دەرىجىسى؛ شەرەپلىك ئەزا
UID: 2099
نادىرتىمىسى؛ 3
تىمىسى؛ 179
شۆھرىتى: 506 نومۇر
پۇلى: 2630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-06-30
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-02-06

 خەلقارادىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى

باشقۇرغۇچى ئەسكەرتىشى؛
本帖被 Yawuz 设置为精华(2009-01-27)
خەلقارادىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى
توپلاپ رەتلىگۇچى: كۆلبىلگە



        19-ئەسىرلەردە غەرپلىكلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تىخى ئىچىلمىغان ئوتتورا ۋە شىمالى ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلىقىغا بولغان كۇچلۇك قىزىقىشى، شۇنداقلا تۇرلۇك سىياسى -ئىقتىسادى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن كۆپلىگەن چەتئەللىك ئىكىسپىتىدىتسىيىچىلەر ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ تۇرلۇك تەكشۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارغان. بۇ جەرياندا ئۇلار مەزكۇر رايوندىن كۆپلەپ تارىخى مەدىنى يادىكارلىقلار بايقىغان ۋە ئۇلارنى ئۆز مەملىكەتلىرىگە ئىلىپ كەتكەن. مانا مۇشۇ «ئولجىلار»نىڭ تۇرتكىسىدە ئوتتورا ۋە شىمالى ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدىنىيىتى، تىلى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى غەرپ ئەللىرىدە ناھايىتى ئەۋج ئىلىپ كەتكەن. كۆپلىگەن شەرقشۇناسلار، ئالتاي-ئورالشۇناسلار، تۇركشۇناسلار ۋە  ئۇيغۇرشۇناسلار  يىتىشىپ چىقىپ، ئاز بولمىغان ئىجادى ئەمگەكلەرنى قىلىش ئارقىلىق، ئوتتورا ۋە شىمالى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تارىخى مەدىنىيىتىنى پۇتۇن دۇنياغا نامايەن قىلغان. تۆۋەندە مۇشۇنۇڭغا ئائىت بىر قىسىم مۇھىم ئەسەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ مۇندەرىجىسى بىرىلدى.

   روسىيە
1.چوقان ۋەلىخانوۋ(1837-1865): «چوقان ۋەلىخانوۋ ماقالىلەر توپلىمى» (چوقان ۋەلىخانوۋ ھازىرقى روسىيەگە قاراشلىق سىبىرىيىدىكى ئومىب شەھىرىدە توغۇلغان بولۇپ، تۇركى قەۋمدىن(قازاق قىرىنداشلاردىن). ئۇ چار روسىيە ھۆكۇمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە ئەينى ۋاقىتىتكى ئۇيغۇر دىيارىغا كىلىپ نۇرغۇن تەكشۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىلىپ بارغان)
2.    ن.م. پىرژىۋالىسكى(1839-1888) : «ئوسسورىيە»(سىبىرىيەنى تەكشۇرۇش دوكلاتى)، «زەيساندىن يولغا چىقىپ قۇمۇل ئارقىلىق شىزاڭ، خۇاڭخىنىڭ باش ئىقىنىغا بىرىش»(تەكشۇرۇش دوكلاتى) .
3.    ۋ. بارتولد (1869-1930) : «مۇڭغۇل ئىستىلاچىلىرى دەۋرىدىكى تۇركىستان»،« ئوتتورا ئاسىيا تارىخى ھەققىدە ئومومى ئەسەرلەر»، «تۇرك-مۇڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخى ۋە فىلولوگىيىسى – ئوتتورا ئاسىيا، يىراق شەرق»، «شەرقشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلەر».
4.    ۋ.ۋ.رادلوف (1837-1918) : «سىبىرىيە»، «سىبىرىيىدىكى قەدىمقى ئىزلار»، «تۇركى تىللار دىئالىكت لوغىتىنىڭ سىناق نوسخىسى»، «ھەرقايسى تۇركى قەبىلىلەرنىڭ ئىغىز ئەدىبىيات ئەسەرلىرىدىن تاللانما» .
5.    س.ئى.مالوۋ(1880-1957) : «قەدىمقى تۇركى ۋەسىقىلەر»، «سىرىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولىگىيىسى ۋە سىنتاكسىس»، «ئالتۇن يارۇغ»، «قۇمۇل شىۋىسى»، «لوپنۇر شىۋىسى» .
6.    پ.ك. كوزىلوف(1863-1935) : «مۇڭغۇلىيە ئامدۇ ۋە ئۇلۇك شەھەر قاراخوتو» .  
7.    ئا. ن. بىرنىشتام (1910-1956) : «ھونلار تارىخىنىڭ ئوچىرىكى»، « 6-،8-ئەسىرلەردىكى ئۇرخۇن-ئىنساي تۇركلىرىنىڭ ئىجتىمائى-ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى»، «يەتتەسۇ ئارخىلوگىيە توپلىمى»، «ئۇغۇزخان رىۋايىتىدىكى تارىخى ھەقىقەت» .
8.    ئا.ن. كىروپاتكىن : «قەشقەرىيە» .
9.    ئى.ي. بىچۇرىن (20-ئەسىر) : «قەدىمقى ئوتتورا ئاسىيادا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللار».  
10.    ئا.م. شىرباك (20-ئەسىر) : «تىلشۇناسلىقتا ئالتاي قىياسى»، «شىنجاڭدىن تىپىلغان 10-،13-ئەسىرلەردىكى تۇركچە تىكىستلەرنىڭ گىراماتىكىسىدىن ئوچىرىكلار»، «يىڭىدىن بايقالغان رونىكچە تىكىستلەر» .
11.    باسكاكوۋ (20-ئەسىر) : «ئالتاي تىللىرى»، «تۇركى تىللار» .
12.    د.ئى.تىخونوۋ (20-ئەسىر) : «10-،14- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمىيەت تۇزىمى»  .
13.     س.ۋ. كىلياشتورنى (20-ئەسىر) : «قەدىمقى تۇرك يىزىقىدىكى ئابىدىلەر» .
14.    ئا. گ. مالىيۋكىن(20-ئەسىر): «8-ئەسىردىكى تۇرپان خاندانلىقى»، «9-ئەسىرنىڭ كىينكى يىرىمىدىكى گەنسۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە تاڭغۇتلار» ، «840-848-يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە جوڭگو»، «9-،12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» .
15.     ۋ.م. ناسىلىۋ (20-ئەسىر) : «ئۇرخۇن-ئىنساي يادىكارلىقلىرىنىڭ تىلى»، «ئۇرخۇن يىزىقىدا خاتىرلەنگەن تۇركى تىلدىكى يادىكارلىقلار» .
16. ن.ف. كاتانوف (خاكاس تۇركلىرىدىن كىلىپ چىققان) : <كۇن چىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى>


   ياپونىيە
1.    نىشى توكوجىرو(1847-1912) : «ئوتتورا ئاسىيا خاتىرىلىرى» .
2.    ئوتانى كوئول(1876-1948) : «غەربى يۇرتنىڭ ئارخىلوگىيىلىك رەسىم شەجەرىسى»، «يىڭى غەرپكە ساياھەت» .
3.    خىنوتسۇ تومۇ (1866-1920) : «ئىلى خاتىرىلىرى» .
4.    ماتسۇدا توشىئو (1903-1983): «كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، «ئوتتورا ئاسىيا تارىخى»، «قەدىمقى تەڭرى تىغىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى».
5.    ئومىمورا خىروشى(20-ئەسىر): «قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى تىلخەت ۋە ھۆججەتلەر توپلىمى».
6.    نىشىخاما جۇنتارۇ(20-ئەسىر) : «قەدىمقى دۇنخۇاڭ پۇتۇكلىرى»، «ئۇيغۇرچە بۇددا كىلاسسىك ئەسەرلىرى»، «غەربى رايون مەدىنىيىتىگە دائىر ماتىرىياللارنىڭ رەتلىنىشى ۋە تەتقىقات» .
7.    يامادا نوبو (20-ئەسىر) : «قەدىمقى ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ شەرھى»، «قەدىمقى ئۇيغۇرچە توختام ۋەسىقىلەر توپلىمى»،«قەدىمقى ئۇيغۇرچە سودا-سىتىق توختامنامىلىرىنىڭ فورماتى»، «ئىستامبۇل ئۇنۋىرسىتىتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان غەربى يۇرتقا ئائىت يادىكارلىقلار»، «ئوتانى ئىكىسپىدىتسىيە ئەترىتى ئىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ مۇندەرىجىسى» .
8.    مورى ماسائو(20-ئەسىر) : «قەدىمقى ئۇيغۇرچە قانۇن ۋەسىقىلەرگە ئائىت مەسىلىلەر»، «قەدىمقى ئۇيغۇرچە تەكلىك سىتىش توختامنامىسى»، «بۆگۇخان ۋە قۇجۇ»، «ئۇرخۇن يادىكارلىقلىرىنىڭ تونۇلىشى»، «ئەلشىر ناۋايى».
9.    ئودا يوتىن(20-ئەسىر) : «قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى سەككىز يۇكمەك ھەققىدە ئىزدىنىش» .
10.     كودارا كوگى(20-ئەسىر) : «شىۋىتسىيە مىللى موزىيىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق تىزىملىكى» .
11.    شۇگايتو ماساخىرو(20-ئەسىر) : قەدىمقى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى»،«بۇيۇك بىرىتانىيە مۇزىيىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇرچە قوليازمىلار» .
12.    خامادا ماسامى(20-ئەسىر، چاغاتاي ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتچىسى) : «زەپەرنامە»(كۇچا دىھقانلار ئىنقىلابى توغرىسىكى ئەسەر ۋە بۇ توغىرلىق تەتقىقات)، «تارىخى ئەمىنىيە»، «غازات دەرمۇلۇك چىن ھەققىدە»، «ئىلى كىرزىسى ۋە ئۇيغۇرلار»، «خوتەن تارىخى» .
13.    مانۇ ئىيجى (20-ئەسىر) : «بابۇرنامىنىڭ سىھرى كۇچى»، «تارىخى رەشىدى»،«بابۇر ۋە ھىرات» .
14.    مورىيا سوتاكائو (20-ئەسىر) : «دۇنخۇاڭدىن تىپىلغان يۇەن دەۋرىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇرچە بۇددا راھىپلىرى يازمىلىرى» .
15.    خانىدا تورو(20-ئەسىر) : «تاڭ سولالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەتقىقات»، «تۇركلەر ۋە بۇددا دىنى»، «ئۇيغۇرچە بۇددىزىم كىلاسسىك ئەسەرلىرى»، «غەربى يۇرت مەدىنىيەت تارىخى»، «تۇرپاندىن تىپىلغان مانى مۇخلىسلىرى تىلاۋەتنامە پارچىسى» .


   گىرمانىيە
1.    ئالبىرت فون لىكوك (1860-1930) :  «شىنجاڭنىڭ مەدىنىيەت خەرىتىسى»، «شەرقى تۇركىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى»، «ئىدىقۇت» .
2.    ئا. گرونۋىدىل (1856-1935) : «قەدىمقى كۇچا»، «گىرىتسىيە، تۇركىستاندىكى قەدىمقى بۇددا ئىبادەتخانىلىرى».
3.    فون گابائىن (1901-1993 ، ئايال) : «قەدىمقى تۇرك تىلى گىراماتىكىسى»، «قەدىمقى تۇرك ئەدىبىياتى».
4.    ئومىلىيان پرىتساك (20-ئەسىر) : «تۇركى ئەدىبىياتىنىڭ ئاساسلىرى»، «قاراخانىلار دۆلىتى»، «ئۇغۇز يابغۇ ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋەيران بولىشى». «قارلۇقلاردىن قاراخانىلار دۆلىتىگىچە» .
5.    ج. ماركۋارد (20-ئەسىر) : «قەدىمقى تۇركلەردە يىلنامە»، «كومانلار» .
6.    ئىمىرساك (20-ئەسىر) : «ساك تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ئۇستىدە تەتقىقات»، «ئۇدۇن يىزىقىدىكى ئالتۇن يارۇق نومى».
7.    ھىرمان ۋامبىرى (20-ئەسىر) : «چاغاتاي تىلى ھەققىدە تەتقىقات»، «سەمەرقەنت تارىخى».
8.    ۋىللى بانگ (20-ئەسىر) : «تۇركچە تۇرپان تىكىستلىرى» .


   ئامىرىكا ۋە ياۋروپادىكى باشقا ئەللەر(روسىيە ۋە گىرمانىيەدىن باشقا)
1.    سىتانسىلاس ژولىن(1797-1873، فىرانسىيە) : «شەرقى تۇرك تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللار» .
2.    ئاۋرىل سىتەيىن (1862-1943 ، ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى ۋىنگىرىيىلىك) : «غەربى رايون»،«غەربى رايون ئارخىلوگىيىسى».
3.    ۋ.تومسىن(1842-1927، دانىيە) : «ئۇرخۇن-ئىنساي يادىكارلىقلىرىنى يىشىپ ئوقۇشتىن دەسلەپكى نەتىجە» .
4.    سىىۋىن ھىدىن(1865-1952 ، شىۋىتسارىيە) : «ئوتتورا ئاسىيانى كىسىپ ئۇتۇش»،«جوڭگونىڭ غەربى شىمالىنى تەكشۇرۇشتىن دوكلات»، «1899-1902- يىللاردا ئاسىيانى تەكشۇرۇشتىن ئىلمى نەتىجىلەر» .
5.    گۇننار يارىڭ(1907-؟ ،شىۋىتسىيە) : «ئوتتورا ئاسىيا ھەققىدە چۆچەك رىۋايەتلەر»،«ئۇيغۇرشۇناسلىق»،«ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتىغا ئائىت ماتىرىياللار»، «شىۋىتسىيىدىكى تۇركشۇناسلىق»،«جەنۇبى شىنجاڭدىكى شىۋىتسىيە مىسسىونىرلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە تىلغا ئىلىنغان ئىتنۇگىرافىك مەسىلىلەر»، «ئوتتورا ئاسىيادىكى تۇركى خەلقلەرنىڭ ئەن-بەلگىلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەر»، «قەشقەرگە قايتا سەپەر».
6.    ئىدۋار يۇھاننىس(1865-1918 ،فىرانسىيە) : «غەربى تۇرك تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار»،«مانى دىنىنىڭ جوڭگوغا تارقىلىشى» .
7.    رىبنى گىرائوت(1906-1968 ، فىرانسىيە) : «تۇرك خانلىقىنىڭ مەڭگۇ تاشلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە» .
8.    دابرى دې تىرسانت(1826-1893 ، فىرانسىيە) : «جوڭگو يايلاقلىرى ۋە غەربى يۇرتتىكى ئىسلام دىنى»
9.    مونىك مائىللارىد(20-ئەسىر،فىرانسيەلىك ئايال تەتقىقاتچى) : «كۇچاردىكى قەدىمقى ئىزلار»، «غەربى يۇرتتىكى مىڭ ئۆي ۋە ئىمارەتلەر»، «قەدىمقى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ماددى مەدىنىيىتى» .
10.    لېگېتى (20-ئەسىر، ۋىنگىرىيە) : «ئاتىللانىڭ نەسەپنامىسى ۋە ھونلاردىكى تۇنگۇس نامى»، «تۇرك تىلىنىڭ لوغەت فوند تارىخى» .
11.    ك.بروكىلمان(20-ئەسىر،ۋىنگىرىيە) : «قەدىمقى تۇركىستان ئىنتۇگىرافىيىسى»،«مەھمۇد قەشقىرى بايانىدىكى 11-ئەسىردىكى تۇركى تىللار ۋە قۇۋملار».
12.    ۋ. گروسىت(20-ئەسىر، فىرانسىيە) : «يايلاق ئىمپىرىيىسى» .
13.    جامىس ھامىلتون(20-ئەسىر، ئامىرىكا): «بەش دەۋرگە ئائىت ئۇيغۇر تارىخى ماتىرىياللىرى»، «ئىككى تىكىن ھىكايىسى ھەققىدە»، « 9-،10- ئەسىرلەرگە ئائىت قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى دۇنخۇاڭ تىكىستلىرى»، «9-،10- ئەسىرلەرگە ئائىت تۇركچە-سۇغدىچە دۇنخۇاڭ تىكىستلىرى» .
14.    جىئان پائۇل روكسى(20-ئەسىر، فىرانسىيە) : «ئالتاي تىللىرىدىكى مىللەتلەردە سىرلىق ھايۋان ۋە ئۇسۇملۇكلەر»، «ئالتاي تىللىق مىللەتلەردىكى ئۇلۇم-يىتىم»، «تۇرك ۋە مۇڭغۇل تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ دىنلىرى» .
15.    ج. كىلاۋسىن(20-ئەسىر، ئەنگىلىيە) : «تۇرك ۋە مۇڭغۇل تىللىرى تەتقىقاتى»، «13-ئەسىردىن بۇرۇنقى تۇركى تىللارنىڭ ئىتمولوگىيە لوغىتى» .
16.    خ.ۋ.بىل(20-ئەسىر،ئەنگىلىيە) : «ئۇدۇن تىكىستلىرى» .
17.    ك.سىزىگىلد(20-ئەسىر،ۋىنگىرىيە): «تۇركى تىللىق ئۇرۇق قەبىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىدىكى بۇلۇنۇش»، «كاۋكاز ھونلىرى ۋە ئاۋارلار»، «قارلۇقلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى» .
18.    د.سىنوز(20-ئەسىر، ۋىنگىرىيە، ئورال-ئالتاي ئىلمى جەمىيىتىنڭ سابىق رەئىسى) : «تۇركچە بۇددا ھۆججەتلىرىنىڭ ئومومى مۇندەرىجىسى»، «5-ئەسىردە مىللەتلەرنىڭ كۇچۇشلىرى»،«ئۇغۇزخان داستانى ھەققىدە»، «تۇرك ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخى رولى» .
19.    ن.ئىسىدۇ (20-ئەسىر، ۋىنگىرىيە) : «790-791-يىللىرىدىكى بەشبالىقتىكى ئۇيغۇر ۋە تۇبۇتلەر» .
20.    بازىن (20-ئەسىر، فىرانسىيە) : « قەدىمقى تۇركلەردە كالىندارچىلىق» .
21.    چارلىز بولگىر (فىرانسىيە): «ياقۇپبەكنىڭ تەرجىمىھالى».


   تۇركىيە (ئۇيغۇر جەمىيتىگە بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەرلەر بىرىلدى)
1.    كازىمبىك ئەلى(19-ئەسىر، تۇركىيەدە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات ئىلىپ بارغان  تەتقىقاتچى): «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات» .
2.    ئەھمەت رىفات : «تۇركى تىللار دىۋانى» (تۇنجى بولۇپ مەزكۇر ئەسەرنىڭ تۇركچە نوسخىىسنى چىقىرىپ، دىۋانشۇناسلىققا ئاساس سالغۇچى)
3.    زەكى ۋەلىدى تۇغان(20-ئەسىر): «بىرونىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى شىمالدىكى مىللەتلەر» .
4.    رىشىد رەھمەت ئارات(20-ئەسىر) : «تۇرك تىلىدىكى تۇرپان يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمقى تۇرك ھوقۇق ۋەسىقىلىرى»، «قەدىمقى تۇرك شىئىرىيىتى» .
5.    رىشات گەنجى: «قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى» .
6.    سىناش تىگىن: «ئۇيغۇر يىزىقىدا يىزىلغان قاراخانىلار دەۋرىگە ئائىت يەر ھۆججەتلىرى» .
7.    ئەھمەت ئاتەش: «فارابى ئەسەرلىرى مۇندەرىجىسى» .
8.    يۇسۇپ زىيا : «11-،12- ئەسىرلەردىكى قاراخانىلار ۋە ماۋرەئۇننەھىر ئىسلام ھوقۇقچىلىرى» .
9.    كۇپرۇلزاد مۇھەممەت فۇئاد : «قاراخانىلار ياكى خاقانىيە دۆلىتى»
10.    خەلىل ئىنالچىق: «قۇتاتقۇ بىلىكتە تۇركى ۋە ئىران يۇرتدارچىلىق نەزىرىيسى ۋە ئەنئەنىلىرى» .
11.    ئىبراھىم كافەس : «قۇتاتقۇبىلىك ۋە ئۇنىڭ مەدىنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى» .


قوشۇمچە: خەلقارادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئالاقىدار بەزى ئورۇنلار

1.    ۋىنگىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى كۇتۇپخانىس
2.    گىرمانىيە ھامبۇرگ ئۇنۋىرسىتىتى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۇلۇمى
3.    پارىژ مىللى كۇتۇپخانىسى
4.    ئەنگىلىيە بۇيۇك بىرىتانىيە مۇزىيى
5.    روسىيە سان پىتىربورگ مۇزىيى
6.    ياپۇنىيە توكيو دۆلەتلىك مۇزىيى
7.    شىۋىتسىيە مىللى مۇزىيى
8.    ئامىرىكا خارۋارد ئۇنۋىرسىتىتى ئوتتورا ئاسىيا ئىلمى جەمىيىتى
9.    ئامىرىكا ۋاشىنگىتون ئۇنۋىرسىتىتى ئاسىيا تىل-ئەدىبىيات فاكولتىتى تۇركى تىللار تەتقىقات ئورنى.
10.    ئامىرىكا ھىندىئانا ئۇنۋىرسىتىتى ئورال-ئالتايشۇناسلىق فاكولتىتى ئوتتورا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى
11.   ئىستامبۇل ئۇنۋىرسىتىتى كۇتۇپخانىسى
12.    قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى
13.    تاشكەنت شەرقشۇناسىلىق تەتقىقات يۇرتى
14.    ئۆزبىكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى «ئەبۇرەيھان بىرونى» شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى


----------------------------------------------------------------------
بەزى كونكىرت مەسىلىلەرگە ئائىت تىخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇر ئىگەللىمەكچى بولغان تورداشلار ياۋۇز ئەپەندىنىڭ مۇنۇ تىمىسىنى زىيارەت قىلىڭلار.
"غەرپ ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى"  
/BBS/read.php?tid=401
"ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ..."
/BBS/read.php?tid=226

تۇران تىكىن ئەپەندى يوللىغان "گىرمانىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى" :
/BBS/read.php?tid=59
[ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]
دەرىجىسى؛ شەرەپلىك ئەزا
UID: 2099
نادىرتىمىسى؛ 3
تىمىسى؛ 179
شۆھرىتى: 506 نومۇر
پۇلى: 2630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-06-30
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-02-06
نىمە ئۇچۇن خەت رەڭگىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ئىپادىلەر دىگەن كۇزنەك تەھرىرلەش كۆزنىكىنى ئىتىۋاپ بەك خاپا سىلىۋاتىدۇغۇ؟
دەرىجىسى؛ يۈز بېشى
UID: 7681
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 54
شۆھرىتى: 178 نومۇر
پۇلى: 420 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-12-23
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-02-11
  ئۇيغۇرلار توغرىلۇق كىتابلار نىمانچە كۆپ. لىكىن قەشقەردىكى پۈتۈن كىتابخانىلارنى ئىزدەپ،بۇلارنىڭ ئاز بىر قىسىمىنىلا ئۇچىراتتىم.
  بۇكىتابلارنىڭ ئۇيغۇرىسىنى توردىن تاپقىلى بولامدۇ؟ بىلسەڭلار ئادىرسىنى دەپ بىرېڭلار.
  تۈركىيە:5."قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى" ئەمەس "قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى".
دەرىجىسى؛ شەرەپلىك ئەزا
UID: 2099
نادىرتىمىسى؛ 3
تىمىسى؛ 179
شۆھرىتى: 506 نومۇر
پۇلى: 2630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-06-30
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-02-06
ئالىپ تىكىن ئەپەندىگە رەھمەت، "قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى" دىگەن ئەسەرنى  ئۆزگەرتىپ قويدۇم.
بۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان. قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تۇزۇلمىسى ۋە قانۇنىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك ماتىرىياللار بار. پايدىلىنىش قىممىتى ناھايىتى يوقۇرى.

تورداشلارنىڭ داۋاملىق تەكلىپ-پىكىر بىرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.
yol
دەرىجىسى؛ لەشكەر
UID: 112
نادىرتىمىسى؛
تىمىسى؛
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-03-16
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛1970-01-01
http://bbs.diyarim.com/read.php?fid=110&tid=6850بۇ يەردە بىر قىسىم روس ئۇيغۇر شۇناسلىرىنىڭ سۈرەتلىرى بار .http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=7746#74567
دەرىجىسى؛ لەشكەر
UID: 7890
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 15
شۆھرىتى: 37 نومۇر
پۇلى: 135 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2009-01-01
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-02-11
     كۆلبىلگە ئەپەندى، تولىمۇ ياخشى بىر تېما يوللاپسىز، سىز يازغان تىزىملىكتىكى كوزلۇۋنىڭ "مۇڭغۇلىيە ئامدۇ ۋە ئۈلۈك شەھەر قارا خۇتۇ" ناملىق ئەسەرنى قەيەردىن تاپقىلى بۇلار ؟ رۇس تىلىدىكى ياكى ئېنگىلىز ، خەنزۇ تىللىرىدىكى نۇسخىسى بولسىمۇ بۇلاتتى. ئادىرىسىنى ئېيتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟ رەھمەت سىزگە !!!
yol
دەرىجىسى؛ شەرەپلىك ئەزا
UID: 2099
نادىرتىمىسى؛ 3
تىمىسى؛ 179
شۆھرىتى: 506 نومۇر
پۇلى: 2630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-06-30
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-02-06
ناسىمى112 ئەپەندى، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپسىز. ئاشۇ ئالىملارنىڭ سۆرەتلىرىنى مۇشۇ تىما ئىچىگە قۇشۇۋىتەلىگەن بولساق، بۇ تىما تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك تىما بۇلالايتى. كەلگۇسىدە بۇ توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلار ئۇچۇنمۇ ياخشى پايدىلىنىش ماتىرىيالى بۇلالايتى. ئاشۇ سۆرەتلەرنى مەزكۇر تىما ئاخىرىغا قوشقىلى بۇلارمۇ. (ئەلۋەتتە توپلاپ رەتلىگۇچىنىڭ نام شەرىپى ۋە ئەسلى مۇنبەرنىڭ نامىنىمۇ ئەسكەرتىمىز، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەش گۇزەل ئەخلاق جۇملىسىدىن ئەمەسمۇ)
رەھمەت.
yol
دەرىجىسى؛ شەرەپلىك ئەزا
UID: 2099
نادىرتىمىسى؛ 3
تىمىسى؛ 179
شۆھرىتى: 506 نومۇر
پۇلى: 2630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-06-30
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-02-06
ئەينەك ئەپەندى،  مەزكۇر تىمىدا رەتلەنگەن نۇرغۇن ئەسەرلەر بىلەن  يۇز كۆرۇشۇشكە مەنمۇ شۇنچىلىك ئىنتىزار، "مۇڭغۇلىيە ئامدۇ ۋە ئۇلۇك شەھەر قاراخوتو" مۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە. ئەگەر يوقۇرقى ئەسەرگە ئائىت ئۇچۇر بولۇپ قالسا، سىزگە خەۋەر قىلاي. ئەگەر سىز بۇرۇنراق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ قالسىڭىز، بىزنىمۇ خەۋەرلەندۇرۇپ قۇيارسىز، ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت.
دەرىجىسى؛ يۈز بېشى
UID: 1438
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 84
شۆھرىتى: 88 نومۇر
پۇلى: 870 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-02-12
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-31
چوقان ۋاليخانوۆنى قازاق دىسە بىرەرسىنىڭ ئاغىزى مايماق چىقىپ كېتەرمۇ ؟؟؟؟.
دەرىجىسى؛ يۈز بېشى
UID: 1757
نادىرتىمىسى؛ 2
تىمىسى؛ 102
شۆھرىتى: 190 نومۇر
پۇلى: 1505 سوم
تۆھپىسى: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-04-15
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-30
نەقىل
- قەۋەتتىكى   دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
چوقان ۋاليخانوۆنى قازاق دىسە بىرەرسىنىڭ ئاغىزى مايماق چىقىپ كېتەرمۇ ؟؟؟؟.

قازاقلارنىڭ تەسىرى يۇقۇپ قالغان ئوخشايدۇ، سىلەرمۇ دائىم مەشھۇرلارنى ئۇيغۇر دىسەك ئاغزىمىز مايماق كېتەرمىكىن دەپ قورقىسىلەنغۇ
دەرىجىسى؛ شەرەپلىك ئەزا
UID: 2099
نادىرتىمىسى؛ 3
تىمىسى؛ 179
شۆھرىتى: 506 نومۇر
پۇلى: 2630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-06-30
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-02-06
نەقىل
- قەۋەتتىكى   دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
چوقان ۋاليخانوۆنى قازاق دىسە بىرەرسىنىڭ ئاغىزى مايماق چىقىپ كېتەرمۇ ؟؟؟؟.

ئىدىگە مىرزا، مۇشۇ ئەھمىيەتسىز گەپنى قىلغۇچە، چوقان ۋەلىىخانوۋنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئىنكاس قىلىپ ئۇنىڭ ھازىرقى زامان قازاق مىللىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىڭىز تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولمامتى.   تۇركى قەۋمدىن دىگەن گەپكە شۇنچىلىك ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن بارمۇ؟!  مەن چوقان ۋەلىخانوۋنى ھازىرقى مىللەت تەۋەلىكى بۇيىچە ھەرقاچان قازاق دىيىشكە تەييار، ئەمما سىزنىڭ ساپايىڭىز مىنى تولىمۇ ئۇمۇدسىزلەندۇردى. كۆڭلى كۆكسىمىزنى كەڭرەك تۇتساق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل  قىلىپ كەتكىلى بولاتىغۇ.
[ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]
دەرىجىسى؛ ياساۋۇل
UID: 7163
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 27
شۆھرىتى: 96 نومۇر
پۇلى: 230 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 30(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-12-03
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-02-11
بۇ كىتاپلارنى ھازىرچە كۇرۇش شارائىتىمىز يوق  تىل ئۈگەنمىسەك بولمىغىدەكتە