1
ئىنسان ئەقلىنىڭ ﻫازىرقى بىلىش قۇۋۋىتى بۇيىچە ئەيتقاندا يەر شارى 4 قىتىم گۇم بولۇپ بىز بەشىنجى قىتىملىق ئاپىرىدە قىلىنغانلىرىدىن ئىبارەتدۇرمىز. بىزلەرمۇ قاچان گۇم بولىمىز ۋە قانداق سەۋەپ بىلەن يوقۇلىمىز بۇكىيىنكى گەپ.
گىلوبۇسقا قاراپ باقىلى، جەنۇبى ئامىرىكا قىتئەسى شەرقى قىرغىقى بىلەن غەربى ئافرىقا قىرغاقلىرى بىر -بىرى بىلەن جىپسىلىشىدۇ،لىكىن شىمالى ئامىرىكا شەرقى قىرغىقى بىلەن ياۋرۇپا نىڭ غەربى قىرغاقلىرى ﻫەرگىزمۇ جىپسىلاشمايدۇ،
خوش،شۇنداقلا شەرقى ئاسىيا قىرغاقلىرى بىلەن ئامىرىكىنىڭ غەربى قىرغاقلىرى تىخىمۇ جىپسىلاشمايدۇ، بۇ نىمىلىكتىن ؟ بۇنۇڭ بىز دىققەت قىلىپ كەتمىگەن بىرەر سەۋەپلىرى بارمۇ؟
يەنە بار،جۇغراپىيۇنلار ﻫىندى يىرىم ئارىلى ئايرىم بىر قۇرۇغلۇق ئىدى كىيىن شىمالغا سۇرۇلۇپ قىستاپ ئاسىيا قىتئەسى بىلەن بىرىكتى ۋە ﻫىلىمۇ شىمالغا قاراپ ﻫەريىلى 1 ،2، سانتىمىتىر ئىلداملىق بىلەن سۇرۇلىۋاتىدۇ ،دىيىشمەكتە. بۇلار بىكاردىن بىكار چىقرىلغان يەكۇنمۇ ﻫەم ﻫىچقانداق سەۋەبى يوق پاكىتمۇ؟
ئەسلىدە ياۋرۇپا قۇرۇغلۇغى بىلەن شىمالى ئامىرىكا قۇرۇغلۇغى ئوتتۇرىسىدا كۇلىمى تەخمىنەن 10 مىللىئون كۇۋادىرات كىلومىتىرلىق بىر چوڭ زىمىن بولغان ئۇنى (ئاتلانتىس ) قۇرۇغلۇغى دەپ ئاتىشىدۇ.ﻫازىر ئۇ زىمىن يەر يۇزىدە مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ( ئازورزىس ئاراللىرى) لا بار ،ﻫىلىقى چوڭ زىمىننىڭ پەقەت مۇشۇنچىلىكلا قالدۇغى ئاتلانتىك ئوكىئان ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپتۇ.
ئەندى يەر شارىمىزنىڭ شەرىق تەرىپىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقىلى،ﻫازىرقى خەرىتىگە قارىساق پايانسىز سۇ ۋە چوخچۇيۇپ تۇرغان بىر مۇنچە ئاراللارنى كۇرىمىز،ئەنە شۇ ئاراللار ئورنىدا بۇندىن 11500 يىللار ئىلگىرى ، بىزدىن ئىلگىرىكى ﻫاياتلىق ياشىغان4-يارالمىش دەۋرىدىكى ﻫاياتلىقنىڭ ماكانى بولمىش (مو) قۇرۇغلۇغى مەۋجۇت ئىدى!ئۇنۇڭ دائىرىسى ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ غەربى دىڭىز ساﻫىللىرىدىن تارتىپ ئاسىيانىڭ شەرقى قىرغاقلىرىغىچە،شىمالدىن ﻫاۋاي ئاراللىرىدىن باشلاپ جەنۇپتا مىلانىزىيە ئارللىرىنى ئۇز ئىچىگە ئىلىپ تاكى ئاۋىسترالىيەنىڭ شىمالىغىچە سوزۇلۇپ ياتاتتى. مانا بۇ ( ئەۋۋىلى زىمىن) دەپ ئاتالغان (مو) قۇرۇغلۇغىدۇر.
ﻫىچكىممۇ كۇز يۇمالمايدىغان بىر پاكىت بار ،ئۇ بولسىمۇ (توپان بالاسى). مۇشۇ توپان بالاسىغا تارىخچىلار11500 يىل بولدى دەيدۇ،شۇنداقلا ( ئاتلانتىس ) قۇرۇغلۇغىنىڭ چۇكۇپ كەتكەن ۋاختىمۇ 11500يىل،قىززىقارلىغى شۇكى 4-قىتىملىق ئىنساننىڭ ئاپىرىدىگاﻫى بولمىش ئەۋۋەلى زىمىن ( مو) قۇرۇغلۇغىنىڭ چۇكۇپ كەتكەن ۋاختىمۇ يەنىلا 11500 يىل دىيىلىۋاتىدۇ.
بۇيەردە 3 خىل ﻫالاكەتلىك تارىخ نىڭ دەۋرى پەقەت بىرلا ۋاقىتنى كۇرسۇتۇپ تۇرۇپتۇ!بۇنى نىمە دەيمىز؟
پەقەت بىرلا سەۋەپ - غايەت زور مىتىورىت ئەۋۋىلى زىمىن (مو) قۇرۇغلۇقىغا ئۇرۇلغان!نەتىجىدە ۋولقانمۇ،نەچچە ئايلار داۋام قىلغان ئىس-تۇتەكمۇ،ئالەمنى بىر ئالغان (توپان)بالاسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا يۇز بەرگەن. شۇنۇڭ بىلەن ( ئاتلانتىس) ،ئەۋۋىلى زىمىن (مو) ،64 مىللىئون ئىنسان توپى،ﻫەممە -ﻫەممىسى سۇ ئاستىغا غەرىق بولغان.،شۇنۇڭ بىلەن 4- قىتىملىق ﻫاياتلىق دەۋرى ئاخىرلىشىپ 5- قىتىملىق ﻫازىرقى ﻫاياتلىق دەۋرى باشلاندى.
2
ئالدىنقى بايانىمىزدا ئومۇمى ئەﻫۋالاتنى بىر قۇر سۇرەتلەپ بەردۇق،ئەندى ئەۋۋىلى زىمىن-(مو) قۇرۇغلۇغى ﻫەققىدە توختالمىساقبولمىغۇدەك،چۇنكى ﻫىكايىمىزنىڭبىشى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.
ئەۋۋىلى زىمىن دىيىلىشىدىكى سەۋەپ شۇكى-4- قىتىملىق ئىنسانتۇركۇمىنىڭ پەيدا بولغان يىرىنى كۇزدە تۇتۇپ مۇشۇ ئىبارە قوللىنىلغان.ئۇ يەردىن ياسىلىپ ،پۇشۇرۇلۇپدۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغاتوشۇپ ئاپىرىلغان (نائاكاللار)--يەئنى لاي تاختىغا يىزىلىپ ئالاﻫىدە ئۇسۇلدا پىشۇرۇلغان تاش تاختىلار---دىكى مەزمۇنلارغا كۇرە (مو) دىكى ئىنسان ﻫاياتلىقىنى 400 مىڭ يىلغىچە ئىلگىرى سۇرگىلى بولىدىكەن،ئەمما نىسبەتەن ئىنىغىراغى 200 مىڭيىلنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشمۇمكۇن.
ئەۋۋىلى زىمىن (مو) ئىگىز تاغلىرى يوق،تۇپتۇز كەتكەن ، قىش بولماس ،يامغۇر -يېشىنلىك جەمئى 3 پارچە زىمىندىن تەركىپ تاپقان قۇرۇغلۇق. ئۇنى ،بىرسى كەڭ يەنە بىرسى تارراق-بەزى يەرلىرى تىنىپ قالاي دىگەن 2 ئۇزۇنچاق دىڭىز ئايرىپ تۇرىدۇ. زىمىن ئۇستىدە 7 لىك سانغا ئىشارە قىلىپ 7 چوڭ شەﻫەر قۇرۇلغان،بۇ 7 چوڭ شەﻫەرنى ۋە يەنە نۇرغۇن ئۇششاق-كىچىك شەﻫەر-يىزىلارنى تۇتاشتۇرۇپ ئۇمۇچۇك تورى ئىلﻬامىدىن ئۇرنەك ئىلىپ ياسالغان غايەت چوڭ تاشيولتورى ياسالغان .
ﻫەرقانداق قۇرۇلۇش ئاساسەن تاش قۇرۇلمىلىق،شۇنداقلا بىزدەۋاتقان ﻫىلىقىتاشيوللارمۇ ئەلبەتتە تاش قۇرۇلمىلىق.( بۇيەردە نىمىشقا تاشتىن ياسالغاندىمەيمىز؟ چۇنكى ئۇ كىشىلەر شۇنچىلىك كامالەتكە يەتكەنكى ئۇلار تاشنى تاغدىن كولاپ ئەمەس بەلكىم بىز سىمونتنىئارىلاشتۇرۇپ قاتۇرۇپئىشلەتكەندەك تاش قۇرۇلمىلىرىنىمۇ شۇنداق ياساشقان)
ئۇلار (ۋىمان) دەپ ئاتىلىدىغان ئۇچارلىرى بىلەن ﻫەممە يەرنى كىزىپ چىقالىغان،ئۇزلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا ياساشقان غايەت چوڭئۇچقۇر كىمىلىرى بىلەن جەنۇبى ئوكىئان ۋە شىمالى ئوكىئانلارنى كىزىپ چىقالىغان( بىلىش كىرەككى ئۇچاغدا -تىچ ئوكىئان -يوق ئىدى!)
ﻫەتتا ﻫىندىستان قۇرۇغلۇقىغا بويسۇنماي قارشىلىق قىلغانلىغى ئۇچۇنئاتوم بومبىمۇ ئاتقان.
ئۇ يەردە ئون مىللەتكە تەۋە جەمئى 64 مىللىئون نوپۇس بارئىدى،بۇلارنىڭ ئىچىدەئاق تەنلىكلەر مۇتلەق ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللەيتتى،مۇشۇ مىللەتلەرنىڭ ئەڭئاۋانگارتى شۇنداقلا كۇپ سانلىغىنى ئىگەللەيدىغىنى(ئۇيغۇر) دىگەن خەلىق ئىدى.
بۇ (ئۇيغۇر) دىگەن خەلىق ئەۋۋىلى زىمىن ( مو) دىكى چىغىدىلا ﻫاكىمىيەتتەئالاﻫىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى،ئۇلار 100 مىڭ يىل ئىلگىرىلا كۇچۇشكەباشلىغان،چۇنكى دانىشمەن -ئالىملارنىڭ ﻫىساپلىشىچە (مو) قۇرۇغلۇغى بىر دەۋىردىن كيىن ﻫالاكەتكە ئۇچىرايىتتى
ئەينى چاغدا كۇچۇش ئۇچۇن ئەڭ قولايلىق 3 يول بار ئىدى بىرسى (مو) دىن شەرىققە قاراپ مىكسىكىدىن ئۇتۇپ (ئاتلانتىس) قۇرۇغلۇقىغا بىرىش ۋە ئۇ يەردىن تىخىمۇشەرىققە ئىلگىرىلەپ سەﻫرايى كەبىر گە بىرىش.( ئۇ زاماندا سەﻫرايى كەبىر گۇل-گۇلۇستان زىمىن ئىدى)
ئىككىنجىسى بىرما يولىنى بويلاپ ئىران ۋە بابىلونغا بىرىش،
ئۇچۇنجىسى ياپۇن- سىرىق دىڭىز نى بويلاپ مانجۇرىيە ۋەئوتتۇرا ئاسىياغا بىرىش.
كۇچكەن ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئاخىرىدا قەيت قىلىنغان 3- يولنى تاللىۋالغان،چۇنكىبۇ يول بىلە ن ئىنتايىن كەڭ زىمىنغا ئۇلاشقىلى بولاتتى.
3
شۇنداققىلىپ كۇچمەنلەر 3 يۇنۇلۇشنى بويلاپ ئۇز نىشانلىرىغا يەتتى،ئەندىقالغان خەلىقنىڭ تەغدىرى قانداق بولدى؟
ئاپەت بىر قىتىمدىلا يۇز بەرمىدى ،بەلكىم بىر نەچچە قىتىمئۇزىنى كۇرسەتتى،دەستلەپتە ئىنتايىن كۇچلۇك دېڭىز تاشقىنى يۇز بىرىپ ئەۋۋىلى زىمىن (مو) قۇرۇغلۇغىنىڭ جەنۇبى تەرەپلىرى ئاسمانۇ-پەلەك يوپۇرۇلۇپ كەلگەن سۇ ئاستىدا قالدى،زىمىن چايقالدى،تەۋرىدى،كىيىن تىنچىدى،كىشىلەر شەﻫەرلىرىنى ئىگىز تۇپىلىكلەرگە سېلىشىپ تىخىمۇ ئىگىزقورغانلار بىلەن قورشىدى.،لىكىن ساۋاق ئىلىشمىدى،زىمىنىمىزبەرقارار،مۇستەﻫكەم،ئاپەت ئۇتۇپ كەتتى،دەپقاراشتى،ئالىم ئۇلىمالارنىڭ شەرىق ۋە غەرىپ تامان كۇچۇش ﻫەققىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئىرەن قىلىشمىدى.ﻫۇكۇمەت باشباشتاقچىلىق ئالدىدا ئاجىز قالدى،شۇنۇڭ بىلەن كەلگۇسىنى كۇزدە تۇتۇپ ﻫەرخىل ئىلىملەر ﻫەققىدە شۇنداقلا بىسىپ كىلىۋاتقان ئاپەت ﻫەققىدە يازمىلار يىزىپ ئۇنى لاي تاختىلارغا كۇچۇرۇپ ئالاﻫىدە ئۇسۇلدا پۇشۇرۇپ نۇرغۇن تەرەپلەرگە يوللاپ ساخلاشنىئورۇنلاشتۇردى،ئاساسەن ﻫازىرقى مىكسىكا، مىسىر - بابىلون، ۋە ﻫازىرقى مۇڭغۇل دالاسىدىكى قارا بالغاسۇن شەﻫەرلىرىگەيۇتكىدى.
كىيىنكى قىتىملىق زەربە ئىنتايىن دەﻫشەتلىك بولدى،يەنى زىمىن ئاسماندىن پەستكە تاشلىغاندەك سۇ ئاستىغا توغرىراغىيەر ئاستى -ۋولقان چوغ ئىچىگە غەرىق بولدى!
شۇنۇڭ بىلەن شانلىق مەدەنىيەت يارتقان بۇ زىمىن،ئىنساننىڭ كىيىنكى ئاپىرىدىگاﻫى بولغان بۇيۇك(مو) قۇرۇغلۇغى يەر يۇزىدىن يوقالدى.!
ناﻫايىتىئاز ساندىكى كىشىلەر ئامان قالدى،ئۇلار ﻫازىر نەدە؟
مىلانىزىيە ئاراللىرىدا ﻫىلىمۇ ياۋايى ﻫالەتتەبولسىمۇ ساخلىنىپ قالدى،ئۇلارنىڭ بىشىغا كەلگەن پاجىئەنىئىتىپ-يىزىپ بولمايدۇ.چۇنكى چوڭ قۇرۇغلۇق زىمىن ئاستىغاچۇكتى،يوقالدى،پارچە-پۇرات ئاراللارلا قالدى،يىقىنراقلىرى ئۇزۇپ بارالىدى،قالغانلىرىپايانسىز ئوچۇق دىڭىزدا ئۇلۇمگە يۇزلەندى،ئاراللارغا ئۇزۇپ بارالىغانلىرىمۇئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتىشتى،يىگۇدەك ﻫىچنىمە يوق،دەستلەپ سۇدا لەيلەپ يۇرگەن ئۇلۇكلەرنى يىيىشتى،كىينئۇمۇ تۇگەپ قىرى چۇرىلىرىنى يىيىشتى،ئاخىرىدا بىر -بىرىنى يىيىشتى ،شۇنۇڭ بىلەن ئادەم گۇشى يىيىش ئۇلارنىڭ پىشانىسىغا يىزىلغان تەغدىر بولۇپ قالدى،تا ﻫازىرغىچىمۇتەمىنى تامشىپ قويۇدىغان مىلانىزىيلىكلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ.
بايام بىز ﻫازىرقىموڭغۇل دالاسىدىكى قارا بالغاسۇن شەﻫىرىنىتىلغا ئىلىپ ئۇتتۇق،ئۇچاغلاردا بۇ يەر ﻫازىرقىدەك چۇل ،تاش-شىخىللىق يەر ئەمەس ئىدى، ئۇ بىر جەننەتدىننىشان بىرىدىغان سۇلۇق، قىش پەسلى ئىللىق يازى نەمخۇش ماكان ئىدى ئۇ يەرلەردە ئىسسىق ئىقلىمغا كۇنگەن مامۇنىت(ﻫازىرقى پىللارنىڭ ئەجدادى) لار ياشايتتى.دەل-دەرەخ، سۇ ،كۇزيەتكۇسىز يىشىل دالا بۇ يەرنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىدى.
4
يېڭى ماكانغا كۇچۇپ كىلىشكەن ئۇيغۇرلار 18مىڭ يىلغىچە ئانا زىمىن (مو) بىلەن بىردەكلىكنى ساخلاشتى،چۇنكى بۇلارنىڭ ئۇ يەردىكى مەنپەئەتى،ﻫەزارىتى،تىلى چوڭقۇر ﻫەمجەﻫەتلىككە ئىگە ئىدى،قاچانىكى ئۇ ئانا زىمىن (مو) ئاپەتكە يۇزلىنىشكە باشلىدى شۇندىن بۇيان ئۇ يەردە تىنىچسىزلىق ئادەتكە ئايلانغان ئىدى،سەۋەپ: بىرىنجىدىن ئاپەت دەۋرەپ كەلگەنلىگى،ئىككىنجىدىن ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار يىڭى زىمىنغا كۇچۇپ كەتكەن،ئۇچۇنجىدىن ئۇ يەردە قالغان مىللەتلەر ئۇز-ئارا پىتىشماسلىق پاتقىقىغا پىتىپ قىلىشقان.. پەقەت مۇشۇ چاغدىلا ئىلگىرىلىرى يۇكسەك ئاۋتونومىيەگە ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار ئەندىلىكتە مۇستەقىل (كۇن ئىمپىرىيىسى) نى قۇرۇشتى، ئىمپىرىيىنىڭ زىمىنى شەرىقتە ياپۇنيىگىچە،غەربى شىمالدا تاكى سىكاندىنوۋىيىگىچە، غەربى جەنۇپتا ئافىنانى ئۇز ئىچىگە ئىلىپ ،ئاناتولىيە ۋە بابىلوننى شىمالدىن ئەگىپ ئۇتۇپ ئىراننى ئۇز ئىچىگە ئىلىپ پۇتكۇل ﻫىندىستان ،بىرما ۋە فىلىپپىنلار بۇ دائىرە ئىچىگە كىرەتتى. مۇشۇنچىۋىلا كەڭ زىمىن (كۇن ئىمپىرىيىسى) گە تەئەللۇق ئىدى..
مەركىزى شەﻫىرى ﻫازىرقى قارا بالغاسۇن شەﻫىرى خارابىسىنىڭ شەرقىگە 9 كىلومىتىر كىلىدىغان يەردە،شەﻫەر دائىرىسى 25 كۋادىرات كىلومىتىرلىق ئورۇننى ئىگەللىگەن.ﻫىچقانداق سىپىل-قورۇق يوق،ئاﻫالىسى پۇتۇنلەي ئۇيغۇرلار،.شەﻫەر -ئىمارەتلىرى يەنىلا تاش قۇرۇلمىلىق.،ئىگىلىگى يۇقۇرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغان.
ئۇلار ناﻫايىتى ئۇزاق دەۋىرگىچە شانۇ- شەۋكەتلىك ئىمپىرىيسىنى رىۋاجلاندۇرغان ۋە مۇستەﻫكەملىگەن.غەرىپتە ئاتلانتىس ئىلى بىلەن بابىل ۋە كىچىك ئاسىيە ئىگىدارلىغى ئۇچۇن پات-پات سۇركۇلىشىپ قالاتتى.ﻫىندىستاندىكى دىراۋىدلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ كۇچى يەتمىسىمۇ توپىلاڭ قىلىپ قوياتتى.
مانا مۇشۇنداق ئاسايىشلىق ئىچىدە 70 مىڭ يىل ئۇتتى.زامان چۇگىلەپ دەۋرىمىزدىن ئىلگىرىكى 11500 يىل ئاۋالقى مۇﻫلەتكە يىقىنلاشتى.
مۇشۇ قاغىش تەككۇر 11500- يىل يەر شارىنىڭ ئاپەت قاينىمىغا شۇڭغىغان دەۋرى ﻫىساپلىنىدۇ.بۇچاغدا ئاتلانتىس ئىلىمۇ،بۇيۇك ئانا زىمىن (مو )قۇرۇقلۇغىمۇ سۇنىڭ تەكتىدىن ئورۇن ئىلىشتى،25 مىللىئون كۋادىرات كىلومىتىرلىق زىمىن سۇ ئاستىغا چۇكسە نىمە بولماقچىدى؟
نەتىجىدە زور سۇ ئاپىتى-توپان بالاسى يۇز بەردى.زىمىننى سۇ باستى!
يەر شارىنىڭ سۇغا غەرىق بولمىغان يەرلىرى ئىنتايىن ئاز قالدى،پەقەت ئۇيغۇر ئىلىنىڭ زور كۇپچىلىك زىمىنى،ئافرىقىنىڭ بىر قىسىم زىمىنى،شىمالى ئامىرىكا،جەنۇبى ئامىرىكىنىڭ بىر قىسمى،ئاخىرىدا ئاۋىسترالىيە زىمىنلىرى بۇ توپان بالاسىدىن ئامان قالدى!
قالغان زىمىننىڭ ﻫەممىسى سۇ ئاستىدا بىر دەۋىر گىچە چۇكۇپ ياتتى
5
ئالدىنقى بايانلىرىمىزدا كۇچمەنلەرنىڭ 3 يۇنۇلۇشبويىچە كۇچۇشكە باشلىغانلىغىنى بايان قىلىۋىدۇق،ئەلبەتتە ئۇ كۇچمەنلەر ئۇزلىرىنىڭ مىللى تەركىۋى بويىچەكۇچۇشكەن،2-يول بىلەنكۇچكەنلەر بىرما يولىنى بويلاپ ئىران ئارقىلىق بابىلون ۋە كىچىك ئاسىيە ئەتراپلىرىغا كۇچكەن.
توپان بالاسى يۇز بەرگەندە ئەنە شۇلارنىڭ ئەڭ دانىشمىنى بولغان نوﻫ ئەلەيﻬىسسالام ئۇز ماكانلىرىنىڭ بەكمۇ سۇغا يىقىن ۋە ئوڭايلا ئاپەتكە ئۇچرايدىغانلىغىنى چۇشۇنۇپيىتىپ دەرﻫالئىنتايىن چوڭ كىمە ياساشقا تۇتۇش قىلىدۇ شۇنداقلا ﻫەممە جان-جانىۋارلادىن بىرجۇپتىن ئىلىپ كىمىنى سۇ يۇزىگە چۇشۇرىدۇ،دىگەندەكلا توپان بىسىپ كىلىپ 2-يول بىلەنكۇچۇپ كەلگۇچىلەرنىڭ ﻫەممە زىمىنلىرى سۇ ئىچىدە قالىدۇ،پەقەت ئەشۇ كىمىلا ئامانقالىدۇ.تەخمىنەن 6 ئايدىن كىين سۇ ئىزىغا قايتىدۇ،لىكىن كىچىككىنە ئىگەي جىراسى -ئىگەي دىڭىزىغا قاراكۇل- قارا دىڭىزغائايلىنىپ قالىدۇ. كىمە بولسا ﻫازىرقى تۇركىيە- ئەرمەنىستان چىگراسىدىكى ئارارت(جۇدى) تىغىئۇستىگە كىلىپ توختايدۇ،سۇ قايىتسىمۇ ئەمما سۇ يۇزى يەنىلا مۇشۇ تاغ ئۇستى بىلەن تەڭ ئىدى.
بۇزاماندا 3-يۇنۇلۇش بىلەن ماڭغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۇپچىلىك زىمىنى سۇئاپىتىدىن ئامان قالدى،چۇنكى ئۇ زىمىن چوڭ ئىچكى قۇرۇغلۇق يىرى ئىدى.
1- يۇنۇلۇش بويىچە ماڭغانلار بولسا مىكسىكانى بىسىپ ئۇتۇپئاتلانتىسقا ۋە ئۇندىن ئۇتۇپ سەﻫرايى كەبىر ﻫەم ﻫازىرقىئەرەپ زىمىنلىرىغا كىلىپ ئورۇنلاشتى دىدۇق،ئەنە شۇ ئاتلانتىس سۇغا غەرىق بولغانداتاشقىنلىغان سۇ كىچىككىنە جەبىلتارىق بوغۇزىدىن قىيان بىلەن بىسىپ ئۇتۇپ ئەسلىدىنلا تىيىز ئوتتۇرا يەرسايازلىقىنى ناﻫايىتىچوڭ بولغان ئوتتۇرا يەر دىڭىزىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ،بۇ جەريانلاردا مەيلى 2-يۇنۇلۇشتىكىلەر بولسۇن ياكى1- يۇنۇلۇشتىكىلەر بولسۇن پەقەت ﻫىلىقى نوﻫ ئەلەيﻬىسسالامنىڭ كىمىسىدىكىلەردىن باشقىلىرى ئاساسەن پۇتۇنلەي ﻫالاك بولۇشتى!
ئەندى يەر يۇزىدە ئامان قىلىشقىنى 3- يۇنۇلۇشنى بويلاپ ماڭغانئۇيغۇرلار ۋە بايىقى بىرلا كىمىدە سەپەرگە چىقىشقانلار.
6
ئاتلانتىس قۇرۇغلۇغى چۇككەندە خۇددىپۇتىمىزنى يەرگە قويغاندا ئالدى بىلەن تاپان ،ئاندىن كىيىنپۇت ئۇچى يەرگە تىگىدىغاندەك، بۇ قۇرۇغلۇقمۇ ئالدى بىلەن غەربى تەرىپى يەنى ئامىرىكىنىڭ شەرقى تەرىپىگە ئۇدۇل كىلىدىغان قىسمى سۇغا چۇكۇپ ئاندىن ياۋرۇپاغا يۇزلەنگەن شەرقى تەرىپى سۇغا چۇكىدۇ،بۇنداق بولغاندا غايەت زور سۇ دولقۇنىغەرىپتىن شەرىققە ئۇرۇلۇپ پۇتكۇل ياۋرۇ-كىچىك ئاسىيە-شىمالى ئافرىقا بىر مەزگىل سۇتىگىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
شۇنداقلا ئەۋۋەلى زىمىن (مۇ) قۇرۇغلۇغىمۇ جەنۇبى تەرەپتىنسۇغا چۇكۇپ ئاندىن شىمالى تەرەپلىرى سۇغا غەرىق بولىدۇ،شۇسەۋەپتىن غايەت سۇ دولقۇنى شىمالغا ئۇرۇلۇپ تاكى ﻫىنگان تاغلىرى ئوردۇس يايلاقلىرىغىچە بولغان پۇتكۇل شەرقى -جەنۇبى ئاسىيە بىر مەزگىل سۇ تىگىدىن ئورۇن ئالىدۇ،سۇنىڭ دولقۇن شىددىتى بىرىنگ بوغۇزىدىنمۇ ئۇتۇپ كىتىدۇ.
ئالدىنقى بايانىمىزدا نوﻫ ئەلەيﻬىسسالام ۋە ئۇيغۇرلار ئامان قالدىدىدۇق،ئەمما ئاللانىڭ بىر دەۋىرنى يوقۇتۇۋىتىش ئىرادىسىبولىدىكەن ئۇنداقتا ﻫىچكىممۇبۇ قىسمەتتىن ئامان قالالمايدۇ.
ۋولقاندىن چىققان غايەت زور ئىس-تۇتەكلەر 6 ئايغىچە ئاسماندا لەيلەپ يۇردى،جاﻫانقاپ-قاراڭغۇ بولدى،زىمىندىكى ئوت-چۇپلەر كۇن نۇرىدىن ئوزۇق ئالالمىغاچ ﻫەممىسى ئۇلدى،ئاقىۋەت سۇ قايتىپ ،ئالەم مۇنەۋۋەر بولدى،لىكىن ﻫىلىقىلەيلەپ يۇرگەن ئىنتايىن قىلىن چاڭ-توزاڭ بۇلۇت قەۋىتى شىمالغا سۇرۇلۇپ سۇغا چۇكمەيقالغان پۇتكۇل ئۇيغۇر زىمىنىنى 15 مىتىر قىلىن تاش-شىخىل بىلەن كۇمۇپ تاشلىدى!
شۇنداق قىلىپ يەر شارىدا تەرەققىقىلغان ،يۇكسەك مەدەنىيەتكە نائىل بولغان بىر ئەۋلات ئىنسانلارئاساسى جەﻫەتدىن يوقالدى.!
ئۇيغۇر نىڭ قۇرۇپ چىققان بۇيۇك (كۇن ئىمپىرىيىسى) شۇنداق قىلىپ يوقالدى.
ئۇنىڭ ئورنىدا ﻫازىرقى پايانسىز كەتكەن چۇل-ئىدىرلىق موڭغۇل دالاسىپەيدا بولدى.
دولقۇن ئۇرۇلغان چاغدىكى ﻫاۋا ئىقىم زەربىسىمۇ بوش بولمىدى،شەرىقتە شىمالىئامىرىكا، شىمالى ئوكىيان تاكى ئورال تاغلىرىغىچە بولغان پۇتكۇلشەرقى ئاسىيە بۇ ۋەيران قىلغۇچ بوران-چاپقۇنلۇق ﻫاۋا ئىقىمى ئىلكىدە ﻫالاكەتلىكزەربىگە ئۇچرىدى
ئەڭ ئىچىنىشلىق بولغىنى شانۇ-شەۋكەتلىك ( كۇنئىمپىرىسى)نىڭ پايتەختى 15 مىتىرلىق تاش- شىخىل،قۇم-توپا ئاستىغا كۇمۇلگىنى..شۇنداقلا ئۇيەرگە ئىلىپ بىرىلىپ ساخلىنىۋاتقان قەدىمى (مۇ) قۇرۇغلۇغى ﻫەققىدىكى يازما(نائاكال) لارنىڭ يوقۇلۇپ كىتىش تەغدىرى.
شۇنداق بولسىمۇ ئاللا ئۇز قولىبىلەن ئاپىرىدە قىلغان ﻫەممەئىنساننى پۇتۇنلەي يوقۇتىۋىتىشكە ئىرادە قىلمىغان،شۇڭائەس-ﻫۇشىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ بىرقىسىم ئىنسانلارنى مىلانىزىيىدە،پايانسىز تايگا ئورمانلىقىنىڭبۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا،كوئىنلۇننىڭ قىر -ئىدىرلىرىدا ئىنتايىن ئاز سانداساخلاپ قالغان.
بۇنىڭغا بىز ﻫىلىقى كىمىدە ئامان قالغان نوﻫ ئەلەيﻬىسسالامنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنىمۇ قوشىمىز.
7
ئەندى رىۋايىتىمنى داۋام ئىتەي،بىراق بۇ قىتىم سەل ئارقىغا چىكىنىپ بايان قىلىمىز:
بىز يەر شارى 4 قىتىم گۇم بولۇپ بىز 5- قىتىملىق كۇپەيگەن ئىنسانلار دىدۇق ۋە ئۇيغۇرلارنى 4-قىتىملىقيارالمىش دەۋرىدىلا تەكاممۇللىشىپ بولغان قىلىپ تەسۋىرلىدۇق،ئەمىسە بۇ ئۇيغۇرلار قەيەردىن پەيدا بولدى؟
يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ 3-قىتىملىق تەرەققىيات دەۋرىدە ئىنسانلار شۇنچىلىك زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتىكى سان جەﻫەتتە زىمىنغا پاتمىغىلى،ئىلىم-پەن جەﻫەتتە ﻫاكاۋۇرلىشىپ باشقاقەۋىم-مىللەتلەرنى كۇزگە ئىلمىغۇدەك ﻫالەتكە يىتىشتى،.ئىلىمدە پەقەت (دۇشمەن) نى يىڭىۋىلىشنىلا كۇزلەش تەرەققىيات نىشانى قىلىنغاشقا قۇرال-يارغ،ئادەم قىرىش تىخنىكىسى مىسىلسىز تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى،ﻫەرقايسى ئۇلۇسلارئۇزئىدىيەلىرىنى ئالغا سۇرۇشكە ئىنتىزار بولغاچبىر-بىرىنىڭ كۇز قاراش،ﻫەزارەت،ئۇزگىچەتۇرمۇش ئۇسلۇپلىرىغا ﻫۇرمەتقىلىش كۇنتەرتىپتىن يوقالدى.
شۇنداق قىلىپ ﻫەر قايسى تەرەپلەر ئۇز كۇچ-قۇدرىتىنى مىسىلسىزدەپ قارىغاشقا بىر-بىرىگە ﻫۇجۇمقىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى،ئاقىۋەت شۇنچىلىك زور بىرئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قىلىشتىكى ﻫىچقايسىتەرەپ بۇ مەيداندىن چىكىنىشكە ئۇلگۇرەلمىدى،يەر يۇزى ئىنسانلار ئۇزلىرى ياسىغان غايەت زور قىرغۇچى قۇراللار تەرىپىدىن تۇپ-تۇزلەڭ قىلىۋىتىلدى،زىمىنغا پاتمىغانئىنساندىن ئاقىۋەت ساناققا ئىلىنغۇدەك ﻫىچنىمەقالمىدى،ﻫەتتا بۇ قىرغىنچىلىقتا شۇدەۋىرنىڭ ئەركە ﻫايۋىنى ﻫىساپلانغان دىنۇزاۋىرلارنىڭ ئۇرۇغىمۇ قالمىدى!
پەقەت ۋە پەقەتلا بىر تۇركۇمبەكمۇ ئازغىنە خەلىق ئۇڭكۇرلەردە،چوڭقۇر لەخمىلەردە ئامان قىلىشتى، مانا بۇلار بىز بايان قىلغان 4-دەۋىردە كۇپەيگەن ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ كۇپ ساننىئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى!
ئەلبەتتە باشقا قەۋىملەردىن ساخلىنىپ قالغانلىرىمۇ بار،لىكىن ئۇلارنىڭ سانى تىخىمۇ ئاز بولۇپ .ئۇيغۇرلارچىلىك تەلەيلىك بولالمىغان.،
شۇنداق قىلىپ 3- دەۋىر ئاخىرلىشىپ 4- دەۋىر ﻫەقىقى ئۇيغۇر دەۋرى باشلانغان
بۇنى ئالغىنقى بايانلىرىمىزدا تەسۋىرلەپئۇتتۇق.
4-دەۋىرنىڭ بىشىدا بايىقى ئامان قىلىشقان ئۇيغۇرلارخىلى ئۇزۇنغىچە ئەس-ﻫۇشىنىتىپىشالمىغان،ئەقلى ئىختىدار تەرەپتىن نۇرغۇن چىكىنگەن،لىكىنئاڭىدا چوڭ بىر ماتەم ﻫىسسىياتىئەگىپ يوقالمىغان،دۇنيانىڭ ۋاپاسىزلىغى،ئىنساننىڭ ۋەﻫشىلىگى كاللىسىدىن ئەگىپ كىتەلمىگەن،ئاخىرىدا بۇ ئىسەدەشكە ئايلىنىپ بارا-بارا ئىنتايىن تەسىرلىك مۇڭ -كۇيگە ئايلانغان،قىرىلىپ كەتكەن ئۇرۇق -ئەجدادىغا مەرسىيە ئوقۇشقا يۇزلەنگەن.
شۇنداق قىلىپ ئاڭدىن،ئىغىزدىن بىر غىرىبانە كۇي ياڭرىغان!
مانا بۇ بۇگۇنكى مۇقام مۇقەددىمىسى شۇ!
بۇگۇنكى كۇندىكى دۇنيادىكى ﻫەممە مىللەت مۇقاملىرىنىڭ باشتەرىپى-مۇقەددىمىلىرىنىڭ ئوخشاشلىق سەۋەبى مۇشۇدەستلەپ پەيدا بولغان مۇقامنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدۇر،
كىينچە شۇ 4- دەۋىردە بۇيۇكئانا زىمىن (مۇ) قۇرۇغلۇغىدا .ئۇيغۇرلار ئەقلى ﻫۇشىنى ژىغىۋىلىشقاندىن كىيىن ﻫاكىمىيەتقۇرۇپ ئوردىلار سالغان،ئۇ ئوردىلاردا مەرىكە- مۇراسىملار ئۇتكۇزۇلۇپ تۇرغان، ئەلبەتتە ئەڭ ئالدىدا مۇقەددىمە ئەيتىش ئارقىلىق ئەجدادلارنى يادلاشقان، كىينچە ئوردا ۋە شادىمانلىق تەقەززاسى،شۇكۇر قىلىش ﻫىسسىياتى تۇرتكۇسىدە مۇقامنىڭ كىينكى قىسىملىرىمۇ ئىجات قىلىنغان.
شۇنىسى ئەجەپلىنەرلىككى ﻫازىر ئاڭلاۋاتقان مۇقاملىرىمىزدا دىققەت قىلسىڭىز ﻫىچقانداق يىرىدە ئىگىز تاغنى ئىپادىلەيدىغان ئاﻫاڭلار مەۋجۇت ئەمەس،ئەمما ﻫازىرقى 5- دەۋىردە ئىجات قىلىنغان مۇزىكىلاردا بۇنداق ئىگىزتاغنى ئىپادىلىگۇچى ئاﻫاڭلار ﻫەممە مىللەتلەردە بار،بۇ نىمىنى بىلدۇرىدۇ؟
زادىلا تاغ يوق ،تۇزلەڭ زىمىنى بار ئىقلىم كىشىلىرىلا ئەشۇنداقتەكشى يۇنۇلۇشلۇك ئاﻫاڭلارنىئۇز كۇيلىرىگە مەنبە قىلالايدۇ.
يەنە بىرسى مەرغۇل،سىز مەرغۇلنىئاڭلاۋاتقىنىڭىزدا تاش ئوردىلاردىكى ئەكىس سادانى فەﻫىم قىلىسىز.
8
جاﻫاننى كەلكۇن باستى،ئىشىپ قالغىنىنى تاش -شىخىل كۇمدى،ئۇنىڭدىنمۇ ئاشقىنىنى ۋەيرانقىلغۇچى بوران-چاپقۇن سۇپۇرۇپ ئەكەتتى!
زىمىندا نىمە قالدى؟ ﻫىچنىمە!
جان ساخلاپ قالغان تۇتتوكتۇك ئىنسان يەر شارىنىڭ ئۇرۇغى بولۇپ قالدى،كوئىنلۇن ئۇڭكۇر -كامالىرىدا ساخلىنىپ قالغان ئەشۇ بىر ئۇچۇم ئۇيغۇر، بۇ نچىۋىلا كەلگۇلۇككە،پۇتكۇل بىرئىمپىرىيەنىڭ ياق ،دۇنيادىكى ﻫەممە ئىنساننىڭ ئۇلۇپ تۇگىگىنىگە چىدالمىدى،تاقەت قىلالمىدى،كۇزىدىن چىققۇدەك ياش قالمىدى، ئەمما يۇرەك-باغرىنى بىر ئاچچىق زەﻫەر قامىۋالدى،ﻫەممىگە چىدىدى پەقەت مۇشۇنىڭغا چىدىمىدى،ئەخىرى خەنجەر بىلەن يۇرىگىنىتىلغىدى!يۇزلىرىنى مورلىدى! چاچلىرىنى ژۇلدى!
ئاﻫ ئۇيغۇرۇم!ئاﻫ قىرىنداشلىرىم!
ئۇلار ناﻫايىتىمۇكۇپ تىرىشچانلىق بىلەن ئۇز مەۋجۇدىيىتىنى ساخلاپ قىلىشتى،يىراق ئورال- ئىتىلبويلىرىدىكى ئامان قالغان ئىككى تۇتتال ئۇيغۇرلارمۇ تىخىمۇغەرىپكە سۇرۇلدى شۇنداق قىلىپ بۇ تىرىقىدە 3500 يىل ئۇتتى،بىرىئىككى بولدى،ئىككى ئەمەس بەلكىم تۇتى ئاران ئۇچ بولدى مۇشۇنداقئاستا ئاۋۇپ كۇپۇيۇش نەتىجىسىدە كۇئىنلۇنلىقلار نىڭ بىر قىسمى ئەسلى يۇرتىمىزنىڭ يۇرىگى دەپ ئۇتۇكەن-بايقال بويلىرىغا كۇچتى،بىر قىسمى بولساجەنۇبى ئاسىياغا كۇچۇشتى. ئاز بىر قىسمى تارىمدا قەپ قىلىشتى.
نۇﻫ ئەلەيﻬىسسالامنىڭ ئۇچ ئوغلى بولىدىغان ،ﻫام،سام ،ياپەس دەپ.ئەشۇ ﻫام،سامدىگەن ئوغۇللىرى ئوتتۇرا شەرىق ۋەياۋرۇپا تەرەپلىرىدەماكان تۇتۇشتى،ياپەس بولسا ئۇيغۇر زىمىنىگە كۇچۇپ كىلىپ ئارىلىشىپ كەتتى.
مىلانىزىيەدە بولسا تىخىمۇ ئەقىلدىن چەتنىگەن بىر قىسىملارقالغان ، ئۇلار ئۇ يەردە ئەسلى قىرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلاربىلەن خەۋەر -ئالاقىسىز ئۇز ئالدىغا ياشاپ قىلىشتى.
ئۇتۇكەن باغرىغا يىتىپ كىلىشكەن ئۇيغۇرلار يەنىمۇ كۇپبەلا-قازانىڭ كىلىشىدىن ئەنسىرەپ
ئىمپىرىيەنىڭ پايتەختىدىن ﻫىلىقى تارىخى پۇتۇكلەرنى 15 مىتىر تاششىخىل ئاستىدىن كولاپ ئىلىشىپ يىراق ﻫىمالايتاغ باغرىدىكى بىر ئىبادەتخانىغا يۇتكەپ كىلىشتى ۋە مەﻫكەم ئورۇنغا ساخلاشتى. ،مانا بۇ كىيىنكى كۇنلەردە JAMIS ئەپەندىمنىڭئىزدىنىپ تاپقان (لخاسا پۇتۇكلىرى) دىگىنى شۇ. چارروسسىيە 1870 نەچچىنجى يىللىرى تەكشۇرۇش ئەترەتلىرىنى ئىۋەتىپ بۇ يەرنى كولاشتى ۋە ئۇيغۇر خاقانىنىڭنىلوپەر ئۇستىدە بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ﻫەيكىلىنى تىپىپ چىقىشتى،ئەلبەتتە خاقان ئالىلىرىنىڭ خانشىنىڭمۇ ﻫەيكىلى بىللەتىپىلغان.،داۋاملىق كولاپ-قىدىرىشقا ئولانباتۇر ﻫۇكۇمىتى قوشۇلمىغاشقا بۇ ئىش شۇ يەردە توختاپقالغان. بۇ دەۋاتقان بايانلىرىمىز ئەلبەتتە كىيىنكىزامانلارغا تەئەللۇق گەپ،بۇ يەردە توغرا كىلىپ قالغىنى ئۇچۇن قىستۇرۇپ ئۇتتۇق.
ئەسلى گىپىمىزگە كەلسەك ئۇيغۇر زىمىنىنىڭ شەرقى -جەنۇبىتەرەپلىرى ئىغىر دەرىجىدە سۇ كەلكۇنى ئاستىدا قالغان،ﻫىچقانداق ئۇسۇملۇك كۇكۇرىيەلمىگەن،پەقەت سۇ ئوتلىرىلا ئۇيەر-بۇيەرلەردەكۇكلەپ قالغان،ئۇ يەردىمۇ ئاز-مۇنچە ئۇيغۇرلار ئامان قىلىشقان،ئۇلار قۇرۇت -قوڭغۇز،سۇ ئوتلىرى ۋە سۇدا ﻫاياتكەچۇرىدىغان ئومۇرتقۇسىز ﻫايۋانلارنىيەپ جان ساخلاشقان،ئۇلار ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتىكى كىيىنكى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى بولۇپقىلىشقان.،سۇ قايتقاندىن كىيىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇكۇپەيگەن ۋە ئەۋۋىلى زىمىن(مۇ) قۇرۇقلۇقىدا قوللانغانيېزىقنى ئىشلىتىۋىرىشكەن ۋە شۇ يېزىق تاۋۇش-ئاﻫاڭى بويىچە سۇز ياساپ بوغۇملۇق سۇزلەم ﻫالىتىگە ئۇتكەن،زىمىننىڭ باشقا يەرلىرىدىكىلەر بولسا تاۋۇشلۇق سۇز ﻫالىتىنى قوللۇنۇشقان،شۇنۇڭ بىلەن ئىرۇگلىف ۋە ﻫەرىپتىن ئىبارەت ئىككى خىل يېزىق مەيدانغاكەلگەن.
سۇ ۋە تاش-شىخىل ئاپىتىدىن كىين كەڭ ئۇيغۇر زىمىنىدىكى خەلىق ئوزۇقلۇق ئۇچۇن ئوۋ ئوۋلاشقان شۇنداقلا ياۋايى ﻫايۋانلارنى تۇتۇپ كۇندۇرگەن ۋە بىقىپ ئاۋۇتقان ،چارۋىچىلىق شۇنداق روياپقا چىققان.
ياپەس ئەۋلادى بولسا ئازغىنە ساخلىنىپ قالغانبۇغداي ئۇرۇقلىرىنى تىرىپ كۇپەيتىپ جاﻫانغا تاراتقان،شۇنۇڭ بىلەن دىخانچىلىق پەيدابولغان.
9
شۇنداق قىلىپ ئىنسان يەر شارىنىڭ 5- قىتىملىق ئاۋۇپ-كۇپۇيۇشدەۋرىگە قەدەم قويدى،بۇ دەۋىردە زىمىندا 3لا قەۋىم -مىلانىزىيەدىكى ئاراللارداجان ساخلاپ قېلىشقان بىچارە ئاراۋالىلار، 2-يول بىلەن كۇچۇپ كەلگۇچىلەرنىڭئەۋلادىدىن بولمىش نوﻫ ئەۋلاتلىرى،ۋە3- يول بىلەن كۇچۇپ كىلىشكەنئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنكى ئامان قىلىشقانلىرى - يەر- زىمىندا ياشاپ ئاۋۇشتى.
يىللار،ئەسىرلەر توختىماي ئۇتتى،مىلانىزىيەلىكلەرنى ﻫىساپقا ئالمىغاندا باشقا كەڭ ۋە ئوزۇق تىپىلىدىغان زىمىندىكى ئاﻫالىلەر مىسىلسىز كۇپەيدى، ئەقلى - خاتىرىسىنى يوقۇتۇپ قويۇشقانلارنىڭ ئاستا-ئاستا خاتىرىسى ئەسلىگە كىلىشتى، ئۇيغۇر خاقانلىغىدىكى زىمىننىڭ مىراسخورلىرىمۇ شۇنچىلىك كۇپەيدىكى ئاقىۋەت (ئۇيغۇر)ئاتالمىسى ﻫازىرقى (خەلىق)
ئىبارىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى،شۇنداقلا ﻫەرقايسى تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇزلىرىنى باشقا يەردىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرىقلەندۇرۇش ئۇچۇن خىلمۇ-خىل ناملارنى قوللۇنۇشتى.ئەڭ ئالدى بىلەن ئىران زىمىنىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇزلىرىنى (پارس) نامى بىلەن،ياۋرۇپدىكىلىرىبولسا(غۇت)--(گۇت) نامى بىلەن ،تاكى سىكاندىنوۋىيەدىكىلەرگىچە(فىن-ئوغۇر) ناملىرىنى قويۇشۇپ
بىر-بىرىنى پەرىقلەندۇرۇشتى، يەنە (ماسساغىت)، (سومىر)، (ساق)، (سارمات) دەپمۇ ئاتىۋىلىشتى.. بەزىدە ﻫام، سام، ياپەس ئەۋلاتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ زامان ئۇتىشى بىلەن يەنە بىر نەچچە خىل قەۋىملەرنى شەكىللەندۇرۇشتى.ئەسلى زىمىننىڭ مەركىزىگە قارا-قۇرۇمدىنكۇپۇيۇپ كۇچۇپ بىرىشقان بىر بۇلۇكلىرى ( كۇن) خاقانلىغى نامىنى ئۇزلىرىگە قەۋىم نامى قىلىۋىلىشتى،پەقەت (ﻫون) دەپ تەلەپپۇز قىلىشتى،خالاس. بىرقىسىم ئۇيغۇرلار تارىم-يازىش ئويمانلىقىدا (قوش)،(لوپ)،(ساق)، ئەتراپتىراقلىرى (قىپچاق)،(پەچەنەك)،(ئۇنىغۇر) ئاتالمىلىرىنى ئۇزلىرىگە
نام- بەلگە قىلىشتى كىينچەرەك بولسائوغۇزخان زامانىغائۇلۇشۇپ تېخىمۇ كۇپ پەرىقلەر پەيدا بولۇپ يەنە بىر تۇركۇم ئاتالمىلارمەيدانغا چىقىشتى. مىسالەن، ئوغۇز، تۇرىك، سىيانپى، ياقۇت، ناناي، چوقۇت، جورجىت، ئورۇس،ئەزەرىي،تۇرىكمەن،تاتار،ئۇنىڭدىنمۇ كىيىن موڭغۇل، مانجۇ، تۇبۇت، باشقىرت، كۇكئوغۇز، قاراچاي، چەچەن، ئۇزبەك ( بۇ ﻫازىرقى ئۇزبەك .ئەمەس بەلكىم ماۋەرائۇننەﻫىردىكى سۇلتان سوتۇق ئەۋلاتلىرىنى ئۇزلىرىگە قارام قىلىۋالغان ئۇزبەك-قىپچاقلىرى). ئۇنىڭدىنمۇ كىين تېخىمۇ كۇپ (مىللەت) ئاتالمىسىنى قويۇۋىلىشقانلار
يامراپ كىتىشتى،بىراق شۇ نەرسە قىززىقارلىقكى (ئۇيغۇر) ئىبارىسىنۇرغۇن دەۋىرلەردە (خەلىق) ئىبارىسىنىڭ مەئناسىنى بىرىپ كەلگەچ(ئۇيغۇر) دىگەن بۇ مىللەت ئۇقۇمىنى دەستلەپ پەقەت ئوغۇزخان ئۇز ئەتراپلىرىغا ئۇيۇشقانلارغا قوللاندى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار تىخىمۇ ساپ ئىرقى ئالاﻫىدىلىگىنى ساخلاپ قىلىشتى.شۇنداقتىمۇ ئۇغۇزخاندىن كىين يەنىمۇ كۇپئۇرۇقلارنىڭ كۇپۇيۇشىگە ئەگىشىپ يەنە بىر مەزگىل (ئۇيغۇر) نامى ( خەلىق) نامىنىڭئورنىنى بىسىپ كەلدى، پەقەت ئورخۇن ئۇيغۇر خاقانلىغى دەۋرىدىلا يەنە (ئۇيغۇر) نامى قوللۇنۇلدى.
