|
ماقالە مەزمۇنى |
شىنجاڭغا كىرگۇچى قىسىملارغا سوۋ... |
يوللىغۇچى toram كۆرۈش 6934 يوللانغان ۋاقتى 2007/11/27 20:24 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| |
ماۋزىدوڭ 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پىڭدۇخۇەيگە تىلگىرامما يوللاپ ، شىنجاڭغا كىرىدىغان قىسىملارنىڭ ماشىنا ۋە پىيادە كىرىشىدىن سىرت ، سوۋىت تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ، 30-50 كىچە ئايرۇپىلان چىقىرىپ قىسىملارنى توشۇپ بىرىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئېيتتى . ئاخىرى كېلىشىم ئارقىلىق سىتالىن جوڭگۇ تەرەپنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى . كونكىرىت يوتكەش ئۇسۇلى : قىسىم ئالدى بىلەن جىيۇ چۇەن ( گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ بىر شەھىرى ) گە يىغىلىدۇ ، جوڭگۇ تەرەپ ئارىيەت ئالغان سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 45 دانە ئايرۇپىلان جىيۇ چۇەن ئايدىرۇمىغا كېلىپ ھاۋادىن توشۇشنى باشلايدۇ . سوۋىت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن پورشېنلىق ئايرۇپىلاننىڭ توشۇش ۋاقتىدىكى تېزلىكى 325 كىلومىتىر ، چارلاش ۋاقتىدىكى تېزلىكى240 كىلومىتىر ، ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىسى 2650 كىلومىتىر ، يۇقۇرى ئۆرلەش چەكلىمىسى 6400 مىتىر ، يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى 7.65 توننا ، 20-30 غىچە ئادەم پاتىدۇ ، ئىشلىتىشكە ئىنتايىن قولايلىق . بىرىنچى تۈركۈمدە شىنجاڭغا كىرگەن قىسىم ۋاڭ جىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 - بىڭتۇەننىڭ 2 - ۋە 6 - كورپۇسلىرى بولۇپ جەمى 70 مىڭ كىشى . ماشىنا ۋە پىيادە قىسىملاردىن باشقا ، ھاۋا ئارقىلىق 6 - كورپۇسقا بىۋاستە قاراشلىق بارلىق ئورگان 17 دىۋىزىيە ( زەمبىرەك قىسمىدىن سىرت ) ، 1949 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن باشلاپ ھاۋا ئارقىلىق توشۇلدى ، جامى 1033 قىتىم قاتناپ ، 12446 ئوفىتسىر ۋە ئەسكەرنى ۋە 125734 توننا قورالنى شىنجاڭغا توشۇپ ئەكىردى . 10 - ئايدىن باشلاپ ماشىنا بىلەن توشۇلغان قىسىملار قوشۇلۇپ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئاساسلىق قىسمى شىنجاڭنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىگە كىرىپ ئورۇنلاشتى . 1950 - يىلى 3 - ئايغا كەلگەندە كەينىدىن كەلگەن پىيادە قىسىمنىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا كىرىپ بولدى ، شۇنداق قىلىپ يېرىم يىل ئىچىدە 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ بولدى . بۇ قىتىمقى توشۇش جوڭگۇ ئارمىيىسى تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ھاۋا ئارقىلىق توشۇش ، ھەم جوڭگۇ - سوۋىت ئىتتىپاقى ھەربى ئىشلار مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىدىكى بىردىنبىر ھاۋا ئارقىلىق توشۇش بولۇپ قالدى . |
تەرتىپ نومۇرى | باھالىغۇچى | ئومۇمىي باھا 11 ||مۇنبەردە زىيارەت قىلىش|| ||باھا بېرىش|| | باھا ۋاقتى |
1 | timanbol | بىزنى ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە رەھمەت! ھارمىغايسىز. | 2007/11/29 11:26 |
2 | pantekin | بۇ مەن ئاڭلىمىغان يىڭى خەۋەركەن ، تۆرەمگە رەخمەت . | 2007/11/29 15:01 |
3 | kalgunqi | يىڭى بىر ئۇچۇرغا ئىرىشتىم . رەھمەت سىزگە ! | 2007/12/3 19:42 |
4 | toram |
|
2007/12/4 00:26 |
5 | ~isyankar~ | رەھمەت ،مەن ئۇقمايدىغان سان سىفىرلاركەن~~ | 2007/12/21 03:28 |
6 | otirar | يەنە يىڭى ئۇچۇرلار بار مۇ ؟ بۇنىڭغا قوشۇلغان سۇرەت قىممەتلىك ئىكەن ................. | 2008/2/24 12:48 |
7 | xakiqik | مۇ نداق ئىشلارمۇ باركەن ھەقىقەتەن ياخشى خەۋەركەن |
2008/2/27 16:02 |
8 | alijan | بۇ مەن ئاڭلىمىغان يىڭى خەۋەركەن ، تۆرەمگە رەخمەت . | 2008/3/7 00:09 |
9 | tagdir | ئۆلكىنىڭ ئازات بولىشىدا، يولداش سىتالىننىڭ، جوڭگو كۆممۇنىستىك پارتىيىسىگە، قوشقان تۆھبىسى، ناھايىتىمۇ زور. شۇڭلاشقىمۇ بىز، ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇلۇپ قالماي، قەلبىمىزنىڭ چوقۇر يەرلىرىدە داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇشىمىز زۆرۈر! تىما ئېگىسەگە رەھمەت! تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك تارىخىي تىمىلارنى يوللىشىڭىزغا تەشنا بىز! |
2008/3/12 18:18 |
10 | tkulgan-yax | ، مۇشۇنداق تارىخى تىمىلارنى ئۇزۇلدۇرمەي يۇللاپ بىرىپ بىزلەرنى تىخىمۇ كۇپ تارىخى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمىز ، تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر ..................... | 2008/3/17 22:59 |
جەمئىي باھا 11 ھەر بەرتتە كۆرسىتىش 10
|