ژۇرنالنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە بۈگۈنكى تەرەققىياتى
قادىر راخمان
كىشىلەر ئارىسىدا ژۇرنالنىڭ تۇنجى نەشىر قىلىنغان ۋاقتى ھەققىدە خىلمۇخىل قاراشلار مەۋجۇت ، بۇ ھەقتە يازما خاتىرىلەردىمۇ ئوخشىمىغان مەلۇماتلار بار . «جۇڭگو ئېنسكلوپېدىيىسى كۇتۇپخاناشۇناسلىق ، ئاخباراتشۇناسلىق ، ئارخىپشۇناسلىق تومى» ، « كۇتۇپخاناشۇناسلىق ئېنسكلوپېدىيىسى» ، «كىتاب – ئاخبارات لۇغىتى» ۋە «بېرتانىيە ئېنسكلوپېدىيىسى» نىڭ 15 – تومى – «نەشىرىيات تارىخى» تارمىقىدا دۇنيادا ئەڭ دەسلەپ نەشىر قىلىنغان ژۇرنال 1663 – يىلى گېرمانىيىدە چىققان «تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئوبزورى ژۇرنىلى» ، بۇ ژورنالنىڭ يەنە بىر نامى «مەرىپەت ئايلىق ژۇرنىلى» ، بۇ ئەڭ دەسلەپكى ئىلمىي ژۇرنال . بۇ ژۇرنالدىن كېيىن ناھايىتى تېزلا بىر مۇنچە ژۇرنال بارلىققا كەلدى ، دېيىلگەن . بۇ يەردە ئېيتىلغان كېيىن بارلىققا كەلگەن ژۇرناللار ئارىسىدا 1665 – يىلى 1 – ئايدا پارىژدا نەشىر قىلىنغان «ئىلىم ئەھلى ژۇرنىلى» ۋە 1665 – يىلى 3 - ئايدا ئەنگىلىيىدە نەشىر قىلىنغان «پەلسەپە توپلاملىرى» ژۇرنىلى بار . ھازىر كۆپ ساندىكى كىشىلەر تۇنجى نەشىر قىلىنغان ژۇرنال پارىژدا 1665 – يىلى «ئىلىم ئەھلى ژۇرنىلى» ، دەپ قارىماقتا . ئەمما باشقا يازما خاتىرىلەردە ژۇرنالنىڭ تۇنجى نەشىر قىلىنغان ۋاقتىنىڭ ئۇنىڭدىنىمۇ بالدۇرلۇقى مەلۇم .
«ئامېرىكا ئېنسكلوپېدىيىسى» نىڭ 16 – تومى - «گېزىت – ژۇرنال» تارمىقىدا ، ئەڭ دەسلەپكى ژۇرنال 1593 – يىلى گېرمانىيىنىڭ كولن دېگەن يېرىدە نەشىر قىلىنغان «گاللوبېلگىك پوچتىكەش ژۇرنىلى» دېيىلگەن . بۇ ئەڭ بالدۇر نەشىر قىلىنغان ژۇرنال بولۇپ ، 1594 – 1635 يىللار ئارىلىقىدا لاتىن يېزىقىدا 1 يىلدا سان چىقىرىلىپ تارقىتىلغان .
«بېرتانىيە ئېنسكلوپېدىيىسى» ۋە «ئامېرىكا ئېنسكلوپېدىيىسى»دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، «گاللوبېلگىك پوچتىكەش ژۇرنىلى» بىر يىللىق ئاخباراتقا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي مەلۇماتلار توپلانغان ژۇرنالدۇر . بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ، ژۇرنالنىڭ نەشىر قىلىنىشى 400 يىللىق تارىخقا ئىگە ، دەپ قاراشقا بولىدۇ . ئىجتىمائىي ئېھتىياجنىڭ ئېششى ژۇرنالنىڭ تۈر – خىللىرىنى كۆپەيتتى ، تەرەققىياتىنى تېزلەتتى . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، ھازىر دۇنيادا نەشىر قىلىنىۋاتقان ژۇرنال 400 مىڭ خىلغا يېتىدىكەن ، ئۇنىڭ ھۆججەت ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادىكى ھۆججەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ٪75 ىنى ئىگىلەيدىكەن ، يەتكۈزىدىغان ئاخبارات ئۇچۇرى پۈتكۈل ئاخبارات مەنبەسىنىڭ ٪65 - ٪70 ىنى ئىگىلەيدىكەن .
ئېلىمىزدە نەشىر قىلىنىدىغان ژۇرنال 10 مىڭ خىلغا يېتىدۇ ( بۇنىڭ ئىچىدە پەن – تېخنىكا ژۇرناللىرى 4300 خىلدىن ئاشىدۇ ) . بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە ژۇرنال ھەر قايسى پەن ۋە كەسىپلەرگە كېڭىيىپ ، ئوقۇتۇش ۋە پەن – تەتقىقات ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا . ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرىدا ژۇرنالغا كەتكەن خىراجەت يەنىلا ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىمەكتە . ژۇرنال بۈگۈنكى كۈندە ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ مۇھىم ۋاستىسىگە ئايلاندى . نەشىر – باسما تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، ژۇرنالنىڭ نەشىر قىلىنىش ، بېسىلىش شەكلىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى . ھازىر دۇنيادا نۇر دېسكىلىق نەشىر بۇيۇمى (ژۇرنال) بارلىققا كەلدى ھەم ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى . ئېلىمىزدىمۇ نۇر دېسكىلىق ژورناللار ئومۇملاشماقتا ، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى كۇتۇپخانىسىدىمۇ نۇر دېسكىلىق ژۇرناللار كىرگۈزۈلمەكتە . بۇنداق ژۇرنالنى كومپيۇتېر تورى تۇتاشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ بىمالال كۆرۈپ پايدىلانغىلى بولىدۇ . كەلگۈسىدىكى 21 – ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى ، شۇنداقلا ژۇرنال ئۇچۇرىدىن ئەڭ تېز ، ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدىغان دەۋر بولغۇسى .
مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى » 1998– يىلى 5–ئاينىڭ 12- كۈنى