ېورخۇن مۇنبۈرۈ » دۇنيادۈكۈ ېۇيغۇرشۇناسلار ۋە ېۇيغۇرشۇناسلۈق تەتقۈق » ېاز سانلۈق مۈللەتلەر ېۈلمۈ مۇھاكۈمە يۈغۈنۈ |
| ېورخۇننۈ قوللامسۈز؟ | مۇنبەر خېتۈنۈ نورمال كۆرەلمۈگەنلەر | مۇنبەرنۈ ېۈشلۈتۈش قوللانمۈسۈ | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
|
tahir.imin
دەرۈجۈسۈ :لەشكەر |
ېاز سانلۈق مۈللەتلەر ېۈلمۈ مۇھاكۈمە يۈغۈنۈبۇ يازمۈغا admins تەرۈپۈدۈن نادۈرلاندۈ (2008-04-08)
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Yawuz
دەرۈجۈسۈ :كۇلۇب باشلۈقۈ |
|
|||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
TarimDadxah
دەرۈجۈسۈ :شەرەپلۈك ېەزا |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
pidakar194
دەرۈجۈسۈ :لەشكەر |
|
|---|
耿史民ەگېڭ شۈمۈن دەپ تۈزۈتۈۋېلۈشۈڭۈزلارنۈ سۇرايمەن. |
||
![]() |
|
Yawuz
دەرۈجۈسۈ :كۇلۇب باشلۈقۈ |
|
|---|
Quote:3 - قەۋەتتۈكۈ pidakar194 2008-02-16 18:33 دە يوللۈغان نۈ نەقۈل كەلتۈرۈش : نۈمۈنۈ تۈزۈتۈپ قويۈمۈز دوستۇم، بۇ قېتۈنقۈ پاېالۈيەتنۈ تەشكۈللۈگۈچۈلەرنۈڭ بۈرسۈ مەركۈزۈي مۈللەتلەر ېۇنۋېرسۈتۈتۈدۈكۈ پۈروفېسسور ياڭ شېڭمۈن (杨圣敏) سۈز دۈگەن پۈروفېسسور گېڭ شۈمۈن (耿世民) ېەمەس. |
||
![]() |

|
uyghurqizi
دەرۈجۈسۈ :شەرەپلۈك ېەزا |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
tunyuquq79
دەرۈجۈسۈ :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
erkhon
دەرۈجۈسۈ :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
...yasir
دەرۈجۈسۈ :لەشكەر |
|
|---|
تۆۋەندۈكۈ مەزمۇن <دۈيارۈم> مۇنبۈرۈدۈكۈ <يولباشچۈ> نۈڭ تۈمۈسۈدۈن قالدۇرۇلغان ېۈنكاسۈ بولۇپ ، مۇشۇ تۈمۈغا ېۈنكاس شەكلۈدە قوشۇپ قويۇشنۈ زۆرۈر تۈپۈپ ېاپتورنۈڭ رۇخسۈتۈنۈ ېۈلۈپ يوللاپ قويدۇم . ئىنسانشۇناسلىق ئىنسانشۇناسلىق (anthropology) ئادەم ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى ئوموميۈزلۈك تەتقىق قىلىدىغان پەندۇر . بۇ سۆزنىڭ مەنبەسىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا (anthropology) سۆزى قەدىمكى گېرىك يىزىقىدىكى anthropos (ئادەم ياكى ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىق بولغان) ۋە logys (پەن ياكى تەتقىقات) تىن كەلگەن . ئالدىدىكىسى سۆز يىلتىزى ، كىيىنكىسى سۆز ياسىغۇچىدۇر . ئىككىسى بىرلەشكەندە مەنىسى " ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ياكى ئادەمنى تەتقىق قىلىدىغان پەن " دېگەنلىكتۇر . قەدىمكى گېرىك تىلىدىكى بۇ مەزمۇن تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى " ئىنسانشۇناسلىق " قا كەلگۈچە ، ناھايىتى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈردى . بۇ جەرياندا ئىنسانشۇناسلىقنىڭ مەزمۇنى ۋە مەنىسىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى . لاتىن تىلىدىكى " ئىنسانشۇناسلىق " سۆزى 16 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە گىرمانىيىلىك ئالىم تەرىپىدىن ئۇنى " ئادەم ئاناتومىيىسى ۋە ئادەم بىئولوگىيىسى " دەپ ئاتاپ ئىشلەتكەن . 19 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىغا كەلگەندىلا " ئىنسانشۇناسلىق " ئاندىن مۇستەقىل بىر پەن بولۇپ شەكىللەندى . باشقا پەنلەرگە سىلىشتۇرغاندا ، ئىنسانشۇناسلىق بىر قەدەر ياش پەن . چۈنكى كولۇمبو چوڭ قۇرۇقلۇقنى بايقاشتىن ئىلگىرى ، كۆپ ساندىكى ياۋرۇپا پەنشۇناسلىرى باشقا مىللەت ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك ئەمەس ئىدى . باشقىلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بولغان تەپەككۇر ۋە شۇ توغرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان سېستىمىلىق تەتقىقاتلار ئاز ساندا ئىدى . ئىشنسانشۇناسلىقنىڭ مۇستەقىل بىر پەن بولۇپ شەكىللىنىشى ئەنگىلىيە ئىنسانشۇناسى تەيلور (E.B.Tylor) نىڭ تەتقىقات ئىلىپ بىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئۇ 19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن باشلاپ ئىنسانشۇناسلىق بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇپ ، 1883 - يىلى ئوكىسفورد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تەكلىپنامىسى ۋە دۇنيادىكى تۇنجى ئىلمى مەنادىكى ئىنسانشۇناسلىق ئۇنۋانىنى تاپشۇرۇپ ئالدى . يەنە بىر ئىنسانشۇناسلىقنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان كىشى ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس بوئىس (F.Boas) بولدى . ناۋادا ، تەيلور ئىنسانشۇناسلىقنى ئەقلى بولغان ئىدىيە ۋە تەتقىقات ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىدى ، دىسەك ، ئۇنداقتا بوئىسنىڭ تارىخ نەزەرىيىسى بۇ ئەقلىچىلىككە قارىمۇ - قارشى ئىدى . ئىنسانشۇناسلىق ئەڭ دەسلەپتە ياۋرۇپادا پەيدا بولۇپ ئاندىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان . ھازىر يەنىلا ياۋرۇپا - ئامېرىكا دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق توغرىسىدىكى تەتقىقاتى ئەڭ تەرەققى قىلغان ھالەتتە تۇرماقتا . ئىنسانشۇناسلىق تەرەققىيات جەريانىدا ئوخشىمىغان ئەنئەنىلەرنى شەكىللەندۈرگەنلىكتىن ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئىشلەتكەن سۆزلۈكلىرى بىلەن " ئىنسانشۇناسلىق " ساھەسىدىكى تەلىماتلىرىدا پەرقلەر مەۋجۈت . ئەنگىلىيە - ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر ، ئىنسانشۇناسلىق دېەەن ئادەمنىڭ تەن ساپاسى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئۇنۋىرسال پەن ، دەپ قاراپ بۇ پەننى ھەم ئادەمنىڭ بىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ ھەم ئادەمنىڭ مەدەنىيەت خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ . بۇ ئىككىسى بىرلەشكەندىلا ئاندىن ئىنسانشۇناسلىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئىپادىلەيدۇ ، دەپ قارايدۇ ؛ گېرمانىيە ، فرانسىيە ۋە روسىيە ۋەكىللىكىدىكى ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدا ، ئىنسانشۇناسلىق پەقەت ئالدىدىكى ئادەمنىڭ تەن ساپاسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن دەپلا قارايدۇ . مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى " مىللەتشۇناسلىق " دەپ قارايدۇ . ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئايرىم بولغان مۇستەقىل پەن ، دەپ قارايدۇ . ئەنگىلىيە - ئامېرىكىدا " مىللەتشۇناسلىق " پەقەتلا ئىنسانشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارىلىپ ، بەزىدە مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ياكى جەمئىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ، دەپمۇ ئاتالماقتا . بۇ خىل پەن نامى ۋە مەزمۇنىدىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىلمىي ئەنئەنىسىدە دائىم كۆرۈلىدىغان بولۇپ ، ھەرگىزمۇ كىمنىڭ كىمدىن ئەۋزەل ياكى ئىلغار ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . ( بۇ دىيارىم مۇنبىرىدىكى يولباشچىنىڭ تەييارلىغان تىمىسى ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈش ياكى پايدىلىنىش بىئەدەپلىك . ئەدەپكە قايت ، تىما ئوغرىلىرى) بۇ خىل ئىككى نامنىڭ ئۆز - ئارا كىرىشتۈرۈپ بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ قوللىنىش ۋەزىيىتى ، گەرچە بىر قىسىم ئىلمى ئالماشتۇرۇشلاردا ئاۋارچىلىقلارنى ئىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، بىراق