Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۇيغۇر تارىخىنى ئۈگەنگۈچىلەرگە

ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخنى ئۈگۈنۈش ۋە بىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، چۈنكى كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ھەم تارىخ بىزنى توغرا يولغا باشلايدۇ. لېكىن ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك تارىخ ئۈگۈنۈش ناھايىتى تەس بىر پەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخى ئۈگۈنۈش تېخىمۇ تەس ئىش. قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز يازغان يازما تارىخ ئەسەرلىرىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلمەسلىكى، يېتىپ كەلگەنلىرىمۇ ئاتالمىش < مەدەنىيەت ئىنقىلابى > مەزگىلىدە تۆت كونا دەپ قارىلىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەنلىكى، كۆيدۈرۈلمەي قېلىپ قالغانلىرى بولسا، بىرقىسىملىرىنىڭ بىرقىسىم تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ساقلىنىشى ياكى ئەينى چاغدىكى كىتاپ كۆيدۈرۈش ۋە ۋە باشقا سەۋەپلەردىن قورقۇپ كەتكەن كىشىلىرىمىزنىڭ كىتاپنى يورۇق دۇنياغا چىقارماي تامنىڭ ئارىسىغا يەرنىڭ تېگىگە كۆمۈپ ساقلاشلىرى تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان نادىر تارىخى ئەسەرلىرىمىز تېخىغىچە كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولالمىدى، يەنە كېلىپ تارىخ پېنىنىڭ كۈچلۈك سىياسىۋىلىككە ئىگە بولۇشى ۋە دىيارىمىزنىڭ ئۆزگىچە تەقدىر قىسمەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تارىخى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە نازۇك بىر پەن بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇيغۇر تارىخى سىرتتىن ئۈگەنگۈچىلەرنىلا ئەمەس بەلكى شۇ كەسپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگىمۇ ئەڭ تەس بىر پەن بولۇپ بىلىنىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزلىكىمىزنى تونۇشنىڭ كۈچىيىشى ۋە تور دۇنياسىدىكى تەشۋىقاتلار تۈپەيلىدىن تارىخقا ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىگە قىزىقىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەر خىل تور بەتلىرىدىكى تارىخى تېمىلار كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، قېرىنداشلىرىمىز كاللىسىغا تەئەججۈپلۈك سوئاللارنى ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا مەن تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ ئۈگىنىش ئەھۋالىمغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇر تارىخىنى ئۈگىنىشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلىنى تورداش دوستلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن.مەن ئۇيغۇر تارىخىنى ئۈگۈنۈشتە ئۈگۈنۈش تەرتىۋىنى تۆۋەندىكىدەك تۈزۈپ چىقتىم.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخى ( رىۋايەتلەردىكى تارىخ ) ___ ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى زامان تارىخى ( ئىپتىدائىي جەمىيەت ۋە قۇللۇق جەمىيەت تارىخى )___ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ( ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر تارىخى ) ____ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى دەۋر تارىخى ( سەئىدىيە خانلىقىنىڭ يىقىلىشىدىن ياقۇپبەگ قۇرغان يەتتە شەھەر خانلىقىنىڭ يىقىلىشىغىچە ) ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى ( ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆلكە قۇرۇلغاندىن تاكى مىللىي ئارمىيە بىلەن خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى ئۇچراشقىچە ) ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تارىخى ( 1949- يىلى 12- 29- كۈنىدىن تاكى بۈگۈنگىچە )


1. ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۈگۈنۈش
تارىخ پېنى بىر تەس پەن بولغاچقا ئۇنىڭدا ئۇچرايدىغان نۇرغۇنلىغان ئاتالغۇ تېرمىنلار يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ قويۇشى مۈمكىن، ھەم تارىخى ئەسەرلەردىكى ھەددىدىن ئۇزۇن بەزى تەھلىللەر ئوقۇغۇچىنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشى، ئوخشاش بىر ۋەقەگە بولغان خىلمۇ خىل قاراشلار ئوقۇغۇچىلارنى گاڭگىرىتىپ چۈشەنچىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قويۇشى مۈمكىن. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا مەرھۇم ئادۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ < ئىز > ناملىق تارىخى روماننى يېزىشى بىلەن باشلانغان تارىخى رومان يېزىش قىزغىنلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر بىر قاتار رومانلار بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بەزى قىسىملىرىنى خېلى روشەن يارىتىپ بەردى ۋە بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ تارىخى تەرتىپ بويىچە تارىخى رومانلارنى ئوقۇش تەرتىۋىنى تۆۋەندىكىچە تۈزۈپ چىقتىم.
1. رىۋايەتلەردىكى تارىخ
ئابدۇللا ساۋۇت يازغان < تۇمارىس > ۋە < شىراق > ھەققىدىكى ھىكايىلەر، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە بىرەر مەخسۇس رومان يېزىلمىدى
2. پەرھات جىلان < ئورخۇن شەجەرىسى >. پەرھات جىلاننىڭ بۇ رومانىدا كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئورقۇن خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە يىمىرىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدىن مانى دىنى ئېتىقادىغا ئۆتۈشىدىن تاكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشىگىچە بولغان تارىخى جەريان، ئۆتكۈر ئەدەبىي تىل ۋە جانلىق تارىخى پاكىتلار بىلەن ناھايىتى تەپسىلى يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ كىتاپنى ئوقۇش ئارقىلىق كۆك تۈرك خاندانلىقى، ئۇيغۇر ئورقۇن خاندانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشى ھەققىدىكى تارىخى مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ.
3. پەرھات جىلان < ئىدىقۇت يۇلتۇزى >. پەرھات جىلان بۇ رومان ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈپ كېلىپ ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىنى قۇغاندىن باشلاپ، بۇ ئەلنىڭ قارا قىتانلارنىڭ كونتىروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىشى ۋە بارچۇق ئارت تېكىننىڭ رەھبەرلىكىدە قارا قىتانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ، چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىپ، چىڭگىزخاننىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇش يۈرۈشلىرىگە قاتناشقانلىقى ھەقىدىكى مەلۇماتلار يورۇتۇپ بېرىلگەن.
4. سەيپىدىن ئەزىزى < سۇتۇق بۇغراخان >. قارا خانىلار خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى ئەھۋاللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشى ھەققىدە خېلى مەلۇماتلار بار.
5. پەرھات جىلان < مەھمۇد قەشقىرى > پەرھات جىلان بۇ روماندا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۆمۈر تارىخىنى بايان قىلىش ئارقىلىق قارا خانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىدىن تارتىپ، قارا خانىلار خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگىچە بولغان تارىخى جەريانلار يورۇتۇپ بېرىلگەن.
6. ھاجى مىرزاھىد كەرىمى < يۈسۈپ خاس ھاجىپ > بۇ روماننىڭ بىرىنچى قىسىمىنىڭ 2 كىتابى نەشردىن چىققان بولسىمۇ لېكىن داۋامى تېخى نەشردىن چىقمىدى. بۇ روماندىمۇ قاراخانىلار خانلىقى ھەققىدە مول تارىخى ماتىرياللار بار.
قارا خانىلار خانلىقىنىڭ يىقىلىشىدىن تارتىپ سەئىدىيە خانلىقى تىكلەنگىچە بولغان بۇ دەۋردىكى تارىخ ھەققىدە بىرەر ئەسەرنىڭ يېزىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئارىلىقتا < ئاقسۇ ئەدەبىياتى > ژورنىلىنىڭ بىر سانىغا يازغۇچى ئادۇۋەلى ئەلىنىڭ مۇشۇ دەۋر ھەققىدە يېزىلغان < تۇغلۇق تۆمۈرخان > دىگەن رومانىنىڭ پارچىلىرى بېرىلگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى تېخى ھازىرغىچە كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشمىدى.
7. سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى تارىخىغا ئائىت رومانلاردىن:
ھاجى مىر زاھىد كەرىمىنىڭ < سەئىدخان > < سۇلتان ئابدۇرەشىد خان > ۋە تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ < مەلىكە ئاماننىسا خان > رومانلىرى بۇ دەۋر تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ دەۋر تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى ئەسەر دەپ قارالغانلىرى يازغۇچى ئادۇۋەلى ئەلىنىڭ < خوجىلار تىرىلوگىيىسى > يەنى < مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى >، < ئاپپاق خوجا >، < تۇرغاق خوجىلار > قاتارلىقلار بولۇپ ئاپتر بۇ تىرىلوگىيىسى ئارقىلىق سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىدىن تارتىپ يىقىلىشىغىچە بولغان تارىخى جەرياننى ئۆزىنىڭ مول تارىخى بىلىمى ۋە ئىشەنچلىك تارىخى مەنبەلەر ئارقىلىق ناھايىتى جانلىق تەسىرلىك قىلىپ يورۇتۇپ بەرگەن. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ يىقىلىشى ۋە خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ قىسمەتلىرى ھەققىدە يېزىلغان يەنە ئىككى مەشھۇر ئەسەر ياسىنجان سادىق چۇغلاننىڭ < جاللات خېنىم > ناملىق رومانى بىلەن ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى يۈسۈپ ئىلياسنىڭ < ئېغىر تىنىقلار > ناملىق رومانىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. ياسىنجان سادىق چوغلان ئۆزىنىڭ ئىككى توملۇق بۇ تارىخى رومانىدا < جاللات خېنىم > دەپ ئاتالغان مۇھتەرەم خېنىمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى يېزىش ئارقىلىق سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى پاسىق خوجىلارنىڭ تەختنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىيانەتكارانە ھەركەتلىرى ۋە سەئىدىيە ئەۋلاتلىرىنىڭ خانلىقنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ناھايىتى تەپسىلى ئوبرازلىق چۈشۈنىشلىك قىلىپ يازغان بولسا، يۈسۈپ ئىلياس رومانىدا خوجىلار ئەۋلاتلىرىنىڭ سەئىدىيە ھاكىمىيىتىگە ئاسىيلىق قىلغاندىن كېيىنكى پاجىئەلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
8. سەئىدىيە خانلىقى يىقىلغاندىن تارتىپ تاكى 1864- يىلىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان ئىنقىلاپ بورىنى دەۋرىگىچە بولغان تارىخى دەۋرلەر توغرىسىدا مەخسۇس يېزىلغان ئەسەرلەر ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. لېكىن بۇ ئىنقىلاپ بورىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ياقۇپبەگ قۇرغان يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ تارىخىنى ئۈگۈنۈشتە يەنىلا يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ < بەدۆلەت > تىرولوگىيىسى ناھايىتى ياخشى دەرسلىك بولالايدۇ. يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلى ئۆزىنىڭ < بەدۆلەت ___ يانغىن قاپلىغان تۇپراق >، < بەدۆلەت ___ بارسا كەلمەس يول >، < بەدۆلەت __ ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى > ناملىق ئەسەرلىرىدە 1864- يىلىدىكى ئىنقىلاپ بورىنى ۋە ياقۇپبەگ قۇرغان يەتتە شەھەر دۆلىتى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرىشى ھەققىدە ناھايىتى مول تارىخى بىلىم تەمىنلەيدۇ. بۇ دەۋر تارىخىغا يەنە ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ < داغ > رومانى قىسقىچە تولۇقلىما ياكى قوشۇمچە بولالايدۇ.
9. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر خېلى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزۈم بىرقەدەر ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە دەپ قارىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر < ئىز > ئاپتور بۇ رومانىدا 1912- يىلى قۇمۇلدا پارتلىغان تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتى ۋە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدە مول خاتىرىلەرنى قالدۇرغان، يەنە شۇ دەۋر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردىن ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ < تۈندىكى چاقماق > رومانىدا خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ چارروسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن.
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر < ئويغانغان زېمىن > ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يەنە بىر ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسىرى < ئويغانغان زېمىن > ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىغا ناھايىتى تونۇشلۇق بولۇپ بۇ توغرىلىق ئارتۇقچە توختالمىساممۇ بولار، ئاساسلىقى خوجا نىياز ھاجى باشچىلىقىدا قۇمۇلدىن باشلىنىپ، پۈتكۈل دىيارىمىزنى قاپلىغان ئىنقىلاپ بورىنى توغرىسىدا يېزىلغان مۇكەممەل بىر ئەسەردۇر.
زوردۇن سابىر < ئانا يۇرت > تىرىلوگىيىسى. ئۇيغۇرلارنىڭ "تىنچ دون"ى دەپ ئاتالغان بۇ ئەسەر، 40- يىللاردىكى ئۇيغۇر ھاياتى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن.

2. تارىخ كىتاپلىرىدىن ئوقۇپ ئۈگۈنۈش.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلدى، روسىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە ئۇيغۇرشۇناسلىق بىر پەن سۈپىتىدە ۋۇجۇتقا كەلدى. تەتقىقات تېمىلىرىمۇ نوقۇل ھالدىكى تارىختىن، ئانتىروپولوگىيە، فولكلور، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسىي قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرگە كېڭەيدى. مەن بۇ يازمامدا يەنىلا ئۇيغۇر تارىخىنى سىرتتىن، يېڭىدىن ئۈگەنگۈچىلەرگە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن يەنىلا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتورلار يازغان ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان ئەسەرلەرنى ھەم خەنزۇچە بولسىمۇ تورداش دوستلار ئاسانراق تاپالايدۇ دەپ قارىغان ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلىمەن.
ئومۇمىي تارىخ
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن < قەدىمقى مەركىزىي ئاسىيا > ئالىم بۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى دەۋردىكى تارىخلىرىدىن باشلاپ يېزىپ كېلىپ، مىلادىيە 715- يىلىدىكى تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاس ئۇرۇشىنى يېزىۋاتقان چاغدا كېسىلى قوزغىلىپ ۋاپات بولغان، ئەسەرمۇ مۇشۇ يەرگىچە داۋاملاشقان.
تۇرغۇن ئالماس < ئۇيغۇرلار >. ئالىمنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى زامان تارىخلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئەتراپلىق شەرھلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى رىۋايەت تارىخىدىن تاكى موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىگىچە بولغان تارىخى بايان قىلىنىپ موڭغۇل ئىستىلاسى باشلانغان دەۋر بىلەن ئاخىرلاشقان.
< ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى >. بۇ ئەسەرنى شۇ نامدىكى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى دەۋر تارىخلىرىدىن تاكى 1949- يىلىغىچە بولغان تارىخى ساھالەر بويىچە بايان قىلىنغان.
< شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى > بۇنىڭ مەزمۇنىمۇ يۇقۇرىدىكىگە ئوخشاش
فېڭ جياشېڭ قاتارلىقلار < ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر ماتىرياللاردىن قىسقىچە توپلام > بۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى زامان دەۋرلىرىدىن تارتىپ يېقىنقى مەزگىلگىچە بولغان تارىخى ماتىرياللىرى تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى زامان تارىخى ئۈچۈن
بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە يېزىلغان مەخسۇس ئەسەرلەر يوق دىيەرلىك، لېكىن < شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى > < شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسى > قاتارلىق ژورناللاردا < ئاتۇش ئادىمى > ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كونا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت خارابىلەرنى قېزىش دوكلاتى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغان، بۇ ژورناللار ھازىر چىقىشتىن توختىغان بولۇشى مۈمكىن.

گەرچە بۇ دەۋر ھەققىدە ئۆزىمىز يازغان ئەسەرلەر بولمىسىمۇ لېكىن چەتئەللىكلەرنىڭ يازغا ئەسەرلىرى خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ، بۇلاردىن ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشردىن چىققىنى فولك بېرگمانننىڭ < شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسى >، ئاۋرىئېل سىتەيىننىڭ < قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى > فون لېكوكنىڭ < شىنجاڭنىڭ يەر ئاستىدىكى بايلىقلىرى > قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۈمكىن.
قەدىمقى زامان تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردىن ھۇن دەۋرىگە ئائىت بولغىنى:
تۇرغۇن ئالماس < ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى > بۇ ئەسەردە ھۇنلارنىڭ تارىخى قىسقىچە قىلىپ بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن < قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى > غا پارچە ھالدا بېسىلغان.
لىن گەن < ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى > بۇ ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر شىمال مىللەتلىرى تەتقىقاتچىسى لىن گەپ ئەپەندىنىڭ ھۇنلار تارىخىغا بېغىشلانغان مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەردە ھۇنلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن تارتىپ ھۇنلارنىڭ جەمىيەت ئەھۋالى، دۆلەت تۈزۈلمىسى، مەدەنىيىتى، تىل يېزىقى قاتارلىقلار ۋە ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىرقەدەر تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ پايدىلىنىش قىممىتى بىر ەدەر يۇقۇرى، بۇ ئەسەر تۇرسۇنجان ھېزىم ياۋۇز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى 2004- يىلى 1- ئايدا نەشردىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرچىسىدا خەنزۇچىسىدىكى ئۈچ باپ قىسقارتىۋېتىلگەن، بۇ ئەسەرنىڭ بىر كەمچىلىكى ھۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى تارىخى توغرسىدىكى بايانلار ناھايىتى ئاز.
يۈسۈپجان ياسىن: < تەڭرى قامچىسى ___ ئاتتىلا > بۇ ئەسەرنىڭ ياۋروپا ھۇن ئېمپىراتورلىقىنىڭ ئېمپىراتورى ئاتتىلانى ئاساس قىلغان ھالدا ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ تارىخى بىرقەدەر سېستىمىلىق بايان قىلىنغان.
ۋىليام ماك گوۋېرن < ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى دۆلەتلەر تارىخى >. بۇ ئەسەر ئامېرىكىلىق ئالىم ماك گوۋېرننىڭ ئەسىرى بولۇپ بۇنىڭدا ئارىئانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىكى تارىخى ۋە ھۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيىتى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلى مەلۇماتلار بېرىلگەن، بۇ ئەسەر جۇڭخۇا كىتاپ ئىدارىسى تەرىپىدىن 1955- يىلى نەشر قىنلىنغان بولۇپ، 2005- يىلى قايتا نەشر قىلىنغان. بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشرىياتقا تاپشۇرۇلۇپتۇ دەپ ئاڭلىغان بولساممۇ ھازىرغىچە نەشردىن چىقمىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىگە ئائىت كىتاپلاردىن، دەسلەپكى مەزگىلگە تەئۇللۇق بولغىنى
دۇەن ليەنچىن < دىڭلىڭلار، قاڭقىللار تۇرالار >. بۇ كىتاپ ئۇيغۇرلار تارىخى توغرىسىدىكى چوڭ ھەجىملىك كىتاپ بولۇپ ئۇيغۇر ۋە تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەجداتى بولغان دىڭلىڭ، قاڭقىل ۋە تۇرالار ھەققىدە ناھايىتى مول تارىخى مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ يۇنۇسجان ئېلى ۋە ھەنىپە ئابدۇللا بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 1996- يىلى نەشر قىلىنغان.
لىن گەن < تۈرك تارىخى > كۆكتۈركلەر تارىخى ناھايىتى سېستىمىلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇسلۇب جەھەتتىن < ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى > بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ، بۇ كىتاپنىڭ يۇنۇسجان ئېلى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ليۇ شىگەن < تۈرك قاغانلىقى تارىخى > بۇ ئەسەرنىڭ تۈركلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى بولۇپ، ئەخمەتجان مۆمىن تارىمى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغا نۇسخىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەردىن:
ئەھمەت سۇلايمەن < ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى > بۇ كىتاپ تېخى يېقىندا چىققانلىقى ۋە بوستاندا تونۇشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن تەپسىلى توختالمايمەن.
ياڭ شېڭمىن: < قەدىمقى ئۇيغۇرلار > مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور ياڭ شېڭمىن ئەپەندىنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلى توختالغان بۇ ئەسەرنىڭ ئىمىن ئەھمىدى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى 1998- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
لىن گەن گاۋزىخۇ < قەدىمقى ئۇيغۇرلار تارىخى > بۇ ئەسەردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشى ۋە قارا خانىلار ھەققىدە خېلى تەپسىلى توختالغان.
قارا خانىلار خاندانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە
ھاجى نۇر ھاجى < قارا خانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى > 1984- يىلى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان. مەزمۇنى ئاز بولسىمۇ، لېكىن قارا خانىلار خاندانلىقى توغرىسىدا قىممەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئىسمايىل تۆمۈر < ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەدەنىيىتى > بۇ ئەسەردە ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدە مول ماتىرياللار تونۇشتۇرۇلغان.
س. گ . مالياۋكىن < 9- 12- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى > بۇ ئەسەردە قارا خانىلار خانلىقى بولۇپمۇ ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە مول ماتىرياللار ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن تەتقىق قىلىنغان بولۇپ بۇ دەۋر ئۇيغۇر تارىخنى ئۈگۈنۈشتە ياخشى بىر دەرسلىك بولالايدۇ.
ۋ.ۋ. بارتولد < يەتتە سۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى > بۇ ئەسەردىمۇ قارا خانىلار خاندانلىقى ھەققىدە مول تارىخى ماتىرياللار بېرىلگەن.
بۇلاردىن باشقا يەنە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى ەئېرمانىيەلىك ئاننى مارىيە ۋون گابائىن خانىمنىڭ < قۇجۇلۇقلاردا ئىجتىمائىي ھايات > ناملىق ئەسىرى بولۇپ بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچىسى تۇرپان ۋىلايەتلىك قەدىمقى ئەسەرلەر ئىشخانىسى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان، يەنە بىرسى ياپونىيەلىك تارىخچى ئابې تاكىئونىڭ < غەربىي ئۇيغۇرىيە ھەققىدە تەتقىقات > دىگەن ئەسىرى بولۇپ بۇ ئەسەردىمۇ غەرپكە ۆكچۈشتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىلار خانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، ئېلىمىز ئالىملىرى يېشەلمىگەن نۇرغۇن تارىخى مەسىلىلەر يېشىلگەن. ئاڭلىشىمچە بۇ ئەسەرمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشرىياتقا تاپشۇرۇلغىلى بىرنەچچە يىل بولغان بولۇپ، لېكىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىسى تېخى چىقمىدى.
چىڭگىز ئىستىلاسى دەۋرىگە ئائىت ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر يوق دىيەرلىك بۇ ھەقتە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغىنى مىرزا ھەيدەر كوراگانىنىڭ < تارىخى رەشىدى > دىگەن ئەسىرى. بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق تەرجىمە نۇسخىسى نۇسخىسى تېخى نەشردىن چىقمىدى، لېكىن < بۇلاق > ژورنىلىدا 2000- يىللىق 1- ساندىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەر سانىدا دىگۈدەك بېرىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ ۋاڭ جىلەي تەرىپىدىن ئېنگىلىزچە نۇسخىسىغا ئاساسەن خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى 1985- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

bilqut
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
Posted: 2008-01-06 13:44 | [ئاپتور]
baturjangqi
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-18

 

گەرچە مەن ئوقۇتقۇچى ياكى بىر تارىخ تەتقىقاچىسى بولمىساممۇ ، خۇددى سىز دىگەندەك مىنىڭمۇ تارىختىن خەۋەردار بولۇش بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىنى بىلىش ئىستىكىم ھەم قىزغىنلىقىم يۇقىرى . تارخقا بەكلا قىزىقىمەن ئۆزۈممۇ ، شۇڭا بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ . سىزنىڭ بۇ ئۈگۈنىش ئۇسۇللىرىڭىز ياخشىكەن . مەن ئۈلگە ئالاي .
1som
Posted: 2008-01-06 14:59 | 1 -قەۋەت
UyghurQizi
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

بۇ خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولىدىكەن، مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە ئېلىنىماي قالغان كۆپ ساندىكى كىتابلارنى ئوقۇپ ساقلاۋاتقان بولساممۇ، يەنىلا تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسمەن. گابائىن خانىم بىلەن ياپونىيىلىك  تارىخچى ئابې تاكىئونىڭ ئەسەرلىرىلا مەندە يوققەن. يەنە گۇننار ياررىڭنىڭ ئەسەرلىرىمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆگىنىمىزدە كۆپ ياردەم بېرەلەيدۇ دەپ قارايمەن.
تۈنۈگۈن- تارىخ، ئەتە-كەلگۈسى، بۈگۈننى قەدىرلە.
Posted: 2008-01-06 22:15 | 2 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

  تارىخقا بولغان قىزىقىش ئالدى بىلەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشتىن  (يەنى تارىخى تېمىدىكى ئەسەرلەرنى )باشلىنىدۇ، تارىختىن خەۋىرىڭىز  بولمىسا  ئەڭ ئېسىل ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھوزۇر ئالالمايسىز، نېمە دېگەن  دەل كەلگەن، شۇڭا شائىرلار " ئەدەبىياتنىڭ يۈرىكى تارىخ" دەپ ئېيقان.
ياۋۇز ئەپەندىنىڭ يازمىسىدا ياش دوستلارغا تارىخ ئۆگىنىشنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى ناھايىتى ياخشى تونۇشتۇرۇلۇپتۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ توغرا ھەم ئىخچام، ئېنىق يەكۈنلەپ بېرىلىپتۇ. بۇ يازما ھەم دەل ۋاقتىدا يوللىنىپتۇ، چۈنكى نۇرغۇن تارىخ ھەۋەسكارلىرى ئوتتەك قىزغىنلىقى بولسىمۇ،  نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي ، گاڭگىراپ  قالغان.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-07 01:34 | 3 -قەۋەت
brave-heart
EVERYTHING I HAVE IS FOR MY NATION
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 10
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-28

 

ئوبدان پىكىرلەر بوپتۇ.ھەممىمىز تىرىشايلى.
Posted: 2008-01-07 10:18 | 4 -قەۋەت
HALKQIL
ئابدۇخالىق  كامىل  بەگ
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ناھايىتىمۇ  ئەتراپلىق  بوپتۇ  ياۋۇز  ئەپەندى،  مەن  بۇ  يازمىڭىزدىن  چوڭقۇر  تەسىراتقا  ئىگە  بولدۇم. 
رەخمەت  سىزگە .
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
Posted: 2008-01-08 17:23 | 5 -قەۋەت
guldana
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-10

 

قىممەتلىك ماتىريالكەن  ئاپىرىن  ئېيىتماي  تۇرالمايمەن  !
bilik munbiri
Posted: 2008-01-10 22:29 | 6 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تاغدىن - باغدىن

Total 0.068930(s) query 4, Time now is:03-21 08:54, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation