| ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 1717ـ كۆرۈرمىنى
|
jewlaniy
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
|---|
بەلىكىم بۇ خەۋەرنى ھەرقايسىڭلارمۇ كۆرۈپ بولغانسىلەر شۇنداق بولسىمۇ بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ خۇشاللىقىمدا ئورخۇن مۇنبىرىگىمۇ يوللاپ قويغۇم كەلدى. گەرچە بۇ ئەمىلىلەشمىگەن بولسىمۇ، ئاخىرى مۇشۇنداق مەركەزگە مۇشۇنداق تەكلىپنىڭ سۇنۇلغانلىقىمۇ ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئىشتە. نەۋرۇز بايرىمىنى ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بايرىمى قىلىپ بىكىتىش كىرەك شامىل شاكىر قاتارلىق 20 ئەزانىڭ تەكلىپى: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق10-نۆۋەتلىك1-يېغىنىدا موخبىرلىق قىلىۋاتقىنىمدا شامىل شاكىر،تۇرگۇن ئىبراھىم،تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان،گۈزەلنۇر قۇربان،شامىس قۇمار،چى چوڭچىڭ،سىرىك ماغاۋيا قاتارلىق20 ئەزانىڭ نەۋرۇز بايرىمىنى ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئالتە ئازسانلىق مىللەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرىمى قىلىپ بىر كۈن دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. مەن بۇ تەكلىلپنىڭ قىززىقتۇرۇشى بىلەن سىياسىي كىڭەش ئەزاسى،شىنجاڭ ھەربي رايۇن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك1-دەرجىلىك ئارتىسى شامىل شاكىر قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدىم. ئەزا شامىل شاكىر مۇنداق دىدى: نەۋرۇز ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز،ئۆزبەك،تاجىك ۋە تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە مىللىي ئەنئەنىۋىي بايرىمى.نەۋرۇز دىگەن سۆز يىڭى يىل،يىل بېشى دىگەن مەنىدە بولۇپ،2500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بويان،ھەر يىلى دىھقانلار كالىندارى بويىنچە3-ئاينىڭ 21-كۈنى دىيارىمىزدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر مىللى ئەنئەنىسى بويىچە چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ،كاتتا يىغىلىش ۋە مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈپ،خۇشال-خۇرام ھالدى ناخشا ئېيتىپ،ئۇسۇل ئويناپ،نەۋرۇز ئېشى يىيىشىپ باھارنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىشىدۇ ھەم شۇ كۈندىن باشلاپ يەر تېرىپ،كۈچەت تىكىپ،باھارنىڭ ئىشلىرىنى باشلىۋېتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا،نەۋرۇز بايرىمىدا ئوغلاق تارتىشىش،چېلىشىش،قوشقار سۇقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئەزا چى چوڭچىڭ مۇنداق دىدى:نەۋرۇز ئاپتونوم رايۇنىمىزدا خېلى تەسىرگە ئىگە چوڭ بايراملارنىڭ بىرى.ئىسلاھات،ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بويان،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى،ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست)،شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئسىتانسىللىرى3-ئاينىڭ 21-كۈنى مەخسۇس سەنئەت كىچىلىكى ئۆتكۈزۈپ كەلدى.جايلارمۇ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ،بايرام تەنتەنىسىنى يوقۇرى پەللىگە كۆتۈردى.بۇنداق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر دۆلەت ئىچى-سىردىن كەلگەن نورغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلدى. شامىل شاكىر قاتارلىق 20 ئەزا تەكلىپتە مۇنۇلارنى ئوتتۇرغا قويدى:يېقىندا گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە بايراملىق دەم ئېلىش كۈلىرىنى قايتا تەڭشىگەندە تاۋۇز چاغىنى قاتارلىق بىر قىسىم مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام قاتارىغا كۈرگۈزۈپ،بۇ بايراملاردا دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىشنى بىكىتتى.بۇ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قىزىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا پايدىلىق.شۇڭا،ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكىمىتىنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ۋەكىللىك قىلىش تەلىپى بويىچە،نەۋرۇز بايرىمىنى ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئويغۇر قاتارلىق 6 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرىمى قىلىپ بىكىتىپ،ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىشنى تۈزۈملەشتۈرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. مەنبە: تەڭرىتاغ تورى http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/news/content/2008-01/18/content_45735.htm ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن چاپلاندى |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 1717ـ كۆرۈرمىنى
|
uytoghrak
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1717ـ كۆرۈرمىنى
|
uyghurqizi
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1717ـ كۆرۈرمىنى
|
m.erdem
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
2009-يىلىمۇ كىرىپ قالدى، مەركەزنىڭ تەستىقى بۇ يىلقى نورۇز بايرىمىغا ئۈلگۈرسە بەكمۇ ياخشى بولاتتى. |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 1717ـ كۆرۈرمىنى
|
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1717ـ كۆرۈرمىنى
|
arislan-0996
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1717ـ كۆرۈرمىنى
|
BAYAT
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بويان،ھەر يىلى دىھقانلار كالىندارى بويىنچە3-ئاينىڭ 21-كۈنى دىيارىمىزدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر مىللى ئەنئەنىسى بويىچە چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ،كاتتا يىغىلىش [p][/p] دېھقانلار كالىندارىمۇ يا مىلادىيە كالىندارىمۇ؟مېنىڭچە مىلادىيە كالىندارىغۇ دەيمەن. |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 1717ـ كۆرۈرمىنى
|
qanat
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1717ـ كۆرۈرمىنى
|
Bolivar
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|









نورۇز بايرىمى ھەققىدە مەركەزگە تەكلىپ يوللاندى