ئىلمى ساھەدە ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىق ئايرىلىپ بولغان ، پەقەتلا ئاز بىر قىسىم قولايسىزلىقلارنىلا ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ ، خالاس . شۇڭا ، خەلقئارا ئىلمىي ساھەدىكىلەر بۇ ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئەنئەنىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ، " خەلقئارا ئىنسانشۇناسلىق ۋە مىللەتشۇناسلىق بىرلەشمىسى " نى قۇرۇپ چىقتى . Ethnology سۆزى جۇڭگۇدا ئەڭ دەسلەپتە 1903 - يىلى كۈرۈلگەن بولۇپ ، ئەڭ دەسلەپتە " مىللەت ئېرىقشۇناسلىقى " دەپ تەرجىمە قىلىنغان . 1926 - يىلى ، سەي يۈەنپىي (蔡元培) ئەپەندى ئۇنى " مىللەتشۇناسلىق " دەپ تەرجىمە قىلغان . شۇڭا ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر سەي يۈەنپىينى جۇڭگۇ مىللەتشۇناسلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىنىڭ بىرى ، دەپ قاراپ كەلمەكتە . ئېنىقكى ، ئۇنىڭ تونۇشتۇرغىنى ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەنئەنىۋى مىللەتشۇناسلىق بولۇپ ، بۇ خىل ئەنئەنە يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە " سوۋېت ئىتىپاقى ئەندىزىسى " دە مەكتەپ ئېچىش مەزگىلىدە ئاساسى ئىدىيە بولغان . ئەنگىلىيە - ئامېرىكا ۋە شۇنداقلا ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئەنئەنىنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ دۆلىتىمىزگە تارقىلىپ كىرىپ ، ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى . نۇرغۇنلىغان پەنشۇناسلار 1949 - يىلىدىن ئىلگىرىكى دۆلىتىمىزدىكى ئىلىم - پەن ئورۇنلىرىدا بۇ ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئەنئەنىنىڭ ئۆز - ئارا خاتا ھالدا مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان ھالىتىگە دىققەت قىلغانىدى . 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن بۇيان ، ئىنسانشۇناسلىق ۋە مىللەتشۇناسلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە قايتىدىن بەرپا بولغان بولسىمۇ ، بىراق مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئاپراتلىرىدا قوللىنىلغان پەنلەرگە ئايرىش ئۆلچىمىدە يەنىلا بىردەكلىككە كىلەلمىدى . دۆلەتنىڭ ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ خارەكتىرىنى ئايرىشى تۇراقلىق بولمىغاچقا ، ئىنسانشۇناسلىقنىڭ ئورنى دۆلىتىمىزدە تۇراقسىز ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى . خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە بىرىش - كىلىشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان " ئىنسانشۇناسلىق " ۋە " مىللەتشۇناسلىق " نىڭ نامى ۋە خۇسۇسىيىتىدىكى پەرقتە بارا - بارا بىردەكلىككە قاراپ مېڭىش ھالىتى شەكىللەنمەكتە . 1954 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ئىلىم - پەن تەشكىلاتى بىر پارچە ئالىي مائارىپنىڭ " جەمئىيەت پەنلىرى " نى تەسىس قىلىش تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىپ : مىللەتشۇناسلىق ، مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ۋە جەمئىيەت ئىنسانشۇناسلىقىنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى ۋە تەتقىقات دائىرىسىنىڭ ئوخشىشىپ كىتىدىغانلىقىنى ، كىشىلەرنىڭ ئاسانلا " مىللەتشۇناسلىق " ۋە " مىللەت تەزكىرىسى " دىكى " ئىنسانشۇناسلىق " نامىنى ئاسانلا قوبۇل قىلىۋالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن . ئەلۋەتتە ، ئىنسانشۇناسلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى " ئادەمنى تەتقىق قىلىدىغان پەن " بىراق بۇ خىل ئېنىقلىما ئانچە مۇكەممەل ئەمەس . چۈنكى باشقا پەنلەر مەسىلەن : جەمئىيەتشۇناسلىق ، پسىخولوگىيە ، سىياسىيشۇناسلىق ، ئىقتىسادشۇناسلىق ، تارىخشۇناسلىق ، فزولوگىيە ھەتتا پەلسەپە ، ئەدەبىيات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى " ئادەم " ياكى " ئادەمنىڭ ھەركىتى " نى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئۇلارنىڭ تارىخىمۇ ئىنسانشۇناسلىقتىن ئۇزۇن ، ئۇلار ئىنسانشۇناسلىقنىڭ تارمىقىمۇ ئەمەس بەلكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پەنلەردۇر . شۇڭلاچقا ، ئىنسانشۇناسلىق بىلەن ئۇلارنىڭ پەرقى ۋە ئالاقىسىنى چۈشىنىۋىلىش زۆرۈر . ئادەتتە ، بۇ پەنلەر پەقەتلا ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەركىتىدىكى مەلۇم تەرەپنىلا تەتقىق قىلىدۇ . بىراق ئىنسانشۇناسلىق ئادەم ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى تەتقىق قىلىدۇ ، دەپ قارايدۇ پەنشۇناسلىرىمىز . ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنۋېستىتى نەشىرياتى تۈزگەن ئىنگىلىزچە " ئىنسانشۇناسلىق " ناملىق كىتاپنىڭ مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە : مۇندەرىجە كىرىش سۆز بىرىنچى قىسىم 1. باپ : مۇقەددىمە - ئىنسانشۇناسلىقنىڭ پەن خۇسۇسىيىتى ۋە مەزمۇنى 2. باپ : مەدەنىيەت نەزەرىيىسى ئىزنالىرى 3. باپ : تەن ساپاسى ئىنسانشۇناسلىقى 4. باپ : ئىقتىساد ئىنسانشۇناسلىقى 5. باپ : ئىكىلوگىيە ئىنسانشۇناسلىقى 6. باپ : ماددىي مەدەنىيەت تەتقىقاتى 7. باپ : تىل ۋە مەدەنىيەت 8. باپ : تونۇش ۋە مەدەنىيەت 9. باپ : پسىخىك ئىنسانشۇناسلىقى 10. باپ : دالىدا خىزمەت قىلىش 11. باپ : نىكاھ ، ئائىلە ۋە تۇققانچىلىق تۈزۈمى 12. باپ : ئىنسانشۇناسلىقنىڭ نوپۇس تەتقىقاتى 13. باپ : مىللەت توپى 14. باپ : ئىنسانىيەت سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش 15. باپ : دىن ئىنسانشۇناسلىقى ئىككىنچى قىسىم 16. باپ : مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى 17. باپ : تارىخ ئىنسانشۇناسلىقى 18. باپ : جەمئىيەت ئايرىمىسى تەتقىقاتى 19. باپ : تىببىي پەن ئىنسانشۇناسلىقى 20. باپ : مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەت نامايەندىسى 21. باپ : ئىنسانشۇناسلىقتىكى شېئىرىيەت ۋە گۈزەل - سەنئەت 22. باپ : سۈرەتچىلىك ئىنسانشۇناسلىقى 23. باپ : مەركىزى شەھەر ئىنسانشۇناسلىقى 24. باپ : قوللىنىشچان ئىنسانشۇناسلىقنىڭ يوللىرى 25. باپ : ئىنسانشۇناسلىقنىڭ زامان ئۆزگىرىشى ۋە بۈگۈنكى " يەرشارىلىشىش " مەسىلىسى پايدىلانغان ماتېرياللار : 1. خەنزۇچە < ئىنسانشۇناسلىق > ناملىق كىتاپ . 2. كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئىنگىلىزچە F.Boas نىڭ < ئىنسانشۇناسلىقنىڭ كىلىپ چىقىشى > ناملىق كىتاپ . 3. ئەنگىلىيە ئوكىسفورد ئۇنۋېستىتى نەشىر قىلغان ئىنگىلىزچە E.B.Tylor نىڭ < مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى > ناملىق كىتاپ . مەن مۇشۇ مۇناسۈۋەت بۈلەن بۈزنۈ مۇشۇنداق زۆرۈر بۈلۈم بۈلەن تەمۈنلۈگەن <دۈيارۈم> مۇنبۈرۈدۈكۈ <يولباشچۈ> غا ېالاھۈدە رەھمۈتۈمنۈ بۈلدۈرۈمەن ! |
||
![]() |
|
udun
دەرۈجۈسۈ :ېالاھۈدە باشقۇرغۇچۈ |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
Kulbilge
دەرۈجۈسۈ :شەرەپلۈك ېەزا |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
udun
دەرۈجۈسۈ :ېالاھۈدە باشقۇرغۇچۈ |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
zirek
دەرۈجۈسۈ :يۈز بېشۈ |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Aptap
دەرۈجۈسۈ :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
kahxal
دەرۈجۈسۈ :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
















