Ay~chiwar
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 بوزگە خوتۇن سېتىش (ياكى سېتىۋېلىش) ﻫۆججىتى


بوزگە خوتۇن سېتىش (ياكى سېتىۋېلىش) ﻫۆججىتى



مايمۇن يىلى چاكشا پۇت ئېيىنىڭ بېشى 2- كۈنى بىزكى : تېدىملىگ قارا بۇقالار تۇرمۇشتا قىينىلىپ كەتكىنىمىز ئۈچۈن خوتۇنلىرىمىزنى قۇتلۇق ( "بەختلىك" ) نامغا ساتتۇق . خوتۇنلىرىمىزنى قۇتلۇق تومۇر 150 توپ بوزنى نەق تۆلەپ سېتىۋالدى ، بىزكى تېدىملىگ قارا بۇقالار مەزكۇر 150 توپ بوزنى ﻫەغدا تۇرۇپ قولمۇ - قول تاپشۇرۇۋالدۇق . مەن قۇتلۇق تومۇرمۇ قولۇغى بىلەن تاپشۇرۇپ بەردىم .
مەزكۇر خوتۇنلار مىڭ يىللار ، ئون مىڭ كۈنلەر قۇتلۇق تومۇرنىڭ ئەمرىدە بولىدۇ . خوتۇنلار ياراپ قالسا ئۇنىڭ ئىلكىدە قالىدۇ . ئەگەر ياقمىسا ئۇ باشقا بىرسىگە سېتىۋېتىشكە ﻫەقلىق .
بىز ئاكا - ئۇكا تېدملىگ قارا بۇقالار شۇنى ئىسپاتلاپ ئېيتىمىزكى ، بۇ خوتۇنلار بىزنىڭ بولۇپ ، بۇلار توغرىسىدا ﻫېچقانداق ئادەمنىڭ دەۋا - دەستۇرى يوق . بۇلارغا ﻫېچقانداق ﻫاكىمدار كۈچ ئىشلىتىپ ( خوتۇنلار مېنىڭ دەپ قول ئۇزىتىشقا ) ﻫەققى يوق . بۇ ﻫەقتە خوتۇنلار باشقىچە گەپ قىلسا ئۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس . بۇ خوتۇنلار قۇتلۇق تومۇرنىڭ ئەمرىنى ئاڭلىسا ئۇلارنى قۇتلۇق تومۇر ﻫەتتا ئۆلتۈرۋېتىش ﻫوقۇقىغا ئىگە . خوتۇنلارنى تالاشقان ئادەملەر ئۆلۈمگە مەﻫكۇم ، ئەمما قۇتلۇق تومۇرگە ﻫېچقانداق گۇنا كەلمەيدۇ .
گۇۋاﻫچى : تيۇرادۇ ، گۇۋاﻫچى: تورور ( ؟ ) موڭسوز گۇۋاﻫچى : توييىن . بۇ تامغىلار بىزكى تېدىملىگ ۋە قارا بۇققالارنىڭ . بۇ ﻫۆججەتنى مەن توڭمە باخشى تېدملىگ قارا بۇقالارنىڭ ئېغىزچە ئېيتىپ بېرىشىگە ئاساسەن يېزىپ چىقتىم . بۇنىڭغا گۇۋاﻫچى مەن موڭسوز تامغامنى باستىم . بۇ تامغا مەنكى گۇۋاﻫچى تۇراجىنىڭ ، بۇ تامغا مەنكى نونىيىنىڭ ، بۇ ئاساسىي ﻫۆججەت قۇتلۇقتا تۇرىدۇ .



مەنبە : 1981 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان << ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار >> ناملىق كىتابتىن .
[ بۇ يازما Ay~chiwar تەرىپىدىن 2008-03-18 18:59 دە ق ]
bilqut
Posted: 2008-03-18 18:52 | [ئاپتور]
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، بىزنىڭ مىللەتلەر تارىخى دەرسىمىزنى بىر موڭغۇل مۇئەللىم ئۆتەتتى، ئۆزى ئۇيغۇرچىغا سۇ ئىدى. . بىز ئۇيغۇر تىلى كىتابىمىزدىكى مۇشۇ ۋەسىقىنىڭ موڭغۇلچە يېزىقتىكى قىسمىنى يىرتىۋېلىپ، بۇ مۇئەللىمنى ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ موڭغۇلچە( يەنى قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكىنى) ئوقۇپ، بىزگە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى، سېلىشتۇرساق ئوخشاش.
بۇنى نېمە مەقسەتتە قىلدۇق دېسەك، سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلارنىڭ كۆپى موڭغۇل يېزىقىنى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شەكلىنى ساقلاپ قالغان يېزىق دەپ تۇرۇۋالدى.
ئىسپاتلاندىكى، ھېچنېمە ئۆگەرمەپتۇ، تاكى ھازىرغىچە.
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-03-19 15:34 دە قايتا ]
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-19 00:32 | 1 -قەۋەت
palwan
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 65
شۆھرىتى: 66 نومۇر
پۇلى: 650 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

يولداش ئۇدۇننىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كەچمىشلەردىن ئىسىمگە كىلىپ، 1953-يىلى پۇيى تەھرىرلەشكە قاتناشتۇرۇلغان <<بەش تىللىق لوغەت>>كە قارىسام كونا ئۇيغۇر يېزىقى ۋە مۇڭغۇل يېزىقى دەپ ئىشلىتىلىۋاتقان <<چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى>> تولىمۇ ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەن.(پەقەت يېزىلىشىنى نەزەرگە ئالدىم، مەن نە مۇڭغۇل يېزىقىنى، نە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمىگەچكە باشقىچە تەسەۋۇر قىلىشىم ھەم پىكىر يۇرگۇزەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە)لېكىن مۇڭغۇللاردىكى بۇ يېزىقنىڭ مەنىسىدە ئۆزگۇرۇش بولمىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران بولدۇم، يېڭى بىر ساۋات بەرگەنلىكىڭىزگە رەخمەت.
Posted: 2008-03-19 12:57 | 2 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

Quote:
2 - قەۋەتتىكى palwan 2008-03-19 12:57 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
يولداش ئۇدۇننىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كەچمىشلەردىن ئىسىمگە كىلىپ، 1953-يىلى پۇيى تەھرىرلەشكە قاتناشتۇرۇلغان <<بەش تىللىق لوغەت>>كە قارىسام كونا ئۇيغۇر يېزىقى ۋە مۇڭغۇل يېزىقى دەپ ئىشلىتىلىۋاتقان <<چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى>> تولىمۇ ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەن.(پەقەت يېزىلىشىنى نەزەرگە ئالدىم، مەن نە مۇڭغۇل يېزىقىنى، نە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمىگەچكە باشقىچە تەسەۋۇر قىلىشىم ھەم پىكىر يۇرگۇزەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە)لېكىن مۇڭغۇللاردىكى بۇ يېزىقنىڭ مەنىسىدە ئۆزگۇرۇش بولمىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران بولدۇم، يېڭى بىر ساۋات بەرگەنلىكىڭىزگە رەخمەت.

..................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................
palwan ئۇكام، " شەكلىنى ساقلاپ قالغان " دېگۈچىلەر " ھەرپ شەكلى شۇ بولسىمۇ، بىلدۈرگەن تاۋۇشلىرى باشقا" دەپ قارىغان. بىراق، يۇقۇرىدا مەن تىلغا ئالغان مىسالدىن مەلۇم بولدىكى، تاۋۇشلاردىمۇ پەرق يوق ئىكەن، مۇئەللىم بىزگە ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، قەدىمكى ئۇيغۇرچە چىقتى، بىزگە ئۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئايلاندۇرۇپ بەردى.
( مەن يازمامدا موڭغۇلچىنى ئوقۇپ ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى دەپ يېزىپ قويۇپتىمەن. بۇ چۈشەنچە خاتا بوپ قاپتۇ، ئەمدى بايقىدىم.)
چاغاتاي يېزىقى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەرەبچىدىكى زىر-زەۋەر، دۇ-پەشلەر ئاددىلاشتۇرۇلغان. ۋە يەنە ئەرەبچىدە بولمىغان بەزى ھەرپلەر پارسچىدىن كىرگۈزۈلگەن، 32 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان، چاغاتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردىكى ھۆكۈمەت تىلى بولغان چاغاتاي تۈركچىسىنى خاتىرىلەشكە ماسلاشتۇرۇلغان يېزىق.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-19 15:32 | 3 -قەۋەت
palwan
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 65
شۆھرىتى: 66 نومۇر
پۇلى: 650 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

رەخمەت ، چۇشەنچىڭىزدىن كېيىن دىلىم تېخىمۇ يۇرىدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىكىرلەردە ئورتاقلىق تاپقانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇنمەن.
Posted: 2008-03-20 09:49 | 4 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ۋەسىقىلىرىمىز

Total 0.051038(s) query 4, Time now is:03-21 04:40, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation