alxir410
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-05-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 يارغول قەدىمكى شەﻫىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى :
بۇ يازمىغا iltebir دىن ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي غا يۆتكەلدى (2008-01-05)
يارغول قەدىمكى شەﻫىرى
 
يارغول قەدىمكى شەﻫىرى __ تۇرپاندىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ۋە مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر توپا قۇرۇلمىلىق شەﻫەر. دۆلەت ئىچى - سىرتىغا مەشﻬۇر بولغان، تارىخىي ئۇزۇن، تەتقىقات قىممىتى يۇقۇرى، قۇرۇلۇش ئالاﻫىدىلىكى ئۆزگىچە، ﻫەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ساياﻫەتچىنى جەلپ قىلىۋاتقان داڭلىق ساياﻫەت، مەدەنىيەت يادىكارلىق نۇقتىسى.
يارغول قەدىمكى شەﻫىرىنىڭ ئالاﻫىدىلىكى شەﻫەرنىڭ سېپىلى يوق، ئۆي - ئىمارەتلەر سوقما تامدىن تەركىب تاپقان، نەچچە قەۋەتلىك ئىمارەتلەرمۇ ئىگىز يارلىقلارنى، توپىنى قېزىش، ئويۇش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، بۇ خىل قۇرۇلۇش شەكلى دۇنيادا كەم ئۇچرايدۇ. ئۇ تۇرپان شەﻫىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى يار يېزىسىنىڭ يارغول كەنتى تەۋەسىگە جايلاشقان. قەدىمكى دەۋردىكى ئالدى قۇش دۆلىتىنىڭ پايتەختى. 1961 - يىلى گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدىنىيەت يادىكارلىق ئورنى دەپ ئېلان قىلغان.
يارغول يىراق قەدىمكى زاماندا، كەلكۈننىڭ ئىككى تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ ئاخىرىدا قوشۇلىشىدىن ﻫاسىل بولغان غول بولۇپ، بۇ غولنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۆگەت يوپۇرمىقى شەكلىدىكى تۈز كەتكەن تۈزلەڭلىك بار. تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1650 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 300 مېتىر بولۇپ، قەدىمكى شەﻫەر مۇشۇ ئارالغا جايلاشقان. ئۇنىڭ ئەتراپىنى غول سۈيى ئايرىپ تۇرىدۇ. يار خۇددى كېسىپ چۈشكەندەك سىلىق بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 مېتىرغا يېتىپ، تەبىئىي مۇﻫاپىزەت توسىقى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا، يەرلىك ئاﻫالىلەر بۇ يەرنى " يارغول" ( يارداڭلىق، غول ئۈستىدىكى شەﻫەر دېگەن مەنىدە ) دەپ ئاتىغان.
يارغول قەدىمكى شەﻫىرى شىنجاڭ بويىچە تۇرپان ئويمانلىقىدا ساقلىنىپ قالغان ئىككى ئاتاقلىق قەدىمكى شەﻫەرنىڭ بىرى بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ. جوڭگونىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2 - ئەسىردە ﻫۇن ئىتتىپاقىدىكى قۇشلار تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان. " تارىخنامە. پەرغانە تەزكىرىسى " دە " كروران، قۇش ئەللىرىدە شەﻫەر بار ئىكەن، تۇزلۇق كۆلگە تۇتىشىپ تۇرىدىكەن" دەپ خاتىرلەنگەن. "خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى"دە ئالدى قۇش دۆلىتىدە پادىشاﻫ يارغولدا تۇرىدۇ. دەريا سۈيى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، شەﻫەرنى ئايلىنىپ ئاقىدۇ. شۇڭا بۇ جاي جياۋخې، يەنى ئىككى دەريا قوشۇلغان جاي دەپ ئاتىلىدۇ. چاڭئەنگە 8150 چاقىرىم كېلىدۇ، 700 ئائىلە، 6050 نوپۇس، 8150 نەپەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەسكىرى، دۆلەت ئەمەلدارلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى، ئوڭ - سول ۋەزىرلەر، ئىقتىسادىي ئالاقە تەڭشىگۈچى ئەمەلدارلار بار" دەپ خاتىرلەنگەن. مۇشۇ يازما خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، قۇشلار دەۋرىدىكى