نۆۋەتتىكى تېما : ئاكادېمىك، ئۇيغۇرشۇناس ئابدۇۋەلى قايداروف تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 3573ـ كۆرۈرمىنى
Yawuz

دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى


UID نۇمۇرى : 1787
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 360
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە360دانە
شۆھرىتى: 391 نومۇر
پۇلى: 3910 سوم
تۆھپىسى: 100 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :608(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئاكادېمىك، ئۇيغۇرشۇناس ئابدۇۋەلى قايداروف

بۇ يازمىغا admins تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-08)

 

ئابدۇۋەلى تۇرغانباي ئوغلى قايداروف 1924-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى قازاقىستان جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئەمگەكچى قازاق ناﻫىيىسىنىڭ تالدىبۇلاق يېزىسىدا قازاق چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوقۇشنى قورام يېزىسىدىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىدىن باشلاپ ئوقۇپ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9-سىنىپىنى قازاقچە تاماملىغاندىن كېيىن، 1942-يىلى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ﻫەربىي سەپكە كىرگەن.

ئا.ت. قايداروف 1946-يىلى ﻫەربىي مەجبۇرىيەتنى تاماملىغان. 1946-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ئەمگەكچى قازاق ناﻫىيىسىنىڭ ﻫەربىي باشقۇرۇش قارمىقىدىكى مال-چارۋىچىلىق ئورنىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا، ئېسىك شەﻫىرىدىكى قازاق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 10-سىنىپىنى ئىشتىن سىرت ئوقۇپ پۈتتۈرگەن. 1948-يىلىدىن 1951-يىلىغىچە S.M.Krof نامىدىكى قازاق سسر دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى فلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ قازاق تىلى كەسپى سىنىپىدا ئوقۇغان. 1951-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە قازاق سسر پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاسپىرانتورىيەسىدە ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە ئوقۇغان. ئاخىرىدا «ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى قوش سۆزلەر» دېگەن تېمىدا رۇسچە يازغان ماقالىسى بىلەن كاندىداتلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى ئۇتۇقلۇق ياقلىغان.

ئۇ ئاكادېمىيەنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئىلمىي خادىم، مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن: «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 8-، 10- سىنىپ دەرسلىكى)، «ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (ئىككى قىسىملىق، بۇ ئەسەر 1983-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ۋە خەنزۇ يېزىقىدا نەشر قىلىنغان)،«ئۇيغۇر تىلى بويىچە تەكشۈرۈشلەر»، «ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرى مەسىلىلىرى»، «ئەسرلەر ساداسى»، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق تېپىشماقلىرى»، «ئۇيغۇر سوۋېت ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ ئوچېرىكلىرى»، «ئۇيغۇرچە-رۇسچە لۇغەت» ۋە «تۈركىي تىللار» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەر نەشر قىلىن’ غان (ئۇيغۇرشۇناسلىق بولۈمى تەرەققىي قىلىپ 1986-يىلى رەسمىي ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئۆستۈرۈلگەنىدى).

1972-يىلى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن A.T.Qaydarof ئەپەندى 1982-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئەل فارابى نامىدىكى قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى فالولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، 1997-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە خوجائەخمەت يەسەۋىي نامىدىكى قازاق-تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان.

A.T.Qaydarof يېرىم ئەسرلىك ﻫاياتىنى تۈركىيشۇناسلىق ساﻫەسىگە بېغىشلىدى. («ياشلىقىمنى، ﻫاياتىمنىڭ 25 يىللىق ۋاقتىنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ساﻫەسىگە بېغىشلىدىم. مەن ئۇيغۇرشۇناس بولغانلىقىم، مۇشۇ ساﻫەنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۆز ئۈلۈشۈمنى قوشقانلىقىمدىن پەخرلىنىمەن» دەيدۇ قايداروف.

ئالىمنىڭ تۈركىيشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر، نەتىجىسى مول. ئۇنىڭ نام شەرىپى قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا تۈركىيشۇناسلىق ساﻫەسىگىمۇ مەشﻬۇر. ﻫازىرغىچە ئالىمنىڭ تۈركىيشۇناسلىقنىڭ ﻫەرقايسى ساﻫەلىرىگە بېغىشلانغان 450 پارچىدىن ئارتۇق دەرسلىك، توپلام، مەخسۇس تېمىدىكى ماقالە، كىتاب قاتارلىق ئىلمىي ۋ ئاممىباپ ئەسىرى نەشر قىلىندى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئارتۇقراقى خاسلا تىلشۇناسلىقتىكى، خۇسۇسەن ئۇيغۇر، قازاق تىلىدىكى مۇﻫىم مەسىلىلەرگە قارىتىلغان. «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى: -- تىللار ئارا مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى» (رۇس تىلىدا يېزىلغان)، «قوش سۆزلەر: -- تەقىقات ۋە سۆزلۈك تىزىمى»، «قازاقلار قانداق خەلق: -- بىر سوئالغا يۈز جاۋاب»، «قازاق تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك لۇغىتى»، «قازاقلار: -- ئانا تىلى ئالىمىدە»، «قاڭلى: -- شەجەرىلىك تارىخ»، «تۈركىيشۇناسلىققا كىرىش»، «قازاق تىلشۇناسلىقىغا يېڭىچە كۆزقاراش»، «قازاقچە-رۇشچە فرازىئولوگىيە (تۇراقلىق ئىبارىلەر) لۇغىتى»، «تۈركىي تىللاردىكى فونېتىكىلىق ئامىللارنىڭ تەكرارلانغان سېمانتىكىلىق مەسىلىلىرى» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلىرى بۇلارنىڭ نەمۇنىلىرىدۇر.

A.T.Qaydarof ئىزچىل تۈردە ئومۇمىي ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ﻫالدا ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ ئىككى قېرىنداش تىلنى، يەنى ئۇيغۇر تىلى بىلەن قازاق تىلىنى تەڭ ۋە چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك تەتقىق قىلدى. ﻫەتتاكى، ئالىم ئىشنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن باشلىدى. (ﻫۆرمەتلىك ئالىم قايداروف ئىپتىخار بىلەن مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئۇستازىم س.ي. مالوفنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: تۈركىيشۇناس بولىمەن دېگەن ئالىم ئۆز پائالىيىتىنى ئۇيغۇرشۇناسلىقتىن باشلىشى زۆرۈر. چۈنكى بۇ خەلق قەدىمىي خەلق. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدىلا يېزىقنى ۋە باي مەدەنىيەتنى ياراتقان.) مۇشۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆسكەن، ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن قايداروف 1955-يىلىلا كاندىداتلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى «ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى قوش سۆزلەر» دېگەن تېمىدا رۇسچە يېزىپ ئۇتۇقلۇق ياقلىغان.

ئالىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ﻫازىرغا قەدەر ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە ئۇيغۇر، قازاق، قاراقالپاق، باشقىرت، خاكاس، ۋە موڭغۇل تىللىرى كەسپى بويىچە 70 نەپەر ئوقۇغۇچى ئاسپىرانتورىيەنى غەلىبىلىك پۈتتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە 10 نەپەر ئوقۇغۇچى دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى ئوڭۇشلۇق ياقلاپ پەن ئالىمى بولدى. ئالىم قايداروف مەمنۇنىيەت بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «ﻫەرقاچان خۇشاللىق بىلەن تەكىتلەيدىغىنىم – مېنىڭ بىرىنچى شاگىرتىم ئۇيغۇر، ئۇ كىشى ﻫازىر شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدە ئۇتۇقلۇق ئىشلەۋاتقان، كۆپچىلىككە ياخشى تونۇش بولغان فلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىداتى شېرىپئاخۇن باراتوف بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا مەن يەنە ش.ئايۇپوف، گ. نەزەروۋا، م.مىرزايېف ۋە ئا. باراتوف قاتارلىقلارغا ئىلمىي رەﻫبەرلىك قىلغانىدىم. ﻫازىرغىچە شاگىرتلىرىمنىڭ ﻫېچقايسىسى مەن بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگىنى يوق. ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ ئېيتىشىم كېرەككى، ئەينى چاغلاردىكى مېنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش مەزگىلىمدە قەدىرلىك پىشىۋا تىلشۇناس ئايشەم شەمىيېۋامۇ مېنىڭدىن ياردىمىنى قىلچە ئايىمىغان ئىدى». ئالىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئا. بايتۇرسۇنوف نامىدىكى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا رەﻫبەرلىك قىلغان يىللاردىمۇ مەن ئۇيغۇر تىلىدىن تامامەن قول ئۈزمىدىم. بەلكى ئۇنى قازاق ۋە باشقا تۈركىي تىللار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەتقىق قىلدىم.

