| ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
|
koktash
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
|---|
ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى تەپسىلىي نوپۇسى ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت بولۇپ، 2007- يىللىق نوپۇس سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 9،413،796 بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %48.26 نى ئىگەللەيدۇ. (ئاپتونوم رايوننىڭ ئومومىي نوپۇسى 20 مىليون ئەتراپىدا) ئۇيغۇرلارنىڭ يىللىق كۆپىيىش نىسبىتى %1- %2 ئەتراپىدا بولماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يىلدا تەخمىنەن 100 مىڭدىن 200 مىڭغىچە ئۇيغۇر كۆپەيمەكتە. ئومومەن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشى نىسبەتەن ئاستا بولدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بەلكىم ئۇيغۇرلاردىكى نامراتچىلىق؛ ئوتتۇرا ھال ئائىلىلەرنىڭ نورمىدىن ئاز پەرزەنت كۆرۈشى (قىسقىسى ئاچامنىڭمۇ پەقەت بىرلا ئوغلى بار، يەنە نۇرغۇن بىرلا بالىسى بارلارنى تونۇيمەن)؛ كېچىكىپ توي قىلىش، ھەتتا توي قىلالماسلىق؛ ئەيدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىك؛ باياشاتچىلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان ھەر خىل تۈرلى يۈرە- قان تومۇر، دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەر؛ ھاراق؛ ياشلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى بولىشىچە ھەيدەيدىغاندەك ئۆزىنى كۆرسۈتۈش خاراكتېرى قاتارلىقلاردىن بولۇشى مۇمكىن. بۇلار مېنىڭ شەخسىي يەكۈنۈم. 2007- يىللىق سىتاتىستىدا مۇنداق ئىككى مەسىلە بار: بىرسى، ھەر قايسى ۋىلايەت- ئوبلاستلاردىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئومومىي يىغىندىسى ئەسلى سىتاتىستىكىدىكى 9،413،796 نوپۇسدىن 300 مىڭ ئەتراپىدا ئاز چىققان. ئىككىنچىسى، قومۇل ۋىلايىتىدىكى تارانچى بازىرى (خەنزۇچە سەنداۋلىڭ دەيدۇ)، ئاقسۇدىكى ئارال شەھىرى (خەنزۇچە ئالار دەيدۇ)، قەشقەردىكى تۇمشۇق شەھەرلىرىنىڭ نوپۇس سىتاتىستىكىسا قىلىنمىغان. بەلكىم بۇ ئىككى مەسىلە بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا كەڭ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردىن زور دەرىجىدە كۆپ ئىكەن. ئۇنداقتا بىز جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ بويىچە تەپسىلىي كۆرۈپ باقايلى .... جەنۇبىي شىنجاڭ: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومومىي ئاھالىسى 9،604،124 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 7،555،699 بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %78.67 نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدىكى ئومومىي ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ %82.39نى ئىگىلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەددىدىن زىيادە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىۋالغان. جەنۇبىي شىنجاڭدا يەنە نوپۇسى يوق نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بار بولۇپ، ئەمەلىي سان مەزكۇر سىتاتىستىكىدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ بولغان رايون خوتەن،نىسبىتى %96.41 بولغان. زىچلىقى ئەڭ تۆۋەن رايون باينغۇلىن، نىسبىتى %1.20 بولغان. شىمالىي شىنجاڭ: شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئومومىي ئاھالىسى 10،366،226 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئاران 1،614،899 بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %15.58 نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدىكى ئومومىي ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ %17.69 نى ئىگىلەيدۇ. دىمەك، شىمالىي شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر شالاڭ. شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ بولغان رايون تۇرپان، نىسبىتى %70.37بولغان. زىچلىقى ئەڭ تۆۋەن رايون باينغۇلىن، نىسبىتى %32.28 بولغان. ئەمدى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەردىكى ئۇيغۇلارنىڭ نوپۇسى ۋە شۇ رايوندا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: (2007- يىللىق سىتاتىستىكا) رايون، رايون ئومومىي نوپۇسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، شۇ رايوندا ئىگىلىگەن نىسبىتى (شىمالىي شىنجاڭدا) ئۈرۈمچى ---- 2،018443 --- 254،722 --- %12.62 قاراماي ---- 262،157 --- 39،993 --- %15.26 شىخەنزە --- 642،440 --- 7،665 --- %1.20 تۇرپان --- 589،609 --- 414،904 --- %70.37 قومۇل --- 541،836 --- 98،748 --- %18.22 سانجى --- 1،599،436 --- 65،153 --- %4.07 ئىلى --- 2،631،125 --- 625،175 --- %23.76 تارباغاتاي --- 978،934 --- 39،626 --- %4.05 ئالتاي --- 637،792 --- 9،675 --- %1.52 بورتالا --- 464،454 --- 59،238 --- %12.75 (جەنۇبىي شىنجاڭدا) باينغۇلىن --- 1،189،366 --- 383،873 --- %32.28 ئاقسۇ --- 2،310،163 --- 1،684،745 --- %72.93 قىزىلسۇ --- 484،343 --- 308،830 --- %63.76 قەشقەر --- 3،762،689 --- 3،387،253 --- %90..2 خوتەن --- 1،857،563 --- 1،790،968 --- %96.41 [ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-06-30 01:09 دە قايتا ] |
||
![]() |
|
Ghalip
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
uyghurtekin
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
|---|
مىنىڭچە نوپوسقا ئېلىنمىغان ئۇيغۇرلارمۇ خېلى كۆپ بولىشى مۇمكىن،بىزنىڭ ھويلىدا مەكىتتىن كەلگەن ئەر خوتۇن بار ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىنىڭ نوپوسى يوق ئىكەن.بىر ياشلىق ئوغلىنى نوپوسقا ئالدۇرمىدى ،،،شۇنىڭغا قارىغان شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئون مىليوندىن ئىشىپ كېتىشى مۇمكىن. |
||
![]() |
|
erkhon
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
TuranTekin
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
|||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
palwan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
يولداش كۆك تاش سىز بۇ ماتىريالنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق قىلىپ يازسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن، نوپۇس مەسىلىسى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مەسىلىسى تولىمۇ نازۇك ئىش، بۇنىڭغا قانداقتۇر مىللى ھىسىيات، تەسەۋۇر، تاتلىق ئوي-خىياللار ئارلىشىپ قالسا بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى زادى قانچىلىك بۇنى بىزگە ھازىرغا قەدەر بىرەر ئادەم ھەق، دۇرۇس ئورۇندا تۇرۇپ، ئازايتماي ھەم جىقايتماي ئېنىق جاۋابىنى بەرگەن يوق، شۇڭا بۇھەقتە مەن تېخى سىزدەك ئىستاستىكىلىغان بىرەرىنى ئۇچۇرتۇپ باقماپتىكەنمەن. ماڭا تولىمۇ يېڭىلىق تۇيۇلدى. يەنە بىر ئىش ئاقسۇ رايۇنىدىكى ئونسۇ ناھىيىسى(كوناشەھەر)گە قاراشلىق ئارال يېزىسى بىلەن ئارال شەھرى(بۇرۇن بۇ جاي ئاقسۇ شەھرىگە قارايتى). ھازىر كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئارال شەھرىنى <<ئالار>> دەپ قاراش بىر قەدەر كۇچلۇق بۇ خەنزۇ تىلىنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن، خەنزۇچە خەتنىڭ تەلەپپۇر قىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان خاتا چۇشەنچە. ئارال يېزىسى阿热勒 دەپ. يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان ئارال شەھرى阿拉尔 دەپ يېزىلغان بولغاچقا بۇ خەنزۇچىنى تەلەپپۇز قىلىنىشى بويىچە <<ئالار>>غا ئۆزگىرىشكە باشلىغان، نادان خەلقىم يەنىلا خەنزۇچە ئاتاش قولايلىق دەپ قاراپ ئۆزىنىڭ تېلفۇن نومۇرلىرىنى ئانا تىلىدا ئېيتىپ بېرەلمىگەندەك، بۇ جاي نامىنى <<ئالار>>غا ئۆزگەرتىشكە ئالدىراپ كېتىپ بارىدۇ.