چىڭ سۇلالىسى توغرىسىدا
1- قىسقىچە بايان

چىڭ سۇلالىسى شەرقى شىمالدا كۈچىيىپ،ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا شەرقى شىمالدا ھالەك بولغان. چىڭ سۇلالىسى جوڭگودىكى 200 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن تۆت چوڭ خاندانلىقنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيادىكى ۋە جوڭگودىكى تارىخچىلارنىڭ تەتقىقات ئۇبىكتى بۇلۇپ كەلمەكتە.نىمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخى شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ؟
چۈنكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئەيسىنگىرو نۇرخاچ بىر ئازسانلىق مىللەتىن كىلىپ چىققان ،ئۇ چاغلاردا ئۇلارنى مانجۇ دەپ ئاتالمايدىغان بۇلۇپ،ئۇلارنى جورجىتلار دەپ ئاتايتى.جورجىتلارنىڭ يېزىقى يوق مىللەت بۇلۇپ،ئۇلار نەچچە ئون قەبىلىگە بۇلۈنۈپ كەتكەن.ئۇلار ئاسالىلىقى ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان بۇلۇپ، نۇپىسىمۇ مىليۇنغا بارمايدىغان يېزىقىمۇ يوق بىر مىللەتتىن نۇرخاچقا ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ جوڭگودىكى 50نەچچە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ 296يىل ھۆكۈم سۈرگەن چىڭ سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقىشىغا ئۇل سېلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.نۇرخاچنىڭ تالانتى تۇغما تالاتمۇ ياكى ئۇ بىرەر يەردە ئىلىم تەھسىل قىلغانمۇ؟قانداق قىلىپ ئۈزىدىن نەچچە يۈز ھەسسە كۈچلۈك مىڭ سۇلالىسنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرىلىشىغا ئول سالىدۇ؟ئۇ قانداق قىلىپ چاك-چېكىدىن بۈلۈنۈپ كەتكەن جورجىتلارنى ئۆز بايرىقىنىڭ ئاستىغا يىغىپ،يېڭى يېزىق ئىجات قىلىپ ،جەڭگىۋار،دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك قۇشۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ؟44 يىلدا ئۈزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن قۇشۇنى بىلەن 12 قېتىم غەلبىلىك جەڭ قىلىپ بىر قېتىممۇ يېڭىلىپ باقمىغان.ئەڭ ئاخىرقى نىڭ يۇئەن ئۇرۇشىدا يۇئەن چوڭ خۇئەنگە يېڭىلىپ قالغان ۋە ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈلۈپ كەتكەن.ئۇ كىيىكىلەرگە نۇرغۇن سىرلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن...
2- نۇرخاچ

ئەيسىنگېرو نۇرخاچ 1559-يىلى شەرقى شىمالدا بىر قۇلدار ئالىسىدە تۇغۇلغان،12يېشىدا ئانىسى تۈگەپ كەتكەن.دادىسى قايتا توي قىلغاندىن كىيىن ئۆگەي ئانىنىڭ ياخشى كۈرىشىگە ئىرىشەلمەي چەتكە قېقىلغان،ئۇ توي قىلغاندىمۇ ھىچقانداق مال-مۈلۈككە ئىگە بولالمىغان.تاغدىن موگو تىرىپ،ئۇتۇن كەسلەپ بازاردا سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن.مانا مۇشۇنداق بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن نۇرغاچ قانداقلارچە بىر دەۋىرنىڭ سەركەردىسى ۋە كىيىنكىلەرنىڭ تەتقىقات ئۇبىكتى بۇلۇپ قالىدۇ؟ئۇ 1583-يىلى 25ياشقا قەدەم قۇيغانغا قەدەر بىر نامرات،ئاددەتىكى بىر پۇقرا سۈپىتىدە ياشاپ كەلگەن...
بىر ئادەمنىڭ دۇنيا چېمپىيۇنى بۇلۇش ئۈچۈن 156 خىل ئامىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىككەن،ئۇنداق بولسا نۇرخاچنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ غەلبە قىلىشىدا قانداق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ؟
1-ئەيسىنگىرو نۇرخاچنىڭ ئائىلىسىنىڭ شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،ئۇ كىچىكلا يىتىم قالغان.ئۆگەي ئانا ئۇنى يەكلەپ نۇرخاچنىڭ كىچىكلا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشاش خارەكتىرىنى يىتىلدۈرگەن ھەمدە بىر ئامالنى قىلىپ ئائىلىسىگە تايانماي پۇل تېپىپ جېنىنى بېقىشقا تىرىشقان.ئىمكانقەدەر ئۆگەي ئانا ۋە ئېنە -سىڭىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشقان.
2-ئۇ موگو تىرىپ،ئۇتۇن كەسلەپ بازاردا سېتىپ پۇل تېپىش جەريانىدا،نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تۇنۇشقان ۋە جەميەتنىڭ ئەھۋالىنى ئېگەلەشكە پۇرسەت بولغان.
3-نۇرخاچ ناھايىتىمۇ كەڭ قۇساق كىشى بۇلۇپ،ئۇڭاي ئاچىلانمايدۇ.كىشىلەرنى ئۈزىگە مايىل قىلىشقا ماھىر كىشىكەن.
4-ئۇ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان مەزگىللەردە،شىمالدا چارروسىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى تېخى چوڭ ھىنگان تاغلىرىغا كەلمىگەن،شەرقىدە چاۋشەن بىلەن ياپۇنىيە ئۇرۇشۇپ چاۋشەن قاتتىق ھالسىرغان،جەنۇبىدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ خانى ۋەنلى ئەيىش ئىشرەتكە بىرىلىپ ھەتتاكى 20يىلغىچە ئوردىغا چىقمىغان ۋاقىتلىرى،غەرىپتە بولسا مۇڭغۇلار نەچچە قەبىلىگە بۈلۈنۈپ كەتكەن بۇلۇپ كۈچى تولىمۇ ئاجىز ۋاقىتلار توغرا كېلىدىكەن...
5-جورجىتلارنىڭ ئىچىدمۇ نەچچە قەبىلە بۇلۇپ ھىچقانداق بىرلىك يوق.
6-مىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقى شىمالدا تۇرۇشۇشلۇق ھەربى ئەمەلدارى لى چېڭ لىئاڭ جورجىتلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇش جېڭىدە،شەھەرنى توپقا تۇتۇپ نۇرخاچنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىنى ئۆلتۇرۋېتىپ،نۇرخاچنىڭ ياش قەلبىگە قىساس ئۇرۇقىنى تېرىپ قويىدۇ.
7-مىڭ خاندانلىقى نۇرغاچنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىنى خاتا ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 30 تۇياق ئات ۋە 30 نەپەر مالاي ۋە كىچىك مەنسەپ سوۋغا قىلىدۇ.
8-نۇرخاچ شۇ قېتىمقى شەھەرنى قىزىل يۇپۇقلۇق زەمبىرەك بىلەن بومباردىمان قىلغاندا ئۈلۈپ كەتكەن كىشىلەرنى ئۆز يېنىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، قىساس ئېلىش پەيتىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.شۇنداقلا ئۈزىگە بىرىلگەن مەنسەپتىن پايدىلىنىپ نەچچە يۈز كىشىلىك قۇشۇن تەشكىلەش شارائىتىنى ھازىرلايدۇ.
نۇرخاچنى ئالدى بىلەن ھەربى ئالىم دىيىش كېرەك.ئۇ خېتو ئالانى قوغداش جېڭىدە 10 مىڭ كىشىلىك قۇشۇننى بىلەن مىڭ سۇلالىسىنىڭ تۆت يولغا بۈلۈنۈپ نۇرخاچنى قورشاشقا كەلگەن 40 نەچچە مىڭ كىشىلىك قۇشۇننى تارمار قىلىدۇ.ئاز قۇشۇن بىلەن كۆپنى يېڭىش،تەلەي بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ قالماستىن،باشقىلارنى ۋە ئۈزىنى بىلىش،يەر شارائىتى،ھاۋا كىلىماتتى،قۇشۇنىڭ قانداق جايدا جەڭ قىلسا ئۈزىگە پايدىلىق تەرەپلەرنى شۇنداقلا ئۈزىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئەۋزەلىكىنى بىلىپ يىتىش كېرەك.پىسخىكا ئامىلىمۇ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.
مىڭ خاندانلىقىنىڭ قۇشۇنى ئادەم سانىنىڭ كۆپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ،نۇرخاچ قىسىملىرىنى پىسەتىگە ئالمىغان،ھەمدە شەرقى شىمالنىڭ قىشتا ناھايىتىمۇ سوغاق بۇلۇشتەك ھاۋا كىلىماتىنى،يەرشەكلىنىڭ مىڭ خاندانلىقى قۇشۇنىغا ناتۇنۇش بىراق نۇرخاچقا بەش قولدەك ئايانلىقىنى نەزەرگە ئالمىغان.نۇرخاچنىڭ بۇرۇندىن جەڭ قىلىپ باقمىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئۇنى بىر تىپىككە يارىمايدۇ دەپ قارىغان.شۇنداق ئامىلار يىغىلىپ نۇرخاچنىڭ بۇ قېتىمقى جەڭدە يېڭىش ئىمكانىيىتىنى نەچچە ھەسە ئاشۇرۇپ بەرگەن.بۇ نوقتىنى ئوبدان بىلگەن نۇرخاچ،قۇشۇنى يىغىپ تۆت يولغا بۈلۈنگەن قۇشۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى قۇشۇنى تارمار قىلىپ،ئارقا سەپ تەمىناتىغا ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۋەتكەن.شۇنداقلا ئۇلار بىر-بىرىگە يەردەم بىرىش يۇلىنى ئۈزۈپ تاشلاپ،مىڭ خاندانلىقى قۇشۇنى زىمىستان سوغاقتا ئۇزۇق-تۇلۈكسىز قالدۇرۇپ،مەغلۇبىيەت گىرداۋىغا ئاپىرىپ قۇيغان.خېتوئالانى قۇرشاش جېڭىدە مىڭ خاندانلىقى مەغلۇپ بۇلۇپ،نۇرخاچنىڭ جورجىتلار ئىچىدە ئىناۋىتى ئۈسۈپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قايىلىقىنى قوزغىغان.
نۇرخاچ مىڭ خاندانلىقى قۇشۇنىڭ يېتىپ كەلگەن كۈننى ئاخشىمىمۇ بۇرۇنقىدەكلا خاتىرجەم تامىقىنى يەپ،ئۇيقىسىنى ئۇخلىغان.ئەتىراپىدىكىلەر ئۇنىڭدىن ۋەزىيەتنىڭ جىددىلىكىنى ئەسكەرىتكەندە،نۇرخاچ كۈلۈپ تۇرۇپ مەن مىڭ قۇشۇنى كەلمەسمىكىن دەپ ئەنسىرگەن ئىدىم،ئەمدى ئۇلار كەپتۇ مەن تازا بىر قانغۇچە ئۇخلىۋالاي دىگەن.مۇشىنىڭدىنمۇ روھى ساپاسىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى كۈرىۋالغىلى بولىدۇ.
نۇرخاچ ئەمدى كۈچىيۋاتقان مەزگىلدە جورجىتلارنىڭ باشقا قەبىلىسىدىكىلەر نۇرخاچنىڭ بۇندىن كىيىن كۈچىيىپ كىتىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ،قەبىلە باشلىقى ئۈزىنىڭ قىزىنى نۇرخاچقا بەرمەكچى بولىدۇ.دەل مۇشۇ چاغدا مىڭ قۇشۇنلىرى نۇرخاچقا ھۇجۇم قىلىدۇ.ھېلىقى قەبىلە باشلىقى ئەمدى نۇرخاچ تۈگەشتى دەپ ئويلاپ توي چېيى ئىچىرلىپ قويغان قىزىنى بەرمەس بۇلۇپ قالىدۇ،مۇشۇ ۋاقىتلاردا سەركەردىلەر بۇ ئىشنى ئاھانەت بىلىپ ھېلىقى قەبىلىگە جازا يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا،نۇرخاچ ئوتۇرغا چىقىپ بۇ ئۇرۇشنى قىلىشقا بولمايدۇ.قىزىنى بەرمىسە بەرمىسۇن كىيىنكى كۈنلەردە ماڭا قىزىنى بېرىدىغانلار ئېشىكىمنىڭ ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرىدۇ،ھازىر ئۇلارغا جازا يۈرۈش قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس دەيدۇ...مۇشۇنىڭدىن نۇرخاچنىڭ يېراقنى كۆرەر،قانى كۆسى كەڭ كىشى ئىكەنلىكىنى كۈرىۋالغىلى بولىدۇ.نۇرخاچ مىڭ خاندانلىقىنىڭ قۇرشاۋ ئۇرۇشى غەلبە قىلغاندىن كىيىن ھېلىققى چاي ئىچىرلۈپ قويغان قىزنى ئۈزى ئالماي ھەمدە باشقىلارنىڭ ئېلىشىغا يول قويماي،قېرى قىز قىلىپ ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ قەبىلە باشلىقىغا قاتىق ئاھانەت قىلىدۇ .نۇرخاچنىڭ ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى،ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانلارنىڭ تەقدىرىنى قانداق بولىدىغانلىقىنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ قويىدۇ.
نۇرخاچ ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرى تۇزلەڭدە جەڭ قىلىشقا ماھىر بۇلۇپ،ئات مىنىش ۋە ئوقيا ئېتىش جەھەتتە ئالاھىدە ئۈستۈنلۇككە ئىگە بولغاچقا، مىڭ خاندانلىقى بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا،مىڭ قۇشۇنلىرىنى ئالداپ شەھەردىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.مىڭ قۇشۇنلىرى شەھەردىن چىقىپ نۇرخاچ قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا نۇرخاچ قىسىملىرىنىڭ ئوۋ نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.بۇ نۇرخاچنىڭ ئۈزىنى ۋە باشقىلارنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى كۈرىۋالغىلى بولىدۇ.
نۇرخاچ سەككىز تۇغلۇق قۇشۇنىڭ قۇرغۇچىسى بۇلۇپ،سەككىز خىل بايراق ئاستىغا پۇتۈن جورجىتلارنى ئۇيۇشتۇرغان،چاك-چىكىدىن بۈلۈنۈپ كەتكەن جورجىتلارنى بىرلەشتۈرۈپ،موڭغۇل تۆپىلىكتىكى باشقا مىللەتلەرنىمۇ مۇشۇ بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرغان.ئۇلار تىنىچ دەۋىردە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق،ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇلانسا،ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەرقايسى قىسىملار ئۈزىنىڭ بايراق ئاستىغا ئۇرۇنلاشتۇرغان.ھەمدە 300كىشىلىك قۇشۇننى بىر ئاقساقال،ھەر بىر 5 ئادەمگە بىر باشلىق بىكىتىپ،قۇشۇنىڭ ساننى ۋە ئىنتىزامنى كۈچەيتكەن.
نۇرخاچ بىر قېتىملىق مىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن بولغان جەڭدە پاتىنىغا ئوقيا تىگىپ ئېغىر يارلانغان،كىيىن نۇرخاچنى يارلاندۇرغان ئەسكەرنى تۇتۇپ نۇرخاچنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە،نۇرخاچ ھېللىقى ئەسكەرنى قۇيىۋېتىپ ئۈزىگە ئەسكەر قىلىۋالغان.ئۇ مۇنداق دەيدۇ ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپ ئۈزىنىڭ مەنپەتى ۋە خانى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ.بۇ ئەسكەر ھەقىقەتەن باتۇر، مەرگەن ئىكەن،بۇنداق ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈش بىھۇدە ئىش،ئۇ بۇندىن كىيىن مەن ئۈچۈن بىرقانچە دۈشمەننى كۆپ ئۆلتۈرسە تېخى ياخشى ئەمەسمۇ؟! دەپ قول ئاستىدىكىلىرىگە چۈشەندۈرگەن.شۇندىن كىيىن قۇشۇندا نۇرخاچقا سادىق بۇلۇپ،كۆپ دۈشمەن ئۆلتۈرسە ئۈزىگە مەنپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىشقان.بۇ ئىش قۇشۇنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى قىسمەن دەرىجىدە ئۆستۈرگەن...............
نۇرخاچ ئۇ بىر سىياسىيۇن.
جورجىتلارنىڭ مىڭ سۇلالىسىگە قارشى چىقىشى تەسەدىبى ۋەقە ئەمەس.مىڭ خاندانلىقىنىڭ شەرقى -شىمالدا تۇرۇشلۇق ھەربى ئەمەلدارى لى چېڭ لىئاڭ ئۈزىنىڭ ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ،جورجىتلارنى قاتىق ئەزگەن ۋە خورلىغان.بىراق جورجىتلارنىڭ كۆپ قېتىملىق قارشىلىشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.سەۋەبى جورجىتلار ئۆم ئەمەس بۇلۇپ ئون نەچچە قەبىلىگە بۈلۈنۈپ كەتكەن،ھەر تەرەپ ئۆز مەنپەتىنى كۆزلىگەن بولغاچقا ھەل قىلغۇچ پەيىتتە ئۆز-ئارا ياردەمدە بولمىغان.بۇنى كۈرۈپ يەتكەن نۇرخاچ ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتە چۇقۇم بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشۇشنىڭ زۆرۆرلىكىنى بايقىغان.ھەمدە ئۈزىنىڭ دۈشمىنىنى ئېنىق قىلىپ مىڭخاندانلىقى قىلىپ بېكىتىپ،غەرىپتە موڭغۇلار بىلەن شەرىقتە چاۋشەنلىكلەر بىلەن ئىتپاقلاشقان...
ئەينى ۋاقىتتا جورجىتلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىرىنىڭ كۈچى ئوخشاش بولمىغاچقا، نۇرخاچ ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش سىياسىتىنى بېكىتىپ چىققان.ئۇنىڭ سىياسىتى بولسا، كۈچلۈكلەر بىلەن ئىتپاق تۈزۈش،ئاجىزلارنى ئۈزىگە قېتىۋېلىش.يىراقتىكىلەر بىلەن ئىناق ئۈتۈش،يېقىندىكىلىرىنى قېتىۋېلىش.موڭغۇلارغا قىز بېرىش ۋە موڭغۇلارنىڭ قىزلىرىنى كىلىن قىلىپ قوش تۇقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى شەكۈللەندۈرۈش.مىڭ خاندانلىقىنى يوقۇتۇشتا ئىتپاقلاشقىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتپاقلىشىش.موڭغۇلاردىن ۋە مىڭ سۇلالىسىگە قارشى خەنزۇلاردىنمۇ سەككىز خۇشۇنلۇق قۇشۇن تەشكىلەش...قاتارلىق سىياسەتلەرنى بىكىتىپ.قەدەممۇ-قەدەم جورجىتلارنى ئۆز بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرسا،موڭغۇل،چاشەن مىللىتى قاتارلىقلار بىلەن ئىناق ئىتپاق ئۈتۈپ،ئۇلارنىڭ مىڭ سۇلالىسىگە بولغان ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئۈزىنى تەھدىت دەپ قارىغۇزمىغان .
نۇرخاچنى مەركەز قىلغان، سەكىز تورە بەگ ۋە بەش ۋەزىردىن تەركىپ تاپقان كېڭەش تۈزىمىنى ئورنىتىپ،چوڭ ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلغان بۇلۇپ، يۇقۇرى قاتلامدىن تەركىپ تاپقان جەمھۇرىيەت تۈزىمى يەنى ئىپدىدائى جەمھۇرىيەت تۈزىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
نۇرخاچ ئۈزىنىڭ مىللىتىنىڭ يېزىقى يوقلىقى سەۋەبى تۈپەيلى،نۇرغۇن ئەمىر- پەرمان ۋە بۇيرۇق چۈشۈرۈش،ھۆكىمەت ئارخىپلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشتا زور قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغان.ھەمدە ھۆكىمىرانلىقنىڭ داۋام ئىتىشى شۇنداقلا مىللەتنى زىچ ئىتپاقلاشتۇرىشى ئۈچۈن يېزىقنىڭ رولىنىڭ ناھايىتى چوڭقورلىقىنى ھىس قىلىپ،موڭغۇل يېزىقى ئىلىپەسى ئاساسىدا مانجۇچە يېزىقنى كەشىپ قىلدۇرۇپ،پۈتۈن جورجىتلار ئارىسىدا قوللانغان.
نۇرخاچ 1616-يىلى رەسمى تۈردە دۆۋلەت قۇرۇپ،دۆۋلەت نامىنى جىن دەپ ئاتىغان.كىيىنكىلەر بۇنى كىيىنكى جىن دەپ ئاتىغان.بۇرۇنمۇ جورجىتلار جىن سۇلالىسىنى قۇرغان شۇڭا كىيىنكى جىن دەپ ئاتىشى نورمال ئىش.دۆۋلەتنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن پۈتۈن شەرقى شىمال بىرلىككە كەلگەن جورجىتلارنىڭ ھاكىمىيىتى شەكىلەنگەن.
نۇرخاچ 25 يېشىدىن باشلاپ قولىغا قورال ئېلىپ 34يىل جەڭ قىلىپ ،58يېشىدا جىن پادىشالىقىنىڭ پادىشاھى بولغان.
نۇرخاچ، چىنشىخۇئاڭ قۇرغان چىن سۇلالىسىدىن تارتىپ مىڭ سۇلالىسىگە قەدەر بولغان ئارلىقتىكى سەدىچېن سېپىلىنىڭ ھەربى ئىشلاردىكى رولىنى ئاساسى جەھەتتىن يوققا چىقارغان.چۈنكى ئىلگىرىكى سۇلالىلەر سەدىچېن سېپىلىنىڭ سىرتىدىكى مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىيالمىغان.پەقەت قىز بىرىش ئارقىلىق ۋاقىتلىق تېنىچلىقنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە سەدىچېن سېپىلىنى ئۇزارتىپ سالدۇرغان.نۇرخاچ بولسا موڭغۇل تۆپىلىكتىكى مىللەتلەرگە قىز بېرىش ۋە قىزىنى ئېلىشتەك تەڭ باراۋەر رەسمى تۇقاندارچىلىق سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ،ئۈزۈن يىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆچمەنلىكنى يوقۇتۇپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ 296 يىل ھۆكۈم سۈرىشىدە سېرىتنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئەندىشىسىنى تۈگەتكەن.
نۇرخاچ پايتەخىتنى شېنياڭغا يۆتكەشتەك ئاقىلانە قارار چىقىرىپ،يەرشەكلى،مۇھىت،بايلىق قاتارلىق ئەۋزەلىكتىن پايدىلانغان.ئەينى ۋاقىىتا شېنياڭنىڭ ھەربى ،سىياسى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ مىڭ سۇلاىسىگە بىۋاستە تەھدىت سالغىلى بولىدۇ. مۇداپىئەلەنمەك ۋەھۇجۇم قىلماق ئاسان بۇلۇشتەك ئەۋزەلىككە ئىگە،شۇنداقلا چاۋشەننىڭ مىڭ سۇلالىسىگە ياردەم بىرىش يۇلىنى ئۈزۈپ تاشلاپ ،ئۈزىنى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىگەن.
نۇرخاچ دادىلىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ،دېھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق ،بېلىقچىلىق،كېمەسازلىق ۋە كانچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان ،دېھقانچىلىققا لاۋزىمەتلىك تۈمۈرلەرنى تاۋلاتقۇزغان.ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پىشىقلاپ ئىشلەپ سودىدا ئالماشتۇرۇشتا ئەۋزەلىككە ئىرىشكەن.
گەرچە نۇرخاچ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ ئۇ ئىنسان بۇلۇش سۈپىتى بىلەن خاتالىقتىنمۇ خالى ئەمەس.ئۇ پايتەخىتنى شېنياڭغا كۈچۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن،خەنزۇ پۇقرالىرىنى چەتكە قاققان ۋە بۇيۇنتاۋلىق قىلغانلارنى قىرغان.دېھقانچىلىقتا تەجىربىسى بار خەنزۇ دېھقانلار يەرلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن ۋە كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇلارغا قارشى چىققان بۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرقىياتىغا قىسمەن تەسىر يەتكەن.
ئۇ 44يىل غەلبىلىك جەڭ قىلىپ ئەڭ ئاخىردا غەلبىدىن مەيۈسلىنىش كەيپىياتىدا بۇلۇپ،نىڭيۇئەنگە قىلغان ئۇرۇشتا،دۈشمەننىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى بىلمەي تۇرۇپلا قۇشۇن تارتىپ چىققان.نىڭيۇئەننى ساقلاپ تۇرغان مىڭ خاندانلىقىنىڭ سەركەردىسى يۇئەن چوڭ خۇئەن ناھايىتىمۇ تەدبىرلىك سەركەردە بۇلۇپ نەچچە يىلدىن بۇيان مىڭ خاندانلىق قۇشۇنلىرىنىڭ نۇرخاچقا يېڭىلگەنلىكنىڭ سەۋەبىنى يەكۈنلەپ چىققان بۇلۇپ،نۇرخاچ قۇشۇن تارتىپ كەلگەندە شەھەردىن چىقماي شەھەرنى چىڭ ساقلاپ ياتقان.ھەمدە گولاندىيەدىن كىرگۈزۈلگەن قىزىل يۇپۇقلۇق زەمبىرەكنى شەھەر قۇۋىقا ئۇرۇنلاشتۇرغان.ھىچقانداق دۈشمەن ئەھۋالىنى بىلمىگەن نۇرغاچ بىۋاستە قۇشۇنى باشلاپ شەھەر سېپىلىغا ھۇجۇم قىلغان.زەمبىرەك ئۇقىدا يارلانغان نۇرخاچ 1626-يىلى8-ئاينىڭ10-كۈننى ئالەمدىن ئۆتكەن....
نۇرخاچ ھەربى بىلىمنى نەدىن ئۆگەندى،سىياسى ئىشلارنى نەدىن ئۆگەندى،ئۇ خەت تۇنۇمدۇ،ئۇنىڭ پامىلىسى قانداق قىلىپ ئەيسىنگىرو بۇلۇپ قالدى(نۇرغاچنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى تاكاش،بوۋىسىنىڭ ئىسمى جۆ چاڭئەن)؟قاتارلىق نۇرغۇن سۇئالار تارىخچىلارنىڭ ئىزدىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا ...
"سۇ ئىشكەندە قۇدۇق قازغۇچىسىنى ئۇنۇتما"دىگەن ماقال- تەمىسىل بار.نۇرغاچ قازغان بۇ قۇدۇكنىڭ سۈيىنى ئىشكەن مانجۇلار، 296يىل ئۈزىنىڭ مانجۇ بۇلۇپ قالغانلىقىدىن پەخىرلەنگەن.نەچچە يۈزمىليۇن كىشىلەر مانجۇلارغا ھەۋەس قىلغان،ئۈزىنى مانجۇ بۇلۇپ تۇغۇلۇپ قالمىغانلىقىدىن ئۈكۈنگەنلەرمۇ بەلكىم كۆپ بۇلىشى مومكىن. ئەينى ۋاقىتتا بەكمۇ ئاجىز، قەبىلە تۈزىمىدىكى جورجىتلارنىڭ نەچچە مىليۇن كۇۋادىراتنى كىلومىتىرلىق زىمىنىڭ ئېگىسى بۇلىشىدا،نۇرخاچقا ئوخشاش بىر ئەركەكنىڭ توھپىسى دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.
جورجىتلارنىڭ مانجۇ مىللىتى بۇلۇپ شەكىلىنىشگە ۋە ھازىرقىدەك نۇپۇس ساننى 16مىليۇنغا كۆپىيىشىدە نۇرغاچنىڭ ھەسىسى ناھايىتى كۆپ.
بەزى تارمىللەتچى خەنزۇلار نۇرخاچنى تاجاۋۇزچى،ئۇ بىزلەرنى 296يىل قۇل قىلغان،تېرتوريىمىزنى بېسىۋالغان دەپ تىل ھاقارەت سالغانلارمۇ بولدى.
ناۋادا نۇرخاچ شەرقى شىمالدا باش كۆتۈرۈپ چىقمىغان ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلساق،جوڭگونىڭ بۈگۈنكىدەك تېرتۇريەگە ئىگە بۇلىشى مومكىن ئەمەس.
1368-يىلى جۇيۇئەنجاڭ مىڭ خاندانلىقىنى قۇرۇپ،مىڭ ۋەنلى خانغا كەلگەندە،مىڭ سۇلالىسى ئاساسى جەھەتتىن چىرىكلىشىپ يىلتىزىغا يەتكەن.پادىشا مىڭ ۋەنلى كۈنلىرىنى ئەيىشى-ئىشرەت،كەيىپ-ساپا بىلەن ئۆتكۈزۈپ،20يىلغىچە ئوردىغا چىقمىغان.ئۇ كۈرۈشمەسلىك،تەستىقلىماسلىق پىرىنسىپىنى يولغا قۇيۇپ،دۆۋلەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىغان،پۇقرالاردىن سېلىقنى ھەددى-ھېساپسىز ئېلىپ زار-زار قاغشاتقان،قۇشۇننىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچى ئاجىزلاپ،ھوقوقدارلارنىڭ پۇقرالارغا سالغان زۇلىمى چىكىگە يەتكەن...مانا مۇشۇنداق ھالغا چۈشكەن مىڭ خاندانلىقى قانداقمۇ شىمالدىكى چارروسىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابۇل تۇرالىسۇن.قانداقسىگە زىمىنى غەربى شىمالدا بالقاش كۈلىگىچە كېڭەيتەلىسۇن؟
نۇرخاچ ئاساس سېلىپ بەرگەن چىڭ خاندانلىقىڭ تەسىر كۈچى بىلەن چارروسىيە كاڭشى زامانىسىدا "نىبچۇ"شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ جوڭگو ۋە روسىيەنىڭ چېگرىسىنى بەلگۈلىگەن.ناۋادا مىڭ خاندانلىقى بولغان بولسا چارروسىيە جوڭگونىڭ قانچىلىك زىمىنى بېسىۋالغان بولاتتى ھە؟!
چىڭ خاندانلىقى كۈچلۈك چەت-ئەل تاجاۋۇزچىلىرى باستۇرۇپ كىرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا،بەلكىم يەنە نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۇلىشىمۇ مۇمكىن.چۈنكى نۇرخاچ تۈزىگەن ئەجداتلار بەلگۈلىمىسىدە خان بولغۇچى كىچىگىدىن تىرىشچان ،ئىقساتچان بۇلۇش،خان تەڭرىنىڭ ئوغلى،پۇقرالار پادىشانىڭ پەرزەنتى دەپ قاراپ كەلگەچكە چىڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن 12پادىشانىڭ بىرىمۇ ئەيىش-ئىشرەت كەيىپ -ساپاغا بىرىلمىگەن.ھەركىمنىڭ قابىلىيىتى ۋە دەۋىرنىڭ ئوخىشاشماسلىقى تۈپەيلى قوشقان توھپىسى ئوخشاشمىغان خالاس!
تارىختىن بۇيان ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ گۈلىنىش ياكى خاراپ بۇلىشىدا،شۇ مىللەتىن چىققان سەركىگە باغلىق.سىزنى باشلىغان سەركە بوستانلىققا باشلىسا بوستانلىققا، چۆلگە باشلىسا چولگە بارىدىغان گەپ...مىڭزى بىر مىللەتىن 500يىلدا بىر سەركەردە چىقىدۇ دەپتىكەن.بەلكىم 300يىلدا ياكى 700يىلدا چىقىشىمۇ مۇمكىن.
بىزنىڭ نۇرخاچتىن ئىبارەت بۇ تارىخى شەخىستىن ئۆگىنىدىغىنىمىز كۆپ،ئۇ مەيلى قانداقلا ئىش قىلسۇن تارىختىكى مەشھۇر شەخىس!
3- خۇنتەيجى

ئەيسىنگىرو خۇنتەيجى(1692--1643) 52 يېشىدا مىڭىسىگە قان چۈشۈپ ئالەمدىن ئۆتكەن.خانلىق نامى تىئەن سۇڭ يەنە بىر خانلىق نامى زوڭ دې ،ھۆرمەتلىنىش نامى تەي زوڭ.
چىڭ سۇلالىسىدە 12 پادىشا،13 خانلىق بۇلىشىدىكى سەۋەپ بولسا،ئەيسىنگىرو خۇنتەيجى1635-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى يارلىق جاكارلاپ،جورجىتلارنىڭ نامىنى مانجۇغا ئۆزگەرىتكەن،شۇنىڭدىن كيىن مانجۇ دىگەن مىللەت تارىخ سەھنىسىدىن ئۇرۇن ئالغان.1636-يىلى4ئاينىڭ 11-كۈنى دۆۋلەت نامىنى "جىن"دىن "چىڭ"غا ئۆزگەرىتكەن.شۇنداقلا ئۈزىنىڭ خانلىق نامىنى زوڭدېغا ئۆزگەرىتكەن.شۇڭا 1626-يىلىدىن1636-يىلغىچە تىئەن سۇڭ يىلى بولسا1637-يىلدىن 1643-يىلغىچە زوڭدې يىلى دەپ ئاتالغاچقا چىڭ سۇلالىسدە 12پادىشا 13 خانلىق بۇلۇپ قالغان.
خۇنتەيجىنىڭ كىينكى جىن سۇلالىسىنى چىڭغا ئۆزگەرتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپنى بەزىلەر مۇنداق چۈشەندۈردى...سوڭ سۇلالىسى دەۋىردە ياشاپ ئۆتكەن يۇې فېي جورجىتلار قۇرغان ئىلگىركى جىن سۇلالىسىغا قىلغان يۈرىشدە ئاجايىپ باتۇرلۇقلارنى كۆرسەتكەن بۇلۇپ،خەنزۇلارنىڭ پەخىرلىنىدىغان سەركەردىسى ئىكەن،بىراق سوڭ سۇلالىسىنىڭ خاننى جىن سۇلالىسىدىن قورقۇپ،جىن سۇلالىسىنىڭ تەلىۋى بۇيىچە يۇې فېينى ئۆلتۈرگەن ئىكەن.تارىختىكى جورجىتلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن خۇنتەيجى دۆۋلەت نامىنى"جىن"دىن "چىڭ"غا ئۆزگەرتى دەپ قارايدىكەن........................
ئەيسىنگىرۇ خۇنتەيجىنىڭ تەخىتكە چىقىش ئەھۋالى:
خۇنتەيجى دادىسى نۇرخاچقا ئوخشاشلا 12-يېشىدا ئانىسىدىن يىتىم قالغان.خۇنتەيجىنىڭ ئانىسىڭ ئىسمى ناراشى بۇلۇپ،كىيىنكى جىن سۇلالىسىنىڭ خانىشى ئىدى.بىراق خۇنتەيجىنىڭ بىر قوساقتىن تۇغۇلغان ئاكا-ھەدە،ئۇكا-سىڭلىسى يوق بۇلۇپ،ئەيسېگىرو جەمەتىدەك چوڭ جەمەتتە تولىمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلاتتىكەن،چۈنكى پادىشالارنىڭ خوتۇنى كۆپ،ئۇنىڭدىن باشقا قىلىدىغان ئىشمۇ كۆپ بولغاچقا دادىسى نۇرخاچنىڭ ئايرىم خۇنتەيجىگە قاراپ ئاتىلىق مېھرىنى بىرىش تولىمۇ تەس.خانزادە،مەلىكىلەر ئاساسلىقى ئانىسىنىڭ،بىر قوساق ئاكا-ھەدە سىڭىلىرىنىڭ ۋە ئانا تەرەپ تۇقانلىرىنىڭ كوڭۈل بۈلىشىگە ئىرىشەلەيدۇ.
خۇنتەيجىنىڭ تۆت تاغىسىدىن بولغان باللىرى ۋە نۇرخاچنىڭ 16 خوتۇنىدىن بولغان باللىرى قېتىلىپ يۈز نەچچە خانزادا ۋە مەلىكىلەر بۇلۇپ،خان ئوردىسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى،چۈنكى خان ئوردىسى ھوقوق- مەنپەت كۆرىشى ئىنتايىن مەركەزلىك بۇلۇپ، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا سۇيقەسنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كېتەتى.
نۇرخاچنىڭ ھايات ۋاقتىدا تۈزىگەن ۋەلى ئەھدىنى بىكىتىش پېرىنسىپىدا،خان بولغۇچىنى ئوردىدىكى سەككىز تۆرەبەگ مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدىغان بۇلۇپ،خان ئۆز ئالدىغا ۋەلى ئەھدى تىكلىمەيتتى.بۇ بىر ئىپدىدائى شەكىلدىكى دېمۇكۇراتىيە ئۇسۇلى بولغاچقا،خانلىق ئورنىنى تالىشىش ئىنتايىن كەسكىن بولاتتى.
ئۇنداق بولسا ئانىسىدىن كىچىك يىتىم قالغان خۇنتەيجى قانداق قىلىپ خان بولدى؟
مۇرەككەپ خان ئوردىسىدا ياشىغان خۇنتەيجى دادىسىغا ئوخشاش ئانىسىدىن يىتىم قالغاچقا ئېھتىياتجان،مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈدىغان ،كوڭلىدىكى سىرنى نىشانغا يەتمىگۈچە ئاشكارلىمايدىغان،پىللاننى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈزەپ،ئۈزىگە پايدىسىز ئامىلار ۋە پايدىلىق ئامىلارنى تەھلىل قىلىپ،مۇرەكەكپ خان ئوردىسىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش.باشقا خانزادا ۋە خانىشلارنىڭ ئوتۇرسىدىكى زىدىيەتتىن ئۈزىگە پايدىلىق تەرەپلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساپلاپ چىقىپ، كىيىنكى كۈنلەردە باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا شەرىت ھازىرلاش.باشقىلارنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى يىغىپ ساقلاپ ھەل قىلغۇچ پەيىتتە ئاشكارلاپ ئۈزى بىلەن خانلىق ئورنىنى تالىشىشتا باشقا نامزاتنى پاسىپ ئۇرۇنغا چۈشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قولىنىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن ئۈزىگە خان بۇلۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلاش ئۈچۈن،تىرىشىپ بىلىم تەھسىل قىلىدۇ.ئۇ موڭغۇل يېزىقى ئىلىپەسىدىكى مانجۇچە يېزىقىنى ئىجات قىلىش ئىشىغا مەسئۇل بۇلۇپ ئىشلەيدۇ.ئۇ خانزادىلەر ئىچىدە مانجۇچە خەتنى يازالايدىغان ۋە ئۇقۇيالايدىغان خانزادە بۇلۇپ ناھايىتى تېزلاكۆزگە كۈرىنىدۇ.ھەربى بىلىمنى ئەستايىدىل ئۆگۈنۈپ 20يېشىدىلا جەڭگە قۇشۇن باشلاپ قاتنىشىپ نۇرغۇن تۆھپە قوشىدۇ...ئەيسېنگىرو خۇنتەيجى ئۈزىنىڭ خان بۇلۇش شەرىت-شارائىتىنى ھازىرلايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇنتەيجى چوڭ خانىشنىڭ يالغۇز ئوغلى بولغاچقا ئوردىدا كىچىك خانىشلارنىڭ بالىرىدىن سالىھىيەت جەھەتتە پەرىقلىنىدۇ.
خۇنتىيجى ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان ئانا تەرەپ بوۋىسىنىڭ خانلىقتىكى ئىناۋىتىدىن تۇلۇق پايدىلىنىدۇ.
ئەيسېنگېرو خۇنتەيجى بىلەن خانلىقنى تالىشالايدىغان سالاسىيەتكە ئىگە تۆرەبەگ لەردىن چوڭ تۆرەبەگ دەيشەن،ئىككىنچى تۆرە بەگ ئامى،ئۈچۈنچى تۆرە بەگ ماڭ گۇرتەي،خۇنتەيجى تۆتىنچى تۆرە بەگ،ئۈزىدىن كىچىكلەردىن ئاچىكې،دورغۇن،دودو قاتارلىقلار.
چوڭ تۆرە دەيشەنىڭ ئۈرۈش تۆھپىسى كۆپ،كەڭ قۇساق ،ئىشلارنى ئەتىراپلىق ئۇرۇنلاشتۇرىدىغان،خانجەمەتى ئىچىدە يۈز-ئابرويى چوڭ،خەلق ئىچىدىمۇ ئۇنىڭ نامى چوڭ كىشى بۇلۇپ،خان بۇلۇش شەرىتىنى تۇلۇق ھازىرلىغان.بىراق ئۇنىڭ بىر سەتچىلىكىنى نۇرخاچنىڭ كىچىك خوتۇنى نۇرخاچقا ئاشكارلايدۇ.بۇ سەتچىلىك بولسا:نۇرخاچنىڭ ئەڭ ئومراق خانىشى دۇرغۇنىڭ ئانىسى ئاباخ بىلەن چوڭ تۆرە دەيشەننىڭ بى نورمال مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى بۇلۇپ ،بۇ سەتچىلىكنىڭ راس يالغانلىقىنى ئۇقۇش ئۈچۈن نۇرخاچ ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرەيدۇ.خانىش ئاباخ نۇرغۇن قېتىم كېچىدە ئوردىدىن چىقىپ چوڭ تۆرە دەيشەننىڭ ئۈيىگە بارغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.نۇرخاچ بۇ سەتچىلىكنىڭ سېرىتقا يېيىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ سىر تۇتىدۇ،بىراق بۇ ئىش خان جەمەتى ئىچىدە ئاشكارلىنىپ دەيشەننىڭ ئىناۋىتى تۈكۈلۈپ خان بۇلۇش سالاھىيىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ .(بەزىلەر بۇ مەخپىيەتلىكنى خۇنتەيجى قەستەن خانىش ئاباخ بىلەن ئۆتكۈر زىدىيىتى بار كىچىك خانىش دارىشاغا ئاشكارلاپ خان نۇرغاچقا مەلۇم قىلغۇزغان دەپ قارايدىكەن).
ئىككىنچى تۆرە بەگ ئامى بولسا، نۇرخاچنىڭ ئاكىسى سورغاچنىڭ ئوغلى بۇلۇپ،ئەينى ۋاقىتتا سورغاچ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ،نۇرغاچ تەرپىدىن قەتلى قىلىنغان.ھەمدە ئامىنىڭ ئۈزىدىمۇ نۇرغۇن سەۋەنلىك بولغاچقا ئۇ خان بۇلۇش شارائىتى تۆۋەن.
ئۈچۈنچى تۆرە بەگ ماڭگۇرتەي،غەيرەتلىك بىراق تەدبىرى يوق،ئىت مىجەزلىك كىشى بۇلۇپ، ئانىسى فۇچارىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى تۈپەيلى،ئانىسىنى ئۆز قۇلى بىلەن ئۆلتۈرۋەتكەن بولغاچقا،ئەل ئىچىدە ئانىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل دەپ يامان نامى بار،بۇنداق ئادەم قۇشۇن باشلاپ جەڭ قىلسا بولىدۇ بىراق بىر ئەلنىڭ بېشى قىلسا بولمايدۇ دەپ قارىغاچقا ئۇنىڭ خان بۇلۇش سالاھىيىتى ناھايىتى تۆۋەن.
تۆتىنچى تۆرە بەگ خۇن تەيجى گەرچە ئاچىقى يامان بولسىمۇ يۇقارقىلاردەك چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلمىغان،چۈنكى ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئېھتىيات قىلىپ ئۈزىنىڭ ياخشى تەرپىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ باشقىلار تۇتىۋالغۇدەك ئاجىزلىقنى قالدۇرمىغان.
نۇرخاچنىڭ ئامراق خانىشى ئاباختىن بولغان ئاچىكې،دورغۇن،دودو قاتارلىقلار نۇرخاچ ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا،ئاچىكې 22ياش،دورغۇن15ياش،دودو 12ياش بۇلۇپ نۇرخاچ ئەڭ ئامراق ئوغلى دورغۇن بۇلۇپ،ئۇ ناھايىتىمۇ كەمتەر،پاراسەتلىك ئادەم بىراق ئۇنىڭ يېشى كىچىك ئىدى.بۇ چاغدا خۇنتەيجى 34ياشتا بۇلۇپ ھەرقايسى تەرەپتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە.شۇنداقتىمۇ خۇنتەيجى دورغۇنىڭ خان بۇلۇش ئېھتىمالىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماي،دورغۇنىڭ ئارقا تىرىكى ئانىسى خانىش ئاباخنى كۆزدىن يوقىتىدۇ ئېھتىمالىقنى ئەڭ تكۋەن باسقۇچقا چۈشىرىدۇ.
1626-يىلى8-ئايدا نۇرخاچ نىڭيۇئەنگەقىلغان جەڭدە يارلىنىپ، كېسىلى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.نۇرخاچ كۆز يۇمۇش ئالدىدا خانىش ئاباغ بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن ئاباغنى چاقىرتىدۇ.بىراق ئاباغ كەلگەندە نۇرخاچ ئالا بۇرۇن كۆز يۇمغان بۇلۇپ،خانىش ئاباغ ئۇنى كۆرەلمەيدۇ.خۇنتەيجى، نۇرخاچ ئۈلۈم ئالدىدا مېنى خانىش ئاباغ بىلەن قۇشۇپ دەپنە قىلىڭلار دەپ ۋەسيەت قالدۇردى دەپ،1626-يىلى8-ئاينىڭ12-كۈنى ئاتالمىش ۋەسىيەتكە ئاساسەن ئاباغنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈپ،نۇرغاچ بىلەن بىللە دەپنە قىلىدۇ.جىن خاندانلىقىنىڭ ئەجدات نەسەپنامىسدە چۇقۇم بىر خانىش خان بىلەن قۇشۇپ دەپنە قىلىش كېرەك دىگەن بەلگۈلىمە بۇلۇپ،خۇنتەيجى بۇنىڭدىن پايدىلانغان.بىراق بۇ بەلگۈلىمىدە يەنە باللىرى كىچىك خانىشلارنى قۇشۇپ دەپنە قىلىشقا بولمايدۇ دىيىلگەنكەن.
ئاباغ بىلەن دەيشەننىڭ بى نورمال مۇناسىۋەت ئىشى توغرىسىدا خەۋەر ئاشكارلىنىپ،ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي نۇرخاچ بۇرۇنقىدەكلا خانىش ئاباخنى ياخشى كۈرۈپ كەلگەن ئىكەن.
ناۋادا خانىش ئاباغ ھايات بولسا،ئوغلى دورغۇنىڭ خان بۇلۇش ئېھتىمالىققى يۇقۇرلايدۇ،چۈنكى جىن خاندانلىقىدا خانىشنىڭ نۇپۇزى ۋە ئىناۋىتى ئىنتايىن يۇقۇرى.شۇڭا خۇنتەيجى بار ئامالارنى ئىشلىتىپ خانىش ئاباغنى نۇرخاچ بىلەن قۇشۇپ دەپنە قىلدۇرۇپ،دورغۇنى يۆلەنچۈكسىز قۇيۇپ خانلىق ئورىنغا چىقىش ئىمكانىيىتىنى يوققا چىقىرىدۇ.
خۇن تەيجى چوڭ تۆرە بەگ دەيشەنىڭ ئىككى ئوغلىغا يۇقۇرى مەنسەپ بىرىشكە ۋەدە قىلىپ،ئۈزىنى خان بۇلۇش ئىشىغائىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى تۆرەبەگلەرگە خىزمەت ئىشلەشكە سالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئوردا كېڭەش يىغىنىدا چوڭ تۆرەبەگ دەيشەنىڭ كۆرسىتىشى ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى تۆرەبەگنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن 1626-يىلى8ئاينىڭ15-كۈنى رەسمى تەخىتتە ئولتۇرىدۇ.
ئەيسىنگىرۇ خۇنتەيجى ياشىغان دەۋىر ۋە دۇچ كەلگەن ۋەززىيەت.
خۇنتەيجى ئۇزۇن يىلىق ئەتراپلىق پىلانلاش نەتىجىسىدە،نۇرغۇن رەقىپلىرىنى يېڭىپ خانلىق تەخىتكە ئولتۇرغاندىن كىيىن،كىيىنكى جىن سۇلالىسى نۇرغۇن ئىچكى-تاشقى ۋەزيەتكە دۇچ كېلىدۇ.
1- 1620-يىلى 48يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مىڭ خاننى ۋەنلى58يېشىدا ئۆلىدۇ.ئۇنىڭ ئورنىغا ۋەنلىنىڭ چوڭ ئوغلى جۇ چاڭلۇ يەنى تەيچاڭغان تەخىتكە چىقىدۇ.تەخىتكە چىقىپ بىر ئايدىلا ئۈلۈپ كېتىدۇ.ئۇنىڭ ئورنىغا جۇچاڭلونىڭ چوڭ ئوغلى جۇيوۇشاۋ تەخىتكە چىقىدۇ.جۇيوۇشاۋ 16ياشتا بۇلۇپ 7يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ،23يېشىدا ئۈلۈپ كېتىدۇ. 1627-يىلى مىڭخاندانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى،جۇچاڭلونىڭ5 -ئوغلى جۇيوۇجەن 18يېشىدا تەخىتكە چىقىدۇ.تەخىتكە ۋارىسلىق قىلغان ۋاقتى خۇنتەيجى بىلەن پەقەت بىر يىل پەرىقلىنىدۇ.بىراق بۇ ۋاقىتتا خۇنتەيجى 35ياش بۇلۇپ نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقان،دۆۋلەت باشقۇرۇشتا مول تەجىربىگە ئىگە.ئۇ ھەرقايسى تەرەپتىن جۇيوۇجەندىن ئۈستىن تۇرىدۇ. مىڭخاندانلىقى پادىشالىرى توختىماي ئالمىشىشىش بەلكىم مىڭ خاندانلىقىنىڭ تەقدىرىدىن بىشارەت بەرگەن بۇلىشى مومكىن.(تاغدا مايمۇن پادىشا بولسا،باشقىلارنى دەرەخكە چىقىشقا زورلىغىنىغا ئوخشاش.جۇيوۇجەن ئىنتايىن نادان پادىشا ئىدى،قول ئاستىدىكى قاۋۇل سەركەردىلەر بىر-بىرلەپ قەسكە ئۇچرايدۇ.ئوردىدا بىر نەچچە ھەرەم ئاغىسى ۋە خانىشنىڭ دىگىنى ھېساپ بۇلۇپ كېتىدۇ)
2-لىزىچىڭ (1645---1606)مىڭ خاندانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى بۇلۇپ،1629-يىلى شەنشىدە مىڭخاندانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ،1643-يىلى مىڭخانى جۇيوۇجەننى بېيجىڭدىن قوغلاپ چىقىرىپ بىركۈنلا پادىشا بولىدۇ.لىزىچىڭ خۇنتەيجى تەختكە چىقان ۋاقتىدا 21ياشتا ئىدى.دېمەك مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدى ئالا- بۇرۇن ئۆتكۈر زىدىيەت كۈرۈلگەن بۇلۇپ مىڭ خانىنىڭ زاۋالىققا يۈزلىنىشىنى تېزلەتكەن.
3-موڭغۇلارنىڭ خاننى لىندانخان(1634-1592).موڭغۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ چوڭ كۈچكە بۈلۈنگەن.بىرى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇلار،يەنە بىرى تاشقى موڭغىلىيەدىكى موڭغۇلار،يەنە بىرى ئالتاي تاغلىرى ئەتىراپىدىكى موڭغۇلار بۇلۇپ،لىندانخان ئۈزىنى چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى مەن پۈتۈن موڭغۇلارنىڭ خاننى دەپ جارسېلىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرى.لىندانخان جەنۇپتىكى ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇلارنى خانى بۇلۇپ مىڭ خانى ۋە كىيىنكى جىن خاندانلىقىنىڭ ئوتۇرسىدا ئىدى.لىندانخان خۇنتەيجىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ، كۈچىنى ئەتىراپىغا كېڭەيتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەپ،بىرتەرەپتىن خۇنتەيجى بىلەن قۇدىلىشىپ ئىتپاقلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىڭ خاندانلىقى بىلەنمۇ ئىتپاقلىشىپ ھەر ئىككى تەرەپتىن مۇداپىئە كۇرىۋاتاتى.لىندانخان ۋە خۇنتەيجى بىر يىلدا تۇغۇلغان تەڭتۇشلاردىن بۇلۇپ خۇنتەيجى ئەڭ ئاۋال لىندانخاننى يوقىتىۋېتىدۇ.
خۇنتەيجى،جۇلوۇجەن،لىزىچىڭ،لىندانخان ئەينى ۋاقىتتا شەرقى- شىمال،ئوتۇرا تۈزلەڭلىك،موڭغۇل تۆپىلىكىدىكى تۆت كۈچ بۇلۇپ شەكىلىنىپ،ھەرقايسىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان بۇلۇپ،بىر-بىرى بىلەن سىغىشالمايتى.بۇ تۆت كۈچ تارىختا ھەلقىلغۇچ باسقۇچقا كىرىپ كۈچ كۆرسىشىۋاتاتى.كۈچ كۆرسىتىش دىگەندىن ئەقىل -پاراسات جەھەتتە بەسلەشتى دىگەن تۈزۈكتەك تۇرىدۇ...
خۇنتەيجى قانداق تەدبىرنى قولۇنۇپ ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاساس سالدى؟
ئەقىل-پاراسەت جەھەتە قالغان ئۈچ كۈچ خۇنتەيجىنىڭ رەقىپلىرى ئەمەس.سەۋەبى بولسا خۇنتەيجى شۇ ۋاقىتىكى ئىچكى -تاشقى ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ تۆۋەندىكىدەك تەدبىرنى قولىنىدۇ.
1-ئۆز ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قولىنىدۇ.
ئىككىنچى تۆرەبەگ ئامى ۋە ئۈچۈنچى تۆرەبەگ ماڭگۇرتەينى كۆزدىن يوقىتىدۇ،چوڭ تۆرەبەگ دەيشەننىڭ ھوقوقىنى چەكلەپ،ئۈزىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھوقوقىنى تېخمىمۇ چوڭايتىدۇ.خاننى 8 تۆرەبەگ مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدىغان،چوڭ ئىشلارنى قىلىشتا ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قارار چىقىرىدىغان،خان بىلەن تۆرەبەگ بىرگە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىدۇ.ئۇچ مەھكىمە ئالتە ۋازارەت ۋە نازارات مەھكىمىسى بىلەن مىللى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەھكىمە قۇرۇپ،پۈتۈن جىڭخاندانلىقىنىڭ ئۆرگان قۇرۇلمىسىنى لايھەلەپ چىقىدۇ.تىلغا ئالاھىدە ئېلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، خۇنتەيجىنىڭ مىللى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەھكىمىنى قۇرغانلىقىدا،بۇ ئىلگىرىكى پادىشالىقتا يوق بىر ئىش ئىدى.خۇنتەيجىنىڭ مىللى ئىشلارنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى،مىللى ئىشلارنى توغرا بىرتەرەپ قىلغاندىلا ئاندىن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىپ،مەركەزدە بۇنداق مەھكىمىنى قۇرۇشى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.
2-خۇنتەيجى سەككىز خۇشۇنلۇق تۈزىمىنى تېخىمى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە كۈچۈيتىدۇ،خەنزۇ سەكىز خۇشۇن ۋە مۇڭغۇل سەكىز خۇشۇن تەشكىلەيدۇ، خەنزۇلاردىن ۋەزىر تەيىنلەپ مۇھىم ئىشلارغا قۇيۇپ،خەنزۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى بايقاش ۋە تالاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمدە بۇرۇن ئەسىرگە چۈشكەن خەنزۇ ئەسكەر ۋە دېھقانلارنى مانجۇ باي-تۆرىلەرگە مالاي قىلىپ ھەدىيەگە بەرگەنلەر ئىچىدىنمۇ ئىمتاھانغا قاتنىشىپ ئىقدىدارىنى نامايان قىلىش سالاھىيىتىنى بېرىدۇ ۋە شارائىت ھازىرلايدۇ.شۇنداق قىلىپ بىر تەرەپتىن خەنزۇلار بىلەن مانجۇلار ئۆتۇرسىدىكى زىدىيەتنى پەسەيىتسە يەنە بىر تەرەپتىن خەنزۇلارنىڭ مانجۇ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن كۈچ قۇشۇش پۇرسىتىگە ئىرىشىدۇ.مەنچىڭ ھۆكىمىتىدە ھەرقايسى مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ئەمەلدار بولغاچقا،بۇ ھاكىمىيەت ھەممە تەرەپنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىلىك قىلىدىغان ئۇنۋېرسال ھاكىمىيەت بۇلۇشقا يۈزلىنىدۇ.ھاكىمىيەت بىلەن ھەرقايسى مىللەتنىڭ مەنپەتتى بىر-بىرىگە جىپسىلىشىدۇ.
3-خۇنتەيجى نىڭيۇئەن،نىڭجىڭ ۋە بېيجىڭدىكى ئۈچ قېتىملىق جەڭدە مەغلۇپ بۇلۇش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ،دۈشمەندە بار ئىلغار قۇرال "قىزل يۇپۇقلۇق زەمبىرەك"نىڭ ئۈزىدە يوقلىغى،شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتا بۇخىل قۇرالدىن پايدىلانمىسا بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىپ،1631-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆز خاندانلىقىدا قۇيدۇرۇپ مۇۋەپىقىيەت قازىنىدۇ.خۇنتەيجى بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي،مەخسۇس توپچى قىسىم تەشكىلەپ ئايرىم مەشىق قىلدۇرىدۇ.شۇنداق قىلىپ جىن خاندانلىقىدا يىنىك يۈرەر ھەركەتچان ئاتلىق،پىيادە قىسىم ۋەئېغىر قۇرالانغان زەمبىرەك قىسىمى بارلىققا كىلىپ ھەربى كۈچ جەھەتتىن ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ.
4-خۇنتەيجى دادىسى نۇرخاچ يولغا قۇيۇپ كەلگەن يىراقتىكى بىلەن ئىتپاقلىشىش،يېقىندىكىنى قۇشىۋېلىش،كۈچلۈك بىلەن ئىتپاقلىشىپ ئاجىزنى قېتىۋېلىپ ئەڭ كۈچلۈك ھالەتنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ پىرىنسىپنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.ئۇ شەرقى -شىمالدىن ئىبارەت بۇ زىمىندىن ئوتۇرا تۈزلەڭلىككە ۋە موڭغۇل تۆپىلىكىگە كېيىپ كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوڭ دۈشمەنگە پايدىلىق ۋەزىيەتنى ئۇنىڭغا پايدىسىز ئەھۋالغا ئېلىپ كىلىشى،ئۈزىگە پايدىسىز ئامىلنى پايدىلىق ئامىلغا ئۆزگەرتىشتە دەپ قارايدۇ.
ئۇنداق بولسا چوڭ دۈشمەننى يوقۇتۇشتا خۇنتەيجىگە پايدىسىز ئامىل قايسى؟قانداق قىلىپ پايدىسىز ئامىلنى پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندۇرىدۇ؟
خۇنتىيجى تەخىت تالىلىشىش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ چۈشەندىكى،ھوقوق-مەنپەت تالىشىش كۆرشى دادا-بالا،ئانا-بالا،ئۇرۇق -تۇققان دىگەن ئۇقۇمنىڭ بولمايدىغانلىقى،بۇ كۆرەشكە كىرىشىپكەتكەن كىشىدە ئىنسانىڭ يەنە بىر تەرپى گەۋدىلىك رول ئوينىدىغانلىقىن تۇنۇپ يەتتى.خۇنتەيجى ھازىرقى ھالەت ئۆزگەرمەي تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، قۇددىلاشقان موڭغۇللار،داپغۇلار ۋە ئات-كالا سۇيۇشۇپ ئىتپاق تۈزۈشكەن چاۋشەنلەر بىلەن ئىتپاقلىقنى ساقلىغان بىلەن،ھازىرقى ھالەت ئۆزگۈرۈپ تەڭپۇڭلۇق ۋەزىيەت ئۆزگەرسىلا كىم بىلەن كىمنىڭ دوس،كىم بىلەن كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىدىن سۆز ئېچىش مومكىن ئەمەس ئىدى. ناۋادا خۇنتەيجى ئەتىراپىدىكى ئىتپاقلىق مۇناسىۋەتكە تۇلۇق ئىشىنىپ بىۋاستە مىڭ سۇلالىسىگە قۇشۇن تارتىپ چىقىپ ھەل قىلغۇچ پەيىتكە كەلگەندە چاۋشەن موڭغۇل ۋە داپغۇرلارنىڭ ئاستىرىتىن مىڭ خانىغا ياردەم بەرمەيدۇ دىگۈلى بولمايتى.چۈنكى مىڭ خاندانى يوقالسا كىيىن قېتىمدا نۆۋەتنىڭ ئۈزىگە كېلىدىغانلىقىنى ئۇزۇن يىل ھوقوق تۇتۇپ دەۋىر سۈرگەن ئادەم تۇلۇق چۈشىنىدۇ.شۇڭا خۇنتەيجى ھازىرقى تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋەتنى بۇزۇشتىن بۇرۇن،موڭغۇل،داپغۇر ۋە چاۋشەنلەرگە قۇشۇن تارتىپ بىر-بىرلەپ ئۈزىگە بويسۇندۇرۇپ،بۇرۇنقى ئىتپاقلىقتەك باراۋەر مۇناسىۋەتنى بېقېندىلىق مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇرىشى كېرەك ئىدى.
كۆپىنچى ھالاردا ئۈزىگە پايدىلىق ئامىلار كۈرۈنۈشتە شۇنداق تۇرغان بىلەن ئۇنىڭدا نۇرغۇن پايدىسىز ئامىلار يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.
خۇنتەيجى ھازىرقى كۈچسېلىشتۇرما جەھەتتىكى تەڭپۇڭلوق ۋەزۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاشتا بېسىپ ئۆتىدىغان ئاقىلانى يول ئىدى.شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن ئۈزىنىڭ شەرق،غەرىپ ۋە شىمالدىكى ئىتپاقىغا قۇشۇن تارتىپ چىقىدۇ.
1627-يىلى چاۋشەنگە قۇشۇن تارتىپ پىڭراڭنى ئىشغال قىلىپ قېرىداشلىق ئىتپاقىنى تۈزىگەن بولسا،1636-يىلى ئىككىنچى قېتىم قۇشۇن تارتىپ چىقىپ،چاۋشەن ۋاڭى لىزوڭنى ئەسىرگە ئېلىپ،لىزوڭنى چاۋشەننى باشقۇرىدىغان ۋەززىر قىلىپ بېكىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن چاۋشەننى ئۈزىنىڭ تېرتوريىسىگە كىرگۈزىۋالىدۇ.
1629-يىلى شىمالدىكى داپغورلاغىمۇ بىرىنچى قېتىم قۇشۇن تارتىپ چىقىدۇ، داپغورلارنىڭ ئاقساقىلى بارداشقا قىزىنى بىرىپ ئۈزىگە كۈي ئوغۇل قىلىۋالغان بولسا،ئىككىچىنچى جېتىم قۇشۇن تارتىپ چىقىپ خېيلوڭجڭ دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئۆتىرا ۋە تۆۋن ئېقىمىدىكى داپغۇرلارنى پۇتۈنلەي بويسۇندىرىدۇ ھەمدە داپغورلارنىڭ يېڭى ئاقساقىلى بوگۇرنى تىرىك تۇتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن شىمالدىكى داپغۇلار مەسىلىسى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل بولىدۇ.
غەرىپتە موڭغۇلار يۇقۇردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك،ئۈچكە بۈلۈنگەن بۇلۇپ،جەنۇپتىكى موڭغۇل لىندانغان ۋە شىمالدىكىسى قارا موڭغۇلار ئىدى.شۇنداقلا خۇنتەيجى ئالغان بىر خانىش ۋە 4 بانۇلارنىڭ ھەممىسى موڭغۇل بۇلۇپ ئىتپاق ئۈتۈشنىڭ سېمۋولىرى ئىدى.
1628-يىلى خۇنتەيجى لىندانغانىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى زىدىيەتتىن پايدىلىنىپ كېرچىن يايلاقتىكى موڭغۇلار بىلەن بىرلىشىپ بىرىنچى قېتىم قۇشۇن تارتىپ لىندانغا ھۇجۇم قىلىدۇ،ئوۋمۇلۇندىكى جەڭدە زورغەلبە قىلىپ نۇرغۇن ئەسكەر ۋە چارۋا-مالارنى قولغا چۈشۈردۇ.1635-يىلى يەنە بىر قېتىم موڭغۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ كۆخوتنى ئىشغال قىلىدۇ.بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان لىندانغان چىڭخەي يايلىقىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ ھەمدە شۇ يىلى قىزىل چىقىپ ئۆلىدۇ.لىندانغان ئۇلىشى بىلەن موڭغۇل تۆپىلىكتە چاقنىغان بىر يۇلتۇز ئۆچىدۇ.ئۇ شۇ يىلى 43ياشتا ئىدى.
خۇنتەيجى تەختكە چىقىپ 10يىل ئىچىدە ئەتىراپىدىكى ئىتپاقىنى بىر-بىرلەپ يوقۇتۇپ،ئۈزى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ھالەتتىن ئۈزىگە قاراشلىق دائىرگە كىرگۈزىدۇ،بىراق يەنىلا قۇدىلىشىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ.شۇنداق قىلىپ خۇنتەيجى مىڭ سۇلالىسىگە قۇشۇن تارتىپ چىقىشتا،ساقلانغان يۇشۇرۇن ئاپەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ.1636-يىلدىن كىيىن مىڭ ۋە چىڭدىن ئىبارەت ئىككى كۈچ تىركىشىپ تۇرىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ.شۇ ۋاقىتلاردا خۇنتەيجىنىڭ ئەمىلى تېرتوريىسى 5مىليۇن كۆۋادىراتنى كىلىمىتىرغا يېتىدۇ.
مىڭ سۇلالىسىنىڭ قانداق ھالەك بولىدۇ؟ خۇنتەيجى تەخىت ۋارىسى تىكلىمەي تۇرۇپلا تۇيۇقسىز ئۆلگەندىن كىيىن، چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۇران- چاپقۇن قانداق بولدى؟فۇلىن قانداق بۇلۇپ تەخىتكە چىقىدۇ؟
خۇنتەيجىنىڭ مىڭ خاندانلىقىغا قىلغان ئۇرىشى ۋە ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۈتۈشى.
خۇنتەيجى تەخىتكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مىڭ خاندانلىقىغا ھەربى يۈرۈش قىلىدۇ.نىڭ يۇئەن ۋە نىڭجىڭدىكى ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.مەغلۇپ بۇلۇشتىكى سەۋەپ نۇرغۇن بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئىككى.بىرى مىڭ خانىنىڭ داڭلىق سەركەردىسى يۇئەن چوڭخۇئەننىڭ تەدبىرى.يەنە بىرى قىزىل يۇپۇقلۇق زەمبىرەك.
بۇ يەردە مىڭ خاندانلىقىنىڭ داڭلىق سەركەردىسى،ھازىرقى خەنزۇلارنىڭ پەخىرلىق ئوغلانى يۇئەن چوڭخۇئەننى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشنى لايىق تاپتىم.
يۇئەن چوڭخۇئەن 1582-يىلى گۇئاڭدوڭدا تۇغۇلغان،تىگى تەكتى گۇئاڭشىلىق(خەنزۇلار ئەزەلدىن ئىككى يۇرۇتنى قۇلۇنىدۇ.بىرى ئەجدادىنىڭ تۇغۇلغان ماكانى يەنە بىرى ئۈزى تۇغۇلغان ياكى ياشىغان يۇرۇت).1630-يىلى مىڭ خانى جۇيوۇجېن ئەڭ قەبىھ ئۇسۇل بىلەن جازالاپ ئۆلتۈرىدۇ.ئۇ ئۈلۈپ يۈز يىلغىچە نامى ساتقۇن دەپ قارىلىپ كېلىدۇ.چەنلوڭ زامانىسىغا كەلگەندە،ئاندىن ئۇنىڭ ھەققى ئۈلۈش سەۋەبى جامائەتكە ئاشكارلىنىدۇ.
نۇرخاچ مىڭ خاندانلىقىغا "يەتتە چوڭ نەپرەت"نى ئېلان قىلىپ قۇشۇن تارىتقاندىن كىيىن،مىڭ خاندانلىقى لىئاۋنىڭ ئۇرۇش رايۇنىڭ باش قۇماندانلىقىغا سەركەردە سۇن چېڭزوڭنى تەيىنلەيدۇ.سۇن چېڭزوڭ باش قۇماندان بولغاندىن كىيىن،پايتەخت بېيجىڭنى جىن قۇشۇنىدىن مۇداپىئەلىنىش لايھەسىنى تۈزەيدۇ.لىئاۋنىڭدىكى جىڭجوۇ ۋە نىڭيۇئەننى ئالدىنقى مۇداپىئە بارگاھ،شەنخۇئەيگۇئەننى ئارقا مۇداپىئە بارگاھ قىلىپ جىن قۇشۇنىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئە قىلىدۇ.مۇشۇۋاقىتتا يۇئەن چوڭخۇئەن نىڭيۇئەننى ساقلايدىغان باش سەركەردە ئىدى.ئالدىنقى يازمىدا دەپ ئۆتكەندەك يۇئەن چوڭخۇئەن جىن قۇشۇنى ئەتراپلىق تەھلىلى قىلىپ نىڭيۇئەن شەھەر سېپىلىدىن چىقماي، سېپىل قۇۋىقىغا زەمبىرەك ئورنىتىپ جىن قۇشۇنىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىدۇ،ھەمدە 44يىل غەلبىلىك جەڭ قىلغان نۇرخاچنى يېڭىپ ۋە ئۇنى يارلاندۇرۇپ ئۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.بەلكىم خەنزۇ خەلقى مۇشۇ ئىشتىن بولسا كېرەك يۇئەن چوڭخۇئەننى بەك چوڭ بىلىدۇ.
خۇنتەيجىمۇ بىر نەچچە قېتىم يۇئەن چوڭخۇئەن بىلەن ئېلىشىپ قاتىق مەغلۇپ بولىدۇ.ئۇ بىر تەرەپتىن شېنياڭدا زەمبىرەك قۇيدۇرسا،يەنە بىر تەرەپتىن يۇئەن چوڭخۇئەننى كۆزدىن يوقۇتۇشتا "ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش" ھېلىسىنى ئويلاپ تاپىدۇ.خۇنتەيجى 40 نەچچە مىڭ كىشىلىك قۇشۇن بىلەن ئىچكى موڭغۇل تەۋەلىكىدىن ئايلىنىپ ئۈتۈپ بىۋاستە بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ.بۇ خەۋەرنى بىلگەن يۇئەن چوڭخۇئەن ۋەزىيەتنىڭ جىدىلىكىنى بىلىپ 9مىڭ كىشىلىك قۇشۇن بىلەن 3 كېچە- كۈندۈز يول يۈرۈپ ياردەمگە بارىدۇ.بىراق شۇ ۋاققىتتا خۇنتەيجى مىڭ ئوردىسىدىكى ئۇرۇشقا نازارات قىلغۇچى ھەرەم ئاغىسىنى تىرك ئەسىرگە ئالىدۇ.بۇ ھەرەم ئاغىسىنىڭ ئۇرۇشقا نازارەتچى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن،" ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش"ھېلىسىنى ئىشقا سېلىشقا باشلايدۇ. ھەرەم ئاغىسى سولانغان يەرنىڭ نازارەتچىلىكىنى قەستەن ئۇ قېچىشقا پۇرسەت بولغىچە قاتتىق ساقلىغاندەك ھالەتنى شەكىلەندۈرىدۇ.ھەمدە ھەرەم ئاغىسى سولانغان تۈرمىنى بېقىشقا مەسئۇل ياساۋۇلار،تۈرمە سېرتىدا ھاراق ئىچكەچ ئۆز-ئارا پاراڭلىشىدۇ، خۇنتەيجىنىڭ بېيجىڭغا 40مىڭ كىشىلىك قۇشۇنىڭ ھىچكىمگە تۇيدۇرماي كىلىشدە يۇئەن چوڭخۇئەنىڭ توھپىسى زورلىقىنى،ئۇ بولمىغان بولسا بۇنچىۋالا زور قۇشۇنىڭ ئالا-بۇرۇن پاش بوپ قالىدىغانلىقىنى، يۇئەن چوڭخۇئەن ئىچىدىن، خۇنتەيجى سىرتىدىن ماسلىشىپ مىڭخانىنى يوقىتىدىغانلىقىنى،يۇئەن چوڭخۇئەنگە چوڭ مەنسەپ بېرىدىغانلىقىنى سۆزلىشىدۇ.ئارىدىن بىر ياساۋۇل بۇ مەخپىيەتلىكنى بۇ يەردە سۆزلەشمەيلى دىسە يەنە بىرى بۇلارنىڭ كالىسى ئەتە ئېلىنىدۇ،مىڭ خانىنىڭ كىمنىڭ قۇلىدا ھالەك بولغىنى بۇلار بىلىپ قالسۇن دەيدۇ.خۇنتەيجى ھەرەم ئاغىسىنىڭ بۇ گەپلەرگە ئىشەنمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئۈلۈم جازاسىغان ھۆكۈم قىلىپ ئەتىسى قەتلى قىلماقچى بولغانلىقتەك ئۇيۇن ئوينايدۇ.ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرمە يېنىدا زور بىر ئۆت ئاپىتى يۈز بېرىدۇ.ھەرەم ئاغىسى تۈرمىدىن ئوت ئاپىتىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىدۇ.شۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە خۇنتەيجى ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئۇزۇق-تۈلۈكنى كۆيدۈرىدۇ. ھەرەم ئاغىسى شۇ قاشقانچە مىڭ ئوردىسىغا بېرىپ خانغا ئۈزىنىڭ قانداق ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقنىڭ سەۋەبىنى، يۇئەن چوڭخۇئەننىڭ ساتقىلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ خانغا چۈشەندۈرىدۇ.بۇ خەۋەرنى راس دەپ بىلگەن نادان پادىشا يۇئەن چوڭخۇئەننى ئوردىغا چاقارتىپ كېلىپ تۇتۇپ تۇرمىگە قامايدۇ.بىريىلدەك قاتىق -قىيىن قىستاققا ئالىدۇ. ئاخىرى ئېغىر قىيناشقا چىدىمىغان يۇئەن چوڭخۇئەن ئۇلارنىڭ دىگىنى بۇيىچە ھەمىنى ئىقرار قىلىدۇ.1930-يىلى ئۇنى پاچىلاپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بىرىپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلماقچى بولىدۇ.پارچىلاپ ئۆلتۈرۈش دىگەنلىك بەدىنىدىن بىر چىشلەم-بىر چىشلەم گۆشنى ئۇيۇپ ئېلىپ ئۆلتۈرۈش دىگەنلىك بۇلۇپ بۇ ئەڭ ئېغىر جىنايەتچىگە بېرىلىدىغان جازا.شۇنداق قىلىپ بۇ داڭلىق سەركەردە ناھەق ھالدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۈلۈپ كېتىدۇ،ھەتتا نامى يۈز يىلغىچە قارلىنىپ كېلىدۇ.ئۇ شۇ چاغدا ئەمدىلا 48ياش ئىدى.
خۇنتەيجى بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقىدۇ.بىرىنچىدىن دادىسىنىڭ قىساسىنى ئالغان بولسا، ئىككىنچىدىن بۇ تەدبىرلىك رەقىبىنى كۆزدىن يوقىتىدۇ.
يۇئەن چوڭخۇئەن، سۇن چېڭدې قاتارلىق داڭلىق سەركەردىلەرنىڭ يوقىلىشى مىڭخاندانىلىقىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلىتىدۇ.
مىڭ خاننى لىئاۋنىڭغا خوڭ چېڭشوۇنى باش قۇماندان،زۇداشۇ ۋە ۋۇشاڭنى(ۋۇسەنگۈينىڭ دادىسى) ياردەمچى قىلىپ لىئاۋنىڭنى ساقلاشقا قويىدۇ.
1941-يىلى دالىڭدىكى جەڭدە ۋۇ شاڭ ۋە زۇداشۇلار ئۇرۇش قىلماي قېچىپ كېتىدۇ.ۋۇسەنگۈينىڭ ئاكىسى ۋۇسەنفېڭ خۇنتەيجىگە تەسلىم بولىدۇ.
1942-يىلى خۇنتەيجى زۇداشۇنى جىڭجۇدا بىر يىل قۇرشاۋغا ئېلىۋالىدۇ،قۇرشاۋنى بۇزۇپ جىڭجۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان، سوڭشەن ۋە شىڭشەندىكى جەڭدە باش قۇماندان خوڭ چېڭشوۇ تىرىك ئەسىرگە چۈشىدۇ،زۇداشۇ جىڭجۇدا بىر يىلغىچە قۇرشاۋدىن قۇتلالمىغاچقا ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ، خۇنتەيجىگە تەسلىم بولىدۇ.ۋۇسەنگۇي سوڭشەندىكى جەڭدە ۋاڭپۇدىن قالسىلا ئىككىنچى قېتىم قاچقان كىشى بولغاچقا ۋاڭپۇغا ئۈلۈم جازاسى، ۋۇسەنگۈيگە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش جازاسى بېرىدۇ.شۇنداق قىلىپ مۇھىم قورغان جىڭجۇ ،سوڭشەن ۋە شىڭشەنلەرقولدىن كېتىدۇ.باش قوماندان تىرىك قولغا چۈشىدۇ.شۇ يىلى كۈزدە 33ياشقا كىرگەن ۋۇسەنگۈي باش قۇماندان بولىدۇ.
ۋۇسەنەگۈينىڭ ئەمەل تۇتۇش جەريانى ۋە چىڭ قۇشىنىغا تەسلىم بۇلۇش سەۋەبىنى كېلەر قېتىم يازىمەن.
لىئاۋنىڭدىكى جەڭلەر شۇنداق ئۇتۇقلۇق بۇلۇپ،مىڭ قۇشۇنىڭ باشقۇماندانى ۋۇسەنگۇينى نىڭيۇئەندە قۇرشاۋغا ئېلىۋالغان،نىڭ يۇئەننى ئالسىلا قورۇلدىن كىرىدىغان ۋەزىيەتتە،
1643-يىلى 8-ئاينىڭ9-كۈنى چىڭ ئوردىسىدا، تاسادىبى چوڭ بىر ۋەققە سېرىتقا تارقىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ چىڭخادانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلات پادىشاھى خۇنتەيجى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ھېچقانداق ۋەسىيەت قالدۇرمايلا ئۈلۈپ كېتىدۇ.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغانلار بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى خۇنتەيجى ئەتىگەنلىك قۇبۇلدا ئۈلۈپ قالىدىغاندەك ئەمەس ئىدى...شۇنداق ساغلام بۇلۇپ ھىچقانداق كېسەلىك ئالامىتى يوق بۇلۇپ،ئۇ شۇ يىلى ئەمدىلا 52ياشتا ئىدى.خەۋەرنىڭ راسلىقىنى بىلگەندىن كىيىن،خۇنتەيجىنىڭ جەسىتى سۇۋىماي تۇرۇپ خانزادىلەر ۋە تۆرە بەگلەرنىڭ كوڭلىگە كېلەر قېتىملىق پادىشانىڭ نامزاتتى كىمنىڭ بۇلۇشى ئارامىدا قۇيۇشمايۋاتاتى.ۋەسىيەت قالدۇرۇلمىغان ئىكەن يەنىلا ئوردا كېڭىشى بېكىتىپ چىقىدىغان مەسىلىگە دۈچ كېلىدۇ.خانلىق تەخىتتە پەقەتلا بىرلا ئادەم ئولتۇرىدۇ،بىراق ئولتۇرىدىغان نامزات كۆپ،خان بولىدىغان نامزاتىڭ شەرتىگە توشىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ.نامزاتلار تۆۋەندىكىچە.
چىن ۋاڭلاردىن.
1.-خۇنتەيجىنىڭ چوڭ ئوغلى سۇچىن تۆرەبەگ خاۋگې.2.-نۇرخاچنىڭ 14-ئوغلى رۇيچىن تۆرەبەگ دورغۇن.3-لىچىن تۆرەبەگ دەيشەن4.-جېڭچىن تۆرەبەگ چېرخالا.
جۈن ۋاڭلاردىن.
1.-يىڭجۇن تۆرە ئاچىكې.2.-يۇ جۇن تۆرە دودو.3.-يىجۇن تۆرە ئادالى قاتارلىق بۇلۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە سۇچىن تۆرە بەگ بىلەن رۇيچىن تۆرە بەگنىڭ سالاھىيىتى ھەممە تەرەپتىن توشىدۇ.
بۇلارنىڭمۇ ئوتۇرسىدا زىدىيەتلەر ئۆتكۈر بۇلۇپ بۇرۇندىنلا چىقىشالمايتى.بىرق خۇنتەيجىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ سىرتىغا چىقىرالمىغان.ناۋا بۇ ئىككىسىنىڭ قايسى بىرى خان بولسا، قارشى تەرەپ قايىل بولماي ئىچكى مالىمانچىلىق كۈرۈلەتتى.
سۇچىن تۆرەبەگ خاۋگې(1609--1648) خۇنتەيجىنىڭ چوڭ ئوغلى بۇلۇپ 35ياشتا ئىدى ،ئۇنىڭ جەڭدە قوشقان تۆھپىسىمۇ زور ،تالانتىمۇ بار، قۇلىدا باشقۇرۋاتقان سەككىز تۇغلۇق قۇشۇنىڭ ئۈچى شۇنىڭ باشقۇرىشىدا بۇلۇپ قول ئاستىدىكىلىرى ئۇنىڭغا بەكمۇ سادىق بۇلۇپ ،ھەمدە لىچىن تۆرەبەگ دەيشەنىنىڭ قۇلىدا ئىككى تۇغلۇق قۇشۇن ،جېڭچىن تۆرەبەگ چېرخالانىڭ قولىدا بىر توغلۇق قۇشۇن بۇلۇپ، خاۋگېنىڭ خان بۇلىشىنى قولايتى ۋە ئۇنىڭغا مايىل ئىدى.
رۇيچىن تۆرەبەگ دورغۇن(1612--1650) نۇرخاچنىڭ 14-ئوغلى بۇلۇپ32ياشتا ئىدى،ئۇنىڭ جەڭدە قوشقان تۆھپىسى،ئەقىل-پاراسىتى خاۋگېدىن قېلىشمايتى،ئۇنىڭ قۇلىدى ئىككى تۇغلۇق قۇۇشۇن بار بۇلۇپ،ئۇلارمۇ دورغۇنغا سادىق ئىدى.جۇنۋاڭلاردىن ئاچىكې ۋە دودو دورغۇنىڭ بىر قۇساق ئاكا-ئىنلىرى بۇلۇپ دورغۇننى قولايتى.
1943-يىلى8-ئاينىڭ 14-كۈنى تاڭ سەھەردە، ئوردا كېڭىشى ناھايىتىمۇ جىددىلىك بىلەن باشىنىدۇ.ئەگەر بۇ ئىش توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىسا،چوڭ ئىچكى ئۇرۇش بولىدىغىنى ئېنىق بۇلۇپ،ھەر قايسى تەرەپ ئۆز قۇشۇنلىرىنى بارگاھتا بۇيرۇق ساقلىتىپ قويغان ئىدى.
بۇ يەتە تۆرە بەگنىڭ ئىچىدە دەيشەن ياشتا چوڭ بۇلۇپ،بۇ كېڭەشكە رىئاسەتچىلىك قىلىدۇ.
ئۇلار ئوتۇرسىدا كەسكىن بەس مۇنازىرە باشلىنىدۇ.دورغۇنىڭ ئاكىسى ئاچىكې بىلەن ئۇكىسى دودو ھەدەپ دورغۇنى تەۋسىيە قىلىدۇ.دورغۇن بىرمۇ ئېغىز گەپ قىلماي تۇرىۋالىدۇ،بۇ چاغدا بالدۇر سۆز ئېچىش ئاقىلانىلىقا كىرمەيتى.تالاش تارتىش ئەۋجىگە چىققاندا، دودو دەيشەننى خان بولسۇن دەيدۇ...دەيشەن مەن قېرىپ قالدىم سالامەتلىكىممۇ ياخشى ئەمەس دەيدۇ،ئۇ يەنە خاۋگېنى ئەڭ ياخشى نامزات دەپ كۆرسىتىدۇ.ۋەزىيەتنىڭ ئۈزىگە پايدىلىقلىغىنى ھىس قىلغان خاۋگې تەكەلۇپ بىلەن مېنىڭ يەنە ئۆگىنىدىنىم كۆپ،تۆھپەم يېتەرلىك ئەمەس دەپ كەمتەرلىك قىلىدۇ.يەنە بىر قېتىم زورلىغاندا ئاندىن ماقۇل بولماقچى بولىدۇ،بىراق ۋەزىيەتنىڭ خاۋگېغا پايدىلىق بۇلۇپ كىتىپ بارغاننى كۆرگەن دورغۇن،دەرھاللا ئورنىدىن تۇرۇپ بايام دەيشان تاغىمىز،ۋە خاۋگې تۆرەبەگ خانلىقنى قۇبۇل قىلمىدى، بىز يەنە مەسلىھەتلىشەيلى دەپ ۋاستىلىق ھالدا قۇشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.تالاش-تارتىشنىڭ ئايىقى چىقمايۋاتقان ۋاقىتتا ئوردا ۋەزىرى پېيجەن ئوتۇرغا چۈشۈپ"بىز خانىڭ ئاش-تۇزىنى يەپ،نۇرغۇن ئاتىدارچىلىققا ئېرىشكەن بولغاندىن كىيىن،بىز مەرھۇم خانغا يۈز كېلەلىشىمىز كېرەك،شۇڭا چۇقۇم خانزادىلەردىن خان سايلايلى" دەپ مەسلىھەت كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن دورغۇنىڭ خان بۇلۇش ئىمتىيازىغا تەسىر يېتىدۇ.زادىلا چىداپ بولالمىغان خاگې ئورنىدىن تۇرۇپ،دادىسىنىڭ ھەرقەيسىغا قىلغان ئىلتىپاتىنى،ۋە ئۈزىنىڭ خان بولغاندىن كىيىن قىلىدىغان ئىشلىرنى سۆزلەپ ئۈزىنىڭ ئەڭ ياخشى سالاھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. دورغۇنمۇ بوش كەلمەي، ئورنىدىن تۇرۇپ سالماقلىق بىلەن مۇنداق دەيدۇ،توغرا بىزگە خان كۆپ ئاتىدارچىلىق قىلغان،خانزادىلەردىن سايلىساق بولىدۇ،بىراق خانزادە دىگەنلىك خاۋگېنىلا ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ دەيدۇ...ۋەزىيەت دورغۇنىڭ خان بۇلۇش ئىمكانىيىتى بولمىغاندىن كىيىن،يۇچۇق تېپىپ خاۋگېنىڭ خان بۇلۇش يۇلىنى توسىدۇ.ئارىدىن جىنچىڭ تۆرەبەگ چېرخالا ئوتۇرغا چىقىپ 9-خانزادە 6ياشلىق فۇلىننى كۆرسىتىدۇ.ھەمدە دورغۇننى خانغا ياردەمچى بەگ بولسۇن دەيدۇ.دورغۇن دەرھاللا قۇشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە خانغا ياردەمچى بەگ بىر بولسا بولمايدۇ جىڭچىن تورەبەگمۇ ھەمكارلاشسۇن دەيدۇ.دەيشەن،دودو،ئاچىكې ھەمىسىلا بۇ ئاقىلانە قارار بولدى دەپ قۇشىلىدۇ.خاۋگېمۇ ئامالسىز ھالدا قۇشىلىدۇ...شۇنداق قىلىپ جىددى ۋەزىيەت سەل بېسىقىپ،فۇلىننى خان قىلىش توغرىسىدا كېڭەش باشلىنىدۇ.ئاخىرىدا ھەمىسى بىردەك قۇشۇلۇپ ئەيسېگېرۇ فۇلىننى خان قىلىپ بېكىتىدۇ. تۇيۇقسىزلا ھىچنىمىدىن خەۋرى يوق بىر بالا خان بۇلۇپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ كەسكىن ۋەزىيەت ۋاقىتلىق بېسېىققان بولىدۇ.
1943-يىلى-8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەيسېنگىرو فۇلىن 6يېشىدا تەختكە ئولتۇرىدۇ.يىلنامىسىنى شۇنجى قىلىپ بېكىتىدۇ.
فۇلىن گەرچە خان بولسىمۇ ئۇ كىچىك بولغاچقا،ھوقوقنى رەسمى قولغا ئېلىپ دۆۋلەت باشقۇرغىچە بولغان يەتتە يىلدا،چىڭ سۇلالىسى تارىخدا مەشھۇر ئايال بورجىجىت يەنى شاۋجۇئاڭ خانىش ۋە خان ئاتىسى ياردەمچى بەگ دورغۇنلار مەيدانغا كېلىدۇ.ئۇلارنىڭ تارىختىكى توھپىسى ھەرقايسى دەۋىردىكى خانلاردىن قېلىشمايدۇ.
تارىخ خۇنتەيجىگە قانداق باھا بەردى؟دورغۇن،خانىش جۇئاڭفېي،ۋۇسەنگۈي ۋەلىزىچىڭلار دەمەتلىك بۇلۇپ، ئۇلار ئوتورسىدىكى ئەقىل جەھەتىكى كۈچ سىنىش قانداق بولىدۇ؟ۋۇسەنگۈي نىمە ئۈچۈن لىزىچىڭغا تەسلىم بولماي نۇرغاچقا تەسلىم بولدى؟.
خۇنتەيجى 17يىل خان بۇلۇش جەريانىدا،دادىسىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدىنى يەردە قويماي تارىختىكى دانا خانلارنىڭ قاتارىغا كىردى.ئۇ جورجىتلارنىڭ نامىنى مانجۇغا ئۆزگەرتىپ،مانجۇ دەپ ئاتىلىدىغان مىللەتنى تارىخ بىتىگە يازدۇردى.نۇرخاچ ئىجات قىلغان مانجۇچە خەت ئاساسىدا،مانجۇچە يېزىقنى تېخىمۇ مۇكەمەلەشتۈردى.ئىچكى زىدىيەت ۋە تاشقى مەسىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ ئەۋلادىنىڭ ئوتۇرا تۈزلەڭلىكنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاساس سالدى.مىللەت مەسىلىسىنى دەۋىر شارائىتدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،توغرا بىر تەرەپ قىلدى دىيىشكە بولىدۇ.سەككىز توغلۇق قۇشۇنىڭ ئىنتىزامىنى كۈچەيتىپ،توپچى قىسىم قۇرۇپ،160مىڭ كىشىلىك ئەڭ جەڭگىۋار سەككىز خۇشۇنلۇق چىڭ قۇشۇنى قۇرۇپ چىقىپ ھەربى كۈچ جەھەتتە رەقىپلىردىن ئېشىپ چۈشتى.گەرچە ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئوتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان بولسىمۇ كىيىنكى ئەۋلادىنىڭ ھەرقايسى تەرەپتىن مۇكەمەلىشىگە ئاساس سالدى.
ئەيسېنگىرۇ خۇنتەيجىگە كىينكىلەر تەيزوڭ دىگەن نامنى بىرىپ، دادىسى نۇرخاچ (گاۋزۇ)،ئوغلى فۇلىن(شىزۇ) ۋە نەۋرىسى شۇئەنيى (شېنزۇ) لادەك ھورمەت ئاتىقىغا ئىرىشەلمىگەن بولسىمۇ،ئۇنىڭ چىڭ خاندانلىقىنىڭ تەرەقىياتىغا قوشقان توھپىسى ئۇلاردىن كەم ئەمەس.
مەنبە: ئىزدىنىش يوللىغۇچى: كۆلتېگىن
ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەر ئەسلى يوللىغۇچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخ تور بېتىگە يوللاندى.