شىنجاڭ ئىسلام تارىخىدىكى چوڭ ئىشلار يىلنامىسى

ھىجىرىيە1 - يىلى . مىلادى 622 _ 623 - يىلى تاڭ گاۋزۇڭنىڭ ۋۈدېى 5 _ 6 - يىلى
ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا بارلىققا كەلگەن ، ئىسلام دىنىنىڭ تارىخى ئىراسى _ ھىجىرىيە باشلانغان .
ھىجىرىيە 30 _ 31 - يىلى . مىلادى 651 - يىلى تاڭ گاۋزۇڭنىڭ يۇڭخۇي 2 - يىلى
تازى ( ئەرەب ئىمپىرىيىسى ) تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ تارتۇق يوللىغان ، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئادەتتە بۇنى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئەڭ بۇرۇن كىرگەنلىكىنىڭ ئالامىتى ، دەپ قارايدۇ .
ھىجىرىيە 94 _ 95 - يىلى . مىلادى 713 - يىلى تاڭ شۈەنزۈڭنىڭ كەييۈەن تۈنجى يىلى
ئەرەب ئەمىر لەشكەرلىرى قۇتايبە سوغدىيانا ( سەمەرقەند ) نى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتكەن ، شۇ سەپەردە يول ئۈستىدە ئۆلگەن ۋە قەشقەردە دەپنە قىلىنغان ئىسلام دىن تارقاتقۇچىلىرىمۇ بولغان .
ھىجىرىيە 320 - يىلى . مىلادى 932 - يىلى كىيىنكى تاڭ سۇلالىسى مىڭزۇڭنىڭ چاڭشىڭ 3 - يىلى
قارا خانىيلار خانى سارتۇق بوغراخان ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغان . كېيىن خانلىق تەختىنى تارتىۋېلىپ قارا خانىيىلار خانلىقىنى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ تۈنجى ئىسلام خانلىقى قىلىپ قۇرۇپ چىققان .
ھىجىرىيە 347 - يىلى . مىلادى 958 - يىلى ئۇدۇن خانلىقىنىڭ تىيەنشېڭ 9 - يىلى
ئۇدۇن خانى ( خوتەن خانى )ۋاسسارا تەڭرىخان ( لى شېڭتىيەن ) ئۆزى قوشۇن باشلاپ سۇلى ( قەشقەر )گە جازا يۈرىشى قىلغان .
ھىجىرىيە 349 - يىلى . مىلادى 960 - يىلى كىيىنكى جۇ سۇلالىسىنىڭ شيەندېى7 - يىلى
تەخمىنەن 200 مىڭ چېدىرلىق تۈركى تىللىق چارۋىچى ئاھالە ئىسلام دىنىغا كىرگەن . بۇ قارا خانىيلار خانلىقىنىڭ ئىسلام دىنىنى ەۆلەت دىنى قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىدى .
ھىجىرىيە 351 - يىلى . مىلادى 962 - يىلى ئۇدۇن خانلىقىنىڭ تىيەنشىڭ 13 - يىلى
ئۇدۇن خانى ۋىسارا تەڭرىخان سۇلېغا يەنە بىر قېتىم جازا يۈرىشى قىلغان . شۇنىڭدىن كىيىن ئىككى تەرەپ ئۆزلۈكسىز ئۇرۇشقان . ئۇدۇن قۇشۇنى سۇلې شەھىرىنى بىر مەزگىل ئىشغال قىلغان .
ھىجىرىيە 397 - يىلى . مىلادى 1006 - يىلى شىمالى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭدى 3 - يىلى
قارا خانىيلار خانى يۈسۈپ قادىرخان قوشۇن باشلاپ قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتۈپ ، ئۇدۇننى ئىشغال قىلغان ، شۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام دىنى بۇددا دىنىنىڭ ئۇدۇندىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىگەللىگەن .
ھىجىرىيە 461 - يىلى . مىلادى 1068 - يىلى شىمالى سۇڭ پادىشاھى شېنزۇڭنىڭ شىنىڭ تۇنجى يىلى
قارا خانىيلار خانلىقى شەرقى ۋە غەربى خانلىق بولۇپ رەسمى بۆلۈنۈپ كەتكەن .
ھىجىرىيە 462 - يىلى . مىلادى 1069 _ 1070 - يىلى . شىمالى سۇڭ پادىشاھى شېنزۇڭنىڭ شىنىڭ 2 _ 3 - يىلى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ << قۇتادغۇبىلىك >> داستانىنى يازغان .
ھىجىرىيە 466 - يىلى . مىلادى 1074 يىلى شىمالى سۇڭ پادىشاھى شېنزۇڭنىڭ شىنىڭ 7 - يىلى
مەھمۇت قەشقەرى << تۈركى تىللار دىۋانى >> نى يازغان .
ھىجىرىيە 526 - يىلى مىلادى 1311 - يىلى قارا قىتان پادىشاھى دېزۇڭنىڭ يەنچىڭ 8 - يىلى
قىتان ئاقسۆڭەكلىرىدىن يوللىغ تاشىن غەرىبكە يۈرۈش قىلىپ ، كېرمان دىگەن جايدا ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ ، قارا قىتان ( غەربى لىياۋ ) خاندانلىقىنى قۇرغان ، كېيىن شەرقى ۋە غەربى قار خانىيلار خانلىقى ئارقا - ئارقىدىن قارا قىتان خانلىقىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان .
ھىجىرىيە 608 - يىلى . مىلادى 1211 - يىلى قارا قىتاننىڭ ئاخىرقى پادىشاھى ( جىرۇق ) نىڭ تيەنشى 34 - يىلى
نايمان خانى كۈچلۈك يوللىغ جىرۇقنىڭ خانلىق ئورنىنى تارتىۋالغان ۋە شەرىقى قارا خانىيلار خانلىقىنى يوقىتىپ ، ئىسلام دىنىغا يۇقىرى بېسىم سىياسىتىنى قوللانغان .
ھىجىرىيە 614 - يىلى . مىلادى 1218 - يىلى موڭغۇل تەيزۇسى ( چىڭگىزخان )نىڭ 13 - يىلى
چىڭگىزخان چوڭ سانغۈن جەبە نوياننى كۈچلۈككە جازا يۈرىشى قىلىشقا ئەۋەتكەن ، قارا قىتان خاندانلىقى يوقىتىلغان ، كېيىنىكى يىلى چىڭگىزخاننىڭ ئۆزى غەربى يۇرىتقا يۈرۈش قىلغان .
ھىجىرىيە 622 - يىلى . مىلادى 1225 - يىلى موڭغۇل تەيزۇسى ( چىڭگىزخان )نىڭ 20 - يىلى
چىڭگىزخان ئوغۈللىرىغا تۆت چوڭ خانلىقنى سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن . چاغاتاي قارا قىتانلارنىڭ بورۇنقى يىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يالۋاچ ، مەسئۇت قاتارلىق مۇسۇلمان ئەمەلدارلارنى ئۇ يەرلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن .
ھىجىرىيە 679 - يىلى . مىلادى 1280 - يىلى يۈەن شىزۇ ( قۇبلاي ) نىڭ جىيۈەن 17 - يىلى
يۈەن سۇلالىسى ھۆكىمىتى بېشىبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسسىس قىلىپ ، مەركىزى ھۆكىمەتنىڭ غەربى يۇرىتقا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن ، غەربى يۇرىتتىكى مۇسۇلمانلار يۇن سۇلالىسى دەۋرىدە كۆپ جەھەتلەردىن تۆھپە قوشقان .
ھىجىرىيە 748 - يىلى . مىلادى 1347 _ 1348 - يىلى يۇەن سۇلالىسى پادىشاھى شۈندىنىڭ جىجىڭ 7_ 8 - يىلى
چاغاتاي خانلىقى شەرقى ۋە غەربى قىسىمغا بۆلۈنىپ كەتكەن ، تۇغلۇق تۆمۈر شەرقى چاغاتاي خانى قىلىپ تىكلەنگەن ، ئۇ مەۋلانە ئەرشىدىن غوجىنىڭ دالالىتىنى قوبۇل قىلىپ ، شىنجاڭ تارىخىدا ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغان تۈنجى موڭغۇل خانى بولۇپ قالغان ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ كۇچا ۋە ئۇنىڭ شەرقىدىكى رايۇنلارغا تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن .
ھىجىرىيە 791 - يىلى . مىلاى 1388 - يىلى مىڭ تەيزۇڭنىڭ خۇڭۋۇ 21 - يىلى
خىزىر غوجا بېشىبالىقنى پايتەخىت قىلغان ، ئۇ تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە تۇرپان رايۇنىغا ئاتالمىش << غازات >> جېڭى قوزغىغان ۋە ئاخرى تۇرپاندىكى جەڭدە ئۆلگەن .
ھىجىرىيە 810 - يىلى . مىلادى 1407 _ 1408 - يىلى مىڭ چىڭزۇڭنىڭ يۇڭلې 5 _ 6 - يىلى
مەھمۇدخان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا ، زورلۇق ۋاستىسى ئارقىلىق كۆپ ساندىكى موڭغۇللارنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن .
ھىجىرىيە 840 - يىلى .مىلادى 1437 - يىلى مىڭ يىڭزۇڭنىڭ جېڭتۇڭ 2 يىلى
شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ قوراللىق كېڭەيمىچىلىگى تۈپەيلىدىن ، تۇرپاندىكى بۇددا راھىب كالانى فڭ فۇشىيەن بېيجىڭغا كۆچۈپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان ، شۇنىڭ بىلەن بۇددىزىم كۈچلىرى تۇرپاندىن چىكىنىپ چىققان ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىسلام دىنى ئىگەللىگەن .
ھىجىرىيە 878 - يىلى . مىلادى 1473 - يىلى مىڭ شىيەنزۇڭنىڭ چىڭخۇا 9 - يىلى
تۇرپان سۇلتانى ئەلى ( يۇنۇسخان ) مىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇمۇل ساقىسىغا ھۇجۇم قىلغان .
ھىجىرىيە 919 - يىلى . مىلادى 1513 - يىلى مىڭ ۋۇزۇڭنىڭ جېڭدېى 8 - يىلى
مەنسۇرخان قومۇلنى ئىشغال قىلغان ، ئىسلام دىنى بۇ رايۇندا ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگەللىگەن .
ھىجىرىيە 920 - يىلى . مىلادى 1514 - يىلى مىڭ ۋۇزۇڭنىڭ جېڭدېى 9 - يىلى
سۇلتان سەئىدخان سەئىدىيە ( يەكەن ) خانلىقىنى قۇرغان ، ئۇ تەخىتتە تۇرغان مەزگىلدە ، نەقشىبەندىيە سۈلۈكىنىڭ ئىشانى خوجا ئەخرارنىڭ ئەۋلادى خوجا نۇرى بىلەن خوجا يۈسۈپ يەكەن خانلىقىغا كىلىپ دىن تارتقاتقان .
ھىجىرىيە 940 - يىلى . مىلادى 1533 - يىلى مىڭ شىڭزۇڭنىڭ جىياجىڭ 12 - يىلى
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان ، خوجا مۇھەممەد يۈسۈپ ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە قەشقەرگە كېلىپ ئۈۋەيىس سۈلىۈكىنى قۇرغان .
ھىجىرىيە 967 - يىلى مىلادى 1559 - يىلى مىڭ شىڭزۇڭنىڭ جىياجىڭ 38 - يىلى
ئابدۇكېرىمخان تەخىتكە چىققان ، ئۇ تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ، تەخمىنەن 1580 - يىلى ئەتىراپىدا ئىسھاق خوجىنى يەكەن خانلىقىغا تەكلىپ قىلىپ كەلگەن ، لېكىن خان خوجا بىلەن كىلىشەلمىگەنلىكتىن ، خوجىنى قوغلاپ چىقارغان . ئىسھاق خوجا قازاق ، قىرغىز رايۇنلىرىغا بېرىپ دىن تارقاتقان ۋە مەھمۇد سۇلتاننىڭ مەنىۋى ئۇستازى بولغان .
ھىجىرىيە 1030 - يىلى . مىلادى 1620 - يىلى مىڭ گۇۋاڭزۇڭنىڭ تەيچاڭ تۇنجى يىلى
ئىشان كالاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد يۈسۈپ قەشقەرگە كىلىپ دىن تارقاتقان ، ئۇ ئىسھاق خوجىنىڭ ئەۋلادى بىلەن پۇت تىپىشكەن ، نەتىجىدە ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىقتىن ئىبارەت قارىمۇ - قارىشى ئىككى چوڭ دىنى گوروھ ( مەزھەب ) شەكىللەنگەن .
ھىجىرىيە 1080 - يىلى . مىلادىيە 1670 - يىلى چىڭ شېڭزۇڭنىڭ كاڭشىنىڭ 9 - يىلى
ئىسمائىلخان ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى يولۋاسخاننى يېڭىپ يەركەننىڭ ھۆكۈمرانى بولغان . ئاق تاغلىقلارنىڭ سەردارى ئاباق ( ئاپپاق )خوجا ( ھىدايتۇللا ) يەكەن خانلىقىدىن قېچىپ چىقىپ ، ئىچكىرنىڭ غەربى شىمال رايۇنلىرىدا سوفىزىمنىڭ خۇپيانە تەلىماتىنى تارقىتىپ ، << پەيغەمبەرنىڭ 25 - ئەۋلادى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىككە كەلگەن>> دىگەن رىۋايەتنى توقۇپ چىققان .
ھىجىرىيە 1090 - يىلى . مىلادى 1680 - يىلى چىڭ شېڭزۇڭنىڭ كاڭشىنىڭ 19 - يىلى
ئاپپاق خوجا تىبەتكە بارغان ، دالاي لامانىڭ تەۋسىيە قىلىشى ئارقىلىق ، جۇڭغار خانى غالداندىن قوشۇن چىقىرىپ يەكەن خانلىقىنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلغان .
ھىجىرىيە 1102 - يىلى . مىلادى 1690 - يىلى چىڭ شېزۇڭنىڭ كاشىنىڭ 29 - يىلى
مۇھەممەد ئىمىن كاڭشىنىڭ ئۆزى قوشۇن باشلاپ غالدانغا جەزا يۈرۈش قىلغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ ، تۇرپاندىن يەكەنگە كىلىپ ، ئۆزىنى خان دەپ ئاتىغان ، ئاپپاق خوجا نائىلاج تەخىتتىن چۈشكەن .
ھىجىرىيە 1103 - يىلى . مىلادى 1692 - يىلى چىڭ شېزۇڭنىڭ كاشىنىڭ 31 يىلى - يىلى
مۇھەممەد ئىمىن ئۆلتۈرۈلگەن . ئاپپاق خوجا قايتىدىن تەخىتكە چىقىپ ، ئۆز ئوغلى يەھيانى خان دەپ جاكارلىغان .
ھىجىرىيە 1105 - يىلى . مىلادى 1694 - يىلى چىڭ شېزۇڭنىڭ كاشىنىڭ 33 - يىلى
ئاپپاق خوجا ئۆلگەن . شۇنىڭ بىلەن ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ ئوردىسى قالايمىقانلىشىپ ، بىر - بىرىنى قىرغىن قىلىشقان . مۇھەممەد ئىمىن ( ئاقباش خان ) بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئەخمەت سۇلتان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەكەنگە كىلىپ ھوقۇق تارتىۋالغان .
ھىجىرىيە 1108 - يىلى . مىلادى 1696 يىلى چىڭ شېزۇڭنىڭ كاشىنىڭ 35 - يىلى
قۇمۇلدىكە ئەبەيدۇللا تارخان بەگ بېيجىڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ چىڭ سۇلالىسىگە چىن كۆڭلى بىلەن بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بۈلدۈرگەن .
ھىجىرىيە 1109 - يىلى . مىلادى 1697 - يىلى چىڭ شېزۇڭنىڭ كاشىنىڭ37 - يىلى
سېۋىن ئارۇبدان جۇڭغار خانلىق تەختىگە چىققان .، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي جەنۇبى شىنجاڭغا قوشۇن تارتىپ يەكەن خانى ئەخمەت سۇلتاننى ئەسىر قىلىپ ئىلىغا ئېلىپ كەتكەن . ھەر قايسى شەھەرلەرنى يەنىلا ئاق تاغلىق خوجىلارغا تاپشۇرغان .ۋە يەرلىك ھەربى ئاقسۆڭەكلەرنى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ ھاكىملىقىغا بىۋاستە تەيىنلىگەن . قارا تاغلىق خوجىلاردىن دانىيال يەكەنگە قايتىپ كەلگەنلىكتىن ، ئىككى گوروھ خوجىلار ئۇتتىرىسىدا يەنە تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن .
ھىجىرىيە 1125 - يىلى . مىلادى 1713 - يىلى چىڭ شېزۇڭنىڭ كاشىنىڭ52 - يىلى
سېۋىن ئارۇبدان جەنۇبى شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم يۈرۈش قىلىپ ئىككى گوروھتىكى خوجىلارنى بىرلىكتە ئىلىغا ئېلىپ ماڭغان ، قەشقەر ، يەكەن خەلقى كۆرسەتكەن بىتەرەپ ئىك خوجىنى ھاكىم قىلىپ تەيىنلىگەن .
ھىجىرىيە 1132 - يىلى . مىلادى 1720 - يىلى چىڭ شېزۇڭنىڭ كاشىنىڭ59 - يىلى
سېۋىن ئارۇبدان قارا تاغلىق خوجا دانىيالنى جەنۇبى شىنجاڭغا قايتۇرۇپ ئاقسۇ ، يەكەن ، قەشقەر ، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرنى باشقۇرۇشقا قويغان . ئۇنىڭ ئوغلى خوجا جاھاننى بارىمتاي قىلىپ تۇتۇپ قالغان .
شۇ يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى جۇڭغارلارغا جازا يۈرۈش قىلغان ، تۇرپاندىكى ئىمىن خوجا چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان .
ھىجىرىيە 1148 - يىلى . مىلادى 1735 - يىلى چىڭ شىزۇڭنىڭ يۇڭجىڭنىڭ 13 - يىلى
دانىيال خوجا ئۆلگەندىن كېيىن ، خوجا جاھان قارا تاغلىقلارنىڭ دىنى ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغان . غالدان سېرىن دانىيالنىڭ تۆت ئوغلىنى تۆت شەھەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن .
ھىجىرىيە 1163 - يىلى . مىلادى 1750 - يىلى چىڭ گاۋزۇڭ چىيەنلۇڭنىڭ 15 - يىلى
چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى توپىلىڭىنى تىنجىتىپ ، جۇڭغارلارنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاياقلاشتۇرغان .
ھىجىرىيە 1173 - يىلى . مىلادى 1759 - يىلى چىڭ گاۋزۇڭ چىيەنلۇڭنىڭ 24 - يىلى
چىڭ سۇلالىسى چوڭ - كىچىك خوقىلار توپىلىڭىنى تىنجىتىپ ، پۈتۈن شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۇرگەن .
مامىڭشىن يەمەندە ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكى ئۆلكىلەرگە قايتىپ يېڭى دىن ( جەھىرىيە مەزھىپى ) نى ئىجاد قىلغان .
ھىجىرىيە 1174 - يىلى . مىلادى 1760 - يىلى چىڭ گاۋزۇڭ چىيەنلۇڭنىڭ 25 - يىلى
ئىك خوجىنىڭ نەۋرىسى ئابدۇراخمان ( خۇيزۇلار ئۇنى باباي دەو ئاتايدۇ ) بېيجىڭغا كىتىۋاتقاندا لەنجۇدا خەي كوغا قادىرىيە تەلىماتىنى ئۆگەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن خەي كو << خەيمىن مەزھىپى >> نى ئىجاد قىلغان .
ھىجىرىيە 1176 - يىلى . مىلادى 1726 - يىلى چىڭ گاۋزۇڭ چىيەنلۇڭنىڭ 27 - يىلى
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭدا ھەربى مەھكىمە تۆزىمىنى ۋە ئوخشاش بولمىغان رايۇنلاردا ئوخشاش بولمىغان ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىنى يولغا قويغان .
ھىجىرىيە 1179 - يىلى . مىلادى 1756 - يىلى چىڭ گاۋزۇڭ چىيەنلۇڭنىڭ 30 - يىلى
ئۈچتۇرپاندىكى مۇسۇلمان دېھقانلار قوزغىلاڭ كۆتەرگەن .
ھىجىرىيە 1244 _ 1273 يىلى . مىلادى 1828 _ 1857 - يىلى چىڭ شۈەنزۇڭنىڭ داۋگۇاڭنىڭ 8 - يىلىدىن چىڭ ۋېنزۇڭ شيەنفېڭنىڭ 7 - يىلىغىچە
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جاھانگىر خوجا قاتارلىق ئاق تاغلىق خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ ، بۆلگۇنچىلىككە قارىشى كۆرەشنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان . 
مەنبەسى : مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان < شىنجاڭ ئىسلام تارىخ > دىگەن كىتابدىن .