
توجو خېدىكى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى . ئۇ ياپونىيە قۇۇرقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى ۋە كابېنتىنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، ئون نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى ئاياغ - ئاستى قىلغان .
توجوخېدىكى 1884 - يىلى ياپونىيىدىكى بىر ساموراي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ دادىسىمۇ جالللات بولۇپ ، ئىسمى توجو خېدنۇرى . توجو خېدىكى مىللىتارىست دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان . توجو خېدىكى كىچىكىدە كەپسىز ﻫەم ياخشى ئوقۇمىغاچقا دائىم دادىسىدىن تەنقىد ئاڭلىغان . توجو خېدىكىنىڭ ئاپىسى ئوگورالىق ئايال بولۇپ ، مۇلايىم ﻫەم ساددا . تەلەپچان . ئەر - ئايال ئىككىسى توجو ئىېدىكىنى تەربىيلەش جەﻫەتتە كۆپ جاپالارنى تارتقان
توجو خېدىكى . 1889 - يىلى 1 - سىنتەبىر توكيودىكى قۇۇرقلۇق ئارمىيە يەرلىك پەرزەنتلەر مەكتىپىگە ، 1902 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەركىزىي ئوتتۇرا مەكتىۋىگە كىرىپ ئوقۇپ ، 1904 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن . 1904 - يىلى قۇۇرقلۇق ئارمىيە ئوفېتسىرلار مەكتىۋىدە بىر يىل ئوقۇپ ، 1905 - يىلى 4 - ئايدا ، ياپونىيە - روسسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان . 1907 - يىلى قۇۇرقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر لېيتنانتى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . 1909 - يىلى توي قىلغان . ئايالىنىڭ ئىسمى --- ساچىكو .
ئۇ شۇندىن ئېتىبارەن ~ دادىسىنىڭ تەسىرىدە تاجاۋۇزچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ، جالللاتلىق قىلىدىغان ، سامورايچە ئوفېتسېر بولغان ..... نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ﻫەم خىزمەت كۆرسەتكەن .
1928 - يىلى 3 - ئىيۇن ، ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى << جوڭگو تۈن ۋەقەسى >> نى پەيدا قىلغان . جاڭ زۇلىننى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن . شۇ يىلى پولكوۋنېك بولغان . كېيىن پىيادە ئەسكەرلەر 1 - بىرلەشمە ئەترىتىنىڭ باشلىغى بولغان . 1931 - يىلى << 18 - سېنتەبىر >> ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان . 1935 - يىلى موڭغۇلىيىنى مەركەزدىن ئايرىپ چىقارماقچى بولدى . 1936 - يىلى ئىچكى موڭغۇل خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى تۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ ، ئىچكى موڭغۇلدىكى دىمچىك دوڭغۇرۇپ خاننىڭ مۇﻫاپىزەت ئەترىتىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر- ئوفېتسىر ياپونغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى . 1936 - يىلى داخۇاڭ جىلغىسىدا قانلىق ۋەقە پەيدا قىلدى . 1936 - يىلى يەنە جوڭگودا ، 160 تىن ئارتۇق ئادەمنى كوللىكتېپ قىرغىن قىلغان . توجو ئىېدىكى تاجاۋۇزچىلىقنى قانچە قىلغانسېرى ئۇنىڭ ئالغان ئۇنۋانلىرىمۇ ئېشىپ بارغان ....
راستېنى دېسەم ، بۇ جاللالتنىڭ ئىشلىرىنى يېزىشتىنمۇ سەل ئېرىنىۋاتىمەن ..... قولۇمدا جوڭگو تارىخىغا دائىر ماتىرىياللارنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن پەقەت مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇرۇشنىلا لايىق تاپتىم .
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جوڭگوغا قىلغان قىلمىشلىرىنى ، بىز تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىساق بىلىمىز . جوڭگو يېقىنقى زامان تارىخى بولۇپمۇ جيا ۋۇ ئۇرۇشىدىن تارتىپ تاكى كانتون ئارمىيىسى 731 - قىسىمغىچە بولغان ئىشلار بىزگە تولىمۇ ئايدىڭ بولسا كېرەك . <<قىسىم - 731 >> بۇ سانمۇ كىشىگە قورقۇنچلۇق بىر ئۆتمۈشنى ئەسلىتىدۇ .....
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى 3 چوڭ قانخور جاللاتنىڭ بىرى بولغان توجو خېدىكىنىڭ جوڭگو زېمىنىدىكى قىلمىشلىرى يەنى << 18 - سىنتەبىر >> ۋەقەسىدىن كېيىن ياپونىيە قۇۇرقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ۋە باش شىتابى جوڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا كانتون ئارمىيىسىنى قۇرىدۇ . بۇ تەجرىبىخانىغا ياپونىيىنىڭ ﻫەربىي دوختۇرى ، گېنىرال لېيتىنات ئىۋائى شىرۇ يېتەكچىلىك قىلىدۇ . << 731 - قىسىم >> يېتىشتۈرگەن باكتېرىيىلەر ئىچىدە چۇما ، خولېرا ، گانگېنا ، كۆيدۈرگە ، كېزىك ، پاراتىف قاتارلىقلار بولغان . ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى باكتېرىيىلەرنى قانداق ئىشلەپچىقارلىقىنى بەلكىم مۇشۇ ۋەقەلىك ئاساس قىلىنغان كىنولاردىن بىلىمىز . شۇڭا ئارتۇقچە توختالمىدۇق .
باكتېرىيەدىن ياسالغان قوراللار ئالاﻫېدە قىلىپ ياسالغان . مەسىلەن : قەلەم ۋە ﻫاسا شەكلىدىكى ئاتقۇچى قورال ، فار - فور بويۇمدىن ياسىلىپ ئايروپىلاندىن تاشلىنىدىغان بومبا دېگەندەكلەرمۇ بولغان .
<< 731 - قىسىم >> نىڭ تىرىك ئادەمنى تەجرىبە قىلىشىنى كانتون ئارمىيىسىنىڭ شىتاب باشلىقى بولغان توجو خېدىكى ئۆزى تەستىقلىغان . تىرىك ئادەمگە باكتېرىيە تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان .... بۇ قىسىم 1943 - يىلى ئوتتۇرا جوڭگونىڭ چاڭ دې ئەتراپلىرىغا كېلىپ ئايروپىلان بىلەن چۇما كېسىلىنى تارقىتىدىغان بۈرگىلەرنى چاچقان . 1942 - يىلى ئۇلار جوڭگونىڭ مەلۇم بىر جەڭ مەيدانىدىن چېكىنگەندىمۇ ~ باكتېرىيە توشۇش جېڭى ئېلىپ بارغان . ياپونىيىلىكلەرنىڭ بۇ باكتېرىيىسىدە ئۆلگەن كىشى ﻫەددىي - ﻫېسابسىز بولۇپ ، زىيان تولىمۇ كۆپ بولغان .....
-----------------------
ئۆلۈم ﻫەممىگە بار . ئۆلۈم ئالدىدا ﻫېچكىممۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغان . توجوخېدىكى قاتارلىقلارمۇ ﻫەم . 1946 - يىلى 11 دۆلەت يەنى جوڭگو ، گوللاندىيە ، يېڭى زىللاندىيە ، ﻫىندىستان ، كانادا ، فىرانسىيە ، ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، سوۋېت ئىتتىپاقى (سابىق) ، ئاۋسترالىيە ، ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر ، ئۇرۇش قوزغىغان ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى جازالاش ئۈچۈن ~ خەلقئارا ﻫەربىي سوتىنى تەشكىللەيدۇ . توكيودا 28 نەپەر 1- دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوراق قىلىدۇ . بۇ 28 ئادەم كىملەر ئىدى ؟ ئىسمى تۆۋەندىكىچە :
1. توجوخېدىكى ، 2 . خىرانۇما كىئىچىرۇ ، 3. خروتا خىروتاكى ، 4. كوكۇئاكىرۇ ، 5. ئاراكى سادائو ، 6. توئىخارا كېنىرو ، 7 . ئىتاگاكى سېئىشىرو ، 8. ئۇمېتسۇ ئۇمېچىرۇ ، 9. خاتاشۈنۇروكۇ ، 10. كىمۇراخېئىتارۇ ، 11. مانسوئىي ئىۋانى ، 12. مىنامى جىرو ، 13. تاكېفۇجى ، 14. ناەانو ئوسامى ، 15. ساتوكاتائاكى ، 16. ئوكائىي، 17. تورىتا شىگېتارۇ ، 18. ئوشىماخارو ، 19. شىراتورى توشىئو ، 20. شىگېمتىسۇ ، 21. خېگاشىگۇ شىگىتوكۇ ، 22. كايائوكىتوبۇ ، 23. سۇزۇكى سادائىچى ، 24. خوشىنونائوشىسا ، 25. خاشىموتوكىمگورو ، 26. ئوكاۋا كاتائاكا ، 27. كېتو كوئىچى ، 28. خىرونا خىروتاكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
سوت مەيدانىدىكى توجو خېدىكى
باش جىنايەتچى قانخور جاللات توجو خېدىكى بولسا ~ 1948 - يىلى 22 - دېكابىردا دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
مەنبە : تور مەھەللەم