«ئۈرۈمچى»ئاتالغۇسىغا«دىۋان»دىن يەشمە
ئاپتورى«ئۇرخۇن»تورىدىن بارخان
قۇلۇلىنىڭ يۇمران تېنى ئىچىدىكى ھاياتلىق شامى ئاجىز پىلدىرلىسىمۇ، ئۇنىڭ تۆمۈردەك مەزمۇت قېپى زامان تانابىغا تىزىلىپ مەڭگۈ يالتىرايدۇ.
- نەسرى ئىلھاملىرىم.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسات ۋە مەدەنىيەت مەرگىزى بولغان «ئۈرۈمچى»، ئۆزىنىڭ بۇ تارىخى جەڭگىۋار نامىنى، تالاي تارىخى قىسمەتلەردىن ھالقىتىپ يىتىپ كەلگەن رىياللىق پەنجىسىدىكى ئېسەنكىرەشلىرى ۋە ئەسلى ئاتالغۇ ھەقىقىتىدىن يىراقلاشقان ھالدىكى غەيرى، ئۆزگىچە تەبىرىدىن مۇڭلۇنۇپ، تۈركىي ئەۋلاتلىرىنىڭ تۈركىي ئەجدات تىلى بىلەن ئۆز مەۋجۇتلىقىنىڭ مۇقەددىمە ياكى ئەڭ ئاخىرقى ئىھتىماللىقىدا، ئۇنتۇلۇش خەۋپسىرەشلىرى بىلەن جىددى ئېنىقلىما بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە.
«دىيارىمىزدىكى بىرقىسىم يەرناملىرى ھەققىدە»دە خېلى كۆپ تەپسىلاتلاردىن كېيىن: « خۇلاسە: "ئۈرۈمچى" سۆزى ئەسلى"رۇمچە"دېگەن تۈركىي سۆزىدىن ئۆزگەرگەن بولۇپ... ئەسلى نامى "ياڭىبالىق"ئىدى.»دېگەن ياشمە بىلەن تاماملايدۇ. بۇ ھۆكۈمدىن قانائەتسىزلەنگەن بىر قىسىم ئىزدەنگۈچىلەر:« ئۆرۈمچى – سودىدا مال ئالماشتۇرۇش، سودا سېتىق رايونى. تاللىق، ئۆرۈلگەن چاچ »قاتارلىق سىمۋوللۇق مەنىلەرگە باغلايدۇ. «تارىخى ھەمىدىي»دە : «ئۈرۈمچى»نىڭ ئەسلى«رۇمچە»دىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەنلىنى قۇۋەتلەيدۇ.
يۇقارقى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھېچقانداق تۈركىي تىل يىلتىز ئاساسى ۋە تارىخى ئىلمى ئاساسى يوق.
«ئۈرۈمچى»ئاتالغۇ يەشمىسىگە تۇتۇنۇشتىن بۇرۇن، ئاۋال «ئۈرۈم» مەسىلىسىنى ھەل قىلماي بولمايدۇ. «ئۈرۈمچى» قەدىمدە «ئورۇمتاي» ۋە «ئورۇمتاي»نىڭ قىسقارتىلمىسى «رومتاي»دەپ ئاتالغان. ھازىرچە، «ئۈرۈمچى»دىكى «چى» بىلەن «ئورۇمتاي»دىكى «تاي»نى نەزەرگە ئالماي تۇرساق، ھەرئىككى ئاتالغۇدىن «ئورۇم»بىلەن «ئۈرۈم» قالىدۇ. سوزۇق تاۋۇش«ئو»،«ئۈ»نىڭ تارىخى ئاتالغۇلار تەكرارىدا بىر-بىرىگە ئورۇن بېرىش ئاددى تىل تەلەپپۇز ھەقىقىتىدىن: «ئورۇم» بىلەن «ئۈرۈم»نىڭ مەنبەداش ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە، ھەر ئىككىسىگە «ئورۇم»نى ۋەكىل قىلىپ ئېلىشقا بولىدۇ.
تۆۋەندە، «ئورۇم»ئاتالغۇسىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى مەۋجۇت ئاتالغۇ ئەمەلىيىتىگە جىپسىلاشتۇرغاندىكى يەشمە ئىھتىمالىنى كۆرۇپ باقايلى:
«ئورۇم»نى پۈتۈن ئاتالغۇ ھالىتى بىلەن «دىۋان»دىن ئىزدىسەك ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيمىز. ئەمما، «ئورۇم»نى «ئور» ۋە «ئۇم»غا پارچىلاپ قارىغىنىمىزدا، خۇشاللىقىمىزنى باسالماي قالىمىز: «ئوردۇ- ... يەر ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلار ئۇۋىسى»(«دىۋان»1-قىسىم168-بەت). «ئوردۇ»( ھايۋانلار ئۇۋىسى) يەر ئۈستى تەكشىلىكىدىن تۆۋەن ۋە چوڭقۇر بولىدۇ. «ئورغاق-(دېھقانلار پىشقان زىرائەتلەرنى ئورۇشتا ئىشلىتىدىغان) ئورغاق»(«دىۋان»1-قىسىم 161-بەت). «ئورغاق» ئەسۋابى يايى سىمان، ئىككى بېشىدىن ئوتتۇرىسى پەس بولىدۇ. بىز ئادەتتە يېڭى چىققان ئاينى ئورغاق ئاي دەيمىز. بۇ خىل يېڭى چىققان ئايغا «ئور» ئاتالغۇسىنى قوشىشىمىزنىڭ ئۆزىمۇ: ئاينىڭ ئىككى بېشىدىن ئوتتۇرىسى تۆۋەن يايى سىمان ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش. ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئىستىمالىدا: سەۋزە ۋە چامغۇر كۆمۈپ ساقلايدىغان ئورۇننى «ئورا»، چوڭقۇر كولانغان ئورۇننىمۇ «ئورەك»دەپ « ئور»نى كەڭ تۇردە قوللىنىدۇ. ھەتتا چىشى ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى «ئورغاچى»دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئەركەك ھايۋاندىن كىچىكرەك ھالىتىگە «ئور» ئاتالغۇسىنى قاتقان. «ئورۇم»دىكى «ئۇم»نىڭ تارىختىكى تۈركىي تىل يىلتىزى «ئىم»بولۇپ، «ئۇرئىم» كېيىنچە «ئورۇم»غا ماھىللاشقان.«ئىم» ئاتالغۇسى ھەققىدە «دىۋان»دا: «ئىم – ھەربى قوشۇنلاردا باش قوماندان تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن مەخپى بەلگە. مۇنداق بەلگىلەر قۇش ۋە قۇراللارنىڭ ئېتى بىلەن ياكى باشقا سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى تۈركۈم ئەسكەر ئۇچراشقاندا، بىر-بىرىنى تونۇشقا ۋە ئۇقۇشماي ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا خىزمەت قىلىدۇ. كېچىسى ئىككى كىشى ئۇچراشقاندا، بىرى يەنە بىرىدىن ئىم سورايدۇ، سورالغان كىشى ئىمنى ئۆز كىشىسى ھىساپلايدۇ، بىلمىسە ھوجۇمغا ئۇچرايدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئىم بىلسە ئەر ئۆلمەس»(1-قىسىم54-بەر)دېگەن ئېنىقلىما ئۇچرايدۇ. دېمەك «ئىم» تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ خاس ئالاقە بەلگىسى بولۇپلا قالماي، مۇئەييەن شارائىتتا تۈركىي مىللەتنىڭ ئۆزىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ.
«ئورۇمتاي»نىڭ قىسقارتىلمىسىدىكى «رۇمتاي»نىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى «لۇن تەي» بولۇپ، قەدىمكى تۈركىي مىللەت تارىخچىللىرىمىز ۋە تەرجىمەشۇناسلىرىمىز، خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردىكى «لۇن»نى «رۇم»دەپ، ئەسلى ئۆزىنىڭ تىلىنى قايتا تەرجىمە قىلىپ كۆچىرىش جەريانىدا ئىككىلەمچى ئاتالغۇ(ياتلار ئاتالغۇسى) قىلىپ قويغان. «ئورۇمتاي»قانداقتۇ «رۇمتاي»غا قىسقارغاندا ئەسلى ئاتالغۇ «ئورۇم»(ئورئىم)دىكى «ئور»نىڭ «ر» ھەرىپى « ئىم»غا ئىختىيارسىز قېتىلىپ « رىم»(رۇم) بولۇپ قالغان. قەتئى ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى «رۇم»ئاتالغۇسى قەدىمكى تۈركىي تىلىدا ھەرگىز مەۋجۇت ئەمەس. ئەستايىدىل گۈزەتسەك، بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى «دىۋان» كۈچلۈك ھالدا ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
ئاخىرىدا، «ئورۇمتاي»ۋە «رۇمتاي»دىكى «تاي»، «ئۈرۈمچى»دىكى «چى»نى «دىۋان» ئاستىغا ئېلىپ باقايلى: «تاي – ئات بالىسى»(«دىۋان»3-قىسىم 216-بەت). بۇ يەردە «تاي»، يىتىلگەن ئاتقا سېلىشتۇرغاندا كىچىك، پاكار ۋە تۆۋەن تۇرىدىغانلىقى ئارقىلىق «ئۈرۈمچى»نى پۈتكۈل چۇڭغار ئويمانلىقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر ئويمانلىق ئىكەنلىكى سىمۋوللاشتۇرۇلغان. ھەتتا ئۇ، تارىمنىڭ شەرقىدىكى ئويمالىق بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ شۇنداق ئاتالغان بولىشىمۇ مومكىن. «چى – نەم يەر»(«دىۋان»3-قىسىم288-بەت). زىمىننىڭ پەس ۋە ئويمان قىسمىنىڭ نەم ۋە سۇلۇق بولىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ مۇناسىۋەتتە «ئۈرۈمچى»نىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىكولوگىيىسىنى نەم ۋە سۇلۇق دېسەك تامامەن توغرا بولىدۇ.
ئومۇمەن ، «ئۈرۈمچى»نىڭ «دىۋان»دىكى تىل يىلتىزى « ئور»، «ئىم» ۋە «چى» بولۇپ: «ئور» - ئويمان، «ئىم» - تۈركلەرنىڭ خاس بەلگىسى، «چى» - نەم يەر دېگەنلىك بولىدۇ.
«ئۈرۈمچى»نىڭ بىر جۈملە يەشمە ئىپتىخار جاكاسى شۇكى: «ئۈرۈمچى» - تۈرك ئويمانلىقى دېگەنلىك.
پايدىلانغان ماتىرياللار:
1) «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى».
2) «ئۈرۈمچى ئاتالغۇسىنىڭ مەنىسى».
3) « "ئۇرۇم" توغرىسىدا ئىككى كەلىمە ئىزاھ»
4) «ئۈرۈمچى نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى»
5) «تۈركىي تىللار دىۋانى»