kokasman
كۆك تۈرۈك
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى : 2007-12-26

 تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسى تۈزۈلمەكچى

تۈركىيە جۇمﻬۇرىيىتى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان 34 ﻫەرپتىن تەركىپ تاپقان بىر ئېلىپبە تۈزۈپ چىقىشنى پىلانلىماقتا. تۈركىيىنىڭ يېڭى رەئىس جۇمﻬۇرى ئابدۇللاﻫ گۈل 9- 10- ئۆكتەبىر كۈنلىرى تۈركمەنىستانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە تۇركولوگلارنىمۇ ئېلىپ بارغان بولۇپ، زىيارىتى جەريانىدا ئۇلاردىن تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسى ﻫەققىدە مەلۇمات ئالغان.
مۇتەخەسسىسلەر، رەئىس جۇمﻬۇرى ئابدۇللاﻫ گۈلگە، تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىل مەسىلىسىنى ﻫەل قىلىش ئۈچۈن لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئورتاق بىر يېزىق تىلى يارىتىش كېرەكلىكىنى، بۇ تىلنى يارىتىش ئۇچۇن ئالدى بىلەن 34 ﻫەرپتىن تەركىپ تاپقان بىر ئېلىپبە تۈزۈپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

بۇ تۈركولوگلار يەنە ﻫەرقايسى تۈركىي جۇمﻬۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە رەئىس جۇمﻬۇرلىقى تارمىقىدا تۈرك دۇنياسى سېكېرتارلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئابدۇللاﻫ گۈلنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى دېگەن. تۈركولوگلار رەئىس جۇمﻬۇرى ئابدۇللاﻫ گۈلگە تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمﻬۇرىيەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئابدۇللاﻫ گۈلنىڭ تۈركمەنىستان زىيارىتىگە ئورتاق ئېلىپبە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۇچۇن فاتىﻬ ئۇنىۋېرسىتېتى ﻫازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى مۇدىرى پروف. در. مەمەت قارا، ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروف. در. فىكرەت تۈركمەن ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى مۇدىرى ئۇيغۇرشۇناس پروف. در. سەما بارۇتچۇ ئۆزۆندەر خانىممۇ قاتناشقان.

تۈركىيىنىڭ بۇرۇنقى رەئىس جۇمﻬۇرلىرى چەت دۆلەتلەرگە زىيارەتكە بارغاندا ﻫەيئەت ئىچىگە تۇركولوگلارنى قوشمايتتى. بۇ قېتىمقى تۈركمەنىستان زىيارىتىگە تۈركىي تىللىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن 3 كىشىنى قوشۇشى، ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسىغا قانچىلىك ئەﻫمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن. بۇ زىيارەتكە قاتناشقان تۈركولوگ پروف. در. فىكرەت تۈركمەن ئەپەندى بۇ زىيارەت ﻫەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "رەئىس جۇمﻬۇرىمىزنىڭ ئىلىم ئادەملىرىنىمۇ يېنىغا ئېلىپ تۈركمەنىستانغا بېرىشى ناﻫايىتى ياخشى بىر باشلانغۇچ. تۈركىي جۇمﻬۇرىيەتلىرى بىلەن پەقەتلا سىياسى، ئىقتىسادىي جەﻫەتتىنلا ئەمەس، مەدەنىي مائارىپ جەﻫەتتىمۇ مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مەسىلەن تۈركمەنىستان بىلەن ئورتاق بولغان دەدەقورقۇت، ئوغۇزنامىغا ئوخشاش داستانلىرىمىز بار. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمﻬۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئورتاق ئىلمىي مۇﻫاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىشىمىز كېرەك." تۈركىيە رەئىس جۇمﻬۇرى ئابدۇللاﻫ گۈل، ﻫازىر قازاقىستانغا رەسمى زىيارەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدىن بۇرۇن 10-ئايدا ئەزەربەيجان بىلەن گرۇزىيەگە رەسمى زىيارەت ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ئورنى نېمە؟ ئۇيغۇرلار بۇ ئورتاق ئېلىپبەدىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەك؟
Posted: 2007-12-16 01:24 | [ئاپتور]
dilirus
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-11

 

ياخشى خەۋەركەن.... مۇشۇنداق ئۇچۇرلاردىن كۆپلەپ يوللىنىپ تۇرسا بولغۇدەك....
Posted: 2008-01-10 17:10 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا تىل - يېزىق

Total 0.053244(s) query 4, Time now is:01-13 01:00, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation