بۇ بەتتىكى يازما : بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا : مىللى دۆلەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا : مىللى دۆلەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى

بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا : مىللى دۆلەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى


« ئوتتۇرا ئاسىيا » دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئېنىقلىمىسى ھەر كاللىدا ھەر خىيال . مەزكۇر ئەسەردە كۆزدە تۇتۇلىدىغان « ئوتتۇرا ئاسىيا » بۈگۈنكى كۈندىكى ئۆزبېكستان ، قىرغىزىستان ، تۈركمەنستان ، قازاقىستان ، تاجىكستان دىن ئىبارەت بەش دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ . بۇ ياۋروپا - ئاسىيادىكى تۆت چوڭ قەدىمىي مەدىنىيەتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان بەلۋاغ ، كۆپ قۇتۇپلۇق مەدىنىيەتنىڭ تۈگۈنى شۇنداقلا ، تۈرلۈك مىللەتلەر قەبىلىلەر ئۆتىدىغان كارىدور . تارىختا بۇ زىمىننىڭ ئۇيەر بۇيېرىدە قىسىم خانلىقلار ، خاقانلىقلار بولغان . ئەمما ھىچقاچان مۇقىم ۋە بىرلىككە كەلگەن مىللى دۆلەت شەكىللەنگەن ئەمەس . ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە ، بۇ يەر چار پادىشاھ ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى . ئەمىلىيەتتە چار پادىشاھ يىمىرىلگۈچە بۇ يەردىكى بۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋاللىرى شۇ قەدەر مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنكى ، ھەتتا ئالىملارمۇ ئېنىق ئايرىۋالالماس بولۇپ كەتكەن ، ئەمما يېڭىدىن باش كۆتەرگەن سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، تارىخلار مابەينىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن « مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش » ، « مىللەتلەرنى ئايرىۋاشلاش » نى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ئېلىپ باردى ۋە ناھايىتى تېزلا بەش مىللى جۇمھۇرىيىتىنى تەشكىللىدى . بۇ ئوتتۇرا  ئاسىيا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم تارىخى ھادىسە بولۇپ ، ئەنە شۇ بەش جۇمھۇرىيەت بولمىغان بولسا ، ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايىتتى . مەزكۇر ماقالىدە ، مۇزاكىرە قىلىنىدىغىنى بۇ بەش جۇمھۇراىيەتنىڭ قانداق ئاساستا ۋە شارائىتتا قانداق تەشكىللەنەنلىگى .

ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى تەتقىق قىلىشتىن بۇرۇن ، چوقۇم ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ، چوقۇم ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىنى كۆرۈش زۆرۈر .

ئوتتۇرا ئاسىيادا تارىختىن بۇرۇنلا ئىنسان پائالىيەتلىرى بولغان . ئارخېئولوگ ۋە ئىنسانشۇناسلار تەتقىقاتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسىنى ئالبا ياكى ئارىيان ئىرقى دەپ ھىساپلايدۇ . ئۇلار يىرىك ھىند – ياۋروپا تىلى ، كونكىرت ئېيتقاندا ، شەرقى ئىران تىلى ئىدى . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى ئاھالە توغرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى يازما خاتىرە مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 6 – ئەسىردە ئويۇلغان كاخشى رۇستەم تاش ئابىدىسى بولۇپ ، ئۇنىڭدا ساكلار تىلغا ئېلىنغان . ساكلار توغرىسىدىكى تارىخ مۈجمەل . گىرېك تارىخچىسى ھىرودىت مۇنداق دىگەندى : « پارسلار بارلىق ساكتايلار ، غەرربى تۇرالارنىڭ ھەممىسىنى ساكا دەيدۇ » . ئەمما ھىرودىتنىڭ ئەسىرىدە ، ساكلار بالتىق دېڭىزى ۋە شىمالىي ، خەنۇبىي رۇس يايلاقلىرى ۋە شەرقتىكى بارلىق دەسلەپكى چارۋىچى خەلقلەرنىڭ ئومۇمى نامىدەك قىلىپ تۇرىدۇ . سوۋېت ئالىمى زافلوف تەتقىق قىلىپ : ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمقى ئاھالىسى كەم دىگەندە مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1000 – يىلى غەربىي تۇرالار قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىدى . غەربىي غەربى تۇرالار تىلى بىلەن تاجىك تىلى تۈپ سۆز ۋە گىراماتىكىلىق تۈزۈلۈش جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە . يەنى ئېنىقكى ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى تاجىكلارنىڭ ئەجداتلىرى دەيدۇ .

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەنە بىر ئاساسىي مىللىي تەركىپ تۈركىي تىللىق مىللەتلەر . مىلادىيە 6 – ئەسىردە تۈركلەر ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇپ ئېتىكىدە باش كۆتۈردى . باشتا ئۇلار ئاۋارلارغا بويسۇناتتى ، كېيىن تېلىلىلار ئاۋارلارنى يوقىتىپ تۈرك قاغانلىقىنى تىكلىدى . ئالتۇن دەۋرلىرىدە ئۇلارنىڭ زىمىنى شەرقتە قىتان زىمىنىگىچە ، غەرپتە كاسپى دېڭىزىغىچە يەتتى . مىلادىيە 6 – ئەسىردە شەرق ۋە غەرپ دەپ ئىككىگە پارچىلاندى . بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيا  غەربىي تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى . تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي شەرقىي ، غەربىي تۈركلەر زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ ، ئارقا – ئارقىدىن تاڭ سۇلالىسىغا بېقىندى ۋە تارىخ سەھنىسىدىن يوقالدى . ھازىرقى زامان مىللىتى بولۇپ شەكىللەنمىدى . ئەمما تۈركلەر ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تارىخ كىتاپلىرىدا ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈپ تۇردى . ئمەلىيەتتە ئاتالمىش تۈركلەر تۈركى تىللىق مىللەت كىشىلىرىنى كۆرسىتەتتى . ئەرەپلەر ئوتتۇرا ئەسىردە بىرمۇنچە قەبىلىلەرنىڭ تۈركلەر بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆز لەيدىغانلىغنى  تۇتىۋېلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى « تۈرك » دەپ ئاتاشقا باشلىدى . 10 – ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا يېزىلغان ئەسەرلەردىن « ھودۇدۇل ئالەم » ۋە « تۈركى تىللار دىۋانى  » ئوتتۇر ئاسىيا ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىنى بايان قىلدى . ئىدىقۇت شىمالىي ئاستانىدە توكققۇز ئوغۇز قەبىلىسى بولۇپ ، چۆللۈكنىڭ شىمالىدا خاككاسلار ، قەشقەر تەرەپتە ياغمىلار ، ئىسسىقكۆل ئەتراپىدا قارلۇقلار ، چۇ دەرياسىنىڭ شىمالىدا تۈركەشلەر ، سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە يەمەكلەر ، ئىچكى دېڭىزنىڭ شىمالىدا گاسارلار ، بەچەنەكلەر ، مازار ، قىپچاق قاتارلىق قەبىلىلەر ياشايىتتى .

يىرىك شەرقىي ئىران تىلى بولغان تاجىك ئاھالىسىگە سېلىشتۇرغاندا ، تۈركىي تىللىق قەۋىملەر ئوتتۇرا ئاسىياغا كېيىنرەك كەلگەن . ئەمما تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ كۆچۈپ كېلىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن باغلانغان تۈركلىشىش تەرەققىياتى ئاخىرقى ھىساپتا ، تاجىك يەرلىكلىرىنىڭ ئورنىنى بېسىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيادا بەكرەك ئۈستۈنلۈككە مىللىي تەركىپ بولۇپ قالغان . تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرىگە ئەگىشىپ « تۈركىستان » دىگەن نام « تۈرك زىمىنى دەيدىغان مەنىنى بېرىدىغان بولغان . بۇ نامنىڭ كېڭىيىشى « تۈركلەر » پائالىيەت قىلغان رايونلار تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن . 19 – ئەسىردە چارروسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىستان ۋالىي مەھكىمىسىنى تەسىس قىلدى . بۇ مىللىي جۇغرىپىيىۋى ئۇقۇمنى سىياسىي جۇغراپىيىۋى ئۇقۇمغا ئايلاندۇردى .

ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرنىڭ تارىخىى تەرەققىياتى ناھايىتى مۇرەككە پ . بۇ قازاق ، ئۆزبېك ، تۈركمەن ، قىرغىز ۋە تاجىك دەيدىغان ناملارنىڭ تەرەققىياتىدا روشەن كۆرىلىدۇ .

تاجىك ئالىملار « پارسلار دەسلەپ بويسۇندۇرغۇچى بولغان ئەرەپلەرنى تاجىك دەپ ئاتىدى . كېيىن بۇ نام ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۆز قېرىنداشلىرىغىچە كېڭىيىپ باردى . تۈركلەر ئولتۇراقلاشقانلىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى مىللەت ئايرىماستىن تاجىك دەپ ئاتىدى . ئەرەب ئىستىلاچىلىرى يەرلىكلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ، تاجىك دىگەن بۇ نام پارسلارنى كۆرسىتىدىغان فىلولگىيە سۆزلۈكىگە ئايلاندى . تۈركلەرنىڭ تەسىرىدە پارسلارمۇ ئۆزىنى تاجىك دەيدىغان بولدى ، بۇ نام ئەرەبلەرگە قارىتىلىشتىن قالدى » دىدى .

ئۆزبېك بىلەن قازاق يېقىنقى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى ئەڭ ئاساسىي ئىككى مىللەت . ئۆزبېك نامى ئالتۇن خانلىقىدىكى ئۆزبېك خاننىڭ نامىدىن كەلگەن . 13 – ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۆزىدە يېزىلغان تارىخى كىتاپلاردا ئالتۇن خانلىقىنى ئۆزبېك ئۇلۇسى دەپ ئاتاشقا باشلىدى . ئۆزبېك ئەينى ۋاقىتتا ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىققان ، ئارال دېڭىزى بىلەن كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردىكى ئاق ئوردىنى كۆرسىتەتتى . 15 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاق ئوردىدىكىلەردە بۆلۈنۈش بولدى . ئۇلارنىڭ بىر بۆلىكى ئۇلۇستىن ئايرىلىپ چۇ دەرياسى بويلىرىغا كۆچتى. يەنى مۇشۇ چاغلاردا « قازاق » دىگەن بۇ نام كۆرۈلۈشكە باشلىدى . « قازاق » دىگەن بۇ سۆز دەسلەپتە ئۆز ئۇلۇسىدىن بۆلۈنۈپ ، تەۋەككۇلانە كۈن ئۆتكۈزىدىغانلار يەنى ئەركلەر دىگەن مەنىنى بېرەتتى [ ھەقىقەتەنمۇ بابۇر ئۆزىنىڭ « بابۇرنامە » ناملىق ئەسىرىدە « قازاقلىق ۋە قەترەتلەرنىڭ كۆپچىلىكىدە مەن بىلەن بولدى . ( « بابۇرنامە » 19 – بەت ) دەپ جۈملە ئىشلەتكەن ___  ت ] . ئالىملار تەكتلەيدۇكى ، ئەينى چاغدا قازاقلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدىكى پەرق تېخى شەكىللەنمىگەندى . قازاقنىڭ 16 – ئەسىردىكى مەنىسى ئەركلەر بولسا 17 – ئەسىرگە كەلگەندە ، بۇ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن قازاقلارنىڭ نامى بولغان بولۇشىمۇ مۈمكىن . ھەرقانداق مىللەتكە تەۋە بولغان ئەركلەرنىڭ نامى بولۇشىمۇ مۈمكىن . 16 – ئەسىردە ئۆزبېكلەر شىمالىي يايلاقلارنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلارغا ۋارسلىق قىلدى ۋە تەدرىجى ھالدا ئولتۇراقلىشىپ يەرلىكلەر بىلەن سىڭىشىپ كەتتى ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزبېكلەر شەكىللەندى . ئىقتىسادىي تۇرمۇش جەھەتتە شىمالدىكى يايلاقلاردا يۈرگەن ئەركلەر قازاقلاردىن تەلتككۈسچېگرا ئاجراتتى . شۇنداق قىلىپ چارۋىچىلىقتا مۇستەھكەم تۇرغان قازاقلار بىلەن ئولتۇراقلىشىۋاتقان ئۆزبېكلەر ياتلىشىپ ئايرىم – ئايرىم ئىككى مىللەتنى پەيدا قىلدى . يەنى ئىككى خىل ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئۆزبېك بىلەن قازاقنى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى مىللەت قىلغان ئاساس بولدى . دىمەك ، ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسىيا بوستانلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بولۇپ قالغاچقا ، ئۇلارنىڭ نامى مىللەت نامىغا ئايلاندى ياكى ئۆزبېكلەر ئۆز قەبىلىسىنىڭ نامىنى يېڭى بىر مىللەتكە بەردى .

قىرغىز ۋە تۈركمەن . بۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى چارۋىچى مىللەتلەر . ئۇلار تەڭرىتاغ رايونلىرىغا ۋە جەنۇپ بوستانلىقلىرىنىڭ گىرۋەكلىرىگە تارقالغان . قىرغىزلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى يىراق قەدىمقى زامانلاردىكى خاككاسلاردىن ئىزدەشكە بولىدۇ . ئەمىلىيەتتە خاككاسلار دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى قىرغىز دەپ ئاتايدىغانلارنىڭ تۈرلۈك تەرجىمىۋى ئاتالمىسى ، بۇ قەۋىم جەنۇپقا سۈرۈلۈپ تەڭرىتاغلىرىدا قارلۇق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە ئارىلىشىپ ، يېڭى بىر مىللەت قىرغىز بولۇپ شەكىللەنگەن . تۈركمەنلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى 9 - ، 10 – ئەسىردىكى شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەن ئوغۇزلارغا ، كېيىن تۈركمەن دەپ ئاتالغانلارغا باغلاشقا بولىدۇ . قىرغىزلارغا ئوخشاش ئۇلارمۇ جەنۇپقا سۈرۈلۈپ  يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن ئارىلاشتى . خاككاس ، تۈركمەنلەر ئۆزبېكلەرگە ئوخشاش ئۆز قەبىلىسىنىڭ نامىنى يېڭىدىن پەيدا بولغان مىللەتكە بەردى . ئوخشىمايدىغىنى پەقەت ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز قىسمى تېرىقچىلىققا كۆچكەندىن باشقا ، كۆپ قىسمى يەنىلا تاغ تىزمىلىرىدا كۆچمەنلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشتە مۇستەھكەم تۇردى .

ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇرەككەپلىك ، يەنى 16 – ئەسىردىن تارتىپ ھەتتا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە ، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردا گەرچە مىللى پەرقلەر بولسىمۇ ، ئەمما كەسكىن پەرقلەندۈرۈش ۋە مىللەتلەرنى ئىلمىي بېكىتىشنىڭ بولماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ ، مەسىلەن مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا قازاندا نەشىر قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ئەسىرى « شەرق تارىخى » دا فەرغانە تىلغا ئېلىنغاندا ئاساسلىقى سارت قىرغىز دىگەن ناملارلا ئۇچرايدۇ . رۇس ئېتنوگىرافىيە ئالىملىرى ئۆزبېكلەرنىڭ تارىخى تەرەققىياتىنى سۆزلىگەندە سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا « قەبىلىلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاق ناملىرىلا بار ئىدى ، ئېنىق مىللەت نامى يوق ئىدى ، ئۆزبېكلەرنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى قوبۇل ئەتكەن بولسىمۇ بولسىمۇ لېكىن يەنىلا قازاق تىلىدىكىلەر قوراما شەھىرىدىكى ئۆزبېكلەر ، تاجىكلارنى سارتلار دەيتتى » دەيدۇ .

سارت ، قىپچاق ، قۇرۇما ئەينى چاغدىكى چېلىقىشلىق ئاتالغۇلار بولۇپ ، ھازىر ئۇنتۇلدى . ئادەتتىكى ئادەملەر بىلمەيدۇ ، بۇ يەردە بۇ توغرىدا سۆزلىمەيمىز .

سارت دىگەن سۆزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنىسى سودىگەر دىگەنلىكتۇر . كېيىن ئۇ ئولتۇراقلاشقانلارنى مۇسۇلمان مەدىنىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى دەسلەپ سودىگەر سالاھىيىتىدە ، شىمال يايلاقلىرىغا كەلگەن . قالماقلار ، شۇنىڭلىق بىلەن ئز يېرىگە كەلگەن تاجىكلارنى سارت دەپ ئاتىغان . چارۋىچى تۈركلەر قالماقلارنى دوراپ تاجىكلارنى سارت دەيدىغان بولغان . بۇ چاغدا سارت بىلەن تۈرك قارمۇ – قارشى مەنىلىك سۆزلەر بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق كۆچمەنلەر بىلەن ئولتۇراقلاشقانلار پەرقلەندۈرىلەتتى . بۇ چاغدا تۈرك دىگەن بۇ نام يەنە ئولتۇراقلاشقان سارتلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى دىگەن مەنىدىمۇ بىشارەت بېرەتتى . شۇڭا كېيىنچە ئولتۇراقلاشقان تۈركلەر ئۆزلىرىنى سارت دەپ ئاتىمىدى . 16 – ئەسىردە ئۆزبېكلەر جەنۇپقا سۈرۈلۈپ ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلدى ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ يەردىكى تاجىكلار ۋە ئۆزىنى سارت دەپ ئاتىمىغان تۈركلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىرى بولۇپ بولۇپ ئىككىسىلا سارت ئىدى ، ئەمما جەنۇپقا كەلگەن مۇشۇ ئۆزبېكلەر بارا – بارا ئولتۇراقلاشتى ھەم يەرلەشكەن تۈركلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆزبېكلەرنى شەكىللەندۈردى . شۇنداق قىلىپ يايلاقلاردا قالغان قازاقلار ئەمدى ئۆزبېك تاجىك ھەتتا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى بىراقلا سارت دەيدىغان بولدى .

قىپچاقلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدىن كەلگەن چارۋىچى خەلقلەرنىڭ ئەۋلادى ئىدى . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاققا يېقىن جايلارادا ياشاپ يېرىم چارۋىچىلىق ، يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزەتتى . ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىغىچە ئۇلار زىل قەبىلىۋى تۈزۈمنى ساقلاپ كەلگەندى ئالاھەزەل مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىن كېيىن ، ئۇلار ئاخىر ئۆزبېك قىرغىزلاردىن بۆلۈنۈپ چىقتى .

قۇرامە مەنىسى شالغۇتلار دىگەندىن ئىبارەت 19 – ئەسىردە قازاقلاردا چوڭ ، ئوتتۇرا ، كىچىك يۈزدىن باشقا كۆپلىگەن قانداشلىق شالغۇت قەبىلە – قۇرام بار ئىدى ، كېيىن بۇ قەبىلىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ كەتتى .

ئومۇمەن ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ تۈرلىنشى ۋە بىرىكىشى يەنىلا جانلىنىپ كېتىپ باراتتى . ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى چېگرا تولىمۇ تۇتۇق ئىدى . مۇرەككەپلىكتە شۇنچىلىك دەرىجىگە ئىدىكى ، ئۇلارنى ئالىملارمۇ ئايرىپ بېرەلمەيتتى .

مەسىلەن ، رۇسلار سىبىرىيەگە يۈرۈش قىلغاندا ، يېنىسەي دەرياسنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىكى قىرغىزلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدىلا بارلىق چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسىنى قىرغىز دەپ ئاتىدى . ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدا رۇسلار يەنە قازاقلارنى خاتا ھالدا قىرغىزلار دەپ يۈردى . قىرغىزلارنى بولسا ، قارا قىرغىز دەپ ئاتىدى . 1926 – يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بۇ خاتالىق تۈزىتىلدى . يەنە مەسىلەن ، سىتالىننىڭ 1921 – يىلىدىكى بىر دوكلاتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رۇستىن باشقا مىللەتلەر مۇنداق ئاتالغان ، قىرغىزلار ( ئەمىلىيەتتە قازاق ۋە قىرغىزلارنى كۆرسىتىدۇ ) ، ئۆزبېكلەر ، تۈركمەنىيەلىكلەر ( تۈركمەنلەر ) ، تاجىكلار ، بۇخارالىقلار شىۋالار . بۇخارا ۋە شىۋا ، ئۆزبېكلەر 16 – ئەسىردە قۇرغان خانلىقلاردىكى بۇخارالىقلار ، شىۋالىقلار دەپ ئاتالغان خانلىق پۇقرالىرىنىڭ نامى بولۇپ ، مىللەت نامى ئەمەس ئىدى . ئەينى چاغدىكى ئوتتۇرا مىللەتلىرىنى ئاتاشتىكى قالايمىقانچىلىقتىن كۆرگىلى بولىدۇكى ، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى بۈكۈنكى زامان مىللەرتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىن تېخى ناھايىتى يىراق ئىدى ، ئەلۋەتتە ، مىللى دۆلەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايىتتى .

چارروسىيە تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا


يۇقۇرىدا ئېيىتقىنىمىزدەك ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۈكۈنكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى 16 – ئەسىردىن باشلانغان . ئەمما ئىجدىمائى ، ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى ، مىللىي تەققىياتنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلىدىن چارروسىيە بېسىۋالغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىيا ھىچقاچان يېقىنقى زامان دۆلىتىنى شەكىللەندۈرەلمىگەن .

موڭغۇللار  بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدكى يايلاقلار چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىنىڭ ئەۋلادلىرى بەرپا قىلغان ئالتۇن ئوردىغا تەۋە بولدى ، ئاتالمىش ئالتۇن ئوردا دىگىنىمىز ، باشتىن - ئاخىر تۈرك ، موڭغۇل ، قەبىلىلىرى تۈزۈمىدىكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىدى . ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي بوستانلىقلىرى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى چاغاتايغا تەۋە بولدى . چاغاتايلار بىر مەزگىل بۇ كەڭ زىمىندا خاقانلىق قىلدى ، ئەمما ئۇلار بۇ زىمىنلارنى پەقەت ئۆزلىرىگىلا باج تاپشۇرىدىغان مەنبە دەپ بىلەتتى ، ئەمىلىي ئىگىلىك ئىشلىرىغا قىزىقمايىتتى . دۆلەت ئېڭى پەقەتلا يوق دىيىشكە بولاتتى . چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزئارا جەڭگە جىدەل قىلىشاتتە ۋە بوستانلىقلاردىكى خەلقلەرنى قىلچە رەھىم قىلماستىن بۇلاڭ – تالاڭ ، قىرغىن قىلاتتى . چاغاتاينىڭ ئوغلى بوراقخان ( 1270 – 1264 ) ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئىلىك خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان سەمەرقەند ۋە بۇخارانى ئىگىلىدى . ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۆلۈنۈشتىن كېيىن ، ئەمىر تۆمۈر بىر مەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈردى ھەم ئۆزىنىڭ ئىستىلاچىلىقىنى غەربىي ئاسىيادىكى ئوسمان ئىمپىرىيىسى ، ھىندىستاندىكى دېھلى سۇلتانلىقى ۋە ئالتۇن ئوردا زىمىنلىرىغا قاراتتى . ئەمما دۇنيانى بىردەملىك زىلزىلىگە سالغان ئەمىر تۆمۈر ئىمپىرىيىسى پەقەت پاللىدە ئېچىلىپ تۈگەيدىغان بىر خانلىق ئىدى . ئەمىر تۆمۈر ماھىيەتتىن ئېيتقاندا ، يەنىلا بىر ئاتلىق ئىستىلاچى بولۇپ ، ئۇ ئۇرۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن زىمىنلارنى ئۆز قول ئاستىدىكىلەرگە بۆلۈپ بېرىۋەتتى . ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ، بۇ بۆلۈنمىلەر ئۆز ئالدىغا سىياسەت يۈرگۈزۈپ ئۆزئارا دۈشمەنلەشتى ، جەڭگە - جىدەل بېسىقمىدى . پۈتكۈل ئىمپىرىيە ئەمىلىيەتتە پارچە – پارچە بولۇپ كەتتى . ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئىمپىرىيەسى پەقەت ئائىلە نۇسخىسىدىكى باشلانغۇچ فېئودال دۆلەت ئىدى .

16 – ئەسىردە ئۆزبېك ئۇلۇسى جەنۇپقا سۈرۈلۈپ ، بۇ ئۇلۇسنىڭ ئەسلىدىكى يايلاقلىرىدا پەيدىنپەي چوڭ ، ئوتتۇرا ، كىچىك قازاق يۈزلىرى ، ئوتتۇرا ئاسىيا بوستانلىقلىرىدا بۆزبېك ، بۇخارا ، شىۋا ، قوقاندىن ئىبارەت ئۈچ خانلىق پەيدا بولدى . قازاقلار باشتىن ئاخىر ئەنئەنىۋى قانداشلىق ئاساسدىكى قەبىلە تۈزۈمىنى ساقلىدى . بۇ تۈزۈم ئۋۇل – ئاتا – چېدىر ( ئۈرلى ) قوۋىم – ئۇلۇس – يۈز – خاقان دىگەن ھالقىلاردىن تەشكىللىنەتتى . ئاۋۇل قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئەڭ يېقىن بولغان ئون ئۆيلۈك چارۋىچىدىن تەشكىللەنگەن ، ئەڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي تەشكىل ئىدى . خاقان نەزەرىيە جەھەتتىن پۈتكۈل قازاقلارنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولۇپ ، يايلاق قەبىلىلىرنىڭ پىرىنسىپلىرى بويىچە چوقۇم چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن سايلىناتتى . ئەمما ، قازاقلار ئۈچ يۈزگە ئايرىلغاندىن كېيىن ، يۈز ئاقساقىلى قەلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن خاقان ئاتىلىپ ئۆزئارا بويسۇنمىدى . خاقان نامدا بار ، كۈچى يوق بولۇشتىن يوكقىلىشقا قاراپ يۈزلەندى . قازاق قەبىلىلىرى چارۋىچىلىق جەريانىدا كۆچۈپ يۈرگەچكە ، ھەرقايسى يۈزلەرنىڭ خانلىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ قايسى قەلىلەرنى باشقۇرىدىغىنىنى چالا – بۇلا بىلەتتى ، مۇقىم چېگرىسى يوق ئىدى . ئۆزبېك ئۇلۇسى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلارغا كەلگەندىن كېيىن ، باشتا بۇخارا ۋە شىۋا خنلىقىنى قۇردى . بۇنىڭدىمۇ خاقان چوقۇم چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇشى كېرەك ئىدى . ئەمما ، خاقاننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى دائىم نامدا بار ، ئەمەلدە يوق بولۇپ قالاتتى . ئۆزبېكلەرنىڭ ھوقۇقلۇق ئاقسۆڭەكلىرى خالىغانچە خاقانلارنى ئالماشتۇراتتى . تارىختا بۇ « خانلىق ئويۇنى دەپ ئاتىلاتتى . 19 – ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆزبېكلەرنىڭ قوڭغىرات قەبلىسىدىكى ئاقسۆڭەك ئەلى ئەزەم مۇنداق قورچاق خان تىكلەيدىغان ئويۇنغا خاتىمە بېرىپ ، ئۆزىنى شىۋاخان دەپ ئاتاشقا باشلىدى . مانا مۇشۇ شىۋا قوڭغىرات خانلىقى ئامۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا 1920 – يىللارغىچە مەۋجۈت بولۇپ تۇردى . 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆزبېكلەرنىڭ مەركىت قەبىلىسىدىن بولغان ئاقسۆڭەك مۇھەممەت ھاشىم چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىدىن بولغان بىر قىزنى ئەمرىگە ئېلىپ ، ئەينى يىللاردىكى ئەمىر تۆمۈر يوسۇنىدا كۈيئوغۇللۇق سالاھىيەتتە خانلىق ھوقۇقۇنى يۈرگۈزدى ، ئۆزىنى پەقەت ئەمىر دەپ ئاتىدى ، شۇنىڭ بىلەن بۇخارا ئەمىرلىكى دەپ ئاتالدى . بۇ ئەمىرلىكمۇ 1920 -  يىلىغىچە داۋاملاشتى . قوقان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئۆزبېكلەرنىڭ مەڭگۈ قەبلىسىدىن بولۇپ ، 18 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باش كۆتەرگەندى . پەقەت بەگ ياكى بىي سالاھىيىتىدىن كېيىن ، ئۇلارمۇ ئۆزىنى خان دەپ ئاتىدى . بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئائىلە نەسەبىنى چىڭگىزخان ۋە ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ئۇلايدۇ . بۇ نەسەپنامە ئەلۋەتتە يالغاندۇ . ئەمما ئۇ يەنىلا ئەينى دەۋىردىكى ئىجتىمائىي ئاڭنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . بۇ ھەقتە ئالىملار نازۇك بايان بېرىپ : ئۆزبېكلەر يېڭى مۇھىتتا پەقەت چىڭگىزخاننىڭ نامىنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىنى ھىس قىلغان . ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ بەزى قەبىلە پىرىنسىپلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاشتىن دېرەك بەرمىدى . بەلكى ئۇلار بۇ پىرىنسىپلارنى ئىسلاھ قىلىپ ، ئىسلام ئەقىدىلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ، يايلاقتىكى چارۋىچى قەبىلىلەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنلىۇقى بىلەن شەرىئەتتىن بولغان شالغۇت بىر نەرسىنى پەيدا قىلدى دەيدۇ . كۆپ قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشى بىلەن تۈركلىشىشى بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى ، ھەر ئىككىسىلا ئۇزاق زامانلارنى بېسىپ ئۆتتى . ئوخشىمايدىغىنى ئالدىنقىسى ، جەنۇپتىن شىمالغا بولدى ؛ كەينىدىكىسى ، شىمالدىن جەنۇپقا بولدى . 18 – ئەسىرگە كەلگەندە ، ئوتتۇرا ئاسىيا چارۋىچىلىرى بولغان قازاق ، قىرغىزلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا كىردى . گەرچە ئۇلار ئۇنچىۋالا تەقۋادارلاردىن بولمىسىمۇ ، ئىران تىلىدا سۆزلەيدىغان تاجىكلار تۈرك تىلىدىكى ئۆزبېكلەر تەرىپىدىن تېخىمۇ جەنۇپتىكى شەھەر – قىشلاقلارغا قىستىۋېتىلدى . ئوغۇزلاردىن بولغان سەلجۇق تۈركلىرىنىڭ بىر تارمىقى كىچىك ئاسىيادا دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشكەن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيەسىنى قۇرۇپ ، ئىسلام خەلىپىلىكى بىلەن ئەتراپتىكى مۇسۇلمانلارنى توپلىدى . 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بوستانلىقلىرىدىكى ئۆزبېك خانلىقلىرى ئۆزئارا جىدەلگە پاتتى ۋە ھودۇققان ھالدا بەس – بەس بىلەن تۇركىيە سۇلتانلىقىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى ، بۇ چارروسىيە بېسىپ كىرگۈچە داۋاملاشتى .

18 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا چارروسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا قەدەممۇ قەدەم بېسىپ كىردى . بۇ يۇز يىلغا سوزۇلغان ھەربىي ئىستىلا پائالىيىتى ئىدى .

شىمالدىكى قازاق يايلاقلىرى چارروسىيە ئەڭ دەسلەپتە بېسىۋالغان رايون ئىدى . دەسلەپ چارروسىيە ئەلچى ئەۋەتىش ، قىزىقتۇرۇش ، تەھدىت سېلىش ۋاستىللىرى بىلەن ھەرقايسى قازاق قەبىلىلىرىنى « ئۆزلۈكۈدىن بېقىندۇردى . ئاندىن ئۇرال دەرياسى ، ئورىنبۇرگ دەرياسى ، ئېرتىش دەرياسىدىن ئىبارەت تۆت كازاك ھەربى لىنىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى بۇ لىنىيە 3500 كىلومېتىرغا يېتەتتى ، پۈتۈن لىنىيە بويىچە قازاق يايلاقلىرىدا ھەربىي ئىستىلا ئېلىپ باردى . 19 – ئەسىرنىڭ بېشىدا قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە كىچىك يۈزلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلدى . « 1822 – يىلىدىكى غەربىي سىبىرىيە قىرغىز شەرتنامىسى » ۋە «  1822 – يىلىدىكى ئورىنبۇرگ قىرغىز شەرتنامىسى » ئارقىلىق  قازاق يايلاقلىرىنى ھەربىي ۋالىيلىق بىلەن ئىدارە  قىلدى .

ئەسلىدىكى قازاق ئوتتۇرا يۈزى تويولىسكىدا تۇرۇشلۇق ( 1839 – يىلى ئومىسكىيغا يۆتكەلگەن ) غەربىي سىبىرىيە ۋالىسىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ زىمىنىدا سەككىز ئوبلاست قۇرۇلدى . ئۇلار قارا كالانىسكىي ( 1824 – يىلى قۇرۇلغان ، ھازىرقى قاراغاندا ئوبلاستىدا ) كىسمىل  ( 1824 – يىلى قۇرۇلغان ) ، ئاياكۆز ( 1831 – يىلى قۇرۇلغان  ، ھازىرقى ئاقموللىدا )، ئامان – قالاگە ( 1832 – يىلى قۇرۇلغان ، ) يايان ئاۋۇل ( 1833 – يىلى قۇرۇلغان  ، ھازىرقى پاۋلودار ئوبلاستىدا  )، ئۈچ بۇلاق  ( 1833 – يىلى قۇرۇلغان ، ) ، كوكبەكبىت  ( 1844 – يىلى قۇرۇلغان  ، ھازىرقى سىپالاتىنىسكتا ) لەردىن ئىبارەت .

ئەسلىدىكى قازاق كىچىك يۈزى ئورىنبۇرگ ۋالىيسىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئۈچ سۇلتانلىققا ئايرىلدى ، غەربىي قارام يەرلەر يىلقى دەرياسى ، تېمېر دەرياسىدىن ئومىسكىي دېڭىزىغىچە بولغان رايونلار بولۇپ تەخمىنەن بۈگۈنكى ئاقتۆپە دائىرىسىدۇر . ئوتتۇرا قارام يەرلەر رايونلار توبىر ، توققۇزاق ، ئايات رايونلىرى بولۇپ ، تەخمىنەن ھازىرقى قۇستاناغا توغرا كېلىدۇ ، شەرقىي قارام يەرلەر سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى ۋە شەرقىي شىمال تەرىپى بولۇپ ، تەخمىنەن بۈگۈنكى قىزىل ئوردىغا توغرا كېلىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا 5000 ئۆيلۈك ۋە ئېدىل دەرياسى ئارىسىدىكى يايلاقلارغا كۆچۈرۈلۈپ ، بىۋاستە چارا پادىشاھنىڭ ئىدارىسىدە بولىدىغان بوكەخان خانلىقىنى قۇردى . ئۇلار دەسلەپ ئورىنبۇرگ ھەربىي ۋالىيسىغا بېرىلدى ، كېيىن ئاستراخان ئۆلكىسنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى .

19 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى چارروسىينىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى چىن زىمىنىغا ۋە سىر دەرياسىنىڭ ئوڭ قېشىدىكى قازاق چاڭ يۈزىنىڭ يايلاقلىرىغا يۈرۈش قىلدى . بۇ زىمىندا يەتتىسۇ ۋە سىر دەرياسى ۋىلايەتلىرىنى تەشكىللەپ ، يېڭى قۇرۇلغان تۈركستان ئۆلكىسىگە تەۋە قىلىندى . كېيىن تۈركىستاننىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزۈلدى . 1869 – يىلى چارروسىيە ھۆكۈمىتى « يايلاقلارنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى تۈزدى ، ئەسلىدىكى كىچىك يۈزى يايلاقلىرىدا تورگاي    ئوبلاستى تەشكىللىنىپ ئورىنبۇرىگقا تەۋە قىلىندى . ئەسلىدىكى قازاق ئوتتۇرا يۈزىدە ئاقموللىسكىي سىپالاتىنسىك  ئوبلاستى تەشكىللەپ ، غەربىي سىبىرىيە باش ۋالىيسىغا تەۋەلەندى . 1891 – يىلى چارروسىيە ھۆكۈمىتى يەنە « يايلاقلاردىكى ئۆلكىلەرنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلىپ ئۇرالىسكىي ، تورگاي ، ئاقموللىسكىي ، سىپلاتىنسىك يەتتىسۇ ۋىلايىتى ( 1897 – يىلى قايتا تۈركىستان باش ۋالىيسىغا تەۋەقىلىنغان ) يايلاق مەھكىمىسى ئىدارە قىلىدىغان بولدى . تورگاي ، قارام رايونلاردىكى ئوبلاستلار رۇسىيىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىكى ئۆلكىلەر بىلەن تەڭداش ئىدى . ئوبلاسىتتىن كىچىكى يېزا ، كەنت بولۇپ بۇلار يەر ئاساسىدا تەشكىللەندى . بۇنىڭ بىلەن قازاقلاردىكى چارۋىچىلىق ئىجتىمائىيىتىنىڭ ئۇلى – قەبىلىۋى تۈزۈم چاك – چېكىدىن ئاجراپ كەتتى . شۇندا ق قىلىپ چارروسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى قازاقلار رايونلىرىغا بولغان ئىستلاسىنىڭ ھەربىي ، سىياسىي قۇرۇلۇشلىرىنى ئاساسەن تاماملىدى .

چارروسىينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىنى بېسىۋېلىشى 19 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى باشلاندى . 1864 – يىلى چارروسىيە ئارمىيىسى سىر دەرياسى ۋە ئالمۇتا يۆنىلىشلىرى بويىچە قوقان خانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شەھىرى تاشكەنتكە ھۇجۇم قىلدى ، 1867 – يىلى تاشكەنىتتە تۈركىستان باش ھەربىي مەھكىمىسى قۇرۇلدى . شۇنىڭ بىلەن ھەربىي ئىستىلا بازىسى ئورىنبۇرىگدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكىگە كۆچتى .

1866 – يىلى چارروسىيە ئارمىيىسى بۇخارا ئەمىرلىكىدىكى ئۈرگەنچنى ئىگەللەپ توغرىدىن – توغرا بۇخارا بىلەن قوقان ئارىسىدىكى مۇھىم بازا – قارشىنى ئىگىلىدى . 1868 – يىلى سەمەرقەندنى ئىگىلەپ ، بۇخارا ئەمىرلىكىنى تەسلىم بولۇشقا قىستىدى سەمەرقەنت كېسىپ بېرىلدى . بۇخارا ئەمىرلىكى چارروسىيىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ تۈركىستان باش ۋالىي مەھكىمىسىگە تەۋە بولدى . سەمەرقەندتە سەمەرقەند ئوبلاستى تەشكىللىنىپ ، تۈركىستان مەھكىمىسىگە تەۋە بولدى .

1873 – يىلى چارروسىيە ئارمىيىسى تۈركىستان ، ئورىنبۇرگ ، كاۋكازدىن ئىبارەت ئۈچ لىنىيە بويىچە شىۋا خانلىقىغا ھۇجۇم قىلدى . شىۋا خانلىقى تەسلىم بولۇپ چارروسىينىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ تۈركىستان باش ۋالىيسىنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتتى . چارروسىيە شىۋا خانلىقىنىڭ ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى زىمىنلىرىنى كېسىۋېلىپ ، ئامۇ دەرياسى رايونى قىلدى . مەزكۇر رايون ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي بىرلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن سىر دەرياسى ئوبلاستىغا بېرىلدى .

1868 – يىلى چارروسىيە ئەسكەرلىرى قوقان شەھىرى يېنىدا قوقان خانلىقىنى تەسلىم بولۇشقا قىستىدى . 1876 – يىلى ئاندىن  بۇ خانلىقنى يوقاتتى . مەزكۇر زىمىندا فەرغانە ئوبلاستىنى قۇرۇپ تۈركىستان مەھكىمىسىگە تەۋە قىلدى .

ئاندىن چارروسىيەنىڭ كاۋكازدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى تۈركمەنىيىگە ھۇجۇم قىلدى . 1881 – يىلى قانلىق قىرغىن بىلەن تۈركمەنلەر قارشىلىق قىلىۋاتقان مۇھىم ئۆتكەلنى ئىگىلەپ ئاشخابادقا كىردى . 1884 – يىلى چارروسىيە ئارمىيىسى كامالنى سۈرۈپ مورغاپ دەرياسىنىڭ قېشىدىكى قوشقاغىچە بېرىپ ، تۈركمەنلەرگە بولغان ئىتىلاسىنى تاماملىدى . چارروسىيە ھۆكۈمۈتى تۈركمەنىيەدە كاۋكازغا تەۋە بولغان ئىچكى دېڭىز ئوبلاستىنى تەشكىللىدى . 1899 – يىلى چارروسىيە پامىرغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ ئەنگىلىيە بىلەن قارشىلاشتى . شۇنىڭ بىلەن چارروسىيەنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي ،  سىياسىي ئورۇنلاشتۇرىشى تامام بولدى .

چارروسىيىنىڭ بېسىىۋېلىشىغا ئەگىشىپ ، تۈركۈم – تۈركۈم رۇش كۆچمەنلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېقىپ كىردى . چارروسىيە دەسلەپ كازاكلارنى كۆچۈرۈپ كەلدى . 1878 – يىلىغىچە يەتتىسۇ ئوبلاستىغا 120 مىڭ ئادەمنى ئورۇنلاشتۇردى . ھۆكۈمەت تەرەپ سىياسىتىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ياۋروپا ، رۇسىيىدىن كېلىدىغانلارنىڭ قەدىمى تېزلەشتى . 19 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا روسىيە سىبىرىيە تۆمۈريولىنى پۈتتۈرۈپ ، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشىگە پىلانلىق ھالدا ياردەم بەردى . 1896 – يىلى كۆچمەنلەر ئىدارىسى قۇرۇپ ، كۆچۈرۈپ كەلگەن رۇسلارغا يايلاق بەلۋاغلىرىدىكى ئەڭ مۇنبەت يەرلەرنى ئىگىلەتتى . 1897 – يىلىدىكى پۇتۇن رۇسىيىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە بۈگۈنكى قازاقىستان رايونىدا ياۋروپا ، رۇسىيىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر 755 مىڭ ئادەمگە يېتىپ ، مۇشۇ رايون نوپۇسنىڭ %8.3 نى ئىگەللىگەن . 1914 – يىلى 2 مىليونغا يېتىپ  % 34.9 نى ئىگەللىگەن ، ئورىنبۇرگ تاشكەنت تۆمۇريولى پۈتكەندىن كېيىن ، رۇس كۆچمەنلىرى تۈركىستان باش ۋالى مەھكىمە تەۋەلىدىكى رايونلارغا كىرىشكە باشلىدى . چارروسىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە كەلگەندە ، ئۇلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10 نى ئىگىلىدى . ئۇلار ئاساسەن شەھەر ، بازارلاردا ئولتۇراقلىشىپ ، يەرلىكلەرنىڭ شەھەر – بازارلىرىنىڭ يېنىدا زامانىۋى ياۋروپالىقلار ئولتۇراق رايونىنى بەرپا قىلدى . رۇسىيىنىڭ ئىستىلاسى سەۋەبلىك ئوتتۇا ئاسىيانىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدا تۈپكى ئۆزگىرىش بولدى . مىللەتلەرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىمۇ كۆچمەنلىكنىڭ يۇقۇرى دولقۇنلىرىغا ئەگىشىپ مۇھىم ئۆزگىرىش يۈز بەردى .

مەدىنىيەت جەھەتتە سىڭىپ كىرىش ھەربىي ئىستىلاغا ئەگىشىپ يۈز بەردى ، چارروسىيە قازاق ئاۋۇللىرىدا مەكتەپ ئېچىپ رۇس تىلى ئۈگەتتى . بۇ ئوقۇغۇچىلار ئاۋۇل مەكتەپلىرىدىن رۇس – قىرغىز مەكتەپلىرىگە چىقاتتى . ئاندىن يەنە ئۆرلەپ ئورىنبۇرگ قىرغىز ئالىي مەكتەپلىرىگە باراتتى . تۈركىستان رايونلىرىدا يېڭىچە مەكتەپلەر تەسىس قىلىندى ، تاشكەنتتە مۇئەللىملەر دارىلفۇنى قۇرۇلدى . غەرپ مائارىپىنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان بۇ ئادەملەر ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ ، ئەمما دەل ئاشۇلار يەرلىك زىيالىلارنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالدى .

چارروسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كۆپ ئۆزگەرتىۋەتتى . زور مىقداردىكى كۆچمەنلەرنىڭ كېلىشى بىلەن ياۋروپا رۇسىيىسىدىن كەلگەنلەر ئولتۇراقلاشتى . ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى يايلاق بەلۋاغلىرىدىكى دېھقانچىلىق تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدى . بىر قىسىم قازاق چارۋىچىلار ئوتلاقلارنىڭ ئېتىزلاشتۇرۇشى بىلەن نامراتلىققا پاتتى ، بىر قىسىملىرى دېھقانچىلىقنى تاللىدى .

1897 – يىلى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاقلار ، قازاقلارنىڭ %55 نى ئىگەللىدى . ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەبۇبىدىكى بوستانلىقلاردا بولسا ، چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھاملاندۇرىشى بىلەن پاختا تېرىلغۇ مەيدانى ۋە مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ باردى . 1914 – يىلىغا كەلگەندە ، رۇسىيە سانائىتىگە كېرەكلىك پاختىنىڭ يېرىمىنى تەمىلەيدىغان بولدى . ئەمما بۇ خىل يەككە زىرائەتلىك ئىقتىساد رۇس ھۆكۈمۈتىنىڭ ئېزىشىگە ناھايىتى ئاسانلا ئۇچراپ ، يەرلىك دېھقانلار كۈندىن – كۈنگە قەرىزگە بوغۇلۇپ كەتتى .

20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئىجتىمائىي ئىنقىلاپنىڭ ھارپىسىدا تۇراتتى . ھۆكۈمرانلار ۋە ھۆكۈمراىلىق قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۈشكۈل تاللاش ئالدىدا ئىدى .خۇددى ئالىملار ئېيتقاندەك « يەرلىك ئاھالە ئۈچۈن ئېيىتقاندا ، ئادەتتە بويسۇندۇرۇلۇش بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارىسىدا ئۆزئارا زىت تاللاش مەۋجۈت ئىدى . زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلارنى تاجاۋۇزچىغا تاقابىل تۇرغۇزالايتتى ، ئەمما شۇنىڭلىق بىلەن ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋالاتتى ، دەل ئۆزلىرى قوغداۋاتقان تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ۋاز كەچتۈرەتتى ، ئەمما رۇسلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئۆزلىرى ۋاستە قىلغان بۇ نەرسە چوقۇم ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايونلاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان نەرسە بولۇشى مۇمكىن .



( داۋامى بار ) 

« مۇستەقىللىق داۋاسىمۇ بۆلگۈنچىلىك ماجىراسىمۇ » ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى

ئاپتورى پەنجىپىڭ قاتارلىقلار

تەرجىمە قىلغۇچى : داۋۇت ئوبۇلقاسىم

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ( 2001 – يىل 12 – ئاي 1 – نەشرى ) 

Posted: 2007-11-18 22:16 | [ئاپتور]
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

مىللەتلارنىڭ پەرقلەندۈرۈلۈشى ۋە مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تەشكىللىنىشى

دەسلەپتە قۇرۇلغان سوۋېت ھاكىمىيىتى

1917 – يىلى فېۋرال ئىنقىلابى چارروسىيەنىڭ بىيۇروكرات ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ، « بارلىق ھوقۇق سوۋېتكە مەنسۇپ » دەيدىغان چاقىرىق ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىشچى ، دېھقان ، ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتى ، ئىشچى ، ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتى ، ئەسكەرلەر سوۋېتى ، ھەتتا يەنە 10 نەچچە مۇسۇلمان دېھقانلار سوۋېتى قۇرۇلدى . ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىمپىرىيە ھەربىي ، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ئۆز ئورنىدا مەھكەم تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بۇيرۇقى باشقا جايلارغا قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخىمۇ ئۈزۇل كېسىل ئىجرا قىلىندى . تۈركىستان ۋالىي مەھكىمە باشلىقى كىروپاتكىن ئىنقىلابنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئىمپىرىيىنىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ۋە كۆچمەنلەر ئىنقىلاپ قاينىمىغا كىرىپ كەتتى ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەقسىدى سوۋېت تەشكىللەپ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەركىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىدى . 1917 – يىلى 4 – ئايدا تاشكەنتتە قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تۈركىستان كومىتىتى دېموكىراتلارانىڭ قولىدا ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە  « ئۆلىمالار پارلامېنتى » ۋە « مۇسۇلمانلار مەجلىسى » دىن ئىبارەت ئىككى مىللەتچى تەشكىلاتمۇ تاشكەنتتە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ ، تۈركىستان مۇسۇلمانلار مەركىزىي كومىتىتىنى تىكلىدى . ئۇلار « تۇركىستاننىڭ تەقدىرى چوقۇم يەرلىكلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى كېرەك »  دەيتتى . شىمالدىكى يايلاقلاردا چارروسىيە باش ۋالىيسى ۋە ھۆكۈمەت ئەلچىسى چېكىنگەن بولۇپ ، مەمۇرىي ئاپاراتلار ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئىجرائىيە كومېتىتى ئىدارىسىدە داۋاملىق مەۋجۈت ئىدى ھەم قازاقلارنىڭ مىللەتچى تەشكىلاتى ئالاش ئوردا ئوتتۇرىغا چىققاندى . ئۇلار مەمۇرىي ئىدارە قىلىشقا ئارىلىشىشنى تەلەپ قلاتتى .

ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندى كېيىن ، لېنىن ، سىتالىن قول قويۇپ « رۇسىيىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھوقۇق خىتاپنامىسى » ( 1917 – يىلى 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ) ۋە «  رۇس ۋە بالىق مۇسۇلمان ئەمگەكچىلەرگە » نى ئېلان قىلىپ رۇسىيىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ، قىرغىزلار ۋە سارتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرق مۇسۇلمانلىرىغا « بۇنىڭدىن كېيىن ، ئېتىقادىڭلار ، ئۆرپ – ئادىتىڭلار ، مىللىي ۋە مەدەنىي ئاپپاراتىڭلارنىڭ ھەممىسى ھۆر ۋە مۇقەددەستۇر ، ئەركىن ، دەخلىسىز ھالدا ئۆز تۇرمۇشۇڭلارنى ئورۇنلاشتۇرڭلار دەپ كاپالەت بەردى .

بۇ ۋاقىتتا تاشكەنت بولشىۋىكلار رەھبەرلىكىدىكى خەلق ھاكىمىيىتى – تۇركىستان خەلق سوۋېتى تىكلەندى . قوقاندا بولشىۋېكلارغا قارشى بولغان مۇستەقىل قوقان ھۆكۈمۈتى تىكلەندى . 1917 – يىلى 11 – ئاينىڭ 19 - ، 26 – كۈنلىرى ئېچىلغان تۆتىنجى نۆۋەتلىك تۈركىستان  سوۋېتى پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر يىغىنى قارار ماقۇللاپ ، ئاز بىر قىسىم رۇسلار ۋە مۇسۇلمان ئەكسىيەتچىلىرى جار سېلىۋاتقان بۇرژۇئا سىنىپىنىڭ ئاپتونومىيەسى بىلەن ئەڭ شەپقەتسىز كۈرەش قىلىش زۆرۈر ، دىدى . 1918 – يىلى بولشىۋېك قىزىل گكوۋاردىيەچىلەر قوقان ھۆكۈمۈتىنىبىتچىت قىلدى . بولشىۋېكلارغا قارشى ئۇنسۇرلار باسمىچىلار بايرىقى ئاستىغا توپلاندى ، ئەھدىلىك دۆلەتلەر ۋە تۈركىيە پانتۈركىزىمچىلىرىنىڭ قوللىشىدا تاغ رايونلىرى ۋە يېزىلاردا سوۋېت ھاكىمىيىتى بىلەن قوراللىق توقۇنۇشتى ، بۇ توقۇنۇش بىر مەزگىل بەك ئەۋج ئېلىپ كەتتى . ئۇ 1922 – يىلى ئاندىن  بېسىقتۇرۇلدى . 1918 – يلى 4 – ئايدا تۈركىستان سوۋېتى سوتسىيالىستىك ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكرلىدى . « پروگىرامما » تۇرغۇزۇپ ، تۈركىستان  سوتسىيالىستىك ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بار ، لېكىن ئۇ رۇسىيە سوۋېت فېدىراتىپى مەركىزىي ھۆكۈمۈتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ماس پائالىيەت ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ بەلگىلىدى . بۇ ئاپتونومىيەلىك جۇمھۇرىيەت سابىق چارروسىيە تۈركىستانى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ ، ئەسلىدىكى سىر دەرياسى ئوبلاستى ، سەمەرقەنت ئوبلاستى ، يەتتىسۇ ئوبلاستى ، فەرغانە ئوبلاستى ، تاشقى ئورال ئوبلاستىدىن تەشكىللەندى . لېكىن رۇسىيە فېدىراتىپى سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت تۇپرىقىدا قۇرۇلغان سوۋېت ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتىدە مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ئەمەس ، يەرلىكنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى .

1920 – يىلى ئالاش ئوردا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ، ئەسلىدىكى رۇسىيە يايلاق مەھكىمىسى تەۋەلىكىدە رۇسىيە فېدىراتسىيەسىگە مەنسۇپ قىرغىز سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرۇيىتى قۇرۇلدى . زىمىنى ئەسلىدىكى ئۇرالىسكىي ئۆلكىسى ، تورگاي ئوبلاستى ، ئاقمولىنىسكىي ، سىپلاتىنسىك ، بۆكە خانلىقى ۋە ئورىنبۇرگ ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى . ئورىنبۇرىگنى مەركەز قىلدى بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى ئاپتونومىيەلىك جۇمھۇرىيەت ئىدى .

شۇ يىلى خەلق ئىنقىلابى بۇخارا ئەمىرلىكى ۋە شىۋا خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ، بۇخارا سوۋېت خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە خارازىم سوۋېت خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى .

مۇشۇنداق قىلىپ چار پادىشاھنىڭ ئەسلىدىكى مەمۇرىي رامكىسىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى تاماملاندى . قۇرۇلغان تۆت جۇمھۇرىيەتتىن بۇخارا ، خارازىم خەلق جۇمھۇرىيىتى بولۇپ تېخى سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت ئەمەس ئىدى . يەنە پەقەت قازاق يايلاقلىرىدا قۇرۇلغان ئاپتونومىيەلىك جۇمھۇرىيەت مىللى ئاپتونومىيەلىك ھاكىمىيەتلا ئىدى .

مىللەتلەرنى ئايرىش : ئىشخانىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە قارار ئىدى

رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئالدىغا كەلگەن دەسلەپكى مەسىلە مىللىي مۇستەملىكە مەسىلىسى ، بۇ رۇسىيە ماركىسىزىمچىلىرى چوقۇم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك جىددى مەسىلە ئىدى . لېنىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى ئېتىراپ قىلىش ، مىللىي دۆلەتلەرنى قۇرۇش دەپ قارايتتى . لېنىن ئەسلىدە ھەرقانداق شەكىلدىكى فېدىراتىپ پىرىنسىپنى ئېتىراپ قىلمايتتى . فېدىراتسىيە تۈزۈمى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ، بىر دۆلەت ئۈچۈن ئۇ مۇۋاپىق ئەمەس دەيتتى . ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ ، مىللەتلەرنىڭ «  مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش » ، « ئەركىن ئايرىش ھوقۇقى» غا ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە فېدىراتسىيە تۈزۈمىنى رۇسىيدىكى ھەر مىللەت بىرلىكتە تۈزگەن ، بۇ ئۇلارنى دېموكىراتك مەركەزلىك سوۋېت دۆلىتىگە مۇستەھكەم باغلاشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك قەدىمى» دەپ ھىساپلىدى . گەرچە تىلغا ئېلىش جەھەتتىكى تۈپكى پەرق تۇرسىمۇ ، ئەمما « مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش » بايرىقى يەنىلا ئىگىز كۆتۈرۈلۈپ تۇردى . بۇ ئەينى چاغدىكى ئىچكى ئىنقىلابى ئۇرۇش ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن ئىدى . 1918 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە سوۋېتى مىللىي ئىشلار كومېتىتى تاتار باشقىرت ئاپتونومىيە لايىھىسىگە قاراپ چىقتى . باشقىرت مىللەتچىلىرى بۇ لايىھە تاتارلارنىڭ باشقىرتلارنى بېسىشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ قارىغاچقا ، كازاك گوۋاردىيىچىلەر تەرىپىگە قېچىپ كەتتى . بىراق كازاكلار چارروسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىدە مەھكەم تۇرغاچقا ، باشقىرتلارنىڭ ئاپتونومىيە تەلىپىنى ئاڭلاپ قويۇشنىمۇ خالىمىدى . باشقىرتلار قاتتىق نارازى بولۇپ ، موسكۋاغا مەخپىي ھالدا ۋەكىل ئەۋەتىپ لېنىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن لېنىنغا : « ناۋادا باشقىرتلارغا ئاپتونومىيە بېرىلسە ، ئۇنداقتا باشقىرتلار سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرىدۇ » دىدى . شۇ كۈنى سوۋېت ھۆكۈمۇتى باشقىرت ۋەكىللىرى بىلەن ئاپتونومىيە ھەققىدە سۆھبەتلەشتى . 10 كۈندىن كېيىن ( 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى « مەركىزىي سوۋېت ھاكىمىيىتى بىلەن باشقىرت سوۋېت ئاپتونومىيىسى ھەققىدىكى بىتىمى» گە قول قويدى . لېنىن 8 – قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنىدا بۇخارىن قاتارلىقلارنىڭ مىللىي ئاپتونومىيەگە قارشى مەيدانىنى تەنقىدلىدى . كىنايە قىلىپ : « ئەجىبا تۈنۈگۈن غەلىبلىك ھالدا باشقىرت جۇمھۇرىيىتى ئىشىنى تامام ئەتمىدۇقمۇ ؟ » دىدى . باشقىرت ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەجرىبىسى شۇنىڭلىق بىلەن كەڭ پايدىلىنىلدى . لېنىن كوسجىنىڭ تارىخىي ئىقتىسادىي تەھلىل نەزىرىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، مىللىي دۆلەت ھازىرقى شارائىتقا ئەڭ ماس دۆلەت شەكلى دەپ ھىساپلىدى . ئەمما بايا ئېيتقاندەك ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي تەرەققىيات ناھايىتى قالق ھالەتتە ئىدى ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرق بەك تۇتۇق ئىدى . كېيىن سوۋېت ئالىملىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلىپىدىكى تۈركىستان ، بۇخارا ، خارازىم ۋە قىرغىز نوپۇس قۇرۇلمىسىنى بايان ئەتكەندە ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئۆزبېك ، قازاق ، تاجىك ، تۇركمەن نوپۇسى ۋە ئىگىلىگەن پىرسەنتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ ، بىر – بىرىنىڭكىگە ئوخشىمايلا قالماستىن ، ھەتتا بۇ سانلار بەكلا گۇمانلىق ئىدى . چۈنكى ئەينى چاغدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش بۇ مىللەتلەرنىڭ مىللەت نامىنى تۈپ بىرلىك قىلىپ ئېلىپ بېرىلغن ئەمەس . ئېلان قىلىنغان سان – سېپىرلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكىلەر مىللەتلەر رەسمىي پەرقلەندۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالغا قاراپ قىلىنغان قىياسلاردۇر . تۆۋەندە كۆرسىتىلگىنى 1924 – يىلىدىكى « ئۆزبېكىستان ئەدلىيە گېزىتى» دىكى نوپۇس سانى . بۇ ئەڭ ئىشەنچلىك ماتىرىيال بولۇشى مۇمكىن . 


خارازىم
بۇخارا
تۈركىستان
رايون، نوپۇس، مىللەت

392000
996000
2138000
ئۆزبېك ، تۈرك


 
51000
قۇرام


 
88000
قىپچاق 

2300
7000
1577500
قىرغىز

184000
174000
267000
تۈركمەن

1206000
802000
404000
تاجىك

34000
 
78000
قارا قالپاق

7600
 
746000
باشقا


يۇقۇرىدىكى نوپۇس ماتىرىيالىدىن بىلىمىزكى ، 1922 – يىلى سوۋېت ئارمىيىسى ئومۇمەن قازاقلار بىلەن ئۆزبېكلەرنى پەرقلەندۇرگەن . 1917 – يىلىدىكى « رۇسىيە ۋە شەرقتىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا مۇراجىئەت » تىكىدەك « سارتلار » دىگەندەك ناملارنى ، سىتالىننىڭ 1920 – يىلىدىكى نۇتقىدا كۆرۈلىدىغان بۇخارالىقلار ، شىۋالار دىگەندەك مىللەت ناملىرىنى ئىشلەتمىگەن . ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭدا ئۆزبېكلەر بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنىۋاتقان تۈرك دەيدىغان نام بار ، قازاق بىلەن قىرغىز بىراقلا قىرغىز دەپ ئاتالغان ۋە قىپچاق يەنىلا مۇستەقىل مىللىي گۇرۇھ قىلىۋېلىنغان .

1920 – يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى تاشكىللەش مەسىلىسى تاشكەنت ، موسكىۋا قاتارلىق جايلاردىكى كومپارتىيە رەھبەرلىك ئاپاراتلىرىدا مۇزاكىرە ۋەتەتقىق قىلىندى . 1920 – يىلى 8  - ئايدا شىمالىي يايلاقلاردا تەشكىللەنگەن قىرغىز سوۋېتى سوتسىيالىستىك ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇا ئاسىيا رايونىدا قۇرۇلغان تۇنجى جۇمھۇرىيەت ئىدى ، ئەمما جەنۇبىي دېھقانچىلىق رايونلىرىدا مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئىشى ۋاقتىنچە توختاپ قالدى . 1920 – يىلى 2 - ، 6 – ئايلاردا پۈتۈن رۇسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومېتىتى رەئىسلەر ئۆمىكى ، رۇسىيە كومپارتىيەسى چېگرا رايون پارتىكومى ، تۈركىستان كومېتىتى بىردەك بۇ مەزگىللەردە مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس ، سەۋەپ سوۋېت ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملىنىشى كېرەك ، بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ ئېزىشى ۋە فېئودال مۇناسىۋەتلەر تېخى مەۋجۈت ، مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە چەتكە قېقىش تېخى يوقالغىنى يوق دىگەن تونۇشقا كەلگەن ئىدى . مەسىلەن ، ئەينى چاغدا باسمىچىلارنىڭ توپىلاڭلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ناھايىتى ئەۋىج ئالغاندى ، ئەمما مۇھىمى يەنە بىر مەسىلە تېخى ھەل قىلىنمىغاندى . ئۇ بولسىمۇ ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەينى چاغدا زادى قايسى مىللەتلەر بار ؟ يەنىمۇ ئېنىقراق دىسەك زادى قايسى مىللەتلەرنىڭ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلىدۇ ؟

1917 – يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن تاتار مىللەتچىلىرى ئېدىل ( ۋولگا )  _____ ئۇرال دۆلەتلىرىگە مۇستەقىللىق بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى . ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر كومپارتىيەەگە كىردى ، ئەمما ئۇلار مىللەتچى نىشاندىن قىلچە ۋاز كەچمىدى . 1920 – يىلى 5 – ئايدا قۇرۇلغان تاتار سوتسىيالىستك جۇمھۇرىيىتى ئۇلارنى ھەرگىز قانائەتلەندۈرەلمىدى . سۇلتانجانوف باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم تاتار كومۇنىستلىرى ئېدىل ____ ئۇرال رايونىنى ئۆز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىستان قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى ، ئۇلار ھەتتا پارتىيىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ ، كومپارتىيىنى تۈرك كومپارتىيىسى ۋە رۇس كومپارتىيىسى دەپ ئايرىپ ، مەركىزىي بيورونى بىر قىلىش تەكلىپلىرىنىمۇ بەرگەن ، لېكىن بۇ مۇنازىرىلەر باسمىچىلار يوقىتىلغاندىن كېيىن سىتالىننىڭ قولىدا ئىسسىق قانلار بىلەن ئاياقلاشتى ، تۈركلەرنى ئۇيۇشتۇرىۋاتقان تۈركىستاندا بولسا تۈركلەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش تەلەپلىرى بار ئىدى . قىرغىزىستان ۋە خارازىمدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا فېدىراتسىيىسى تەلىپى بار ئىدى ، ئالدىنقىسى ، ئۆزبېك تاتار بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ مەنپەتىنى قوغداپ مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە توسقۇنلۇق قىلغانلىق دەپ ھىساپلاندى . كەينىدىكىسى تروتىسكىچىلارنىڭ بۇرژۇئا مىللەتچىلىكى دەپ ئەيىپلەندى .

قارىغاندا پانتۇركىزىمنى ئۈزۇل- كېسىل بىتچىت قىلىش ، 20 مىليون نوپۇسى بار بۇ زور مىللەت جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆلەڭگىسىنى تىتما – تىتما قىلىۋېتىش ئۈچۈن دەسلەپ قىلىدىغان ئىش ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك مىللىتىنى ئۆزئارا ياتلاشتۇرۇش ، پەرقلەندۈرۈش ، شۇنداق قىلىپ تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۆرە بولالمايدىغان قىلىۋېتىش ئىدى .

1920 – يىلى 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنى لېنىن ئۆزبېك ، قىرغىز ۋە تۈركمەنلەرنىڭ مىللىي تەزكىرە خەرىتىسىنى ئىشلەپ بۇ ئۈچىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە بۆلۈش شەرت – شارائىتىنى تەپسىلىي ئېنقلاش تەكلىپىنى بەردى . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ، ئايرىش لايىھىسىدە ئۆزبېك ، قىرغىز ( قازاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ۋە تۈركمەن بار ئىدى . لېكىن كېيىنكى تارىخىي تەرەققىيات ئۆزبېك ، قىرغىز، قازاق ، تۈركمەن ، تاجىك بەش مىللەتكە ئايرىشنى ئايان قىلدى . بۇ پەرقلەندۈرۈش ۋە ئايرىش خىزمىتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە نوپۇزلۇق ھۆكۈمەت ئارخىپى كەمچىل بولۇپ ، بۇ يەنىلا تەلتۆكۈس بولمىغان مەسىلە ، بىر گېرمانىيىلىك كىشىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئاساسلانغاندا : « 1920  - يىلى تۈركىستان ئالدىنقى سەپ قوماندانى فرونتى تۈركىستاننى بۆلۈش مەسىلىسىدە لېنىندىن يوليورۇق سورىغان ، لېنىن ھىچقانداق پائالىيەتتە بولماسلىقنى تاپىلىغان ، ئاندىن ئارقىدىنلا بۇ مەسىلە ھەققىدە كومېتىت تەشكىللەشكە يوليورۇق بەرگەن . 1921 – يىلى تۈركىستاننى بۆلۈشكە بۇيرۇق قىلغان ھەمدە مىللىي تەزكىرە خەرىتىسىنى ئىشلەتكۈزۆگەن ، بۇ ئىشنى تۈركىستان ئۆلكىلىك مەھكىمىسىنىڭ مەخپى خىزمەت باشلىقى كىبىنغا تاپشۇرغان . كىبىن تۈركىستاننى بەش جۇمھۇرىيەت ياكى ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەتكە بۆلۈش تەكلىپىنى بەرگەن موسكىۋا بۇ تەكلىپنى قوبۇل ئەتكەن » . بۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرىنى دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ . ئەمما ئىش ئومۇمەن مۇشۇنداق بولغان ، يەنى مۇشۇ بەش مىللەت ۋە بەش جۇمھۇرىيەت لايىھىسى ئىشخانىدا تۈزۈلۈپ قارارلاشتۇرۇلغان .

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 1924 – يىلى ئادەتتىكى بىر يىل ئەمەس

باسمىچلار توپىلىڭى بېسىقتۇرلغاندىن كېيىن ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى تەشكىللەش خىزمىتى ئەمىلىيلىشىش دەۋرىگە كىردى ، سوۋېت ئالىملىرىنىڭ دوكلاتىغا باققاندا :

1924 – يىلى 1 – ئاينىڭ 30 – كۈنى رۇسىيە كومپارتىيەسى مەركىزى تەشكىلات ئىدارىسى رۇدزۇتاكقا بۇخارا ، خارىزىم ۋە تۈركىستان مەسىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى بېكىتىش لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ھاۋالە قىلدى .

1924 – يىلى 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تۈركىستان كومپارتىيىسى مەركىزى ، مەركىزىي ئىجرائىيە كومېتىتى رەئىسلەر ئۆمىكى ، پارتىيە مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدارىسى ۋە تاشكەنت پارتىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى قاتناشقان يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ  ، مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى بېكىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى .

1924 – يىلى 4 – ئاي رۇسىيە كومپارتىيەسى مەركىزىي سىياسىي بيوروسى تۈركىستان ، بۇخارا ، خارازىم جۇمھۇرىيەتلىرى تاپشۇرغان مىللەتلەرنى بېكىتىشنىڭ زۆرۈر ماتىرىياللىرى بىلەن خەرىتىنى تەنقىدلىدى.

1924 – يىلى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى رۇسىيە كومپارتىيە مەركىزىي ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدارىسى مىللەتلەرنى بېكىتىش ئىشى ئۈچۈن ئۆزبېك ، قىرغىز ، تۈركمەن ئۇيۇشمىلىرىنى تەشكىللىدى ، قارا قىرغىز ، تاجىك زىمىنلىرى ۋە ئاپتونومىيىسى لايىھىسىنى تەييارلاشنى تەلەپ قىلدى .

1924 – يلى 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنى رۇسىيە كومپارتىيە مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدارىسى 16 مىللەت ۋەكىلىدىن ( ھەر بىر مىللەتتىن 3 ____ 5 كىشى قاتناشتى ) تەركىپ تاپقان تېررىتورىيە كومېتىتى قۇرۇشنى قارار قىلىپ ، مىللەت چېگرىسى ۋە مەمۇرىي چېگرىلىرىنى بېكىتىشكە مەسئۇل قىلدى . تېررىتورىيە كومېتىتىنىڭ خىزمەتلىرى « ناھايىتى يۈرۈشلۈك بولدى » . 1924 – يىلىنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى تەشكىللەش خىزمىتىنى تەلتۆكۈس تاماملىدى .

قىرغىز سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى 1920 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، تەۋەلىكىدە ئورىنبۇرىگ ئۆلكىسى ، بوكى ئوبلاستى ، ئۇرالىسكىي ئوبلاستى ، تورگاي ئۆلكىسى ، ئاقموللىسكىي ئوبلاستى ، سىپلاتىنسىك ئوبلاسىتلار بولۇپ ، جۇمھۇرىيەت مەركىزى ئورىنبۇرىگ بولۇپ ،  رۇسىيە فېدىراتسىيەسىگە قارايتتى . 1924 – يلى ئورىنبۇرىگ ئۆلكىسى رۇسىيە فېدىراتسىيەسىگە قوشۇۋېتىلدى . سابىق تۈركىستانغا تەۋە سىر دەرياسى ئوبلاستى ( تاشكەنتتىن باشقا ) ۋە يەتتىسۇ مەزكۇر جۇمھۇرىيەتكە بېرىلدى . مەركىزى ئاق ئوردىغا كۆچۈرۈلدى . 1925 – يىلى ئۇنىڭ نامى قازاق سوۋېت ئاپتونومىيەلىك جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتىلدى ، قارا قالپاق ئوبلاستى ئۇنىڭغا قوشۇۋېتىلدى ( 1930 – يىلى كېسىۋېتىلگەن ) .

1936 – يىلى دەرىجىسى كۆتۈرۈلۈپ قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ سوۋېت  ئىتتىپاقىغا كىردى .

ئۆزبېكىستان  سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى 1924 – يىلى قۇرۇلۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىردى ، مەركىزى تاشكەنتتە بولدى . بۇخارا ئۆلكىسى ( سابىق بۇخارا ئەمىرلىكى تەۋەسىدە بولغان بۇخارا ۋە قەشقىرىيە ) سابىق سىر دەرياسى ئوبلاستىغا تەۋە تاشكەنت شەھرى ، سابىق تۈركىستان ۋالىي مەھكىمىسىگە تەۋە سەمەرقەنت ئوبلاستى ، فەرغانە ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسمى ( نەمەنگەن ، ئەنجان ، قوقان ناھىيەسى ) قارا قۇرۇم رايونىدا قۇرۇلغان تاجىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرىنى ( بۇ جۇمھۇرىيەت بىر مەزگىل مۇشۇ ھالدا تۇردى ) ئۆز ئىچىگە ئالدى . خارازىم ۋە ئارال دېڭىزى ئوبلاستىنىڭ ئامۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى بىر قىسىم يەرلەردە قۇرۇلغان قارا قالپاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى 1936 – يىىلى ئۆزبېكىستانغا بېرىلدى .

تۈركمەن سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى 1924 – يىلى قۇرۇلۇپ ، ئاشخاباد مەركەز قىلىندى . زىمىنى ئاساسەن ئامۇ دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى ئارال دېڭىز تېشى ئىدى . قارا قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 1924 – يىلى قۇرۇلۇپ بېشكەك مەركەز قىلىندى . دەسلەپتە رۇسىيە فېدىراتسىيەسىگە قارىدى . ئوش ، بېشكەك ۋە نارىن ھەمدە نەمەنگان ، ئەنجان ، قوقان ناھىيەسى ۋە سىر دەرياسى ئوبلاستىنىڭ ئاۋۇل ئاتا تاغلىرى تەۋەلىكىگە بېرىلدى . 1925 – يىلى قىرغىز ئاپتونومىيىلىك  جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامى  قازاق سوۋېت ئاپتونومىيەلىك جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتىلىش بىلەن بىرگە قارا قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامى ئۆزگەردى . دەرىجىسى كۆتۈرۈلۈپ ، قىرغىز ئاپتونومىيىلىك  جۇمھۇرىيىتى بولدى . 1926 – يىلى رۇسىيە فېدىراتسىيىسىدىن ئايرىلىپ ، دەرىجىلىنىپ ، قىرغىز سوۋېت ئاپتونومىيىلىك  جۇمھۇرىيىتى بولۇپ ئىتتپاققا كىردى . تاجىك ئاپتونومىيىلىك  جۇمھۇرىيىتى 1924 – يلى قۇرۇلۇپ دۈشەنبىنى مەركەز قىلىپ ، دەسلەپتە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىگە قارىدى . سابىق تۈركىستان فەرغانە ئوبلاستىنىڭ قارا قۇرۇم تاغلىق رايونى ۋە سەمەرقەنت ئوبلاستىنىڭ ، بۇخارا ئەمىرلىكىنىڭ سارخان ، قورغانجوپ تەۋەلىكىگە بېرىلدى . 1926 – يىلى ئۆزبېكىستاندىن ئايرىلىپ ، دەرىجىلىنىپ ، تاجىك سوۋېت ئاپتونومىيىلىك  جۇمھۇرىيىتى بولۇپ ئىتتپاققا كىردى.

قارا قالپاق ئاپتونوم ئوبلاستى 1925 – يىلى قۇرۇلۇپ ، دەسلەپتە قازاق ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە قىلىندى . 1930 – يىلى رۇسىيە فېدىراتسىيىسىگە بېرىلدى . 1932 – يىلى دەرىجىلىنىپ ، قارا قالپاق سوۋېت  ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەت بولدى ، 1936 – يىلى ئۆزبېكىستانغا قوشۇۋېتىلدى .

ئومۇمەن 1924 - ، 1925 – يىلى ئارىسىدا ئىككى جۇمھۇرىيەت ، ئىككى ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەت ، ئىككى ئاپتونوم ئوبلاست قۇرۇلدى . 1936 – يىلىغا كەلگەندە ، بەش جۇمھۇرىيەت ۋە بىر ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەت بولدى . ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللەتلەرنى بېكىتىش ۋە مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى تەشكىللەش ئاخىرقى ھىساپتا تاماملاندى . زىمىن چېگرالىرىلى ئاساسەن مۇقىملاشتى ، كېيىن پەقەت ئانچە – مۇنچە تەڭشەش بولدى ( بۇنىڭ بىزگىمۇ تەسىرى يەتتى . قەشقىرىيىلىك زىيالىلارمۇ تۇيۇقسىزلا ئۆز خەلقىنىڭ نامى يوقلىقىغا ھەيران قالدى ۋە ئۇيغۇر دىگەن نامنى مىللەت نامى قىلىشنى ئويلاشتى . زىيالىلارنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ئىلغارلىقى ۋە ئىنقىلابىلىقى بىلەن بۇ ئوي ھەقىقەتەنمۇ كۆلەملەشتى ) . دىمەك بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋەزىيىتى 60 ____ 70 يىل بۇرۇن شەكىللەندۈرۈلگەندى . بەزى ئالىملار بۇ دۆلەتلەرنى بېكىتىلگەن دىيىشىدۇ . سوۋېت ئالىملىرىنىڭ بۇ گەپكە ئوغىسى قايناپ ، بۇ بۇرژۇئازىيە ساختىپەزلىرىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا تۆھمىتى دەيدۇ . ئەمما قانداق بولمىسۇن ، ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش ، ئايرىش ، مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى بېكىتىش ھۆكۈمەت سىياسىتى تەرىقىسىدە ئىشخانىدا سۈنئى لايىھەلەنگەن . سىتالىن شۇنداق دىگەنكى : « بۇرژۇئازىيە پولشىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىملىق ئۇرۇشقا ئىلتىجا قىلدى ، ئەمما كومۇنىستلار تۈركمەنىيە بىلەن ئۆزبېكلەرنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەقەت بىرنەچچە ئاي جاپا تارتىپ تەشۋىق قىلسىلا بولىدۇ .»

ئەمما ئەينى يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جاي – جايلىرىدا شەك – شۈبھىسىزكى ، كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق بار ئىدى . ھەتتا سوۋېتنى ئەڭ ھىمايە قىلىدىغان ئالىملارمۇ ئەينى يىللاردا « دائىم كۈچلۈك نارازىلىق ۋە ئۆتكۈر سىنىپىي كۈرەش پەيدا قىلاتتى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ .

ئۆزبېكىستاندا سىر دەريا ئوبلاستى ، يەتتىسۇنى قازاق جۇمھۇرىيىتىگە بېرىشكە قارشىلىق چىقىدۇ ھەم يېقىن مىللەتلەرنى ئۆزبېك جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېتىش تەلىپىنى قويىدۇ ، بۇ ئۆزبېك مىللەتچىلىرىنىڭ « چوڭ ئۆزبېكچىلىك » تەشەببۇسى دەپ قارىلىدۇ .

قازاقىستاندا تاشكەنت ۋە سىر دەرياسى ئوبلاستىدىكى ئۆزبېكلەر ئولتۇراقلاشقان يەرلەرنى قازاقىستانغا بېرىشتە چىڭ تۇرۇلىدۇ . بۇ قازاق مىللەتچىلىرىنىڭ « چوڭ قازاق دۆلىتى » قۇرۇشنى ئويلايدىغان يولسىز تەلىپى دىيىلىدۇ . قىرغىزىستاندا ئوتتۇرا ئاسىيادا قىرغىز قەبىلىسى ئاساسىدىكى دۆلە قۇرۇش تەلىپى بولدى ، بۇ قىرغىزلارنىڭ مىللەتچىلىك تەلىپى دەپ قارالدى .

ئەمما ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئاشكارا بولغان قارشىلىق خارازىمدا يۈز بەردى . 1924 – يىلى 6 – ئايدا خارازىمدا پارتىيە مەركىزى ئىجرائىيە ئىدارىسى ئاشكارا ھالدا خارازىم بىلەن ئامۇ دەرياسى رايونى ، سىر دەرياسى ئوبلاستى ، يۈركمەن ئوبلاستىنى بىر پۈتۈن ئىقتىسادى رايون ، بۇ ئۈچ ئوبلاستنىڭ خارازىمدىن ئايرىلىشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قالايمىقانچىلىقىىنى پەيدا قىلدى ،دىدى . 6 – ئاينىڭ16 – كۈنى خارازىم كومپارتىيە مەركىزى قارار ماقۇللاپ ، رەھبەرلەر ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىشلاق ۋە ئاۋۇللارغا بېرىپ مىللەتلەرنى ئايرىش مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىشنى چەكلىدى . مەزكۇر قارارغا قارشىلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازادا بەدەل تۆلىتىشنى ، ھەتتا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى . بۇ ئەلۋەتتە بۇرژۇئا مىللەتچىلىرى ، شوۋىنىزىمچىلارنىڭ مىللىي تېررىتورىيىنى بېكىتىش خىزمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان خەلققە قارشى ئىدىيىسى دەپ ئەيىبلەندى .

شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 1924 – يىلى ئادەتتىكى بىر يىل ئەمەس . مۇشۇ يىلدا بولغان ئىشلار نىمەدىگەن بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى 21 – ئەسىرىگە چوڭقۇر تەسىر قىلدى .

( داۋامى بار )
Posted: 2007-11-18 22:18 | 1 -قەۋەت
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

تارىخنىڭ باھاسى



1924 – يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ـــــ ئايرىشنىڭ مەقسىتى بەش يەككە مىللەتلىك مىللىي دۆلەت قۇرۇش ئىدى ، سوۋېت ئىتتىپاقى1926 – يىلى تۇنجى قېتىم نوپۇس تەكشۈردى ، بۇنىڭدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى مۇنداق ئىدى :




دۆلەتلەر ئومۇمىي نوپۇس

(مىليون)
ئاساسىي مىللەتنىڭ نوپۇسى (مىليون)
ئاساسىي مىللەتنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى

ئۆزبېكىستان
4.446
3.299
%74.2

قازاقىستان
6.503
3.711
%57

قىرغىزىستان
0.993
0.633
%66.6

تاجىكىستان
0.827
0.617
%74.6

تۈركمەنىستان
0.9
0.632
%70.2



مىللەتلەرنى ئايرىشتىن بۇرۇن مەسىلەن ، بىرىنجى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك ئۆزبېك ، تۈركمەنلەر تۈركىستان ، بۇخارا ، خارازىمگە بۆلۈنگەن بولۇپ ، ھىچ يەردە كۆپ سانلىق ئەمەس ئىدى . تاجىك ، قازاق ، قىرغىزلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەرگە چېچىلغاندى . سوۋېت ئالىملىرىنىڭ گېپىچە بولغاندا ، بۇ خىل ئەھۋال ئاز مىللەتلەرىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە پايدىسىز ئىدى . يەنە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ، ئىقتىسادىي ، يىلى ، ئۆرپ – ئادىتى ۋە ئاڭ فورماتسىيەسىدىكى پەرق ئۈزلۈكسىز دوقۇرۇشۇ پ مىللەتلەر  ئارىسىدكى ئىشەنمەسلىكنى يوقاتقىلى بولمايىتتى . مىللىي سىياسەتلەرنى ئجرا قىلىشقا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئىدى . مىللەتلەر ئايرىلغاندىن كېيىن مەسىلەن جەدۋەل ئىككىدىكىدەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم بەش مىللەت « ئۆز » دۆلىتىدە كۆپ سانلىق بولۇپ ، « ئۆز » دۆلىتىدىكى ئاساسىي مىللەتكە ئايلاندى . يەنى سىتالىن دىگەندەك : « سوۋېت ئاۋامغا يېقىنلاشتۇرۇلدى » ، « سوۋېت مىللەتلەشتۈرۈلدى » . سىتالىن چۈشەندۈرۈپ : تۇركىستاندا يېقىندا تاماملانغان مىللەتلەرنى بېكىتىش ، قانداق قىلغاندا ئاۋامغا يېقىنلىشىشنىڭ ئۈلگىسى . بۇرژۇئازىيەنىڭ گېزىتلىرى بۇ بېكىتىشنى « بولشىۋىكلارنىڭ سۈيقەستى » دەپ قارىدى . ئەمما روشەنكى ئۇ يەردە ئىپادىلىنىۋادتقان سۈيقەست ئەمەس ، بەلكى تۈركمەنىيە ( تۈركمەن ) ۋە ئۆزبېك خەلقى ئارزۇلىرىدىكى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ۋە ئۆزلىرى چۈشىنىدىغان ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرى بولۇشتىن ئىبارەت چوڭقۇر ئىستەكتۇر . ئىنقىلابتىن بۇرۇن بۇ ئىككى دۆلەت بىرمۇنچە خانلىق ۋە دۆلەتلەرگە پارچىلىۋېتىلگەن ، ھوقۇقدارلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە ، سۈيقەستلىرى ئاسانلا ئەمەلگە ئاشىدىغان زىمىن ئىدى . بۈگۈن پۇرسەت كەلدى . بۆلۈنۈپ كەتكەن بۇ پارچىلار قايتىدىن مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ، ئۆزبېك ۋە تۈركمەنىيە مېھنەتكەشلىرى بىلەن ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرى يېقىنلىشىپ بىر گەۋدلەشتى . پارچىلىۋەتكەن ھەرقايسى بۆلەكلەر قايتىدىن بىرىكىپ مۇستەقىل دۆلەت بولدى . ناۋادا بۇ دۆلەتلەر كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرىپ ، باراۋەر ئەزا بولۇشنى خالىسا ، ئۇنداقتا پەقەت شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ، بولشىۋېكلار شەرق خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر خاھىشلىرىنى چۈشىنىدىغان ئاچقۇچنى تاپتى دەيمىز ....

قارىغاندا سىتالىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈپ ئايرىشتىن ناھايىتى رازى بولغان . كۆڭلىدىكى گەپنى دىگەندە ، بولشىۋېكلار 1924 – يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا دۆلەتنى « مىللىي ئالاھىدىلىك » گە باغلاپ ، ئۇستىلىق بىلەن بىر قېتىملىق « تاشقى ئەزا ئوپىراتسىيىسى » ئېلىپ باردى . ئەگەر تۈركىستان كېڭىيىپ بىر مىللىي دۆلەت بولۇپ ، پانتۈركىستلارنىڭ ئارزۇسىدەكلا قازاندىن تاشكەنت ، ئاشخابادقىچە ئېدىل ( ۋولگا ) ، ئورال دەرياسىدىن ئامۇ ، سىر دەرياسىغىچە بولغان رايونلاردىكى زور كۆلەمدىكى تۈركلەرنىڭ مىللىي دۆلىتى بولۇپ قالىدىغان بولسا ، ئۇنداقتا بۇ سوۋېت ئۈچۈن كەم دىگەندە تەگكىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئايلىنار ئىدى . شۇڭا تۈركىستاننى ئۈزۇل – كېسل تالقانلىۋېتىشنى « بولشىۋېكلارنىڭ سۈيقەستى » دىيىش تەنقىد مەۋقەسىدىكى گەپ ئىدى . ئەمما بۇنى ئۇياق – بۇياققا ئېغىپ سۆزلەپ سالمىساقلا ، يەنىلا ناھايىتى نەتىجىلىك بولغان لاھىيە دىمەي بولمايدۇ . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق مىللەت گەرچە ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي چېگرا تولىمۇ خىرە بولسىمۇ ، « تاشقى ئەزا ئوپىراتسىيىسى » نىڭ نەتىسىدە بىردىن بەشكە بۆلۈندى ، ھەممىسىنىڭ«ئۆز»دۆلىتى بولدى . شۇڭا « شەرق خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر خاھىشلىرىنى چۈشىنىشنىڭ بىر ئاچقۇچىنى تاپتى»دىگەن گەپتە زور خاتالىق بار . بىرىنجىدىن « قايتىدىن بىرىكتى » دىيىشنىڭ پەقەتلا ئورنى يوق . چۈنكى تارىختا بۇ مىللەتلەر ھىچقاچان « ئۆز » دۆلىتىگە توپلىنىپ باقمىغان تۇرسا ، « قايتىدىن»دەپ نىمە قويدى ! ئەينى چاغدىكى مىللىي پەرق ناھايىتى خىرە بولۇپ ، مىللىي ئاڭمۇ بەك ئاجىز ئىدى . « قەلبىدىكى بىرلىشىش » دىيىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ .

ئىككىنجىدىن ،« ئۆز » دۆلىتى دەيدىغان گەپ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان . گەرچە بۇ دۆلەتلەردىكى ئاتالغان مىللەتلەر ( ئادەتلەردە ئېيتىلىۋاتقان ئاساسىي مىللەت ) ئۆز دۆلەتلىرىدە نوپۇسنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلسىمۇ ، ئەمما بۇ كۆپلۈك ناھايىتى كۆپ زورۇقۇشلاردىن كېيىن بولغان . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىكى ئاتالمىغان مىللەتلەر 4 مىليون 735 مىڭ بولۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا نوپۇسىنىڭ %34.6 نى ئىگەللەيتتى . قازاقىستاندا قازاقلاردىن باشقىلار %43 ئىدى . لېنىن ئىزچىل « يەككە مىللەتلىك دۆلەت ئىلغار بولىدۇ ، مىللىي تەركىبىي مۇرەككەپ بولغان دۆلەت قالاق بولىدۇ » دەپ قارىدى . ئۇ بۇ مەسىلىنى سىتاتىستىكا ئىلىمىگە سېلىپ مەخسۇس تەتقىق قىلغان بولۇپ ، ئۇ بېكىتكەن پىرىنسىپ            (1 ) %95 تىن ئارتۇق ئاھالە بىر مىللەتكە مەنسۇپ دۆلەت ساپ مىللىي دۆلەت بولىدۇ .          (2 ) %90 ــــــــ %95 ئاھالە بىر مىللەتكە مەنسۇپ دۆلەت ئاساسەن ساپ مىللىي دۆلەت بولىدۇ . (3 ) %30ىن ئارتۇق ئاھالە غەيرى مىللەتلەردىن بولغان دۆلەت مىللىي تەركىبىي مۇرەككەپ دۆلەت بولىدۇ ، دىگەندىن ئىبارەت ئىدى ، ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللەتلەر ئايرىلغاندىن كېيىن ، شەكىللەندۈرۈلگەن بەش دۆلەتنىڭ ئىچىدە ساپ ياكى مىللىي دۆلەت ئاساسەن يوق ئىدى . قازاق ۋە قىرغىز جۇمھۇرىيىتى يەنىلا مىللىي تەركىبىي مۇرەككەپ دۆلەت ئىدى . مەسىلەن ، 1926 – يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش دەللىەيدۇكى ، قازاق جۇمھۇرىيىتىدە 77 مىللەت بار ، جۇمھۇرىيەتنىڭ شەھەر ئاھالىسى ئىچىدە قازاقلار %14 ، رۇسلار %53.8 نى ئىگىلەيدۇ . ئۈچۈنجىدىن ، مىللىي دۆلەتلىك « تاشقى پوست » بىلەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇشتەك مەزمۇننى ھەرگىز بىر يەرگە قويغىلى بولمايتتى . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت دەسلەپ قۇرۇلغاندىكى نوپۇس قۇرۇلمىسى لېنىن بەلگىلىگەن مىللىي دۆلەت ئۆلچىمىگە چۈشمەيتتى . شۇنداقلا كېيىنكى تەرەققىيات بۇنىڭ تېخىمۇ ئەكسىدىن چىقتى . نەچچە ئون يىل مابەينىدە رۇسلارنى ئاساس قىلغان رۇسىيە ياۋروپاسىدىكى مىللەتلەرنىڭ زور كۆلەمدە كۆچۈشى بىلەن رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇسى 1959 – يىلىدىكى 6 مىليون 215 مىڭدىن 1979 – يىلىدىكى 9 مىليون 313 مىڭغا ، 1991 – يىلىدىكى 10 مىليونغا يەتتى . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاتالغان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇستىكى نىسبىتى چۈشۈپ باردى . 1959 – يىلىدىن كېيىن ئاندىن ئاستا – ئاستا ئۆرلىدى . مەسىلەن ، تۆۋەندىكى جەدۋەلدىكىدەك .


1989- يىلى (%)
1959- يىلى (%)
1939- يىلى (%)
 

71
62.2
64.4
ئۆزبېكىستان

39.7
30
32
قازاقىستان

52.4
40.5
51.7
قىرغىزىستان

62.3
53.1
59.6
تاجىكىستان

70
60.9
95.2
تۈركمەنىستان



روشەنكى ، گەرچە 1959 – يىلىدىن كېيىن ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئاتالغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇس نىسبىتى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، لېكىن لېنىننىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي تەركىبىي مۇرەككەپ دۆلەتلەر ئىدى . ھازىر قىرغىزىستاندا 86 مىللەت ، قازاقىستاندا 130 مىللەت بار . بۇلار مىللىي دۆلەت تۈزۈلمىسىدە باشتىن ئاخىرغىچە مىللىي دۆلەت ئىدى . سوۋېت پارچىلانغاندىن كېيىن ، بۇ مىللىي دۆلەتلەردە يۈرگۈزۈلگىنى يەككە مىللىي دۆلەت تۈزۈلمىسى بولدى . بولۇپمۇ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ، قوزغالغان مىللىيلىشىش خاھىشى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى جىددىلەشتۈرمەي قالمىدى . بۇ مەسىلە قازاقىستاندا بىرقەدەر ئېغىر . مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ، نوپۇسنىڭ يېرىمىنىمۇ ئىگىلىيەلمەيدىغان قازاقلار بىلەن نوپۇسى ئۇلاردىن پەرقلەنمەيدىغان رۇسلارنىڭ قوش دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ئىككىنجى دۆلەت تىلى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدىكى مۇنازىرىلىرى دەل مۇشۇ مىللىي مەسىلىنىڭ مۇقەررەر ئىنكاسى ئىدى . بۇ نۇقتىدىنى قارىغاندا ، ئوتتۇرا ئاسىيادا 1924 – يىلى ئېلىپ بېرىلغان مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئايرىش ، مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇش بۇگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بەش دۆلەت بولۇپ قېلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپلا قالماي ، بەلكى بۇنىڭلىق بىلەن پەيدا بولغان مىللىي مەسىلە بۇ دۆلەتلەر بىلەن 21 – ئەسىرگە كىرىدۇ .

تۆتىنجىدىن ، 1924 – يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا پۈتۈنلەي مىللىي ئالاھىدلىك بىلەن بۆلۈنگەن . تەبىئى جۇغراپىيە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا پەقەتلا ئېتىبار بېرىلمىگەن . خەرىتىنى ئېچىپلا كۆرەلەيمىزكى ، ئەمەلىي ئىقتىسادىي رايونلار جۇمھۇرىيەت چېگرىسى بىلەن سۇنئى ھالدا پارچىلىۋېتىلگەن ، مەسىلەن ، فەرغانە ئويمانلىقى ، ئۆزبېكىستان ، تاجىكىستان ، قىرغىزىستان ئۈچ دۆلەتنىڭ چېگرىسى گادىرماچ قىلىۋېتىلگەن . تاجىكىستاندىكى ئالاتاۋ تېغىنىڭ ئالدى يەنە ئۆزبېكىستاندىكى پۇچىلانما يەرلەر : ۋورۇخ ، شوخ ، شاسمەردان .

ناۋادا شۇ دەۋردىكى بۇ خىل سۈنئى چېگرانى پەقەت تېخى مەۋھۈم پەرەز دېسەك ، ئۇنداقتا ھازىر ئۇ ھەقىقى مەۋجۈت نەرسىدۇركى ، بۇ چوقۇم دۆلەتلەر ئارا سۈركىلىش ، ھەتتا جىددىيلىك پەيدا بولۇشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى .

ئەڭ ئاخىرقى مەسىلە شۇنىڭدىنى ئىبارەتكى ، سۈنئى ھالدا مىللەت ۋە مىللىي دۆلەت پەيدا قىلىش زادى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ سوۋېت پارچىلىنىشتىن بۇرۇن بىر غەرپلىك ئالىم : «سوۋېت ھۆكۈمۈتى مىللىي جىدەلنىڭ تۇيۇق يولىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ » دىگەندى ، ئۇ بۇنى مۇنداق دەلىللىگەن : « سوۋېت سىياسى سەھنىسىدىكى ئالاھىدىلىك مۇنداق : ئالدى بىلەن دەيدىغىنىمىز ئۇنىڭ كۆپ مىللەتلىكى ۋە مىللىي ھىسسىياتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ، سوۋېت ھۆكۈمۈتى مىللىي سىياسەت جەھەتتە شانلىق نەتىجىگە ئېرىشتى ، يەنە روشەن مەغلۇبىيەتكىمۇ ئۇچرىدى . شانلىق نەتىجىگە ئېرىشتى دىگىمىز ، سوۋېت ھۆكۈمۈتنىڭ دەسلىپىدىكى سىياسىتى ئۇششاق مىللەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش مۇددىئاسىغا قوشۇلدى ۋە ياردەم بەردى ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇلارنى ھۆر قىلدى ، ئارزۇلىرىنى قانائەتلەندۈردى . ھازىر بۇ بۇ مەقسەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىغا تولۇق دەلىل بار . روشەن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى دىگىنىمىزدە ، بولشىۋېكلارنىڭ ئىككىنجى قەدەمدىكى پىلانى تۈپەيلى مىللىي پەرقنى يوقىتىپ ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى يۇغۇرۇپ يېپيېڭى ، تارىخىي ، تېخىمۇ ئالى ئورتاق گەۋدە ــــــ سوۋېت ئىتتىپاقى قىلماقچى بولدى . سوۋېت رەھبەرلىرى بۇ « سوۋېت خەلقى » نى مەۋجۇت دىدى . ئەمما بۇ گەپلەرنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ . مەسىلە نەدە ؟ مېنىڭچە مىللىي دۆلىتى بولمىغان ، مىللىي تەركىبىي مۇرەككەپ يەرلەردە يېنىكلىك بىلەن سۈنئىي ھالدا « مىللى دۆلەتلەر » تۇرغۇزۇلدى . كىشىلەر چوقۇم ئۇنتۇمىدى . سىتالىن 1913- يىلى يازغان « ماركىسىزىم ۋە مىللى مەسىلە » دېگەن مەشھۇر ماقالىسىدە ئاۋىستىرىيە سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيە ئەزاسى شىپلىنگرنىڭ « سۈنئىي ھالدا مىللەت » تەشكىللەش نەزىرىيىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ، شىپلىنگر « ھەر قايسى مىللەتلەرنى چوقۇم مۇۋاپىق تەشكىلگە، يېتەرلىك ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتكە ئىگە قىلىش لازىم » ، « ھەممىنىڭ ئالدىدا بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنى تۇرغۇزۇش كېرەك »، « مىللەت تۇرغۇزۇلمىسا ، مىللى قانۇن – تۈزۈمنى يوقاتقىلى بولمايدۇ » دەيدۇ . سىتالىن بۇنىڭغا قاتتىق تەنقىد بېرىپ ، « مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشى بىلەن مىللەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ئۆز ئارا زىددىيەتلىك ، ئۇ مىللەتنى تەشكىللەش چاقىرىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ . ئەمما ، ئەمەلىي تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاللىقاچان پۈتكۈل گۇرۇھنى بۇ مىللەتلەردىن ئاجىرتىۋەتكەن . شۇنداقلا بۇ گۇرۇھ ھەر قايسى جايلارغا تارقالغانىكەن ، ئۇنداقتا سوراپ باقاي ، بۇ مىللەتلەرنى سۈنئىي ئۇسۇلدا قانداقمۇ بېرىكتۈرگىلى بولسۇن ؟ بوپتۇ بىز ‹ مىللەت تەشكىللەش › دەيدىغان بۇ شوئار ئەمەلگە ئاشىدىغان شوئار دەيلى ، بورژۇئا سىنىپىنىڭ مىللەتچى پارلامېنت ئەزالىرى تېخىمۇ جىق سايلام بېلىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن « مىللەت تەشكىللەيدۇ » بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ ، ئەمما سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىدىكىلەردىن سوراپ باقايلى ، سىلەر قاچاندىن بېرى بۇ خىل مىللەت تەشكىللەش ، مىللەت بەرپا قىلىش ئىشلىرىنى قىلىدىغان بولۇپ قالدىڭلار ؟ » دەيدۇ .

ئەمما ئون يىلدىن كېيىن سىتالىن سۈنئىي ھالدا مىللەتلەرنى تەشكىللەپ ، تۇرغۇزۇپ ، بەرپا قىلىپلا قالماي ، يەنە تېخى سۈنئىي ھالدا دۆلەت تەشكىللىدى ، تۇرغۇزدى ، بەرپا قىلدى . بۇنىڭ بەدىلىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنى قۇرۇپلا قالماستىن ، يەنە ئۆزى ئۈچۈن ھالاكەت ئورىكى كولىدى . خۇددى ئالىملار ئېيىتقاندەك ، رۇسيە چار پادىشاھ دەۋرىدە چوڭ رۇسچىلىقتا بولدى ، لېنىن رۇسپەرەسلىكنى ئىسلاھ قىلىپ ئىنقىلابىي مىللەتپەرۋەرلىككە يېتەكلىدى . سىتالىن بۇنى يەنە ھاكىممۇتلەقلىققا بۇرىدى . بۇنىڭدىن باشقا سوۋېت ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردە مىللەتلەرنى تاۋلاپ ، پىشقان مىللەتلەرگە ئايلاندۇردى ، ئۇلارنىڭ مىللىي ئېڭى قوزغىلىپ ، يەرلىك مىللەتچىلىك بارا – بارا ئەۋجىگە چىقىپ ، شارائىت ھازىرلانسىلا بۇ يېرىم مەرىپەتلىك كىچىك مىللەتلەر ئۆز ئۇستازىنى ئىرغىتىپ تاشلايتتى . مانا بۇ 1924 – يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىيسى ۋە مىللىي تەرەققىيات جەريانىنىڭ جانلىق سۈرىتى .

( تۈگىدى )
Posted: 2007-11-18 22:19 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.096100(s) query 4, Time now is:12-06 07:19, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation