1949 - يىلى 9 - ئايدا شىنجاڭدىكى گومىنداڭ دائىرلىرى تىلىگىرامما ئەۋەتىپ ھەقىقەتكە قايتقانلىقىنى بىلدۇردى . مۇشۇنداق شارائىتتا ، ئازادلىق ئارمىيە قانداق قىلغاندا تېزلىك بىلەن شىنجاڭغا كىرىپ ، غەربى شىمالنىڭ ۋەزىيىتىنى كونتۇرۇل قىلىىپ ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ ، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئىش ئىدى . لېكىن لەنجۇ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن 2000 كىلومىتىردەك كېلىدۇ ، غەربى شىمال دالا ئارمىيىسىنىڭ قاتناش قوراللىرى يىتەرلىك ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىمىستان قىشقىمۇ ئاز قالغان بولۇپ ، قار - بوران چىقىپ قالسا قىسىمنىڭ ئىلگىرلىشىگىمۇ زور قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرىدۇ . ماۋزىدوڭ شىمالى جوڭگۇ ، شەرقى جوڭگۇ ھەربى رايۇنلىرىدىن 536 ماشىنىنى غەربى شىمال دالا ئارمىيىسىنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە ئاجراتقان بولسىمۇ ، بۇلارنىڭ كېلىشىگە ۋاقىت كېتىدۇ ، ھەم بۇلارمۇ يېتىشمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولدى .
ماۋزىدوڭ 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پىڭدۇخۇەيگە تىلگىرامما يوللاپ ، شىنجاڭغا كىرىدىغان قىسىملارنىڭ ماشىنا ۋە پىيادە كىرىشىدىن سىرت ، سوۋىت تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ، 30-50 كىچە ئايرۇپىلان چىقىرىپ قىسىملارنى توشۇپ بىرىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئېيتتى . ئاخىرى كېلىشىم ئارقىلىق سىتالىن جوڭگۇ تەرەپنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى . كونكىرىت يوتكەش ئۇسۇلى : قىسىم ئالدى بىلەن جىيۇ چۇەن ( گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ بىر شەھىرى ) گە يىغىلىدۇ ، جوڭگۇ تەرەپ ئارىيەت ئالغان سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 45 دانە ئايرۇپىلان جىيۇ چۇەن ئايدىرۇمىغا كېلىپ ھاۋادىن توشۇشنى باشلايدۇ . سوۋىت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن پورشېنلىق ئايرۇپىلاننىڭ توشۇش ۋاقتىدىكى تېزلىكى 325 كىلومىتىر ، چارلاش ۋاقتىدىكى تېزلىكى240 كىلومىتىر ، ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىسى 2650 كىلومىتىر ، يۇقۇرى ئۆرلەش چەكلىمىسى 6400 مىتىر ، يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى 7.65 توننا ، 20-30 غىچە ئادەم پاتىدۇ ، ئىشلىتىشكە ئىنتايىن قولايلىق .
بىرىنچى تۈركۈمدە شىنجاڭغا كىرگەن قىسىم ۋاڭ جىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 - بىڭتۇەننىڭ 2 - ۋە 6 - كورپۇسلىرى بولۇپ جەمى 70 مىڭ كىشى . ماشىنا ۋە پىيادە قىسىملاردىن باشقا ، ھاۋا ئارقىلىق 6 - كورپۇسقا بىۋاستە قاراشلىق بارلىق ئورگان 17 دىۋىزىيە ( زەمبىرەك قىسمىدىن سىرت ) ، 1949 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن باشلاپ ھاۋا ئارقىلىق توشۇلدى ، جامى 1033 قىتىم قاتناپ ، 12446 ئوفىتسىر ۋە ئەسكەرنى ۋە 125734 توننا قورالنى شىنجاڭغا توشۇپ ئەكىردى .
10 - ئايدىن باشلاپ ماشىنا بىلەن توشۇلغان قىسىملار قوشۇلۇپ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئاساسلىق قىسمى شىنجاڭنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىگە كىرىپ ئورۇنلاشتى . 1950 - يىلى 3 - ئايغا كەلگەندە كەينىدىن كەلگەن پىيادە قىسىمنىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا كىرىپ بولدى ، شۇنداق قىلىپ يېرىم يىل ئىچىدە 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ بولدى .
بۇ قىتىمقى توشۇش جوڭگۇ ئارمىيىسى تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ھاۋا ئارقىلىق توشۇش ، ھەم جوڭگۇ - سوۋىت ئىتتىپاقى ھەربى ئىشلار مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىدىكى بىردىنبىر ھاۋا ئارقىلىق توشۇش بولۇپ قالدى .