يارغول دەرىجە پەرقىي جەﻫەتتە ۋىلايەت ياكى نازارەت بىلەن ئوخشاش بولغان. شۇ زامانلاردا پۈتكۈل تۇرپان رايونىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ﻫەربىي ئىشلار، دېﻬقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول - سانائەت ئىشلىرىدا ناﻫايىتى زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن. بۇ تەرەققىياتلار ئەينى زاماندىكى يارغول شەﻫىرىدە ئاۋات بازارلارنى، گۈللەنگەن شەﻫەر مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يارغول قەدىمكى شەﻫىرىدە مىلادىيىدىن بۇرۇنلا ئىقتىسادىي ئالاقە ئورنىتىش ئورگانلىرى تەسىس قىلىنغان. دېمەك، ﻫازىرقى يارغول قەدىمكى شەﻫىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئالدى قۇش دۆلىتىنىڭ پايتەىتى قىلىنىپ كروران بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنغان.
مىلادىيىنىڭ 460 - يىلى جۇرجانلار قوچونى ﻫۇجۇم بىلەن ئىگىلەپ، غان بوجونى قوچو پادىشاﻫى قىلىپ يۆلەپ تۇرغۇزدى، يارغول قوچوغا تەۋە بولدى. مىلادىيىنىڭ 501 - يىلى جورجانلارنىڭ ﻫامىيلىقىدىكى كۈي جەمەتى قوچوغا پادىشاﻫ بولدى، قوچو ﻫۆكۈمرانلىرى 640 - يىلىغىچە نىسپىي مۇقىم بولۇپ، يارغول قوچو پادىشاﻫلىقىنىڭ بىر ئايمىقى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن بۇيان قوچو ۋادىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى يارغولدىن قوچوغا كۆچتى. يارغولنىڭ تارىختىكى مەركەزلىك ئورنى ئاستا - ئاستا ئاجىزلىشىشقا باشلىدى.
مىلادىيىنىڭ 640 - يىلى تاڭ سۇلالىسى قوچونى تىنچىتىپ، يارغولدا ناﻫىيە تەسىس قىلدى. يارغول ئىستىراگىيىلىك ﻫەربىي ئىشلار ئورنى بولغانلىقتىن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنشى قورۇقچىبەگ مەﻫكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ قالدى.
مىلادىيىنىڭ 840 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى شىمالىي چۆللۈك يايلاقلىرىدىن غەربكە كۆچۈپ، بېشبالىق ۋە تۇرپان ئويمانلىقىغا كېلىپ قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ، قوچونى پايتەخت قىلدى. يارغول قوچو پادىشاﻫلىقىغا قاراشلىق بىر مۇﻫىم ﻫەربىي قورغان بولۇپ قالدى.
مىلادىيىنىڭ 1275 - يىلى موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىدىن قايدۇ بىلەن دۇۋا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، 12 تۈمەن ئەسكەر بىلەن يۈەن سۇلالىسى مەركىزىي ﻫۆكۈمىتىگە بەيئەت قىلغان قوچو بىلەن يارغولنى يېرىم يىلدەك مۇﻫاسىرىگە ئالدى. يارغول ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى. بۇنىڭ بىلەن يارغول تەدرىجىي خارابىلىككە ئايلاندى......
يارغول قەدىمى شەﻫىرى شەرق بىلەن غەرب قاتنىشىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان، يىپەك يولىدىكى مۇﻫىم بازار بولۇپ، شەرق بىلەن غەرب قاتنىشىنىڭ تارىخى، جوڭگونىڭ قەدىمكى تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت تارىخى ﻫەمدە غەربىي رايونلارنىڭ تارىخى، دىنى، سەنئىتى، مەدىنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇﻫىم ئەﻫمىيەتكە ئىگە. ﻫازىر بىز كۆرۈۋاتقان بۇ يارغول دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن ساياﻫەتچىلەر ئۈزۈلمەيدىغان مەدىنىيەت يادىكارلىقىغا ئايلاندى.

مەنبە: ئۆمەرجان سىدىقنىڭ "سېھىرلىك زېمىن تۇرپان" ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى


Posted: 2008-01-05 18:49 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يادىكارلىقلىرىمىز

Total 0.071999(s) query 3, Time now is:01-11 01:43, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation