| ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
|
toram
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
1
|
|---|
سۆڭەكنىڭ تاشقا ئايلىنىشىغا باشقا شەرت - شارائىتلار تولۇق بولغاندىمۇ 10 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كىتىدۇ . شىنجاڭدا تاشقا ئايلانغان ئادەم بىشى تېپىلدى . بۇ ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن ئاز بولغاندىمۇ 10مىڭ يىل بۇرۇنلا مۇشۇ زىمىندا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى چۇشەندۇرىدۇ . تاشقا ئايلانغان ئادەم بىشى تىپىلغان زىمىن ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يىزىسى تەۋەسىدە . بۇ تاشقا ئايلانغان ئادەم بىشىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ بىشىدا كىشىلەر مۇشۇ رايۇندىن تاش كولاۋاتقاندا تىپىۋىلىپ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ بىر كادىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن . 1983 - يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۇمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىمىنۇپ ھامۇتنىڭ كۆڭۇل بولۇشى نەتىجىسىدە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق موزىيغا ئەكىلىنگەن ۋە موزىي تەرىپىدىن نەق مەيدانغا تەكشۇرۇشكە ئىلمىي خادىملار ئەكىلىنگەن . تاشقا ئايلانغان ئادەم بىشى پارچىلىرى بوغاز دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى ئۇچ پەلەمپەيلىك ئىگىزلىكتىن تىپىلغان . بۇ ئورۇننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقى مىردىيان 75.0.5 ، شىمالى پارالىل 39.44-46 گە توغرا كىلىدۇ . باش سوڭىك تىپىلغان ئورۇننىڭ كەسمىسى يەتتە قەۋەت بولۇپ ، تاشقا ئايلانغان سۆڭەك ئۇنىڭ 6 - قەۋىتىدىن چىققان . بۇ ئورۇندا قايتىدىن ئىزدەش تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ قىپقالغان باشقا پارچىلىرىمۇ چىققان . ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىيدا ئۇنىڭ ماڭلاڭ سۇڭىكى ، چوقا سۆڭىكى ، كىپىنەك سۆڭىكى قاتارلىق يەتتە پارچىسى ساقلانماقتا . بۇ سۆڭەكلەر قۇراشتۇرۇلسا بىر پۇتۇن ئادەم بىشىنىڭ كۆپ قىسمى ئەسلىگە كىلىدۇ . بۇ تاشقا ئايلانغان ئادەم بىشىنى جوڭگۇ ئىجدىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخولوگىيە ئىنىستۇتىدىكى ئاتاقلىق ئارخىلوگلىرى تەكشۇرۇپ كۆرگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئالامەتلەر ۋە ئۇنىڭ تاشقا ئايلىنىش دەرىجىسى ، يەرقاتلىمى جەھەتلەردە تەھلىل يۈرگۇزۈپ ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇنى بۇنىڭدىن 10مىڭ يىل بۇرۇنقى 18 ياشلىق ئەرنىڭ باش سۆڭىكى ، دەپ قارىغان . بۇ باش سۆڭەك تىپىلغان ئورۇندىن يەنە بىر پارچە 40 سانتىمىر ئۇزۇنلۇقتىكى قەدىمى ھايۋانات ( كەركىدان بولۇشى مۈمكىن ؟) نىڭ تاغاق سۆڭىكى تىپىلغان . بۇلار ھىلىمۇ تەتقىقات ئۈستىدە . مەنبە : < شىنجاڭ ياشلىرى > ژورنىلى |
||
![]() |
|
hector
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
BIRLIK1944
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
arslanhan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
Quote:3 - قەۋەتتىكى BIRLIK1944 2008-03-03 19:56 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : 10000---30000يىل ئاۋالقى ئادەم باش سۆڭىكى ھە؟ مەن كىچىكىمدىن " قەدىمكى ئادەم دېگەن مانا" دەپ بېيجىڭ ئادىمىنىڭ باش رەسىمىنى كۆرۈپ ئۆگەنگەچكە ، بۇ مۆجىزىگە ھەيران قېلىۋاتىمەن. خۇددى ھازىر كۆمۈلگەندەكلا. . بۇ يەردە راستلا ئۇيغۇر مايمۇنلىرى ياشىغان بولۇپ چىقىپ قالامدۇ نېمە؟ ![]() ![]() ![]() |
||
![]() |
|
BIRLIK1944
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
moyunchur
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى بولسا كىرەك، قايسىبىر ژورنالدا، ھازىر دۇنياغا داڭقى پۇر كەتكەن ئاشۇ ئاتۇش ئادىمىنىڭ تاشقا ئايلانغان باش سۆڭىكىنى، ئاتۇش ئارغۇ يېزىسىدىكى بىر قانچە ياش-ئۆسمۇر بالىنىڭ تېپىۋالغانلىغى قەيت قىلىنغان. |
||
![]() |
|
arslanhan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
Quote:5 - قەۋەتتىكى BIRLIK1944 2008-03-04 19:47 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : ياپىر، بۇرادەر، چاقچاقنى ھەرھالدا چۈشىنىپسىز، مەن بۇ مۆجىزىگە ئىشەنمەيدىغانلاردىن ئەمەس، مەن بىر يازمىدىكى بىرىنىڭ ئىنكاسى يادىمغا يېتىپ ، ئۇيغۇر مايمۇنلىرى دېگەن گەپنى يېزىپ قويغان، دېمەكچى ، قەدىمى ئادەمنى بىر مايمۇن سۈپىتىدە تونۇپ چوڭ بولغان ئىدۇق، بۇ باش سۆڭەك چىقىپ، تەتقىقاتلار نېمە بولۇپ كەتتى ئەمدى دەيمىنا؟ ئاۋۇ بېيجىڭ ئادىمى دېگىنى قاچاننىڭ ئىدى؟ |
||
![]() |
|
arslan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
kimsiz
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
sumayya
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
555rikabatqi
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
|---|
Quote:10 - قەۋەتتىكى barhan 2009-01-05 01:50 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : سىزنىڭ دىگىنىڭىز ناھايتى توغرا ،ھازىر بىركىچىك كىنا ئىش بولسىمۇ يۇرتقا باغلاپقويىدىغان بولدۇق بۇنداق ئىشلارنىڭ ياخشىىلقتىن يامىنى جىق كۈرىۋاتىمىز |
||
![]() |











ئاتۇش ئادىمى