قەشقەرىيە ئىسلامغا كىرگەندىن كىين (ئۇيغۇر) نامىئىدىقۇتتىلا ساخلىنىپ قالدى، ئاخىرىدا تۇرپانمۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلىش بىلەن يەنە300 يىل ئۇنتۇلدى،ئەڭ ئاخىرىدا ﻫازىرقى قازاقىستاندا ياشاپ ئۇتكەن ---ئابدۇسەمەت--- دىگەن ئوقۇمۇشلۇقئۇز تەخەللۇسىنى ---ئۇيغۇر--- ئىبارىسى بىلەن بىزىگەندىن باشلاپ (ئۇيغۇر) مىللەت ئىسمىنى ئەسلى ساپ قان سېستىمىغا ئىگە بولغان مەركىزى ئاسىيالىقلار (.ئۇيغۇر) دەپئىسىم قىلىپ قوللۇنۇشتى ئەلبەتتە بۇ كىيىنكى ئىشلار،مەسىلىنىيورۇتۇپ بىرىش ئۇچۇن بۇ يەردە ئالدىن مەلۇمات بىرىۋەتتۇق.
10
ﻫازىرقى دەۋرىمىزدىن 50 مىڭ يىلئىلگىرى بىر بۇلۇك ، مەركىزى ﻫاكىمىيەت - قارا بالغاسۇنغا بويسۇنمىغان ئۇيغۇرلار كامچاتكا ۋە چوكۇتكا يېرىم ئاراللىرىدىن قوزغۇلۇپ شەرقى - شىمالغا ئالياسكىغا قاراپ كۇچۇشكە باشلاپتەدرىجى ﻫالدا ئامىرىكا قىتئەسىگە ئۇتۇشكە باشلايدۇ،ئۇ زاماندا ئاتلانتىس ۋە ئانا زىمىن --مۇ-- قۇرۇغلۇقلىرى تىخى سۇ ئاستىغا چۇكمىگەچ دىڭىز-ئوكىيانلارنىڭ سۇ يۇزى پەست ئىدىشۇنداقلا ﻫازىرقى بىرىنگ بۇغىزى كەڭ كەتكەن پەست تەكشىلىكتىكى يايلاق ئىدى..
ئۇلار مانا مۇشۇ كۇكۇلمەيدانزىمىندىن ئاستا-ئاستا سىلجىپ ئالياسكا ﻫەم ﻫازىرقى ئوتتۇرا ئامىرىكىغا يامرايدۇ، نوپۇسىمۇ ئاۋۇشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇنىڭدىن 30 مىڭ يىللارئىلگىرى كۇچۇشكە باشلىغانلار بىلەن قوشۇلۇپ ﻫازىرقى ئامىرىكا قىتئەسىدە ئاساسلىق قەۋىم بولۇپ قالىدۇ، ئۇلار تاكى جەنۇبى ئامىرىكا نىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئوتلۇق يەر گىچە يىتىپ ماكانلىشىدۇ.
بۇ خەلىق ئۇز ئالدىغا تەرەققى قىلىپ مايا مەدەنىيىتىنى بەرپاقىلىدۇ، نۇرغۇن تىببى ۋە ئاسترۇنومىيەلىك بىلىملەرگە ئىگە بولىشىدۇ. جەنۇبى ئامىرىكىنىڭبەزى مەملىكەتلىرىدە ئۇلار ياسىغان ئاسترۇنومىيەلىك بەلگىلەر ﻫىلىمۇ تاشلارغا ئويۇلغان ﻫالىتىنىساخلاپ تۇرماقتا.مىكسىكىدىكى ۋە دىڭىزلاردا سۇ ئاستىغا چۇكۇپ كەتكەن پىرامىدىلار شۇلارغا تەئەللۇق.
بۇلارمۇ 11500 يىل ئىلگىرىكى توپان بەلاسىدا ئامان قېلىشمىغان شۇنداقلا ناﻫايىتىئاز مىقتاردا قالغان -قاتقانلىرى باشقا قىتئەدىكىلەردەك ئالەمشۇمۇلۋەيرانچىلىق ﻫەم خاتىرىسىنى يوقۇتۇپ قويۇشبەلاسىغا دۇچار بولغان .لىكىن باشقا قىتئەلەر بىلەن بولغانقۇرۇغلۇق يولى بىرىنگ يايلىقى-- بىر سۇ باسقان بىرىنگ بوغۇزىغائايلىنىپ قالغاچقا ﻫەمئاسىيا بىلەن ئالاقىسى ئۇزۇلۇپ قالغاشقا ئۇلار ﻫىچقانداق تەرەققى قىلىش ئىمكانىغا ئىگەبولالمىغان،ئۇزۇن زامان ئىپتىدائى تۇرمۇش كۇچۇرۇشكەن. شۇنداقتىمۇشوكۇلات ياساش ۋە تىببى دورىگەرلىك ساﻫەسىدىكى تىخنىكىلىرىنى ئىسپانلارغا ئۇگۇتۇپقويۇشتىن قەتئى باش تارتىشتى،ﻫىلىغىچە ﻫەقىقى شوكۇلاتنى ﻫىچقايسى دەۋلەت ئىشلەپچىقىرالمىدى، پەقەت ئوخشۇتالىدى خالاس!
بۇندىن 400 يىل مۇقەددەم ئىسپان مۇستەملىكىچىلىرىئۇ زىمىننى بىسىۋىلىپ بۇ خەلىقنىڭ چىرايى بۇغداي ئۇڭ بولغاچ ﻫىندىلارغا ئوخشۇتۇپ (ئىندىيان) دەپ لەقەپ قويۇشتى.
شۇندىن بۇيان بۇ قەۋىم زۇلۇمغاتىك تۇرۇپ قارشىلىق كۇرسۇتۇشتى، نۇرغۇن قىرىلدى،ئامان قالغىنى ئىنتايىن ئاز قالدى
بۇگۇنكى كۇندە بۇ مىللەت خەلىقئارا تۇركى تىللار قۇرۇلتىيىغادائىم قاتنىشىپ كىلىۋاتىدۇ،چۇنكى شۇنچە زامان ئۇتسىمۇ ئۇلارنىڭ تىلى تۇركى ( ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر) تىلىدىن بەك چەتنەپ كەتكىنى يوق.
11
ئاۋۋالقى يازمىلىرىمىزدا ئۇيغۇر زىمىنىنىڭ شەرقى جەنۇبىتەرەپلىرى سۇ ئاستىدا بىر مەھەل چۇكۇپ ياتتى دەپ ئۇتكەن ئىدۇق.
ئەنە شۇ توپان بالاسى بولغاندا شىددەتلىك يامرىغان دەھشەتلىك كەلكۇن ئاپىتىپۇتكۇل شەرقى-جەنۇبى ئاسىيە ئۇيغۇر زىمىنىنى يالماپ شۇرمەلدەك سۇپۇرۇپ ماڭدىكى ئالدىغا ئۇچرىغان ھەممەنەرسىنى ئۇزى بىلەن شىمالغا قاراپ ئىقىتىپ ئويمان دالىلاردا ئوب ۋە لىنا دەريالىرىنى ھاسىل قىلىپئۇركەشلەپ تاكى شىمالىمۇز ئوكىيانغا ئاپىرىپ بىراقلا تاشلايدۇ.دولقۇن ئۇتۇپ كەتسىمۇ ئەمما پەست تەكشىلىك ھىساپلانغان شەرقى -جەنۇبىئۇيغۇر زىمىنلىرى خېلى ئۇزاق زامانلارغىچە سۇ ئاستىدا قالىدۇ، بۇ يەردىكى ھەممە خەلىق ھالاك بولىدۇ،لىكىنئىگىز تۇپىلىكلەرگە چىقىۋالغان بەكمۇ ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار جان ساخلاپ قېلىشىدۇ،ھەممە ئەتراپپايانسىز سۇ،بۇئامان قىلىشقانلار بىلىق،راك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جانلىقلارنى ئوزۇق قىلىشىدۇ،ئۇزلىرىنىڭ ھاياتىمۇدائىم دىگۇدەك سۇ ئىچىدە ئۇتىدۇ.
مۇنداق ئەھۋال نەچچەيۇز يىل داۋاملىشىدۇ،ئاخىرىدا سۇمۇزىمىن كۇرۇنگىدەك پەستلەيدۇ،ئاھالە كۇپەيمەي ئەكسىنچە بارغانسىرى ئازلاپ كىتىدۇ،ئۇزۇن ۋاقىت سۇ ئىچىدە ۋەخام قۇرۇت -قوڭغۇزلار بىلەن تىرىكچىلىك قىلغاچقا ئىرسىيەت چىكىنىپ كىتىدۇ،ياغاقيۇز،ئۇستىخىنى ئاجىز ئۇسىدۇ،زىمىننىڭ قۇرىغانلىغىنى بىلگەن شىمالدىكى ئۇيغۇرلار بۇيەرگىمۇ كۇچۇپ كىلىشكەباشلايدۇ،ھەمدە ئۇزلىرى بىلەن (نائاكال) يەنى تاش پۇتۇكلەرنىمۇ ئالغاچ كىلىشىدۇ،لىكىن بۇنى ئوقۇشمەسىلىسىدە خاتالىشىشىدۇ، بۇ خاتا ئوقۇش تەرەققى قىلىپ بىر شەيئىنى بىر ئىسىم ۋە بىر خەت بىلەن ئىپادە قىلىدىغانئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ،بۇنىڭلىقبىلەن تاۋۇشلىق خەت(ئىروگلىف) پەيدا بولىدۇ،شۇنداق قىلىپ ئاۋۋال شەيئىگە ئاتاپ خەت ئىجات قىلىپئاندىن شۇنىڭغا ماس تاۋۇش پەيدا قىلىنىدۇ.
باشقا زىمىندىكى خەلىقلەر بولسا (نائاكال)لاردىكى خەتلەرنىبىرمەزگىل ئىشلىتىشكەن بولۇشسىمۇلىكىن بەرىبىر ئۇلار تاۋۇشلۇق ھەرىپلەرنى ئىجات قىلىشىپ ئاددىغىنە 26 ھەرىپ بىلەنئۇز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشقا باشلىدى.
شۇنداق قىلىپ يېزىق ئىككىگە يەنى تاۋۇشلۇق خەت ھەم تاۋۇشلۇق ھەرىپدەپ ئىككىگە ئايرىلىپ كەتتى،شۇنداقلا بۇنىڭلىق بىلەن ئىككى خىل تىل كىلىپ چىقتى.
ئوزۇقلۇقنىڭ ناچارلىغى، دائىمان سۇ ئىچىدە تۇرۇش،بۇ خەلىقلەرنىڭچىرايىدىمۇ زور ئۇزگۇرۇشلەرنى پەيدا قىلدى،ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك،تاكى فىلىىپپىن-ھىندۇنۇزىيەلەرگىچە ھەممىسىنىڭچىرايى شۇنداق.
كىيىن بارا-بارا بۇ يامغۇر يېشىنلىق ئىسسىق ئىقلىمغا شىمالدىنئۇيغۇرلار كۇچۇپ كىلىۋىرىشتى،لىكىنئۇلار شىمالدىكى ئەجداتلىرىنى ئەمەس بەلكىم جەنۇپتىكى قې
رىنداشلىرىنى دوراشتى
بۇتېرىقىدە يەنە 8مىڭ يىلدەك ۋاقىت ئۇتتى.
12
بىز ئالدىنقى بايانلىرىمىزدا كۇرسۇتۇپ ئۇتتۇق،قاراقۇرۇم ئاراچلىرىداجان ساخلاپ قالغان ئۇيغۇرلار كۇپۇيۇپ-ئاۋۇغاندىن كىيىن يۇرتىمىزنىڭ پايتەختى دەپ يەنە شىمالغا، توغرىراغى ئۇتۇكەن بويلىرىغا كۇچۇپباردى دەپ،ئەنە شۇلار توپان بالاسىدىن بۇرۇنقى بۇيۇك كۇن قاغاناتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن دەۋلەت قۇرۇشتى،قۇرۇلغانبۇ قاغاناتلىقنى پەقەت (ھون) دەپ تەلەپپۇز قىلىشتى،شۇنداقلائۇلار بۇ يەردىكى ئىلگىرىكى مۇنبەت ئىتىز-ئىرىق،باغۇ-بوستانلار ئورنىغا پەيدا بولغانقاقرام تاغ،پايانسىز چۇللەرنىڭ ئىقلىملىق تەسىرىدىن بارا-بارا چىرايلىرى تاغلىقلارغا ئوخشاپ قالغىلى تۇردى.
ئۇلارنىڭ ئالدىدا مۇشكۇل ۋەزىپىلەر تۇراتتى،ئۇ بولسىمۇتېزىپ كەتكەن ئەللەرنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئىدى،بۇ ۋەجىدىن ھەربى يۇرۇشلەرنى ئىلىپ بىرىپبۇرۇنقى ئۇيغۇرقاغاناتلىقدائىرىسىدە بىرلىككە كەلتۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلىپ باردى.
ئالدى بىلەن غەرىپكە سەپەر قىلىپ تاكى دوناي دەرياسىغىچەيىتىپ باردى،ھەم ئۇ دەرياغا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەگرى-دوناينى بىلدۇرىدىغان (دوناي) نى ئىسىم قىلىپ قوللۇنۇشتى.
سەپەر جەريانىدا ئورۇسلارنىڭ خانى ھەربى يۇرۇشنىڭقۇماندانى ئوغۇزخانغا (بىز سىنىڭ ئۇرۇقىڭدىن بولىمىز ) دەپ ئۇزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادى ئىكەنلىكلىرىنى بايان قىلىشتى. ئاندىن جەنۇپقا قاراپ مىڭىپ مىسىر تاكى ئىران- ھىندىستانغىچە بىرلىككە كەلتۇردى،كىيىن شەرىققە قاراپ مىڭىپ ئۇز ئالدىغا باش-باشتاقبولۇۋىلىشقان سىيانپى-جۇرجىتلارنى باش ئەگدۇردى.يەنىمۇ جەنۇپقا يول ئىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى،چۇنكىسارى ئۇگۇز ۋە كۇك دەريا ۋادىلىرى ئۇ چاغلاردا تېخىچە سۇ ئىچىدە ئىدى.
ئوغۇزخاندىن كىيىن ئاتىللانىڭ ئاتىسى غەرىپتىكى مۇستەقىل بولىۋالغانلارغاقايتا جازا يۇرۇشى قىلدى.تاكى رىمنى باش ئەگدۇرگىچە يۇرۇش توختىمىدى.
مۇشۇ مەزگىللەردە سارى ئۇگۇز تەرەپلەرگە كۇچۇپ بىرىپ سىيانپىلاربىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بىرقىسىم باش-باشتاق ھونلار ئايرىم خانلىق تىكلەۋىلىشقان ئىدى،ئۇلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىندى.بۇھۇجۇملار نەتىجىسىدە پارچە پارچە سېپىللار پەيدا بولدى،كىيىنرەك بۇ سېپىللار كىيىن پەيدا بولغانبۇلۇنمە ھاكىمىيەتلەرنىڭ كۇچ چىقىرىشى بىلەن بىرلەشتۇرۇلدى ۋە چىن سېپىلى دەپ ئاتالدى.
ئۇنىڭدىنمۇ كىيىنرەك ئوتتۇرا ئاسىيەدىن يولغا چىققان تۇركى چەۋەندازلارئۇ تەرىپى ئىستانبول-بالقانغىچە، بۇتەرىپى ھىندىستانغىچە بىسىپ كىرىپ ئۇز تەسىرلىرى دائىرىسىگە كىرگۇزۇشتى، شۇنداق قىلىپ دۇنياۋى چوڭئۇرۇشلارنىڭ دىگۇدەك ھەممىسى.ھون-تۇرك چەۋەندازلىرىنىڭ، توغرىراغى ئۇتۇكەن ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگەكەلتۇرۇش ئۇمىدىدىكىلەرنىڭ قوللىرى بىلەن ئىلىپ بىرىلدى.
يەنىمۇ كەڭرەك قىلىپ ئەيتساق 1940 - يىللىرىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاساسىقاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان گېرمان مىللىتى - ئەمەلىيەتتە تارىختىكى ئارىانلارنىڭنەق ئۇزى شۇ،شەرىقتىكى ياپۇنلار بولسا ھونلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى خالاس.
مۇشۇ جەريانلاردا ئۇيغۇر قاغاناتىنىڭ شەرقى- جەنۇبى ھىساپلانمىش سارىئۇگۇز-كۇكدەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئارىلاش قەۋىملەر ئايرىم-ئايرىم ھاكىمىيەتلەرنى قۇرۇۋېلىشتى ھەم بۇھاكىمىيەتلەرگە كۇپرەك ئىتنىك تەركىپ بولغانلار يەنىلا ھونلار بولۇپ چىقتى،مىسالەن تاڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچى لىشىمىن-سىيانپى ئۇرۇغىدىن، ۋېي سۇلالىسى ھونلارنىڭ بىر تارمىغى توقباتلارنىڭ ،لىياۋ(تۇمۇر)سۇلالىسىقىتانلارنىڭ،،يۋەن سۇلالىسى موڭغۇللارنىڭ،چىڭ سۇلالىسى مانجۇلارنىڭ ھاكىمىيەتلىرى دىگەندەك.
مانا مۇشۇ ھاكىمىيەتلەر كۇپۇنچىسى ھىلىقى تۇت بۇجەك خەت- ھەرىپلىكتاۋۇش(ئىرۇگلىف) نى قوللۇنۇشتى،نەتىجىدە مۇشۇ بەلگە-ھەرىپ ئاساسىدا سۇزلەم پەيدا بولۇپ ،تەرەققىقىلىپ بىر قەۋىم ئورتاق قوللۇنىدىغان تىل پەيدا بولدى.پەقەت يېقىنقى زامانلاردىلا ئىھتىياج تۇپەيلىخەن مىللىتى دىگەن ئىبارە ئوتتۇرىغا چىقتى،ئۇندىن ئىلگىرى تاڭلار،خەنلەر،چىنلار دەپ ئاتىلاتتى.ئۇ ئاتالمىلار ھەرگىز بىرەر مىللەت ئىسمىئەمەس ئىدى.
13
ئوغۇزخان بۇيۇك ئۇيغۇر قاغاناتلىقىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇندۇنياۋى يۇرۇشكە ئاتلىنىدۇ،ئۇ ئابا-ئەجدادىدىن ئاڭلاپ كەلگەن تارىخى ھىكايەتلەر بويىچە ئاۋال ئۇز ئەتراپىغا ئۇيۇشقان قېرىنداشلىرىنى قەدىمىئانا زىمىن (مۇ )دىكى ئاتىلىشى بويىچە (ئۇيغۇر) دەپ ئاتاپ ،ئەينىۋاقىتتا (خەلىق ) دىگەن ئۇقۇمغا ئايلىنىپ كەتكە ن ( ئۇيغۇر) دىگەن نامنى ئۇز توپىغا ئىسىم قىلىپ قوللاندى.
ئاندىن دۇنياۋى يۇرۇشكە ئاتلىنىدۇ،نىشاننى سۇ بىسىپ پاتقاققا ئايلانغانئوتتۇرا تۇزلەڭلىك ۋە ئۇنۇڭ جەنۇبىدىكى يەرلەرگە قاراتماستىن بەلكى باشباشتاق بولىۋالغان غەربى زىمىنلارغا قارىتىدۇ ھەم يول بويى نۇرغۇنزىمىنلارنى ئىشخال قىلىپ ئۇ يەرلەرگە ئۇز كىشىلىرىنى قويىدۇ،كىيىنچەرەك بۇ كىشىلىرى بىر قەۋىمگە ئايلىنىپئوغۇزخان ئىشلەتكەن لەقەبلەر بويىچە ئاتىلىپ ئۇلۇس-ئايماقلار تەشكىل تاپىدۇ.غەرىپكە ماڭغانسىرى ئورمان كىشىلىرىگە يولۇقىدۇ،ئۇلارغا بىلىم ۋەمەدەنىيەت تارقىتىدۇ، ھەر-بىر دەريا -ئۇتەڭلەرگە،تاغلارغا ئىسىم قويۇپ ماڭىدۇ،مىسالەن:ئېتىل دەرياسى، ئالىپتاغلىرى، قارپات تاغلىرى،دوناي دەرياسى،قارا دېڭىز،قىرىم ئارىلى،ساقلاپ- (سىلاۋىيان)لار، قەسپى دېڭىزى، ئارال دېڭىزى،ئارال تاغلىرى دىگەندەك.
دۇنيانى بەرقارار تاپقۇزغاندىن كىيىن ئوغۇزخان ئۇز يۇرتىغا قايتىدۇۋە بالىلىرىغا زىمىننى ياخشى ئىدارە قىلىشلىرى ئۇچۇن تەرەپلەرگە مەسئۇل قىلىپ ئالەمدىن قايتىدۇ.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئاتىللا چىقىدۇ،ئۇ پادىشا مىدۇغ نىڭ ئالدىنقى ئايالىدىن بولغان بالىسىبولۇپ ئون ياشلار ئەتراپىدا دۇشمەنلەرنىڭ بىر قىتىملىق ھۇجۇمىدا (جەڭدىن قېچىپ مۇكۇنىۋالدىڭ ) دىگەنئەيىپ بىلەن قاتتىققامچا جازاسىغا ئۇچرايدۇ.غەزەپلەنگەن ئاتىللا كىچىسى دادىسىنى ئۇخلاۋاتقىنىدا ئۇلتۇرىۋەتمەكچى بولغاندا تۇيغۇن دادىسىسېزىپ قىلىپ رومغا تورغاقلىققا ئەۋەتىدۇ
ئۇ رۇمدا تورغاقلىقتا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپتۇ.ئەسلىدەئاتىللا رۇمغا يولغا چىقىشى بىلەنلا ئوۋغا چىققان دادىسى ئوۋ قوغلاپ كىتىپ بىرىپ قارىغايغائۇسۇۋالىدۇ،شۇنۇڭ بىلەن ئۇلىدۇ،ئورنىغا كىچىك بالىسى خان بولىدۇ. كىين ئۇمۇ ئۇلۇپ كىتىدۇ ، ئاتىللا تورغاقلىقتىنقايتىپ كىلىپ خانلىقنى قولىغا ئالىدۇ ۋە قىسقا مۇددەتتە رۇمدىكى تورغاقلىق ۋاختىدا كۇڭلىگە پىشۇرىۋالغىنى بۇيىچە ناھايىتى تېزلىك بىلەنھەربى ئۇستۇنلۇكنى بەرپا قىلىدۇ
ئاخىرىدا شۇنداق زور بىر ھۇجۇمنى باشلايدىكىن پۇتكۇل ياۋرۇپا ئاستىن-ئۇستۇنبولۇپ كىتىدۇ.كىيىن ئۇ ئاتىللا ياۋرۇپادىكى بىر بەگنىڭ يۇشۇرۇن ھىلىسى بىلەن ۋاپات قىلىدۇ.
ئاتىللادىن ھازىر دۇنيادا ۋېنگرىيە دىگەن دەۋلەت ساخلىنىپ قالىدۇ،تېخىيېقىندىلا 100 مىڭغا يېقىن ۋېنگېرىيەلىك ئۇزلىرىنى بىۋاستە ئاتىللانىڭ ئەۋلادىمىز دەپ دەۋا قىلىشىۋاتىدۇ
دىققەت:
بۇگۇنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا ئامېرىكا جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭجۇغراپىيە تېلىۋىزىيە قانىلىدا نەچچە يىللىق گىن تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپتۇ،ئۇنىڭدادىيىلىشىچە ئىنسانلار ئافرىقا قىتئەسىدىن دۇنياغا تارقىلىپ بۇندىن 70000-80000 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرائاسىيا-تارىمغا كىلىپ ماكانلاشقان،ئۇلاردىن بىركىشى شۇ قەدىم ئىنسان تۇركۇمىدىن بولۇپ چىقتى،ئۇنىڭقىنىدىن شۇ خىل گىنچىقتى،ئۇ ھازىر قازاقىستاندا،ئىسمى ---نىياز كىرىم. --- ئۇيغۇر.
مانا بۇ بىز دەۋاتقان يەر شارى ئىنسانلىرىنىڭ ئەجدادى شۇ.
14
ئۇيغۇر قاغاناتلىقىنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ھەققىدە ھازىرقىئىران زىمىنىغا بىرىپ ئولتۇراقلاشقانلارنىڭمۇ ئۇزىگە چۇشلۇق قاراشلىرى بولغاچ قوغدۇنۇشى نىسبەتەنئاجىز دەپ ھىساپلىغانتۇران ئىلىگە ھۇجۇم باشلايدۇ،شىددەت بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم تاكى ئامۇ-سىر دەريالىرىدىن ھالقىپ ئالىپئەر تۇڭا نىڭ پايتەختىقەشقەر گە تايىنلىق ئىككىيۇز كىلومېترچىلىك ئارىلىققالىدۇ ۋە مۇھىم قوغدىنىش ئىستىھكام شەھەرچىسى ھىساپلانمىش بارچۇق نىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ بىراقلا توختايدۇ.
چۇنكى بۇ يەردە ئالىپ ئەر تۇڭا نىڭ مۇھىم ئەسكىرى قىسمى ئۇلارنىتوسۇپ ياتقان ئىدى.
جەڭ شۇ قەدەر دەھشەتلىك بولدىكى ئىرانىلارمۇشۇ شەھەرنى ئالالمىسا چىكىنىشيولى پۇتۇنلەي دەشىتى-باياۋاندىن ئۇتەتتى،شۇڭا ئۇلارھەممە ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سالدى، يىڭەلمىدى.
ئەينى چاغدا بارچۇق شەھىرى غەرىپ تەرىپى تىك ،شەرقى تەرىپىيانتۇ كەلگەن قوغدۇنۇشقا ئەپلىك ئورۇن ئىدى،ئۇنۇڭ ئۇستىگە غەربى تەرىپىنى ئۇچ قەۋەت سېپىل بىلەنئوراپ ئىككى تاغ ئارىسىنىتۇتاشتۇرغان ئىدى.تاغ ئۇستىدە ئالىپ ئەر تۇڭا نىڭ جەڭ قۇماندانلىق ئورنى بار ئىدى، ھۇجۇم قىلغۇچىلارباركۇچىنى تاغنىڭ ئوڭقول تەرىپىدىكى جىراغا قارىتىدۇ،شىددەتلىك جەڭنىڭ شىددىتى مۇشۇ جىرادىكىتاغ-تاشلارنى قۇم قىلىۋىتىدۇ.ئالىپ ئەر تۇڭا بولسا مىدىر قىلماي تاغ ئۇستىدىكى قۇماندانلىق ئورنىدىنبۇيرۇق چۇشۇرۇپ تۇرىدۇ،شەھەرنىڭغەربى تەرىپىدىكى تاغ ئاستىدىن، دۇشمەن ئۇستىگە تاشلاش ئۇچۇن قىزدۇرغۇچ ياغ،تاش،ھەربى جابدۇقلار كەڭلىگى 5 مىتىربولغان ،تاغنى يۇنۇپ ياسىغان يانتۇ يولدىن يۇقۇرىغا ئاتلار ياردىمىدە توختاۋسىز توشۇلۇپ تۇرىدۇ.( ھىلىمۇبۇ قۇرۇلۇششۇپىتى ساخلىنىپ تۇرۇپتۇ،چەتئەللىك ساياھەتچىلەر بۇ يەرنى تاۋاپ قىلماي،بىر سۇرەتكە چۇشۇۋالماي بولدىقىلمايدۇ)
شۇنداق قىلىپ ئالىپ ئەر تۇڭا قوشۇنلىرى دۇشمەننى شۇنچىلىكسۇر-توقاي قىلىپ قوغلاپ چۇشتىكى تاكى ئەزەربەيجان تاغلىرىغا بىرىپ بىراق توختايدۇ.
كىيىنكى قىتىملىق جەڭدە بۇ باھادۇرىمىزغا يۇشۇرۇن ئاتقان زەھەرلىك ئوقياتىگىدۇ،شۇندىن كىيىن ئىرانىلار ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىين ھەم مۇشەققەتلىك ئىكەنلىگىدىن ساۋاق ئىلىشماي ئازمۇددەتتىن كىيىن يەنە ھۇجۇم قىلىشىدۇ.
بۇ قىتىم ھىلە بىلەن ئالىپ ئەر تۇڭا نىڭ پۇشتى بولمىشتۇمارىس نىڭ ئوغلىنى قولغا چۇشۇرىدۇ ۋە ئۇنى قەتلى قىلىدۇ.
بۇنى بىلگەن تۇمارىس كۇچ توپلاپ ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ ھەم ئىران ئەسكەرلىرىنى قورشاۋغائىلىپ پادىشاسىنى تىرىك ئەسىر ئالىدۇ،قانغا تويمىغان بۇ پادىشانى قانغا تويغۇزاي دەپ بىشىنى كىسىۋىلىپ قانتولتۇرۇلغان ئىدىشقا سېلىپ قويىدۇ.
قەدىمى ئۇيغۇر قاغاناتلىقىنى بىرلىككە كەلتۇرۇشئۇچۇن،دۇنيانى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئۇچۇن ھەر قايسى زىمىندىكى ئۇيغۇرئەۋلاتلىرى ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى قىلىشتى ۋە جانلىرىنى بۇيولغا تەغدىم قىلىشتى
15
چۇل تۇرىكلىرى(ھۇنلار) نىڭبىر قىسمى يىراق شىمالدا-مۇز ئوكىان قىرغاقلىرىدا ماكان تۇتۇپ قېلىشتى،ئۇلارنى باشقىلار ياقىيۇرت-ياقۇت دەپ ئاتاپ كىتىشتى،
يەنە بىرقىسىم چۇل تۇرىكلىرىساخالىننى بويلاپ جەنۇپقا سۇرۇلۇپ خۇككايدۇ ۋە جەنۇبى ئاراللارغا بىرىپ ئولتۇراقلاشتى ئۇلار يەرلىك( ئەينۇ)لار بىلەن قوشۇلۇپ شەرقى ھونلار(ياپ ھونلار) نىتەشكىل قىلىشتى.
ئۇچۇنجى بۇلەك چۇل تۇرىكلىرى ئامۇر،سوڭ غار دەرياۋادىلىرىنى بويلاپ،چوڭ ھىنگان-كىچىكھىنگان تاغ -ئىدىرلىرىغا ئورۇنلاشتى ۋە ئۇزلىرىگە جۇرجىت نامىنى بەلگە قىلىۋىلىشتى،ئۇلار ئالتۇن خان نامى بىلەن بايراق تىكلەشتى،كىينرەك سىيانپىقەبىلىسى دەپ ئاتالدى.
مانا مۇشۇچۇل تۇرىكلىرىدىن ئاينىغان سىيانپىلارتېخىمۇجەنۇپقا سۇرۇلۇپ ،بۇندىن بۇرۇن موڭغۇلقۇملۇغىدىن ئۇدۇل كۇچۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن قوشۇلۇپتاڭ خاندانلىقىنى قۇرۇشتى،خان- لىشىمىن نىڭ قېنىدا 75 پىرسەنت كىينكى تۇرىك قېنى بار ئىدى. بۇ خان ئۇزىنىڭ ھەربى-مەمۇرى ئەمەلدارلىرىنى تارىم ھەمسەمەرقەنتلىك كىشىلەردىن تەيىنلىگەن ئىدى،چۇنكى ئۇنىڭغا يەرلىكباشباشتاقلارنى باستۇرۇشقا بۇنىڭدىن ياخشىراق چارە يوقئىدى.بۇ دەۋىرلەردە چۇللۇكنىڭ شىمالىدىكى شەھەر تۇرىكلىرى(ئۇيغۇرلار) بىلەن تاڭ خانى ئارىلىقىدا دوستانە ۋەزىيەت ساخلانغان ئىدى.لىكىنئارىدىن بىرمۇنچە زامان ئۇتىشى بىلەن تاڭ ھاكىمىيىتى باشقا قەۋىملەرنىڭ قولىغا چۇشۇپ كىتىش ئىھتىماللىغى بىلەن تاڭ گېنىراللىرىدىن ئۇڭلۇك ۋەسۇيگۇن لەر قوزغىلاڭ قىلىپ پۇتكۇل تاڭ غا قاراشلىق يەرلەرنىبىسىۋالدى ۋە پايتەخت-خۇمدان(چاڭئەن) شەھىرىدىكى قۇرچاق پادىشانىتىبەتلەرنىڭ قول ئاستىدىكى چۇكدۇ (چىڭدۇ)شەھىرىگە قىچىپ كىتىشىگە يول قويدى.
تاڭ خانى بۇرۇنقى دوستلۇقنى ئوتتۇرىغاقويۇپ ئۇيغۇر خاقانىدىن قۇتقۇزۇشنى سورايدۇ،ئۇيغۇر خاقانىمۇ ئۇڭلۇك-سۇيگۇنلەرنىڭھەددىدى ئىشىپ ئۇيغۇر خاقانىنىڭ سۇزىگە بويۇنتاۋلىق قىلغىنىدىن بىزار بولۇپ 400 مىڭ ئاتلىق قۇشۇن بىلەن 3يىل جەڭ قىلىپ قوزغىلاڭنىبىسىقتۇرۇپ تاڭ شاھىنى پايتەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ، شۇنداقلائۇيغۇر زىمىنىگە ئاللىقاچان ئومۇملۇشۇپ بولغان مانى دىنىئەھكاملىرىنى تاڭ زىمىنىدىمۇ جارى قىلىشىنى شەرت قىلىدۇيەنە يىلىغا نۇرغۇن باج-خىراج تۇلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇيەردىكى دىن تارقىتىۋاتقان 4 مانى دىنى راھىبىنى ئۇزلىرى بىلەن ئىلىپ كىتىشىدۇ.
تاڭ خانى ئۇيغۇرلارغاتۇلەۋاتقان باج ھىساۋىدىكى ئىپەك رەختلەرگە ساختىلىق قىلىشقا باشلايدۇ، يەنى رەختنىڭ ئىنىنى تار، قۇر ئارىلىقىنى شالاڭ قىلىپ مال ئۇتكۇزىدۇ،بۇنداقئىپەك رەختلەرنى كۇرگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارغا سېتىپ بىرىلىدىغان جەڭ ئاتلىرى ھىساۋىغا قېرى-چولاق،يالقاۋ ئاتلارنىچىگراغا ھايداپ ئاپىرىپ ئۇتكۇزىدۇ،بۇ ئاتلار جەڭگە يارىماي تاڭئارمىيىسى دايىم ئۇرۇشتا يېڭىلىپ يۇرۇيدۇ.
بۇنداق ئۇرۇشلاردىن بىرسى تاڭ گېنىرالىتاڭشەنجۇڭ تالاستىكى ئىسلام قۇشۇنلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا (8-ئەسىردە) ئۇزۇل-كىسىل يېڭىلىپ پۇتكۇلغەربى رايۇندىكى قارام ئەللىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ۋە مىڭيىل جەريانىدا بۇ رايۇنلارغا قەدەم باسالمايدۇ.
9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دەھشەتسوغۇق،قېلىن قار،ۋابا كىسىلى،ماللارنىڭ تۇركۇملەپ قىرىلىپ كىتىشى بىلەن ئۇيغۇرخاقاناتلىغى ئاجىزلايدۇ ،پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ،چەتكە قېقىلغان ئۇتۇكەن ۋەزىرى- قۇۋلۇق باغا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكىقىرغىزلارغا قوزغۇلۇشنىڭ پۇرسىتى كەلگەنلىگىنى خەۋەر قىلىپ 100 مىڭ ئاتلىق قۇشۇندىكى ئايغىرلىرىغا ئات گەۋدىسىگىچىلىك قېلىن قارلارنى يول ئاچقۇزۇپ ئۇيغۇرلار ئۇستىگە باستۇرۇپ كىلىشىدۇ،مۇنچەقېلىن قاردا ئاتلار يۇرەلمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئۇيغۇر خاقانى تەييارلىقسىزبۇ دۇشمەنگە دۇچ بولىدۇ،شۇنۇڭ بىلەن تاڭ خانىغا ياردەم سوراپ ئەلچى ئەۋەتىدۇ،لىكىن تاڭ خانى قۇلىقىنى يۇپۇرۇپ تاماشا كۇرۇپ ئۇزىنىڭ بۇ كۇچلۇك خوشنىسىنىڭ يوقۇلىشىنى ئارزۇ قىلىپ ئولتۇرىدۇ.
ۋابا ،جۇت، قار ئاپەتلىك زىمىندىنچىكىنگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى4 يولغا بۇلۇنۇپ جەنۇپقا كۇچىدۇ، بىرىنجى يولدىكىلەر يەنىلا تاڭ دىن پانا تىلەپ شىمالى چېگرىلارغا كۇچۇپ كىلىشىدۇ،لىكىنتاڭ ئۇلارنى سېپىلدىن كىرگۇزمەي قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىداقويىدۇ، ئىككىنجى يولدىكىلەر ئارىغول غا كۇچۇپ كىلىپ ئۇيەردىكى بۇرۇنقى تۇققانلىرى بىلەن بىرلىشىپ گەنجۇ خانلىقىنىقۇرىدۇ،ئۇچۇنجى يولدىكىلىرى بولسا پانتىكىن باشچىلىقدا كەينىدىن قوغلاپ كەلگەن قىرغىزلار بىلەن جەڭ قىلىپ چىكىنىپ تاكى كۇچارغىچە كىلىدۇ ،ئاندىنبىر كۇچ بىلەن قىرغىزلارنى قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن قوغلاپ سۇر -توقايقىلىپ تۇرپان-جېمىسارلانى قايتۇرىۋىلىپ ئىدىقۇتخانلىقىنى قۇرىدۇ.تۇتىنجى يول بىلەن كۇچۇپ كەلگەنلەر ئۇزلىرىنڭقول ئاستىدىكى قارلۇقلار يېرى ئارقىلىق قەشقەر تەۋەسىگىچە كۇچۇپ كىلىپ ئۇ يەردە قارا خانىلار خانلىقىنى قۇرىدۇ.
ئەمما ئۇتۇكەندىكى ئۇيغۇر قاغاناتلىقىنىڭ تاڭ بىلەن بولغان سۇدىسىدىكى 1مىللىئون400 مىڭ سەركۇمۇش قەرىز پۇلى تاڭ نىڭ گەدىنىدە قېلىپ قالىدۇ.
16
سېلىنغا-ئورخۇن بويلىرىدىن جەنۇپقا سۇرۇلۇپ كۇچۇشكەن بىرقىسىم ئۇيغۇرلار قارلۇقلاربىلەن قوشۇلۇپ يەتتەسۇ،ماۋەرەئۇننەھىر ھەم قەشقەرتەۋەلىرىنى ئۇزلىرىگە قارام قىلدى،شۇنداقلا (قاراخانىلار) خاندانلىقىنى قۇردى.بۇ خانلىقنىڭ ئەينىدەۋىردىكى زىمىنى ھازىرقى ئۇيغۇرىيە دائىرىسىدە شىمالدا كۇسەن،شەرىقتە يېڭىھىسار غىچە ئىدى،غەرىپتە بولسا تاكى سەمەرقەنت تەرەپلىرىگىچە قاراخانىلارتەۋەسى ئىدى.
سولتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە ئاھالىلەر ئىسلام دىنىنىقۇبۇل قىلىپ تېخىمۇ توغرا يولغا چۇشتى،مۇشۇ ئارىدا خوتەن ۋەئېدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئىسلام ئۇرۇشلىرى قىلىشتى، دەستلەپكى مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ بىرى ھىساۋىدا كۇسەن، ئىدىقۇت قولىدىن قاراخانىلار قولىغا ئۇتۇپ ئىسلامغا كىردى.كىيىنكى ئۇرۇشلار ئاساسەن خوتەنبۇددىست ئۇيغۇرلىرى بىلەن بولدى،ئېدىقۇت بولسا قاراخانىلارنىڭ خوتەنگە بولغاندىققىتىدىن پايدىلىنىپ بىر مەھەل ئارام ئىلىپ قالدى، بۇئۇرۇشقا پۇتكۇل مۇسۇلمان دۇنياسى قاتناشتى،ئىران،ئەرەبىستان تاكىشام-ئىراقلارغىچە مۇجاھىدلار كىلىپ قاتناشتى،ھەتتا 12 ئىماملىرىممۇبۇ ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلدى،سۇلتان ئارىسلانخان زامانىدا بۇددىستلار بىر جادۇگەر موماينىڭ(مۇسۇلمانلار نامازغا تۇرغاندا ھۇجۇم قىلساڭ غەلىبەقىلىسەن)دىگەن مەسلىھەتى بىلەن ئارىسلانخان قۇشۇنلىرىراستىنلا نامازغا تۇرغاندا باستۇرۇپ كىلىدۇ،ئىسلام قۇشۇنلىرى شۇندىمۇقۇرقماي نامىزىنى داۋام ئىتىدۇ،نۇرغۇن باشلار قىلىچ بىلەنچېپىلىدۇ،ناماز ئوقىۋاتقان ئارسلانخان ۋىژىلداپ كىلىۋاتقان قىلىچ ئاۋازىنى ئاڭلاپ سول تەرىپىگە سالام بەرگەچ بىشىنى شىددەت بىلەن بۇراپ قىلىچنى ئاغزىدا چىشلەۋالىدۇ ۋە دۇئا قىلىۋىتىپ ئاندىن دۇشمەن بىلەن جەڭگە چۇشۇپ كىتىدۇ،جەڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى،ئاخىرىدا ئارىسلانخان شېھىت بولدى،بۇددىستلار ئۇنۇڭبىشىنى كېسىۋىلىپ قەشقەر شەھىرىگىچە باستۇرۇپ كىلىشىدۇ(تېنى ھازىرقى ھاراپ يېزىسى تەۋەسىدىكى (پىسەن)دىگەن يەردىن 25 كىلومىتىر قۇم ئىچكىرىسىدە دەپىنقىلىنىدۇ، بۇيەرنى خەلىق (ئوردىخان پادىشاھىم) دەپ ئاتىشىدۇ،بىشى قەشقەر شەھىرىدىكىئارسلانخان يولىنىڭ دوقمۇشىدىكى(ئارسلانخان مازىرى)غا دەپىن قىلىنىدۇ)،
كىينكى قىتىملىق جەڭدەخوتەن شاھى-خالخالۇ ماچىننىڭ پۇتكۇل ئەسكەرلىرى تىرە-پىرەن قىلىۋىتىلىدۇ،ئۇنۇڭجۇقتىرىشىت-نۇقتىرىشىت مەنسىۋىدىكى ئىككى قۇماندانى قالغان-قۇتقانلەشكەرلىرىنى ئىلىپ تىبەت،ئىدىقۇت،ۋە داشئاتا(دۇخان)تەرەپلىرىدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ كىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئۇرۇش نەتىجىسىدە خوتەنتاكى چەرچەن-چاقىلىقلارغىچە قاراخانىلار تەۋەلىگىگە ئۇتتى.
قاراخانىلارزىمىنى تەۋەلىگىدە ھەرخىلقەۋىملەر بار ئىدى،ئۇلار ئۇزلىرىنىڭ يەتتە ئەۋلادىغىچە ئۇرۇق سۇرۇشتۇرىدىغان ئادىتى(تەگئات) بولغاچ بىر زامانغىچە مىللى خاسلىقى گەۋدىلىنىپ تۇراتتى،شۇڭا بۇرۇندىنلا تەگئات قوللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ خاندانلىقنىڭ پەرمانى بىلەنتەگئات قوللۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتى،بۇنىڭلىق بىلەن مىللى بىرلىشىش،مىللەت-قەۋىملەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ئۇڭۇشلۇق ئىشقا ئاشتى،ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەگئات سۇرۇشتۇرۇپ ئۇرۇق-ئەۋلادىنى ئىزدىشىش ئادەتتىن قالدى،پەقەت بىرلا مىللەت-ئۇيغۇرمىللىتى بولۇپ شەكىللىنىشتى.
مۇشۇنداق زور ۋەقەلەر بولىۋاتقان دەۋىردەئۇتۇكەن،قاراخانى ۋە باشقا يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇرلار توختاۋسىز بولىۋاتقان ئۇرۇشلاردىن قېچىپ-پىتراپ يىراققىرلارغا-تاغلارغا مۇكۇندى،كىينرەك پۇتكۇل (بىت باق دالا) ،(دەشتى قىپچاق)ئۇلارنىڭ قېچىپ يۇرىدىغان ماكانىبولدى،بۇلارنى مەركىزى ھاكىمىيەت -ئوردۇ كەنت قەشقەر،(قازاقلار) دەپ ئاتاپ كەتتى،بۇسۇزنىڭ مەنىسى قاچاقلار-كېزىپ يۇرگۇچىلەر دىگەنلىك ئىدى.(كىينرەكروسلاردىمۇ بۇخىل ئەھۋال كۇرۇلۇپ ئۇلارنى تۇركىيەلىكلەر ئۇيغۇرلارنى دوراپ دون كازاكلىرىۋە كۇبان كازاكلىرى دەپ ئاتاشتى)
تارىخ 1040 يىللارغا بارغاندا قەشقەر خاقانى چوڭ ئوغلىنى غەربى قاراخانى زىمىنىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ،ئاز مۇددەتتىن كىينخاقانمۇ ۋاپات ئېتىدۇ،ئورنىغا كىچىك ئوغلى خاقان بولىدۇ،لىكىن سەمەرقەنىتتىكى چوڭئوغلى ئىنىسىغا بويسۇنۇشنى خالىمايدۇ،مۇشۇنىڭ بىلەن پۇتۇن بىر قاراخانى زىمىنىئىككىگە -شەرقى ۋە غەربى قاراخانىغا بۇلۇنۇپ كىتىدۇ،
ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىشلىرىمۇ ئۇز ئالدىغابولىدۇ.
شەرىقتىن سۇرۇلۇپ كەلگەن تۇمۇر(لىياۋ)سۇلالىسى كۇچمەنلىرىيارىش تۇزلەڭلىكىگە كىلىپ شەرقى قاراخانىلار ھۇكۇمىتىدىن چىگرا جايلارنى قورۇقلاشۋەزىپىسىگە ئىگە بولىۋالىدۇ،ئاخىرى قۇز ئۇردۇ نىئىگەللەپ پۇتكۇل قاراخانى زىمىنىنى تەسىر دائىرىسىگەئىلىۋالىدۇ،ئۇندىن كىيىن چىنگىزخان ھۇجۇمىدىن تىرە-پىرەن بولغان نايمان كۇچلۇك قۇز ئوردۇ غا ئگە بولىۋالىدۇ،ئۇ ئاخىرى چىنگىزخان قۇشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىدۇ
بۇ ئارىدا كىينرەك ئاقساق تۇمۇرخان باشلىغان تۇمۇرىلەرسۇلالىسى مەيدانغا چىقىدۇ،بۇ سۇلالە غەرىپ ۋە جەنۇپ يۇرۇشلىرىدە جاھاننىڭ نۇرغۇنيەرلىرىنى ئىستىلا قىلىدۇ
كىيىن قىپچاق دالاسىدىكى ئۇزبېكلەر كۇچۇيۇپ جەنۇبى ۋادىلارغاھۇجۇم قىلىپ كىلىدۇ ھەم غەرىبتىكى ھاكىمىيەتلەر ،شەرقى زىمىندىكى ھاكىمىيەتلەردىنياردەم سورىماستىن ئۇز ئالدىغا ئۇرۇشۇپ بۇ ئۇرۇشتا يېڭىلىدۇ ۋە غەربى زىمىنلار قىپچاق-ئۇزبېكلىرىنىڭ قولىغا چۇشۇپ كىتىدۇ،شۇنۇڭ بىلەن ئۇزبېك خاننىڭ زىمىنىدىگەن مەنادا بۇ يۇرتتىكى ئۇيغۇرلار بارا-بارا ئۇزبېك ئاتىلىپ كىتىدۇ
17
بۇ قىتىم سۇزىمىزنى سەل بۇرۇنقى دەۋىردىن باشلايمىز:
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇزىنىڭ جاھان ئىستىلاسى داۋامىدا قۇلىغى ئۇيغۇر ئىلى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە سەزگۇر بولۇپ كىتىدۇ،شۇنۇڭ بىلەن شەرىق تەرەپكىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغۇسى كىلىدۇ،ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئالتۇنتاغ(ئالتاي تېغى)ئەتراپىغا ئۇلۇشىدۇ.
ۋەقەنىڭ كىتىپ بىرىشىغا دىققەت قىلىپ تۇرغان ئۇيغۇر خاقانى دەرھال زەربىدار ئەسكەرلىرىنى ھۇجۇمغا ئاتلاندۇرىدۇ ۋە بۇ ھۇجۇمدا ئىسكەندەر لەشكەرلىرىنى تىرە-پىرەن قىلىپ كۇپ ساندا ئەسىر ئالىدۇ.
دائىم غەلىبە-نۇسرەتكە ئادەتلىنىپ قالغان ئىسكەندەر ئىشنىڭ بۇنداق ئاخىرلىشىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ،بىراق ئىلاجى يوق ئىدى،چۇنكى ئارقا سەپ بەكمۇ ئۇزاقتا شۇنداقلا مىڭلارچە كىلومىتىرئۇزاقلىقتىكى (دەشتى قىپچاق) دالاسىدىن ئەسكەر يۇتكەپ كىلىش قەتئىي مۇمكۇن ئەمەس ئىدى،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقيا ئىتىشتىكى بۇنداق تەڭداشسىز ماھارىتى ئالدىدا قايىل بولماي تۇرالمىدى،شۇنۇڭ بىلەن ئۇ سولھى تەلەپ قىلىپ ئەلچى ماڭدۇردى.
ئۇيغۇر خاقانى ئۇنىڭغا ئۇچ شەھەر سېلىشقا ياردەم قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ،ئىسكەندەر بۇنىڭغاماقۇل بولماي ئامالى قالمىدى ،چۇنكى لەشكەرلىرىنىڭ ئوزۇڭ-تۇلۇك تەمىناتى زادىلا ئۇلگۇرمەيۋاتاتتى.
ئاخىرىدا چانبالىق (ھازىرقى سانجى)،خاتۇنبالىق(ھازىرقى قۇتۇبى)،ياڭبالىق(ھازىرقى يېڭىسار ناھىيەسى) سېپىللىرى بىلەن قۇرۇلۇپ پۇتكۇزۇلدى،شۇندىلا ئىسكەندەر قوشۇنلىرى تېنچ-ئامان قايتىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىدى.
زامان چۇرگىلەپ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا ئۇلاشتى،ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇ زىمىندا دەقيانۇس نىڭ مەملىكىتى بار ئىدى ھەم ئۇ ھەققىدىمۇ ناھايىتى نۇرغۇن ئەپسانە-رىۋايەتلەر جاھانغا مەشھۇر بولدى،
ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ زىمىنى غەرىپتە چۇل ئىدىر(سايرام كۇلىنىڭ شەرقىدىكى ئىدىرلىق)،غەربى جەنۇبى كۇچار-بۇگۇر ئارىلىقلىرىدا،شەرقى جەنۇبى لوپنۇرغىچە،شەرقى شىمالى بولسا داش ئاتا(دۇنخۋاڭ) ئارقىلىق سارى ئۇيغۇرلار خانلىغى بىلەن چىگرىلىناتتى.
بۇدەۋىرلەردە ئىدىقۇتتا ئىلىم-پەن ئىنتايىن تەرەققى قىلغان ئىدى،ئۇلار بۇرۇنلا پىچان-لۇكچۇنلۇك سەيلۇن تاكاممۇللاشتۇرغان قەغەز تېخنىكىسىغا ۋارسلىق قىلىپ كۇپ مىقداردا كىتاپ باستۇرۇشتى يەنە ئۇنى ھەرخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ باشقا قەۋىملەرنىڭ بۇددا دىنى ھىكمەتلىرىنىڭ نۇرىغا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇردى،بولۇپمۇ شەرىقتىكى دىنسىز قەۋىملەرگە بۇددانى تەشۋىق قىلىشتا غايەت زور كۇچ سەرىپ قىلىشتى. بولمىسا ئۇ دەۋىرلەردە ئادەم گۇشىنى يېيىش ئادەتتىكى ئىش ئىدى ،مانا بۇ ئەھۋالدا بۇددا ئۇز رولىنى تولۇق جارى قىلدى.
دۇنيانىڭ ھىچقانداق يېرىدىن چىقمايدىغان قۇرۇق مىۋىلەرنى كارۋان بۇيۇك يولى ئارقىلىق باشقا ئىقلىملارغا توشۇپ جاھاننى ھەيرانۇ-ھەس قىلىشتى،
ئۇز زىمىنىدىن چىققان ياۋا كىپەزنى تېرىپ ئاينىتقان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇدۇمىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ پاختىچىلىقنى جاھانغا يايدى،ئىچكىرى ئۇلكىلەرگە ئاپىرىپ قورغاق يەرلەردە تىرىپ پايدىلىنىشنى ئۇگەتتى،(تاكى مىنگو دەۋرىگىچە خەنلەر پاختىنى (پىتە) دەپ ئۇيغۇرچە تەلەپپۇز قىلىشقا تىرىشاتتى،پەقەت يېقىندىلا مىيەنخۋا دەيدىغان بولۇشتى)
قەغەزنى ،مەتبەئەنى كەشىپ قىلىپ ئالدى بىلەن خەنلەرگە ئۇگەتتى،ئاندىن جاھانغا تارالدى،
پەقەت مۇشۇ ئىقلىمدىلا ئۇسۇدىغان يانتاق تىكەندىن يانتاق شىكىرى چىقىرىشنى بايقاپ بۇ دورىلىق يىمەكلىكنى تىبابەت ساھاسىگە ئىلىپ كىردى،شۇنداقلا باشقا مەھسۇلاتلاردىن شىكەر ئىشلەشنى كەشىپ قىلىپ باشقىلارغا ئۇگەتتى،دۇنياغا يايدى،
بۇغدايدىن ھەرخىل يىمەكلىك لەرنى ئىشلەپ كارۋان بۇيۇك ئارقىلىق دۇنياغا يايدى،تورت،تۇگرە،پىچىنە قاتارلىقلارنى ياساشنى ئىجات قىلىپ خان-پادىشالارغا تەغدىم ئەتتى،
لىكىن مۇنچە ئەلۋەك ماكانغا شىمالدىكى مەركىت،نايمانلارنىڭ ئاچكۇزى چۇشتى، يەنە جەنۇپتىكى قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دەۋىتى بارغانسىرى كۇچايدى،مۇشۇنداق ئەھۋالدا مىللىتىمۇ بىر،دىنىمۇ بىر ئىتتىپاقداش ئىزدەشكە كىرىشتى،ئاخىرىدا مۇڭغۇل دالاسىدىن تېمۇچىن(كىينرەك چىڭغىزخان ئاتالدى)نى تاپتى.
18
ئامۇر دەرياسىنىڭ بىر تارمىغى بولغان ئون ئون غولىدا بىرتۇركۇم خەلىقلەر ياشىدى،بۇلارنىڭ چىرايى جۇغراپىيىلىك ئىقلىم ھەم ئوزۇق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك تەسىرىدىن ئۇستىخانلىرى تەرەققى قىلغان،ساقال سۇمباتسىز بىر قەۋىم بولۇپ شەكىللىنىشتى.
بۇلارنى شەھەر تۇرىكلىرى بولمىش ئۇيغۇرلار ، ئون ئون غول=ئونۇنغول=ئونغول=موڭغۇل دەپ ئاتاپ كىتىشتى،ئۇلار ياشىغان زىمىن ئونۇن غولى- ئونۇن دەرياسى دەپ ئاتالدى،بۇ يەردە ئۇلار كۇپۇيۇپ ئاۋۇشتى،
زامان چۇرگىلەپ مىلادى840 -يىللىرىدىكى چوڭ كۇچۇش ۋاختىغا كەلگەندە جەنۇپقا كۇچۇشتە بىردەكلىكنى ساخلىمىغان بىر تۇركۇم ئۇيغۇرلار شۇ يەرلەردە قېلىپ بايىقى بىز دىگەن موڭغۇللارنى پانا تارتىپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ قەپ قىلىشتى،ئۇلار 6 ئۇرۇق ئىدى،بۇنىڭ ئىچىدىكى 3 ئۇرۇق پۇتۇنلەي موڭغۇل تىلىنى ئۇزلەشتۇرۇۋىلىپ موڭغۇل سىياقىغاكىرىشتى،قالغان يەنە بىر 3 ئۇرۇق بولسا ئۇز تىلىنى ،ئادىتىنى ساخلاپ قىلىشتى.
بۇ كۇچمەي قالغان 6 ئۇرۇققا ئۇيغۇرلار ( تاتتار) دەپ لەقەپ قويۇشتى،بۇنىڭ مەنىسى شۇكى ئۇيغۇرلار ئۇز قەۋمى ئىچىدىن ياتلاشقانلارنى (تات) دەپ ،باشقا قەۋىملەردىن دۇشمەنلەشكەنلەرنى( ياۋ) دەپ ئاتايىتتى،شۇڭا ئۇلار تات،تاتتار دەپ ئاتىلىپ قېلىشتى(قەدىمى ئۇيغۇرتىلىدا سارتتار،قازاقتار،ئورىستار دىگەندەك ئۇلارمۇ تاتتار دەپ ئاتىلىشتى،پەقەت زامان ئۇتىشى بىلەن ئىككى (ت) نىڭ بىرسى چۇشۇپ قىلىپ (تاتار) غا ئۇزگەردى. مۇشۇ 2 تۇركۇم تاتارلارنى بىر-بىرىدىن پەرىق قىلىش ئۇچۇن يەنە ئاق تاتار، قارا تاتاردەپ ئايرىشتى،قارا تاتار دىگىنى موڭغۇللاشقانلار،ئاق تاتار دىگىنى ئۇيغۇرپىتى ساخلىنىپ قالغان ئەۋۇ 3 ئۇرۇق تاتارلار.
زاماننىڭ ئوقى چۇرگىلەپ يەسۇكەي دەۋرىگە كەلگەندە يەسۇكەي باتىر ئاشۇ ئاق تاتارلاردىن-(ئۇز پىتىنى بۇزماي ساخلىغان ئۇيغۇر قەبىلىسىدىن) بىر قىز ئىلىپ قاچىدۇ ھەم شۇنىڭغا ئۇيلىنىدۇ،مانا شۇ خۇتۇندىن تىمۇچىن تۇغۇلىدۇ،بۇ يىگىت چوڭ بولغىچە نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتلەرنى بىشىدىن ئۇتكۇزۇپ،زامان نەيرەڭلىرىنى ئوبدانلا چۇشۇنۇپ قالىدۇ.ئۇنىڭ ئانىسى بولسا تىمۇچىن غائۇزلىرىنىڭ ئۇيغۇر نەسلى ئىكەنلىكلىرىنى دايىم ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. كىينچىرەك قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ پەرزەنتى بولمىش تىمۇچىن ئۇز ئەتراپىغا كۇچ توپلايدۇ،ئاۋۋاللاردا زۇلۇم ئاستىدا ئۇگەنگەن تۇمۇرچىلىك بىلىمى بىلەن قۇرال -ئەسلىھەلەرنى ياسايدۇ،خەلقىنى قۇراللاندۇرىدۇ،سۇيۇملۇك ياش خوتۇنىنى بۇلاپكەتكەن مەركىتلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ،ئاندىن ئۇنۇڭ ئىتتىپاقدىشى بولمىش نايمانلارغا زەربە بىرىدۇ ھەم تايانخاننىڭ مۇھۇردارى ئەقىل ئىگىسى-تاتاتۇڭانى قوينىدىكى مۇھۇرى بىلەن قولغا چۇشۇرىدۇ،تىمۇچىن بۇرۇنلا تاتاتۇڭا نىڭ كامالىتىدىن خەۋىرى بار ئىدى.
مۇشۇ دەۋىرلەردە ئىدىقۇت شاھزادىسى بارچۇق ئارت تىكىن جىددى ئۇزىگە ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتقىنىدا كۇزى تىمۇچىن غا چۇشىدۇ ۋە دەرھال ئونۇڭ چېدىرىغاقەدەم قويىدۇ،ئۇنۇڭ بىلەن ئىتتىپاق بولىدۇ، بۇ ئىتتىپاقدىن سۇيۇنگەن تىمۇچىن ئۇزىنىڭ بىردىن-بىريالغۇز قىزىنى ئىدىقۇت شاھزادىسىگە بىرىدۇ(لىكىن توي قىلىش مۇددىتى -بىريىل توشقىچە ئۇ ناتىۋان قىز كىسەل بولۇپ ۋاپات قىلىدۇ)
بىر مەزگىل ئۇتۇپ ئۇيغۇر سودىگەرلەردىن 150 كىشى كارۋان بولۇپ خارەزىم شاھ تەۋەلىگىگە ئۇتىدۇ،سودا قىلىپ ئۇترار شەھىرىگە بارغاندا ئۇ يەردىكى خارەزىم شاھ مەمۇرلىرى بۇ ئۇيغۇرسۇدىگەرلىرىنى تۇتۇپ (سىلەر كاپىرلار،مىلىڭلارمۇ كاپىرنىڭ مىلى) دەپ ئاھانەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ماللىرىنى بۇلاپ -تالاپ ئۇزلىرىنى ئۇلتۇرىدۇ، پەقەت ئىككى سۇدىگەرلا قىچىپ كىلىپ بارچۇق ئارت تىكىن ۋە تىمۇچىنغا بولغان ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ،تىمۇچىن تىل -ئاھانەتنىڭ ئۇزىگە-مۇسۇلمان ئەمەسلىگىگە قارىتىلغانلىقىدىن بەكمۇ ئازاپلىنىدۇ ھەم ئۇچ كۇنگىچە سايرام كۇلى ئوتتۇرىسىدىكى بىر تۇپىلىكنىڭ( ئۇ يەر ھىلىمۇبار،تۇپىسىدە راۋاقمۇ بار) ئۇستىگە چىقىۋىلىپ بوينىغا بەلۋىغىنى سېلىپ غەرىپ تەرەپ -خارىزىمشاھ تامان قاراپ چوڭقۇر پىكىر قاينىمىغا چۇشۇپ كىتىدۇ،تاماقتىنمۇ قالىدۇ.
ئاخىرىدا خارىزىمشاھنىڭ ھاكاۋۇرلىغىنى كۇزىگە كۇرسۇتۇش قارارىغا كىلىدۇ شۇنداقلا بۇ ھاقارەتنىڭ يەنە بىر نىشانى بولمىش ئىدىقۇت شاھى بارچۇق ئارت تىكىنمۇ جەڭ ئۇچۇن خىللانغان 10مىڭ كىشىلىك زەربىدارلىرىنى سەپكە قاتىدۇ
شۇنداق قىلىپ مۇھەممەت شاھنىڭ خاتا جەڭ تاكتىكىسىغا جاۋابەن ئاز ئەسكەر بىلەن كۇپ قۇشۇننى تىرە-پىرەن قىلىۋىتىدۇ،ئۇرگەنچ شەھىرىنى سىر دەرياسىنىڭ سۇيىنى قانال قېزىپ باشلاپ كىلىپ سۇغا غەرىق قىلىۋىتىدۇ،بۇخارا شەھىرىنى قورشىۋىلىپ ئىدىقۇت لەشكەرلىرىنىڭ تاشئاتارلىرى بىلەن سېپىللىرىنى ھۇتمۇ-تۇشۇك قىلىۋىتىدۇ،شەھەر مەمۇرلىرى دەرۋازا ئاچقۇچىنى تەغدىم قىلىپ چىققىنىدا بولسا پۇتكۇل ئاھالىنىڭ شەھەر سىرتىغا چىقىپ ھۇرمەتتە تۇرۇشىنى بۇيرۇيدۇ ھەم ھەممىسىنى قەتلى-ئام قىلىدۇ،بەلىخ ھەم ھىرات شەھەر پۇخرالىرىنى قىرىپ تاشلاپ ئورنىغا قەشقەرىيە ھەم خوتەن-تۇرپان كىشىلىرىنى كۇچۇرۇپ كىلىدۇ شۇنداق قىلىپ بۇ زىمىنغا خارەزىمشاھنىڭ ھىمايىسى بىلەن ئورۇنلىشىۋالغان ئىرانىلارنى پۇتۇنلەي قىرىپ تاشلايدۇ،ئامان قالغانلىرى ئىرانغا قاچىدۇ،ئىز بىسىپ قوغلاپ تاكى رەي، تەبرىز شەھەرلىرىگىچە ئىستىلا قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ،تۇرىكمەنلەرنى، ،ئازەرىلەرنى ئىرانىلەر ئۇستىگە قويىدۇ،ئاخىرىدا زىددىيەت شۇ دەرىجىدە كەسكىنلىشىدىكىن باغدات ئۇستىگىمۇ يۇرۇش قىلماي مۇمكۇن بولمىدى،ئۇيەرلەرمۇ ئىستىلا قىلىندى.
شىمالى تەرەپلەردەبولسا قىپچاقلار -ئۇزبىكلەر خائىنلىق قىلىشقىلى تۇرۇشتى ،شۇنۇڭ بىلەن تاكى ئورۇسلار نىڭ موسكۋا-مىرگورۇت -پولتاۋا لارغىچە ئىستىلا قىلىندى .
تىمۇچىننى خان قىلىپ كۇتۇرۇشكەندە ئۇنىڭغا يېڭى بىر ئۇنۋان لازىم بولىدۇ شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر ئەقىلدارلار ئۇنىڭغا (چىڭغىز خان) دەپ ئۇنۋان كەشىپ قىلىشىدۇ، مەئنىسى -چىڭىتىش ،چىڭىغىزۇش (دەۋلەت ئۇلىنى تېخىمۇ چىڭىتقۇزۇش)، پەقەت كىيىنكى ياۋرۇپا تارىخچىلىرىلا تىلى كەلمىگەشكە (چىڭگىزخان) دەۋىلىشتى.
كىيىن ئۇ يەرلەردىكى تۇركى-ئىسلام ياشلىرىدىن لەشكىرى كۇچىنى كۇچەيىتكەن چىڭغىزخان شەرىققە -تارىخى دۇشمىنى ئالتۇن خان ئۇستىگە ھۇجۇم قىلىپ كىلىدۇ،ئۇنىمۇ ئىشخال قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان سۇڭ ھاكىمىيىتىنىمۇ مۇنقەرىز قىلىدۇ،كورىيەمۇبۇ ئىستىلادىن چەتتە قالمايدۇ،بۇ ئۇرۇشتا كىرەكسىز ئادەملەر قاتارىدا خەنلەر،تاڭغۇتلار،جۇرجىتلار،ئىرانىلار كۇپلەپ قىرىپ تاشلىنىدۇ،ئۇ يەرلەر يايلاققائايلاندۇرىلىدۇ،پەقەت تۇركى قەۋىم بولغان قىتانلاردىن ئەقىللىق شاھزادە يېلىيۇچۇساي نىڭ مەسلىھەتى بىلەن بىر قىسىم تېرىقچىلار ساخلاپ قىلىنىدۇ،ئۇ يەرلەرنى نازارەت قىلىش ئۇچۇن تۇركى-ئىسلامى لەشكەرلەرنى ۋىلايەت-ۋىلايەتلەرگە بۇلۇپ قورۇقلاش خىزمىتىگە قويىدۇ،كىيىنرەك ئۇلارنىڭ خەن قىزلىرىدىن خوتۇن ئىلىشىغا پەتىۋا بىرىلىدۇ،ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئانىسى خەن بولغاچ خەن تىلىدا زۇۋانى چىقىدۇ،ئىتىقادى ئىسلامى بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ تۇڭگان خەلقى شەكىللىنىدۇ
ھىكايەت:
سىر دەرياسىدا بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان سۇغا چۇشۇپ يۇيۇنىدۇ ۋە چارلامچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ چىڭغىزخاننىڭ ئالدىغا ئىلىپ كىلىنىدۇ،چىڭغىزخان بولسا ئۇنى ئەتە سوراق قىلىمەن دەپ چىقىرىۋىتىدۇ ھەم بىر نۇۋكىرىدىن ئۇنىڭغا گەپ ئېيتتۇرۇپ بىرىدۇ(سەن ئەتە سوراق قىلىنغاندا، ئەتىۋارلاپ ساخلاپ يۇرگەن بىرتال ئالتۇن تەڭگەم سۇغا چۇشۇپ كەتكەن شۇنى ئىزدەپ سۇغا چۇشۇشكە مەجبۇر بولدۇم، دىگىن) دەپ گەپ ئۇگۇتىدۇ. دىگەندەك ئەتىكى سوراقتا ئۇ ئادەم شۇنداق دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ھەم پادىشا ئۇنى ئۇزرىلىككەن، دەپ قويۇپ بىرىدۇ.
گەپ شۇ يەردىكى مۇڭغۇللارنىڭ جاساق قانۇنىدا كۇندۇزى ئادەملەر سۇغا چۇشۇپ ئۇنى بولغىسا ئۇلۇمگە ھۇكۇم قىلىنىدۇ دەپ يېزىلغان.كىيىن بۇ قانۇننى ئۇزگەرتكەن.
بۇ مىسالدىن مەلۇمكى چىڭغىزخان، مەيلى مۇسۇلمان ئۇيغۇربولسۇن مەيلى بۇددىست ئۇيغۇر بولسۇن ئۇزىنى ئۇيغۇرغا يېقىن تۇتقان،شۇڭا ئۇنۇڭ ھاكىمىيىتىدە ئۇيغۇرلار ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.پەقەت چىڭغىزخاننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرمىگەنلا يېرى بار(ئەلبەتتە ئۇ شارائىتتا كۇپچۇلۇك موڭغۇللارنىڭ ئىتتىپاقىنى كۇزدە تۇتۇپ بۇ ئىشنى قىلمىدى،لىكىن بۇ ۋەزىپىنى ئەۋلاتلىرى ئورۇندىدى)
شۇنداقتىمۇ ئۇزىنىڭ بالا-ۋاقىلىرىدىن تارتىپ پۇتكۇل موڭغۇل ئولۇسى ئۇيغۇرچە يېزىق ئۇگۇنۇشكە بۇيرۇلىدۇ،پۇتكۇل بېسىۋىلىنغان زىمىنلاردا ئۇيغۇرمەمۇرلار ئىش باشقۇرىدۇ،مەمۇرى ئىشلارنىڭ ھەرقاندىغى ئۇيغۇرلارتەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ،ھەربى ئالىملار -مەسلىھەتچىلەر يەنىلا ئۇيغۇرلاردىن،دېپلۇماتىيە مۇ ئۇيغۇر تىل-يېزىغى بىلەن ئىلىپ بىرىلىدۇ، بىكارلانغان زىمىنلارغىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشتۇرىلىدۇ،دۇنيا تارىخىدا ھىچقانداق بىر ھۇكۇمىران بۇخىل ئىشنى قىلمىغان،پەقەت چىڭغىزخانلا قىلدى،سەۋەپ- ئۇ -ئۇيغۇر!
(ئىلاۋە:
ھازىرقى موڭغۇللار چىڭغىز خاننى سېپى ئۇزىدىن مۇڭغۇل دەپ تونۇشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەيكەللىرىنى مۇڭغۇل سىياقىدا ياسىشىدۇ،تارىخى فىلىملەرنى ئىشلىگەندىمۇ مۇڭغۇل چىراي ئارتىستلارنى تەكلىپ قىلىپ مۇڭغۇل ئوبرازى ھاسىل قىلىشىدۇ،لكىن تارىخى رەسىملەردە بولسا ئۇ مۇڭغۇللارغا خاس يۇمىلاق ياغاقيۇز ئەمەس بەلكىم ئۇيغۇرلارغا خاس ئۇزۇنچاق يۇزلۇك ،قاڭشارلىق ساقال-سۇمباتلىق قىلىپ سىزىلغان،ئۇ ئىرقى تەرەپتىن ھەرگىزمۇمۇڭغۇل ئەمەس)
19
ئۇيغۇرلاردىن تۇمۇر ئىسىملىك ئۇچ پادىشاچىقتى،
بىرىنجىسى -تۇمۇرچى(تىمۇچىن-چىڭغىزخان)،بۇ ھەققىدە ئالدىنقى بايانلىرىمىزدا تەسۋىرلەپ ئۇتتۇق.
ئىككىنجىسى-تۇمۇرلەڭ (ئاقساق تۇمۇر-ئەمىر تۇمۇر)،
ئۇچۇنجىسى-تۇغلۇق تۇمۇرخان .
تۇمۇرلەڭ سەمەرقەنت نى مەركەز قىلىپ دەۋىر سۇردى،ئۇرۇشتا پۇتىغازەھەرلىك ئوقيا تەككەنلىگى ئۇچۇن ئاقساپ قالدى،شۇڭا ئاقساق تۇمۇر دەپمۇ ئاتالدى.ئۇ چاغاتاي ئەۋلاتلىرىنىڭ قولىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ھۇكۇمرانلىقنى ئۇتكۇزىۋالغاندىن كىين نۇرغۇن يۇرۇشلەرنى قىلىپ زىمىننى كەڭەيتىدۇ،مۇشۇ ئەسنالاردا شىمالى تەرەپلەرگە ھۇكۇمرانلىق قىلىپ كىلىۋاتقان توختەمىش خان موسكۋا تەرەپلەردىكى جەڭلەردە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ،شۇنداقلا ئەمىر تۇمۇرنىڭ يېنىغا قىچىپ كىلىۋالىدۇ،ئەمىر تۇمۇر بولسا ئۇنى ئەڭ چوڭ ھۇرمەتلەر بىلەن ئىززەتلەيدۇ ھەم ئونىڭغا ھەربى ياردەم قىلىپ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بىرىدۇ،لىكىن بۇ تۇزكۇر ياخشىلىققا يامانلىق قىلىدىغان بولۇپ چىقتى،ئازراقلا كۇچۇيۇۋىلىپ ئەمىر تۇمۇرنىڭ زىمىنلىرىغا تەجاۋۇز قىلغىلى چۇشتى،شۇنۇڭ بىلەن ئەمىر تۇمۇر ئۇنى كۇزدىن يوقۇتۇشقا مەجبۇر بولدى.
ژىللار ئۇتۇپ ئەمىر تۇمۇر يېشى سەكسەندىن ئاشقاندا شەرقتىكى خىتتاي خانى ئەلچى ئەۋەتىپ ئولپان تۇلەشنى شۇ ئارقىلىق ئۇزىگە تەۋەلىك بىلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ ،بۇنىڭدىن قۇيقا چىچى تىك تۇرغان شاھ، نۇمۇس ئوتىدا دەرغەزەپ بولۇپ دەرھال لەشكەر توپلاپ يولغا چىقىدۇ،ئۇزىنى بىلىمىگەن بۇ نائەھلى پادىشاغا ئولپان تۇلەشنىڭ نىمىلىگىنى كۇزىگە كۇرسۇتۇشكەئالدىراپ قالىدۇ،لىكىن تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى باشقىچە بولغاچ تالاس قا كەلگەندە قاتتىق زۇكام بولۇپ ۋاپات ئىتىدۇ،ھىلىقى نائەھلى پادىشاغا تەزىر بىرىش ئىشى تارىخنىڭ كىيىنكى بەتلىرىگە قالىدۇ.
تۇغلۇق تۇمۇرخان چاغاتاي ئەۋلادى بولۇپ ئۇنۇڭ شاھلىق مەركىزى ئىلى تەۋەسىدىكى ئالمالىق شەھىرىدە ئىدى(سۇيدۇڭ ناھىيەسى تەۋەسىگە قوشۇۋىتىلگەن ئىلگەركى چىلپەڭزە ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ ھازىر ئۇيەر 60- پولىك دائىرىسىدە )
تۇغلۇق تۇمۇرخان بالدۇرلا مۇسۇلمان بولۇپ بولغان بولۇپ بىر كۇنى ئۇ ئەمەلدارلىرىنى ئوردىغا چاقىرىدۇ ۋە لەشكەرلىرىگە ئوردا دەرۋازىسىنى تاقاشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇزى ئەمەلدارلىرغا((مەن مۇسۇلمان بولدۇم،سىلەرمۇ مۇسۇلمان بولۇشۇڭلار كىرەك،بولمىسا ئۇلۇشۇڭلار كىرەك)) دەپ ئەمىر قىلىدۇ.
بۇنى ئاڭلىغان بىر قىسىم موڭغۇللار ئۇزلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇنلا يۇشۇرۇن ئىسلامغا كىرىشكەنلىگىنى ئاشكارە ئىتىشىدۇ يەنە بىر قىسىم مۇڭغۇللار بولسا ئىشنىڭ چاتاق ئىكەنلىگىنى فەھىم قىلىشىپ دەرۋازىغا قاراپ قىچىشىدۇ، لىكىن دەرۋازا تاقاق.
شۇنداق قىلىپ شۇ قىتىمقى دەۋەتتە 60 مىڭ مۇڭغۇل ئىسلامغا كىرىدۇ،ئىككىنجى قىتىمدا بولسا قالغان 90 مىڭ مۇڭغۇل ئىسلام نۇرىغا ئولۇشىدۇ،شۇنۇڭ بىلەن جەمى 150 مىڭ مۇڭغۇلنىڭ ئىسلامغا كىرىشى نەتىجىسىدە بۇ ئۇيغۇر ئىلىدە بىرمۇ مۇڭغۇل قالمايدۇ.
كىيىنكى يۇرۇشلەرنىڭ شاراپىتىدە تۇرپان تاكى قۇمۇللارغىچە ئىسلام ئىچىپ بارلىق بۇددىسىت ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن پۇتكۇل ئۇيغۇر ئىلىدە بىرمۇ غەيرى دىندىكى ئادەم قالمايدۇ،تولۇق ئىسلام ئىلى بولۇپ شەكىللىنىدۇ.
20
قىرغىزلار ھەققىدە سەل بۇرۇنىراقتىن گەپ باشلايلى،
ئورخۇن ۋادىسغا بالا-قازا قوشلاپ كەلدى،ئالدى بىلەن ئىنتايىن قېلىن قار توختىماي ياغدى،ماللار ھەددى ھىساپسىز قىرىلدى،سوغۇقنىڭ دەھشىتى ئالەمنى بىر ئالدى،دەۋاسىز كىسەللەر ئاقا-ئاقىدىن تارالدى،مانا مۇشۇنداق ئەھۋال نەچچە ژىلغا سوزۇلدى،خەلىق ئاچ-زىرىنلىقتا قالدى،ھاكىمىيەت ئامالسىز قالدى.
ئاخىرىدا ماكان يۇتكەش خۇلاسىسىغا كىلىشتى،شۇنداق قىلىپ مەملىكەتنىڭ ئىسسىق رايۇنلىرىغا كۇچۇش تەشەببۇس قىلىندى،بۇنداقتا جۇت-ۋابادىن قۇتۇلۇش،ماللارنىڭ قارنىنى تويغۇزۇش،خەلىقنى خاتىرجەم قىلىش مەخسەت ئىدى،.لىكىن مۇشۇ ئارىدا چەتكە قېقىلغان ئوردا ۋەزىرى بولمىش قۇۋلۇق باغا -قېلىن قاردا ئاچ قالغان قىرغىزلارغا مەخپىيەتلىكنى سېتىپ ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا پۇرسەت ياراتتى،شۇنۇڭ بىلەن پىلان بىلەن بولغان كۇچۇش ئىشى قاچ-قاچقا ئايلىنىپ كەتتى،پۇرسەتپەرەس قىرغىزلار ئاچلىق ئازاۋىدا نىمە ئۇچرىسا شۇنى بۇلاپ يېيىشتى.
شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەچ يولىغا داۋام قىلىشتى ھەم مەنزىللىرىگە يىتىپ بىرىپ ئۇز خانلىقلىرىنى بەرپا قىلىشتى.
قىرغىزلار چۇ؟ ئۇلار ئىگىسىز قالغان بوش زىمىنغا ئىگە بولۇشتى،ئۇتۇكەن شەھىرىنى ئۇزلىرىگە مەركەز قىلىشتى،لىكىن تاڭ شاھىدىن يۇشۇرۇن ئەلچى كىلىپ (ئەگەر بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلىۋەتمىسەڭلار ئۇيغۇرلار(بىزنىڭ پايتەختىمىز تى)دەپ يەنە قايتىپ كىلىدۇ ۋە سىلەرنى قۇل قىلىدۇ)دەپ نادان قىرغىزلارنىڭ شەھەرنى تۇپ-تۇزلەڭ قىلىۋىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىدى
تارىخ ئايلىنىپ قىرغىزلارمۇ ئۇ زىمىندا تۇرالمىدى،چۇنكى تەبىئەت بەك رەھىمسىز،ئۇيغۇرلار تۇرالمىغان ئۇ زىمىندا بۇلارغىمۇ ئورۇن قالمىدى،شۇنداقلا موڭغۇللار يايلاق تالىشىپ قىستاپ كىلشتى. ئاقىۋەت يەنە شۇ ئۇيغۇرلار ئۇلارغا زىمىن بەردى-تەڭرىتاغ ئاراچلىرىدا مال بىقىپ كۇنىنى كۇن ئەتسۇن دىدى.كۇچۇپ كىلىشتى.
لىكىن بۇ تۇزكورلار ئارادا نەچچە يۇز يىل ئۇتەر-ئۇتمەي ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارا قىلىپ تېپىپ يىمەي -بۇلاپ يەيدىغان بۇلاڭچىلىقىنى قىلىپ تەڭرىتاغنىڭ غەربىدە ئوش،ئوترار ،ئەنجان،نەمانگان،بالاساغۇن شەھەرلىرىنى،شەرىق تەرەپتە بولسا ئاتۇش،ئاقسۇ،ئۇچ،ئىلى شەھەر-يېزالىرىنى بۇلاپ-تالاشقا چۇشۇپ كىتىشتى،بۇنداق تالان-تاراج خەلىقنىڭ نەپرىتىگە قالدى،ئاقىۋەت سەئىدىيە خاقانى، ئىلگەركى غەربى قاراخانىلار زىمىندىكى قېرىنداش شاھلار بىلەن بىرلىشىپ قىرغىزلارنى يوقۇتۇش ئۇرۇشى ئىلىپ باردى،تەڭرىتېغىنىڭ غەربى ۋە شەرقى ئىككى تەرەپىدىن تاغ ئىچكىرىسىگە ھۇجۇم قىلىپ قىرغىزلارنى ۋەيران قىلدى ھەم قىردى ،شىمالغا بويلاپ ھۇجۇم بىلەن تاكى ئېمىل دەرياسىغىچە باردى.
شۇنۇڭ بىلەن ئۇلارغا قىرغىزىۋەت-قىرىۋەت مەناسىدىكى (قىرغىز)ئاتالمىسى ئىسىم بولۇپ قالدى.
تۇڭگانلار ھەققىدە:
ئۇلار دىنى ئىلىم ئىلىشتا يەركەن شەھىرىدىكى ئالتۇن مەسچىت مەدرىسىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشتى،مۇشۇ يەردىن ئوقۇش پۇتتۇرۇپ ئىرشاتنامە ئالغانلارغىلا چىڭخەي-كەڭسۇلاردا،ئۇز جامائىتى ئارىسىدا ئىماملىق مەرتىۋىسى بىرىلدى،ئالتۇن مەسچىت مەدرىسىسدىن ئىرشاتنامە ئالالمىسا ئىمام بولالمايدۇ ھەم قايتا ئوقۇشى كىرەك ئىدى.
كىيىن -كىيىن زامان ئۇتۇشى بىلەن ئۇلاردىمۇ ئۇلىمايۇ- مۇدەررىسلەر كۇپلەپ يىتىشىپ چىقىپ ھازىرقى لىنشا شەھىرى ئۇلاردا دىنى مەركەز ھالىغا كەلدى ھەم شۇ يەردىن دىنى ئىلىم ئالىدىغان بولۇشتى.
(ئاخىرى بار)