بىز قازاق خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياخشى دوستى، «خەلقئارا دوستلۇق»، «ئۇلۇغ ۋەتەن» ۋە «ئانا تىلنىڭ ئايبارى (غەمگۈزارى)» قاتارلىق 12 ئوردىن ﻫەم ئالتۇن مېدالنىڭ ئىگىسى، ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ئابدۇۋەلى تۇرغانباي ئوغلى قايداروفنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، ئىلمىي نەتىجىلىرىنىڭ تېخىمۇ مول بولۇشىنى تىلەيمىز.
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-01-06 13:47 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 3573ـ كۆرۈرمىنى
Emeren

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 425
نادىر تېما :
يازما سانى :
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچەدانە
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-30
ئاخىرقى : 1970-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 



2004 يىلى 13 دەكابىردا - 80 ياشقا كىردى.تۇركولوگ-ئالىم، قازاق سسر غا خىزمەت كورسەتكەن(نامنى 1982ئالغان)ئاكادەمىك ئۇنۋانىنى (1983يىل.) خەلىقارا "قازاق تىلى" بولىمىنىڭ پرىزىدىنتى ئابدۇالى تۇگانبايۇلى قايداروۋ


2004 Yili 13 dekabirda - 80 yashqa kirdi.Turkolog-alim, qazaq ssr gha xizmet korsetken(namni 1982alghan)akademik unwanini (1983yil.) Xeliqara "qazaq tili" bolimining prizidinti abduali tuganbayuli qaydarow


13 декабря 2004 года 80 лет исполняется ученому-тюркологу, заслуженному деятелю науки КазССР (1982), академику АН КазССР (1983), президенту международного общества "Казак тiлi" Абдуали Туганбайулы Кайдарову
yol
| ۋاقتى : 2008-01-06 20:47 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 3573ـ كۆرۈرمىنى
edige

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1438
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 83
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە83دانە
شۆھرىتى: 88 نومۇر
پۇلى: 870 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :57(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-02-12
ئاخىرقى : 2009-01-01

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەبدۋەلي قايداروۆ مىرزا 1997- يىلى ( .ئۇنتۇپ قاپتىمەن 96 - يىلى بولۇشى مۇ مۇمكىن ) بيجيڭدىن قايتقان يولىدا شينجياڭغا كېلىپ ، مائارىپ كومىتىتىنىڭ 3- قەۋىتىدە مائارىپ ناشىرياتىدىكى ۋە مائارىپ كومىتىتىدىكى ئۇيغۇر، قازاقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۇزگەن .
       ---ئۇيغۇر مەركىزى ديالېكىتى ھەققىدە سۆز بولغاندا ، بىزدىكىلەر ئۇيغۇر مەركىزى ديالېكىتى ئۇرۇمچى ديالىكىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن دىگەندە،  خايداروۆنىڭ رەدديەسىگە ئۇچۇرىغان .
    --- شينجياڭدىكى قازاقلارنىڭ ئاسان، ئۇلار  قازاقستاننىڭ گرامماتيكىلىرىنى كۆچۇرۇپلا ئىشلىتىدۇ ، بىز ئۇيغۇرلارنىكى جاپالىق، يىڭىدىن ئۆزىمىز يازىمىز،  دىگەن مائارىپ نەشىرياتىدىكىلەرگە، ئۆزىنىڭ40 نەچچە يىل بۇرۇن يازغان ، جۇڭگودا نەچچە قىتىم نەشر قىلىنغان ، " ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى "  ( كونا يېزىقتا مىللەتلەر نەشرياتى تەرىپىدىن قايتا بېسىلغان )  دىگەن كىتاۋىنى ئىمزاسىنى قويۇپ تەغدىم قىلغان .
    شۇ چاغدا ئۇيغۇر گرامماتىكىسىنى قازاق يېزىپتۇ دىسە دەپ باشلىرىنى چايقاپ كەتكەن، مائارىپ نەشىرياتىدىكىلەر  .
[ بۇ يازما edige تەرىپىدىن 2008-11-29 13:13 دە قايتا ]
| ۋاقتى : 2008-11-29 13:07 2 -قەۋەت

ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.052304(s) query 4, Time now is:01-08 18:27, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation