . بىز مۇشۇنداق ئۇ توغرا قىلغان ، بۇ خاتا قىلغان دەپ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن يەكۈن چىقارمىساق مەڭگۈ مېغىز بىلەن شاكالنى ئايرىيالماي ئولتۇرغىنىمىز ئولتۇرغان بولمامدۇ. پەقەت شۇنداق دىيىش ئارقىلىقلا ھەقىقى مېغىزغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. سىزگە دەپ قوياي خوجىنىياز ھەققىدە يېزىلغان ھىچ قانداق بىر كىتابتا ئۇنى ماڭا ئوخشاش سىياسى كاللىسى يوق دىگەن مەزمون يوق . ھەم ئۇنداق مەزموننى مەنمۇ ئوقۇمىدىم . ئەمما بۇ يەردە مىنىڭ ئۇنى سىياسى كاللىسى يوق دىيىشىم ئەشۇ تارخنى ئوقۇغاندىن كىيىنكى چۈشەنچەم ، چىقارغارغان خۇلاسەم.  |  
||
![]()  |  
| 
        Awral       
      
 
 
	    دەرىجىسى :يۈز بېشى  | 
		
			
			
  | 
	||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
| 
        saidiya       
      
 
 
	    دەرىجىسى :لەشكەر  | 
		
			
			
  | 
	||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
| 
        palwan       
      
 
	    دەرىجىسى :يۈز بېشى  | 
		
			
			 | 
	
|---|
Quote:8 - قەۋەتتىكى HALKQIL 2009-01-08 18:59 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : يولداش خەلىقچىل، سىزنىڭ ئۆز مەيدانىڭىزدا ئاداققىچە تۇرغانلىقىڭىزدىن مەمنۇنمەن. سىياسى كاللىسى بار دەپ قانداق ئادەملەرنى دەيمىز؟ سىزدىن سورۇغۇم كېلىۋاتىدۇ سىزنىڭچە ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ سىياسى كاللىسى بارمۇ يوق؟ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مەركەزگە دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىغا بارغان، تاسىدىبىي ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بولغان ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۇمىتى ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ سىياسى كاللىسى يوقمۇ؟ ئۇلار ۋەكىل ئەۋەرتسە، ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى بېيجىنغا بارمىسىمۇ بوللاتتىغۇ؟ بۇ تارىخ. ئەمدى سىزنىڭ <<سىز بىلەن بىزنىڭ ئىسىملىرىمىز تارىخ بېتىگە يېزىلمايدۇ>> دىگەن مەنتىقىڭىزگە مەن قارشى. تارىخ بېتىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ بېتى بولىدۇ، ئۇنى قانداق توشقۇزۇش شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆزى ۋەكىللىق قىلغان خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگە ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك. يولداش ماۋزۇدۇڭنىڭ ياشىغان دەۋرى بىلەن بىلەن جاڭ جەيشىنىڭ ياشىغان دەۋرى، مىللىتى ئوخشاش ئەمما ئۇلار تارىخ بېتىدە ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردا تۇرىدۇ. ئەمدى ئۆزىمىزگە كەلسەك شارائىت بىزگە قۇچاق ئاچسا بىزمۇ تارىخ يارىتالىشىمىز مۇمكىن،ھىچ بولمىغاندا ئۇرۇش قەخىرمانى زىخۇرۇللامغا ئوخشاش، زىخۇرۇللامنىڭ كىيىنكى ھاياتى تولىمۇ ئاددى. شۇنچە جەڭلەردە ھىچ ئىش بولماي<<قەخىرمان>> ئاتالغان ئوت يۇرەك ئەزىمەت ئەسكى ئۆستەڭگە چۇشۇپ ئۆلۇپ كەتتى. ئەمدى ئۇنى <<ئۇمۇ تازا بىر پالاكەت ئاداشكەندۇق>> دەمدۇق. باھا بېرىش ئاددى ھەم ئاسان جەريان بولغىنى بىلەن سەھنىدە ئويۇن قويۇش تولىمۇ مۇشكۈل، ئۇنىڭ ئۇچۇن نۇرغۇن جاپالىق ئەجىر سىڭدۇرۇش كېرەك،سىياسىي سەھنىدە <<ئويۇن قويۇش>> تېخىمۇ جاپالىق. يولداشلارنىڭ ئۆز ئارا ئىنكاسلىرىدا ئىختىلاپ بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى ئۇمۇت قىلىمەن(لېكىن بۇنىڭدىن ساقلانماق تەس، ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئوي-خىيالى بولىدۇ ئەلۋەتتە).يولداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئالدىم.كەچۇرۇڭلار رەخمەت.  |  
||
![]()  |  


 


 
          
          
          
          
          

  

 خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىپقان تۆرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ تېپىلىش ئەھۋالى


          
          
          
          
          
          





          
          
          