مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ 8- نۆۋەتلىك رەئىسى مەسئۇتنىڭ ھاياتى
لوشاۋۋېن
(ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن)
مەسئۇد سەبرى (1888- 1950) ئۇيغۇر، شىنجاڭنىڭ غۇلجا شەﻫىرىدىن، ئۇ 1888- يىلى باي سودىگەر، پومېشچىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىدا تىرىشىپ قېتىرقىنىپ ئوقۇپ، ئەلا نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. كېيىن مائارىپ ۋە مەتبۇئات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، سىياسىي سەﻫنىدە بىر مەزگىل شۆﻫرەت قازانغان. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى ئۇ بىر مەﻫەل شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىك تەختىدە ئولتۇرۇپ باققانىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى پانتۈر كىزمنى كۆككە كتۈرۈپ، ئەۋلادلارنى زەﻫەرلىگەنلىكتىن، تارىخ تەرىپىدىن ئىرغىتىپ تاشلاندى.
1. ئىستامبۇل ۋە ﻫەيدەر پاشا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ «ئەخلاقتا ياخشى، ئوقۇشتا ئەلا» چى ئوقۇغۇچىسى
1900- يىلدىن 1911- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قانۇن ئۆزگەرتىش، يېڭىلىققا كۆچۈش ﻫەرىكىتى ۋە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ دولقۇنى شىنجاڭغا، بولۇپمۇ ئىلى ۋىلايىتىگە تەسىر كۆرسەتتى. شۇ چاغلاردا بەزى كىشىلەر چەت ئەلگە قېچىپ ئوقۇدى ۋە غەربنىڭ پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ كىرىپ سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇردى. ﻫۈسەنباي گېرمانىيىدىن تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكا خادىملىرىنى كىرگۈزۈپ، غۇلجىدا بىر كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى قۇۇردى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تولىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەرەب دۇنياسى بىلەن ﻫەرخىل ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش قۇلايلىق ئىدى. بۇ، تۈرك ئوسمانلى ئىسلام ئىمپېرىيسى XIV ئەسىردىن كېيىن ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى زىلزىلىگە سالغان، XV ئەسىرگە كەلگەندە رىم ئىمپېرىيسى (يەنى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيسى)نىڭ ﻫالاكىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن دەۋر ئىدى. XIX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئوسمانلى ئىسلام ئىمپېرىيسى تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ زور مائارىپ پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ چاغدا ئىمپېرىينىڭ ﻫەربىي كۈچى گەرچە بىر ئاز ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، بىراق مائارىپنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇ يەنە غەربنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيىتىنى كۆپلەپ كىرگۈزدى. شۇڭلاشقا، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ﻫەممىسى ئوسمانلى ئىمپېرىيسىنىڭ قۇدرەتلىكىدىن پەخىرلىنەتتى ۋە ئۇنىڭغا ﻫەۋەس قىلاتتى. ﻫالبۇكى شۇ چاغدىكى جۇڭگونىڭ مەنچىڭ ﻫۆكۈمىتىنىڭ ﻫۆكۈمرانلىرى بارغانسېرى چىرىكلىشىپ، شىنجاڭ خەلقىنى جاﻫانگىرلارنىڭ بوزەك قىلشىغا ئۇچراتقانىدى. مانا مۇشۇنداق تارىخىي ئارقا كۆتۈنۈش ئاستىدا، ئۆز مىللىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئالغا باستۇرۇش، دۆلەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، 1904- يىلى مەسئۇدنىڭ ئاتىسى سابىر مەسئۇدنى ياۋرۇپا بىلەن ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، شۇ چاغدىكى تۈرك ئوسمانلى ئىمپېرىيسنىڭ پايتەختى بولغان ئىستامبولغا ئەۋەتىش قارارىغا كەلدى. شۇ يىلى مەسئۇد 16 ياشقا كىرگەنىدى. مەسئۇد ئەقىللىق، تىرىشچان بولغاچقا، ئالدى بىلەن V ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە قۇرۇلغان، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئىستامبول ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇدى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ﻫەيدەر پاشا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ تىببىي ئىلىم ئۆگىنىپ، 1916- يىلى ئوقۇش پۈتتۈردى. مەكتەپتە ئۇ «ئەخلاقتا ياخشى، ئوقۇشتا ئەلا» چى ئوقۇغۇچى دېگەن باﻫاغا ئېرىشتى.
مەسئۇدنىڭ ئىستامبۇلدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلى دەل ياۋرۇپالىقلار «قانخور سۇلتان» دەپ ئاتىغان ئابدۇل ﻫەمىد II نىڭ (1876- يىلدىن 1909- يىلغىچە) ﻫاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلى ئىدى. بۇ سۇلتان ئارمىيىنى ئىسلاﻫ قىلىش، قاتناش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، پانتۈركىزمنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يولغا قويۇپ، ئوسمانلى ئىسلام ئىمپېرىيسى، روسىيە، جۇڭگو، ئىران، ئافغانىستان تەۋەسىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاندىن ئوسمانلى ئىسلام ئىمپېرىيسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىنى يارىتىشنى خام خىيال قىلىپ، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى بېسىۋېلىش قەستىدە بۇلۇۋاتاتتى. ئۇ پانتۈركىزم ئارقىلىق سانسىزلىغان ياشلارنىڭ مىللىي، دىنىي ئەسەبىيلىكىنى قوزغىدى. مەسئۇد ئىستامبۇلدا ئوقۇغان 11 يىل دەل مۇشۇ پانتۈركىزملىق ئىدىيىنىڭ ئەسەبىيلىشىپ، يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن مەزگىل ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئىسسىق قېنىمۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيسىدىكى پۇقرالار ۋە ياشلار بىلەن ئوخشاش ئۆركەشلىدى. ئۇ ئوقۇشتىن سىرتقى چاغلاردا «تۈرك يۇرتى» گېزىتىدىكى ﻫەربىر ئېغىز گەپنىمۇ قالدۇرماي ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋالدى. ئۇ 16 يېشىدىن 27 يېشىغىچە پانتۈركىزملىق ئىديىنى ئۆزىنىڭ ﻫۈجەيرىسىگىچە سىڭدۈرۈپ، ئۇ ئىديە بىلەن ئوت بولۇپ ياندى. ئۇ ئۆز ۋەتىنىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك، ئۆزىنى ئوسمانلى ئىمپېرىيسىنىڭ پۇقراسىدەك ﻫېس قىلىپ، تۈركلەرنىڭ ئوسمانلى ئىسلام ئىمپېرىيسىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدىكىدەك قۇدرەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
2. مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۈيۈك توغىنى لەپىلدىتىش
مەسئۇد 1915- يىلى تۈركىيىدىن «ئەخلاقتا ياخشى، ئوقۇشتا ئەلا»چى دېگەن باﻫا ۋە مول تىببىي بىلىم ﻫەمدە پانتۈركىزملىق ئىدىيىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى رايونىدا مەسئۇدقا ئوخشاش چەت ئەلگە چىقىپ 11 يىلدىن ئارتۇق ئوقۇپ كەلگەنلەر يەنىلا ناﻫايىتى ئاز ئۇچرايتتى، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئكز يۇرتى بىلەن ئىستامبولنى سېلىشتۇرۇپ، ئكز يۇرتىنىڭ ناﻫايىتى قالاق ﻫالەتتە قالغانلىقىنى چوڭقۇر ﻫېس قىلدى. بۇ ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇ ئەسلى تىببىي بىلىم ئۆگىنىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كېسەل داۋالاشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى، بىراق ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ روﻫىي ﻫالىتىگە قاراپ، بىر دوختۇر قانچىلىك ئادەمنى قۇتقۇزالايدۇ؟ دوختۇر پەقەت فىزىئولوگىيىلىك جەﻫەتتىكى كېسەلنىلا داۋالىيالايدۇ، ﻫەرگىزمۇ مەدەنىيەت جەﻫەتتىكى قالاقلىق كېسىلىنى دۋالاپ قۇتقۇزالمايدۇ، دېگەن ئويغا كەلدى. ئۇ ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە تۈركىيىدىكى ياش تۈركچىلەر پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسىدىكى «ﻫەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇپ» نىڭ ئۇلۇغۋار ۋە چوڭقۇر ئەﻫمىيتىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىبابەتچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش قارارىغا كەلدى. مەسئۇدنىڭ ئائىلىسى باي بولغانلىقتىن ئۆزى بەبلەغ چىقىرىپ «تۇران» مەكتىپىنى قۇردى ۋە ئۆزى مەكتەپ مۇدىرى بولدى ﻫەمدە ئاممىنىڭ قوللىشىنى، ئكز پەرزەنتلىرىنى ئاكتىپ ﻫالدا مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تېبابەتچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، مائارىپ بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئكز مىللىتىنى نامراتلىق ۋە قالاقلىقتىن قۇتقۇزۇش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى پۈتۈن يۇرتداشلىرىغا ئۇقتۇردى.
تۈرك ئوسمانلى ئىسلام ئىمپېرىيسىدە، مەيلى سۇلتان ئابدۇلﻬەمىد II ئېلان قىلغان ئاساسىي قانۇندا بولسۇن ياكى ياش تۈركچىلەر پارتىيىسىنىڭ 1908- يىلى خىتابنامە شەكلىدە ئېلان قىلىنغان، مەزكۇر پارتىيىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان سىياسىي پروگراممىسىدا بولسۇن، تۈرك تىلىنى ئىگىلەشنىڭ مۇﻫىملىقى ئالاﻫىدە تەكىتلەنگەنىدى. ﻫېلىقى ئاساسىي قانۇننىڭ 18- ماددىسىدا: «دۆلەتنىڭ ﻫۆكۈمەت تىلى بولغان تۈرك تىلىنى بىلىش ﻫۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىدىغانلار ﻫازىرلىشى زۆرۈر بولغان شەرتتۇر» دېيىلگەن بولغا، 68- ماددىسىدا، تۆۋەن پالاتا ئەزالىرى سايلىمىدا، تۈرك تىلىنى بىلمەيدىغانلارنى سايلاشقا بولمايدۇ، سايلىنىشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى «تۈركچىنى ئوقۇيالايدىغان ۋە مۇكىن قەدەر يازالايدىغان بولۇش» دەپ كۆرسىتىلگەن. سىياسىي پروگراممىنىڭ 17- ماددىسىدا بولسا، بارلىق ئىپتىدائىي مەكتەپلەردە «تۈرك تىلى ئاساسلىق دەرس قىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇ چاغدا، مەسئۇدنىڭ كۆڭلىدە، پەقەت پانتۈركىزملا ئكز مىللىتىمنى قۇتقۇزالايدۇ، پانتۈركىزمنىڭ مەنىۋى كۈچى تۈرك ئوسمانلى ئىسلام ئىپمېرىيسىدىن كېلىدۇ، دېگەن قاراش بولغاچقا، ئۇ ئاچقان مەكتەپتە تۈرك تىلى ئاساسلىق دەرس قىلىندى. لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى ياڭ زېڭشىن «مائارىپ ئىچكى سىياسەت ئۈچۈن ﻫەممىدىن مۇﻫىم» لىقىنى چوڭقۇر بىلەتتى. شۇ چاغدا قەشقەر كونا شەﻫەر ناﻫىيىسىدىكى باۋۇدۇنباي ئكزى مەكتەپ ئېچىپ، تۈركىيلىك بىر كىشىنى ئۇقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇ ئاچقان مەكتەپنىڭ دەرسلىك تۈزۈلۈشىنىڭ بىر مۇنچە جەﻫەتلەردە ئېلىمىزنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكى بايقالغان، تۈركچە ئۆگىتىلىدىغانلىقى ياكى شۇ قېلىپتىكى ئۇيغۇرچىنىڭ تۈركچىلەشتۈرۈلۈشى ئۇنىڭ گەۋدىلىك بىر مىسالى ئىدى. بۇنداق دەرسلەر ئۆتۈلسە، ئېلىمىزگە ياراملىق ئىتىساسلىق كىشىلەرنى تەربىيىلەش قىينلا بولۇپ قالماستىن، ئەكسىچە مىللىي دىنىي ئېزىقتۇرۇشنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭلاشقا، ياڭ زىڭشىن 1915- يىل 8- ئاينىڭ 14- كۈنى باۋۇدۇنباينىڭ بۇنداق مەكتەپلەرنى ئېچىشىنى ئومۇمىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەنئى قىلدى؛ 1916- يىلى تۈركىيە تەۋەلىكىدىكى ئىنژېنېر ياقۇپنىڭ يەكەندە ﻫۈنەر مەكتىپى ئېچىش تەشەببۇسىغىمۇ ياڭ زېڭشىن رۇخسەت قىلمىدى. شۇڭا، ياڭ زېڭشىن 1917- يىلى ئوخشاش سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ مەسئۇد ئاچقان «تۇران» مەكتىپىنىمۇ تەكشۈرۈپ پېچەتلىۋەتتى.
1921- يىلدىن 1922- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قازانغانلىقتىن، پانتۈركىزم بىلەن زادى چىقىشالمايدىغان بىر خىل ئىدىيە ئىلى رايونىغا ناﻫايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى، مەسئۇد بۇ خىل يېڭى ئىدىيىنى توسۇش ئۈچۈن، يەنە ئۆز مەبلىغى بىلەن تۆت يەردە «دەرنەك» مەكتىپىنى ئاچتى. ياڭ زېڭشىن مەسئۇد ئاچقان بۇ يېڭى مەكتەپلەرنىمۇ تەكشۈرۈپ توختىتىۋەتتى.
مەسئۇدنىڭ ئىككى قېتىم ئاچقان مەكتىپى تاقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نىيىتىدىن ﻫەرگىز يانمىدى، بەلكى ﻫەقىقەت قولۇمدا دەپ قاراپ، ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى 1925- يىلى يەنە ئىلى مەكتىپىنى ئاچتى. ياڭ زېڭشىنمۇ مەسئۇدنىڭ مەكتەپ ئېچىشىنى نەچچە قېتىم چەكلەپمۇ توسۇپ قالالمىغانلىقتىن، ئۇنى سۈيقەست بىلەن شۇغۇللىنىپ يولدىن چىقىپ كەتتى دەپ گۇمانلىنىپ، ئۈچىنچى قېتىم 1926- يىلى مەسئۇد ئاچقان ئىلى مەكتىپىنى تۈكشۈرۈپ پېچەتلىدى ۋە مەسئۇدنى سوتلاش ئۈچۈن نازارەت ئاستىدا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلدى. ياڭ زېڭشىن مەسئۇدنى ئۈچ قېتىم ئۆزى سوراق قىلدى ﻫەمدە ﻫەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەكتەپ ئېچىشىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ جايلىرى بولسىمۇ، بىراق جىنايى پاكىت شەكىللەنمىگەنلىكتىن ئۇنى كەچۈرۈم قىلدى، يىل ئاخىرىدا تەسەللى بېرىپ، گۇناﻫسىز دەپ قويۇپ بەردى.
1927- يىلى مەسئۇد ئىلىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، يەنە «دۆڭمەﻫەللە» مەكتىپىنى ۋە ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپنى ئېچىپ، ﻫۆكۈمەتكە يېقىن ئادەملەرنى مەكتەپ مۇدىرلىقىغا ۋە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ، ﻫۆكۈمەت بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالدى.
مەسئۇد تۈركىيىدە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئون نەچچە يىل ئەقلىي قۇۋۋىتى ۋە توپلىغان 100 مىڭ سەردىن ئارتۇق مەبلىغىنى سەرپ قىلىپ مەكتەپ ئاچقان بولسىمۇ، بىراق 12 يىل داۋامىدا ئاچقان مەكتىپى ئۇدا پېچەتلىنىپ، توختىتىپ قويۇلۇپ ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدى، بۇ، ئۇنىڭ پانتۈركىزملىق ئىدىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مۇشۇنداق تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەسئۇدنىڭ پانتۈركىزملىق ئىدىيىسى شىنجاڭدا، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا يەنىلا مەلۇم بازارغا ئىگە بولۇپ تۇردى.
3. سىياسىي سەﻫنىگە قەدەم قويۇش
1933- يىل «12- ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشى ئارقىلىق، چىرىكلىشىپ خۇدىنى يوقاتقان جىن شۇرېن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ ئاچ كۆزلۈكتە چېكىدىن ئاشقان شېڭ شىسەي شىنجاڭنىڭ ﻫەربىي، مۈلكىي چوڭ ﻫوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالدى. شېڭ شىسەينىڭ ئۆز ئورنىنى مۇستەﻫكەملەشتە شۇ چاغدىكى ئەڭ ياخشى تاللاش سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىش ئىدى. مەسئۇد شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىنقىلاب غەلىبە قازانغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئۈلگە قىلىشتىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى كۆردى، بۇنداق ئۈلگە پانتۈركىزم بىلەن قاتتىق زىت كېلەتتى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدە بولغان ﻫەرقايسى ئەللەردە پانتۈركىزمنىڭ ئەۋج ئېلىشى ئەنە شۇ سوۋېت ئىتتىپاقىچە ئىنقىلابقا كۆرسىتىلگەن بىر خىل قارشىلىق ئىدى. بۇ چاغدا مەسئۇدنىڭ ئەﻫۋالى ياڭ زېڭشىن دەۋردىكىدىنمۇ يامانلاشتى. ئۇ پالاكەت كېلىشتىن ئىلگىرى بىر قىسىم مۈلكىنى ئېلىپ ئائىلىسى بىلەن شەرققە مېڭىپ، ئالدى بىلەن تيەنجىندە تۇردى.
جىن شۇرېن تەختتىن يىقىلغاندىن كېيىن، مەركىزىي ﻫۆكۈمەت شىنجاڭدا ﻫەربىي-سىياسىي پەرمانلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەمۇرىي كېڭەش خۇاڭ مۇسۇڭنى شىنجاڭغا ﻫال سوراشقا ەئۋەتتى. بىراق ئۇ شېڭ شىسەي قەتئىي قارشىلىق قىلغاچقا ئۆز مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قايتىپ كەتتى. خۇاڭ مۇسۇڭ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنىڭ مۇدىرلىقىدىن تاشقىرى، موڭغۇل-زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگىمۇ مەسئۇل بولدى. شۇ چاغدا خۇاڭ مۇسۇڭ بىلەن مەمۇرىي كېڭەشنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىڭۋېي شىنجاڭنى گەپ ئاڭلايدىغان، مەركەزگە بويسۇنىدىغان قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەت زاتلىرىنىڭ كۈچىگە تايانمىسا بولمايدىكەن، دەپ ﻫېسابلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەركىزىي داشۆ، مەركىزىي سىياسىي مەكتەپ ۋە مەركىزىي ﻫەربىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆزىگە تارتىش قارارىغا كەلدى، بولۇپمۇ ئىلگىرى مەركىزىي داشۆنىڭ قانۇن شۆيۈەنىدە ئوقۇغان، جىن شۇرېننىڭ ۋاقتىدا ئېلىمىزنىڭ تاشكەنتتىكى ئەلچىخانىسىدا تەرجىمان بولغان، شۇ چاغدا نەنجىڭدا ئوقۇۋاتقان يېڭىسارلىق ئەيسا ئالىپ تېكىننى ئۆزىگە تارتىشقا ئالاﻫىدە ئەﻫمىيەت بەردى. ئەيسا ئالىپ تېكىنمۇ مەركىزىي داشۆدە ئوقۇغان چاغدىكى ﻫەرخىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، نەنجىڭدا نۇرغۇن مۇﻫىم كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ، مەمۇرىي كېڭەشتىكى ۋاڭ جىڭۋېي بىلەن باش كاتىپ چۇمىنيىنىڭ نەزەرىگە ئېرىشكەنىدى. ئەيسا ئالىپ تېكىن مەمۇرىي كېڭەش ۋە موڭغۇل-زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ غەرىزىنى بىلگەندىن كېيىن، مەخسۇس تيەنجىنگە بېرىپ مەسئۇد ۋە قەشقەردە قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرغان ئىسمائىل قادىرلارنى نەنجىڭغا تەكلىپ قىلىپ ئاپاردى. نەنجىڭ تەرەپمۇ مەسئۇدنى بىر گۆﻫەر دەپ قارىدى. مەسئۇدلارمۇ نەنجىڭ ﻫۆكۈمىتىگە تايىنىش قارارىغا كەلدى. شۇنداق قىلىپ ئىككى تەرەپ ئۆزلۈكىدىن بىرلىشىپ كەتتى. نەنجىڭ ﻫۆكۈمىتى ئۇلارنى دەرﻫال مەخسۇس خادىم، مائارىپ ئەمەلدارى قاتارلىق ناملار بىلەن مەركىزىي پىرقە ۋە موڭغۇل-زاڭزۇ كومىتېتىغا ئورۇنلاشتۇردى ﻫەمدە ئۇلارنى ئەۋزەل تەمىناتقا، ئازادە ئولتۇراق ئۆي ۋە ﻫەرخىل ئالاﻫىدە قوشۇمچە ياردەمدىن بەﻫرىمەن قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەسئۇد گومىنداڭ ﻫۆكۈمىتىگە ئەزا بولۇپ سايلاندى. ﻫۆكۈمەت دائىرلىرى ئۇلارنىڭ ئكز پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا تېخىمۇ ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلا ئۇيۇشمىسىنى ئارقىلىق ئىچكىرىدىكى ﻫەرقايسى ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، تەسىرىنى كېڭەيتتى.
1934- يىل - ئايدا شېڭ شىسەينىڭ تەلىپى بىلەن سوۋېت ئارمىيسى ئالتايىسكى دېگەن نىقاب بىلەن شىنجاڭغا كىرىپ، شېڭ شىسەينىڭ رەقىبى ما جۇڭيىڭنى ئايرۇپىلان ۋە برونىۋىك قىسىم بىلەن تارمار قىلدى. مەسئۇد شېڭ شىسەينى قىزىللىشىپ كەتتى، شىنجاڭدىكى ﻫەر مىللەت خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىپ، ۋەتەننىڭ زېمىنى ۋە ئىگىلىك ﻫوقۇقىنى ساتتى، دەپ، ﻫۆكۈمەتنىڭ ئەسكەر چىقىرپ جازا يۈرۈشى قىلىشى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. مانا بۇ غۇلغۇلىلار دەل نەنجىڭ ﻫۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئېﻬتىياجىغا ماس كەلدى. بۇ، مەسئۇدنىڭ سىياسىي سەﻫنىگە قەدەم قويۇپ، گومىنداڭ ﻫۆكۈمىتىگە قوشقان تۇنجى تۆﻫپىسى ئىدى. گومىنداڭ ﻫۆكۈمىتىنىڭ كاتتا ئەمەلدارلىرى بۇنىڭدىن ناﻫايىتى خۇشال بولۇشتى. ۋاڭ جىڭۋېي قاتارلىقلار چېگرا ئىشلىرى خىزمىتىگە ئالاقىدار پائالىيەت-يىغىلىشلارغا ﻫەمىشە مەسئۇدنى قاتناشتۇرۇپ، نۇتۇق سۆزلەتتى. پىكىر بايان قىلدۇردى. ئىلگىرىكى سۇن جۇڭشەننىڭ ئۈچ بۈيۈك سىياسىتىگە قارشى تۇرغان، ﻫازىر گومىداڭ ﻫۆكۈمىتىنىڭ ﻫەيئەت ئەزاسى، ئىمتاﻫان پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دەي چۈەنشەن (جىتاۋ) مەسئۇدقا جېنىنىڭ بارىچە ئىلﻬام بەردى، ﻫەمدە ئۇنىڭغا خەنزۇچە ئىسىم تەقدىم قىلىپ، تەنتەنىلىك «ئىسىم قويۇش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈپ، چېگرا ئىشلىرى خىزمىتىدىكى سوۋېتكە قارشى تەشۋىقاتنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى. شۇ ۋاقىتتا دەي چۈەنشەن مەسئۇدنىڭ ئوغلىغىمۇ «مەي خۇەنشىن» دەپ خەنزۇچە ئىسىم قويۇپ بەردى. مەسئۇدلار ئۆزلىرىنى گومىنداڭغا تېخىمۇ يېقىن تۇتۇش ئۈچۈن، نەنجىڭدا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ، ئۇنى پىكىر قىلىش قورالى قىلدى. «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ ﻫەر سانى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە چىقىرىلدى. دەسلەپكى نەشرى تاش مەتبەبدە بېسىلغان بولسا، 2- مىق مەتبەئەگە ئۆزگەرتىلدى.
1935- يىلى خۇاڭ مۇسۇڭنىڭ پىلانلىشى بىلەن باش شتابتا، ئەمەلىيەتتە، جۈنتۇڭنىڭ تىزگىنلىشىدىكى ئىشپىيونلۇق ئورگان-چىگرا ئىشلىرى گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. چېگرا ئىشلىرى گۇرۇپپىسىدا بىر چېگرا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىندى. مەسئۇد بۇ ئورۇنغا مەخسۇس ئەزا قىلىپ تەيىنلىنىپ، تەتقىقات ئورنىدا ئەرەب تىلى، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىشكە ﻫەمدە شىنجاڭنىڭ چېگرا ئەﻫۋالىنى تونۇشتۇرۇشقا مەسئۇل قىلىندى. 1935- يىل 11- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە گومىنداڭنىڭ 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەسئۇد مەركىزىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ ﻫەيئەت ئەزاسى، يەنى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ﻫەيئەت ئەزاسى بولدى (ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ مەركىزىي ئىجرائىيە ﻫەيئىتىنىڭ ﻫەيئەت ئەزاسى ۋە مەركىزىي تەپتىش ﻫەيئەت ئەزاسى قۇشۇلۇپ «مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى» دەپ ئاتىلاتتى). شۇ يىلى قەشقەردە شېڭ شىسەيگە قارشى چىققان 6- شىنىڭ شىجاڭى مەﻫمۇد مۇﻫىتى، ئۆز كۈچىنىڭ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن يوقىتىۋېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ﻫەر تەرەپتە قوللىغۇچىلارنى ئىزدەپ، ئىشەنچىلىك ئادەم دەپ قارىغان ئىمىن ۋايىت، مۆمىن ئاخۇن قاتارلىقلارنى نەنجىڭغا ئەۋەتكەنىدى. مەسئۇد ئاكتىپلىق بىلەن بۇ ئىككى كىشىنى نەنجىڭدىكى كاتتىباشلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، پۇرسەت كۈتۈپ ياتتى.
1936- يىل 7- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە گومىنداڭ 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنى نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا دۆلەت مۇداپىئەسى كېڭىشى قۇرۇش قارار قىلىندى. مەسئۇد يىغىندا شېڭ شىسەينى قاتتىق سۆكۈپ، شىنجاڭ خەلقىگە نىجاتلىق تىلىدى. 8- ئايدا، موڭغۇل-زاڭزۇ كومىتېتىغا ۋۇجۇڭشىن باشلىق بولدى، بۇ كومىتېت يەنە نەنجىڭدا «چېگرا رايون يېرىم ئايلىق ژۇرنىلى» نى چىقاردى، ئۇنىڭ ﻫەر سانىدا ئۇيغۇرچە مەخسۇس بەت چىقىرىلدى، ئۇنىڭغا مەسئۇد ئۆزى قول سېلىپ ئارىلاشتى.
1937- يىلى «7- ئىيۇل ئۆزگىرىشى» دىن كېيىن مەسئۇد نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنى باشلاپ چۇڭچىڭغا بېرىپ، تاش مەتبەئەدە «يۇرت» ناملىق ئۇيغۇرچە ژۇرنال چىقاردى، بۇ نام ئىستامبۇلدىكى «تۈرك يۇرتى» دېگەن نامدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، «بىزنىڭ يۇرتىمىز تۈركىستان» دېگەن بۇ سۆز كېيىن ئۇزۇن مەزگىل مەسئۇدنىڭ سىياسىي شۇئارىغا ئايلىنىپ قالدى.
1939- يىل 1- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە گومىداڭنىڭ 5- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنى چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مەسئۇد شېڭ شىسەينىڭ قىزىللاشقانلىقىنى يەنە قاتتىق سۆكۈپ، كومپارتىيىگە قارشى نۇتۇق سۆزلىدى.
1942- يىل 11- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە گومىداڭنىڭ 5- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 10- ئومۇمىي يىغىنى چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ چاغدا شىنجاڭدىكى شېڭ شىسەي سۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ گومىنداڭغا تايىنىشقا بۇيرۇلغانىدى. يىغىندا مەسئۇد پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ قاتتىق ﻫۇجۇم قىلدى.
1943- يىلنىڭ ئاخىرىدا مەسئۇد شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا بىۋاسىتە قول تىقىش كويىدا، چۇڭچىڭدا «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە چۈشكەن بىر داغ» دېگەن تېمىدا نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئالىملىق سالاﻫىيەت بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەﻫۋالىنى تونۇشتۇردى، ئەيسا ئالىپ تېكىن ئۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ «ياشلار ژۇرنىلى» نىڭ 12- جىلد 1- سانىدا ئېلان قىلدى. 1944- يىلنىڭ باشلىرىدا مەسئۇد سەبرى بىلەن ئەيسا ئالىپ تېكىن چوڭچىڭدا «ئالتاي ژۇرنىلى» نى نەشىر قىلدى. مەسئۇد ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىدا «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇش» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە شىنجاڭدىكى ﻫەرمىللەت خەلقىنىڭ ئەمەلىي ئەﻫۋالىنى بۇرمىلىدى، ئۇ بىرمۇنچە تۇترۇقسىز تەﻫلىللەرنى يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېدى: «يىغىپ ئېيتقاندا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى مۇنداق خۇلاسىلەش مۇمكىن دەپ قارايمىز: (1) ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تارانچى، ئۆزبېك، تاتاردىن ئىبارەت ئالتە قەبىلە (دىققەت، ئۇ «قەبىلە» دەپ ئاتاۋاتىدۇ) ۋە تاجىكلار (دىققەت، كۆپلۈك قوشۇمچىسى «لار»نى قوللاندى) بىر مىللەت - تۈرك مىللىتى؛ (2) ئىچكىرى رايونلاردىكى مۇسۇلمانلار ئەزەلدىن خەنزۇلار بىلەن بىر تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدۇ؛ (3) مانجۇ، سولۇن، شىبەلەرمۇ بىر مىللەت، يەنى مانجۇ مىللىتى؛ (4) موڭغۇل مىللىتى. ئۇ دائىم تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى ئامال قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ بىر مىللەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇشنىلا ئويلايتتى. مەسئۇدنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى مۇشۇنداق ئايرىشى پانتۈركىزم ئىدىيىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىدى.
شېڭ شىسەي 1944- يىل 9- ئايدا شىنجاڭدىن يۆتكىلىپ كەتتى، ئورنىغا ۋۇجۇڭشىن ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. ۋۇجۇڭشىن گەرچە موڭغۇل-زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ ئادەملىرىنى كۆپلەپ ئىشلەتكەن بولسىمۇ، بىراق مەسئۇد شىنجاڭغا قايتىپ كېلەلمىدى. چۈنكى ۋۇ جۇڭشىن موڭغۇل-زاڭزۇ كومىتېتىغا باشلىق چاغدا چۇڭچىڭدا ئاچقان سىياسىي كۇرستا بىر ئۇيغۇر سىنىپى ئېچىپ، مەسئۇدنى ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغاندا، مەسئۇد خۇددى مەركىزىي داشۆنىڭ چېگرا سىياسىي فاكۇلتېتىدىكىلەرگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەتكەن چاغدىكىدەك، دائىم تۈرك تىلى تاۋۇشى ۋە گرامماتىكىسىنى قوللانغانىدى، شۇڭا ۋۇجۇڭشىن مەسئۇدنىڭ پانتۈركىزمىلىقى ﻫەددىدىن ئېشىپ بارغانسېرى ئەۋجىگە چىققىلى تۇردى، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كېپىمگە كىرمەي قويارمىكىن دەپ ئەندىشە قىلدى.
1945- يىلى شېڭ شىسەينىڭ قانلىق ﻫۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي قوزغىلىڭى پارتلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شىنجاڭدا مال باﻫاسى ئۇچقاندەك تېز ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىقى كۈچەيدى. گومىنداڭ ﻫۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلىسى تەرتىپىنى تىزگىنلەش ۋە مال باﻫاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭدا مەركىزىي بانكىنىڭ بىرخىل قەغەز پۇلىنى تارقىتىشنى قارار قىلدى، پۇل چۇڭچىڭ مەركىزىي باسما زاۋۇتىدا باسۇتۇرۇلدى. ئۇ پۇلنىڭ ئالدى يۈزىگە خەنزۇچە خەت، ئارقىسىغا ئۇيغۇرچە خەت باستۇرۇلدى. ئۇيغۇرچىسى مەسئۇدقا تەرجىمە قىلدۇرۇلدى ۋە يازۇدرۇلدى. نەتىجىدە مەسئۇد مەقسەتلىك ﻫالدا «شىنجاڭ قەغەز پۇلى»نى «چىنى تۈركىستان قەغەز پۇلى» دەپ تەرجىمە قىلدى. بۇ پۇللار 8- ئاينىڭ 14- كۈنى تارقىتىلغان چاغدا ئاندىن پۇلنىڭ تەرجىمىسىدە مەسىلە بارلىقى، ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئاقىۋەتتە ئېغىر سىياسىي ئوقۇشماسلىق كېلىپ چىقىدىغانلىقى سېزىلدى، شۇنىڭ بىلەن ۋۇجۇڭشىن دەرﻫال پۇلنى يىغىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، پۇل تارقىتىش تارىخىدا پۇل تارقىتىلىپ تۆت سائەتتىلا قايتا يىغىۋېلىپ بىكار قىلىشتەك رىكورتنى ياراتتى. بۇ ﻫال مەسئۇدنىڭ پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىش جەﻫەتتە خۇددى تۆكۈلگەن سىماپ ئۇدۇل كەلگەن يەرگە يامرىغاندەك ﻫېچقانداق يەرنى ئالا قويمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
1945- يىل 5- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە گمىنداڭنىڭ 6- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن كېتىپ، چۇڭچىڭدا دېﻬقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاقىت ئىدى. مەسئۇد قۇرۇلتاي ئىچى ۋە سىرتىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى شېڭ شىسەيدىن ئومۇمىي ﻫېساب ئېلىشقا قوزغاپ، شېڭ شىسەينىڭ رەسۋاسىنى چىقىرىۋەتتى. ئارقىدىنلا 7- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە يەنىلا چۇڭچىڭدا گومىنداڭنىڭ 4- نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا شىنجاڭلىق كېڭەش ئەزالىرىدىن ليۇۋېنلۇڭ، قادىر ئەپەندى، ئۆمەر داموللا قاتارلىقلار چۇڭچىڭغا كېلىپ «ﻫۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدا نۇرغۇن بىگۇناﻫ ﻫەر مىللەت خەلقىنى قىرغان جاللات شېڭ شىسەينى قاتتىق جازالىشىنى تىلەيمىز» دېگەن تەكلىپ لايىﻬىسىنى تەييارلىدى، يىغىن ئاخىرلىشىپ يېرىم ئايغا بارمايلا شېڭ شىسەينىڭ دېﻬقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىك ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلاندى.
4. شىنجاڭغا قايتىش
1946- يىل 3- ئايدا جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن يەنى 1945- يىل 9- ئايدا جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن تىنچلىق سۆﻫبىتى ئۆتكۈزگەندە، مەسئۇد جياڭ جيېشىغا شىنجاڭنىڭ ئاپتونومىيە ﻫوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، شىنجاڭ خەلقىنىڭ باج سېلىقىنى يەڭگىللىتىش، تۇتۇپ تۇرۇلغان بىگۇناﻫ كىشىلەرنى قويۇۋېتىش قاتارلىق شىنجاڭ مەسىلىسىنى ﻫەل قىلىش توغرىسىدىكى 15 تۈرلۈك تەكلىپنى قويدى ﻫەمدە جاڭ جىجۇڭغا خەت يېزىپ، مەركەزنىڭ مۇﻫىم تەدبىرلىرىنى ﻫىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاڭ جىجۇڭ مەسئۇد بىلەن ئىلگىرى باردى-كەلدى قىلىپ باقمىغانىدى. بۇ دۆرەم مەسئۇدنىڭ جياڭ جيېشىغا بەرگەن تەكلىپى ۋە ئۆزىگە يازغان خېتىنى كۆرۈپ، مەسئۇدنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ﻫۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رەﻫىمجان سابىر ﻫاجىيوۋ مەسئۇدنىڭ جيەنى بولغاچقا، بۇ مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقىنى ﻫېس قىلدى. شۇڭلاشقا يېڭى ئۆلكىلىك ﻫۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، مەسئۇد لوجيالۇننىڭ ئورنىغا شىنجاڭ تەپتىش مەﻫكىمىسىگە تەپتىش ئەمەلدارى قىلىپ كۆرسىتىلدى. جاڭ جىجۇڭ يەنە ئەيسا ئالىپ تېكىن، مۇﻫەممەت ئىمىن بۇغرالارنى شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلدى. مەسئۇدنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇلار شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپلا پائال تۈردە ئاممىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەسىرىنى كېڭەيتىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قارشى سىياسىي كۈرەشنى باشلىۋەتتى. مەسئۇد نەنجىڭ ۋە چۇڭچىڭدىكى گومىنداڭ ﻫۆكۈمىتىدە سوۋېتكە قارشى تۇرۇش، كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئىگە بولغانىدى، ئۇ جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىغا ئىنتايىن ئەﻫمىيەت بېرەتتى. 1946- يىلى يازدا ئۇنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا، 1944- يىلنىڭ بېشىدا چۇڭچىڭدا تەسىس قىلىنغان «ئالتاي ژۇرنىلى» نەشرىياتى لەنجۇغا يۆتكەپ كېلىندى، ئارقىدىنلا ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، نامى «ئالتاي نەشرىياتى» قىلىپ بېكىتىلدى، مەسئۇدنىڭ ئۆزى نەشرىياتقا پەخرىي باشلىق بولۇپ، 8- ئايدا ئۈرۈمچىدە «ئالتاي ژۇرنىلى»نى ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشىر قىلدى، كېيىن ئالتاي نەشرىياتىنىڭ نامىدا «تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتى» قۇرۇپ، ئۆزى جەمئىيەت باشلىقى بولدى. ئۇنىڭ بىر قاتار پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى پانتۈركىزم ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
1946- يىلدىن 1947- يىل 5- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، مەسئۇد جاڭ جىجۇڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى ئىسكەنجىگە ئېلىشتىكى كوزېرى سۈپىتىدە جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا پائالىيەت ئېلىپ باردى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەشقەردىن باشقا نۇرغۇن جايلىرىدىكى ﻫەقىقىي ئەﻫۋالنى ئېنىق بىلمەيدىغان ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ﻫىمايىسىگە ئېرىشتى.
19470 يىل 5- ئايدا، جاڭ جىجۇڭنىڭ «تىنچلىق سىياسىتى» كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتتىق قوللۇق پوزىتسىيە قوللىنىشنى قارار قىلدى، ئۆزى ئۆلكىنىڭ قوشۇمچە رەئىسىلىك ۋەزىپىسىن ئىستېپا بېرىپ، مەسئۇدنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە كۆرسەتتى. 5- ئاينىڭ 21- كۈنى 2830- نومۇرلۇق «گومىنداڭ ﻫۆكۈمەت ئاخباراتى» دا گومىنداڭ ﻫۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇدنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە، ئەيسا ئالىپ تېكىننى ئۆلكىلىك ﻫۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىندى. بۇ ئۆزگىرىش ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش مۇراسىمىدا بىر كىشى مەسئۇدقا قاتتىق ﻫۇجۇم قىلدى. بىراق مەسئۇد ئۆزىنى سالماق، ئەركىن تۇتتى. شۇندىن باشلاپ مەسئۇد بىلەن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كۈرەش تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتى. مەسئۇد تەن بەرگۈسى كەلمەي، شۇ يىلى روزا ﻫېيتتا سابىق ئاتلىق 5- جۈننىڭ جۈنجاڭى (شۇ چاغدا ئاتلىق 1- شى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن) ما چېڭشياڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ مىللىي، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى قۇترىتىپ، گارنىزۇن باش شتابىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ﻫېيت نامىزى ئوقۇدى. ئۇ ئۈستىگە سۈس رەڭلىك تونچە ياقىلىق چاپان كىيىپ، بېشىغا سەللە ئوراپ، ماچېڭشياڭنىڭ ﻫىمايىسى بىلەن مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭراتتى، ئۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلماقچى بولغانىدى.
