ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 1542ـ كۆرۈرمىنى
tawpik
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
---|
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋەمىھرىبان اللەنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن. شەرقتە مۇڭغۇلىيە چوققىلىرى ۋەجۇڭگۇنىڭ شىمالىدىن تارتىپ غەرىپتەقەزۋىن دېڭىزىغىچە،شىمالداسىبرىيەبويلىرىدىن جەنۇپتاھىندىستان ۋەپارس زېمىنلىرىغىچەبولغان ئارلىقتاجەڭگىۋارلىقى بىلەن داڭ چىقارغان چوڭ قەبىلىلەرۋەئۇلارنىڭ ھەرقايسى ئۇرۇقلىرى ياشىغان بولۇپ بولارتۈرك ياكى تۈركلەر، دېگەن نام بىلەن مەشھۇربولغان. بۇقەبىلىلەرمىلادىيەيەتتىنچى ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ ھەركەتلىنىپ،ئۆزىنىڭ ئەسلى زېمىنىدىن كىچىك ئاسىياتەرەپكەچوڭ كۈلەمدەكۆچۈشكەباشلىدى،تارىخچىلارئۇلارنىڭ كۆچىشىگەتۈرتكەبولغان بىرتۇركۈم سەۋەپلەرنى كۆرسىتىشكەن بولۇپ،بەزىلەرنىڭ قارىشچە،بۇكۆچۈشنڭ سەۋەبى مال-ۋاران ،بالا-چاقىلارنىڭ كۆپ بولىشى بىلەن بىرگەرايۇندايۈزبەرگەن ئېغىرقۇرغاقچىلىق ئاپىتى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان ئېغىرئىقتىسادى كىرزىس بولۇپ،ئۇلارئۆزھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يايلاق،مۇنبەت زېمىن ۋەياخشى تۇرمۇش ئىزدەپ كۆچكەن.يەنەبەزىلەرنىڭچەبولسائۇلارنى كۆچىشىدىكى سەۋەپ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سان ۋەھازىرلىقلاردا كۆپ ۋەكۈچلۈك بولغان مۇڭغۇللاردىن ئىبارەت باشقا قەبىلىلەرنىڭ قاتتىق سىياسى بېسىمى بولۇپ،بۇئىش ئۇلارنى تىنچ-خاتىرجەم ياشايدىغان بىرزېمىن ئىزدەپ ئۆزيۇرتلىرىنى تاشلاپ باشقاجاي ئىزدەشكەمەجبۇرلىغان. بۇكۆچىۋاتقان قەبىلىلەرئىختىيارسىز،غەرىپ تەرەپكەيۈزلىنىپ يۆتكىلىپ جەيھۇن(ئامۇ) دەرياسىنڭ قىرغاقلىرىغاچۈشكەن،بىرمەزگىلدىن كېيىن تەبرىستان ۋەجورجان(ھازىرئىراننىڭ تەۋەلىگىدە) رايۇنلىرىغائولتۇراقلىشىپ،مۇسۇلمانلارھىجرىيە 21-يىلى ؛؛نېھاۋەند؛؛ئۇرۇشىداغەلبەقىلىپ ئازات قىلغان ئىسلام دىيارلىرىغاخوشنابولۇپ قالغان. ھىجرىيە 22-يىلى ئىسلام قوشۇنى باب شەھەرلىرىنى ئازات قىلىشقائاتلىنىپ يىتىپ كەلگەندەبۇجايلارداتۈركلەرئاھالىسى ئولتۇراقلاشقان ئىدى،بۇرايۇندائىسلام قوشۇنى قۇماندانى ئابدۇرراھمان ئىبنى رەبىئە،تۈركلەرپادىشاسى شەھرىزاربىلەن ئۈچراشتى،ۋەئابدۇرراھماندىن سۈلھى(كىلىشىم) قىلىشنى تەلەپ قىلدى ۋەئىسلام قوشۇنىغاقېتىلىپ ئەرمەنلەرگەقارشى ئۇرۇشقاقاتنىشىشقاتەييارئىكەنلىگىنى بىلدۇردى،ئابدۇرراھمان باش قۇماندان سۇراقەئىبنى ئەمرىگەدوكىلات يوللىدى،ۋەئۇنى سۇراقە،ئۇمەرئىبنى خەتتابقامەلۇم قىلدى،ئۇمەرئىبنى خەتتاب قوشۇلۇپ تەستىقلىغاندىن كېيىن سۈلھى تۇزۇلۇپ مۇسۇلمانلاربىلەن تۈركلەر ئارىسىدائۇرۇش يۈزبەرمىدى.بەلكى ئۇمۇمەن بىرلىكتەئەرمەن دىيارىغايۈرۈش قىلدى.پارىس دۆلىتى يوقۇتۇلۇپ،مۇسۇلمان خەلىقلەربىلەن بىۋاستەئالاقىلارنى قىلىش جەريانىداتۈركلەرئىسلامغاكىرىپ مۇجاھىدلارسېپىگەقېتىلدى. ئوسمان ئىبنى ئەففان-اللەرازى بولسۇن!دەۋرىدەتەبرىستان شەھەرلىرى ئازات قىلىنىپ،مۇسۇلمانلارھىجرىيە31-يىلى جەيھۇن دەرياسىدىن ئۆتتى ۋەماۋەرائۇننەھر(دەريانىڭ ئۇتەرىپىدىكى)شەھەرلىرىگەچۈشتى،بۇچاغدانۇرغۇن تۈركلەرئىسلام دىنىغاكىردى. ئىسلام قوشۇنى بۇرايۇنلارداداۋاملىق ئىلگىرلەپ ھەتتاسەمەرقەنتكىچەيىتىپ باردى ۋەمۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفيان-اللەرازى بولسۇن! دەۋرىدەبوخاراشەھەرلىرى تامامەن ئازات بولۇپ بۇدىيارلارتامامەن ئىسلام ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغائۆتتى. ئابباسىلارخەلىپىلىگى دەۋرىدەتۈركلەردۆلەت ئورگانلىرىداكۆپ ئورۇن ئېلىپ،دۆلەتنىڭ ئىدارەۋەقۇماندانلىق ئىشلىرىنى تۈتۈشقاباشلىدى،ئۇلاردىن ئەسكەرلەر،قۇماندانلارۋەكاتىپلاربولغان ئىدى،ئۇلارتىنچ،ئىتائەتجان بولۇپ ھەتتايۇقىرى مەرتىۋىلەرگەئىرىشتى. ئابباسىلارخەلىپىلىكىگە مۇئتەسىم ئولتۇرغاندا تۈركلەرنۇپۇزىغادەرۋازىنى كەڭ ئېچىپ،ئۇلارنى دۆلەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغاقويۇپ،دۆلەت ئىشلىرىغاقاتناشتۇردى،بۇنىڭغانۇرغۇن خەلىق ۋەئەسكەرلەرقاتتىق قارشى چىقىتى،خەلىقنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققان مۇئتەسىم سامەررا(ھازىرئىراقنىڭ بىرشەھرى)دىن ئىبارەت يېڭى شەھەرنى قۇرۇپ ئۆزى ۋەئۆزئەسكەرلىرى بۇيەرگەئورۇنلاشتى، تۈكلەرئەنەشۇنداق مەيدانغاچىقىپ، شانۇ-شەۋكىتى كۆتۇرلۇپ،ھەتتاكى ئابباسىلاردۆلىتى خەلىپىلىرى بىلەن مۇستەھكەم ئالاقىسى بولغان ئۆزلىرىنىڭ چوڭ دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى ۋەبۇتارىختاسەلجۇقىلاردۆلىتى دەپ تونۇلدى. ئەلى مۇھەممەدسالابىنىڭ <ئوسمانىلاردۆلىتى>كىتابى 25-بەتتىن ئىلىندى مەنبە:نۇرلۇق مۇنبىرى |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 1542ـ كۆرۈرمىنى
koktash
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|