ئارال شەھرىگە ماڭىدىغان ئاپتۇۋۇزلارغا خاتا ھالدا <<ئالار شەھرى>> دەپ تاختا ئاسقاننى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس.(بۇ جاي ئاقسۇ شەھرىدىن 130كېلومىتىر كېلىدۇ). ئەگەر يەنە بىرقانچە يۇز يىل ئۆتسە بۇ زىمىندا يەنە يېڭى بىر جاي نامى پەيدا بولمايدۇ دەپ ئېيتالمايمىز، خۇددى <<قىرغىزىستا جۇمھۇريىتى >> بىلەن <<قىزىلسۇ ئوبلاستى>> خەنزۇچىدە ئىككى خىل يېزىلىدۇ(قىرغىز دىگەن نامنى دىمەكچى) ھەم ئىككى خىل تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، كۈنلەر ئۆتۇپ، ئايلار ئۆتۇپ بۇ ئىككى جايدىكى ئاھالىلەر توپى خەنزۇچە ئاتىلىشى تۇپەيلى ئىككى مىللەت بولۇپ چىقامدۇ يولداشلارنىڭ سەگەكلىك بىلەن ئويلۇشۇپ كۆرۇشىنى تەۋىسيە قىلىش بىلەن بىرگە، تارىخ ۋە باشقا ساھەدە ئەجىر قىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۇل بۆلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن. [ بۇ يازما palwan تەرىپىدىن 2008-03-11 11:08 دە قايت ] |
||
![]() |
|
uyghur.po
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
erdewil
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
koktash
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
bares
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
udun
دەرىجىسى :باشقۇرغۇچى |
|
|---|
Quote:7 - قەۋەتتىكى palwan 2008-03-11 11:02 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : .................................................................................................................................................................................. palwan ئۇكام، بەك ئورۇنلۇق گەپ قىلىپسىز. مەن قوشۇمچە قىلمىساممۇ بولار، palwan نىڭ بۇ ئىنكاسىنى ئوبدان ئويلىنىپ كۆرۈشۈڭلارنى تەكلىپ قىلىمەن.koktash ئەپەندىم، سىزمۇ ناھايىتى ياخشى بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. ھازىر تۆۋەندە " ئىككى ئاساسەن" خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپى يېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئۆزىلا بەزى رايونلاردا ئېلان قىلىنغان نوپۇستىكى ئومومىي ئۇيغۇرنىڭ سانى بىلەن تەڭ چىقىپ قېلىۋاتىدۇ. بىز مۇشۇ مۇنبەردىن پايدىلىنىپ بۇ ئىشنى قىلىپ باققان بولساق قانداق بولارىكىن، دەپمۇ قالىمەن. مەسىلەن: غۇلجا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۆزىدىلا 2500 نەپەر ئوقۇغۇچى بار، بۇنىڭ 500 نەپىرى باشقا بولسىمۇ، 2000 نەپىرى ئۇيغۇر بالا. 2-ئوتتۇرىمۇ شۇ. بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بارغۇ تېخى. ئىككى مەكتەپتىلا، ھەممىنى قوشسا 5000 ئۇيغۇر بار. باشقا ئوتتۇرا-باشلانغۇچلارنى قوشايلى، خەنزۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىلارچۇ تېخى. سىڭلىمنىڭ 3 بالىسى بار، ھەممىسى خەنزۇ مەكتەپتە. ...... بۇنداقلار جىق. ئىلىدا نەچچە ئۇيغۇر بار دەپتۇ؟ |
||
![]() |

|
yolluktigin
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
izbasar
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
Quote:قەشقەر --- 3،762،689 --- 3،387،253 --- %90..2 ئونلۇق كەسىر چىكىتىدىن ئىككىسى بولسا قانچە دەپ ئوقۇيمىز ؟ |
||
![]() |
|
ezabay
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
ezabay
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|









ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى تەپسىلىي نوپۇسى