1947- يىل 6- ئايدىن باشلاپ مەسئۇدنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئالتاي نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدا چىقىرىلغان «ئەرك گېزىتى» شىنجاڭ مەدەنىيەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان بولدى. يەنە مۇﻫەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ باش مۇﻫەررىرلىكىدە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە يېزىقلاردا بىرلەشتۈرۈلۈپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى، قۇربان قۇداينىڭ باش تەﻫرىرلىكىدە ئۇيغۇر يېزىقىدا «تاڭ نۇرى» گېزىتى نەشىر قىلىندى. مەسئۇد ئۆزى يەنە بىر «تۈرك ئۇرانى» ناملىق سىياسىي، نەزەرىيىۋى ماقالىلەر توپلىمىنى نەشىر قىلدۇردى. ئۇنىڭدا قىلچە يوشۇرماي: «بىز تۈركلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋەتىنىمىز تۈركىستانلا ئەمەس، بەلكى بىرلىككە كەلگەن بۈيۈك "تۇران " رايونىدۇر » دەپ ئېيتقان ئىدى. « تۇران » دېگىنى بارلىق تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئولتۇراقلاشقان رايونىنىڭ بىرلىشىشىنى كۆرسەتتى. مۇشۇ بارلىق مەتبۇئات ۋاسىتىلىرى مەسئۇد قاتارلىق كىشىلەرنىڭ سىياسىي پوزىتسىيىسى ۋە سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇشتىكى پروگراممىلىرىنى ﻫەر تەرەپلىمىلىك چۈشەندۈرۈپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ، پانتۈركىزملىق ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈردى. كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قەتئىي قارشى تۇرغاننىڭ سىرتىدا، پەيدىنپەي خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنىمۇ ئاشكارىلىدى ۋە «دۆلەت ئارمىيىسى»نى شىنجاڭدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى، يەنە كىشىلەر رايىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، نەنجىڭ ﻫۆكۈمىتى ئۈستىدىن زارلىنىپ، «يۈكسەك ئاپتونومىيە» بېرىشنى تەلەپ قىلدى. تەشكىلىي خىزمەتتە ئۆزىگە ياقىدىغانلارنى خالىغانچە ئىشقا قويۇپ، ياتلارنى خالىغانچە تازىلاپ، دېموكراتىيە تۈزۈمى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پرىنسىپلىرىنى نەزەرىگە ئىلمىدى.
1948- يىل 10- ئايدا مەسئۇدنىڭ ﻫاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى خاتالىقى ۋە خاتا سىياسىي خاﻫىشى تۈپەيلىدىن شىنجاڭدىكى بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى ۋە قالايمىقانچىلىق تېخىمۇ كۈچەيدى. 1949- يىل 1- ئايدا يەنە جاڭ جىجۇڭنىڭ تەكلىپى بىلەن مەسئۇد ئۆلكە رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلۇپ، بۇرﻫان شەﻫىدى ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. شۇندىن كېيىن، بىر تۈركۈم پانتۈركىستلار ئارقا-ئارقىدىن ۋەزىپىلىدىن قالدۇرۇلدى. بۇ ۋاقىتتا ئازادلىق ئۇرۇشى تېزلىكتە كېڭىيىپ، شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولۇش ئالدىدا تۇراتتى. مەسئۇد يەنە مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەستىن، ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم پانتۈركىستلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەيسا ئالىپ تېكىن ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى پاكستون بىلەن مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا گومىنداڭنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئازادلىق ئارمىيىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى توسىماقچى بولدى ﻫەمدە يې چېڭ بىلەن ما چېڭشياڭنى ﻫەربىي ئىشلارغا باش قىلىشنى، ئوسمان بىلەن يولۋاستىن پايدىلىنىپ ئۈچ ۋىلايەتكە تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىدى. دەل مەسئۇد ﻫەرخىل سۈيقەستلەرنى پىلانلاۋاتقان ۋاقىتتا، شىنجاڭدىكى يەر ئاستى مەتبۇئات ۋاسىتىلىرىدىن بولغان «كۈرەش ژۇرنىلى»نىڭ 8- ئايلىق سانىدا شىنجاڭدىكى 1- تۈركۈم ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ ئىچىدە، گومىنداڭنىڭ ئرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەركەزگە قاراشلىق سىستېمىلىرى ۋە يەرلىك سىستېمىلىرىدىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ بىرىنچىسى مەسئۇد ئىدى. بۇ چاغدا مەسئۇدنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، ﻫەرخىل ﻫەرىكەتلىرى بىر باشقا چىقماي تەس ئەﻫۋالدا قالغانىدى. ئازادلىق ﻫارپىسىدا مەسئۇد يول ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چەت ئەلگە قاچالماي قالدى.
1950- يىلى خەلق ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشى بىلەن ﻫېسابلاشماي تۇرۇپلا، مەسئۇد 63 يېشىدا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى.
تەرجىمە قىلغۇچى: بېلىقىز مۇﻫەممەت