ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1785
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 117
شۆھرىتى: 324 نومۇر
پۇلى: 1150 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-12
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 45كۈن بۇرۇن

 ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر

    
ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر


  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
     تۆۋەندە مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇناسىۋەتلىك كىتاپ-ژورناللاردىن،ھەر قايسى تور بەتلەردىن يىغىپ توپلىغان مەشھۇرلىرىمىز توغرىسىدىكى تەرجىمھال ۋە سۈرەتلەرنى يوللىدىم. مەقسىدىم:مەشھۇرلىرىمىز توغرىسىدىكى ماتىرىياللارنى بىر يەرگە جۇغلاش ئارقىلىق، مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى لازىم بولغانلار ياكى شۇ تەرجىمھالى بىلەن تونۇشۇشنى خالايدىغانلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش. شۇڭا مەن يىغىپ توپلىغان ماتىرىياللارنى مەنبەسى بىلەن يوللاپ بولغاندىن كېيىن،تورداشلارنىڭ يەنە قاراپ بېقىپ،يېزىلماي قالغانلار بولسا،داۋاملىق ئىنكاس سۈپىتىدە مۇشۇ تېمىغا يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.(ۋاقىت مۇناسىۋىتى ۋە بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تېمىنىڭ داۋامىنى ئىنكاسقا يوللايمەن.

تۆۋەندە يوللانغان مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىدە يوللانمىدى. ئۆزۈمنىڭ توپلىغانلىرىمنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن،ياشىغان يىلنامىسگە ئاساسەن ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە قايتا تەھرىرلىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز يوللاشقا بولمايدۇ.

سۇلتان ساتۇق بۇغراخان
  

 
]

      ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد خاقانى بولۇپ ئۇ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنى تارقاتقان بولغاچقا ،ئىسلام دىنى ئېتىقادچىلىرىنىڭ پېشىۋاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ،لىكىن بەزى تارىخىي ماتىرىياللار ئۇنىڭ 901- يلىدىن 956- يىلىغىچە ياشىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ . ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، يەرلىكنى دۆلەتنى قوغداش يولىدا ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەر قويۇلغان جايغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلغان ، ئۇ يەر « شىھىت ماكانى» يەنى «مەشھەد» دەپ ئاتالغان . ئۇ يەردە ھازىرمۇ «ھەز سۇلتان»، «ھەز سۇلتۇنۇم »دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مازىرى بار . «ھەز سۇلتان» دىگەن سۆز «ھەزرەت سۇلتان»دېگەن سۆزنىڭ جانلىق تىلدا ئېيتىلىشى بولۇپ ، « ھەزرەت سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان» دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى . «سۇلتان» دىگەن سۆز ئەرەبچە «سەلتەنەت ئىگىسى» دىگەن مەنىدە بولۇپ ، سۇتۇق بۇغراخان نامىغا ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ كىيىنكى ۋاقتلىرىدا قۇشۇلغان بولۇشى مۇمكىن . تارىخى ماتىرىياللاردا بولسا «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئابدۇكېرىم» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. «ئابدۇكېرىم»ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قويۇلغان ئىسمى1990- يىلى دۆلەت ۋە شۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىپ ئالدى دەرۋازا ۋە ئىككى ياندىكى ئىگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يېڭى مۇنارنى ياسىدى ، بۇ يەر «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى» دەپ ئاتىلىپ «جۇڭگو مەشھۇر ئاسارە – ئەتىقىلەر لۇغىتى» دىگەن كىتاپقا مەشھۇر ئاسار – ئەتىقىلەر سۈپىتىدە كىرگۈزۈلدى.

مەھمۇد كاشىغەرى
    
       مەھمۇد كاشىغەرى 11-ئەسىرلەردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىم،تىلشۇناس،ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تارىخى،جۇغراپىيىسى،مىللىي ئۆرپ-ئادىتى،ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان قامۇس «دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» نىڭ ئاپتورى.«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك»دىكى مەلۇماتلارغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشىغەرى مىلادىيە 1008-يىلى، ھازىرقى قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسى ئازىخ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.96-97يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان. مەھمۇد كاشىغەرى قارا خانىيلار خانلىقىنىڭ خانزادىلىرىدىن بولۇپ،چوڭ دادىسى مۇھەممەد قاراخانىيلار خانلىرىدىن بولغان يۈسۈف قادىرخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدى. مەدرىسلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ يېتىشكەن بىلىملىك زات بولۇپ، يۈسۈپ قادىرخان تەختكە چىققاندىن كېيىن،ئوردىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ئانىسى بۈۋى رابىيە قاراخانىيلار دۆلىتىنڭ ئېسىلزادىلىرىدىن بولغان خوجا سەيفىدىننىڭ قىزى. ئۇ ئېسىل تەبئىيەتلىك، ئەقىللىق، ئوقۇمۇشلۇق، مۇزىكىغا ھېرىسمەن ھەم پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ، ئېرى ھۈسەيىننىڭ قابىل ياردەمچىسى ئىدى.
   مەھمۇد كاشىغەرى باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئائىلىسىدە ۋە ئوپالدىكى مەدرىسلەردە ئالغان.ئوتتۇرا ۋە ئالى مائارىپنى بولسا،قەشقەرنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالى مەكتەپلەردىن بولغان«ھەمىدىيە»ۋە«مەدرىسەئى ساچىيە»لەردە ئالغان. مەزكۇر ئىلىم يۇرتلىرىدا ،زامانىسىنىڭ ئەللاملىرىدىن سانىلىدىغان ھۈسەيىن ئىبنى خەلەق كاشغەردەك كاتتا ئۆلىمالارنىڭ ھوزۇرىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان.ئۆز ئانا تىل-ئەدەبىياتىدىن باشقا،ئەرەب،پارس تىل-ئەدەبىياتلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئاندىن يەنە ،ئۆز زامانىسىنىڭ مەدەنىي ئىنسانلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ئىسلام تارىخى،ئىسلام پەلسەپىسى،تىلشۇناسلىق،مەنتىق ئىلمى،جۇغراپىيە ۋە ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەر بويىچىمۇ ئوقۇپ،يېتىك بىلىمگە ئىگە بولغان.
   مەھمۇد كاشىغەرى«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك»دە: بۇ يەردە سۆزلەرنىڭ بىرلىك، كۆپلۈك، سېلىشتۇرۇش، كىچىكلىتىش، ئاشۇرۇش ۋە تۈرلىنىش ئۇقۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر سۆزلەنمىدى. چۈنكى، بۇلار ئۈچۈن ئايرىم بىر كىتاپ يېزىپ، ئۇنىڭغا« كىتابۇ جەۋاھىرىن نەھۋە فى لۇغەتت تۈرك» دەپ ئات قويدۇم، دەپ مەلۇمات بەرگىنىگە ئاساسلانغاندا، بۇ زاتنىڭ « كىتابۇ جەۋاھىرىن نەھۋە فى لۇغەتت تۈرك»دىگەن يەنە بىر كىتابنى يازغانلىقى مەلۇم.
( «تىل ۋە تەرجىمە»ژورنىلى)
« كىتابۇ جەۋاھىرىن نەھۋە فى لۇغەتت تۈرك»دېگەن بۇ كىتاپنى تاپقۇچىلارغا تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىڭ تىللا جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەھمۇد كاشىغەرى يازغان«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك»نىڭ ئەسلى نۇسخىسى(تۈركىيە ئىستانبۇل مەركەز كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا)


مەھمۇد كاشىغەرى يازغان «دىۋانۇ لەتىت تۈرك»نىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىس


«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك»نىڭ تۈركچە نەشرى.


مەھمۇد كاشىغەرى سىزغان تۇنجى دۇنيا خەرىتىسى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئالىمنىڭ 900يىللىقىدا تارقاتقان(1972-يىلى)پوچتا ماركىسى.

مەھمۇد كاشىغەرى قەبرىگاھى.
 





يۈسۈپ خاس ھاجى

[
]

     يۈسۈپ خاس ھاجىپ(20/1019_6/1085)ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر،شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى، جۈملىدىن ئېنسىكلوپېدىيىلىك داستان «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ئاپتورى.
  «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ قاراخانىيلارنىڭ ئىلگىرىكى پايتەختى،كېيىنكى ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن بىر ھېساپلانغان بالاساغۇندا دۇنياغا كەلگەن. داستاندا، مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بالاساغۇندا تۇغۇلغانلىقى ۋە ئەسىرىنى كاشغەردە تاماملىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاراخانىيلارنىڭ ئىنتايىن گۈللەنگەن دەۋرىنى، شۇنداقلا بىر مەزگىللىك تۇراقسىز بولغان دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن.
    دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ۋە خەلقنىڭ غېمىنى ئويلايدىغان شائىر 1069-1070-يىللىرى ئارىلىقىدا، تەخمىنەن 50ياشلارغا قەدەم قويغاندىن كېيىن غايەت زور ئۈمىد ۋە ئىلھام تۈرتكىسى بىلەن كاشغەردە «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ تاماملاپ، ئۇنى بىر قانچە يىل ساقلاپ، ئۆزگەرتىپ كېيىن تابقاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئېلى ھەسەن (5/1074-3/1102-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) يەنى ھەسەن بۇغرا خانغا تەقدىم قىلغان. بۇغراخان شائىرنىڭ داستانىنى كۆرۈپ،شائىرغا «خاس ھاجىپ»لىق مەرتىۋىسىنى بەرگەن ھەم ئۇنى ئوردا ئىشلىرىغا قاتناشتۇرغان. ئۇ ئوردىدا 18~20يىلغىچە ئىشلەپ،6/1085-يىلى كاشغەردە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ قەبرىسى كاشغەر شەھىرىدىكى پايناپ دېگەن جايدا.
(ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى)
ئەبۇ ناسىر فارابى


   بۈيۈك ئالىم ئەبۇ نەسىر بىننى تارخان بىننى ئۇلۇغ فارابى قاراخانلار خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە قارلۇق خانلىقىغا قاراشلىق ئامۇ ۋە سىر دەريالىرى ئارىسىدىكى فاراب (ئوترار) شەھىرىدە ھىجىرىيە 257 - يىلى ( مىلادى 870 -يىلى ) دۇنياغا كەلدى . فارابىنىڭ دادىسى مۇھەممەت فاراب شەھىرىدىكى چاسىچ قەلئەسىنىڭ قوماندانلىق شىتابىدا ئىشلىگەن ئېسىل پەزىلەتلىك مەرىپەتپەرۋەر بىر كىشى ئىدى . فارابىنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى فاراب شەھىرىدە ئۆتتى ، ئۇ كىچىكىدىنلا ئىنتايىن تىرىشچان ۋە زىرەك ئىدى . ئۇ دەسلەپ فاراب شەھىرىدە باشلانغۇچ مەلۇمات ئالدى ، ئۆز ئانا تىلىنى كۆڭۈل قويۇپ پۇختا ئۈگەندى . كېيىنچە ئۇنىڭ ئىلىم - مەرىپەتكە تەلتۈنۈشى تېخىمۇ كۈچىيىپ ، ئەرەب ئابباسىيە خەلپىلىگىنىڭ 18 - خەلپىسى خەلىپە مۇقتەدىر بىللا زامانىسىدا (مىلادى 908- 932- يىلى تەختتە تۇرغان) باغداتقا كەلدى ، ئۆزىنىڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئەرەب تىلىنى پۇختا ئىگەللەپ ، مۇرەككەپ ماۋزۇلاردا ئەرەبچە ماقالە يازغۇدەك سەۋىيەگە يەتتى .  ئەينى دەۋىردە باغداتتا تۇرۇپ ، يۇنان پەلسەپە ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەشھۇر مەنتىقىچى (لوگىكاشۇناس) ئەبۇ بەشىر مەتتا بىننى يۇنۇس ھوزۇرىدا ئىلمىي مەنتىق (لوگىكا) ئۈگەندى .شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر گرامماتىكا ئالىمى بىننى سارراجغا ئىلمى مەنتىقىدىن گرامماتىكا ۋە تىلشۇناسلىققا دائىر بىلىملەرنى ئىگەللىدى .كاتىپ چەلەبىنىڭ «كەشفۇر زۇنۇن» ( گۇمانلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ) ناملىق كىتاۋىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، فارابە بۇ مەزگىلدە ئىلىم ئىزلەش ھەۋىسى يەنە ئىراننىڭ ھەرران شەھىرىگە كەلدى . يەرلىك تىلنى ئۈگۈنىش بىلەن بىرگە پەلسەپە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن داڭ چىقارغان يۇھاننا بىننى ھەيلان بىلەن بىللە ئىشلىدى.
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتى تىزىسلىرى»

  ئىبن سىنا (980 - 1037) فارابى دۇنيا قاراشلىرىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە پەلسەپە، تىبابەتچىلىك، ئاسترونومىيە ئۆزىگە خاس كاتتا تۆھپىلىرى ساھىبى بولدى.
   ئىبن سىنا بىر تەرەپتىن، شەرقنىڭ يۈرەك - تومۇر تەلىماتىنى تەتقىق قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مەشھۇر ئىران ئالىمى ئەبۇلھەسەن تەبۇر (؟ - 923) نىڭ «فىردەۋسول ھېكمەت» ( ھېكمەت باغى)، باغداتلىق مەشھۇر دوختۇر ئەررازى (850 - 923) نىڭ «كىتابۇل ئەسرار»، «كىتابۇل تىب ئەل مەنسۇرى»، «ئەل ھاۋىي» ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن ئىبن ئابباسنىڭ «كامىلۇل سىنا ئەل تىببىيە»( تىبابەتچىلىك تولۇق دەستۇرى ) قاتارلىق ئەسەرلىرىنى كۆزدىن كەچۇردى.
ئىبن سىنا يىپەك يولى تىبابەتچىلىكىنىڭ يۈكسەك چوققىسىنى تىكلىدى. ئۇنىڭ «ئەششىفا»، «دانىشنامە»، «ئەلقانۇن فىت تىب»، «تىببىي داستان» قاتارلىق ئاجايىپ ئەسەرلىرى خۇددى نۇر چېچىپ تۇرغان ئالتۇن يۇلتۇز بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىر قانچە ئەسىرگىچە شەرق ۋە غەربتە تىبابەتچىلىك قوللانمىسى ۋە دەرسلىكى قىلىندى، «شاھى تىبابەت»دەپ شوھرەتلەندى.
(ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن) 

  

ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە مەدەنىيەت پەھلىۋانى ئەبۇنەسىر فارابى مىلادى 950 - يىلى ماھى رەجەپ(دېكابىر ئېيى)نىڭ بىر كۈنى دەمەشقتىن بەلخكە كېتىۋاتقاندا، دەمەشققە يېقىن بىر جايدا مۇتەئەسسىپ روھانىيلار ۋە ئۇلارنىڭ ھامىيلىرىنىڭ زور مال - دۇنيا ۋەدە قىلىپ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئۆزىنى پايلاپ يۈرگەن قوراللىق باندىتلار  تەرىپىدىن ۋاقىتسىز ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.
    شۇ كۈنى سەيپۇل دەۋلە رەسمىي ماتەم لىباسى كىيىپ، ئالىمنىڭ جەسىتىنى تېگىشلىك دەبدەبە بىلەن دەپنە قىلدى. فارابىنىڭ قەبرىسى دەمەشق شەھەر سېپىلىنىڭ «بەبەس سەغىر» دەرۋازىسى يېنىدىن ئورۇن ئالدى.

ئەلشىر نەۋائى


   شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلشىر نەۋائى 1441-يىلى9-فېۋرالدا ھىراتتا تۇغۇلغان.ۋە يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن . ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە « خەزائىنۇل مەئانى » ناملىق دىۋانى بىلەن « خەمىسە » ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . 
   ئەلشىر نەۋائى بىر ئۆمۈر بالا-چاقىسىز ئۆتكەن. 
   بۇنىڭ شەخسى ۋە سىياسى سەۋەپلىرى بار ئىدى.ئۇ 7 ياش چېغىدا شاھرۇھ مىرزا ئۆلۈپ كېتىپ،شاھزادىلەر ئوتتۇرىسىدا تەخت تالىشىش جېدىلى كۆتۈرۈلۈپ،كىشىلەر ئامانلىق ئىزدەپ تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن ئىدى.غىياسىدىن(نەۋائىنىڭ ئاتىسى)ئائىلىسىمۇ ئىراققا كۆچۈپ بېرىپ 3 يىلچە ياشىغان.ئەلشىر نەۋائى 12 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى غىياسىدىن(بۇ چاغدا قايتىپ كېلىپ بىر ناھىيىگە ھاكىم بولغان ئىدى) ۋاپات بولۇپ،نەۋائى ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىدا قالغان.نەۋائى15 يېشىدا ھۆسەيىن بايقارا بىلەن بىرگە ئوبۇلقاسىم بابۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان.1458-يىلى پايتەخت سۇلتان ئەبۇ سەئىد تەرپىدىن ئىگەللەنگەندىن كېيىن ئوبۇلقاسىم بابورنىڭ ئەرباپلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.شۇ قاتاردا ئەلشىر نەۋائىنىڭمۇ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ،سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچىراپ سەمەرقەنتكە كېتىشكە مەجبۇر بولغان.دېمەك ئەلشىر نەۋائى يىگىتلىك چېغىدا سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان.ئەلشىر ناۋائى ھىراتتا تۇرغان 18--19 ياش مەزگىللىرىدە دۆلەتمەن ئائىلىلەردىن بىر كىمنىڭ قىزىغا ئاشىق بولغان ۋە يىگىت -قىز ئوتتۇرسىدا ئىشىق مۇھەببەت رىشتى باغلانغان.بۇ ئاشىق-مەشۇق ئارىسىدا خەت ئالاقە ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلگەن.بۇ ھەقتە ئەلشىر نەۋائىنىڭ غەزىلىدە ئېنىق بايانلار بار.
بىراق ئەلشىر ئىشىق كويىغا كىرگەن ۋاقىتلاردا ئۇ ھىراتتا ئىگە-چاقىسىز،باش پاناھسىز بولۇپ قالغانىدى.بۇ غۇربەت ئۇنىڭ ئىشىق ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا چوڭ توسقۇنلۇق قىلدى.باي-باينىڭ قاياشى بولغان ئۇ زاماندا،نەسەب مەرتىۋە سۈرۈشتۈرىدىغان ئائىلىدە ئۆسكەن بۇ قىز ناۋائىنىڭ مەشۇقى ۋاپاسىزلىق قىلىپ،ئۆزىگە ئوخشاش دۆلەتمەن ئائىلىگە ياتلىق بولۇشنى راۋا كۆرىدۇ.
نەۋائى بىرىنچى قېتىم ۋەدىلەشكەن مەشۇقى ۋاپاسىزلىق قىلغاندىن كېيىن ،ئۆزىگە «فەقىرلەر»(نامراتلار)دىن لايىق تاپىدۇ.ئەپسۇسكى نىكاھلىنىشقا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ.بۇ لايىقى تۇيۇقسىز تەگكەن كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ.
دېمەك ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر شائىر،بۈيۈك تىل ئۇستىسى ئەلشىر ناۋائىنىڭ ئۆمرىنى بويتاق ئۆتكۈزىۋېتىشىنىڭ شەخسى سەۋەپلىرى مۇشۇلار بولسا كېرەك. 
ھاجى ئىمىن تۇرسۇننىڭ«ئەلشىر ناۋائى ھەققىدە» ، تۈركىيە تىل قورۇمى(ئاكادېمىيىسى)تەييارلىغان «مىزانۇل ئەۋزان» نىڭ كىرىش سۆزىدە ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى مۇنداق كۆرسەتكەن: 

دىۋانلار(«خەزائىنۇلمەئانى»)

«غەرەيبۇسسىغەر» (بالىلىق غارايىباتلىرى)؛
«نەۋادىرۇششەباب»(يىگىتلىك نادىرلىقلىرى)؛   
«بەدائئۇلۋەسەت»(ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى)؛
«فەۋائىدۇلكىبەر»(قېرىلىق پايدىلىقلىرى)؛
«دىۋان فانى» (پارسچە توپلام) ؛

«خەمىسە»(«خەمىسە نەۋائى»)؛
«ھەيراتۇلئەبرار»؛
«پەرھاد ۋە شېرىن»؛
«لەيلى ۋە مەجنۇن»؛
«سەبئىئىي سەييارە»؛
«سەددى ئىسكەندەر»؛
«مەجالىسۇننەفائىس»؛

«نەسائىمۇل مۇھەببەت» (مۇھەببەت خۇشپۇراقلىرى) ؛
«رىسالەئى مۇئەمما» ؛
«مىزانۇلئەۋزان» ؛
مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»؛

تىل ۋە ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر؛
 
 «مۇناجات»؛
«چېھىل ھەدىس» (ئەربەئىن)؛
«نەزمۇل جەۋاھىر»؛

دىنىي،ئەخلاقىي،پەلسەپىۋى ئەسەرلەر؛

«لىسانۇتتەيىر»؛
 «سىراجۇل مۇسلىمىن»؛
«مەھبۇبۇل قۇلۇب»؛

تارىخي ئەسەرلەر؛
«تارىخي ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما»؛
«تارىخي مۈلكى ئەجەم»؛
«زۇبدەتۇل تەۋارىخ»؛

تەرجىمىھال ئەسەرلىرى
«ھالاتى سەئىد ھەسەن ئەردەشىر»؛
«خەمسەتۇلمۇتەييىرىن»؛
«ھالاتى پەھلىۋان مۇھەممەد»؛
«ۋەقفىنامە»؛
«مۇنشەئات»
   بۇلاردىن باشقا، بەزى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەلشىر نەۋائى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۆز قەسىدىلىرىنى توپلاپ، «فۇسۇلى ئەربەئە» (تۆت فاسىل) ۋە «لىستەئى زەرۈرىيە» (ئالتە زۆرۈرىيەت) ناملىق ئىككى توپلام تۈزۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇلاردىن باشقا «رىسالەئى مۇفرەدات دەرفاننى مۇئەمما» دېگەن ئەسىرى بولغان. «نەسىرۇل لەئالى» نى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئەلشىر نەۋائى قانچە پارچە ئەسەر يازغانلىقى توغرىلىق ئوخشىمىغان قاراش بار. 19-ئەسىردە ياشىغان خوتەنلىك ئالىم مۆجىزى 1854-1855-يىللىرى يازغان كىتابىدا 63پارچە كىتاب يازغان، دېگەن ئۇچۇرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەلشىر نەۋائى ئۇلۇغ تىل ئۇستىسى ئىدى، چەتئەل ئالىملىرى نەۋائى ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن تىل بىلەن دۇنيادىكى بىر قىسىم داڭلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنىڭ سانىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارغا قارىغاندا نەۋائى ئىشلەتكەن سۆزلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
(ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى)

غازىباي


غازىباي خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر تېۋىپ بولۇپ، ئۇنىڭ «غازىباينىڭ ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى » ناملىق مەشھۇر كىتابىنى يازغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بار. دەسلەپكى ئىگە بولغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىلادى 1200-يىللىرى ھىندىستاندا نەشىر قىلىنغان «ھەدىقەتۇل ئەقالىم » (ھەر قايسى ئەللەر تەزكىرىسى ) دېگەن قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردە مۇنداق مەزمۇندىكى مۇھىم مەنبەلەر قەيت قىلىنغان : تېرىم (تارىم ) يايلىقىدىكى غازىباي قەدىمكى خوتەن رايونى دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يەكۈنلەپ 312 ماددىلىق دورا قامۇسى يازغان، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتۇن ئۆز شاگىرتلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن، ئۇلار مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئالتە ئاي تاغ- دەريالارنى كېزىپ غازىباينى تاپقان. غازىباينىڭ يۇرتىدا ھەر خىل مېۋە- چېۋىلەرنىڭ يەرگە تۆكۈلۈپ ياتقانلىقىنى، بىنەپشە، بادىيان، سانا، يۇمغاقسۈت، ئوغرى تىكەن، ئاق لەيلى، لالە ئوت، ئاچچىق تاۋۇز ... قاتارلىق نەچچە مىڭ خىل ئوت- چۆپ دورىلارنىڭ تارىم ۋادىسنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرگەن، غازىباينىڭ 312 ماددىلىق دورىلار كىتابىنى كۆرۈپ ئاپىرىن ئوقۇغان ھەمدە ئەپلاتۇننىڭ ھەر خىل ئىلىملەر تەھسىل قىلىدىغان ئالىم ئىكەنلىكى، ئەگەر ئەپلاتۇن بۇ ئەسەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىسا، غازىباي ۋە تارىم خەلقىگە ھەر جەھەتتىن زور ياردەملەر بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. غازىباي كۆپ ئويلىنىشلاردىن كېيىن ھەر قايسى ئەللەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىلىم- پەن ئالماشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، قىممەتلىك ئەسىرىنى 40 ياشلىق ئوغلى بارىينىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇپ، كەلگەنلەر بىلەن بىللە ئەپلاتۇننىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئەپلاتۇن بارىينى ئالىي ئېھتىرام بىلەن قىزغىن قارىشى ئالغان، غازىباينىڭ ئەسىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن كېچە- كۈندۈز ئوقۇپ چىقىپ، غازىباينىڭ تىببىي ئىلىمدىكى ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنفىيالۇسنى بارىيغا نىكاھلاپ بەرگەن. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بارىي بىلەن ئەنفىيالۇس تارىمغا قايتماقچى بولغاندا، ئەپلاتۇن غازىباينىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىگە جاۋابەن ھازىرقى خوتەن رايونىغا قاراشلىق شەھەرلەرنى تېخمۇ ھەيۋەت- گۈزەل قىلىپ قۇرۇشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەرنى قوشۇپ ئەۋەتكەن، بۇ ھۈنەرۋەنلەر بارىينىڭ رەھبەرلىكىدە ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن دىيارى خەلقى بىلەن بىللە ھازىرقى كىرىيە، خوتەن، قاراقاش، گۇما شەھەرلىرنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن، بىنالار سالغان. يەرلىك خەلق خاتىرە ئۈچۈن كىرىيەنى سېھراب، خوتەننى زىھراب، قارقاشنى فاراب، گۇمىنى داراب دەپ يۇنانچە ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان..
ئەسەرنى ئاز دىگەندىمۇ مىلادىىدىن ئىلگىرى 350-يىل بۇرۇن يېزىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ . چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايانكى ئەپلاتۇن مىلادىدىن بۇرۇن 427-يىلى تۇغۇلۇپ 347يىلى ۋاپات بولغان . دۇنياغا مەشھۇر يۇنان ئالىمى .
    شۈبھىسىزكى , ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى غازىباينىڭ دورىلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەرنى ئالغان . مەزكۈر «قامۇس»نىڭ قايسى يېزىقتا يېزىلغانلىقى بىزگە ھازىرچە نامەلوم . لېكىن ، يېزىقشۇناس ئالىملىرىنىڭ دەلىللىرىگە ئاساسلانغاندا , شىنجاڭدا مۇقەددەم زامانلاردىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە جەمئىي 26خىل يېزىق قوللانغانلىقى مەلوم . ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇن 300-400يىللار ئىلگىرى كارۇشتى ۋە بىراھمى يېزىقلىرىنى قوللانغان، خوتەن ئۇيغۇرلىرى كارۇشتى يېزىقىنى ئىشلەتكەن . «شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىسىدىكى ئاقسېپىل قەدىمكى شەھەر خارابىسىدا ساقلىنىپ قالغان سېپىل تاملىرىنىڭ كېسەكلىرىدىمۇ ...كارۇشتى ھەرىپلىرى تېپىلدى ...ۋە خوتەن رايونىدىن مىلادى 3~4ئەسىردىن بۇرۇنقى تارشا , تېرە ۋە قەغەزگە يېزىلغان ئىجتىمائىي - مەمۇرىي ۋەسىقىلەر كۆپ تېپىلدى ...»، «ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرىدىن تېپىلغان يېزىقلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرلەرگە مەنسۇپ ، كارۇشتى يېزىقى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ماددى پاكىت ... ئەينى زامانلاردا خوتەن رايونىدا كۆپ ساننى ئىگىللىگەن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ كارۇشتى يېزىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىقى»نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . شۇڭا ، مەزكۈر «قامۇس»نىڭ كارۇشتى يېزىقىدا يېزىلغانلىق ئېھتىمالى چوڭ دەپ قاراشقا بولىدۇ .
     يۇقىرىقىلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرى 3-4ئەسىرلەردىلا تىببىي ئىلىم جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قازانغانلىقى , يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە يەكۈنلىرىنى ئۇرخۇن - يىنسەي يېزىقى بىلەن مەنبەداش بولغان كاروشتى يېزىقى بىلەن كىتاپ قىلىپ يازغانلىقى , قەدىمكى يۇنان تىبابەت ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە شۇلار ئارقىلىق ئەنگۈشتەر قاتارىدا پۈتۈن دۇنياغا تارقاپ , ئىنسانىيەتنىڭ تېبابەت ئىلمىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
(داۋايى تور بېتى)

تەجەللى


ئۇيغۇر ئالىمى، شائىرى ھۈسەيىنخان تەجەللى-مۇجەللى ھەزرىتىم مىلادى 1848-يىلى(ھىجىرىيىنىڭ 1264-يىلى)قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ زوڭلاڭ يېزىسى ئايباغ كەنتىدە ئىسلام دىنى ئالىمى،ماھىر تىۋىپ قۇتپىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ،مىلادىنىڭ 1927-يىلى(ھىجىرىيىنىڭ 1345-يىلى)رامىزان ئېيىدا،قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ كاسكا يېزىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە مەككىگە بارغان.سەئۇدى ئەرەبىستاندا باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن،ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ھىندىستان دېھلى شەھىرىگە كەلگەن ۋە «دېھلى دارىلئۇلۇم» مەدرىسىدە،ئاندىن ئىراننىڭ «ئىسپاھان دارىلفۇنۇنى»دا، ئاخىرىدائاففىغانىستان «كابول دارىلفۇنۇنى»دا ئوقۇپ،ھەر تەرەپلىمە بىلىم تەھسىل قىلغان.
    شائىرنىڭ ئەقلىي،ئىلمىي،ئەدەبى كامالىتى كۆپ تەرەپلىمە،مول بولغانلىقتىن،ئۆز دەۋرىدىكى ئالىم،ئەدىپلەر ئۇنىڭغا «تەجەللى-مۇجەللى»تەخەللۇسنى قويۇشقان..تەجەللى-مۇجەللى- ئەرەپچە سۆز بولۇپ،تەجەللى-چاقناپ تۇرغان نۇر.مۇجەللى-مۇسابىقە مەيدانىدا بىرىنچىلىكنى ئالغۇچى دىگەن مەنىدە.
    شائىر ئىسلام دىنى ئىلمىنىڭ بارلىق تارماقلىرىدا،دۇنياۋى مۇھىم پەنلەردىن تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات، تارىخ، لوگىكا، تەبىئەت، ئاستىرنومىيە، خىمىيە، مېدىتسىنا، ماتىماتىكا قاتارلىقلاردا كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ئالى مەلۇماتقا ئىگە ئىدى.
    ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ھۈسەيىنخان تەجەللى-مۇجەللى ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قاغىلىق،يەكەن،گۇما ناھىيىلىرىدە ئۆتكەن.ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى.ئۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سەركەردە بۇلۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئەرەپ،پارىس ئەدەبىياتىدىمۇ ئالى ماھارەت ئىگىسىدۇر.
    ئۇنىڭ ئىلمى، ئەدەبىي تەلىماتلىرىدىن ئەڭ سۆيۈملۈك شاگىرتى گۇمىلىق ئابدۇجېلىل داموللا ھاجىم،شۇنىڭدەك ئالىم، ئەدىپلەردىن ئاتۇشلۇق ئابدۇقادىر داموللام،شەمسىدىن داموللا ھاجىم،ئۆزبەك زەرىف قارى ھاجىم،قەشقەردىن ئابدۇكېرىم زىيائى، پوسكامدىن ئىسرافىل داموللام، يەكەندىن سالىھ داموللام، گۇمىلىق ئىسمائىل ھاجىم،قاغىلىقتىن مۇتىئۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم، شائىرلاردىن فۇرقەت قاتارلىقلار ئىلھام ۋە روھىي ئوزۇق ئالغان.ئۇ، ئۆز تىببى ماھارىتى بىلەن يۈرەك، ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش خەۋپلىك كېسەللەرنىمۇ داۋالاپ ساقايتىپ، كۆپ ئۆرنەكلەر ھاسىل قىلىپ، نۇرغۇنلىغان خەلقنى داۋالىغان؛دورىگەرلىكتىمۇ تەرياق، ھەبىبى زۇفا، ھەبىبى جەۋھىرى ئازاراقى قاتارلىق ياخشى دورىلارنى ياساپ نەتىجە قازانغان.شاگىرت تەربىيىلەپ،ۋارىس قالدۇرۇپ كەتكەن.ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ھازىرمۇ خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا چوڭ تۆھپە قوشماقتا.مەسىلەن: خوتەن مىللى شىپاخانىدىكى مۇتەخەسسىس،پىشقەدەم تىۋىپ تۇردى ھاجىم(ئاپتورنىڭ بۇ ئەسىرىدىن كېيىن،تۇردى ھاجىم ۋاپات بوپكەتكەن_يوللىغۇچىدىن.) ۋە ۋاپات بولۇپ كەتكەن تىۋىپلاردىن قاغىلىقتىن يۇسۇپ ئەپەندىم،گۇمىدىن ئىبراھىم ھاجىم مامۇت ھاجىم، قەشقەردىن مۇسا ئاخۇنۇم قاتارلىقلار ئۇنىڭ تىببى ماھارىتىدىن تەربىيە ئالغان داڭلىق تىۋىپلاردۇر.
   ئۇنىڭ بۇلغارىيە قاتارلىق ئەللەردە نەشىر قىلىنغان « بەرقى تەجەللى، سەبقى مۇجەللى »، « دىۋان تەجەللى » قاتارلىق كىتابلىرى ۋە تاشكەنتتە « باياز » لارغا كىرگۈزۈلۈپ، ئەينى يىللاردا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىللى مەكتەپلەردە ئەدەبىيات دەرسى سۈپىتىدە ئوقۇتۇلغان شۆھرەتلىك ئەسەرلىرىدىن باشقا، مەرھۇم ئابلىھىكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ مۇبارەك ئىلكىدە بىردىنبىر قول يازمىلار ھالىتىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان « دىۋان ئەرەبى » ( ئەرەبچە شېئىرلار توپلىمى ) « تۆھبەتۇل بەررەيىن » (« ئىككى قۇرۇقلۇققا تۆھپە»)، « مەجمۇئەتۇل قەسائىدە »(« قەسىدىلەر توپلىمى »)، « سەبدەرنامە » ، (« قەھرىمانغا بېغىشلايمەن »)، « تىلسىم ئىشىق »، (« ئىشىق مۇھەببەت تىلسمى ») ۋە قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرى قاتارلىقلار بار. شائىرنىڭ « تەجەللى » ( چاقناپ تۇرغان نۇر ) ۋە « مۇجەللى » ( مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇتۇپ چىققۇچى ) دېگەن ناملىرى ئۇنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي كامالىتىگە مۇناسىپ ھالدا ئالىم، ئەدىبلەر تەرىپىدىن بېرىلگەن تەخەللۇس ئىدى. بىر قانچە يىلدىن بويان ئالىم ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىندى ۋە ئۇنىڭ نام-شەرىپى دۇنياۋ مەشھۇر كىشىلەر قاتارىدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئىسلام دىنى لوغىتىگە كىرگۈزۈلدى.
(قاۋۇل ساۋۇر)

مەشھۇر كۈي ئۇستازى سۇجۇپ 苏祗婆

   سۇجۇپنىڭ  قاچان تۇغۇلغانلىقى، ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇماتنى تاپالمىدىم. خەنزۇچە مەنبەلەردە ئۇنىڭ مىلادى 6-ئەسىردە ئۆتكەن كۇچالىق ئۇيغۇر مۇزىكا نەزىرىيەچىسى ئىكەنلىكى، مىلادى568-يىلى جۇ سۇلالىسىنىڭ خانى جۇۋۇدىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن تۈرك خاقانى مەلىكىسى ئاشىنا بىلەن بىرگە مۇزىكانتلارنى باشلاپ،كۈسەن مۇزىكىلىرى،چارتار (琵琶)نى ئېلىپ بارغانلىقى، كۈسەنلىك مەشھۇر كۈي ئۇستازىنىڭ چارتارنى يېنىك چېكىپ،يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇندىغان لەرزان كۈسەن مۇزىكىلىرى پادىشاھقا بەك ياراپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭغا ئوردىدىن مەنسەپ بېرىلگەنلىكى،ۋە مۇزىكانت تەربىيىلەشكە مەسئۇل قىلىنغانلىقى،.ئاتىسىدىن ئۈگەنگەن «بەش تار»«يەتتە ئاۋاز»نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا كەڭ تۈردە ئومۇملاشتۇرۇپ،جۇڭگو مۇزىكىلىرىغا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى.....بايان قىلىنغان. 
تۆۋەندە بېرىلگەن سۈرەتتە: سۇجۇپنىڭ«بەش تارا نەزىرىيىسى» دىگەن كىتاپقا زاكاس قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى تور ئېلانىكەن. يوللاپ قويدۇم.
تۆۋەندىكى تام رەسىم _ چارتار بىلەن مۇزىكا ئورۇنلاۋاتقان كۆرۈنۈشكەن.گەرچە سۇجۇپنىڭ سۈرىتى بولمىسىمۇ،قوشۇمچە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.



پىر خۇيلان(裴慧琳)
   

پىر خۇيلان ئوتتۇرا ئەسىر (تاڭ سۇلاسى دەۋرى) دە ئۆتكەن مەشﻬۇر تىلشۇناس، ئالىم. «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرﻫىسى» («一切经音义») ناملىق مەشﻬۇر ئەسەرنى يازغان.
    پىر خۇيلان مىلادى 736- يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، قەشقەردە كۆپ ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن پىر(خەنزۇچە خاتىرلەرگە 裴 دەپ پۈتۈلگەن) فامىلىلىك خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى ئىدى.
     پىر خۇيلان ياشىغان دەۋردە قەشقەر شەﻫىرى ئۇيغۇرلانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ﻫەيۋەتلىك بىلىم يۈرتلىرى ۋە ئىبادەتخانلىرى بىلەن دۇنياغا مەشﻬۇر ئىدى. بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى بۇددا دىنى گۈللەپ ياشنىشى قەشقەرنى ﻫەر قايسى ئەللەردىكى مەشﻬۇر بۇددا دىنى مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، غەربتىن شەرققە ۋە شەرقتىن غەربكە توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدىغان بۇددا مۇخلىسلىرى قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپەككۇرى ۋە ئۇستازلىرىنى پېشۋا بىلىپ ئۇلاردىن ئىلىم تەﻫسىل قىلاتتى. بۇ دەۋردە يەنە سانسىرلىغان بۇددا مۇتەپەككۇرلىرى، ئالىملىرى يېتىشىپ چىقىپ قەشقەرنىڭ مەدەنىيى ﻫاياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككمۇ ئۆز تەسىرنى كۆرسەتكەندى. ئەنە شۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىتتا يېتىشىپ چىققان پىر خۇيلان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قەشقەردىكى ئالي ئىبادەتخانلاردا زور ئىجتىﻬات بىلەن ئىلىم تەﻫسىل قىلغان. بۇددا دىنىنى تېخىمۇ سېستىمىلىق ئۆگۈنۈش ئۈچۈن تىل-يېزىق ئۆگۈنۈشكىمۇ ئالاﻫىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆز ئىقتىدارنى ﻫەر تەرەپلىمە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. ئانا تىلىدىن باشقا يەنە تابخاچ(خەنزۇ)تىلى ۋە سانسكىرىتچىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرۈپ بۇددا نوملىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرﻫىلىگۈچىسى، مەشﻬۇر تىلشۇناس، ئالىم بولۇپ يېتىشكەن.
    پىرخۇيلان مەشﻬۇر ئەسىرى «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرﻫىسى» ناملىق 100 تومدىن ئاشىدىغان زور ﻫەجىملىك ئەسەرنى  ئوتتۇرا ئىقلىم بۇددا مەدەنىيتىنىڭ مەركىزى بولغان چاڭئەندە يازغان. ئالىم بۇ ئەسەرنى 52 يېشىدا (مىلادى 788- يىلى) يېزىشقا كىرىشىپ 74 يېشىدا (801- يىلى) تاماملىغان. 
    پىرخۇيلان «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرﻫىسى» ناملىق قامۇسىنىڭ مەزمۇنىنى بۇددا دىننىڭ ئەڭ كاتتا نومى چوڭ يوللۇقلار مەزﻫىپىنىڭ (ماﻫايانا مەزﻫىپنىڭ) ئەڭ تۈپ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولغان ئەقىل – پاراسەت ئارقىلىق راﻫەت – پاراغەت دۇنياسىغا يېتىپ بېرىش ﻫەققىدىكى «ماﻫابخاراژانا پارامىتاسۇترا» (mahaprajna paramita sutra) دىن باشلاپ، بۇددىزىمنىڭ پاك ئەخلاقى پەزىلىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان ۋە بۇددا دىنىنى جان تىكىپ قوغدىغۇچى«护命法» سۇتراسىدا ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ ئەسەردە ئىزاﻫلانغان ۋە شەرﻫىلەنگەن نوملار جەمئىي 5480 جىلد بولۇپ بۇ قامۇس خارەكتىرلىك يىرىك ئەسەرنى بۇددا ئالىملىرى، مۇتەپەككۇرلىرى ۋە تەرجىمشۇناسلىرى قولدىن قولغا ئېلىپ دەرسلىك، لېكسىيە قىلىپ تاكى چىڭ سۇلالسىنىڭ ئاخىرغىچە سانسىزلىغان كىشلەر ئەرتىۋالاپ قوللانما سۈپىتىدە ئوقۇپ كەلگەن. 
    پىرخۇيلاننىڭ « بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرﻫىسى» ناملىق ئەسىرنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان كورىيلىكلەر مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىپ كۆچۈرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا تاڭ سۇلالىسى ﻫۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كورىيىلىكلەر يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرۇۋالغاندا سۇڭ سۇلالىسى ﻫۆكۈمىتى كۆچۈرۋېلىشقا قۇشۇلغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋردە ياپۇنلۇقلار كېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن. مىلادى 1737- يىلى چىيەنلۇڭنىڭ 2- يىلى پىرخۇيلاننىڭ بارلىق ئەسەرلىرى بېسلىپ ئېلان قىلىنغان. 1880- يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى ياپۇنيەدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ رەسمىي كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان. ئۇزۇن ئۆتمەي چاڭئەندە «پېشۋا ئالىم» دېگەن شانۇ-شاۋكەتلىك نامغا ۋە كاتتا ﻫۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋە «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرﻫىسى» ناملىق ئەسەرنى يېزىشقا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان.
    پىرخۇيلان ۋاپات بولغاندىن كېيىن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن قەشقەرگە دەپنە قىلىنماستىن ئوتتۇرا ئىقلىم تۇپرىقىغا دەپنە قىلىنغان.
(ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر)

ئەلائىدىدىن مۇھەممەت خوتەنى


      تىببىي ئۇستاز ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەد خوتەنىقاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى بۈيۈك تىببىي ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇرتىبابىتى ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇر تىبابىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغابېغىشلىغان بولۇپ , ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە رەجەپ يۈسۈپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ « ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنىۋە ئەللامە كەنتى توغرىسىدا » ناملىقماقالىسىدە :«ئەلائىدىن مۇھەممەت خوتەنى مىلادى 1160 - يىلى ھازىرقى خوتەنناھىسىگە قاراشلىق بورزات رايونى (باغچا يېزا)خەلىچە كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن » دەپ يازسا ، مەرھۇم تىببىي ئالىمى ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجى قاتارلىق بىرتۈركۈملەر ماقالە -ئەسەرلەردە بىردەك «مىلادى 1150-يىلى تۇغۇلغان» دەپيازغان . ئالىمنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە 1150-يىلىنى دەسلەپتەئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجى مۇناسىۋەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئوتتۇرىغاقويغان . ئۆزىنى ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنىنىڭ ئەۋلادلىرى ھېسابلايدىغان بىر قىسىمتىۋىپلارمۇ مۇشۇ يىلنى نەسەپ تارىخى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان . شۇڭا بىز بۇ يەردەئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىنى ئىشەنچلىك،دەپ قارايمىز .
     ئالىم ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنى خوجا مۇھەممەت ئىسىملىك بىردىنى زات ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ , ئاتىسى ئوغلىنى ئەتراپلىقتەربىيىلەشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن . ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئاتىسىنىڭتەربىيىسىدە دىنىي ئىلمىدە خېلىلا نەتىجە قازانغان بولغاچقا , ئاتىسى ئۇنىڭ ئىلىمگەبولغان قىزغىنلىقىغا يىتەرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇنى ئەينىۋاقىتتىكى داڭلىق ئوقۇتۇش يۇرتى قەشقەر «ساچىيە مەدرىسى »گە دىنىيئىلىم ۋە تىببىي ئىلىم ئىگىلەپ , ئۆزىنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەۋەتكەن , ئەلائىددىن قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ئەرەب , پارىس تىللىرىنى تېخىمۇ قېتىرقىنىپئۈگىنش , ئۆزلەشتۈرۈش, مەزكۈر مەدرىسنىىڭ بارلىق ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى بىلەن تونۇشۇپچىقىش بىلەن بىرگە , ئاساسلىق زېھنى كۈچىنى تىبابەت ئىلمىنى ئۆگىنىشىكە قاراتقان .بۇ مەدرىستە بۈيۈك ئۇستازلار تىببىي ئىلىمدىن كۆڭۇل قويۇپ دەرس بەرگەچكە ۋەئەمەلىيەت بىلەن باغلاشقا دېققەت قىلغاچقا , ئۇ ئۇستازلىرىنىڭ ياردىمىگە قىسىقامۇددەت ئىچىدىلا تىببىي ئىلىمدىن خېلىلا مۇكەممەل بىلىمگە ئېگە بولغان ۋە ئوقۇشنىتاماملاپ , تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى خوتەنگە قايتىپ كەلگەن , ئالىم ئەلائىددىن خوتەنگەقايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرت جامائىتى ئىچىدە ئۇنىڭ «ساچىيە مەدرىسى»نىئەلا نەتىجىدە تاماملاپ ئەللامە دىگەن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى ناھايىتىتېزلا تارقالغان . نەتىجىدە ئۇنىڭدىن تىببىي ئىلىم ئۆگىنىشكە كېلىدىغانلار بىردىنلا كۆپىيىپ , ئۆيى تارچىلىق قىلغان . ئوغلىنىڭ مانا شۇنداق خەيىرلىك ئىش بىلەن مەشغۇلبولۇۋاتقانلىقىدىن سۇيۈنگەن خوجامۇھەممەت ئۇنى ئاز بىلىمىنى تېخىمۇ كۆپلەپتارقىتىش پۇرسىتىگ ئېگە قىلىش مەقسىتىدە چوڭ بىر مەدرىس ئېچىپ بەرگەن . شۇنىڭدىنباشلاپ , ئەللامە ئەلائىددىنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ ئالدىراشلىڭتا ئۆتۈشكە باشلىغان , بەزىمەلۇمەتلارغا قارغاندا , ئۇنىڭ نامى تارىم ۋادىسىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگىمۇتارقالغان بولۇپ , يىراق ئەللەردىن ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغىئۈزۈلمىگەن , قىسقىچە بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 3000دىن ئېشىپكەتكەن .
     ئۇ بىرتەرەپتىن شەرىئەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسا , يەنە بىر تەرەپتىن تىببىي ئىلىمتارقىتىش , مەخسۇس تىببىي ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش , ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن تىببىئالىملارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئىجادىي پايدىلىنىش ئارقىلىق بىر قىسىم مەخسۇسئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان . يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئالىمنىڭ ئىجادىيئەسەرلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا , ئۇنىڭ تىببىي خادىملارنىڭ قەستەنياكى سەۋەن سادىر قىلغان خاتالىقلىرىغا شەرىئەت ھۆكمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشتوغرىسىدا بىر قانچە ماددىلىق چارىلىرى ھەمدە يالغان تىۋىپلار ۋە باشقىلارنىڭكىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزىدىغانجىنايەتلىرى ئۇچۈن بېرىلىدىغان جازالار تونۇشتۇرۇلغان . «ئەلقىقھۇتىببىيە» (تىبابەت قانونلىرى)ناملىق كىتابتا 11-ئەسىردىنبۇرۇنقى دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تىبابەت نەزىرىيىلىرى سۆزلەنگەن ھەم ھەرخىلكېسەللىكلەرنى داۋالاش قائىدە - پىرىنسىپلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى ناۋايىتى يىغىنچاق ۋەمۇكەممەل بايان قىلىنغان . «زۇبدەتىل قاۋانىل ئىلاج» (داۋالاشقائىدىلىرىنىڭ جەۋەرلىرى) ناملىق كىتابىنىڭ بارلىقىنىڭ ھەققىدىمۇ مەلۇمەتلار بار . يېقىندا مۇھەممەت باقى ئالىم قاتارلىقلار ئالىمنىڭ يۇقىرىقى ئىككى پارچە ئەسىرىدىنباشقا «كۆپئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشرىتسىپلىرى«داۋالاش قانونلىرىدىن خۇلاسە» قاتارلىقئەسەرلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى , بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئۆز قولىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىئاشكارىلىدى . بۇ بىر يېڭى نەتىجە سۈپىدىدە ئۇيغۇر تىبابەت تارىخىدا تېگىشلىك ئورۇن ئىگەللەيدۇ . 
     ئالىمنىڭ «ئەلغىقھۇ تىببىيە » (تىبابەت قانونلىرى)ناملىق ئەسىرىنى مەرھۇمتۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇم مىراس سۈپىدىدە ساقلاپ كەلگەن بولۇپ , ئۇنى 1950-يىللىرىئإپچإرىسىدە مەرھۇم تىببىي ئالىم ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجىغا كۆرسەتكەن . ئۇزاقئۆتمەي باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىگە كەلگەندە تۇردىمۇھەممەت ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىدىكى كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەر كۆيدۈرۈلگەن , شۇلارقاتارىدا«ئەلغىقھۇ تىببىيە»مۇ يوقاپ كەتكەن . بىر قانچە قىتىملىق كۆيدۈرۈشيتىن ساقلىنىپ قالغان قىسمەن ئەسەرلەرنى بولسا تۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇمۋاپات بولۇشىدىن بىر-ئىككى يىل ئىلگىرى كۈيئوغلى باقى ئالىمغا كۆمۈپ قويغانجايىدىن ئېلىپ بەرگەن .ھازىر ئۇنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتىدۇ . 
    ئالىمئەلائىدىدىن مۇھەممەت خوتەنىنىڭ ھاياتىي پائالىيىتى ھەققىدە يېزىلغان مۇناسىۋەتلىكماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك ئۇنىڭ 1222-يىلى ۋاپات بولغان دىگەنلەر خاتىرلىنىپ كەلگەن . بۇ قاراش مەيلى ئابدۇلھېمىت يۈسۈف ھاجىنىڭماقالە - ئەسەرلىرىدە بولسۇن ۋە مەيلى ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «داغ» رومانىدا بولسۇن بىردەك ھۆكۈم سۈرۈۋاتىدۇ . لېكىن تارىخنىئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق ,ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە يىلنامىسىنىڭ توغرائەمەسلىكىنى تېزلا ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالايمىز . 
     كۆپچىلىككەمەلۇم بولغىنىدەك , كىلاسسىك ئەسەرلەردە ئالىمنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە ئېنىڭ يىلنامە يوق . پەقەت ئۇنى كۈچلۈكنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى سۆزلىنىدۇ . بىز كۈچلۈكنىڭ ھايات خاتىرىسىيېزىلغان ئەسەرلەردە جۈملىدىن ۋ.ۋ.باتولدىنىڭ «يەتتە سۇ تارىخيئوچىرىكلىرى» ناملىق كىتابى ۋە ئابلەت نۇرغۇن ئەپەندىنىڭ «غەرىبىييۇرتنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش » ناملىق كىتابلىرىدە بىردەك كۈچلۈكنىڭ مۇڭغۇللار بىلەن ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ قاچقانلىقى , شۇنداقلاپامىردىكى سارقۇم دىگەن جايدا كاللىسىنىڭ ئېلىنغانلىقى , بۇ ۋاقىتنىڭ 1218يىللىرىئىكەنلىكى ھەققىدە قاراشلار نى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز . بولۇپمۇ «يەتتە سۇ تارىخىنىڭ ئوچىرىكلىرى» ناملىق كىتابتا بۇ ھەقتە خېلى تەپسىلىمەلۇمەتلار خاتىرخاتىرلەنگەن , شۇ سەۋەبتىن بىز كۈچلۈكنىڭ ئەللامە ئەلائىددىنمۇھەممەت خوتەنىنى ئۆلتۈرگەن ۋاقىتنىڭ 1222-يىلى ئەمەس , بەلكى 1218-يىلىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى كۆزدە تۇتىدۇ دەپ قارايمىز . بۇ ھەقتە ئېنىق بىر يىلنامىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىزدىنىش زۆرۈز ئەلۋەتتە.

(داۋايى تور بېتى)

ئەسلى مەنبە:
بۇ «دىيارىم» تور بېتىدىكى گۈھەل 3.8 نىڭ يازمىسى. رۇخسىتى ئېلىنىپ بۇ مۇنبەرگە يوللاندى.
[ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • ياخشى باھا:+20(Yawuz) ئورخۇن تورىغ ..
  • yol
    دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
    UIDنومۇرى: 1785
    جەۋھەر يازمىسى: 2
    يوللىغان يازمىسى: 117
    شۆھرىتى: 324 نومۇر
    پۇلى: 1150 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-12
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
    1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 45كۈن بۇرۇن
    جامالىدىن ئاق سارايى



        جامالىدىن ئاق سارايى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىقىنى سەرپ قىلغان بۈيۈك ئەللامەلەرنىڭ بىرى بولۇپ , ئۆزىنىڭ مەشھۇر تىببىي ئەسىرى «ئاقسارايى»بىلەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخىدا تېگىشلىك ئورۇن ئالدى .
        ئالىمنىڭ قاچان ، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە تېخى ئىشەنچلىك بىر ماتېرىياللار تېپىلغىنى يوق , بەزىلەر ئۇنى «ئىستانبولنىڭ ئاقساراي دىگەن دىگەن يېرىدا تۇغۇلغان » دەيدۇ .ئەمما ئىشەنچلىك مەلۇمات يوق . بەزى ماتېرىياللاردا «بۇ كىشىنىڭ 11-ئەسىرنىڭ ئاياغلىرىدا تۇغۇلغانلىقى مەلۇم »دەپ يېزىلغان بولسىمۇ ، ئىشەنچلىك دەلىل كەلتۈرۈلمىگەن . 1936-يىلى ھېندىستاننىڭ دىيوبەن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاسىيا ئۆلىمالىرى تارىخىي مۇھاكىمە يىغىندا ، جامالىدىن ئاقسارايىنىڭ چىڭگىزخان ئىستىلا قىلغان بىر ئەلدە تۇغۇلۇپ ھىندىستانغا قېچىپ كەلگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن . چىڭگىزخاننىڭ 1-قېتىم غەربكە يۈرۈش قىلىشى 13-ئەسىرىنىڭ باشلىرى ، يەنى 1219-يىلى باشلانغان . دىمەك ، ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى بالدۇر دىگەندىمۇ 13-ئەسىرنىڭ باشلىرى ، يەنى 1220-يىللىرى ئەتراپىدا چىڭگىزخان ئىستىلا قىلغان ئەلدىن ھېندىستاندىن قېچىپ بارغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن . تىبابەت تارىخى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش خاراكتىرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئابدۇرىھىم قادىر قۇمۇلى ئەپەندى:<<ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرى ۋە تەتقىقاتى >> ناملىق ئەسىرىدە ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى ھەققىدە توختىلىۋېلىپ مۇنۇلارنى يازغان : <<ئالىمنىڭ قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە , بەزىلەر بۇ كىشىنى ئىستامبولنىڭ ئاقسارايى دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان >> دەيدۇ . ئەمما تولۇق دەلىل يوق , چۈنكى , ئىستامبولدىن خېلىلا يىراق بولغان ھېندىستانغا قېچىپ بېرىش ئېھتىمالدىن يىراق . يەنە بەزىلەر , غەربىي ئاسىيا , كىچىك ئاسىيا , ئېراق ۋە ئېران تەرەپلەردە ئاقساراي دىگەن شەھەرلەردە تۇغۇلغان , دەيدۇ . گەرچە , بۇ جەھەتتە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك ,دەپ قارىغاندىمۇ , مېنىڭچە , تۆۋەندىكىلەردىن جامالىدىن ئاقساراينى خوتەن قارىقاش ناھىسىدىكى ئاقساراي يېزىسىدا تۇغۇلغان , دەپ دەسلەپتىكى خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ . 1978-يىلى بىز خوتەنگە ئۇيغۇر تىبابىتى تارىخىنى تەكشۈرگىلى بارغاندا , پىشقەدەم تېۋىپلار بىزنى مۇنداق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى : يەنى , بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوتەنلىك مەرھۇم ئابدۇللا موللام مەۋلۇۋىي , مەرھۇم ھەسەن دامولام مەۋلۇۋىي , مەرھۇم مەتنىياز مەۋلۇۋىي ۋە ئاتۇشلۇق زەينۇل ئابدىن مەۋلۇۋىي قاتارلىق ئالىمالار ھېندىستان لەكنۇ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تىببىي ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا بارغاندا مۇئەللىم دەرىس ئۆتىۋاتقان بىر كىتابنى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ : ئاراڭلاردا خوتەندىن كەلگەنلەر بارمۇ ؟دەپ سورىغان ھەمدە كىتاب خوتەننىڭ ئاقسارايى دىگەن جايىدا تۇغۇلۇپ ھېندىستانغا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىببىي ئالىمى جامالىدىن يازغان <<ئاقساراي>> دىگەن كىتاب بولىدۇ دىگەن . بۇ كىشىلەر ئۆز يۇرتىدىن چىققان بۇ ئالىمدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا , مەرھۇم پىشقەدەم تىۋىپ ئەھمەد ھاجى , مەرھۇم ھاجى ئېلخان ھەزرىتىم , داڭلىق دورىگەر ئىمىننىياز ئاخۇنۇم قاتارلىقلارغا ناھايىتى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەرگەن . بۇ دەل , 1936-يىلى چىىقىرىلغان يەكۈن ۋە مەرھۇم ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىمى ئۇستاز ئابدۇلھېمىت يۈسۈف ھاجىنىڭ <<شىنجاڭدىن ھېندىستانغا ئوقۇشقا بارغان بىر قىسىم كىشىلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق , بۇ كىشىنىڭ خوتەن قارىقاش ناھىيە ئاقساراي يېزىسىدىن بارغانلىقىنى تەخمىنەن قىلىشقان >> دەپ يازغىنىغا ئوخشاش .
        ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى موڭغۇللارنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ھېندىستانغا قېچىپ كەتكەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق كېلىدۇ . ئالىم ھېندىستانغا بارغاندىن كېيىن , ئۇيغۇر تىبابىتى ھەققىدىكى يۇقىرقى ئەسەرنى يېزىپ، «ئاقسارايى» (كۆزدە تۇتۇلىدۇ - ئا) ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ئاقسارايلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشقا تىببىي كىتابلاردىن ئۆزگىچە ھالدا ئۆزكىتابىغا «ئاقسارايى» دەپ نام قويغان . مەزكۈر ئەسەردە ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىرىيىلىرى، ھەر قايسى بۆلۈم كېسەللىكىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ داۋاسى، يەككە ۋە مۇرەككپ دورىلار سۆزلەنگەن بولۇپ ، نەزىرىيە قىسمى ئاساسەن باشقىلار تەرىپىدىن ئىبىنسىنانىڭ «ئەلقانۇن»نى كىچىكلىتىپ يازغان «مۇجىزىلقانۇن» (ئەلقانۇندىكى مۆجىزىلەر) دىگەن ئەسەردىكى خاتا كەتكەن جايلارغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىلمى ئاساسلاردىن تەركىپ تاپقان . شۇڭا، مەزكۈر قىسمى ئەسلى ئاپتور (ئىبىن سىنانى دىمەكچى ) مۇنداق دىگەن , ئۇ (موجىزىلىقانوننىڭ ئاپتورىنى دىمەكچى) مۇنداق دەپتۇ ، مەن مۇنداق قارايمەن، دېگەن شەكىلدە يېزىلغان .«ئەلقانون» دىكى قىيىن مەزمۇنلار يورۇتۇپ بېرىلگەن . <<موجىزىلىق قانون>> دىكى خاتا مەزمونلار تۈزۈتۈلگەن . ھەر قايسى بۆلۈم كېسەللىكلىرىدىن 180خىلى سۆزلەنگەن . يەككە دورىلاردىن 390 خىلى , مۇرەككەپ دورىلاردىن 144خىلى بايان قىلىنغان بولۇپ , ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز تېۋىپلىرىمىزلا ئەمەس , بەلكى چەتئەللەردىمۇ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
       يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك , ئالىم جامالىدىن ئاقساراينىڭ «ئاقساراي» ناملىق كىتابىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى زور بولۇپ , ئەرەب يېزىقىدا پۈتۈلگەن بۇ قىممەتلىك ئەسەر قولدىن قولغا تارقىلىپ 1899-يىلىغا كەلگەندە لەكنۇدا رەسمىي نەشىر قىلىنىپ , 1929-يىلىغىچە دىھلى ئۇنىۋېرسىتىتى ئىسلام تىبابىتى ئىنىستىتوتىدا دەرىسلىك قىلىپ ئىشلىتىلگەن . دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم تېۋىپلار ئۆز قولىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەزكۈر ئەسەرنىڭ نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ تىبابەت ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ .
       ئەسكەرتىش: «دىڭىز ئۈنچىلىرى»، «قاراقاشنى چۈشىنەيلى» ، «مەشھۇر ئۇيغۇر تىۋىپلىرى» قاتارلىق كىتابلاردا جامالىدىن ئاقسارايىنىڭ 19-ئەسىرلەردە ئۆتكەن دەپ يېزىلغان . ئەمما يىتەرلىك دەلىل ئىسپات كەلتۈرۈلمىگەن . بىراق ئالىمنى 12-ئەسىرلەردە ئإتكەن دىگەن قاراشنى ياقلىغۇچىلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىسپاتى ئازراق بولسىمۇ چىنلىققا ئېگە .
        1863-يىلى 6-ئاينىڭ خاسىيەتلىك بىر جۈمە كۈنىدە لوپ ناھىيىسىگە قاراشلىق تەۋەككۈل يېزىسىدا ئەخمەت ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئۇ_ ئەخمەت ئاخۇنۇمنىڭ ئەللىك ياشلارغا كىرىپ قالغان ۋاقىتلىرىدا كۆرگەن پەرزەنتى تۇردى ھاجى ئىدى.ئەخمەت ئاخۇنۇم ئۆز زامانىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تېۋىپلاردىن بولۇپ ، ئوغلى تۇردىنى تېۋىپ قىلىپ يېتىشتۈرۈش نىيىتىدە دىنىي ئالىم ، تېۋىپ توختى ئاخۇن ھاجىغا شاگىرت قىلىپ ئاپىرىپ بەرگەن .ئەخمەت ئاخۇنۇم ئوغلى تۇردى توققۇز ياشلارغا كىرگەندە قازا قىلغان. تۇردى ئاخۇن ئۇستازى يېنىدا 1894-يىلىغىچە تۇرۇپ ، تىبابەتچىلىك ئىلمىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگەنگەن . تۇردى ھاجى 40 ياشلارغا كىرگەندە ئۇستازى ھەج قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ ماڭغان . ئۇلار ھەج سەپىرىدە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ،تۇردى ئاخۇننىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ھەر بىر خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىنغان. ئۇستازى توختى ئاخۇن سەپەردە بىتاپ بولۇپ قالغاندا ، تۇردى ئاخۇن ھاردىم-تالدىم دېمەي ئۇنى 17 كۈن ھاپاش قىلىپ مېڭىپ، ئۇستازىنى كاراچىدا بىر مەزگىل ئارام ئالدۇرۇپ، ۋاپادارلىق كۆرسىتىپ،ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان . شۇنداقلا شۇ جايدىكى ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ،ئۇلارنى تاڭ قالدۇرغان،ئۇلارنىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى بىلەن ،ھىندىستاندا بىر مەزگىل تۇرۇپ،تىۋىپلىق قىلغان.
        1900-يىلىنىڭ باشلىرىدا لوپ ناھىيىسنىڭ سامپۇل يېزىسىدىكى بەگ ، ئۆلىمالار تەۋەككۈلغا كېلىپ ، توختاخۇن تېۋىپتىن تۇردى ھاجىنى سوراپ ، سامپۇلغا ئېلىپ چىقىپ ئۆي-ماكانلىق قىلىپ سامپۇلدا تۇرغۇزغان . شۇنىڭ بىلەن تۇردى ھاجى 1956-يىلىغا قەدەر سامپۇل يېزىسىدا ئۆز ئالدىغا تىبابەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان .ئۇستازى توختاخۇن تىۋىپ 1915-يىل ئەتراپلىرىدا قازا قىلغان.
        1956-يىلى لوپ ناھىيىسىدە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن،ئۆزىنىڭ دورا - دەرمەكلىرىنى پاي سېلىپ ئامبۇلاتورىيىگە كىرىپ ئىشلىگەن . ئامبۇلاتورىيە تارقىتىۋىتىلگەندىن كېيىن 1975-يىلىغىچە سامپۇل يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت بۆلۈمىدە ئىشلىگەن . 1975-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن.تۇردى ھاجىنىڭ كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇپ ، قويغان دىئاگنوز ھازىرقى زامان تەكشۈرۈش سايمانلىرىنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئۇدۇل چىقاتتى . ئۇ تومۇر تۇتۇشتا بىمار تومۇرىنىڭ نورمال ھالەتكە كېلىشىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ، دىلىدىكى ۋەھىمىسىنى كۆتۈرىۋېتىپ ، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلغاندىن كېيىن ، ئاندىن تومۇر ھەرىكىتىنى تەكشۈرەتتى . ئۇ ئۇستازىدىن مىراس بولۇپ قالغان «تەرياق» دىگەن دورىنى كۆپ ياسايتتى ھەم ئۇنى يېنىدىن ئايرىمايتتى . ئۇ «بۇ دورا 90 نەچچە خىل كېسەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ »دەيتتى . بۇ دورىنىڭ ھەرخىل يەللەرنى ھەيدەش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ، شىپالىق ئۈنۈمى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىدى . تۇردى ھاجى ئاساسەن يۈرەك مېڭە-قان تومۇر كېسەللىكلىرى ، رىماتىزىم ، مۇپاسىل ، نۇقرەس قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا مول تەجرىبىلەرگە ئىگە ئىدى . كېسەل داۋالاشتا چاينى ئاساسىي ئورۇندا قوياتتى . ئاددى رېتسىپلار ئارقىلىق كېسەل داۋالايتتى .
        1984-يىلى تۇردى ھاجىنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ئوغلى ئابدۇغۇپۇر ھاجىم 120ياشتىن ھالقىغان مۇبارەك دادىسى تۇردى ھاجىمنى ئېلىپ مەككە مەدىنەمگە قاراپ يول ئالدى.ئۇلار ھەج تاۋاپ پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەككىدە نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىتتە تۇردى ھاجىمنىڭ 120ياشتىن ھالقىغاندىمۇ گۈس-گۈس دەسسەپ ماڭىدىغانلىقى،شۇنچە دىمىق بولغان مۇھىتتىمۇ دىمىنىڭ سىقىلمىغانلىقى مۆجىزە ھېساۋىدا تونۇشتۇرۇلدى.......سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنى چوڭقۇر ھەسرەتتە قالدۇردى.چۈنكى پادىشاھ ئالىيلىرى گېزىتتىن تۇردى ھاجىم توغرىسىدىكى ئاجايىپ خەۋەرنى كۆرۈپ،بۇ مۆھتىرەم ئۆمۈر چولپىنىنى ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ ئىسسىق قوللىرىنى سىقالمىغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغانىدى.كېيىنكى كۈنلەردە ئوردا مۆتىۋەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇردى ھاجىمنىڭ ھەج تاۋاپقا كەلگەنلىكىنى پادىشاھ ئالىيلىرىغا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىشمىغانلىقى ئۈچۈن پادىشاھدىن تەنبىھ ئاڭلىغانلىقلىرىنى خوتەندىن ھەج تاۋاپقا بارغانلارغا دەپ بېرىشتى.
       تۇردى ھاجى ئۆزىنىڭ 100يىلدىن كۆپرەك ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىشلىرىغا بېغىشلاپ ،ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئۇ ئۆزىنىڭ تىبابەتچىلىك ئىلمى ئەمەلىيىتى جەريانىدا ياراتقان مول تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن ، ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرى »دىگەن كىتابنى يېزىپ قالدۇرغان.
       نام شەرىپى،ياخشى ئەمەللىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىدىن خىلۋەت ماكان تەۋەككۇل بوستانلىقىدىكى ئاددى كىشىلەرگىچە ئۇلۇغلىنىپ كەلگەن بۇ مەشھۇر ھەكىم بىر ئەسىردىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈپ1987-يىلى 124يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
    (مەتسېلىم مەتقاسىمنىڭ «تۇردى ھاجى»)

    ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا




        ئەل فارابىنىڭ شاگىرتى ئىنسىكلوپىدىك ئالىم-ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا مىلادى 980-يىلى بۇرۇنقى سامانىلار سۇلالىسى(مىلاى875-999-يىللىرى)نىڭ پايتەختى بۇخارانىڭ يېنىدىكى بىر قىشلاقتا دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇللا ئەسلى بەلخلىق بولۇپ،بۇخاراغا كېلىپ ياشىغانىدى.ئۇ دۆلەتمەن ۋە مەدەنىيەتلىك كىشى بولۇپ،سامانىلار خانلىقىنىڭ كىچىك ئەمەلدارلىرىدىن ئىدى. مىلادى 999-يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسى سامانىلار سۇلالىسىنى ئۆزىگە قاراتقاندىن كېيىن،ئىبنى سىنا بۇخارا،ئورگەنج قاتارلىق جايلاردا ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.كېينىچە ئىراندىكى ئىسپاھان،ھەمەدان قاتارلىق جايلاردا تىبابەتچىلىك،فىزىكا،ماتېماتىكا ۋە پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «ئەلقانۇن»، «كىتابۇلشىفا»(شىپالىق كىتابى)، «دانىشنام»، «رىسالەفى ئەل موسقى غەيرمۇفى ئەل شىفا» (مۇزىكا توغرىسىدا«شىفا»دا بېرىلگەندىن باشقا رىسالە) قاتارلىق ئەسەرلىرى پۈتۈن شەرق ئەللىرى تىبابەتچىلىكى ۋە مۇزىكىچىلىقىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن،ئىبنى سىنا مىلادى 1037-يىلى ھەمەداندا ۋاپات بولغان.
       ئىبنى سىنانىڭ مۇزىكا ساھەسىدىكى تۆھپىسى مۇقاملارنىڭ «ئىسلام شەرق تىپى»،يەنى ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تارىخىي تىپىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
        ئىبنى سىنانىڭ مۇزىكىغا دائىر مۇلاھىزىلىرى«كىتابۇلشىفا»ئەسىرىگە ئالاھىدە بىر قىسىم كىرگۈزۈلگەن،ئۇنى جۇرجانى پارس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ،ئۇنىڭ«دانىشنامە»ناملىق ئەسىرىگە قوشۇپ ئېلان قىلغان.ئىبنى سىنا يەنە مۇزىكا ھەققىدە«كىتابۇننىجاد»ناملىق ئەسەر يازغان.بۇ ئەسەر 1931-يىلى ئەرەپ ئالىمى مەھمۇدئەل خەۋفنىڭ ئىبنى سىنانىڭ مۇزىكا نەزەرىيىسى ھەققىدە مەشھۇر كىتابى ئىچىدە نېمىس تىلىدا ئېلان قىلىنغان.
       فارابىنىڭ شاگىرتى،بۇخارادا غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىدىن بىۋاستە ئوزۇقلانغان مۇتەپەككۇر ئىبنى سىنا ئۆزىنىڭ يۇقۇرى ئەسەرلىرىدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئون ئىككى مۆچەل قارىشى،سۇجۇپ ۋەكىللىكىدىكى ئون ئىككى بۇرچلۇق مۇقەددەس قارىشىنى ئەنئەنىلىرى ۋە ئىلگىرىكى شەرق ناخشا-مۇزىكىلىرىدىكى ئون ئىككى تۈركۈملۈك(مۇقاملىق)كۈي شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۈيشۈناسلىقىدىكى مۇزىكىلىق ئاكۇستىكا،ئىنتېرۋال،رېتىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىلەرنى بەرگەن. ئىبنى سىنا ئوتتۇرىغا قويغان ئون ئىككى كۈي شەكلى مۇنداق:
    1.رەھاۋى          2.ھۈسەينى 3.راست             4.ھىجاز
    5.ئابۇچەشمە     6.بۇزرۇك
    7.ئىراق            8.ئىسپاھان
    9.ناۋا              10.ئوششاق
    11.زەنگۈلە      12.سەلىقە
      لېكىن بۇ ناملار ئەينى ۋاقىتتا يۈرۈشلەشكەن كۈيلەر سېكلىنى ئاڭلاتماستىن،كۈيلەرنىڭ ئاكوستىلىق ئورۇنلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىلغان.
       ئىبنى سىنانىڭ ئەنە شۇ مۇزىكا نەزەرىيىسى ئاساسىدا ئەزەربەيجاندا ياشىغان مۇزىكىشۇناس سەيفىددىن ئابدۇلموئىمىن ئىبنى يۈسۈف ئەل-ئۇرماۋى(مىلادى1216-1294-يىللار) «كىتاب ئەل-ئەدۋار»(دائىرىلەر توغرىسىدا كىتاب)دېگەن ئەسىرىدە كۈيلەرنىڭ ئون ئىككى «مۇقام»دېگەن ئاتالغۇنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان.
       دېمەك،ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا ئەل فارابىغا ئوخشاش،ئۇيغۇر«ئون ئىككى مۇقامى» ھەمدە شەرق خەلقلىرى مۇقاملىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېينكى تەرەققىياتى ۋە سىستېمىلىشىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ئالىمدۇر.
    (مۇقام پېشۋالىرى)

    مەۋلانە لۇتفى



    نەۋائىنىڭ ئۇستازى، مەشھۇر شائىر، مۇزىكىشۇناس مەۋلانە لۇتفىنىڭ تارىخىي شەخسىيىتى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات يوق.ئۇنىڭ شاگىرتى ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا،لۇتفى ھېرات يېنىدىكى بىر يېزىدا تۇغۇلۇپ،99يىل ئۆمۈر كۆرۈپ،شۇ جايدا ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم.19-ئەسىردە ئۆتكەن تارىخچى ۋە مۇزىكىشۇناس موللا ئىسمە تۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى ئۆزىنىڭ«تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە:«بۇ ئەزىز مۇشۇ موغۇلىستاندىن(ئەسلىدە شەرقتە قاراشەھەر،غەربتە ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە شەھىرىنىڭ غەربىي،شىمالىدا بالقاش كۆلى،جەنۇپتا قارا قۇرۇمغىچە بولغان ھەم شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭغار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ قاتارلىق رايونلار تارىختا<<موغۇلىستان>> دەپ ئاتىلىدۇ.)ئىدى. ئۇ ئالىملىقتا ھەزرىتى ئەبۇ نەسىر فارابىدەك،ھېكىملىقتا ھەزرىتى ئىبنى سىنادەك،شائىرلىقتا ھەزرىتى ئەمىرنىزامىدىن ئەلىشىر ناۋائىدەك،نەغمىچىلىكتە قىدىرخاندەك ئىدى.بۇ ئەزىز بىلمەيدىغان ئىلىم يوق ئىدى. زاماننىڭ ئەڭ كاتتا ئالىمى ئىدى.ئۇنىڭ قولىدا500دىن ئارتۇق ئالىم ۋە قارىي تەربىيىلىنىپ چىقتى. 200چە كىشى مۇزىكا ئىلمىدە كامالەت تېپىپ ماھارەت كۆرسەتتى. ئۇ 20دىن ئارتۇق كىتاپ يازدى»دەپ مەلۇمات بېرىدۇ.
         لۇتفىنىىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن «گۈل ۋە نەۋرۇز» ناملىق مەشھۇر لىرىك داستانى(1411-يىلى يېزىلغان،120باپ،2400 مىسرا) ۋە 280 غەزەل،ئىككى قەسىدە،ئون سەككىز قىتئەدىن تەركىپ تاپقان«دىۋان لۇغىتى»ناملىق شېئىر توپلىمى بار. يەنە ئۇنىڭ 15-ئەسىردىكى تارىخچى شەرىپىدىن ئەلى يەزىدىنىڭ «زەپەر نامە» ناملىق ئەسىرىنى پارسچىدىن تۈركچىگە(ئۇيغۇرچىغا) تەرجىمە قىلغانلىقى مەلۇم. يەكەن ھۆكۈمدارى تاجى مۇھەممەد بەگنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا لۇتفىنىڭ يەنە « مەئىنۇل ھاقايىق» («ھەقىقەتلەر شەرھى») ناملىق يەنە بىر داستانى بولۇپ،1892-يىلى «دەخلۇلجان ئەبىۋا بولجاھان» دېگەن نام بىلەن نەسىرگە ئايلاندۇرۇلۇپ شەرھىلەپ چىقىلغان.لېكىن بۇ داستان زامانىمىزغا يېتىپ كېلەلمىگەن. ئۇنىڭ يەنە «لۇتفى تۇيۇقلىرى» ناملىق بىر توپلىمى بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ قوليازمىسى ھازىر ئىستانبول ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.............
       لۇتفى ھىجىرىيە 878-يىلى(مىلادى 1465-يىلى) 99 يېشىدا ۋاپات بولغان.
    (مۇقام پېشۋالىرى)

    ئابدۇللا داموللام




        تېۋىپ - ھۆكىما ئابدۇللا داموللام 1888-يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزا ،ئوتۇن كەنتى <<مىڭ بېشى>> مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق تېۋىپ - ھۆكىما راشىدىن ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . يەتتە يېشىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان . 10 ياشقىچە ئۆزيۇرتىدا ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغان . 1898-يىلى خوتەنگە كېلىپ ، شەھەر ئىچىدىكى <<شېھىت باغ >> مەدرىسىدە ئوقۇغان . 1912-يىلى بۇ مەدرىسنى پۈتتۈرۈپ ، قەشقەرگە بېرىپ ، قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان . 1916-يىلى قەشقەرگە خانلىق مەدرىسنى پۈتتۈرۈپ ، چەتئەلگە چىقىپ ، ئىلگىرى - كىيىن راۋۇلپىندى ، كاراچى ، دېھلى ، بومباي قاتارلىق جايلاردا تۇرۇپدىنىي بىلىم ئالغان . كېيىن بومبايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەركەنلىك باۋۇدۇن باينىڭ تونۇشتۇرىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەرئايدا ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە تۇرمۇش ياردەمپۇلى بېرىشى بىلەن ۋەتەنداش ساۋاقدىشى ھەسەن مۆۋلىۋى بىلەن بىرگە بومباينىڭ <<لاكىنو>> دىگەنيېرىدىكى <<لاكىنو تېبابەت شۆيۈەنى>>دە ئوقۇغان . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنە ۋەتەنداش باھاۋۇدۇن باينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە يوللۇقى بىلەن چەت ئەلدىكى 14 يىللىق ئوقۇشىنى تۈگىتىپ نۇرغۇنكىتاپ ، قول يازما ، ئوقۇشلۇق ، دورا دارمانلارنى ئېلىپ ساۋاقدىشى مۆۋلىۋى بىلەن بىرگە ھەجدىن يانغان كارۋانلارغا قوشۇلۇپقايتىپ كېلىپ ، شەھەر ئىچىدىكى <<شېھىت باغ>> مەدرىسىگە مۇدەررسلىك قىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىز باسارلىرىنى ئوقۇتۇپتەربىيلەش ئىشلىرىنى قىلغان . ساۋاقدىشى ھەسەنمۆۋلىۋىمۇ باشقا مەكتەپتىمۇ دەرسلىك قىلغاچ تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان . 1956-يىلىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ، خوتەنناھىيىلىك ئۇيغۇر تېبابەت بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيىدە كېسەل كۆرگەچ تېبابەتچىلىك ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان . ئابدۇللا داموللامتىبابەتچىلىك ئىلمى بويىچە ئەينى چاغدا چەت ئەلگە چىقىپ ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس ، تەربىيىسىنى ئالغان ئۈچنەپەر ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكئىشلىرىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بىرى (يەنە باشقا ئىككى نەپىرىدىن بىرىنجىسى ھەسەن مۆۋلىۋى ، ئىككىنجىسى ئابدۇكېرىمھاجىم)بولۇپ ، مەخسۇس ئوقۇپ سىستىمىلىقئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى كۆرگەن . ئەرەب ، پارس ، ئوردو ، ھىندى ، تۈرك تىللىرىنى پىششىق ئىگەللىگەن بىلىملىك يېتىلگەن ھۆكىمابولۇپ ئەرەب ، پارىس ، ئوردو تىللىرىدىكى مىزان تىپ ، تېببى ئەكبەر قاتارلىق نۇرغۇن كىتابلارنى تەرجىمەقىلىپ ، دەرس ئۆتۈپ ، ئېلى ھاجىم ، ئابدۇۋايىت ھاجىم ، ئابدۇكىرىم ھاجىم ، مەتتۇرسۇن ھاجىم ، ھېبىبۇللا ھاجىم ، مەتتوختى ھاجىم ،تۇرسۇن خەلىپەم قاتارلىق تېبابەتچىلىك مۇتەخخەسسىسلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان . ئابدۇللا داموللام ئەلئارىسىدا ناھايىتى چوڭ ھۆرمەت كۆرگەن . قەشقەردە ئوقۇغىنى ئۈچۈن ، <<داموللا>>، ھېندىستاندا ئوقۇغىنى ئۈچۈن <<مەۋلىۋى>> دەپ ئاتالغان بولۇپ ، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ ئەڭ چوڭ تېبابەت پىشىۋاسىئىدى . ئابدۇللا داموللام تەربىيلەپچىققان يۇقىرى تېبابەتچىلىىك مۇتەخخەسىسلىرنىڭ كۆپى ھازىر ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مۇدىر ۋىراچبولۇپ ، ئۇيغۇر تېبابىتى ئۈچۈن ناھايىتىكۆپ تۆھپە قوشقان تۆھپىكارلاردۇر.
       ئابدۇللا داموللام 1975-يىلى 9-.ئايدا 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . ئۇ ئالەمدىنئۆتكەندە ، سەھىيە نازارىتى ئالاھىدە تەزىيە تېلىگىراممىسى يوللاپ ، ئائىلىسىدىن ھال سوراش بىلەنبىرگە ، بۇ تېبابەت مۇتەخەسسىسنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرگەن.
    (ئۈستۈنئاتۇش مائارىپ تورى)
    [ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]
    yol
    دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
    UIDنومۇرى: 1785
    جەۋھەر يازمىسى: 2
    يوللىغان يازمىسى: 117
    شۆھرىتى: 324 نومۇر
    پۇلى: 1150 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-12
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
    2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 45كۈن بۇرۇن
         ئابدۇقادىر داموللا

    ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر، مۇتەپەككۇر ئالىم، پەيلاسوپ، شائىر، ئىسلاھاتقا يول باشلىغۇچى ئۇستاز سەركەردە ئابدۇقادىر داموللا بىننىي ئابدۇۋارىس قەشقەرىي ئارتىش(ئاتۇش) مەشھەد يېزىسىدا ھىجىرىيە 1279(مىلادىيە1862-يىلى)-يىلى ئابدۇۋارىس ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.مەرھۇمنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئۆز يېزىسىدا ئۆتكەن.ئىپتىدائىي ئوقۇشنى ئۆز يېرىدە ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن،ئون بەش يېشىدا قەشقەرگە كېلىپ،شەيخۇل ئۆلىما موللا ئىسلام داموللامدا ئوتتۇرا ۋە ئالىي ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن،بۇخاراغا بېرىپ،ئىلمى ئەرەبىييە ۋە ئەدەپ پارسىييەدە ئالىي دەرىجىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ،ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ يېتىشكەن.ئاندىن قەشقەرگە قايتىپ مۇدەررەسلىك قىلغان.بۇ مەزگىلدە داموللام مەدرىسلەردىكى ئۇسۇلى تەلىمدە ئىسلاھات يۈرگۈزۈش،خەلققە مەرىپەت بېرىشنى پائال تەشەببۇس قىلغانلىقتىن،بەزەن ئىشان ۋە موللىلار<<ئۇسۇلى جەدىت ھارام،ئۇنى ئوقۇغۇچى دەھرىي>> دىگەن پىتنىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ،داموللامغا قارشى تۇرۇپ، سۈيىقەست قىلماقچى بولغان.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا داموللام ھىجرەت قىلىپ،بۇخارا،تاشكەنت تەرەپكە كەتكەن.ئۇ يەردىكى ئۆلىما-ئەشرەپلەر،داموللا-مۇدەررىسلەر ئابدۇقادىر داموللامغا كاتتا ئېتىبار كۆرسىتىپ،ئۆلىما-ئالىملار قاتارىدىن ئورۇن بەرگەن ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسەتكەن.داموللامنىڭ بۇ سەپىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ، «ئەقايىدى زەرۈرىييە» («زۆرۈر ئەقىدىلەر»)،«ئىبادەتۇل_ئىسلامىييە» («ئىسلام ئىبادەتلىرى»)، «ئىلمى تەجۋىد»(«قىرائەت ئىلمى»)، «سەرف،نەھۋى»(«مورفولىگىيە،سىنتاكسىس») ، «مىفتاھۇل_ئەدەپ»(«ئەدەبىيات ئاچقۇچى»)، «تەئلىمى سەبىييان» («گۆدەكلەرگە تەلىم» ، «نەسايىھۇل_ئەتفال»( «ياش-ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت»)، «ئىلمى ھېساپ» ، «مۇتالىئە ھىدايەت»قاتارلىق كىتاپلارنى يېزىپ،تاشكەنت قازان مەتبەئەلىرىدە باستۇرۇپ تارقاتقان.
       داموللامنىڭ ئەرەپ تىلىدا يازغان «جاۋاھىرول-ئىيقان»(«يېقىنلىق جەۋھەرلىرى») دېگەن مەشھۇر شېئىرىي ئەسىرى مىسىر ئەزھەر دارىلفۇنۇنى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.
       داموللام ھىجىرىيە 1343-يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ (مىلادىيە1924-يىلى8-ئاي)14-كۈنى مۇناپىقلارنىڭ سۈيىقەستى بىلەن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى.
       (ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە )

    ئۆمەرجان يۈسۈپ

         ئۆمەرجان يۈسۈپ ئەينى يىللاردا غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ بىرى ، شۇنداقلا ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى.ئۇ 1893-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان.ئوقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن يېڭىچە مەكتەپلەردە ئوقۇپ بىلىم ئالغان. كېيىنچە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1928-يىلى توغرا كۆۋرۈكتىن ئۈچ دەرۋازىغا كۆچۈپ چىققان. شۇندىن ئېتىبارەن << ئۈمىد مەكتەپ >> ئاتىلار كومىتېتىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى بولغان ۋە مەكتەپنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان.1929-يىلى ئۆز ئىقتىسادى بىلەن ھازىرقى 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئورنىغا تۆت سىنىپ سېلىپ ئۈچ دەرۋازا مەكتەپنىڭ شۆبە مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن. ئەينى يىللاردا قۇدۇق قېزىش، كۆۋرۈك ياساش، تاشيول ياساش قاتارلىق جەمىيەت پاراۋانلىقىغا دائىر ئىشلارنى تەشكىللەش، ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى بىجانىدىل ئىشلەپ ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان . ئۇ يەنە ئۇ- قا -ق (ئۇيغۇر ،قازاق ،قىرغىز) كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ يۈكسىلىشىگە كۈچ چىقارغان .
        1949-يىلى دادامتۇدىكى 50 مولۇق باغ يېرىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەش لاگىرى قىلىشىغا ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن .
        ئۇ 1959-يىلى غۇلجا شەھەرلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئوبلاستلىق، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسى مەسلىھەت كېڭەشلىرىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .1967 -يىلى ۋاپات بولغان.

    ئېلىخان ھەزرىتىم

       ئېلىخان ھەزرىتىم مۇدىر ۋىراچ . 1887-يىلى لوپ ناھىيىسىنىڭ يورۇڭقاش بازىرىدا تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1897-يىلىدىن 1912-يىلىغىچە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان ، چوڭ بولغاندن كېيىن ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ ، دادىسى سېيىت ئەخمەتخانغا شاگىرىت بولۇپ ،تېبابەتچىلىك بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن ۋە تېبابەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان . بۇ مەزگىلدە خاسلا ئۇيغۇر تېلى -يېزىقى بىلەن بولۇشنىڭ چەكلىك  بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ، ئوردو ، پارىس ، ئەرەب ، تۈرك تىللىرىنى ۋە يېزىقلىرىنى ئۆگەنگەن . كېيىن پاكىستانغا بېرىپ 1942-يىلىغىچە موللا ئابدۇلھەي ساھابىدىندىن مەخسۇس تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگىنىپ ۋە قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ تېبابەتچىلىك جەھەتتىكى نەزىرىيىۋى بىلىم ۋە ئەمەلىي داۋالاش تېخنىكىسنى مۇكەممەللەشتۈرگەن . 1942-يىلى پاكىستاندىن قايتىپ كېلىپ ، 1958-يىلىغىچە ئوز ئالدىغا داۋالاش ، ئىز باسار يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . نۇرغۇن ۋاقتىنى چىقىرىپ كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كېسەل داۋالاپ ، خەلق ئاممسىنىڭ ھۆرمىتىگە ، پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىغا ئېرىشكەن . 1954-يىلى خوتەن ۋىلايىتىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرىنىڭ غەرب تېبابەتچىلىكىنى ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتنىشىپ ، غەربچە داۋالاش ئىلمىنىمۇ مەخسۇس ئۆگەنگەن .  
        1956-سوتسىيالىستىك ئۆزگىرىش داۋامىدا ، ئېلىخان ھەزرىتىم لوپ ناھىيىسىنىڭ يورۇڭقاش بازىرىدىكى يەككە تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان تۆت نەپەر كىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇيغۇر تېبابەت بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيىسى قۇرۇپ ، نۇرغۇن كېسەللەرنى قوبۇل قىلىپ ، ياتاقتا ياتقۇزۇپ داۋالاپ ، پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن . ئېلىخان ھەزرىتىم 2 يىل مۇشۇ شىپاخانىنىڭ مەسئۇلى ۋە باش تېۋىپى بولۇپ ئىشلىگەن . <
       1976-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىنىڭ باش تېۋىپى قىلىپ يۆتكىگەن ۋاقتىدا ، تەشكىلنىڭ بۇ قارارىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ، شىپاخانىدىكى پىشقەدەم تېۋىپلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ ، كەسپىي قابىلىيىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگەن .
       پارتىيە 11-نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي قۇرۇلتاي يىغىنىدىن كېيىن ئېلىخان باشقىدىن روھلىنىپ ، تېخمۇ تىرىشىپ ياخشى ئىشلىگەن . 1983-يىلى ئۇيغۇر تېبابەت بويىچەمۇدىر ۋىراچلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن . 1983-يىلى مەملىكەت بويىچە ئىلغار تېببىي خادىم بولۇپ سايلانغان ، سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان . ئاپتونۇم رايون ھەم ۋىلايەتنىڭ ئىلغار ئىشچىسى بولۇپ باھالىنىپ ، سەككىز قېتىم سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈشكە ۋە ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلىنىشقا ئېرىشكەن .  پارتىيە - ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ ، بىيجىڭ ،شاڭخەي، تيەنجىن قاتارلىق توققۇز ئۆلكە -شەھەرلەردە ئۆگىنىش ، ئېكىسكۇرسىيە ھەم تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان ھەمدە چوڭ يىغىنلاردا تەجرىبە تونۇشتۇرغان . ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سائەت 2-3 كىچە ئۇخلىماي كىتاب كۆرۈش ، ئىلمىي ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان . <<ئۇيغۇر تېبابەت ئاناتومىيىسى>> ئالدىمىزدىن ئۆتكەن تەكرار كېسەللىك دورىسى << تېبابەتچىلىك نەزىرىيىۋى ئاساسىي>> قاتارلىق تىببىي ئەسەرلەرنى يازغان.
    1981- يىلى ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى << شىنجاڭ گېزىتى>>دە ، تونۇشتۇرۇلغان.
    (يولباش تور بېكىتى)

    موللا بىلال نازىمى

         شائىر بىلال نازىمنىڭ تولۇق ئىسمى ___موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ، ئۇ تەخمىنەن 1825-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە نامرات موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 10~11 ياشلارغا كىرگەندە دادىسىدىن يىتىم قالغان ۋە ئاكىسى جالالىدىننىڭ تەربىيىسىدە بولغان ،مەدرىسىدە ئوقۇغان. موللا بىلال قورغاس«ئالتۇنلۇقۇم» يەنى تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى يېنىدىكى «بەيتۇللا» مەدرىسىدە 11 يىل ئوقۇغان. ئەرەب، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن، شەرق ئەدەبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىي مىراسلىرىمىز بىلەن پىششىق تونۇشقان، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىكى ئېسىل ئەسەرلەرنى توپلىغان. ئۇ 20 ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ ،ئاكىسى بىلەن تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇنداق بولسىمۇ بىلال نازىم قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان . ئۇنىڭ نامى ئەل ئارىسىدا تاراشقا باشلاپ، كىشىلەر ئۇنى <<موللا بىلال>> دەپ ھۆرمەتلەشكەن. ئۇ 27 ياشقا كىرگەندە ئۆزىنىڭ ھايات، مۇھەببەت، دوستلۇق ھاققىدە يازغان غەزەللىرىنى دىۋان قىلىپ تۈپلەپ،«نازىم » دېگەن تەخەللۇس بىلەن يېشىل تاۋار جىلتىغا ئوراپ سۆيگەن قىزى رەناخان ئاپپاققا تەقدىم قىلغان.
      مەرىپەتپەرۋەر زات ئابدۇمۇتالى خەلپەم شائىر موللا بىلالغا  «تەرجىمەئى بىلال شائىر مەشھۇر»نامى بىلەن تەرجىمىھال يېزىپ چىققان. مانا شۇ تەرجىمىھالدا «غەزەلىيات» ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن : «فەقىر ۋە فەقە كۈنلەردە بىر ساھىپجامال مەھۋەش، پەرى پەيكارغا ئاشىق بىقارار، ئىشىق مەجازىغا گىرىپتار بولۇپ، ئىشىق مۇھەببىتى قايناپ، ئىشىق ئوتى دىلىنى بىقارار قىلغانلىقتىن ئېيتقانىكەن.» ئەمما، موللا بىلال بۇ ساھىپجامالنىڭ ۋەسلىگە نائىل بولالمايدۇ. موللا بىلالنى گاداي كۆرگەن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ ئامرىقىنى ، قىز رايىغا باقماي باشقا بىرىگە مەجبۇرىي ياتلىق قىلىۋېتىدۇ. ئىشىق ئوتىدا ھېسابسىز ئازابلىنىپ، ئۆرتىنىپ يانغان موللا بىلال ئامرىقىغا بېغىشلاپ ھەر كۈنى بەيتۇللا مەدرىسنىڭ پەشتىقىغا چىقىپ نەزم ئوقۇيدۇ.  
        مۇئەللىپ غەزەللىرىدە ئۆزى ئاشىق بولغان ساھىپجامالنىڭ كىملىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن. كېيىنكى مەلۇماتلاردا بۇ قىزنىڭ ئىسمى  « غۇنچەم»،  «ھەجەر ئاپپاق»، «جانارخان ئاپپاق»، «رەناخان ئاپپاق» دېگەن نام بىلەن ھەر خىل ئاتالدى. تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇ «ھۆسن ئىقلىمىدا گويا بارچە قىزلار سەرۋەرى» نىڭ ئەسلى ئىسمى رەناخان ئاپپاق بولۇپ، موللا بىلال يازغان نەزملىرىنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە رەتلەپ، تۈپلەپ، بىر يېشىل تاۋار جىلتىغا سېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە تەقدىم قىلغان.
         «غەزەليات» نىڭ بۇ قوليازمىسىنى ئەينى ۋاقىتتىكى مۇدەررىس ئارۇپ داموللامغا ياتلىق قىلىنغان رەناخان ئاپپاق  موللا بىلال بىلەن بولغان ياشلىق دەۋرىدىكى مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى دەپ بىلىپ قەدىرلەپ ، خاس ساندۇقىدا ساقلىغان . ئەينى ۋاقىتتا قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى بۇ ئىشنى ئەلدىن پىنھان تۇتقان ، ھەتتا قىزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەسەر رەناخان ئاپپاق ئائىلىسىدە 1935- يىلىغىچە ساقلانغان. رەناخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قوليازما ئۇنىڭ ئوغلى ھاشىر مەخدۇمغا قالغان.  1935- يىلىنىڭ ئاخىرى ھاشىر مەخدۇم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، ھاشىرنىڭ ئوغلى ئابدۇمىجىت قارىيغا قالغان. 1940- يىلى ئابدۇمىجىت قارىي قوليازمىنى ئېلىپ غۇلجا دىيارىدىن كەتكەن. موللا بىلالنىڭ قاچان، كىم بىلەن توي قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق، شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمىزكى، ئۇ توي قىلىپ بىر قىز، ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ئايۇپ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى قاسىم، قىزىنىڭ ئىسمى ئايشەم ئىكەن. موللا بىلالنىڭ نەۋرىسى مەھەممەتجان بىلالنىڭ ئالمۇتىدا چىقىدىغان « كومۇنىزىم تۇغى»گېزىتىنىڭ 1975- يىلى 26- ئىيۇندىكى سانىغا  بېسىلغان «بوۋام توغرىسىدا» ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق دىيىلگەن:  
        «چوڭ دادام ئايۇپنىڭ ئابابەكرى، رابىيەم، شەرۋانەم ئاتلىق ئوغۇل -قىزلىرى بولغان . چوڭ ئاپىمىز ئايشەمنىڭ ھۆرنىساخان دېگەن بىرلا قىزى بولغان . بوۋامنىڭ كىچىك ئوغلى قاسىم مېنىڭ دادام بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆمەرجان، غوجائەخمەت، مەھەممەتجان دېگەن ئوغۇللىرى، ئۈمگۈلسۈم، تۇراخان دېگەن قىزلىرى بولغان. بىزنىڭ ئائىلىدىكى مەندىن باشقىلىرى غۇلجا شەھرىدە ۋاپات بولۇشتى.»
    تۆھپىكار ئەرنىڭ كەينىدە مەدەتكار ئايالنىڭ بولۇشى تەبىئى . بىراق، ھازىرغا قەدەر يېزىلغان مەنبەلەردە موللا بىلالنىڭ ئانىسى ۋە ئايالىنىڭ ئىسمى پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان. شائىر بىلەن زامانداش تەتقىقاتچى ، ئەدىپلىرىمىز بۇ نۇقتىغا زادىلا كۆڭۈل بۆلمىگەن، بۇ ھال كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
      تەتقىقاتچىمىز ساۋۇت موللا ئاۋۇدوفنىڭ موللا بىلال توغرىلىق يازغان كىتابىدىكى ئىشەنچلىك دەلىللەرگە قارىغاندا، 1959- يىلى ئالمۇتىنىڭ چېلەك رايونىدا كونا كىتابلار ۋە قوليازمىلار تېپىلغان، شۇ قوليازمىلارنىڭ بىرىدە بىر ئايەتنىڭ تۆۋىنىگە يېزىلغان مەلۇماتتا، موللا بىلالنىڭ چوڭ ئوغلى ئايۇپ ئاخۇننىڭ 1860- يىلى (ھىجىرىيە 1277- يىلى )تۇغۇلغانلىقى مەلۇم. ئېچىنىشلىق ئېغىر تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تونۇرلاردا يېتىشقا مەجبۇر بولغان موللا بىلال تەخمىنەن 1859- يىلى 34 يېشىدا توي قىلغان بولۇشى مۇمكىن.  
         بىلال نازىم 1864- يىلى پارتلىغان ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان. شۇ يىللاردا  «نازۇگۇم»،  «غازات دەر مۈلكى چىن »، «چاڭموزا يۈسۈپخان»قاتارلىق نادىر داستانلارنى يېزىپ چىققان. 1895- يىلىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق <<كۆچ -كۆچ>> تە يەتتە سۇ ۋادىسىدىكى ياركەنت دېگەن جايغا كۆچۈپ كەتكەن، شۇ جايدا 1900- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
         شائىرنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى توغرىسىدا ھازىر ئۈچ خىل قاراش بار. بەزىلەر 1899- يىلى  دېسە، يەنە بەزىلەر  1902- يىلى دەپ قارىدى. يېقىندا يەنە 1900- يىلى دەپ توغرىلاندى. شائىر بىلەن زامانداش بولغان تەتقىقاتچى ھەم ئۇنىڭ تۇغقىنى ۋە شاگىرتى ئابدۇمۇتالى خەلپەم (1867--1960) ۋە بىلالشۇناس ئالىم ساۋۇت موللا ئاۋۇدوفنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا ، بىلال نازىم ھىجىرىيە ھېسابىغا 1318- يىلى 77 يېشىدا، مىلادىيە ھېسابىغا 1900- يىلى 75 يېشىدا ياركەنتتە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ شۇ جايدا ساقلانماقتا.
         1993- يىلى موللا بىلالنىڭ قەبرىسى ئالدىغا ئۇنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلدى، ھەيكەل ئورنىتىلغان باغچىنىڭ يېنىدىكى مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى كوچا ئۇنىڭ شەرەپلىك نامى بىلەن ئاتالدى. ھازىر بۇ يەر ئىلىم- مەرىپەت ئەھلىنىڭ مەشھۇر زىيارەتگاھى بولۇپ كەلمەكتە.
    (ئابدۇرىشىت ھېلىمھاجى)



        شائىر مۇھەممەدبىننى ئابدۇللا خاراباتى ( مىلادىيە 1638 - 1730 ) ئاقسۇ ناھىيىسى ، ئېگەرچى يېزىسى چوغتال كەنتىدىن بولۇپ ، يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرى ، خوجىلار زامانىسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدا ياشىغان .
       مۇھەممەدنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى داۋاملىق ئوقۇتۇشقا كۆپ كۈچ چىقارغان . ئۇ ئاقسۇ ، قەشقەر ، بۇخارا قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە ئالىي دەرىجىلىك مەكتەپ - مەدرىسلەردە بىلىم تەھسىل قىلىپ ، ئۇيغۇر ، جۈملىدىن شەرق مۇسۇلمان ئەللىرى ئەدەبىياتى ، پەلسەپە ، مەنتىق ، فىقھى قاتارلىق ئىلىملەرنى پۇختا ئۆزلەشتۈرگەن . ئۆز يۇرتىغا كەلگەندىن كېيىن ئىماملىق ۋە مۇددەرىسلىك بىلەن شۇغۇللانغان .
      مۇھەممەدنىڭ ئىجادىي تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى بۇخارادا ئوقۇپ تۇرغان چاغلىرىدا سېزىلىشكە باشلىغان . ئۇ ، ئۇ يەردە فىقھى ، ئىسلام پەلسەپىسىگە دائىر يىرىك مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ ، مەكتەپداش تالىپلار ۋە مۇددەرىسلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان . ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، بىر تەرەپتىن دىنىي ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلمىي - ئىجادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئۇنىڭدىن ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت ، تولغان ئەقىل - پاراسەت يۇرتداشلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ . ئىناۋىتى يۇقۇرلاپ ، كىشىلەرگە چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىخلاس قىلىدىغان مۆتىۋەر زاتقا ئايلىنىدۇ . دانىشمەن ئالىم سۈپىتىدە ئىززەتلىنىدۇ . ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئالىمنى ئالاھىدە ئۇلۇغلاپ << ھاجى خاراباتى>> مەقبەرىسى ۋە خانىقاسىنى تىكلەيدۇ . ئالىمنىڭ خانىقاسى ئۆلىما - تالىپلار ، ئىلىمخۇمار كىشىلەر توپلىنىپ مۇنازىرە ، مۇتالىئە ئېلىپ بارىدىغان ، ئىلمىي ئۇتۇقلىرىنى كۆرەك قىلىدىغان بىر ئىلىم دەرگاھىغا ئايلىنىدۇ .
       مۇھەممەد << خاراباتى>> تەخەللۇسى بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان . ئۇنىڭ شېئىرلىرى «كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى»، «مەسنەۋى خاراباتى» نامىدا توپلام قىلىنغان . ئالدىنقىسى 13 مىڭ مىسرا ھەجمىدە بولۇپ ، شائىر 88 ياشقا تولغاندا توپلام قىلىنغان . تۆۋەندە بىز « كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» نىڭ مەزمۇنلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى :  
       «كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» نىڭ مەزمۇنى
      «كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» رېئالىزىملىق ۋە خەلقچىللىق روھقا باي ئەسەر ، رېئالىزىمچى شائىر خاراباتى ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان جاسارەت بىلەن ئۇ جەمىيەتنىڭ رەزىل قىياپىتىنى تۆۋەندىكى قۇرلاردا مۇنداق سۈرەتلەپ بەرگەن :
    ئەي بۇرادەر بۇ جاھان زىندان ساڭا ،
    بولماغىل زىنھارى شاد خەندان ساڭا .
    خاھ غەنىيۇ ، خاھگادايۇ شاھ ھەممە ،
    خاھ شەيخۇ ، ئىاھ سوفىيۇ ، موللا ھەممە .
    خاھى قازى ، مۇفتى ، خاھى مۇھتەسىپ ،
    ئىستەمىس ھەرگىز ھالالدىن نەسىپ .
    بىر - بىرلىرىنى ھەممە قەسىدەدۇر ،
    تىغ زەھەر ئالۇد دەستىدەدۇر .
    تۈن - كۈن ئوغلى ئاتاغە مۇددەئىي ،
    ھەم قىساس دوختەر ئاتاغە مۇددەئىي .
    ھېچكىم قورقماس كىشى ھەققىدىن ،
    يادىغا كەلمەيدۇ ھەقنى قەھرىدىن .
    كىم بىرادەر ھەققىدىن يەردا ئىچەر ،
    ئول كىشىنىڭ كۆڭلىدىن گۆھەر كۆچەر .
    ھېچكىم يوقدۇركى غەيباتدىن يىراق ،
    ھەم بىراۋ شىركۇ ئاداۋەتتىن يىراق .
    ھېچكىمدە يوق دۇرۇر بىر پاكى ھەلق ،
    بارچەنى ئالۇدەدۇر ناپاكى ھەلق .
    ھېچكىمدە يوق دۇرۇر شەرمۇ ھايا ،
    ھېچكىم بولمەس بىر - بىرىدىن رىزا .
    ھېچكىمدە يوق دۇرۇر شەرمى ھايا ،
    بىر - بىرلەرىغە قىلۇر جەۋرۇ جاپا .
    خالى ئەرمەس ھېچكىم ۋەسۋاسىدىن ،
    پاك ئەرمەس كۆولى ھەم ئىەنناسىدىن .
    كىمدۇر بۇ ئالەم ئارا دىۋسىز كىشى ،
    ھەرنە مەشغۇلاتى ئول دىۋنى ئىشى .
    بۇ زامان قاچماس ھارامدىن ھېچكىم ،
    ئادىمىغە بۇ دۇرۇر ئەيىب ئەزم .

         <<مەسنەۋى خاراباتى >> قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ، 1986 - يىل نەشرى ، ئۇيغۇرچە ، 245 - 247 - بەت )

    خاراباتى رەزىلىككە تولغان جەمىيەت ئۈستىدىن مۇنداق يازىدۇ :

    سېنىڭ ئەمرىڭ قويۇپ بولدۇم تىبەكار،
    تىلىم ئىسيان بولدۇم گۇنەكار .
    ئەگەرچە مەندە بولسا كوھى ئىسيان ،
    ساڭا بولماس ئېنىڭدىن زەررە نۇقسان .
    پادىشاھا تۈنۈ كۈن دەرماندەمەن ،
    فىسىق ئېلە ھەم جۈرمىلە ئىسياندەمەن .
    پادىشاھا مۈشكۈلۈم ئاسان ساڭا ،
    مەندە ئىسيان بولسە نۇقسان ساڭا .
    قىلماغاچ ئادەمنى شەيتاندىن جۇدا ،
    تۈنۈ كۈن بولمايدۇ ئىسياندىن جۇدا .
    دەپ يازىدۇ . ( «مەسنەۋى خاراباتى»دىن )
        
    شائىر ئىلىم - مەرىپەت توغرىسىدا يەنە مۇنداق يازىدۇ :

    بولمىسا ھەركىمدە ئىلمۇ - مەئرەفەت ،
    قويسا ھەر سارى قەدەم بولغاي غەلەت .
    ئېيتاي ئەي تالىپ ساڭا چەندان سۇخەن ،
    مەئىرەفەتسىز جىسىمدۇر جانسىز بەدەن .
    كىمدە بولسا مەئىرەفەت ئىنسان تۇرۇر ،
    بارچە مۈشكۈللەر ئاڭا ئاسان تۇرۇر .
    تاپمىغى ھەركىم ئۇنى ئاسان ئېمەس ،
    ئىچمىسە ھەركىم ئۇنى ئىنسان ئېمەس .
    ھېچ لەززەت ئىلىمدىن خۇشتەر ئېمەس ،
    ئىلىمسىزلەرنى خەلق ئارا بىھتەر ئېمەس .
    ئىلىم بىرلە سەير ئېتەر ئەرشۇ - ئەلا ،
    ھەم فەلەك ھەم يەرۇ ھەم تەھتە سارا .
    ئەي قاياشىم ، ئىستە ئالىم سۆھبەتىن ،
    جانۇ - كۆڭلۈڭ بىرلە قىلغىل خىزمەتىن .
    ھەر دىيارنىڭ چاراغى ئالىمى ،
    ھەر قارا تۈننىڭكى ماھى ئالىمى .
    ھەر دىيارنىڭكى باغى ئالىمى ،
    ھەر دىيارىنىڭكى شاھى ئالىمى .

      «كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» نىڭ قوليازما ۋە تاش باسما ھالەتتىكى بىر قانچە نۇسخىسى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، بۇلاردىن مىلادىيە 1822 - يىلى ئاقسۇلۇق كاتىپ موللا مۇھەممەد خوجا بىننى موللا توختى سوپى ئاخۇن تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۈپ ، ھازىر ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازما نۇسخىسىنى ، مىلادىيە 1909 - يىلى تاشكەنت ئارىپجانوپ مەتبەسىدە بېسىلىپ ، ھازىر شىنجاڭ ئونۋېرسېتىتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىنى يەنە تەخمىنەن مىلادىيە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاشكەنت <<غۇلامىيە>> مەتبەسىدە بېسىلىپ ، ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
    (ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى)
    [ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]
    yol
    دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
    UIDنومۇرى: 1785
    جەۋھەر يازمىسى: 2
    يوللىغان يازمىسى: 117
    شۆھرىتى: 324 نومۇر
    پۇلى: 1150 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-12
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
    3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 45كۈن بۇرۇن
    كۇماراجىۋا

         كۇماراجىۋا  مىلادى 344 – يىلى غەربىي يۇرتتىكى كۈسەن خانلىقىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى كۇماراتان ھىندىستانلىق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ھىندىستاننىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئىدى، ئانىسى جىۋا بولسا كۈسەن خانى ئاقارى پاكنىڭ سىڭلىسى ئىدى. مۇشۇنداق ئەۋزەل ئائىلىۋى مۇھىت ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان يىپەك يولىدىىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان كۈسەننىڭ قويۇق مەدەنىي مۇھىتى ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش  ئاساسىغا ئىگە قىلغان. كۇماراجىۋا توققۇز يېشىدا يەنى مىلادى 353 – يىلى ئانىسى جىۋا بىلەن شىمالىي ئەنەتكەك (شىمالىي ھىندىستان) كە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بارغان. بۇ يەردە ئاتاقلىق بۇددا ئۆلىماسى پانتۇدادۇدىن ھىنايانا بۇددىزمى بويىچە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق سىستېمىلىق تەلىم ئالغان. ئۇ يەنە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك بىلىملىرىنىمۇ ئۆگەنگەن. 13 يېىشدا كۈسەنگە قايتقان ھەم 39 يېشىغىچە كۈسەندە ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
         كۇماراجىۋا مىلادىيە 401 – يىلىدىن 413 – يىلىغىچە بولغان 12 يىلدا كېيىنكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ياۋ شىڭنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن، چاڭئەندە دۆلەت ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇددا نوم – ئەھكاملىرىنى تەرجىمە – تەپسىر قىلىش ۋە شاگىرت تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.
        كۇماراجىۋانىڭ زادى قانچە جىلىدلىق بۇددا نوم – سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار. زېڭ يۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 32 پارچە، 300 جىلىد، فېڭ چاڭفانىڭ كۆرسىتىشىچە 98 پارچە، 425 جىلىد بۇددا نوم – سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغان. 800 دىن كۆپرەك شاگىرت تەربىيىلىگەن. «ھەقىقىي ئالەم»، «كۇماراجىۋا تەلىم بايانلىرى»، «ھەقىقىي ھېكمەتكە بېرىلىش ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب»، «راھىب خۇي يۈەننىڭ 18 جەھەتلىك سوئالىغا جاۋاب» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرنىمۇ يازغان. كۇماراجىۋانىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى يەنىلا تەرجىمە ساھەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇ «ۋىمالا كىرتى سۇتراسى»، «ساددا ھاراما پوندانىكا سۇتراسى» قاتارلىق تالاي مەشھۇت بۇددا ئەھكاملىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەنلا قالماي، يەنە غەربىي يۇرتنىڭ كۆپلىگەن نادىر تىبابەتچىلىك رىسالىلىرىنىمۇ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان، بۇنىڭدىن كۇماراجىۋانىڭ  ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ساھەسىدىنمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ساھەگە ئىخلاس قىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
      كۇماراجىۋانىڭ ئانىسى جىۋا خانىم يالغۇز بۇددا ئىلىم ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋرنىڭ تىبابەتچىلىك ساھەسىدىمۇ مەشھۇر بولغان تىۋىب ئىدى، تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جىۋا خانىم «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەسەر ئىچكى بەش ئەزانىڭ نورمال خىزمىتى ۋە ئۇلارنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى، ھەر خىل دورىلارنىڭ نامى قاتارلىقلار تەپسىلىي يېزىلغان. بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخىدىكى يېزىلغان ۋاقتى بىرقەدەر بۇرۇن، مەزمۇنى خېلى مۇكەممەل بولغان تىبابەتچىلىك رىسالىسى دېيىشكە بولىدۇ.
         مىلادىيە 1902 -  ۋە 1903 – يىللىرى گېرمانىيە ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىدىن ۋون. لىكوك ۋە ئالبىرىت. گرونېېدىللار تۇرپاندا ئېلىپ بارغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» نى قېزىۋالغان. بۇ ئىككى كىتابتىن تۈپلەنگەن قېلىن بىر دەپتەردىن ئىبارەت بولۇپ، دەپتەرنىڭ ئوڭ تەرىپى «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن ئەسەر، تەتۈر تەرىپى «تىببىي رېتسىپلار جەۋھىرى» دېگەن ئەسەردىن تەشكىل تاپقان. «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىر توغرىىسىدا» دېگەن كىتاب كەڭلىكى 13.5 سانتىمېتىر ، ئۇزۇنلۇقى20 سانتىمېتىر چوڭلۇقىدىكى  كىتاب بولۇپ، كەمتۈكلىشىپ كەتكەچكە، قانچە بەت كېلىدىغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمىغان. ھازىر ئۇ گېرمانيىدە ساقلانماقتا.
         كۇماراجىۋا ئانىسى جىۋا يازغان «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق خاس ئەسەرنى مىلادىيە 383 – يىلى ئەتراپىدا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان.
         ئۇنىڭدىن باشقا كۇماراجىۋا يەنە «جىۋا كاپوستا»، 33 جىلدلىق «غەربىي دىيار تىۋىبلىرى ئېيتىپ بەرگەن مۇھىم رېتسىپلار»، ئۈچ جىلىدلىق  «غەربىي دىيار ئەۋلىيالىرىنىڭ مۇھىم رېتسىپلىرى»، تۆت جىلىدلىق «غەربىي دىياردىكى مەشھۇر تېۋىبلار توپلىغان مۇھىم رېتسىپلار»، تۆت جىلىدلىق «بۇتساتىۋا ناگار جۇنانىڭ دورا رېتسىپلىرى»،  ئىككى جىلدلىق «بۇتساتۋا ناگار جۇنانىڭ ئىسىرىقلاش ئۇسۇللىرى» ۋە 2600 جىلدلىق «ھەريەرلەردىن توپلانغان رېتسىپلار» قاتارلىق تىبابەت رىسالىلىرىنى تەرجىمە قىلغان.
        بۇلاردىن «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ۋە «جىۋا كاپوستا» دېگەن ئەسەرلەر دۇنخۇاڭدىكى مەخپىي نوم – پۈتۈكلەر ساقلانغان غاردايېقىنقى دەۋرلەرگىچە ساقلانغان. 19 – ئەسەرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرى تەرىپىدىن گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ھازىر گېرمانىيىنىڭ بۇرس ماگىستىرلار ئىنستىتۇتى بىلەن لوندوندىكى ھىندىستانغا ئائىت ماتېرىياللار كۇتۇپخانىسىدا  ساقلانماقتا.
        يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۇماراجىۋا غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نادىر تېبابەتچىلىك رىسالىلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىنىڭ تىبابەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىللە يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى گۈللەنگەن تېبابەتچىلىك تارىخىنى مۇھىم تارىخي پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتتى.
    (ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر)

    سۇلتان سەئىدخان

        سۇلتان سەئىدخان مەشھۇر يەركەن خانلىقىنىڭ(مىلادى 1514-1679-يىللار)قۇرغۇچىسى،ئاتاقلىق شائىر،ھەربىي ئالىم،داڭلىق مۇزىكانت ۋە مۇقامشۇناس.
       سەئىدخاننىڭ قاچان،قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە ماتېرىياللاردا ھەرخىل مەلۇمات بېرىلگەن.ھاجى ئەخمەتنىڭ«دېڭىز ئۈنچىلىرى»ناملىق كىتابىدا سەئىدخان 1495-يىلى تۇغۇلغان دېيىلسە، ئابدۇرېھىم سابىق تۈزگەن «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» دا مىلادى 1466-يىلى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەركىزى ئاقسۇدا تۇغۇلدى،دىيىشىدۇ؛ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان«غەربىي رايون مەدەنىيىتىدىكى مەشھۇر زاتلار»(خەنزۇچە)دېگەن كىتاپتا 1485-يىلى تۇغۇلغان دېيىلسە،ۋ.غوپۇر ، ئە.ھۈسەيىن تۈزگەن «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى»دا 1484-يىلى تۇغۇلغان، دېيىلىدۇ. بىزنىڭچە 1484-يىلى تۇغۇلدى، دېگەن مەلۇمات بىر قەدەر ئىشەنچلىك، چۈنكى كۆپلىگەن مەنبەلەردە يەركەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان يىلى مىلادى 1514-يىلى بولۇپ، سۇلتان سەئىدخان 30يېشىدا خانلىق تەختكە چىققانلىقى،20 يىل خانلىق تەختىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ،1533 -يىلى تىبەتنى بويسۇندۇرۇپ يەكەنگە قايتىش سەپىرىدە ئالى ئېگىزلىكىدە ئىس ئېلىپ كەتكەنلىك سەۋەبى بىلەن شۇ يىلنىڭ ئاخىرى يولدا ۋاپات بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ.
        سەئىدخاننىڭ دادىسى سۇلتان ئەھمەتخان نەسەپ جەھەتتىن چاغاتاي ئەۋلادىدىن مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇغۇلىستان خانى تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى بولۇپ،ئوقۇمۇشلۇق ھەربىي سەركەردە ئىدى.سەئىدخاننىڭ چوڭ دادىسى يۇنۇسخان بۈيۈك ئالىم،ئاسترونوم مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ ياردىمى بىلەن مەشھۇر ئالىم مەۋلانا ئەلى يەزدىگە شاگىرت بولغان،ئۇنىڭدا  12 يىل ئوقۇپ،ئۆز دەۋرىنىڭ بۈيۈك ئالىمى بولۇپ يېتىشكەن.سەئىدخاننىڭ دادىسى ئەھمەتخان يۇنۇسخاندىن بىۋاستە تەربىيە ئالغان ۋە ئوغلى سەئىدخاننى كىچىك چېغىدىن تارتىپلا ئىلىم-مەرىپەت سۈيى بىلەن يۇغۇرغان.سەئىدخان يەنە بىر نەۋرە تۇغقىنى،ھەربىي ئالىم ۋە شائىر ئوبۇلقاسىم بابۇر بىلەن بىر مەزگىل ھەمسۆھبەت بولۇپ،ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەب،پارس تىللىرىنى ناھايىتى پۇختا ئۈگەنگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ، 20 ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۆز دەۋرىنىڭ ئىقتىدارلىق ئالىمى بولۇپ تونۇلغان.
        سەئىدخاننىڭ بىۋاستە تەربىيىسى ئاستىدا يېتىشكەن تارىخشۇناس مىرزا ھەيدەر كوراگان «تارىخى رەشىدى» (زەيلى) ناملىق ئەسىرىدە سەئىخاننى مۇنداق تەرىپلىگەن: «سەئىدخان كۈچلۈك مەرىپەتپەرۋە مەدەنىيەت ئاشناسى ئىدى... ئۇنىڭ دەۋرىدە قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ھاۋاسى نۇرلاندى، سەئىدخان ئېسىل، نىجاتكار ۋە ئالىيجاناب كىشى ئىدى، تەكەللۇپنى ياخشى كۆرمەيتتى. بۇنىڭدىن باشقا، جەسۇرۋە جەڭگىۋار بولۇپ، سىپاگەرچىلىكتە قوماندان ئىدى.»، «سەئىدخان خەتتاتلىق، شېئىرىيەت، ھەلچىلىك، تامغىچىلىق، زەرگەرلىك، نەققاشچىلىق، مىمارچىلىق، سازچىلىق، ئوق ئۆتمەس تۆمۈر كىيىم ياساش، ئوق، قېلىچ، نەيزە ياساش، مېتال ئايرىش قاتارلىق ھۈنەر - سەنئەتلەردە ئۆز دەۋرىنىڭ ئىقتىدارلىق كامىلى ئىدى، سەنئەتنى قىزغىن سۆيەتتى، ئۇد، ساتار، تەمبۇر، چاھارتار (تۆت تار) غىجەكلەرنى ياخشى چالاتتى. تۈركچە، پارسچە بەھۇزۇر شېئىر يازالايتتى. قىسقىسى، ئۇ ھەم ئەلەم، ھەم قەلەم ساھەسىنىڭ ئىستىداتلىق ماھىرى ئىدى.»
        سۇلتان سەئىدخان يۇقىرىقىدەك سۈپەتلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسيا رايونلىرىدا ناھايىتى تېز شۆھرەت تاپقان ۋە كۆپ ھىمايىگە ئىگە بولغان. ئۇ «يەكەن خانلىقى» نىڭ خانى سۈپىتىدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىللىرىدە ئالدى بىلەن پارچىلىنىپ كەتكەن فېئودال بۆلۈنمە بەگلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، قەشقەرنى مەركەز قىلغان «يەكەن خەلقى» دائىرىسىدە (سەئىدخان دەۋرىدە شەرقتە قۇمۇلدىن غەربتە بەدەخشانغىچە بولغان رايونلارنىڭ ھەممىسى «يەكەن خانلىقى» غا قارايتتى) بىر قەدەر مۇقىم سىياسىي ۋەزىيەت تۇرغۇزغان، ھەرخىل ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئىسلاھاتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بولۇپمۇ ئۇ مەرىپەتنى قىزغىن سۆيگەچكە، ئۆز دەۋرىنىڭ بىلىم ئەھلىلىرىنى ئالاھىدە ئەتىۋارلىغان، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە باشقا پەنلەر بويىچە كۆپلىگەن شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن سەئىدخان دەۋرىدە قەشقەر ۋە يەكەن قايتىدىن جانلىنىپ، يەنە بىر قېتىم مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان.
      سەئىدخان گەرچە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى توپلاپ، رەتلەش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈشتەك دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي ئەھمىيەتلىك خىزمەتكە ئۆزى بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىمىغان بولسىمۇ، كۆڭلىگە ئاشۇنداق بىر يۈكسەك مۇددىئانى پۈكۈپ، بۇ ئىش ئۈچۈن ياخشى شەرت - شارائىت ھازىرلاشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئەينى چاغدا ئۇ قاراخانىيلار دەۋرىدە قۇرۇلغان مەشھۇر «ساجىيە مەدرىسى» ۋە يەكەندە قۇرغان «خانلىق مەدرىسى» لىرى ھەمدە يەكەندىكى ئوردا كۆل بويىغا قۇرغان «دىۋانخانا» (خانلىق كۈتۈپخانا) شۇ ۋاقىتلاردا سەئىدىيە خانلىقى تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە مەشھۇر بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ئىدى، بۇ ئىلىم يۇرتلىرىدا ئەرەب تىلى، پارس تىلى، ھېساب، تارىخ، مېدىتسىنا، ئاسترونومىيە، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەر قاتارلىق ئىلملاردىن تاشقىرى ئەدەبىيات، مۇسقى (مۇزىكاشۇناسلىق) قاتارلىق پەنلەر تەسس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ھەر قايسى جايلاردىكى مەشھۇر ئالىملار ئۇيۇشقاندى، سەئىدخان دەۋرىدىكى قەشقەر ۋە يەكەننىڭ بۇنداق گۈللەنگەن ۋەزىيىتىنى خۇددى ئەلشىر ناۋائى دەۋرىدىكى ھېراتنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشىتىش مۇمكىن.
         سەئىدخان يۇقىرىدا كۆرسەتكىنىمىزدەك تالانتلىق شائىر، مەشھۇر مۇسەننى ھەم موغەننى (مۇزىكانت ھەم مۇقامچى) بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىجادىيەتلىرى دەۋرىمىزگە تولۇق يېتىپ كېلەلمىگەن، پەقەت «تارىخى رەشىدى» دە ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە شېئىرلىرى ئۆرنەك قىلىنغان:

    قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەناسى بار،
    قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار.
    ھۈر بىرلە جەننەتۇل - مەئۋانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن،
    يارنىڭ كۈيىدە يۈزمىڭ جەننە تۇل مەئۋاسى بار.
    لەئىلدىن خەتتى بودۇر ھەر ھەم دەم تىرىكلىككە نىشان.
    خۇش نىشاندۇركى ئىكى قاشىدىن توغراسى بار.
    بىر سۇجۇك سۆز بىرلا ئۆلگەن جىسمىم بەردىڭ ھايات،
    لەئى جان بەخشىڭدە گوياكىم مەسىھ ئەنقاسى بار.
    يۈزى ئۆزرە كاكۇلۇ زولفىن پەرىشان كۆرگىلى،
    ئى سەئىد ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسى بار.

      سەئىدخاننىڭ بۇ شېئىرنى مۇقام ئاھاڭىغا سېلىپ ئېيتقانلىقى مەلۇم، بۇ يەردە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، سەئىدخان قۇرغان «يەكەن خانلىقى» دەۋرى «قاراخانيلار خانلىقى» دەۋرىدىن كېيىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۈللىنىش دەۋرى ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇ دەۋىردە تىل جەھەتتە ئەرەپ ۋە پارسلاشتۇرۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەنئەنىۋى ساپلىقى كۆرۈنەرلىك بۇزۇلۇشقا ئۇچراپ، شۇ دەۋىرنىڭ ئەدەبيات ۋە مۇزىكا تىلىدا ئەكىس ئەتكەن، بۇنداق ھالەتنى سەئىدخان دەۋرى مەدەنىيەتنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى دېيىش مۇمكىن. (مۇقام پېشۋالىرى)

    مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان

       مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان مىلادىيە 1499-يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا تەۋە تاشكەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، قەشقەر ھۆكۈمدارلىرىدىن ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئەۋلادى. 1495-يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن كوراگان سۇلتان مەھمۇدخاننىڭ پەرمانى بويىچە ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن، خوتۇنى خۇبنىگار خانىم بىلەن ئۆرەتۆپە (ھازىرقى تاشكەنت شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا)گە بارغان. 1508-يىلى مۇھەممەد ھۈسەيىن كوراگان شەيبانىخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھېراتتا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان ئانىسى خۇبنىگار خانىم بىلەن بۇخاراغا قېچىپ كەلگەن، لېكىن بۇ يەردىمۇ بىخەتەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەدەخشاندىكى قەلئەئى زەفەرگە كەتكەن، 1509-يىلى كابۇلغا _ بابۇرنىڭ ھوزۇرىغا بارغان؛  
       1512- ۋە 1513-يىللىرى ئەنجانغا _ سۇلتان سەئىدخاننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغان، 1514-يىلى سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى قەشقەرگە يۈرۈش قىلغان ھەمدە مىرزا ئابابەكرى ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن تاكى 1533-يىلى سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغانغا قەدەر، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي ساھەسىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن بەدەخشانغا كەتكەن، ئۇ ياردىن كابۇلغا_ كامران مىرزىنىڭ سائىيىغا بارغان. ئۇ يەردىن ئەگرەگە _ ھۇمايۇن مىرزىنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، كەشمىرگە يۈرۈش قىلىپ، 1541-يىلى كەشمىرنى ئالغان. شۇ ۋاقىتتىن تاكى 1551-يىلىغىچە كەشمىرنى ئىدارە قىلغان ۋە شۇ يىلى تاغلىق قەبىلىدىكىلەر ئاتقان ئوقتا يارىلىنىپ، كەشمىردە ئالەمدىن ئۆتكەن.
       مىرزا ھەيدەر كوراگان كەشمىرنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، يەنى 1547-يىلى يەركەند خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى، سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرەشىدخاننىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ ئەھۋاللىرىغا ئاتاپ پارسچە «تارىخىي رەشىدىي» (ئىككى كىتابقا بۆلۈنگەن، ئاپتور بىرىنچى دەپتەر، ئىككىنچى دەپتەر دەپ ئاتىغان)نى يازغان، بىرىنچى كىتاب «رەسمىي تارىخ» 70 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان (1329-1362-يىللىرى)نىڭ دەسلەپكى ئەھۋالىدىن تارتىپ ئابدۇرەشىدخان (1510-1559-يىللىرى) دەۋرىگىچە بولغان ۋەقەلىكلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان؛ ئىككىنچى كىتاب «ۋەقەلىكلەر بايانى» (ئاپتور بۇ قىسىمنى «مۇختەسەر» دەپ ئاتىغان) 117 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئاساس قىلىپ، بوۋىسى يۇنۇسخاننىڭ تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت تۇتقىنىدىن ئۆزىنىڭ كەشمىردە ھاكىمىيەت تۇتقىنىغا قەدەر بولغان تارىخىي، ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنى بايان قىلغان.
        ئومۇمەن، بۇ كىتابقا 200 يىل ئىچىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ، ئومۇمەن، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، دىن، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەمدە جۇغراپىيىسى قاتارلىق ئەھۋاللىرى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۇيرات موڭغۇللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي پائالىيەتلەر سۆزلىنىپ، موڭغۇل خانلىرى ۋە دوغلات جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىق تارىخى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشلاپ، موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى يولغا قويۇپ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكىلەرنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرغانلىق تارىخىمۇ بايان قىلىنغان.
       «تارىخىي رەشىدىي» ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ئەينى مەزگىلدىكى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىۋاسىتە ماتېرىيال بولالايدۇ. ئۇ شەرق مەملىكەتلىرىدە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھەر خىل قوليازما نۇسخىلىرى ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا. خەلقىمىز ئىچىدىمۇ ئۇنىڭ تۈرلۈك قوليازمىلىرى ۋە تەرجىمە نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن. 18-، 19-ئەسرلەردە بارلىققا كەلگەن مۇھەممەد سادىق كەشىغەرىي ۋە موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇرنىڭ تەرجىمىسى، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كاشغەردە تەرجىمە قىلىنغان، ھازىر تاشكەنتتە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر نۇسخىسى بىزدە بارلىققا كەلگەن مۇھىم تەرجىمە نۇسخىسىدۇر. 1895-يىلى ئەنگلىيىلىك مەشھۇر تىلشۇناس، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم ئېدۋارد دېنىسون رۇس تەرجىمە قىلغان ئىنگلىزچە نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەر غەربىي ياۋروپادىكى شەرقشۇناسلار ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان ھەمدە 1898-يىلى 2-نەشرى نەشر قىلىنغان، 1972-يىلى قايتا بېسىلغان؛ ئەنە شۇ ئىنگىلىزچە نۇسخا ئاساسىدا خەنزۇچە نۇسخىسى 1983-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى توم قىلىپ نەشر قىلىنغان.
        تاكسون تەرىپىدىن ئىزاھ، ئىندېكىس بېرىلگەن، پارسچە تېكىست بىلەن بىللە ئىشلەنگەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى 1996-يىلى ئامېرىكا ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؛ 1996-يىلى تاشكەنت «پەن» نەشرىياتى تەرىپىدىن رۇسچە تەرجىمىسى، 2003-يىلى ئالما-ئاتادا قازاقچە تەرجىمىسى، 2004-يىلى تېھراندا پارسچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ 1895-يىلىدىكى ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن تۈركچە تەرجىمىسى تۈركىيە سېلېنگا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
        «تارىخىي رەشىدىي»نى نەشرگە تەييارلاشتا موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇر تەرجىمىسىنىڭ سانت-پېتېبۇرگدا ساقلىنىۋاتقان .0759 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ مىكرو فوتو نۇسخىسى ئاساس قىلىندى. موللا مۇھەممەدنىياز بىننى ئەبۇلغەفۇر تەرجىمىسىنىڭ بۈيۈك برىتانىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ ھىندىستان كىتابلىرى بۆلۈمىدە ساقلىنىۋاتقان مسس. تۇركى.1 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، ئامبىردگە ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان مس.290 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ مىكرو فوتو نۇسخىسى، «تارىخىي رەشىدىي»نىڭ موللا مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىي تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنىڭ سانت-پېتېربۇرگدا ساقلىنىۋاتقان .569 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، بۈيۈك برىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان پارسچە قوليازمىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، ئادد.24090 نومۇرلۇق قوليازمىسىنىڭ مىكرو فوتو نۇسخىسى قاتارلىق نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىلدى. ئۇلاردىن باشقا، خەنزۇچە، قازاقچە، پارسچە ۋە تۈركچە نەشرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تېكىستولوگىيىلىك پەرقلەر ھاشىيىدە ئىزاھلاندى. دېمەك، بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى بىرقەدەر مۇكەممەل نەشر قىلىندى.  
    («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»)

      مىرزا ھەيدەر يەركەندە سەئىدخانغا ئەگىشىپ يۈرگەن چاغلىرىدا «جاھاننامە» ناملىق بىر داستان يازغان.
    بۇ ئەسەر 1528-1533-يىللىرى يېزىلغان. مىرزا ھەيدەر ئەدەبىي ئىجادىيەتتە «ئاياز شىكەستە» ياكى «ئاياز» دېگەن سۆزلەرنى تەخەللۇس قىلغان
    «جاھاننامە» ئاپتورنىڭ تىبەت ۋە بەدەخشان سەپەرلىرى جەريانىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىلەن مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان. (
    ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى)
    چۈشەندۈرۈش
       «جاھاننامە» ئىلگىرى «ئايازبەگ قۇشچى» ياكى «ئاياز شىكەستە» دېگەن ئايرىم بىر شائىرنىڭ ئەسىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن. يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن، بۇ ئەسەرنڭ مىرزا ھەيدەرنىڭ ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى،شۇنداق بولسىمۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشنى چەتكە قاقمايدۇ.

    ئىسمائىل داموللام

    ئىسمائىل داموللام (ئىسمائىل ئابابەكرى،1902-1954)،قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە بەشكېرەم يېزىسى لەڭگەر كەنتىدە تۇغۇلغان.1909_1920-يىللىرى بەشكېرەمدىكى ئىپتىدائىي مەكتەپتە ۋە ئاتۇش مەشھەتتىكى سۇلتانەم مەدرىسلىرىدە ئوقۇغان. 1920_1924-يىللىرى قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە،ئالىم،داڭلىق مۇدەررىس ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قولىدا ئوقۇغان(يەنى ئۇنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان).  
        ئىسمائىل داموللام 1924-يىلى قەشقەر خانلىق مەدرىسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان.ئوقۇش تۈگەتكەندە ئابدۇقادىر داموللام ئۆز قولى بىلەن گۇۋاھنامە بەرگەن.  
        ئىسمائىل داموللا ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن،شۇ چاغدا ئابدۇقادىر داموللام ئۇنىڭغا ئېگەر-جابدۇقلۇق بىر ئات،بىر تون،بىر تۈركۈم كىتاپ تەقدىم قىلىپ،ئۇنى ئىلىم-مەرىپەتنى يىراقلارغا تارقىتىش ئۈچۈن مەخسۇس تەڭرىتاغلىرىدىن ھالقىتىپ،ئىلىغا يولغا سالغان.داموللام ئىلىغا كەلگەندىن كېيىن،غۇلجا شەھىرى ئىچىدىكى دەڭ مەسچىتىگە ئورۇنلىشىپ،ئۇ يەرگە خاتىپ ۋە ئىمام بولغان.كىشىلەر چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ<<ئىسمائىل خاتىپ، ئىسمائىل ئىمام، ئىسمائىل قارىم>> دەپ ئاتاشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمىنىڭ موللىقى، ئەرەب، پارس تىلىنى پىششىق بىلىشى، تارىخ، ئەدەبىيات، جۇغراپىيە، ئىلمى نۇجۇم،ئ ىلمى ھېكمەت، رىيازەت(ماتېماتىكا)، ئەبجەت، تېبابەتچىلىك ئىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىگەنلىكى، ھەدىسنى شەرھىلەش، قۇرئان تەپسىرى ،قىقھى ئىلمىگە كامىللىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن جامائەتچىلىك ئارىسىدا تېزلا كۆرۈنۈپ، ئىناۋىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەڭ جامائەتچىلىك تەرىپىدىن<<داموللا>> (داموللام) دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. كېيىنچە غۇلجىدىكى ئۆلىمالار،جۈملىدىن كەڭ جامائەتنىڭ تەلىپى بىلەن غۇلجا بەيتۇللا مەدرىسىدە مۇدەررىس بولغان.  
        غۇلجىدا تۇرۇش جەريانىدا ئۇقۇمۇشلۇق كىشى قانائەتۇللا بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ،بالا-چاقىلىق بولغان.
    بۇ جەرياندا يەنە خەلق ئاممىسىنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىغا ئاساسەن ،قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرۈۋالغان تېبابەتچىلىك بىلىمىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن،تېبابەتچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.
        ئىسمائىل داموللىنىڭ شۆھرەت قازىنىشى بىر تۈركۈم مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغاپ،قارا كۈچلەر كېچە-كۈندۈز دىققەت قىلىدىغان،ئايىماي زەربە بېرىدىغان،ئىز قالدۇرماي ئۇجۇقتۇرىۋىتىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىپ،ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا توغرا كەلگەن. بۇ ۋەھىمىلىك ئۇچۇردىن ۋاقىپلانغان غۇلجىدىكى جامائەت ۋە قەشقەر،ئاتۇشلۇقلار تېز ھەرىكەتكە كېلىپ،مەبلەغ توپلىغان.جۈملىدىن تەلئەت مۇسابايوف بىر ئات،پۇل،كىيىم-كېچەك،يېمەكلىك قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ئۇنى يوشۇرۇن ھالدا قەشقەرگە يولغان سېلىپ قويغان.داموللام قەشقەرگە كېلىپ،غۇلجىدا قالغان ئائىلىسىنى ۋە جامائەتنى تولىمۇ سېغىنىپ،بىر يىلدىن كېيىن 1939-يىلى غۇلجىغا يەنە كەلگەن.بىراق يەنە تۇرالماي،ئائىلىسى بىلەن ئالتاي شەھىرىگە كەتكەن.ئۇ يەردىمۇ خاتىپلىق،ئىمامەتچىلىك،مۇدەررىسلىك قىلغان.  
         1945-يىلى كۆكلەمدەئىسمائىل داموللام غۇلجىغا قايتماقچى بولۇپ،دۆربىلجىن ناھىيىسىدىن ئۆتكەندە ، بۇنىڭدىن چۆچەكتىكى جامائەت خەۋەر تېپىپ،چۆچەك قەشقەر جامەسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئىمامى ياسىن قازىنىڭ ئورنىغا ئىمامەتچىلىك قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بارغان ھەمدە ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئۇنى چۆچەكتە ئېلىپ قالغان.بۇ خەلقچىل زات ئۇ يەردىمۇ جامائەت بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتكەن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىناۋەتلىك جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان.ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا ئىسمائىل داموللام تارباغاتاي ۋىلايىتى دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى،مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن.  
          1946-يىلى سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چۆچەكتە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەنسۇر روزىباقىيوف(تەخەللۇسى:ۋەتەن ئوغلى)نىڭ قىزغىن قوللىشى،نەشر قىلدۇرۇپ يورۇقلۇققا چىقىرىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىشى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى بىلەن«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ،1946-يىلى بۇ ئىشنى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملىغان.تەكتى قەشقەرلىك ياسىن قارى دېگەن موللا ۋە خەتتات كىتابنڭ تەرجىمە نۇسخسىنى كۆچۈرۈپ چىققان؛ بۇ كىتاب قىزىل پەرەڭ بىلەن مۇقاۋىلىنىپ،شىلىم بىلەن پاتلىنىلغان،بۇ ئىشقا ئايالى زەينەپخان قانائەتۇللابەگ (1911-1989)ياردەملەشكەن.
    (غەيرەتجان ئوسمان ئۈتغۈر)

    ئۇيغۇر قىزى نازۇگۇم

    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى نازۇگۇم 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق خەلق قەھرىمانى ۋە شائىرەدۇر. ئۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ئەقىللىق، زىرەك، ئىرادىلىك قىز بولۇپ ئۆسىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ئۇقۇمۇشلۇق ھەم بىلىملىك بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى، ئەخلاقىي پەزىلىتى ۋە ئەتراپلىق بىلىمى ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا «نازۇگۇم» دېگەن مۇھەببەتلىك نام بىلەن ئاتىلىدۇ. شائىر موللا بىلال موللا يۈسۈپ ئوغلى (نازىم) نازۇگۇم ھەققىدە: «... بۇ نازۇگۇم قىز موللا ئايال ئىدى، ئۆزى ئىلباغدەك ئۆڭلۈك، قارا كۆز، قارا قاش، نازۇك بەدەنلىك بولغان ئۈچۈن، قەشقەر خەلقى <<نازۇگۇم>> دەپ ئات قويغان ئىدى.» («نازۇگۇم قىسسىسى» دىن) دەپ يېزىشىمۇ بىكار ئەمەس ئىدى.
        1826-يىلى خەلقىمىزنىڭ چىڭ خاندانلىقى ئىستىبداتىغا قارشى قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، ئەجداتلارنىڭ قەھرىمانلىق پەزىلىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن نازۇگۇم بىر تەرەپتىن قولىغا قورال ئېلىپ دۈشمەنلەر بىلەن تىغمۇ-تىغ قەڭ قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ناخشا-قوشاقلىرى ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدۇ. نازۇگۇمنىڭ بۇ قېتىم قوزغىلاڭغا مەردانىلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، جەڭ قىلىشى ھەرگىزمۇ تەسەددىپى ئەمەس ئىدى، چۈنكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مىسلىسىز زۇلۇمى، قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن جاق تويغان خەلق: «يە ئۆلۈم، يە كۆرۈم!» دەپ كۈرەشكە ئاتلانغاندا، خەلق بىلەن بىرگە ئازابلىق تەقدىرگە دۇچار بولغان شائىرەمىزمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك يولىنى ئەنە شۇ خەلق سېپىدە كۆرگەن ئىدى.
        قورال كۈچى نىسبەتەن ئۈستۈن ئورۇندا بولغان چىڭ قوشۇنى بۇ قېتىمقى خەلق قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك ھالدا باستۇرغاندا، نازۇگۇم ئەسىرگە چۈشۈپ، ئونمىڭلىغان گۇناسىز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇ سۈرگۈن جەريانىدا باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشاش چېرىكلەرنىڭ قان تېمىپ تۇرغا قىلىچى ئاستىدا مىسلىسىز جەبر-زۇلۇم، ئادەم بالىسى كۆرمىگەن خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاخىرى ئۆزى بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىنغان ئاكىسى ئابدۇللا خوجا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يۇلتۇزدىن غۇلجا تەرەپكە قاچىدۇ. نازۇگۇم قاچقاندىن كېيىن، بىرنەچچە كۈن قۇمۇشلۇقلاردا، ئورمانلاردا يوشۇرۇنۇپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن سۆيۈملۈك دىيارىنى، مىھرىبان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بەكمۇ سېغىنىدۇ. نازۇگۇم قېچىپ 12 كۈن بولغاندا يەنە چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن بىر سولۇن (داغۇر مىللىتىنىڭ شۇ چاغدىكى ئاتىلىشى - نازىمى) ئەمەلدارغا مەجبۇرى خوتۇنلۇققا بېرىلىدۇ. ئۆزىنىڭ مىللىي غورۇرى، پاك ۋىجدانى، ئىپپەت-نومۇسىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن نازۇگۇم سولۇن ئەمەلدارىنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ قېچىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال چىڭ ئەمەلدارلىرىنى ساراسىمىگە سالىدۇ. نازۇگۇم شۇ قاچقانچە 6 ئاي ۋاقىت جاڭگاللاردا مۆكۈپ يۈرۈپ ھايات كەچۈرىدۇ.
         جاڭگاللارنى كېچە-كۈندۈزلەپ ئاختۇرۇپ ئاخىرى نازۇگۇمنى تۇتىۋالىدۇ. ۋە پۇت-قوللىرىنى كىشەنلەپ زىندانغا تاشلايدۇ. نازۇگۇم تۈرمىدىمۇ قەھرىمان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باتۇرلۇق جاسارىتىنى ئىپادىلەپ، دۈشمەننىڭ تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلىرى ۋە ئۆلۈم خەۋپى ئالدىدا قىلچىمۇ تىز پۈكمەيدۇ. يەنىلا ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق قوشاقلىرى ئارقىلىق زالىملارنىڭ ۋەھشىلىكىنى غەزەپ بەلەن ئەيىپلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يىرگىنىچلىك ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. جاللاتلار قولىدىن قۇتۇلۇشقا، ئەركىنلىككە تەلپۈنىدۇ. بىراق شائىرەنىڭ بۇ ئارزۇسى ئارزۇ پېتىچە قالدى. دۈشمەن قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش نىسىپ بولمىدى. نازۇگۇم تۈرمىگە تاشلىنىپ بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، جاللاتلار تەرىپىدىن چېپىپ تاشلىنىدۇ.
         شۇنداق قىلىپ بۇ ئەرك سۆيەر جەڭچى، شائىرە ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۈشمەننىڭ كىشەن-زەنجىرىلىرى، تۈرمە-زىندانلىرى ۋە قاتىللىق تىغلىرى ئالدىدىمۇ باش ئەگمەيدىغان شانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، باتۇرلارچە ۋاپات بولىدۇ. مەردانە ۋە جەڭگىۋار ھاياتى ئارقىلىق خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك شائىرە نازۇگۇمنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قوشاقلىرى ئۇنىڭ كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق ئۆمرىنىڭ گۈزەل نەزمىي خاتىرىلىرىدۇر.
         ئەسكەرتىش
         ئۇيغۇر خەلقىمنىڭ سۆيۈملۈك، باتۇر قىزى نازۇگۇمنىڭ نامى ۋەتەندىكى مەتبۇئاتلاردا بىردەك «نوزۇگۇم» دەپ يېزىلىدۇ. بىراق ئۆز ۋاقتىدا موللا بىلال (نازىم) ھەزرەتلىرى تۈنجى بولۇپ نازۇگۇم ھەققىدە داستان يازغاندا «نازۇگۇم» دەپ تىلغا ئالغان. ئۇيغۇر تىياتىرچىلىق تارىخىمىزدىكى نامايەندىلەرنىڭ بىرى، كومپوزىتور، پروفېسسور قۇددۇس غوجامياروف ئەپەندى ئىجاد قىلغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئوپىراسىنىڭ نامىمۇ «نازۇگۇم» دەپ ئاتالغان، يازغۇچى تۇرغان توختەموف ئەپەندى يازغان، ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان تارىخىي رومانمۇ «نازۇگۇم» دەپ ئاتالغان (بۇ رومان ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنغاندا نامى «نوزۇگۇم» دەپ ئۆزگەرتىلگەن) ھەمدە بىز پايدىلانغان مەنبەدىكى مەزكۈر تەرجىمھالمۇ «نازۇگۇم» دەپ يېزىلغان. شۇڭا بىزمۇ ئەسلىنى ھۆرمەت قىلىپ «نوزۇگۇم» دېمەي، «نازۇگۇم» دەپ يېزىشنى لايىق تاپتۇق - نازىمى.(ئورخۇن)

    موللا مۇسا سايرامى

        مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە ئەدىبى موللا مۇسا بىننى ئەيسا سايرامى مىلادىيە 1826-يىلى8-ئاينىڭ23-كۈنى باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئانافىر يېزىسىدا دۇنياغا كېلىدۇ.ئۇنىڭ دادىسى موللا ئەيسا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا ئەينى ۋاقىتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دىنىي زاتلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئوغلىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ناھايىتىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى يەتتە يېشىدىلا ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان سايرام مەدرىسەدە ئوقۇتۇپ باشلانغۇچ ساۋادىنى چىقىرىدۇ.1847-يىلى9-ئايدا ئۇنى ئەينى زاماندا جەنۇبىي شىنجاڭدا داڭلىق بولغان كۇچادىكى ساقساق مەدرىسكە ئوقۇشقا بېرىدۇ.بۇ مەدرىسنىڭ مۇدەررىسى شۇ زاماندىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت دىگەن كىشى ئىدى.موللا مۇسا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۇستازىنىڭ غەمخورلىقىدا،قۇرئان،ھەدىس،تارىخ،ئەدەبىيات،(تەقۋىم كالىندارشۇناسلىق)،ئاسترونومىيە ئىلىملىرى ھەمدە ئەرەب،پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ،«بالا موللا»،«موللا مۇسا» دىگەن ناملار بىلەن تونۇلۇشقا باشلايدۇ.بۇ جەرياندا ئۇ ئۇستازى موللا ئوسمان ئاخۇننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك،خەلقپەرۋەرلىك روھىنىڭ تەسىرىدە ئىدىيە جەھەتتىمۇ يېتىلىشكە باشلايدۇ. ئۇ 1854-يىلى مەدرىسەنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،ئانا مەكتىپى سايرام مەدرىسەدە مۇدەررەىسلىك قىلىدۇ.
        1864-يىلى كۇچار قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن،موللا مۇسا سايرامى تالىپلىرىنى باشلاپ،قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۈچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق  سەركەردىسى ماخمۇددىن خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى ئومۇمىي ئىشلار باشلىقى بولىدۇ. بۇ جەرياندا خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى،بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭ، چوڭقۇرلۇقى، كەمتەر، كىچىك پېئىللىقى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ۋە خەلق ئارىسىدا زور ئابرويغا ئىگە بولىدۇ. 1867 -يىلى ياقۇپبەگ ئۈچتۇرپاننى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇ ياقۇپبەگنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق باش زاكاتچىسى مىرزا بابابېك ھىسارىنىڭ كاتىپى بولىدۇ. 1877-يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، موللا مۇسا سايرامى ئاقسۇدا قېلىپ،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە 40يىلغا يېقىن ۋاقىتنى يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلايدۇ.بۇ جەرياندا ئۇ بىر مۇنچە تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازىدۇ.بۇلاردىن مەشھۇرراق بولغانلىرى «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»، «دەربايان ئەسھابۇل كەھف»، «تارىخىي ئەمىنىيە»، «دىۋان مەسنەۋى»، «تارىخىي ھەمىدى»، «سالامنامە» قاتارلىقلاردۇر.
        موللا مۇسا سايرامىنىڭ كېيىنكى ئۆمرى ناھايىتىمۇ ئېغىرچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ،بۇ ئېغىر تۇرمۇش ئۇنى جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ.1917-يىلى81ياشقا كىرگەن موللا مۇسا سايرامى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ يۇرتى سايرامغا قايتىدۇ.شۇ يىلى 4-ئايدا ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى،تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ ۋە ئانا يۇرتى ئاناقىر يېزىسىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
    (شېرىپ نىياز خۇشتار)

    تۆمۈر خەلىپە  

    تۆمۈر خەلپە 1891-يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ-ياساق دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي ، 1893-يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي يىزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىدۇ . بىراق قوراي يىزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ يەردىكى ئالۋاڭ-ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى .شۇڭا ، بۇ يەردىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ ، 1905-يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ-دە ، ياز كۈنلىرى نەنمېن سىرتىدا كېسەك قۇيىدۇ ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى كانلاردا ياللىنىپ كۆمۈر قازىدۇ . لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بېقىش قىيىن بولۇپ ، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ بېرىپ ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بىرىدۇ . زېرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۈگىنىۋالىدۇ . ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھۆكۈمەت ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ ، ئېزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى زىددىيەتنى چۈشىنىۋلىدۇ .
        1907-يىلى قۇمۇل دېھقانلىرى رەجەپ ئاكا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق قۇمۇل ۋاڭ تەرىپىدىن پاجىئەلىك باستۇرىلىدۇ .بۇ ئىش تۆمۈرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ .شۇڭا ،ئۇ ھەرقېتىم ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم ئۇرغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق غەزەپلىنىپ : «رەجەپ ئاكا ھايات بولغان بولسا ، دېھقانلار ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالغان بولاتتى »دەيدۇ .
       بىر كۈنى ، تۆمۈر خەلپە ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ئۇرۇپ ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان بىر دېھقاننى ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ ياخشى خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ . دېھقانلار «بۇ قالتىس باتۇر بالىكەن-ھە ،بۇ ۋاقىتقىچىمۇ ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس......... » دېيىشىپ ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ .
        دېھقاننىڭ يارىلىرى ساقىيىپ ئائىلىسىگە قايتىش ۋاقتىدا ئۇنى ئۇزىتىپ ماڭغان تۆمۈر : «سىز ئوبدان ساقىيىڭ ، بىزمۇ رەجەپ ئاكىدەك ۋاڭ ئوردىسىنى تاقىۋىتىمىز ، خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا ، ۋاڭنى قۇمۇلدىن قوغلىۋىتىمىز ...... » دەيدۇ . تۆمۈرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېھقانلار ۋە ئۇنىڭ ئۇستىسى ناھايىتى رازى بولىدۇ .تۆمۈرنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقى (ۋەقە تېرىيدىغانلىقى) نى ئويلاپ ،شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ئاسرايدۇ . شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ ھېلىقى دېھقاننى قۇتۇلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا ئاڭلىنىدۇ ، ۋاڭ تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ .
       1910-يىلى ، تۆمۈر خەلپە ئىككىنجى قېتىم ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى . مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى ليەنكۈي ئورنىنى يۇەن داخۇاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى . يۇەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئوت يالقۇنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تۇتىشىپ كېتىشنى توسۇش ئۈچۈن ، ئىچكىرىسىدىن ياڭزېنشىننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا خۇيزۇلاردىن چېرىك تۇتۇپ بەش باتالىيون تەشكىللەشكە بۇيرۇيدۇ .
        بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلپە ۋەزىيەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ ،ئىچكىرىدىكى ئىنقىلاۋى پارتىيە ئەھۋالىنى ، جۇمھۇرىيەت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ . ئۇ ئېپى كەلسە ھەركەت قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىدۇ .تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇستىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بىرىدۇ ۋە ئاخىرقى ھىسابتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ رەجەپ ئاكىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ . ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنقىلاپ يولىدا ئىزدىنىدۇ .
        تۆمۈر خەلپە ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئاڭلىغاندىن كىيىن ، قۇمۇل دېھقانلىرىغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئىلى ئىنقىلاۋىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئاشكارا ھالدا «قۇمۇل ۋاڭنىڭ كۈنى ئاز قالدى» دەيدۇ . تۆمۈر خەلپە قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلىقى دېھقان ھەممىلا يەردا تۆمۈر خەلپىنى تەرىپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ، جۈملىدىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ئۆسىدۇ. قۇمۇل دېھقانلىرى زور ئۈمىد بىلەن ۋاڭنىڭ ئاغدۇرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى .
      1912-يىلى 1-ئايدا ، يۇەن داخۇا ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىلى خەلق قوشۇنىنى توسۇش مەخسىتىدە ، قۇمۇل ۋاڭىغا 500 ئەسكەر ئەۋەتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ . قۇمۇل ۋاڭى خەلققە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەخسىتىدە : « يۇەن داخۇا ماڭا ئىشىنىدۇ ، مىنىڭ ۋاڭلىقىم مەڭگۈ ساقلىنىدۇ ، كىمكى ۋاڭ ئاغدۇرىلىدۇ دەيدىكەن ، كاللىسى ئىلىنىدۇ ! » دەپ خەلققە تەھدىت سالىدۇ ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ھېساپلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدۇ ، تۆمۈر خەلپە ئۆزلىكىدىن ئەسكەر بولىدۇ .
        يېڭىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغان 500 كىشى قۇمۇلدىن يولغا چىقىدۇ . تۆمۈر خەلپە يول بويى قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئېلىپ ماڭغان خەنزۇ باشلىقنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ . 500 ئەسكەر تۆمۈر خەلپىنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەردار قىلىپ بەلگىلەيدۇ . بۇ قوشۇن كەينىگە قايتىپ ، چاقماق تېزلىكىدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ ، دېھقانلار ئۇلارغا كېلىپ قوشۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ . شەھەرگە قامالغان شاھ مەھسۇت بىلەن شەھەر ئامبىلى بەي ۋېنچاۋ يۇەن داخۇادىن ياردەم سورايدۇ ......
       1912-يىلى 3-ئاينىڭ 11- كۈنى ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى شۇەنتۇڭ ئۆزىنىڭ تەختتىن چۈشكەنلىكى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەتكە جاكارلايدۇ . 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ، يۇەن داخۇامۇ شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسىلىقىدىن ئىستېپا بىرىدۇ . ئۇچاغدا ھۆكۈمەت ياڭ زېنشىننى شىنجاڭغا تۇتۇق قىلىپ تەيىنلەيدۇ . تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ خەۋەردىن ھەقىقەتەن خۇشاللىنىدۇ ، جۈملىدىن « شاھ مەھسۇت ئوردىدىن چىقىپ كەتسۇن ! دېھقانلار ئۈستىدىكى ئالۋاڭ-ياساقلار بىكار قىلىنسۇن ! »دىگەن خىتابلار بىلەن شاھ مەھسۇتنى قىستايدۇ .
       ياڭ زېنشىن باركۆلدە تۇرۇشلۇق ھەربى قوشۇن باشلىقى يې شىڭفۇغا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ .
       تۆمۈر خەلپە بار كۆلدىكى ھەربى قوشۇننىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدۇ . يې شىڭفۇ قوشۇننى باشلاپ نەنسەن ئېغىزىغا كەلگەندە ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ ، قىسىملىرى تەسلىم بولىدۇ ، نۇرغۇن قورال غەنىمەت ئېلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار سانى 2000 دىن ئاشىدۇ .  
      1912-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ، يۇەن داخۇا ئىچكىرىگە قايتماقچى بولغىنىدا ، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا چيەن گۇاڭخۇەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىدۇ .
      يۇەن داخۇا بىلەن چيەن گۇاڭخەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ . تۆمۈر خەلىپە بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۆپلىگەن قورال غەنىمەت ئالىدۇ (يۇەن داخۇا ، چيەن گۇاڭخەيلەر 6-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭىلىپ ،ئىچكىرىگە كېتىدۇ ).
      جىددى ئۇرۇش ھازىرلىقىدا تۇرغان ياڭ زېڭشىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ھىيلە-مىكىر پىلانلايدۇ . ئۇ ئوردىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھاكىمدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدار جاڭ سەيتىڭنى تۆمۈر خەلپە بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ئون كۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز بولۇپ ، جاڭ سەيتىڭ قايتىدۇ .
        ياڭ زېڭشىن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بولغان مۇھەممەتجان ھاپىز دىگەن كىشىدىن تۆمۈر خەلپىگە خەت ئەۋەتىدۇ . بۇ خەتتە مۇنداق دىيىلگەنىدى : «مەن سىزنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشىڭىزنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن ، سىلەرنىڭ ھەركىتىڭلارغا نىسبەتەن مېنىڭ باشتىن-ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق .... » دېيىلگەن .
        دەل شۇ كۈنى ياڭزېڭشىن قۇمۇل ئامبىلى بەي ۋېنچاۋغا يازغان بىر پارچە مەخپى خېتىدە : « تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۆمۈر قارا نىيەت ئادەم ئىكەن ، ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ... پېقىر تۇتۇق كەلگۈسىدىكى بالايى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قەتئىي باستۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم ....» (ياڭ زېڭشىن : «ئىستىغبار ھوجرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر» (2-توپلام)
        تۆمۈر خەلپە مۇھەممەتجان ھاپىزدىن : «سىز ياڭ تۇتۇققا (قوماندان ياڭغا) ئىشىنەمسىز ؟ ياڭ تۇتۇقنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بولمىسا ، نىمە ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ ؟ ياڭ تۇتۇق مىنگونىڭ تۇتۇقى تۇرۇپ ، نىمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى خانلىقى قۇمۇل ۋاڭىغا بەلگىلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ ؟...>> قاتارلىق 10 نەچچە سۇئال قويىدۇ . مۇھەممەتجان ھاپىز جاۋاپ بېرەلمەي قايتىدۇ .
       بۇ ھىيلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ياڭزېڭشىن خۇيزۇ باتالىيونىنىڭ كوماندىرى لى شۇفۇ ، ئىچكى ئىشلار كابېنتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جايى گەنسۇ -شىنجاڭ تەپتىش خادىمى يۇەن ساڭ قاتارلىقلارنى 1913-يىلى 3-ئايدا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ .
        لى شۇفۇ پۇخراچە ياسانغان بولۇپ ، دىنىي بىلىمنى ئىشقا سېلىپ ، ئىسلام مۆتىۋەرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلپە تۇرغان ئۆيگە كىرىش بىلەن تەكبىر ئېيتىپ ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ ، نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭزېڭشىن ئەۋەتكەن ئالاقىنى ئوقۇيدۇ . ياڭزېڭشىننىڭ خېتىدە مۇنداق دىيىلگەنىدى: « بىرىنجى ، قۇمۇل ۋاڭنىڭ دىھقانلارنىڭ ئۈستىگە قويغان ھەرئايدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمى .ئككى كۈنگە قىسقارتىلىدۇ . ئىككىنجى ،قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتالىيونىغا ئۆزگەرتىلىپ ، تۆمۈر باتالىيون كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ . ئۈچىنجى ، قوشۇندىن قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ ،دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ....» لى شۇفۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، بىر ئايەت ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەكبىر باشلايدۇ . ئىسلام دىنىي قائىدىسى بويىچە تۆمۈر خەلپە تەكبىرگە قوشۇلۇش ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ .  
       بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ياڭزېڭشىن قويغان يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ قالىدۇ .
      بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياڭ زېڭشىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇۋلۇق-شۇملۇق ئىشلىتىپ ، قۇمۇلدىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكى زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تاغقا چىقىرىپ تۆمۈر خەلپىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قائىدە بويىچە ' دەپ ئاتايدۇ .
    تۆمۈر خەلىپە قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىدى . ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقى كىچىك دەرۋازىسى سىرتىدا بىر-بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئىگىز گازارما بار ئىدى . بىرى ، شەرقى گازارما بولۇپ ، شور بۇلاققا ،يەنە بىرى غەربە گازارما بولۇپ ، دۇڭمىنغا يېقىن ئىدى .
        تۆمۈر خەلىپە قىسىمىنى شەرقى گازارمىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . غەربى گازارمىغا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ سادىق ئادىمى بولغان ما فۇشىڭ (ماتىتەي) باتالىيونىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ .
       تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن ياڭ زېڭشىن ئەندىشە قىلىپ بىئارام بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە تۆمۈر خەلىپىنىڭ تۇڭچىسىنى سېتىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلىپىنى نازارەت قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، مافۇشىڭغا ھۇشيار تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بىرىدۇ . مافۇشىڭ 1913-يىلى 9-ئاينىڭ6-كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى غەربى گازارمىغا ئالداپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە قولغا ئالىدۇ . تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوشۇنىنى ئۆز گازارمىسىدا قورالسىزلاندۇرىدۇ .، ئۇنى تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ . خائىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىنى پاش قىلىدۇ ياڭ زېڭشىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۆمۈر خەلىپىگە : « گۇناھ مەندە ئەمەس ، مانا بۇ ئۆز ئادىمىڭىز ، مەن سىزنىڭ باتۇرلۇقىڭىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىڭىزگە ئىشىنىمەن . سىزگە كەلگەن ئۆلۈمنى تەڭرى ئالدىدىمۇ مەندىن كۆرمىگەيسىز.ئۆلۈم ئالدىدا مەن سىزنىڭ قاتىلىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ ، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىمەن» دەيدۇ-دە، خائىن تۇڭچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ .
      خائىن نالە-پەريات قىلغاندا ، « ئۆز مىللىتىگە ۋاپا كەلمىگەن سەن ئىتتىن ماڭا ۋاپا كېلەتتىمۇ ؟...»دەيدۇ ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا .
      مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ . ئەتىسى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى تۆمۈر خەلىپىگە ھەربى تۈزۈم بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ . پىشقەدەم يىڭجاڭ روزى ھاجى ياڭ زېڭشىنغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ . ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشنى مافۇشىڭغا دۆڭگەپ قويىدۇ .
      خەلق ئاممىسى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ،تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتىنى خاڭچىڭدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى خاڭچىڭ مەسچىتىدىن 50 قەدەملەر ئىچكىرىدىكى بىر جايغا دەپنە قىلىدۇ .
       تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كىيىن ، ئۇنىڭ قولىدىكى 300 نەپەر جەڭچىنى قورالسىزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ قويىمىز ، دىگەن باھانە بىلەن ئېلىپ مېڭىپ گۇچۇڭدىكى چۈەنزىگەي دېگەن يەردىن ئۆتكەندە ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىسىملىرى ئارقىلىق قىرغىن قىلىپ تۈگىتىدۇ .
      تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلۈپ 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ،خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ ، قوزغىلاڭ يالقۇنى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدۇ .
    (شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر)

    يۈسۈپ سەككاكى

    سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ ئىبىن ئەبۇ بەكرى ئەل خارەزمى سەككاكى_(1160-1228) مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، داڭلىق پىداگوگ ۋە يازغۇچى.
        سەككاكى ئىسمىنىڭ بېشىغا قويۇلغان خارەزمى دېگەن جاي ئىسمىغا،شۇنداقلا ھازىرقى چاپچال ناھىيىسىنىڭ خۇنخەي دېگەن يېرىگە جايلاشقان مازارنىڭ سەككاكى نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭ خارەزىمدا تۇغۇلغانلىقى ۋە ئالمىلىق(ئىلى)دا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
         سەككاكى ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا ئىلىم-پەنگە ئىشتىياق باغلاپ تىرىشىپ ئۆگەنگەن. دىنىي ئىلىم،تىل-ئەدەبىيات،ماتىماتىكا،تارىخ،جۇغراپىيە،ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە)،تىبابەت ئىلمى قاتارلىق پەنلەردە كامالەتكە يەتكەن.ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا پارىس،ئەرەپ تىلىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن.مۇزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ«بايات»مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ«9-ئۇستاز» دەپ شۆھرەت قازانغان.
        چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلارنى بوي سۇندۇرغاندىن كىيىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلاردا دۆلەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى،ھەربىي مۇتەخەسىسلەر ۋە مەدەنىيەت مائارىپ ئەرباپلىرىنى قويغان بولۇپ شۇ چاغدىكى چاغىتاي خانغا مەسلىھەتچى بولغانلار ئىچىدە يۈسۈپ سەككاكىمۇ بار ئىدى.ئۇنىڭ ئىجدىھات قىلىشى ئارقىسىدا چاغاتاينىڭ ئوردىسى جايلاشقان ئالمىلىقتا ھەر-خىل مەكتەپلەر ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى تەسىس قىلىنىپ،مائارىپ ئىشلىرى زور تەرەققىي قىلغان،قەشقەر،بۇخاراغا ئوخشاشلا ئالمىلىقمۇ ئاسىيا بويىچە ئىلىم-پەن مەركەزلىرىگە ئايلانغانىدى.
        ساككاكى ئوردا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە بىر تەرەپتىن بىلىملىك كىشىلەرنى ئالمىلىققا توپلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئېچىشقا پائال يېتەكچىلىك قىلغان. بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتسە، يەنە بىر تەرەپتىن دەرسلىك تۈزۇپ چىققان. ئۇنىڭ«مۇفىتا ھۇل ئۇلۇم» (ئىلىملەر ئاچقۇچى) ناملىق يىرىك ئەمگىگى ئەنە شۇ خىلدىكى بولۇپ،ئۇنىڭدا تىل-ئەدەبىيات، لوگىكا، ئىستىتىكا، پەلسەپە، ئاسترنومىيە، ماتىماتىكا، تارىخ، تىبابەت ئىلمى، مۇزىكا ئىلمى قاتارلىق 13تۈرلۈك ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ مەزمۇنىنىڭ كەڭ ھەم چوڭقۇرلىقى، قايىل قىلىش كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدا كەم تېپىلىدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
        ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چاغاتاي دەۋرىدىكى مەرىپەت يۇلتۇزى،ھەققانىيەتچى،خەلق بىلەن تەقدىرداش ئالىم يۈسۈپ سەككاكى گەرچە ئۆز خەلقىنىڭ مەنىۋى ئازاتلىقى يولدا تەر ئاققۇزغان خانغا دۆلەت باشقۇرۇش،ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش يولىداياخشى مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ،ئوردىدىكى مەرىپەت دۈشمەنلىرى،ھەسەتخور مەنسەپدارلارنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن زىندانغا تاشلىنىپ 3يىل زىنداندا يېتىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.بۇ مەشھۇر ئالىم،داڭلىق پىداگوكنىڭ مازىرى ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال ناھىيىسىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان.
    «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇزلار»(ئورخۇن)

    سەككاكى مازىرى(خۇنىخاي مازىرى)



    مۇھەممەد سىدىق زەلىلى


        شائىر مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان نامايەندىلىرىدىن بىرى . شائىرنىڭ بەزى مىسرالىرىدىن ئۇنى تەخمىنەن 17-ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى يەكەندە تۇغۇلغان دەپ ئېيتىشىقا بولىدۇ (1676-1755)«دىۋان زەلىلى» بىلەن «سەپەرنامە» داستانى شائىرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىدۇر. شائىرنىڭ غەزەللىرى تىلى گۈزەللىكى ، پىكرى چوڭقۇر،ئوخشىتىشلىرى تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان. شائىرنىڭ «سەپەرنامە» دېگەن ئەسىرىدە مۇقام،نەغمىلەرنىڭ ئىجتىمائىي رولى ۋە ئۇنىڭ روھىيەت بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە سۈرەتلىگەن.بەزى لىرىكىلىرىدا«ئەجەم»،«ئىراق»،«بايات» قاتارلىق مۇقام ناملىرىنى؛ نەي،قالۇن،چاڭ قاتارلىق چالغۇ ئەسۋاپلارنىڭ نامىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
    (غەيرەتجان ئوسمان)

    زەلىلى غەزەللىرىدىن

    نە جانىم بۇلبۇلى ھەمدىڭغە يۈزمىڭ تىل بىلە گويا،
    گۈلى سۇئۇڭ تاماشاسىغە بەررى بەھرىدۇر جويا.
    فەلەكدۇر يەتتە خىرگاھىكى بىر-بىر ئۆزرە تىكمىشلەر،
    ئاڭا فەندىل ئېتىپ خۇرشىددىن ھەي قادىرى دەنا.
    تەفەررۇج گاھى سۇنئۇڭ قىلغالى بىلدىم كەۋاكىبدىن،
    مەشائىل ياندۇرۇپ تۈن - كېچەلەردە گۇنبەزى خەررا.
    نىشانى رەھمەتى ئامىڭنى كۆرگۈزمەك ئۈچۈن زاھىر،
    ساچار مەرۋارىدىنى مەۋجىدىن ھەر قەترەئى دەريا.
    چېمەن سارىغە ناگەھ تۇنديادى يەتسە قەھرىڭدىن،
    نە قالغاي لالەئى ئەھمەر نە قالغاي سۇنبۇلى رەئنا.
    گۈلىستانۇ جەھانغە ئەي سەبا كەم-كەم تەفەررۇج قىل،
    مۇبادا باغبانى ئەيلەگەي بىر فىتنەئى بەرپا.
    سەنا ئەيتۇرغە، يارەب، شۆئلەئى تىغى زەبان بەرگىل،
    زەلىلى بۇ تەلەبىدىن گوشەدە ئولتۇرۇر تەنھا.




       گۈزەللىكى بىلەن كىشى ئەقلىنى لال قىلسا، باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغاتقۇچى ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ - كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ ئايالى. ئاپپاق خوجىنىڭ ئەۋلادى، بەزى تارىخىي كىتاپتا ئىپارخاننى ئەسلى ئىسمىنىڭ ئەلانۇر خېنىم ياكى مەمۇرى ئەزەم ئىكەنلىگى يېزىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئىپارخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان. 1760-يىلى شىنجاڭدىكى ئاپپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىددىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن. ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ، خوجا جاھان ئۆلتۈرۈلگەن.ئىپارخان بولسا ئەسىر سۈپىتىدە بېىجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيرانۇھەس قالغان چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان.
        ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر تارىخ مەنبەلىرى ۋە ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخنامىلىرىدىن مەلۇمكى، يۇرت- قەۋمىدىن، ئېرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۈرگەن. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۈرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن چيەنلۇڭ خان خىلمۇ -خىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پاسوندا ئىمارەت سېلىپ ، ئۇيغۇر مەھەللىسى بىنا قىلغان. لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان.چيەنلۇڭ خاننى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ:«ئەل - يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن»، دېگەن. چيەنلۇڭ خان يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن. ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن خان ئانا چيەنلۇك سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىپارخاننى ئۆلتۈرىۋەتكەن. گەرچە كېيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نەسەبى، كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقىرىقى بايانلار ئىپارخانىڭ ھەقىقىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدۇر. 1914-يىلى ئاسارە - ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتيەن خان سارىيى مۇزېيى ۋە چىڭدۇڭدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر ئارىسىدا ئون نەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بوياق رەسىمى بار بولۇپ، بۇلارنى چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە، ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيىلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيچە ياسانغان، ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى «يۈدى سارىيى»نىڭ غەربىي ھوجرىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. رەسىمنىڭ ئاستىغا «ئىپارخان__ غەربىي دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى...» دەپ يېزىلىپ، ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقىرىقىغا ئوخشاش يوسۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئاخىرىغا يېقىنقى زامان خەنزۇ شائىرى شى يىننىڭ جۇڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شېئىرى قوشۇپ قويۇلغان. ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە:

    ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن،
    سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مېھىر- شەپقەت بىلەن.
    تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،
    كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن.
    قاقشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا،
    تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بوغۇلۇپ نەپرەت بىلەن.

      بىيجىڭ تىياتىرى ۋە دىرامما ساھەسىكىلەرمۇ بۇ بايانلارغا ئاساسەن «ئىپارخاننىڭ غەزىپى»،«ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئىپارخان»ناملىق بىيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى، پادىشاھقا تىز پۈكمىگەن قەھرىمان، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچېڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان:

    باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا،
    جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا.
    گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى،
    ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا.
    ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس،
    قەشقەردىن چىققاندى بىر ئۇيغۇر قىزى.
    ئىسمىدۇر ئىپارخان ، گۈزەللىكتە ئۇ،  
    پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى.
    بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى،
    ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.

    (نەزىرە مۇھەممەد سالىھ)

        يۇقۇرىدىكى ئىپارخاننىڭ رەسىمىنى _ جۇڭگو تارىخى موزېي تەتقىقاتچىسى،جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،جۇڭگوچە رەسىم زىننەتلەش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى،بېيجىڭ جۇڭگوچە قوليازمىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ يەن(王 雁) سىزغان.
        بۇ رەسسام توغرىلىق يازغان تەرجىمەم ئانچە مۇۋاپىق بولمىدى. تورداشلارنىڭ تۈزىتىپ قويۇشىنى ياكى تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    خەنزۇچىسى:
    (中国历史 ،博物馆研究员、中国美术家协会会员、中国工笔重彩画学会理事、北京工笔书学会副会长 )
    [ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]
    ئەركەم تورى
    دەرىجىسى: يۈز بېشى
    UIDنومۇرى: 7523
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 83
    شۆھرىتى: 507 نومۇر
    پۇلى: 840 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-17
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
    4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 45كۈن بۇرۇن
    ئەجرىڭىزگە مىڭ رەھمەت قېرىندىشىم بۇنى قەتئى ساقلىۋالىمەن .
    yol
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 2662
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 7
    شۆھرىتى: 43 نومۇر
    پۇلى: 70 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-06-12
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-10
    5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 45كۈن بۇرۇن
    جاپا چېكىپسىز ، ھەقىقەتەن ۋاقىت ئاجرىتىپ كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك تېمىكەن . رەھمەت سىزگە!!!!!!!!!
    دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
    UIDنومۇرى: 1785
    جەۋھەر يازمىسى: 2
    يوللىغان يازمىسى: 117
    شۆھرىتى: 324 نومۇر
    پۇلى: 1150 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-12
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
    6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 43كۈن بۇرۇن
    نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوۋ (ئۇيغۇر بالىسى)                                                                                      

        يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى دېموكراتىك ئەدىب _ نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى ( ئۇيغۇر بالىسى ) يېڭى دەۋر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان . بۇ زات 1887 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غالجات يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ، 1950 - يىلى ئىلى ۋىلايىتىدە ۋاپات بولغان . « ئۇيغۇر بالىسى» ئۇنىڭ مەتبۇئاتتىكى تەخەللۇسى بولۇپ ، ئۇ بۇ تەخەللۇسنى 1911 - يىلىدىن باشلاپ «شورا» ژورنىلىدا رەسمىي قوللانغان . «شورا» ژورنىلى روسىيىنىڭ قازان شەھىرىدە 1910 - يىلىدىن 1918 - يىلىغىچە نەشىر قىلىنغان ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى چاغاتاي ( ئۇيغۇر ) تىلىدا چىقىدىغان بىردىنبىر ئايلىق ژورنال بولۇپ قالغان . نەزەر خوجا بۇ ئاممىباب ، پەننىي ، ئەدەبىي ژورنال سەھىپىسىدە « ئۇيغۇر بالىسى» ئىمزاسى بىلەن 11 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى تونۇشتۇرۇپ ماقالە يازغان . بۇ ماقالە بېسىلغان « شورا» ئەينى يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغىچە تارقالغان .
          «شورا» ژورنىلىدا « ئۇيغۇر بالىسى» نامى بىلەن ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغا قەدەر 20 نەچچە پارچە ماقالە بېسىلغان ، بۇ ماقالىلەرنىڭ مۇھىملىرى : «تارانچىلاردا مۇئەللىم ۋە مەكتەپ مەسىلىسى» ، « يۈسۈپ سەككاكى ھەققىدە» ، «مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىلىم تارقىتىش ھەققىدە مۇلاھىزىلەر» ، «قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ۋە كونا كىتابلار» ، « ئۇيغۇر بالىسى بىلەن < شورا >نىڭ سۆھبەتلىرى» قاتارلىقلار بار .
        نەزەر خوجا ئۇيغۇر بالىسى 1915 - يىلى «تارانچى تۈركلىرىنىڭ تارىخى» ناملىق رىسالىنى يېزىپ چىققان ، 1923 - يىلى «نوزۇگۇم» ھېكايىسىنى يېزىپ چىققان . بۇ ئىككى رىسالە ھازىرغىچە قازان ئۆلكىسى لېنىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىتابلار فوندىدا ساقلانماقتا . ئۇيغۇر بالىسى ئۆكتەبر ئىنقىلابىي يىللىرىدا ، يەنى 1918 - ، 1920 - يىللىرىدىكى ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى ۋە سابىق سوۋېت مەتبۇئاتىدا لېنىن ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى مەدەنىيەت يارىتىش پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان . 1918 - يىلى ۋېرنىي ( ئالما - ئاتا )دا قۇرۇلغان يەتتە سۇ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرىنىڭ بيۇرۇسى قارىمىقىدىكى ئىلمىي كومىتېتقا رەھبەرلىك قىلىپ ، «بىرىنچى چامدام» ناملىق تۇنجى ئەدەبىي توپلام ( 1924 - يىلى )نى نەشىر قىلدۇرغان . 1923 - يىلى «نۇزۇگۇم» پوۋېستىنى نەشىر قىلدۇرغان . بۇ ئەسەر شۇ يىللاردا دىراممالاشتۇرۇلۇپ سەھنىلەردە كۆپلەپ ئوينالغان ۋە خېلى تەسىر قوزغىغان ھەمدە بۇ ئەسەر رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان . ئۇيغۇر تىلىدىكى « كەمبەغەللەر ئاۋازى» ( 1921 - 1930 ) ، « ياش ئۇيغۇر» ( 1922 - يىلى ) ، « كۆمەك» ( 1918 - 1919 ) ، «ئۇچقۇن» ( 1920 - يىلى ) قاتارلىق گېزىت - ژورناللاردا شېئىر - ھېكايىلىرى كۆپلەپ بېسىلغان . « كېمىچىگە» ، «سەھرا قىزى» ، «ئىنقىلابچى ئۇيغۇر ياشلىرى» ، «ئۇيغۇر ئېلى» تېمىسىدىكى شېئىرلىرى يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب ياراتقان نەپىس ، يېقىملىق ناخشىلارغا ئوخشايدۇ . «بەخت - تەلەي مەسىلىسى» ، « ۋىسال» ، «ئوماق بىلەن ئامراق» ، «كوچا پارىڭى» ، «بىزنىڭ ئوچاق» ، «نۇزۇگۇم» قاتارلىق نەسرىي ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى داۋام قىلىپ كەلگەن ئۆرپ - ئادىتى ، گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرى نەپىس تىل ، بەدىئىي ئوبرازلار بىلەن ئاممىباب ، چۈشىنىشلىك قىلىپ بايان قىلىنغان . ئۇنىڭ «ئوماق بىلەن ئامراق» ھېكايىسى 1921 - يىلى غالجاتتىكى ھۆسەيىن يۇنۇس مەتبەئەسىدە ئۇيغۇرچە ( كىتابچە شەكلىدە ) نەشىر قىلىنغان . بۇ ھېكايىدا 1880 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ روسىيە تەۋەسىگە كۆچۈش مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئاساس قىلىپ يېزىلغان . بۇ ھېكايىنىڭ 1921 - يىلى غۇلجىدا بېسىلغان نۇسخىسى ھازىر ئالما - ئاتادىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر يازغۇچىسى جامال بوساقوپنىڭ شەخسىي كىتابخانىسىدا ساقلانماقتا . ئەنە شۇ نۇسخا يېقىنقى يىللاردا ئالما - ئاتادا ئۇيغۇر تىلىدا قايتا نەشىر قىلىنغان . نەزەر خوجا ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئاتا - ئانىسى كۆچ - كۆچ دەۋرىدە يەتتە سۇغا كۆچۈپ بارغان . ئۇيغۇر بالىسى 1913 - يىلى يەتتە سۇدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا زىيارەت قىلىپ كەلگەن . 1914 - يىلى يەتتە سۇغا قايتىپ بېرىپلا «بىزنىڭ تۇرمۇش» ، «ئالتە شەھەرگە سەپەر» ناملىق ماقالىلىرىنى «شورا» دا ئېلان قىلغان . بۇ ماقالىلەردە ئەينى زاماندىكى ئاقسۇ ، قەشقەردىكى رېئاللىق ئىنكاس قىلىنغان ھەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى نورۇزنى خاتىرىلەش ئادەتلىرى تىلغا ئېلىنغان .
        نەزەر خوجا ئۇيغۇر بالىسى كېيىنكى يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىن يۈرگۈزگەن چېكىدىن ئاشقان « سول» ھەرىكەتلەرگە نارازى بولغانلىقتىن ، «تار مىللەتچى» ، «بۇرژۇئا زىيالىسى» دەپ ئەيىبلەنگەن . ئۇنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ئەسلى ئىلىلىق بولغاچقا ، 1929 - يىلى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ئىلى ۋىلايىتىگە قايتىپ كېلىپ جاغىستايغا ماكانلاشقان . 30 - يىللاردا ئاقارتىش ساھەسىدە ئىشلىگەن ، جاغىستاينى مەدھىيىلەيدىغان نۇرغۇن شېئىرلارنى ۋە  «خۇشتۇرخان» تېمىسىدا داستان يازغان . «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى » يىللىرىدا ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان . نەزەر خوجا ئۇيغۇر بالىسى 1950 - يىلى قىشتا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ، ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرقى خۇنخاي مازىرىدا .(مەھمۇد زەيىدى)

                                          سادىر پالۋان                                                                                                      

         سادىر پالۋان 1798- يىلى ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مولتوختىيۈزىدىكى يانچى ئەخمەت قارىقاش ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. 
           1762- يىلى 10- ئايدا چىڭ ئوردىسى ئىلىدا جاڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. ئىلى جاڭجۈنگە قاراشلىق مانجۇ چېرىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ھەمدە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى مانجۇ مۈلكىي، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ تەمىناتىنى قامداش، ئۇلارنى ئوزۇق - تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە خەۋپلىك دەپ قارالغان كىشلەردىن بىرىنچى قېتىمدا 6000، ئىككىنچى قېتىمدا 2000جەمئىي 8000 تۈتۈننى ئىلىغا يانچى قىلىپ پالايدۇ. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت ئاشۇ بىرىنچى قېتىم كۆچۈرۈلگەن تۈتۈننىڭ بىرى ئىدى. 
        شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا پالانغانلار ئەڭ يېقىن يول دەپ ھېسابلىنىدىغان مۇزداۋان يولى بىلەن ئىلىغا كۆچۈرىلىدۇ.  كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ مۇز داۋاندا دەھشەتلىك ھاڭ، يوشۇرۇن مۇز - قار ئۆڭكۈرلىرى، مۇز يېرىقلىرى بار ئىىدى. ئالدىنقىلار ماڭغان يولىغا مۇز، تاش پارچىلىرىنى بەلگە قىلىپ قوياتتى. كېيىنكىلەر شۇ ئىز بىلەن ماڭاتتى. بۇ ئىگىز مۇز تاغ ئۈستىگە ئەتىگەن سائەت تۆت بىلەن داۋان يولىغا ماڭغان ئادەملەر داۋانچىلار مۇزنى چوقۇم ياسىغان پەلەمپەيلەرگە كىگىز ، پالاس ۋە جۇۋا، چاپانلاردىن سېلىپ ئات - ئېشەكلەرنى ( تۆگە ماڭالمايتتى ) ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى داۋانچىلارنىڭ ياردىمىدە مۇز داۋان ئۈستىگە چىقاتتى. داۋان ئۈستى بىردەم - بىردەم ئاق - قارا بۇلۇتلار ۋە قېلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ ئۈچ مېتىر ئالدىدىكى نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بۇنداق چاغلاردا ئادەم ئۇلارغا چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى. ھاۋا ئوچۇق بولغان چاغلاردا، ھاڭدىن غۇلاپ كېتىپ ئۆلگەن ئات - ئۇلاغ، ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى، سودىگەرلەرنىڭ مال - مۈلۈكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. 
       شۇ قېتىمقى كۆچ- كۆچتە نۇرغۇن كىشىلەر مۇز داۋاندا ئىس - تۈتەك ئېلىپ كېتىپ ، مۇزلاپ، ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن ئىدى. شۇڭا مۇز داۋاندىن ساق ئۆتەلىگەن بىچارە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تارتقان چەكسىز دەرد - ئەلەملىرىنى مۇنداق قوشاق بىلەن ئىپادىلەشكەن ئىدى: 

                                                    بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار، 
                                                    غېرىپنىڭ يولىنى باغلار. 
                                                    غېرىپ ئۆلسە كىم يىغلار،
                                                    غېرىپقا غېرىپ يىغلار. 

        يانچىلار ئىلىغا چىققاندىن كېيىن دەسلەپ قوتان تام دېگەن جايغا ئورۇنلاشقان. كېيىن ئىلى دەرياسى بويىدىكى قاينۇق، قاش، بولغۇجىر، جىرغىلاڭ، تاش ئۆستەڭ، بالتۇقاي، خۇنىخاي، دادامتۇ، ئارا ئۆستەڭ قاتارلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە تارقاق ئورۇنلاشقان ئىدى. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت دەسلەپ ئارا ئۆستەڭگە تەقسىم قىلىنىدۇ. كېيىن ئۇ خوتەن قارىقاشلىقلار ئورۇنلاشقان خوتەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇ مەھەللە كېيىن « قاش مەھەللىسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 
         يۇقىرىقى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار مانجۇ ئىستىبداتلىرى تەرىپىدىن ئۆستەپ چېپىپ قاغچىرىغان باياۋانلار، چۆل - جەزىرىلەرگە سۇ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۆي - ماكانسىز بۇ جەزىرىدە ئېغىر ئەمگەك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بالا - چاقىلىرى بىلەن ئوچۇق - يورۇق دالىلاردا ھايات كەچۈرىدۇ. ئۆستەڭ چېپىش زۇلۇمىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇلار تۆۋەندىكى قوشاقلار بىلەن بايان قىلىدۇ: 

                                                ئۆستەڭنىڭ تېگى قاتتىق،
                                               چاپسا كەتكەن ئۆتمەيدۇ. 
                                               مانجۇ تۇڭچىسى بەگلەر، 
                                              بېشىمىزدىن كەتمەيدۇ.

        مانجۇ ئىستىبداتى يانچىلارنى قورغان سوقۇش، ئۆي سېلىش قاتارلىق ھەر خىل ھاشار - سېلىقلارنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلاپلا قالماستىن، بەلكى، ئۇلارنى يەر تېرىپ، مانجۇ دائىرىلىرىگە ئاشلىق سېلىقى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. دەسلەپتە مانجۇلار ھەر بىر تۈتۈندىن 16خو، كېيىنرەك 32خودىن ئاشلىق سېلىق سالىدۇ. پۈتۈن ھوقۇق مانجۇ ھاكىمىيىتىدە بولۇپ، ئەمەلدارلار ھەر خىل يول بىلەن پارە ئېلىپ قاقتى - سوقتى قىلىدۇ. مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى تىزلىنىپ تازىم قىلاتتى. مانجۇلارنىڭ مۇشۇنداق زورلۇقى ئاستىدا بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئازاپ چەككەن ئۇيغۇرلار مۇشۇ قوشاقلارنى ناخشىغا قېتىپ ئېغىر كۈنلەرنى بايان قىلىدۇ: 

                                                جاننى چىرتىپ ئەتتى،
                                                ئالۋانچىلارنى دەرەي. 
                                               جاندىن تويۇپ كەتتى،
                                               تۇڭچىلارنى زەرەي. 

         سادىر كىچىكىدىن شوخ - تېتىك، خۇشخۇي ۋە جاسارەتلىك چوڭ بولغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ جاپا - مۇشەققەتتىمۇ ، راھەتتىمۇ ئائىلىسى ۋە خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۈچۈن زالىمغا بولغان غەزەپ - نەپرىتى، ئېزىلگۈچى خەلقلەرگە بولغان سۆيۈنىشى كىچىكىدىن پىشىپ يېتىلگەن. ئۇ ھەر قېتىم خەلقنىڭ دەرد - ئەلەم بىلەن تولغان مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندە غەزەپكە تولسا، ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن باتۇر ھەركەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆز غايىسىنى يېتىلدۈرۈشكە بەل باغلىغان.پىشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا سادىر ئىگىز بويلۇق، كەڭ كۆكسىلىك، غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان، ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان، ھەققانىيەتچى كىشى ۋە ئۇستا قوشاقچى ئىدى. سادىر قاتمۇ قات زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئېغىر ئالۋاڭ - ياساقنى تاپشۇرالمىغانلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، مەزمۇملار تەرەپتە تۇراتتى. شۇ چاغدا ئالۋاڭ - ياساقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆل - جەزىرىلەرگە قېچىپ كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى. زالىملار ئۇلارنى «قاچاقلار» دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنى تۇتماقچى بولسا، سادىر ئۇلارنى ھىمايە قىلاتتى. سادىر ئاخىر بۇ «قاچاقلار» نى قوزغاپ ئوقيا، نەيزا، ئايپالتا، چوماق ۋە قىلىچ بىلەن قوراللاندۇرۇپ، مانجۇ چېرىكلىرى بىلەن ئېلىشىدۇ. شۇ كۇنلەردىن باشلاپ «سادىر پالۋان» دەپ ئاتىلىدۇ. 
       ئىلى جاڭجۈنى كۆپ قېتىم سادىرنى تۇتۇش ھەققىدە پارمان چۈشۈرىدۇ. خەلق سادىر تەرەپتە تۇرىدۇ. سادىرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇ زىندانغا قامالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇستىلىق بىلەن قېچىپ چىقىپ كۆرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتى بىلەن قىلغان كۆرەشلىرىنى مۇنداق دەپ قوشاققا قاتقان ئىدى:

                                                   سادىر دەپ ئېتىم يامان، 
                                                   ئونبەش ياشتا ئاتالغان.
                                                   دەسلەپ تۇتۇلغاندا، 
                                                   قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان. 

                                                  يامۇلنى تېشىپ قويۇپ، 
                                                  ئىككى چىقتىم تالاغا. 
                                                  مېنى باققان بەش يايى،
                                                  ئەمدى قالدى بالاغا

        مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى 19- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ ئالدى بىلەن خەنزۇ خەلقىدىن باشلىنىدۇ. 1863- يىلىنىڭ ئاخىرىدا گەنسۇ، شەنشى، نىڭشىيا ئۆلكىلىرىدىكى خۇيزۇلار ئارىسىدا ۋە 1864- يىلى شىنجاڭنىڭ شىمالى، جەنۇبىدىكى جايلاردا قوزغىلىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭى دەل شۇ چاغدا باشلىنىدۇ. سادىر پالۋال ئىلى ۋىلايىتىدە پارتلىغان قوزغىلاڭنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. 
        1861- يىلى 3000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى غۇلجا شەھىرىگە ئىككى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەر خەلقى ئىچىدىن ماسلىشىدۇ. نەتىجىدە ئون كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن غۇلجا شەھىرى ئازاد قىلىنىدۇ. 
         ئېيتىشلارغا قارىغاندا سادىر پالۋان 1864- يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم قىلغاندا 40 ئۆچكىنىڭ مۇڭگۈزىگە باغلانغان شامنى ياندۇرۇپ قويۇپ، قۇيرۇقىغا پوجاڭزا باغلاپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ چىلپەڭزىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن، شام يورىقى ۋە پوجاڭزىنىڭ ئېتىلىشىدىن چۆچىگەن چىلپەڭزا ئامبىلى تېزلا تەسىلىم بولغان. بايانداي ئۇرۇشىدا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سېپىلنىڭ ئاستىغا لەخمە كولاپ بېرىپ دورا كۆمۈپ سېپىلنى پارتلىتىدۇ. بۇ چاغدا 5000 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى سېپىلدىن پەيدا بولغان يوچۇقتىن قەلئە ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، سېپىلنى مانجۇ چېرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ. 
         1867- يىلى ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغان سادىر پالۋان ئۆز يېزىسى مولتوختىيۈزىگە قايتىپ  كېلىدۇ ۋە تۆت يىل ئۆتۈپ 1871- يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ.
        خەلق ئۆزىنىڭ بۇ سەمىمىي باتۇر پەرزەنتى ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرىدۇ. ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ بۈگۈنگىچە ياد ئېتىپ كەلمەكتە. (شېرىپ خۇشتار)
    سادىر پالۋان ئۆڭكۈرى(رەسىم مەنبەسى: ئىزدىنىش)

    سادىر پالۋان قەۋرىسى(رەسىم مەنبەسى: سەلكىن)


                                           ئۆمەر ھەييام                                                                                               

        ئۇلۇغ ماتىماتىك، مۇتەپەككۇر زەبەردەس ئوغلان شائىر ئۆمەر ھەييام (1040 -1121)نىشاپۇردا تۇغۇلغان.ئۇ شۇ يەرلەردىكى مەدرېسلەردە ئوقۇپ 11-ئەسىردىكى ئەڭ يېتۈك ئالىملارنىڭ بىرى بولوپ قالغان.ئۇ سالجۇقلار سۇلالىسىدىن مالىكشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە باشقا ئاسترونوملار بىلەن بىرلىكتە كالىندارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ پەلسەپە مەسىلىسىدىمۇ تۈرلۈك ئالىملار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
        ئەمما ئۇ ئەدەبىيات جۈملىدىن رۇبائىيچىلىقتا ئالاھىدە يۇقۇرى ئورۇنغا ئىگە ئىسيانكار شائىردۇر. ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئەمما ئۇ يازغان رۇبائىيلار مەيلى ئەدەبىيات نوقتىنەزەردىن بولسۇن مەيلى پەلسەپىۋى نوقتىدىن بولسۇن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئەدەبىي ماھارىتى،كۆپ تەرەپلىمە بىلىمى بىلەن ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ھېچقانداق بىر گۇرۇھ،مەزھەپ ھاكىمىيەتنىڭ دۇمبىقىنى چالمىغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويدى.  
         ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ ھەر بىر مىسراسىدا ئۆمەر ھەييامغا خاس پەلسەپە،دىن ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرى بىلەن تويۇنغان ئىسيانكارلىق روھ پۇراپ تۇرىدۇ.ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىكى ئىسيانكارلىق غەرب ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى خېلى بۇرۇنلا تارتقان .ھازىرغىچە دۇنيادا 350تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئەڭ دەسلەپتە 1867-يىلى فرانسوزچە نەشرى نىكۇلاس دېگەن ئەدىبنىڭ تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى پارژدا نەشىر قىلىنغان ،دېمەك ئۆمەر ھەييام شەرق ئەدەبىياتىدا بولۇپمۇ شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئورنىنى تولدۇرۇش ۋە يېتىشىۋىلىش تەس بولغان شائىر، پەيلاسوپ. ئۇنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ قىممىتى زامان ۋە ماكان دائىرىسىدىن ھالقىپ بۈگۈنكى دەۋردىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە ئۆزىنىڭ قىممىتى بىلەن قولدىن قولغا ئېلىنىپ ئەتىۋارلىنىپ كەلمەكتە. (تۇردىبەگ مۇھەممەدبەگ)

                                            ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى

                                    چۈشۈمدە ماڭا بىر دانىشمەن دېدى :
                                    ئۇيقۇدا بەختتىن گۈل ئېچىلمىدى ،
                                    سەن نىچۈن ئۆلۈمدەك بىر ئىش بىرلە بەنت ؟
                                     ئىچ شاراپ ! ئۇخلايسەن يەردە ئەبەدى !

                                        
                                     قولۇمدا بولسۇن ئۇ ئۈزۈم شەربىتى،
                                     بېشىمدا بولسۇن ئۇ يار مۇھەببىتى.
                                     دېيىشەر: ھەق ساڭا توۋا بەرسۇن كۆپ،
                                    بەرسە ھەم يوق ئاڭا كۆڭلۈم رىغبىتى.

                                   تۇغۇلدۇم پەلەككە يەتتىمۇ پايدا؟
                                   مەن ئۆلسەم ئابرويى ئۆسمىكى قايدا؟
                                  ھىچ كىشى يېشىپمۇ بېرەلمەي ئۆتتى،
                                  كېلىش ۋە كېتىشنىڭ سەۋەبى قايدا؟

                                  مەي ئىچسەڭ ئەقلۇ دانا بىلەن ئىچ،
                                   ياكى بىرگۈل يۈزلۈك رەنا بىلەن ئىچ
                                   ئاز-ئازئىچ،گاھ-گاھ ئىچ،ھەم يۇشۇرۇن ئىچ،
                                   ئەزمە مەست بولما،ھايا بىلەن ئىچ

                                   ساق چاغدا مېنىڭدىن خوشاللىق يىراق،
                                   مەست بولسام ئەقلىمدىن ئاجرايمەن بىراق.
                                   مەستلىك ۋە ھۇشيارلىق ئارىسى - جەريان،
                                   ھايات شۇ ئاڭا قۇل بولغان ياخشىراق.

                                                       تاتاتۇڭا                                                                                                      

    موڭغۇللار جۇڭگونىڭ شىمالى ، موڭغۇل يايلاقلىرىدا شەكىللەنگەن مىللەت . ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرى (مىلادىيە 618-907-يىللار) دە موغۇل شىرۋېي دېگەن نام بىلەن رەسمىي سىياسىي سەھنىگە چىققان . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار موڭغۇل يايلىقىدا ئىلگىرى-كېيىن دەۋران سۈرگەن ھاكىمىيەتلەردىن تۈرك خانلىقى (مىلادىيە 552-744-يىللار) ، ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادىيە 744-840يىللار) ۋە قىتان خانلىقلىرىغا تەۋە بولۇپ ، بىر زامانلارنى ئۆتكۈزگەن . ئومۇمەن مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە موڭغۇل قەبىلىلىرى كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى باسقۇچىدا ئىدى . 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى تېمورچىن دېگەن بىر ئەزىمەت دۇنياغا كېلىپ ، موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە كىرىشكەن ، 1206-يىلى موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ ، تېمورچىن «چىڭگىزخان»(ئالەمنىڭ خانى ، دېڭىزدەك خان دېگەن مەنىدە) نامىدا ئاتىلىپ ، موڭغۇل دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان . شۇنىڭ بىلەن شەرقتە ھىنگان تاغلىرى ، غەربتە ئالتاي تاغلىرى ، شىمالدا سىبىرىيە تاغلىرىنىڭ جەنۇبى ، جەنۇپتا غوبى چۆللۈكى قاتارلىق زىمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچلۈك بىر ئىمپىرىيىنىڭ ئاساسى شەكىللىنىشكە باشلىغان . ئەمما ، موڭغۇل قەبىلىلىرى شۇ كەمگىچە يېزىق ئىشلىتىش دەۋرىگە قەدەم قويمىغان .
        موڭغۇللار دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يېزىق ئىشلەتكەن . بۇ يېزىق دەل «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى» ئىدى . «جۇڭگو بۈيۈك ئىنسىكلوپېدىيىسى، جوڭگو تارىخى» تومىدا مۇنداق يازغان : «ئۇيغۇرلار ناھايتى بۇرۇنلا ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى ئىشلەتكەن . ئۇيغۇر زىيالىلىرى دائىم باشقا مىللەت ھۆكۈمدارلىرى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن . مەسىلەن: تاتاتۇڭا(塔塔统阿) نايمان خانى تاياڭخان (كۈنخان) تەرىپىدىن ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلىنىپ ، ئاقچا ۋە ئاشلىق كىرىم-چىقىم قىلغاندا مۆھۈرىنى باسقان . كېيىن چىڭگىزخاننىڭ يارلىقىغا بىنائەن شاھزادىلەرنى تەربىيەلەش ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان .» 
         موڭغۇللارغا يېزىقنى ئەنە شۇ مەشھۇر سىياسىئون ، تىلشۇناس تاتاتۇڭا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىپ بەرگەن . سڭوليەن (1310----1381) تەرىپىدىن يېزىلغان «يۈەننامە ، تاتاتۇڭا تەزكىرىسى» دە بۇ ۋەقە تەپسىلىي خاتىرلەنگەن : مىلادىيە 1204-يىلى چىڭگىزخان ئالتاي ۋادىسىدا تۇرۇۋاتقان تايمانلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن نايمان خانى تاياڭخاننىڭ ئوردىسىدا مۆھۈردارلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدىن بولغان تاتاتۇڭانى تۇتۇۋالغان . تاتاتۇڭا زېرەك ، سۆزمەن ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ يېزىقىغا ئۇستا بولغاچقا ، نايمان خانى ئۇنى ئۇستاز تۇتقان ھەمدە ئۇنىڭغا ئالتۇن تامغا تۇتۇش ، پۇل ، ئاشلىق باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانىدى . چىڭگىزخان نايماننى مۇنقەرز قىلغاندا ، تاتاتۇڭا تامغىنى ئېلىپ قاچقان . ئۇ تۇتۇۋېلىنغاندا ، چىڭگىزخان ئۇنىڭدىن :«تاياڭخاننىڭ پۇقرالىرى ھەم زېمىنى پۈتۈنلەي ماڭا مەنسۇپ بولدى . تامغىنى ئېلىپ نېمە قىلماقچىدىڭ » دەپ سورىغان . تاتاتۇڭا :«تاياڭخاننى تېپىپ بۇنى ئۆزىگە قايتۇرماقچىمەن ، باشقا غەرىزىم يوق » دەپ جاۋاپ بەرگەن . چىڭگىزخان :«دىيانەتلىك ، ۋاپادار ئادەم ئىكەنسەن» دېگەن . ئاندىن : «تامغىنى نىمىگە ئىشلىتىدۇ؟» دەپ سورىغان . ئۇ : «پۇل ۋە ئاشلىقنى چىقىم قىلغاندا ، كىشىلەرنى خىزمەتكە تەيىنلىگەندە ھەم باشقا ھەممە ئىشتا ئىناۋەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ » دەپ جاۋاپ بەرگەن . تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ دىتىغا يېقىپ قالغان ھەم ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قالغان . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن موڭغۇللاردا پەرمان ۋە يارلىقلارغا تامغا ئىشلىتىش باشلانغان . چىڭگىزخان تامغىنى يەنىلا تاتاتۇڭاغا تۇتقۇزغان . چىڭگىزخان يەنە پەرمان چىقىرىپ تاتاتۇڭانى شاھزادە-ۋاڭلارغا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۈگىتىشكە ، ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇل تىلىنى يېزىشقا بۇيرۇغان
     . 
         مانا شۇنىڭدىن باشلاپ موڭغۇللار «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى» نى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان . تاتاتۇڭا دۇنيا يېزىق تارىخىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى . ئۇنىڭ نامى ۋە تۆھپىسى كىتاب-نامىلەردە تەكرار-تەكرار تىلغا ئېلىنغان.
        تۆۋەندىكىسى «چىڭگىزخان ۋە تاتاتوڭا _ تارىختىكى ئۇيغۇر-موڭغۇل يېزىق مەدەنىيىتى توغرىسىدا»دېگەن بىر پارچە كىتاپنىڭ زاكاس توغرىسىدىكى ئېلانى ئىكەن.قوشۇمچە قىستۇرۇپ
    قويدۇم
    .



         مول مەزمۇنغا ئىگە قىممەتلىك مەخسۇس ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بولغان ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى موللا ئارىپ خوتەنى , ھازىرقى خوتەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىلچىدىن ئون
    كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لاسكۇي يېزىسدا مىلادى 1564-يىلى مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ , 91 يېشىدا ۋاپات بولغان . مازىرى ھېلىمۇ ھەم لاسكۇي يېزىسنىڭ دەڭ مەھەللىسىدە بولۇپ , "سەردارى ۋەلىي يۇللا مازىرى" دەپ ئاتىلىدۇ . يەرلىك خەلق ئۇنى جانلىق تىلدا "سەرگەن مازار"دەپمۇ ئاتايدۇ .
         مەزكۇر ئالىم بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ 20نەچچە ياشلىرىغىچە خوتەندە ئۆز ئاتىسى موللا سەلىم ئاخۇنۇمدىن ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئالىمالىرىدىن ئىلمىي نەھۋى (گىرامماتىكا) , ئىلمى شەرىف (سىنتاكىس) , ئىلمى تەجۋىد(فونىتىكا) ,ئىلمى فىقھى(شەرىئەت ئىلمى), ئىلمى تەفسىر , ئىلمىي ھەدىس , ئىلمى مەنتىق ۋە ئىلمى تىن قاتارلىق پەنلەرنى ئۆگەنگەن . تىبابەت ئىلمىدە ھەر قايسى پەنلەرنى ئۆگىنىشكە , بولۇپمۇ يەككە دورىلارنىڭ تەبىئىتى , خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىشى ; مۇرەككەپ دورىلارنىڭ لايىھەلەشتۈرۈلۈشى،ياسىلىشى , يەنى داۋاسازلىق ئىلمىنى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ , خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن . ئالىم 28 ياشقا كىرگەندە بوۋىسى موللا ئالىم داموللا ھەزرىتى ئۇنى تىبابەت ئىلمىدە تېخىمۇ يۇقىرى بىلىمگە ئېرىشسۇن دەپ ، ئەينى زاماندا ھاجى ئىككىنجى ئۇستاز ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ شاگىرتلىرىدىن دەپ قارالغان يەكەنلىك تىببىي ئالىم ئۇلۇغ بەگ يەركەندىنىڭ ھوزۇرىغا تىبابەت بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتكەن . ئالىم بۇ پىر ئۇستاز ئالدىدا نەزىرىيە جەھەتتە ئۇيغۇر تىببىي ئالىمى ئۇبۇلھەسەن قەرشىنىڭ مۇجىزىلقانۇنىنى , كېسەللىك تەشخسى (دىئاگنوزى)جەھەتتە شەرھى ئەسبابنى , كېسەللىك داۋالاش جەھەتتە ئەلقانۇننىڭ ئۈچىنچى جىلتىنى , تەزكىرە تۇل ئەنتاكى ۋە فىردەۋسۇلھېكمەت قاتارلىق كىتابلارنى ئۆگەنگەن ھەمدە تىبابەت ئىشخانىلىرى ۋە داۋاسازلىق كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسىگە كىرىپ , ئەمەلىي تىبابەت ساھەسىدە خېلى چېنىققان , كېيىن مەزكۇر پىر ئۇستازىنىڭ ئەمرى بىلەن ھېندىستاننىڭ سەھىندى دىگەن شەھىرىگە بېرىپ , ھەيدەر ئەلىخان ساھىب دىگەن تىبابەت ئۇستازىنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ يەنە 3 يىل بىلىم ئاشۇرغان . ئۇيەردىن يەكەنگە قايتىپ , بىر مەزگىل پىر ئۇستازنىڭ خىزمىتىدە بولغاندىن كېيىن , يۇرتى خوتەن لايكۇسغا قايتىپ كېلىپ ,خوتەن خەلقىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن ۋە نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يرزىپ ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىببى ئالىمى موللا ئارىپ خوتەنى ئەينى يىللاردا كۈندىلىك ئىشلىرى تەرتىپىنى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇپ , بىر تەرەپتىن چۈشتىن بۇرۇن ئايىغى ئۈزۈلمىگەن بىمارلارنى بىر تەرەپ قىلسا ,يەنە بىر تەرەپتىن , چۈشتىن كېيىن شاگىرتلىرى ئېە تالىپلارغا دەرس ئۆتكەن . يەنە بىرتەرەپتىن كەچلىرى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى تەكۈنلەپ پارىسچە «گۈلدەستەئى ئافىيەت» (ساغلاملىق گۈلدەستىسى), چاغاتايچە «تۈركى دەستۇرۇلئىلاج» (تۈركىچە داۋالاش قوللانمىسى«پارىسچە »مۇجەررەباتى ئارىف«ئارىف ئارىپنىڭ تەجرىبىدىن ئۆتكەن رىتسىپلىرى» (ئەرەپچە)، «ئەسىرارۇلنەبزى ۋەلبەۋلى ۋەلبىراز»تومۇرنىڭ ۋە (چوڭ - كىچىك تەرەتنىڭ سىرلىرى), پارىسچە «رىسالەئى فەسەد ۋە ھىجايەت » (قان ئېلىش , شەخەك قۇيۇش ھەققىدە رىسالە ) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى يازغان . بۇ ئۇلۇغ زات خوتەن دىيارى مىقياسىدىلا ئەمەس , بەلكى پۈتۈن تارىم ۋادىسى دائىرىسىدىن كەلگەن نى -نى بىمارلاغا شىپالىق ئېلىپ كەلگەن . نۇرغۇن شاگىرىتلارنى يېتىشتۈرگەن ۋە يۇقارقىدەك نۇرغۇنلىغان بىباھا ئەسەرلەرنى يېزىپ , داڭلىق تىببىي ئالىم بولۇپ تونۇلغان , ئالىمنىڭ بۇ تۆھپىلىرى ھازىرغىچە قەدەر ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تىللاردە داستان ، دىللاردا ياد ئېتىپ كەلگەن .
        بۇنىڭدىن بۇرۇن , بىز پەقەت مەزكۇر ئۇلۇغ ئالىمنىڭ بىر - ئىككى ئەسىرى بارلىقىدىنلا ئاز تولا خەۋەر تاپقان ئىدۇق . ئەمدىلىكتە بەزى دەسلەپكى ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق , ئۇنىڭ ئاز دىگەندە 5~6 خىل ئاز تېپىلدىغان مەخسۇس ئەسەرلىرى بارلىقىنى بىلدۇق . ئەپسۇسكى كۆپ قىسىمىنى تېخى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدۇق،  ئىشىنىمىزكى ، مەزكۇر گۆھەرلەر تېپىلسا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمى ساھەسىدىكى نۇرغۇن بوشلۇقلار تولدۇرۇلۇپ ، غايەت زور ئىلمىي كۈچنى نامايەن قىلغۇچى.
    (داۋايى تور بېتى)

    سابىت داموللام                                                                                                               

       سابىت داموللام ئابدۇباقى كامالى 1883 - يىلى،ئاتۇشنىڭ ئازاق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ دىنىي تەربىيىنى ئازاقتا چوڭ ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن كىشىدىن ئالغان. كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىستە ئوقىغان. 1910 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مامۇت ئاخۇن داموللاملارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، بۇخاراغا بېرىپ يۇقىرى مەلۇمات ئالغان. 1914 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ داموللا بولۇپ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە، ئىلىغا كېلىپ سۈيدۈڭدە ئىسمائىل ھاجى دېگەن كىشىنىڭ قىزى رابىيە بىلەن تويلىشىپ ئۆيلۈك بولغان. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن،« رەستە ۋەقەسى»سەۋەبى بىلەن ئايالى رابىيە بىلەن ئاجرىشىپ، ئوغلى ئابدۇللانى ئايالىغا قالدۇرۇپ، قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە قەشقەرخانلىق مەدرىستە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مەسلەكدىشى شەمسىدىن داموللام بىلەن بىللە مۇدەررىسلىك قىلغان .
       شەمسىدىن تۇردى داموللام (1874 -- 1934) سابىت داموللام بىلەن دېمەتلىك كىشى بولۇپ، ئاتۇشنىڭ تۆركۈل كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. قەشقەر ۋە بۇخارادىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرتلىرىدا ھەم ئالىملاردا ئوقۇپ، ھىندىستان، ئەرەبىستاندىكى ئاتاقلىق ئالىملار بىلەن ئىلمىي سوھبەتلەردە بولغان، ئۇلارنىڭ چوڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. شەمسىدىن داموللام سىستېمىلىق بىلىم ئالغان كىشى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، دىني ۋە پەننىي ئىلىم ساھەسىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. بولۇپمۇ تىل - ئەدەبىيات، مەنتىق (لوگىكا) ، ئاسترونومىيە، شېئىرىيەت، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق ئىلىملەردە كامالەتكە يەتكەن . « ئولموھا توزمۇچەيىن » ، «مۇھىمماتىز - زەۋجەيىن » (ئاياللارغا دائىر مۇھىم ئەخلاق - پەزىلەتلەر) قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. 1910 - ۋە 1920 - يىللىرى شىەمسىدىن داموللامنى پاناھ تارتىپ، ئۇنىڭغا شاگىرت بولۇش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن. مەسىلەن:خوتەندىن مۇھاممەت ئىمىن بۇغرا، غۇلجىدىن تىيىپزات تاھىرى، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر خانلىق مەدرىسكە كېلىپ، شەمسىدىن داموللامدىن دىنىي ۋە پەننىي ئىلىملەرنى ئۇگەنگەن. تەجەللى بىلەن ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ھەم مۇشائىرە يېزىشىپ تۇرغان. دېمەك، غۇلجىدىن قايتىپ كەلگەن سابىت داموللام قەشقەردە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ۋە مەسلەكدىشى شەمسىدىن داموللام بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەشقەر تەۋەسىدە مۇتەئەسسىپلىككە، خۇراپاتلىققا، قۇلچىلىققا، نادانلىققا، جاھانگىرلىككە قارشى ھەققانىي ھەركەتلەرنى تەشكىللىگەن .
        1924-يىلى ئابدۇقادىر داموللام سۈيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سۈيىقەستچىلەرنىڭ نىشانى سابىت داموللامغا مەركەزلەشكەن. بۇنى سەزگەن سابىت داموللام 1925 - يىلى ھەجگە بېرىش باھانىسى بىلەن ئىلىغا يېنىپ چىققان ھەم ئىلىدىكى مەرىپەتپەرۋەر، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، 1927 - يىلى،«شىرىنكالام» دېگەن كىتابىنى تۇنجى قېتىم كۈرەدە تاش مەتبەئەدە باستۇرغان. بۇ كىتابتا نۇقتىلىق ھالدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەخلاق - پەزىلەتلىرى سۆزلەنگەن. بۇ كىتاب كېيىن ھىندىستاندا بېسىلىپ تارقىتىلغان .
        سابىت داموللام دىنىي ئىلىملەردە ھەم تۈركچە، ئەرەپچە، پارسچە ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل تۈرلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان بولغاچقا، مەزكۇر تىللاردا بەزىدە نەسرىي، بەزىدە نەزمىي بىلەن سۆزلەش، يېزىش كامالىتىگە يەتكەن. ئۇ 1927 - يىلىدىن باشلاپ، غۇلجا شەھىرىدە دەڭ مەسچىتىدە «قۇرئان كەرىم» نى ئاغزاكى تەرجىمە قىلىپ، بۇ ئىشنى ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن «ئىسلام قانۇنى» ، «ئەلفىيەنىڭ شەرھىسى» (بۇ ئىبىن مالىك دېگەن ئالىمنىڭ ئەلفىيەسىگە قىلغان شەرھى ۋە ھاشىيىدۇر) ، «ئاقائىدە جەۋھەرىيە، بايان ئەل سۈننەت» دېگەن كىتابلارنى يازغان. 1930 - يىلى غۇلجىدا، چۆچەكتىكى مۇرات ئەپەندىدىن تەلىم ئېلىش باھانىسى بىلەن ۋەزىيەتنى كۈزەتكىلى چىققان خوتەن قاراقاشلىق مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن پىكىرلەشكەن. ئۇ شۇ يىلى كۈزدە قەشقەر ۋە ئاتۇشتىن چىققان شەمسىدىن داموللا، ياقۇپ ھاجى قاتارلىق يۈزدەك كىشى بىلەن بىرلىكتە ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى ئابدۇللانى ئېلىپ ھەجگە ماڭغان .
        1931- يىلى باھاردا، ئۇ ھەج تاۋابىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىلمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، ئوغلى بىلەن بىللە كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشقان (بەزى كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە، سابىت داموللام، ھەج تاۋاپ قىلىش جەريانىدا تاتارلاردىن چىققان مەشھۇر دىنىي ئالىم مۇسا جارۇللايېۋ بىلەن كۆرۈشكەن . سابىت داموللام، مۇسا جارۇللايېۋ، شەمسىدىن داموللام ئۈچەيلەن سابىت داموللىنىڭ «ئىسلام قانۇنى » ناملىق كىتابى ئاساسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھىغا دۆلەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن) . سابىت داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن بولغان ۋە ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان. تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتەبولىۋاتقان چېغىدا، مىسىردا دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ قاھىرەگە بارغان . 
        سابىت داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، مىسىردا ۋە تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتەبولۇپ، ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، 1932 - يىلى ھىندىستانغا كېلىپ دېھلىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان ھەم «ئاقائىدە جەۋھەريەت، بايان ئەل سۈننەت» ، «ئەلفىيەنىڭ شەرھىسى» ، « شىرىن كالام» ناملىق كىتابلىرىنى باستۇردى .
         سابىت داموللام 1932 - يىلى 12 - ئايدا، قاغىلىققا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن ئۇدۇل خوتەنگە بارغان . 1932-يىلى 1-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، قارىقاش ئويباغ مەدرىسىدە، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 1931 - يىلى 6 - ئايدا قۇرغان يوشۇرۇن تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن بىر يۈز ئوتتۇز كىشى يىغىن ئېچىپ، سابىت داموللام بىلەن قارىقاشلىق مەمەت نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى ئەزالىققا قوبۇل قىلغان ھەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش كۈنىنى بەلگىلەش، قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرىنى سايلاش ئىشىنى مۇزاكىرىلىشىپ بېكىتكەن .
          سابىت داموللام ئۆزىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: بىرىنچى، بۈگۈنكى دۇنيا شارائىتىدا قوشنا ۋە باشقا چەت دۆلەتلەردىن ئىنقىلابىمىزغا ياردەم كۈتمەك مۇمكىن ئەمەس. مەن بۇ ھەققە كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پىكىرلەشتىم، ئىككىنچى، ئىنقىلابنىڭ قوزغۇلۇش نوقتىسى خوتەندە بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۇدۇل خوتەنگە كەلدىم .
         سابىت داموللام رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا « قۇرئان» ۋە ھەدىسلەردىن ۋەز ئېيتىپ، قوزغىلاڭ ئۈچۈن خەلق ئىچىدە ئومومىي بىر پىكىر ئېقىمى بەرپا قىلىپ، ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچلەرنىڭ توپلىنىشىغا كۈچ چىقاردى .
         1933 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، قارىقاشتا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1933 - يىلى 4 - ئايغىچە خوتەن تەۋەسى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن . شۇنىڭ بىلەن 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى «ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەت خوتەن» دېگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. سابىت داموللام قوزغىلاڭ جەريانىدا، يەكەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ياراشتۇرغان .
               1933-يىلى7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ساۋۇت داموللام بىلەن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنىسى ئىمىر ئابدۇللا (شاھ مەنسۇر) ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ يەكەندىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان. سابىت داموللاملار يەكەندىكى چاغدا، قەشقەردىن تۆمۈر شىجاڭنىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام باشچىلىقىدىكى تۆت ۋەكىلى يەكەنگە يېتىپ كەلگەن . ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەشقەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقى توغرىسىدا سابىت داموللاملار بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزگەن . سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمىغان .
         ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام پەيزاۋات شاپتۇللۇق كىشى بولۇپ دىنىي مەلۇماتى يۇقۇرى بولغاچقا، قەشقەر تەۋەسىدە تەسىرى زور بولغان. لېكىن بۇكىشى سېپى ئۆزىدىن مۇناپىق بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامغا قەست قىلىش سۈيىقەستىگە قاتناشقان ، ئوسمان پاشا بىلەن تۆمۈر شىجاڭنى زىددىيەتكە سېلىپ، ماجەنساڭ ئۈچۈن كەتمەن چاپقان. ئۇ 1934 - يىلىدىن كېيىن، يەنى شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن ھەم قەشقەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان . 1935 - يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكەبويىچە ئېچىلغان «ئىككىنجى قېتىملىق ئاۋام كونفىرىنىيىسى» گە قاتناشقان . قايتىپ بارغاندىن كېيىن، شىڭ شىسەيگە بولغان ئالاھىدە ئىخلاسى ھەققىدە سۆزلەپ يۈرگەن ھەم ئۇنىڭ «ئالتە بۈيۈك سىياسىتى» نى تەشۋىق قىلغان .
        1936-يىلى 5-ئايدا، شىڭ شىسەي قەشقەرنىڭ ۋالىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى بولشىۋېكلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ باۋچەنگە تېلېگرام بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن سودا - سانائەتچىلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىل قىلغانلىقىنى، شۇڭا قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىش لازىملىقىنى ئۇقتۇرغان . شىڭشىسەينىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەن مەھمۇت شىجاڭ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا يول قويمىغان. ئۇ، 5-ئاينىڭ12-كۈنى كېچىدە، ئادەم ئەۋەتىپ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللىنى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئۆتەڭ بازىرىدا يۇشۇرۇن ئۆلتۇرگۈزۈۋەتكەن. شىڭ شىسەي مەھمۇت شىجاڭنىڭ بۇ ئىشىغا غەزەپلىنىپ، مەھمۇت شىجاڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مەھمۇت شىجاڭنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن ئابدۇراخمان ھاجى بىلەن ئەمەت قۇل ھاجىنى ساقچى ئىدارىسى ئارقىلىق قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەن .
        ئەنە شۇ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام سابىت داموللاملار بىلەن يەكەندە قىلغان كېڭىشتىن كېيىن، بەزى كىشىلەرگە، ئۇلارنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرىمىز دېگىنى نېمىسى؟ ماجەنساڭلارغا كۇچى يېتەمدىكەن؟ دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ، سابىت داموللامنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلغان. تۆمۈر شىجاڭنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۇشكە مەسئۇل بولغان بىر كىشى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئىمىر ئابدۇللاغا ئېيتىپ قويغان .
         قەشقەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئەتىسى قايىتماقچى بولغاندا، ئىمىر ئابدۇللا (شاھ مانسۇر) ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئېلىپ قېلىپ نەزەربەند قىلىپ قويغان. ۋەكىللەر قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ يەكەندىكى كېڭىشتە بولۇنغان سۆزلەرنى ۋە ئىمىر ئابدۇللانىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى نەزەربەند قىلىپ قويغانلىقىنى تۆمۈر شىجاڭغا يەتكۈزگەن. تۆمۈر شىجاڭ بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، قەشقەر ئولىمالىرىدىن يەنە ۋەكىللەرنى تەشكىللەپ يەكەنگە ئەۋەتكەن . ئىمىر ئابدۇللا ۋەكىللەرگە: ئابدۇغوپۇر شاپتۇلنى ھازىر قوشۇپ بېرىمىز، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پىتنە - پاسات تارقاتمىسۇن! دەپ جىكىلىگەن .
          سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا يىتەكچىلىكىدىكى ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن يېڭىسارغا يېتىپ كەلگەندە، تۆمۈر شىجاڭ قەشقەردىن يېڭىسارغا كېلىپ، سابىت داموللاملارنىڭ قەشقەرگە بارماسلىقىنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا ئۆز پىكرىدەە چىڭ تۇرۇپ، قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ .
         قەشقەردىكى ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەمبەگ ھاجىم لۈيجاڭ، سېتىۋالدىجان (ئۆزبېك، قەشقەرگە قېچىپ كەلگەن باسمىچىلارنىڭ باشلىقى) ، كىچىك ئاخۇن تۈەنجاڭ قاتارلىقلار ئالتە يۈز دەك ئەسكەر بىلەن، ئوسمان پاشا (لۈيجاڭ) ، ئۇراز تۈەنجاڭلار باشچىلىقىدىكى قىرغىزلار تۆت يۈز قوشۇن بىلەن سابىت داموللىنى كۈتۈۋالغىلى چىقىدۇ. ئون مىڭلىغان شەھەر پۇقرالىرى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ، ئۇنى قارشى ئېلىشىدۇ .
        سابىت داموللام، ئىمىر ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى خوتەن قوشۇنلىرى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئوسمان پاشا ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن تۆمۈر شىجاڭ ئۆزىنىڭ تەسىرىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىدىماي، 1933-يىلى7-ئاينىڭ26-كۈنى ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەمبەگ ھاجى، سېتىۋالدىجان، كىچىك ئاخۇنلارغا بۇيرۇق بېرىپ، ساۋۇت داموللام ۋە شاھ مانسۇر تۇرغان ئورۇنلارنى قورشىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي قورالسىزلاندۇرغان ھەمدە سابىت داموللام بىلەن شاھ مانسۇرنى ياۋاغدىكى بىر ھويلىغا نەزەربەند قىلىپ قويغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، تۆمۈر شىجاڭغا ماجەنساڭدىن تارتىپ ھەممىسى قاتتىق بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا «سىلىڭ»لىق تامغىسىنى تاپشۇرغان. تۆمۈر شىجاڭ بۇ تامغىنى بىر كۈن شەھەر ئايلاندۇرۇپ داغدۇغا قىلغان. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن ئوسمان پاشا 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، ئۆز يۇرتى قىزىل ئۇيغا چىقىپ كەتكەن. 8-ئاينىڭ3-كۈنى، ماجەنساڭ تۆمۈر شىجاڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، قەشقەر ماجەنساڭنىڭ قولىغا ئۆتكەن. سابىت داموللام بۇ چاغدا يۇرتى ئاتۇشقا چىقىپ كەتكەن. تۆمۈر شىجاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوسمان پاشا قايتىدىن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەرنى ئىلكىگە ئالغان ھەمدە تۆمۈر شىجاڭغا تەۋە قوشۇللارنى ئۆزىگە قوشىۋالغان .
       ئوسمان قەشقەرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، سابىت داموللام ئاتۇشتىن قەشقەرگە كېلىپ، ئوسمان بىلەن كۆرۇشكەن. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنى قۇرغان. 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بۇ ئىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىللىق جەمئىيىتى»نى قۇرغان .
       شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا، ئەينى مەيداندا بار بولغان سەيپىدىن ئەزىزى كېيىن «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا مۇنداق يازغان: «شۇنداق قىلىپ، ھىجىرىيە 1352-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، مىلادى 1933-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى>قۇرۇلۇپ، كۆنچى مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بايراق چىقاردى. بۇ بايراق ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىدى. بايراق چىقىرىپ، «جۇمھۇرىيەت» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش چوڭ يىغىنىدا، «ھۆكۈمەت» ئىسىملىكى، ئاساسىي قانۇن ۋە « دۆلەت شېئىرى » ئېلان قىلىندى .
            «قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 1-قىسمىدا چاڭ شېياڭ مۇنداق يازغان: «11-ئاينىڭ 12 - كۈنى (ھىجىرىيە 1352-يىل7-ئاينىڭ 24-كۈنى) كېچىدە « شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىللىقى جەمئىيىتى » قەشقەر كونىشەھەردە يىغىن چاقىرىپ،«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. « تەشكىلىي پروگرامما » قاتارلىق ھۈججەتلەرنى ماقۇللىدى .
                11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » ھاكىمىيىتى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ تۈمەن دەرياسى بويىدا، يەنى ياۋاغ كۆۋرىكىنىڭ يېنىدا، يىگىرمە مىڭ كىشىلىك يىغىن ئېچىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. سابىت داموللام ئۆزى « دۆلەت ئىشلىرى باش ۋەكىلى » بۇلدى. ئاقسۇدا تۇرىۋاتقان خوجىنىياز ھاجىغا دۆلەت رەئىسى ئورنىنى قويۇپ قويدى. سابىت داموللام ئۇزۇن سۆز قىلدى. سۆزدىن كېيىن، شەھەردە نامايىش قىلىندى .
         11 -ئاينىڭ 15-كۈنى، سابىت داموللام شىۋېتسىيە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىسىنىڭ قۇتلۇق ھاجى باش مۇھەررىرلىكىدىكى باسمىخانىسىدا « شەرقىي تۈركىستان ھەپتىلىك گېزىتى» نى (بەزىلەر « يېڭى ھايات گېزىتى » دەيدۇ) چىقاردى. يېرىم ئايدىن كېيىن، « مۇستەقىللىق » ئايلىق ژورنىلى چىقىرىلدى، ئۇنىڭدا، « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە مۇھىم ھۆججەتلەر بېسىلدى، كەڭ كۆلەمدە جامائەت پىكرى تاييارلاندى.
        يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر «ئويغانغان زىمىن» ناملىق رومانىنىڭ 2 - قىسمىدا مۇنداق يازغان: «. . . ئۇنىڭدا جۇمھۇرىيەت رەئىسى خوجىنىياز ھاجىم دېيىلگەن .كېيىن، سابىت داموللام (ئاتۇش) باش ۋەكىللىككە، جانىبېك قازى (قىرغىز) مۇئاۋىن باش ۋەكىللىككە، زېرىپ قارا ھاجى (ئۆزبىك) ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە، قاسىمجان ھاجى (خوتەن) خارجى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم (قەشقەر) مائارىپ مىنىستىرلىكىگە، ئابدۇللاخان(ئۆزبىك) سەھىيە مىنىستىرلىكىگە، مەھمۇت موھىتى (تۇرپان) ھەربىي قوماندانلىققا، ئورازبېك (قىرغىز) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە، يۈسۈپجان قۇربېشى (ئۆزبېك) باش شىتاپ باشلىقلىقىغا، ئوبۇل ھەسەن ھاجى (ئاتۇش) سودا - دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىگە، شەمسىدن داموللام (ئاتۇش) ئەۋقاپ « ۋەخپە » ئىشلىرى مىنىستىرلىكىگە، مۇھەممىدىن ھاجى (قەشقەر) ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپلىقىغا كۆرسىتىلگەنىكەن».
        1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت سىتالىن ھۆكۈمىتى بىلەن شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ساراسىمگە سالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خوجىنىياز ھاجىغا ۋەدە بېرىپ، ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى يوقىتىشنى پىلانلىغان .
           1934-يىلى 3-ئايدا، ئۇلۇغچاتقا تەۋە ئەركەشتامدا، سىتالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى خوجىنىياز ھاجىنى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە مۇئاۋىن رەئىس قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن، خوجىنىيازنىڭ ئۇلۇغچاتتىكى ئىسھاقبېك تۈەنجاڭ بىلەن بىرلىشىپ ۋە شىڭ شىسەي قىسىملىرى بىلەن ماسلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى تىنچلاندۇرۇشنى شەرت قىلغان. خوجىنىياز ھاجى سىتالىن ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە كۆنگەن ھەمدە سابىت داموللام قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ، شىڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان .
        1934-يىلى 4 - ئايدا، خوجىنىياز ھاجى يەكەندە زىرىپ قارى ھاجى، شەمسىدىن داموللا، ئابلاخان سۇلتانبەگ قاتارلىق تۆت كىشىنى نەزەربەند قىلغان. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەھمۇت شىجاڭ قول ئاستىدىكى غوپۇر تۈەنجاڭنى قاغىلىققا ئەۋەتىپ، سابىت داموللامنى قولغا ئالغان. خوجىنىياز ھاجى سابىت داموللام بىلەن زىرىپ قارى ھاجىنى ئاقسۇغا يالاپ ئېلىپ كېلىپ، شىڭ شىسەينىڭ ئاقسۇدىكى قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن . 
        سابىت داموللامنى شىڭ شىسەيگە تۇتۇپ بېرىش بەدىلىگە خوجىنىياز ھاجى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. لېكىن، ئۇ مەھمۇت شىجاڭ قوماندانلىقىدىكى مىللىي قىسىمنى قەشقەردە قالدۇرۇشنى شەرت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، مەھمۇت شىجاڭ قەشقەردە شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولغان ئالتىنچى دىۋىزىيىنىڭ (كېيىنچە يەتتىنچى دىۋىزىيىگە ئۆزگەرتىلگەن) شىجاڭى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئورۇنغا ئىگە بولغان .
        سابىت داموللام 1934-يىلى شىڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىسىگە قامالغان. خوجىنىياز ھاجىمۇ 1937-يىل 10-ئاينىڭ 12-كۈنى «ياپۇن جاھانگىرلىكىنىڭ قۇيرۇقى» دېگەن توھمەت بىلەن شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ زىندانغا تاشلانغان . خوجىنىياز ھاجى 1938 - يىلى سىتالىن ھۆكۈمىتى تەرپىدىن تەربىيىلىنىپ ئۈرۈمچىگە - شىڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتىلگەن ھاشىم ھاجى دېگەن كىشى تەرىپىدىن سىرتماقتا بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن . خوجىنىياز ھاجى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كىشىلەر سابىت داموللامنىمۇ ئۆلتۈرۈلۈپ بولدى دەپ قاراشقان. لېكىن، سابىت داموللام 1940 - يىلىغا كەلگۈچە ھايات ساقلانغان. 1940 - يىلى ئۈرۈمچى ئىككىنچى تۈرمىنىڭ باشلىقى لۇ بىندى ئىسىملىك خۇيزۇ سابىت داموللام بىلەن تونۇشۇپ قالغان. لۇ بىندى سابىت داموللامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم» بىلەن قەغەز - قەلەم ئەكىرىپ بەرگەن ھەم سابىت داموللامنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ بەرگەن. شۇ كۈندىن باشلاپ، سابىت داموللام « قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە - تەفسىر قىلىشقا كىرىشكەن. ئون ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ تەرجىمە - تەفسىرىنى تولۇق تاماملىغان .
         سابىت داموللا «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمە - تەفسىرنى تاماملاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1941-يىلى ئەللىك سەككىز يىشىدا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان .
    «مەمتېلى ئەپەندى» ناملىق كىتاپ

    ئاماننىساخان                                                                                                            

        يەكەن سائىدىيە دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، شۇ دەۋردىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان يەكەندە كۆپلىگەن ئالىملار، شائىرلار، مۇزىكىشۇناسلار، تارىخچىلار، تېۋىپلار مەيدانغا كەلگەن. مانا شۇلار ئىچىدە يۈكسەك تالانت ۋە قابىلىيىتى بىلەن باشقىلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى مەشھۇر مۇقامشۇناس، شائىر مەلىكە ئاماننىسادۇر.
        ئاماننىسانىڭ تارىخىي شەخسىيىتى ھەققىدە تارىخچى موللائىسمەتۇللا بىننى مۇللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن» ناملىق رىسالىسىدىكى مەلۇماتتىن باشقا ئىشەنچىلىك تارىخىي مەنبەگە ئىگە ئەمەسمىز.
        «تەۋارىخىي مۇسقىيۇن» دا مەلىكە ئاماننىسا ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: «... ئون يەتتىنچى پىرى مەلىكەئى ئاماننىسا خېنىم ئىدى. بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانىشى ئىدى. ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانە شائىرەسى بولۇپ، «دىۋان نەفىسى» (نەفىسى شېئىرلىرى توپلىمى) ناملىق شېرىن بىر كىتابنى يازغانىدى. خەتتاتلىقتا ئۈستۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى. مۇزىكا ئىلمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى، سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغانىدى، سۇلتاننىڭ بۇ مەلىكىنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىش ۋەقەسى مۇنداق بولغانىدى: سۇلتان ئۆز ۋەزىرى - ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەختى يەكەندىن ئاتلىنىپ چىقىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە نەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى. سۇلتاننىڭ كېچىلىرى دېھقانچە ساددا كىيىملار كىيىپ قونۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غېرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەلەرگە زۇلۇم - سەتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى. بىر كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىرىدى. بۇ ئۆي مەھمۇت ئاتلىق بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى، بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇتنىڭ قىزى ئىدى».
        مۆجىزى تارىخچى ۋە مۇزىكا ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز دەۋرىدە مەلۇم بولغان كۆپلىگەن تارىخىي كىتابلار ۋە مۇزىكا ھەققىدىكى نۇرغۇن رىسالىلەرگە ئاساسلىنىپ «تەۋەرىخي مۇسىقىيۇن» ناملىق بۇ ئەسىرىنى يازغان، شۇنداق بولغاچقا، مەلىكە ئاماننىسا خېنىم توغرىسىدىكى بايانلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ يۇرتى توغرىسىدا بىشارەت بېرىلگەن بىر قانچە نوقتا ئاپتورنىڭ قىياسى بولماستىن، بەلكى ئۆزى ئىگىلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار ئىكەنلىكى ئېنىق.
         مەزكۇر رىسالىدە، سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ شىكار قىلىش ئۈچۈن پايتەخت يەكەن شەھىرىدىن چىقىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ تەكلىماكان ئەتراپىغا بارغانلىقى ۋە شۇ يەردە ئاماننىسا خېنىم بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئېنىق بايان قىلىنغان. مۆجىزى ئېيتقان «تارىم دەرياسى»، «تەكلىماكان ئەتراپى» دېگەن ئىككى ئۇقۇمنىڭ بۇنىڭدىن تۆت ئەسىر بۇرۇنقى (يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى) جۇغراپىيىلىك ئورنى بىلەن ھازىرقى زاماندىكى ئۇقۇم مەنىسى ئۆزگەرگەن جۇغراپىيىلىك ئورنى ئوخشاش ئەمەس. بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردا بۇ نۇقتىغا سەل قارالغانلىقتىن، «ئاماننىسا خېنىم مەكىت ناھىيىسىنىڭ تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قۇمۇش مەھەللە دېگەن يېزىدا تۇغۇلغان، توققۇز يېشىدا ئائىلىسى بىلەن تەكلىماكان بۇرجىكىدىكى قازانكۆل جاڭگىلىغا  كۆچۈپ كەتكەن» دېگەنگە ئوخشاش ئاماننىسا خېنىم دەۋرىدىكى تارىخىي ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان يەكۈن ئالغا سۈرۈلگەن، چۈنكى ھازىرقى ۋاقىتتا «تارىم دەرياسى» بىر قانچە دەريا ئېقىنلىرى ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسى تەۋەلىكىدە قوشۇلۇپ ھاسىل بولغان غول ئېقىننىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مۆجىزى كۆرسەتكەن «تارىم دەرياسى» نىڭ جۇغراپىيىلىك دائىرسىگە تەڭ دېيىلسە، ئۇ چاغدا ئاماننىسا خېنىمنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى يەكەن دەرياسىنىڭ ئەسلىدىكى نامى ۋە تۆت ئەسىر بۇرۇنقى بۇ جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشى توغرىسىدىكى پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
        تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، (يەكەن دەرياسى) دېگەن ئاتالغۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى جۇغراپىيىلىك نام بولۇپ، تېخى ئۆتكەن ئەسىردىمۇ يەكەن دەرياسىنىڭ نامى تارىم دەرياسىنىڭ نامى بىلەن قوشۇپ ئاتالغان، يەكەن دەرياسى تارىم دەرياسىنىڭ باش قىسىمى ۋە ئەڭ ئاساسلىق غولىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلگىرىكى ۋاقتلاردا بۇ دەريانىڭ نامى «ئوسمە تارىم»، «تارام دەرياسى» دەپ ئاتالغان. مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىمۇ بۇ دەريانىڭ نامىنى «ئوسمە تارىم» دەپ تىلغا ئالغان، ھازىرقى يەكەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغقىغا جايلاشقان ئارال يېزىدىكى بىر كەنتنىڭ نامى «تارام بويى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
        «تارام» _ دەريا تارمىقى ياكى تارماق دەريا دېگەن مەنىدە بولۇپ، «تارام» بىلەن «تارىم» تامامەن ئوخشاش مەنىدىكى سۆز ھېسابلىنىدۇ. بۇ پاكىتلار «يەكەن دەرياسى» دېگەن نامنىڭ تارىختا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، مۆجىزى تىلغا ئالغان «تارىم دەرياسى» دەل يەكەن شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىن ئېقىپ، شەرقىي شىمال تەرەپكە سوزۇلۇپ كەتكەن «ئوسمە تارىم» نى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق.
        بۇنىڭدىن بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرىكى «تەكلىماكان ئەتراپى» دېيىلگەن جايلار ئوسمە تارىم (ھازىرقى يەكەن دەرياسى) نىڭ غەربىي قىسمى بىلەن تىزناپ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرلەر ئىكەنلىكى شۈبھىسىز. بۇ جايلار بۇنىڭدىن بىر - ئىككى ئەسىر بۇرۇن قويۇق توغراقلىق، چاتقاللىق بىلەن قاپلانغان جاڭگاللىقلار بولۇپ، ھەرخىل ياۋايى ھايۋانلار ۋە قۇشلارنىڭ ماكانى ئىدى. يەكەن شەھىرىگە يېقىن بولغان بۇ جايلار كېيىنكى ۋاقتلاردا ئادەملەر تەرىپىدىن باغۇ - بوستانلىققا ئايلاندۇرۇلۇپ، باغتوغراق، تۆۋەن باغتوغراق، توغراقلىق ھويلا، توغراقمازار، جاڭگال، جاڭگالئېرىق، ئازغانباغ، ئاقىتكەن، شوخۇلۇق، چىغلىق، چىغرىق، چىغلىق ھويلا، چىڭگىلىك دەپ ئاتىلىدىغان كەنت - مەھەللىلەرنى بەرپا قىلغان، ھازىرمۇ بۇ جايلاردا ھەرخىل تەبىئى چاتقاللىقلارنى، قۇمۇشلۇق كۆللەرنى، تۈرلۈك ئىپتىدائىي ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
         يەركەن سەئىدىيە خانلىق دەۋرىدە مەكىت مارالبېشىغا تەۋە بىر كىچىك يېزا بولۇپ، «قۇمۇش مەھەللە» دېگەن كەنت تېخى مۇشۇ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن.
        يەنە بىر تەرەپتىن، ئاماننىسا خېنىمنىڭ ئوردىغا كېلىشتىن ئىلگىرىلا نەۋائى، فۇزۇلى قاتارلىق شەرق كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن خەۋەردار بولۇشى، ئۆزىگە «نەفىسى» دەپ تەخەللۇس قويۇپ شېئىر يازغانلىقى، مۇزىكا ۋە خەتتاتلىقتا كامىل بولغانلىقى.... تەبىئىيكى، مۇئەييەن ئىجتىمائىي مۇھىتقا باغلىق، ئاماننىسا خېنىمنى ئەنە شۇنداق ئىقتىدار ئىگىسى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئىجتىمائىي مۇھىت ئەينى زاماندىكى ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان يەكەن شەھىرىدىن ئىبارەت.
        دېمەك، ھەم تەبىئىي، ھەم ئىجتىمائىي مۇھىت جەھەتتىن بىردەكلىككە ئىگە بولغان بۇ پاكىتلارنى مۆجىزى ئوتتۇرىغا قويغان تارىخىي قاتلاملار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، ئاماننىسا خېنىم 1534 - يىلى تارىم دەرياسى (ھازىرقى يەركەن دەرياسى) نىڭ غەربىي قىسمى بىلەن تىزناپ دەرياسىنىڭ بىرىدە مەھمۇت ئىسىملىك ئوقۇمۇشلۇق بىر مۇزىكانت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ. مەھمۇت ئاكا ئۆز دەۋرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇزىكانتى ۋە مۇقامشۇناسى بولۇپ، مۇقام ئۇستازى قىدىرخان بىلەن ھەمنەپەس بۇرادەر ئىدى.
       بۇ دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىغا ئوخشاش يەركەندىمۇ تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ نەخشىبەندى ئىلغار ئىدىئولوگىيە ئېقىمى بىلەن ئەھرارى ۋەكىللىكىدىكى «تەركىدۇنيا» چىلقنى تەرغىب قىلىدىغان مۇتەئەسسىپ ئىدىئولوگىيە  ئېقىمى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەش داۋام قىلىۋاتاتتى. ئەنە شۇ كەسكىن كۈرەش ئىچىدە تەركىدۇنياچىلار بىر مەزگىل ئەۋىدەپ،سەئىدىيە دەۋررىدە گۈللىنىشكە باشلىغان مۇقام مەدەنىيىتىنى «دەھرىلىك» دەپ ئەيىپلەپ،مۇقامنى تەركىدۇنياچىلارنىڭ يىغا - زارى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرماقچى بولدى ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقنى جاھالەتتە قالدۇرۇپ، كەچكىچە خانقادا «ئۇماچ بەندىسى» بولۇپ ئۆتۈشكە يېتەكلىدى.
        ئون ئىككى مۇقامنى خەلقىمىزنىڭ گۈزەل ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدىغان قىدىرخان، مەھمۇت ئاكا قاتارلىق مۇقامشۇناسلىرىمىز ئۇلار بىلەن تىغمۇ - تىغ ئېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن تەركىدۇنياچى ئېزىتقۇلار ھەممە يەردە جەرە سېلىپ «ئەھلى دۇنيا» چىلار ئۈستىدىن پىتنە - پاسات تارقاتتى. شۇ قاتاردا مەھمۇت ئاكىنىمۇ كەمسىتىپ «ئوتۇنچى» (سەھرالىق تومپاي دېگەن مەنىدە) دەپ چەتكە قاقتى. «مەھمۇت ئوتۇنچى» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىمۇ ئەنە شۇ بولسا كېرەك. مۇشۇنداق ئوبىيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، پىتنە - پاساتچى سوپى - ئىشانلارنىڭ قۇسۇمەتلىرىدىن جاق تويغان مەھمۇت ئاكا توققۇز ياشلىق ئارزۇلۇق قىزى ئاماننىسانى ئېلىپ، يەركەن شەھىرىدىن ئانچە يېراق بولمىغان جاڭگاللىق خىلۋەت ماكانغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
        ئاماننىسا سەككىز ياشقا كىرگەندە ئانىسىدىن يېتىم قالىدۇ. مەھمۇت ئاكا بۇ يالغۇز پەرزەنتىنى ناھايىتى ئارزۇلاپ تەربىيىلەيدۇ. كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇنى بىر دىنىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. ئاماننىسا كۈندۈزلىرى مەكتەپتە خەت ساۋادىنى چىقارسا، كەچلىرى ئاتىسىدىن ساتار چېلىشنى،  مۇقام ئېيتىشنى ئۆگىنىدۇ. مەھمۇت ئاكا ئەسلىدە ئوقۇمۇشلۇق، مەرىپەتپەرۋەر مۇزىكانت بولغاچقا، ئۇلار شەھەردىن چەترەك جايرەك جايغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن ئاماننىساغا ئۆزى بىۋاستە ئۇستاز بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇزىكا ۋە مۇقامدىن ساۋاق بەرگەن، نەۋائى، فۇزۇلى، بابۇر قاتارلىق شەرق كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگەتكەن.  بۇ جەرياندا ئۇلار مۇقامشۇناس قىدىر خان بىلەن داۋاملىق باردى - كەلدى قىلىپ تۇرغان ۋە مۇقام ھەققىدە بىرلىكتە مۇتالىيە قىلىشقان، بۇ خىل ئىجتىمائىي مۇھىت ئاماننىسانىڭ ياش قەلبىدە مۇزىكىغا ۋە مۇقامغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، 13 - 14 ياش مەزگىللىرىدە ساتارنى ماھىرلىق بىلەن چالالايدىغان ۋە بىر قانچە مۇقامنى تولۇق ئوقۇيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلغان. ئۇنىڭ بۇنداق ئۆزگىچە تالانتى تېخى ئاشكارلانمىغان پەيتتە، ئۇ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر سۇلتانى ئابدۇرەشىدخاننىڭ نەزەرىگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ تەكلىپى ۋە تەشەببۇسى بىلەن ئوردىغا كىرىپ ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانىشى بولغان.
        مەلىكە ئاماننىسا خېنىم سۇلتان ئابدۇرەشىدخانغا خانىش بولۇپ، ئوردىدا 20 يىل ھايات كەچۈرگەن. بۇ جەرياندا سەئىدىيە خانلىقى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ناھايىتى چوڭ گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن، مەلىكە ئاماننىسا خېنىم ۋە ئۇنىڭ ئۇستازى قىدىرخانلارنىڭ تەشەببۇسى، سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ قىزغىن قوللىشى ئارقىسىدا، ئالدى بىلەن خانلىق تەۋەلىكىدىكى مەشھۇر مۇزىكانتلار، مۇقامچىلار، شائىرلار ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان، ئوردىغا توپلانغانلار ئىچىدە مەلىكە ئاماننىسانىڭ دادىسى مەھمۇت ئاكىمۇ بار ئىدى. ئاماننىسا خېنىم قىدىرخان باشچىلىقىدىكى بۇ مۇقامچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكا ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى بىلىم ۋە ماھارىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئەل ئىچىدىن ئالغان مۇزىكىلىق ئوزۇق بويىچە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇيغۇر مۇقامچىلىق تارىخىدىكى كامالەتكە يەتكەن مۇقامشۇناس بولۇپ يېتىلگەن. مۆجىزىنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا: «... خۇدايىتائالا بۇ قىزغا شۇنداق ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى، تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ «دىۋان نەفىسى» نى يازدى، خوتۇن - قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدا «ئەخلاقى جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) ناملىق بىر كىتابنى يازدى، «شورۇھۇلقۇلۇپ» (قەلبلەر شەرھى) ناملىق بىر رىسالە يازدى، شائىرلىق، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاب ئاز، «ئىشرەت ئەنگىز» (شادلىق قوزغىغۇچى) ناملىق بىر مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغانىدى. ئەپسۇسكى، بۇ قىممەتلىك مىراسلار كېيىنكى مەزگىلدە ئابدۇرەشدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇكېرىمخان ئافاق خوجا تەرەپدارى خوجا ئىساق ۋەلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۇپ، تەركىدۇنياچى تەسەۋۋۇپچىلار ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئۆتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى دەۋرىدە يوقىلىپ، دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن.
        مەلىكە ئاماننىسانىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس زور تۆھپىسى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ:
        بىرىنچى، فارابى دەۋرىدىن سەئىدىيە دەۋرىگىچە داۋام قىلغان ۋە كەڭ تېررىتورىيىگە يېيىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ غەيرىي ئېلىشاڭغۇلۇق ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مۇزىكىلىق ئاھاڭ خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە رەتكە سېلىشقا، سىستېملاشتۇرۇشقا كاتتا ئەجىر سىڭدۈردى ۋە بۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى.
        ئىككىنچى، ئۇيغۇر مۇقامچىلىقىدىكى چوڭ نەغمە، داستان، مەشرەپتىن ئىبارەت مۇقام تەركىبلىرىنى ھەر قايسى مۇقاملىق كۈي شەكىلى بويىچە بىر پۈتۈن مۇقام قامۇسى قىلىپ يۈرۈشلەشتۈردى ۋە قېلىپلاشتۇردى.
        ئۈچىنچى، مۇقام مۇزىكىلىرىنى نوقۇل دىنىي مۇناجاتلار ۋە بەزى چۈشىنىكىسىز چاكىنا تېكىستلاردىن ئازاد قىلىپ، ئۆز دەۋرىدە مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بىلەن سۇغۇرۇلغا  ئۇيغۇر شېئىرىيىتى بىلەن تېكىستلەشتۈرۈدى.
        دېمەك، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك تالانتى ۋە ئەقلىي - قابىلىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسىدىن تارتىپ تېكىستلىرىغىچە تولۇقلاپ رەتلەپ ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ زامانىمىزغا قەدەر ساقلىنىپ كېلىشىدە زور خىزمەت كۆرسەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقام ھەغدالىرى ئۇنىڭ ئۆچمەس تۆھپىسىگە سمۋول قىلىپ، يۇرتى يەركەن شەھىرىدە مەلىكە ئاماننىسانىڭ ھەيۋەتلىك ۋە مەڭگۈلۈك مەرمەر ھەيكىلىنى تۇرغۇزدى.
        ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ سۆيۈملۈك مۇقامشۇناسى ۋە شائىرەسى مەلىكە ئاماننىسا تەخمىنەن 1568 - يىلى 34 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولدى. (مۇقام پېشۋالىرى).
    [ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]
    دەرىجىسى: ياساۋۇل
    UIDنومۇرى: 2762
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 28
    شۆھرىتى: 52 نومۇر
    پۇلى: 230 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-06-16
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-08
    7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 42كۈن بۇرۇن
    سىز سۇلتان سەئدخان دەۋالغان كىشىنىڭ سۈرىتى 19-ئەسىردىكى قوقەند خانلىىقىنىڭ پادشاھىنىڭ رەسىمى  بۇلىدۇ .تۈزۈتىۋېلىڭ .
    دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
    UIDنومۇرى: 1785
    جەۋھەر يازمىسى: 2
    يوللىغان يازمىسى: 117
    شۆھرىتى: 324 نومۇر
    پۇلى: 1150 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-12
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
    8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 42كۈن بۇرۇن
                                                                       بابۇر شاھ

    سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىستېداتلىق ئالىم، مۇتەپەككۇر شائىر، ئۇلۇغ ھەربىي سەركەردە، مەشھۇر دۆلەت ئەربابى زەھرىدىن مۇھەممەت بابۇر 1482-يىلى خان جەمەتى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، 1530-يىلى قىرىق سەككىز يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

    بابۇر كىچىكىدىنلا مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەچكە، ئەتراپلىق بىلىم ئىگىسى بولۇپ يېتىلگەن. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە ئىلىم-مەرىپەت ئەھلىنى ئەتراپىغا توپلاپ، پەن مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرگەندىن تاشقىرى، «بابۇرنامە»، «ئەسرار مۇسقى»، «كۇللىيات بابۇر،» قاتارلىق مۇھىم ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، چاغاتاي تىلى ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ۋەكىللەردىن بىرى سۈپىتىدە ئەدەبىيات تارىخىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ بىرقىسىم غەزەللىرى «ئون ئىككى مۇقام» ئاھاڭلىرىغا سېلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر سۆيۈپ ئوقۇلۇپ كەلمەكتە.

    مەنبەسى: ئالىم ۋە ئەدىبلىرىمىز ھەققىدە ھېكايىلەر
    yol
    دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
    UIDنومۇرى: 1785
    جەۋھەر يازمىسى: 2
    يوللىغان يازمىسى: 117
    شۆھرىتى: 324 نومۇر
    پۇلى: 1150 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-12
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
    9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 42كۈن بۇرۇن
                                                                    جيەن بوزەن

        جيەن بوزەن (1898 - 1968- يىللار) خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيىسىدىن، ئۇيغۇر، يۇرتى شىنجاڭ. 1916- يىلى ۋۇچاڭ سودا تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1924- يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇغان، 1924- يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. 1927- يىلى بۈيۈك ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا بېرىپ ماركىسىزىملىق تارىخشۇناسلىق بويىچە جۇڭگو تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. 1937- يىلى جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن. 1937- يىلى ياپونغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن چاڭشاغا قايتىپ ياپونغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى بىلەن مەشغۇل بولغان، كېيىن جۇ ئېنلەينىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە چۇڭچىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا بىرلىكسەپ ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتى خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1948- يىلى شىمالىي جۇڭگو ئازات رايونىغا يۆتكىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىجتىمائىي پەن بۆلۈمىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو تارىخشۇناسلىق ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ 1968- يىلى 12- ئايدا ئۇۋالچىلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «جۇڭگو تارىخى تېزىسى»، «تارىخى پەلسەپە دەرسلىكى»، «جۇڭگو تارىخى تېزىسى پروگراممىسى»، «تارىخى مەسىلىلەر مەجمۇئەسى»قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 
        1968- يىلى 10- ئايدا، مەدەنىيەت ئىنقىلابى 3- يىلىغا قەدەم قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى تەيۋەندىن باشقا 29 ئۆلكە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممىسىدە ھوقۇق تارتىۋېلىنىپ « ئىنقىلابىي كومىتېت» قۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت «قىپ قىزىل»لىققا پۈركەندى. نۇرغۇنلىغان «كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار»لار تارتىپ چىقىرىلىپ ئىنقىلاپ يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى. 
        1968- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە ئېچىلغان ج ك پ نىڭ 8- نۆۋەتلىك 12- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ «ئاسىي، خائىن، ئىشچىلار ئاسىيسى ليۇ شاۋچىنىڭ جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» تاماملانغاندىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ يېپىلىش نۇتقى سۆزلەپ:  « ........ سىنىپىي دۈشمەنلەرنى تازىلاشتا توغرا بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرۇش ۋاستىسى قاتارلىق ئۇسۇللار نوپۇزلۇق ئالىملارغا قوللانماسلىق ۋە چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك. فېڭ يۈلەن، جيەن بوزەن قاتارلىقلارنىڭ يەنە ئىشلىتىلىش ئورنى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا كۈرەش قىلىنىدىغانلارنى كۈرەش قىلىپ، ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك » دىگەن. 
        لېكىن ماۋ زېدۇڭ شۇنداق يوليورۇق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما جيەن بوزەن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن دورا ئىچىپ ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر قىلىنغان، ئۇنىڭ ئايالى دەي شۇۋەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆلىۋالغان. 
       جيەن بوزەن شىنجاڭلىق بولۇپ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن ئەقىللىق ۋە تىرىشچان بولۇپ، 1924- يىلى 26 ياش ۋاقتىدا ئامېرىكىغا بېرىپ ئىقتىساد ئىلمىنى ئۈگەنگەن، كېيىن يەنە گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تەكشۈرۈشتە بولغان، دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماركىسىزىملىق قاراش بويىچە جۇڭگو جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان. 
        ياپونغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى چوڭ ئارقا سەپتە قېلىپ، پارتىيە تاپشۇرغان خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. كېيىن جياڭ جيېشى كوممۇنىستلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەندە، جۇئېنلەينىڭ تەكلىپى بىلەن سىچۈەننىڭ باشيەن ناھىيىسىگە كەتكەن ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشيەن ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ گېنېرال فېڭ يۈشياڭنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1945- يىلى 8- ئايدا گومىنداڭ كومپارتىيە چۇڭچىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ماۋ زېدۇڭ جيەن بوزەننى مەخسۇس قوبۇل قىلغان، بۇ چاغدا جيەن بوزەن ماۋ زېدۇڭدىن چۇڭچىڭدىن ئازات رايونلارغا كېتىشنى تەلەپ قىلغان. 
        1946- يىلى 5- ئايدا جيەن بوزەن، ماشۈلۇن، گو مورو، شۈ گۇاڭپىڭ قاتارلىق كىشىلەر پاراخوتقا ئولتۇرۇپ چۇڭچىڭدىن يولغا چىقىپ شياڭگاڭ ئارقىلىق 11- ئاينىڭ 23- كۈنى ئازات رايونغا يېتىپ كەلگەن. 
       يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جيەنبوزەن، گو مورو، پەن ۋېنلەن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تارىخ ئىلمىي تەتقىقاتىنى تەشكىللەش رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان، 1958- يىلى «مەشھۇر نەزەرىيىچى» چېن بودا «تارىخقا نەزەرىيە يېتەكچىلىك قىلىش» نۇقتىئىنەزەرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا جيەن بوزەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى چىققان. ئۇ ئەينى چاغدا «بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىت ئىلمىي ژۇرنىلى» ۋە «نۇر گېزىتى»نىڭ تارىخ سەھىپىسىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغاچقا چېن بودا ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ «تارىخقا نەزەرىيە يېتەكچىلىك قىلىش»نۇقتىئىنەزەرى ھەققىدە: «قالپىقى چوڭ، مەزمۇنىنىڭ تايىنى يوق ماقالىلارنى قەتئىي باسماسلىق؛ قۇرۇق نەزەرىيە ماقالىلىرىنى قەتئىي باسماسلىق؛ چاكىنا چۇۋالچاق ماقالىلارنى قەتئىي باسماسلىق»تەك ئۈچ ماددىلىق تۈزۈپ بېكىتكەن، ئەينى چاغدا بەزىلەر ھوقۇقىنى پەش قىلىپ ئۇنىڭغا قورقاق سالغاندا ئۇ كەسكىنلىك بىلەن: « ئۇنداقتا مېنىڭ ھوقۇقۇمنى ئېلىپ تاشلاڭلار، شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ سىلەرنىڭ ماقالەڭلەرنى باسمايمەن» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن، ۋە ئۆزى ماقالا يېزىپ ئۇلارنىڭ قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بەرگەن. 
        ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى چېن بودا، كاڭ شېڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىغاچقا، ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە ۋە ئۆزىنىڭ تارىخ قارىشىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغان بولسىمۇ لېكىن جيەن بوزەن ھەقىقى تارىخشۇناس بولغاچقا، ئۇلارغا قەتئىيلىك بىلەن «ئۆزۈمنى تەكشۈرسەم بولىدۇ، لېكىن مەن ھەقىقەت مەسىلىسىدە ھەرگىز ئارقامغا چېكىنمەيمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن چېن بودا ،كاڭ شېڭ قاتارلىقلار «دۆلىتىمىزنىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىنى بۇرژۇئازىيە كونترول قىلىۋاپتۇ، شۇڭا ئۇنى قايتۇرىۋېلىش كېرەك» دەپ يەكۈن چىقىرىشقان. 
        1965- يىلى 11- ئايدا ياۋ ۋېنيۈەننىڭ «يېڭىدىن تۈزۈلگەن تارىخىي درامما ــــ خەي رۈينىڭ مەنسەپتىن قالدۇرىلىشىغا باھا» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەقىقىي تارىخشۇناس بولغان جيەن بوزەن بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، بۇ ماقالىگە قاتتىق رەددىيە بەرگەن. ياۋ ۋېنيۈەن قاتارلىقلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «ئىلمىي مۇنازىرە» نامى بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، تارىخشۇناسلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن «جىنايى پاكىت» توپلاشقا باشلىغان ۋە جيەن بوزەننىڭ قاراشلىرىغا بۆھتان چاپلاپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغان ۋە بۇ نامدىكى «ئىلمىي مۇنازىرە» ناھايىتى تېزلا سىياسىي جەھەتتىكى چوڭ كۈرەشكە ئايلىنىپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭغا « ئەكسىيەتچىل ئىلىم نوپۇزلىقى»، «كومپارتىيىگە قارشى ئۇنسۇر» قاتارلىق قالپاقلار كەيدۈرۈلۈپ، كۈرەشكە تارتىلغان. بۇ چاغدا 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان جيەن بوزەن كۈرەشكە تارتىلغاندا سۆز ئىشلىتىلمەستىن ئەكسىچە « ئىنقىلابىي » كىشىلەر تەرىپىدىن كالتەك - توقماق، مۇش - پەشۋا ۋە ئېغىر قىيناقلار بىلەن 100 قېتىمدىن ئارتۇق سوراق قىلىنغان. 
        گەرچە 1968- يىلى 10- ئايدا ماۋ زېدۇڭ جيەن بوزەن، فېڭ يۈلەن قاتارلىق كىشىلەرنى بەك قىستىماسلىق ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرگەندە، ئۇ بۇنى ئاڭلاپ ماۋ زېدۇڭغا خەت يېزىپ رەھمەت ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ يوليورۇقى ۋە ئۇنىڭ رەھمەت خېتى ئۇنى ھالاكەتلىك تەقدىردىن قۇتۇلدۇرالمىدى. ھەم بۇيرۇق بويىچە بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىدىكى شەرقىي باغچىدىن غەربىي باغچىغا كۆچۈرىۋېتىلدى ھەم مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى توختىماستىن ئۇنى مەسىلىسىنى تاپشۇرۇشقا قىستىدى ۋە ئۇنى توختىماستىن ئازاپلاپ تەن جازاسى بەردى، بۇ چاغدا جيەن بوزەننىڭ ئۆپكە كېسىلى ئېغىرلىشىپ ئۈسكۈنىنىڭ ياردىمىگە تايانمىسا نەپەستە قىينىلىدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ لېكىن «ئىنقىلاپچىلار» ئۇنىڭغا قەتئىي يۈز - خاتىرە ۋە رەھىم - شەپقەت قىلمىدى ھەم شۇنداقلا ئۇنى خائىن، ئىشپىيون دىگەندەك ناملار بىلەن تۈرمىگە تاشلايمىز دەپ تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭدىن ليۇ شاۋچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تاپشۇرۇشقا قىستىدى. 
        1968- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا يەنە مەسىلىسىنى تاپشۇرۇش ھەققىدە تەھدىت سېلىپ، بولمىسا تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى،
    سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچارلىشىپ، پۈتۈن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇلۇغ بۇ تارىخشۇناس ئاخىرى ئۆلۈم يولىنى تاللاپ، ئايالى بىلەن بىرلىكتە دورا ئىچىپ ئۆلىۋالدى.



    لى يۇڭ قاتارلىقلار يازغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق كىتاپتىن  تەرجىمە قىلىندى.
    مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى 2006- يىلى 9- ئاي خەنزۇچە 1- نەشرى .

                                            مۇھەممەدئىمىن ھىرقەتى(گۇمنام)

        «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكامە»ناملىق مەشھۇر داستاننىڭ ئاپتورى مۇھەممەدئىمىن ھىرقەتى، يەنى گۇمنام ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان ئاتاقلىق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى.
       مۇھەممەتئىمىن ھىرقەتى، يەنى گۇمنامXVII  ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كاشىغەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيسى تازغۇن«باغچى» يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئاتىسىنىڭ ئىسمى خاجەم قۇلى،ئۇ ئاپپاق خوجىنىڭ دەۋرىدە باغۋەن،چىراقچى ۋە كاۋاپچى مەنسەپلىرىدە بولغان. بۇ ھەقتە شائىر داستانىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
        «ئەگەر كىشى ساھىب تەسنىفىنىڭ كەلامىن ئىشتىپ،نامىن بىلەيىن دېسە،مەجھۇل قالماسۇ،مەئالۇم بولسۇن ۋە مۇبھەم بولماسۇن. مەفھۇم بولسۇن دەپ،ھەدەف نامىمنى ۋە تەرەف مەقامىمنى تەئىين قىلدىكىم مۇھەممەد ئىمىن ئىبن خاجەمقۇلى ۋە ئازادەلەر باغىنىڭ بۇلبۇلى ۋە مېھنەت تاغىنىڭ گۈلى....بەندەئى ئەۋلادى مۇھەممەد كاشىغەر ۋەلايىتىدىن،تازغۇن دەھى،پىرھىدا يەتىدىن خالىي،ئارغۇن رەھىدىن قىشلاغى باغچى مەنىسەبى ھەم باغچى ۋە سانى چىراقچى ۋە سالىسە كەبابچى،بۇ ئىشلار ۋە بۇ رەۋىشلەر زۇبدەئى پەيغەمبەر زادەلەر ۋەشەھ ئازادەلەر دەۋرىدەدۇر.»

    «ئېرور باغ مىھتەرى قىشلاقى باغچى،
       ئىكىنچى مەنسەپ ئېردى چىراقچى.
       كەبابچىلىق يەنە بىر مەنسەبىدۇر،
        كەباب قىلماق،خاجەمنىڭ مەتلەيىدۇر.»

        شائىرنىڭ يۇقىرىقى مەلۇماتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،ئۇ ئاپپاق خوجا ھوزۇرىدا باغۋەنچىلىك مەنسىپىدە ئىشلىسىمۇ،ئۆزىنى يەنىلا «ئازادەلەر(گۈزەللەر،ئېسىللەر)باغىنىڭ بۇلبۇلى ۋە مېھنەت(جاپا-مۇشەققەت)تاغىنىڭ گۈلى» دەپ ئاتايدۇ.دېمەك،ھىرقەتى داستانىدا ياراتقان«سابا»،«گۈل» ۋە «بۇلبۇل» قاتارلىق سىمۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە ئوبرازلار ئارقىلىق جاپا-مۇشەققەتنى ئۆزىگە ئالدىنقى شەرت قىلغان ۋىسال شادلىقى ئىشقىدا كۆيۈپ-يېنىپ كۈيلەيدۇ.
        شائىرنىڭ «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتنامە»ناملىق داستانى بار.
    ①. بۇ 2000مىسرا ئەتراپىدىكى ئەسەرنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ.        بىرىنچى«مۇقەددىمە» قىسمى، بۇنىڭ ئالدىنقى بۆلىكى بىر قانچە ئابزاس نەسرىي بايان،بېيىت ۋە نەزمىلەردىن تەركىپ تاپقان.بۇلاردا شائىرنىڭ ئىشقىي مۇھەببەت،ئەمگەك(مېھنەت)،ۋىسال توغرىسىدىكى قاراشلىرى ئوبرازلىق بايان قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىن كىچىك بىر مۇقەددىمە،بەش ماۋزۇ ئاجرىتىلىپ،رەسۇلىللا،چاھارىيالارغا ھەمدۇ سانا ئوقۇيدۇ؛ ئاخىرىدىكى بىر ماۋزۇدا ئاپتورنىڭ كىتابنى باشلاش توغرىسىدىكى كۆزقارىشى بايان قىلىنىدۇ.ئىككىنچى بۆلەك داستاننىڭ ئاساسىي قىسمى بولۇپ،بۇ ئىككى باپتىن تەركىپ تاپقان. بىرىنچى باپى تۆت بەتلىك نەزمىدىن كېيىن 16ماۋزۇغا،ئىككىنچى بابى ئۈچ بەتلىك نەزمىدىن كېيىن 23 ماۋزۇغا ئايرىلغان. ئۈچىنچى قىسمى «خاتىمە كىتاپ ۋە فاسىھەئى كىتاپ» دېگەن ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ،بۇ داستاننىڭ خاتىمىسى ئىكەنلىكى ئۆزىدىن مەلۇم. داستان پۈتۈنلەي ئارزۇ ۋەزىننىڭ مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا تۆتلۈكلەردىن 24 كۇپلېت قوشۇمچە قىلىنغان. بۇنى داستان مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېيىشكە بولىدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ،شائىرنىڭ چوڭقۇر ئىدىيىۋى ھىسسىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رۇبائىي دەپ ھېساپلاشقىمۇ بولىدۇ.
    مىرسۇلتان ئوسمانوۋ تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان«دىۋانى گۇمنام» _ ھىرقەتىنىڭ لىرىك شېئىرلار توپلىمىدۇر

    .
        شائىر ھىرقەتى گۇمنام دېگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. بۇ توغرۇلۇق ئىسھاق ئىبن زىياۋۇدۇن «تەزكىرەئى قەلەندىران»(1719-يىلى يېزىلغان)ناملىق كىتابىدا مۇنداق ئۇچۇر قالدۇرغان.
    «پىرمەت سېتارى رىۋايەت قىلىدۇركى،بىر نەچچە پۇرسەت پىقىر مەشرەبى مەجزۇپ خوجام پاشانىڭ يازلىق قارارگاھى بولمىش گۈلباغ مەۋزەئىنىدىكى بېغىدا خىزمەت ئاداسىدا بولدۇق.مەزكۇر باغ رەۋزائى رىزۋاندىن نىشانە ئىدى. جەننەتسىمال باغنىڭ مۇتەسسەددىسى خوجا پاشا خىشەلەرى بولمىش مۇھەممەد ئىمىن خوجامقۇلى ھىرقەتى ئىدى. مەزكۇر ھىرقەتى يەنە گۇمنام تەخەللۇسى قىلار ئەردى. ئانىڭ قەلەمىدىن بەغايەت پۈرمەئىنى ئەبياتلار زوھۇرغا كەلمىشدىكىم، گۇمنام ئۇلارنى بىر يەرگە جەملەپ، ئەشئار دىۋانى ھەم تەرتىپ بەرمىشىتى».
    «دىۋانى گۇمنام»دا غەزەل ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇندىن باشقا مۇخەممەس، رۇبائىي، تەرجنبەندىلەرمۇ بار.
    چۈشەندۈرۈشلەر:
    ① ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللاردا بۇ داستان 1670-يىلى يېزىلغان،شائىر 16يىل مەدرىستە ئوقۇپ،ئەرەبچە،پارسچە تىللارنى ياخشى ئۈگەنگەن ۋە شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان، دېگەن مەلۇماتلار بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ مەنبەئە ئاساسى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن. شۇڭا،بۇلار توغرىسىدا قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.
      ② داستاننىڭ بىردىن-بىر قوليازمىسى ھازىر ش ئۇ ئا ر مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ،نومۇرى 004، ئىلگىرى يەنى 1957-يىلى،1982-يىللىرى ر.جارى قاتارلىقلار تەرىپىدىن قىسقارتىلىپ ئېلان قىلىنغان.1993 ۋە 1995-يىللىرى ئى.يۈسۈپ، ئا،خوجىلار تەرىپىدىن قايتا تولۇقلىنىپ «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1993-يىلنىڭ3-،4-سانلىرىدا ۋە ئايرىم كىتاپچە بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1995-يىلى نەشر قىلىندى. بۇ قېتىم بۇ كىتاپتا ئاخىرقى قېتىم نەشر قىلىنغان نۇسخىسى ئاساسىدا تونۇشتۇرۇلدى.
    ③ئاپتور ئۆزى «مۇقەددىمە» دېمىگەن. بايان قىلىشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن،شۇنداق ئاتاپ تۇرۇلدى.
    ④.«شەرق يۇلتۇزى»1990-يىللىق8-سان، تاشكەنت.

    ⑤ م.ئوسمانوۋ نەشرگە تەييارلاپ،«بۇلاق»ژورنىلىنىڭ 1981-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان گۇمنام غەزەللىرىگە قاراڭ. (ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى)

                                                           ئاپئاق خوجا

    بىزنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىمىزدا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە سەلبىي قىلمىشلىرى بىلەن نام قالدۇرۇپ ئۆتكەن چوڭ خوجا - ئىشانلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى - ئاپئاق خوجا (ھىدايتۇللا خوجا) دۇر.
         ئاپئاق خوجا - خوجا مەخدۇم ئەزەمنىڭ پەر نەۋرىسى - (مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغلى) بولۇپ، مىلادى 1626- يىلى قۇمۇلدا قەشقەرلىك سەئىد جېلىل قەشقىرى دېگەن كىشىنىڭ قىزى زۇلەيخا بىكىم (بىكىم بېگىم مەنىسىدە - ئا) دېگەن خاتۇندىن تۇغۇلغان. 1633- يىلى دادىسى بىلەن سوپىلىق قىلىپ قەشقەرگە پەيدا بولغان. 1660-يىلى 34- يېشىدا يەكەندە مەكىتلىك ئوبۇل ھادى بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. 1678- يىلدىن 1694- يىلغىچە 16 يىل قەشقەرىيە (ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ) گە «خان» لىق قىلغان. ئۆمرىدە «ئەۋلادى پەيغەمبەر خوجا» - «ئەۋلىيا خوجام»( )، «ئاپئاق خوجا»، «ئىشان نۇر ئاللاھ»( )«ئىشان ئەلەيھى»، «ئاللاھ خوجام»( )، «پېشىۋاھى ھەزرەت»، «ئاباخ خوجا»( ). «تورلوك ئاباخ»( ) دېگەندەك ناملارنى قوللانغان ياكى قوبۇل قىلغان. 1693- يىلى يازدا ئوغلى (شۇ چاغدىكى قەشقەرنىڭ باش ھۆكۈمرانى) يەھيا خوجا (خان خوجا دەپ ئاتىلىدۇ) غا: «... ئەي قەدىرلىك پەرزەنت، مۇشۇ يەر ھەممە يەرلەردىن ئوبدانراق ئىكەن. بۇ يەرگە ئېگىز بىر گۈمبەز قىلىڭ، ئۇ - تا قىيامەتكىچە بۇزۇلمىسۇن....» (ئاپئاق خوجا تەزكىرىسى كۆچۈرۈلمە نۇسخا 41- بەت) دېگەن بۇيرۇقنى بېرىپ، دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ قەبرىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھازىرقى ئاپئاق خوجا مازىرىنىڭ ئەسلىنى ياساتقان ھەم ئۇنىڭغا دەسلەپتە «مازارى شاھان» (مازارلار شاھى) دەپ نام قويغان. ھىجرىيە 1115- پەلەڭ يىلى يەنى يولبارس يىلى ماھى سەپەر ئېيىنىڭ 16- كۈنى (مىلادى 1694- يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى) ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىشاق ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ھوقۇق، ئىنتىقام ئاداۋىتى بىلەن يەكەن شەھىرىدە 68 يېشىدا زەھەرلەپ مەخپىي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. جەسىتى شۇ يىلى قەشقەر شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېلىنىپ، ئۆزى ئۆلۈشتىن يەتتە ئاي بورۇن ياستىپ قويغان «مازارى شاھان» غا دەپنە قىلىنغان. ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى خوجايەھيا شۇ يىلى دادىسىنىڭ قەبرىسىنى چوڭ گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇپ، گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە پارسچە
    «ئاپئاق خوجا خۇدانىڭ ئاشىقى ئىدى»، «يەككە - يېگانە مەشۇق ئىدى» دېگەن خەتنى يازغۇزۇپ، بۇ يەرنىڭ نامىنى «مەزرىنى ئاپئاق مازىرى» قىلىپ بېكىتكەن.

        ئاپئاق خوجا مىلادى 1640- يىللار ئەتراپىدا دادىسىنىڭ سوپىلىقنى ئۆگىنىپ قەشقەردە مۇرەتتەپ (پىششىق) سوپى ھەم تونۇلغان ۋائىز (مەدداھ) لاردىن بولۇپ قالغان. 1644- يىللىرى
     دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى (خوجا ئىشاقنى ۋەلىنىڭ نەۋرىسى) خوجا ئابدۇللا ئىشان تەرىپىدىن دىنىي ھوقۇق، ئىمتىياز تالىشىش ئاداۋىتى بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال دادىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى «پىر» ئېلان قىلغان ھەم دادىسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن «ئىشقىيە سۈلۈكى» گە ۋە بۇ «سۈلۈك» مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەتلىرىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان. ئاپئاق خوجا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ چاغ _ قەشقەرىيەدە بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى چوڭ سوپىلىق سېپى _ «ئىشقىيە» چىلەر سېپى بىلەن «ئىشاقىيە» چىلەر سەپلىرىنىڭ ئىچكى كۈرەشلىرى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ تۇرغان يامان چاغقا توغرا كەلگەن( ). مۇشۇنداق كەسكىن كۈرەش ئىچىدە باش كۆتۈرگەن ئاپئاق خوجا يەنىلا ئۆز رەقىبى بولغان «ئىشاقىيە» چىلەرگە قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلىش، ئاخىرى بېرىپ پۈتۈن قەشقەرىيىنىڭ بىردىنبىرى چوڭ دىنىي ھۆكۈمرانى بولۇپ مەيدانغا چىقىشنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن:
    1. ئۆزىنى «سەئىد» ئاتاپ («مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27- ئەۋلاد نەۋرىسىمەن» دەپ ئېلان قىلىپ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «ۋارىس» لىك قىلىۋاتقان «ئۇلۇغ زات» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تۇنجى قېتىم قەشقەردە ئەتراپىغا ئادەم يىغىش، مۇرىت كۆپەيتىش ۋە ئۆز يېقىنلىرى ئارقىلىق قەشقەر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «... خوجام دەرگاھىغا كېلىپ مۇرىت بولغۇچىلارنىڭ ھەر قانچە ئېغىر گۇناھلىرى بولسىمۇ گۇناھىدىن ساقىت بولىدۇ...»، «ئىنسان سۈلۈككە كىرسە (خوجامغا مۇرىت بولسا دېمەكچى - ئا) ئورنى بارغانسېرى ئاشىدۇ. ئاللاھنىڭ زاتىغا ئۇلىشىدۇ ۋە ئەبەدىيلىشىدۇ. مۇشۇ يول بىلەنلا خۇداغا يېقىنلىشىش مۇمكىن... »، « ... خوجام(ئاپئاق خوجىنى دېمەكچى-ئا) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆمىنلەرگە «پىر»، «ئۇستاز» بولۇش ئۈچۈن كەلگەن «ئەۋلىيا» دۇر... »، «پەيغەمبەر بىلەن ئوخشاشتۇر...»، «... بىرەر كىشى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ دىننىڭ پۈتۈن ئەركانلىرىنى ئورۇنلىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر «ئەۋلىيا»،«پىر» غا قول بەرمەيدىكەن، ئىشەنمەيدىكەن گۇناھكار بولىدۇ. قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ...» («تەزكىر پىر ياران» دىن) دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى  ئۆزىنىڭ تاللانغان، سۆزمەن، تەشۋىقاتچىلىقتا چېنىققان، ئەل ئىچىدە تونۇلغان مەدداھلىرى ئارقىلىق كەڭ دائىرىلەر، يىراق جايلار بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي خېلى يىللار داۋاملاشتۇرغىنى ئۈچۈن، پۈتۈن قەشقەرىيەدە ناھايىتى تېزلىكتە نامى چىقىشقا باشلىغان...........
    2. خۇددى«تارىخىمىزدىكى ئىسلامىيەت» دە كۆرستىلگەندەك: «... بۇ زات ھەر يىلى مازار - ماشايىقلارنى تاۋاپ قىلىپ، قەدىم جايلارنى يوقلاپ، شەھەرلەرنى كۆرۈپ، يۇرتلارنى ئارىلاپ، ئەل - خالايىققا كۆرۈنۈپ، دۇا بېرىپ، مۈشكۈللىرىگە ئاسايىشلىق تىلەپ، باشلىرىنى سىلاپ، سايىۋەن بولۇپ تۇرۇش» نى زادىلا قولدىن بەرمىگەن. يەنە شۇ كىتابتا: «... بۇ زات ئۈچتۇرپانغا بارغاندا خالايىق «بىز كۈتكەن سەئىد مۇشۇ ئىكەن» دەپ ئەقىدىلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئاتلىرىنى يىلقىسى (بايتىلى) بىلەن، قويلىرىنى قوتىنى بىلەن، كالىلىرىنى ئېغىلى بىلەن ھەدىيە قىلىپ بېرىپ دۇئاسىنى ئالدىلەر...» دېيىلگىنىدەك، ئاپئاق خوجا قۇمۇلدىن تارتىپ خوتەنگىچە بولغان شەھەر، بازارلارنى، قەدىم جايلارنى بىر نەچچە قېتىمدىن زىيارەت قىلىپ، بۇ جايلاردىن مۇرىت توپلاپ، «ئۇلۇغ» لاردىن «دۇئا» ئېلىپ، كىشىلەرگە «دۇئا» بېرىپ تاپاۋەت تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇلىنى چىڭىتىپ بارغان. «تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپئاق خوجا مىلادى 1635- يىلدىن 1677- يىلغىچە قۇمۇل، تۇرپان، قارا شەھەر، كوچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئۈچتۇرپان، يېڭسار، سېرىققۇل، بەدەخشان (ئافغانىستان)، كەشمىر، كاسان، پەرغان، ئىلى، راجىدان (جاممۇ) قاتارلىق جايلاردا مازاركەزدىلىك، ئىشانلىق سەپىرىدە يۈرۈپ، ئىرشاتنامە تارقىتىپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى سوپىلىققا ئالغان. مۇرىت كۆپەيتكەن. ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام»، تۇرپاندىكى «ئەشابول كەئەب»، يەكەندىكى «ئالتۇنلىرىم»، ئاتۇشتىكى «سۇلتانوم»، كۇچادىكى «مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلىئوللا»، خوتەن - ئىلچىدىكى «ئىمام زەينۇل ئابىدىن»، نىيە ناھىيىسى تەۋەسىدىكى «ئىمام جەپەر سادىق»، قارىقاشتىكى «ئىمام مۇھەممەد ھەسەن ئەسكىرى»، چىرىيىدىكى «ئىمام جەپەر تەيران»، قاغىلىقتىكى «زۇنلان»، «جەمجۇم» قاتارلىق 30 نەچچە مازارنى كېزىپ ۋە بەزىلىرىنىڭ پەخرىي شەيخلىق دەرىجىلىرىنى قوشۇمچە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ تەرەپتىكى تەسىرى ئاساسىنىمۇ كېڭەيتكەن. مۇرىت، شېرىك، يارانلارنى ئاۋۇتقان. مىلادى 1669- يىلىغا كەلگەندە خۇددى «يەكەن تارىخى» 38- بېتىدە كۆرسىتىلگەندەك: «... ھىدايتۇللا ئاپئاق بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشىتا ئىسمائىلخاندىن ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرىدىن سېلىق ئالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئىسمائىلخان ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇنى ئاڭلىغان خەلق خوجا ھىدايتۇللاغا كۆپلەپ مۇرىت بولۇپ، پەقەت بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچدىلا 30 مىڭغا يېقىن كىشىگە يېتىپ»، قەشقەرىيەنىڭ خېلى بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا ئاپئاق خوجا تەرىقىتىنىڭ «ئىشىقيە» سۈلۈكى بىر خىل يېڭى دىنىي ئىدىيە سۈپىتىدە تارقىلىشقا باشلىغان.
        مىلادى 1666- يىللار ئەتراپىدا قەشقەرىيىدە ئاپئاق خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشقىيە» چى سوپىلار بىلەن ئەبەيدۇللا خوجا باشچىلىقىدىكى «ئىشاقىيە» چى سوپىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز سەپلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، كۈچەيتىش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن.ئاپئاق خوجا ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشاقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ھەم ئۆز سېپىنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق قىلىپ بەلگىلەش ئۈچۈن، ئۆز مۇرىتلىرىنى ئاق تەقى (ئاق تۇماق - ئاق دوپپا) كىيىشكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن. ئەبەيدۇللا خوجىمۇ ئۆز مۇرىتلىرىنى «ئىشقىيە» تەرەپدارلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قارا تەقى (قارا تۇماق) كىيىشىكە بۇيرۇغان ھەم بۇ شەرتلىك بەلگىنى «ئىشاقىيە» لەر سېپىنىڭ مۇقىم بەلگىسى قىلىپ بېكىتكەن.ئىككى گۇرۇھنىڭ باشلىقلىرى دىن ۋە دىنىي ئىشلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قوللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزئارا قانلىق كۈرەشلەرنى زادىلا توختاتماي، ئىسمائىلخان ھاكىمىيىتىڭ مۇقىم، تېنچ-ئىتتىپاق بولۇشىغا خەۋپ يەتكۈزۈشكە باشلىغان،بولۇپمۇ ئاپپاق خوجا  1671- يىلى ئاپئاق خوجا سوپىلىرى ئىسمائىلخان ئەمەلدارلىرىنىڭ نەسىھەت، توسۇشلىرىغا بوي بەرمەي يەكەندە «قارا تاغلىق خوجىلار» نىڭ ئەدىپىنى يەنىمۇ قاتتىقراق بېرىشكە كىرىشكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىسمائىلخانغا قىلىنىۋاتقان بىر خىل خىرىس ئىدى. ئىسمائىلخان بۇنى سېزىپ قېلىپ، شۇ يىلى يازدا ئاپئاق خوجىنى بىر نەچچە چوڭ شېرىكى بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيەدىن زورلۇق كۈچ بىلەن ھەيدەپ چىقارغان. ئۇنىڭ زوراۋان «سوپى» لىرىدىن، قاتىل «پىر» لاردىن بىر نەچچىنى جازالاپ، قالغانلىرىنى تېنچ پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. قارا تاغلىق خوجا ئىشانلارمۇ خانلىقنىڭ تېگىشلىك قانۇن، چەكلىمىلىرى ئىچىدە پۇقرادارچىلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرىيىدە «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» لار ماجرالىرى بىر مەھەل پەسىيىپ جەمئىيەت تىنجىغان.
       ئاپئاق خوجا قەشقەرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە شېرىكى بىلەن قوغلاندىلىق سەپىرىنى باشلاپ، ئاخىرى سېرىقۇل (تاشقورغان) دىكى مىڭ تىكە، كۆكتۈرك داۋىنىدىن ئافغانىستان تەۋەسىگە ئېشىپ، شۇ يىلى 9- ئايدا بەدەخشان شەھىرىگە بېرىۋالغان. خۇددى «تەزكىرە پىر ياران» دا كۆرسىتىلگەندەك: «... بۇ زات بەدەخشان دىيارىدا خۇدايى مۇساپىر، خودايى ساھىل ...» بولۇپ قالغان. يەنى بەدەخشاندا ھەم تىلەپ، ھەم «دۇئا» قىلىپ يەيدىغان خۇدايى گادايلاردىن بولۇپ كۈن ئۆتكۈزۈش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. مىلادى 1676- يىلغىچە بەدەخشاننى چۆرىدەپ كەشمىر، رەجىدان، ۋاخان، پەرغانە، كاسان، ئىلى، تىبەت، ھىرات قاتارلىق جايلاردا دۇئاگۇيلۇق بىلەن سوپىلىق قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى 1677- يىلى كۈزدە ئۈچ ھەمراھى بىلەن شىنجاڭنىڭ جۇڭغارىيە قىسمىدا شۇ چاغدا ياشىغان تورغۇۋۇت موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ 27- خوپۇسى (لاماسى) شىڭ جىڭ خوپۇنىڭ دالاينى تاۋاپ قىلغۇچى ھەمراھلىرىغا قوشۇلۇپ، تىبەتنىڭ لىخاسا شەھىرىگە بېرىپ، مىڭ تەسلىكتە شۇلارنىڭ تەركىبىي ھېسابىدىن دالاي لاما 5 (ئەسلى ئىسمى دوبىدون سېرىن جامبول لاما) نىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.
    «بورقۇم ئەۋلىيا» دېگەن قوليازمىنىڭ «سوقىچى ئارخون» دېگەن بابىدا يېزىلىشىچە: ئاپئاق خوجا دالاي ئىبادەتخانىسىغا ئون قېرىن - ئون چارەك سېرىق ياغ ئالغاچ كىرىپ، بۇدقا باش ئۇرغان، دۈم يېتىپ دۇئا قىلغان «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق يېزىلىدۇ: «... مەن مۇسۇلمانلار پىرقىسىنىڭ خوجىسىدۇرمەن. ياركىند، كاشغىر مېنىڭ مۇرىت - مۇخلىسلىرىمدۇر. ھالا بىراۋ كېلىپ مەندىن سويۇپ ئېلىپ مېنى قوغلاپ چىقاردىلەر. سىزدىن تىلەيدۇرمەنكى، كىشى بۇيرۇپ مېنىڭ يۇرتۇمنى قولۇمغا ئېلىپ بەرگەيسىز...»، «بىراھمان - بۇد شېيخى (دالاي لاما 5) ئەيتپدۇركى: <بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كىشى بارمىفى بىسىيار دىشۋاردۇر> دەپ ئىلىدىكى قالماقلار تۆرەسى (غالدان قۇنتەيجىگە دېمەكچى - ئا) گە نامە پۈتتىكى:«... ئەي! بۇشۇدىخان خوجا ئاباخ بىسىيار ئۇلۇغ كىشى ئىكەن. ياركىند، كاشغىرنىڭ خوجىسى ئىكەن. بۇنىڭ يۇرتىنى ئىسماىلخان سويۇپ ئېلىپ، بۇ قوغلاپ چىقىرىپتۇر. كېرەككى ئەسكەر بۇيرۇپ يۇرتىنى قولىغا ئېلىپ بەرگەيسىز. ۋاللاھ ئىشى كامال بولغۇسىدۇر. نامە - تامام...»
       بۇ نامەنى ئالغان  ئاپئاق خوجا كۆككۈل (چىڭخەي) ئارقىلىق قۇمۇلغا كېلىپ قىشلاپ، 1678- يىلى باش ئەتىيازدا ئىلىغا كېلىپ، دالاي 5 نىڭ خېتىنى غالدان قۇنتەيجىگە تاپشۇرغان. بۇ چاغلاردا لىخاسا شەھىرىدىكى دالاي لاما ئىبادەتخانىسى پۈتۈن ئاسىيادىكى بۇددىستلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان دىنىي مەركىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دالاي لاماغا بولغان دىنىي ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. دالايغا چوقۇناتتى، ئەمرىدىن چىقمايتتى.غالدان قۇنتەيجى مۇشۇ خەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئاپئاق خوجىنى كاتتا ئىززەت - ھۆرمەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاش (قەشقەرىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ئۆزىنىڭ «بۈيۈك جۇڭغار» دۆلىتىنى كېڭەيتىش) تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتكەن. ئاپئاق خوجىمۇ قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى بەزى شېرىك، مۇرىتلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقىلەرنى ئورنىتىپ، ئىسمائىل خاننى ئىچكى جەھەتتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدىگەن.  ئاپئاق خوجا 1678- يىلى 6- ئايدا غالدان قۇنتەيجى قوشۇپ بەرگەن، غالداننىڭ ئوغلى سېرىن رابدان قوماندانلىق قىلىدىغان 12 مىڭ كىشىلىك جۇڭغار قوشۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ، قەشقەر تەۋەسىگە بېسىپ كىرىپ، ئىچكى جەھەتتە بىر قىسىم «ئاق تاغلىق» خوجىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، قاتتىق جەڭلەر ئارقىلىق، قەشقەر ھاكىمى - ئىسمائىل خاننىڭ ئوغلى باباق سۇلتان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سەركەردىلىرىنى تامامەن قىرىپ تاشلاپ، قەشقەرنى بېسىۋالغان. شۇ يىلى 8- ئايدا يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ، 40 كۈن سوقۇشۇپ ئاران دېگەندە يەكەن شەھىرىنىلا ئالغان. «بورقۇم ئەۋلىيا» دا كۆرسىتىلىشىچە: ئىسمائىلخان مۇسۇلمانلار قانلىرىنىڭ بىھۇدە، ناھەق، ئورۇنسىز ئېقىشىدىن ساقلىنىپ قېلىش، ئىشلارنى گەپ - سۆز بىلەن، مادارا، مۇرەسسە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش نىيىتىدە ئۇلارغا شەھەر دەرۋازىسىنى قارشىلىقسىز ئاچقۇزۇپ بەرگەن. لېكىن ئاپئاق خوجا كۈچلىرى شەھەرگە كىرىۋالغاندىن كېيىنلا، ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە، شەھەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلاشقا باشلىغان. يەكەن مۆتىۋەرلىرىدىن قولغا چۈشكەن ھەۋەزبېك قاتارلىق 81 چوڭ ئەربابنى قاتار باغلاپ، بىر باشتىن تىرىك تۇرغۇزۇپ يۈرىكىنى ئېلىپ ئۆلتۈرۈپ، يۈرەك قېنىنى غالدان ئەسكەرلىرىنىڭ قىلىچلىرىغا سۈرتۈپ، قان سۈرتۈلگەن قىلىچلارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كوچىلارنى «تەكشۈرۈش»، «تىنچىتىش»، جازالاش ئىشلىرىغا قويۇۋەتكەن. بۇ خىل «تىنجىتقۇچى» قاتىللار يەكەن شەھەر ئىچىدە چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. ئوت قويۇپ شەھەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. قىرغىندىن قېچىپ شەھەر ئىچىدىكى ئالتۇن مەدرىسگە كىرىپ ئىبادەت قىلغۇچىلار سۈپىتىدە جىم ئولتۇرۇۋالغان مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىنى مەدرىسنىڭ 360 خانىلىق ھوجىرىسى ۋە پۈتۈن مەدرىسە بىناسى بىلەن قوشۇپ بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتكەن. يەكەن شەھەر ئىچىدە ئەنە شۇ زامانلاردىن بېرى «جىن مەدرىسە» نامى بىلەن يادلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئورۇن - شۇ چاغلاردا ھەزرىتى ئاپئاق خوجا «ئىلتىپاتى» بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن 1000 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ «جىن» لىرى (روھىناتلىرى) ساقلىنىپ تۇرغان تارىخىي ئورۇندۇر. شۇنداق قىلىپ ئاپئاق خوجا يېتەكچىلىكىدىكى رەھمسىز جۇڭغار قوشۇنلىرى يەكەن ئەھلىنى - «قارا تاغلىق» لار نامى بىلەن دەھشەتلىك قىرغان. نۇرغۇن كوچا، مەھەللىلەرنى كۆيدۈرگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنى دەپسەندە، ئاياق - ئاستى قىلغان. ئۇيغۇر خانى ئىسمائىلخاننىمۇ ئەسىر ئېلىپ پۈتۈن ئۇرۇق - ئەۋلادى بىلەن قوشۇپ «بوز قۇم ئەۋلىيا» دا ...... «67 كىشىنى ....» دېيىلگەن) ھەممە تۇخۇمىنى بىراقلا قۇرۇتۇۋېتىش ھۆكۈمى بىلەن ئىلى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىختىيارىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. قەشقەرىيەنىڭ ھەممە جايلىرىدا جۇڭغار ئىدارىچىلىق تۈزۈمى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ «يېڭى مەجبۇرىيەت» لىرى ئورنىتىلغان. پۈتۈن خەلق ئۇلارغا شەرتسىز بىردەك ئىتائەت قىلىشقا، قۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلىنغان. تېگىشلىك مۇھىم شەھەر، بازار، يۇرتلارنىڭ ھەممىسىدە جۇڭغار قىسىملىرىنىڭ مۇقىم تۇرالغۇ - باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنىپ «دەخلىسىز»لىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن. بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئاپئاق خوجا شۇ يىلى قەشقەرىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشىدا قولغا چۈشكەن «ئەسىر»لەردىن بىر قېتىمدىلا 120 ئورۇندا 400 دىن ئارتۇق «قارا تاغلىق» «چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى» نى ئۆلتۈرگەن. 300 «ئىشاقىيە» چى خوجا، ئىشاننى «ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى» سۈپىتىدە باغلاپ، چېتىپ ماڭغۇزۇپ، ئىلىغا - غالداننىڭ جازالىشىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئاپئاق خوجا ئەمەلدارلىرىمۇ قەشقەرىيەدىن شۇ قېتىمدا نەچچە مىڭلىغان «تۇتقۇن» خوتۇن - قىزلارنى جۇڭغار ئەسكەرلىرىنىڭ خوتۇن قىلىشى، ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەتلىك «غالجا» لىققا تۇتۇپ بېرىشكەن. ھەم بىر بۆلۈم خوتۇن - قىزلارنى يىغىپ غۇلجىدىكى جۇڭغار ئەمەلدارلىرىغا «سوۋغات» ھېسابىدا يوللاپ بېرىشكەن. غالدان سېرىن قەشقەردىن ئىلىغا (دادىسى ئالدىغا) قايتماقچى بولغاندا، ئاپئاق خوجا: «... ئەھلى مەملىكەتنىڭ مەشھۇرىيىتى بىلەن قۇرۇق قايتمىغايلەر» دەپ 4000 ياقا ئېسىل تون، سەرپاي، 400 مىڭ سەر كۈمۈش تەڭگە...» («تارىخىي نادىرىيە» دىن) يوللۇق تۇتۇپ ھەم شۇ چاغدىن كېيىن ھەر يىلى يەنە 400 مىڭ سەردىن كۈمۈش تەڭگە بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى مەجبۇرىيەت ۋەدىسى قىلىپ، ئەگەشتۈرۈپ ماڭغان «غالجا» لىرى قوشۇپ (ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرى ئىدى) تولۇق قۇللۇق بىجا كەلتۈرۈپ، رازى قىلىپ ئۇزىتىپ قويغان. پاك، پاكىز، باكىر، گۈزەل مۇسۇلمان قىزلىرىنى ئابرويى ئۈچۈن ئەڭ ياۋۇز، قانخور، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنلىرى ھېسابلىنىدىغان بىر بۆلۈم قارابىس زالىملارنىڭ قولىغا «تۆھپە»، «ئولجا»، «غەنىمەت» قىلىپ «تەقدىم» قىلىش، تۇتۇپ بېرىش - مۇھتەرەم ئاپئاق خوجا ئىدىيىسىنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىك خاسىيىتىدۇر.
        ئاپئاق خوجا «خان» لىق تەختتە ئاپئاق خوجا يۇقۇرىدىكى چوڭ تۆھپىلىرى بىلەن غالدان قۇنتەيجى ئوردىسىدىن ئىسمائىلخاننىڭ «ئورنى» نى ئېلىپ مىلادى 1678- يىلى 10- ئايدىن ئېتىبارەن قەشقەرىيەگە «خان» لىق قىلىشقا باشلىغان. لېكىن قەشقەرىيە خەلقى ئاپئاق خوجىنىڭ بۇ خىل رەزىل «ھاكىمىيىتى» گە قارشى كۈرەشنى زادىلا توختاتمىغان. 1679- يىلى ئەتىيازدا ئىسمائىلخاننىڭ ئىنىسى_ئۈچتۇرپان ھاكىمى مۇھەممەد ئىمىنخان (ئىمىرخان) باشچىلىقىدا ئۈچتۇرپان خەلقى ئاپئاق خوجا بىلەن ھامىلىقىدىكى جۇڭغار كۈچلىرىگە قارشى كۆتۈرۈلۈپ، ئاخىرى تاجاۋۇزچىلارنى ئاپئاق خوجا بىلەن قوشۇپ قەشقەرىيە تەۋەسىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. 30 مىڭىنى تۇتۇۋېلىپ توۋا قىلدۇرغان. لېكىن ئاپئاق خوجا بۇ مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي. ئىچكى جەھەتتىن قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى «ئاق تاغلىق» شېرىكلىرىنى، مۇرىت - سوپىلىرىنى قۇترىتىپ، تاشقى جەھەتتىن غالدان قۇنتەيجىنىڭ يەنە 15 مىڭ كىشىلىك تاللانغان ئاتلىق قوشۇنىنى ئىشقا سېلىپ (كۈچ كۆرسىتىپ) 1679 –يىلى كۈدە مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ قان تۆكۈشنى توختىتىش شەرتىگە قول قويۇپ سۇلھىلىشىپ، مۇھەممەد ئىمىن خانغا كۈيئوغۇل بولۇپ، قەشقەرىيىدە شېرىك «خان» لىق ئورنىغا ئىگە بولۇۋالغان. بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا سۇلھىنى بۇزۇپ مۇھەممەد ئىمىن خاننى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈپ، «خان» لىقنى تولۇق ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن 1514- يىلىدىن 1679- يىلىغىچە 165 يىل داۋام قىلغان سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى ئاخىرلىشىپ، قەشقەرىيەدە ئاپئاق خوجا ۋاستىچىلىقىدىكى جۇڭغار (قالماق) لار ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان. يەنى قەشقەرىيە جۇڭغار ھەربىي فېئودال خانلىقىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقى جۇڭغار زالىملىرىنىڭ قۇللۇق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن.غالدان ئاپئاق خوجىنى قەشقەرىيەگە «خان» قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئىلىنى پايتەخت قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى پەۋقۇلئاددە ياۋۇزلۇق بىلەن داۋاملاشتۇرغان. بۇ توغرىدا «تارىخىي ھەمىدىيە»دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «قالماقلار خوجاملار بىلەن بىرلىشىپ شېرىكلىك بىلەن يۇرتنى سورايدىغان بولدىلەر. بىر تورەنج (بىر نەسەب) قالماقلار بىر شەھەردە تۇرىدىغان بولدى. خوجاملار باج - خىراج ئورنىدا ھەر يىلدا ئىلىغا ماتا، پۇل چىقىرىپ تۇردىلەر... خوجاملارمۇ قۇنتەيجى پەرمان - ئىتائىتىگە بويسۇنۇپ، ھەر يىلدا بىر ۋە يا ئىككى نۆۋەت تارتىق - پېش - كەش بىلەن چىقىپ كۆرۈنۈش قىلىپ، جاۋاب بولغانلىرىدا يېنىپ كېلىپ ھەر قايسىلىرى ئۆز جايلىرىدا بەر قارار بولۇر ئىكەنلەر...». بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىمىزدا پەيدا بولغان تۇنجى قورچاق «ھاكىمىيەت»_ئەنە شۇ ئاپئاق خوجا «خان» لىقىدۇر. بۇ خانلىقنىڭ ھىمايىسىدىكى جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرى ئەنە شۇ چاغلاردا قەشقەرىيەدىن مىڭ - مىڭلاپ گۈزەل ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنى، ماھىر ھۈنەرۋەن، ئالىم، سەنئەتكار، يازغۇچى، دوختۇر، ئولىما، مۇدەررىسلەرنى «ئەسىر» قىلىپ تۇتۇپ ئېلىپ كېتىشكەن. قەشقەرىيە خەلقىدىن ھەر يىلى سانسىزلىغان ئېغىر سېلىقلار (ئالتۇن، كۈمۈش، يىپەك، يىپەك توقۇلما، قول ھۈنەر بويۇملىرى، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلار) نى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ تۇرغان. بۇ خىل سېلىق توغرىسىدا «تارىخىي نادىرىيە» دە مۇنداق دېيىلىدۇ: «... ئەھلى بىدئەتلەر (تۆۋەن قاتلام نامراتلا دېمەكچى - ئا) ... سائەتەن بىسائەتەن (ھەر ۋاقىت، ۋاقىتىسز - ئا) زىيارە قىلىپ (نارازىلىق بىلدۈرۈپ - ئا) ... پەقىرلەر باشتىن خالى بولماي (نامراتلارنىڭ باش ئاغرىتىشى تۈگىمەي - ئا) ئارانلىقتا ھەر يىلدا 400 مىڭ سەر تەڭگىگە توختىدىلەر...». ئاپئاق خوجا بولسا، خۇددى «تەزكىرە پىر ياران»نىڭ تەرىپات بابىدا تەرىپلەنگەندەك: «تەخت - سەلتەنەتتە ئولتۇرۇپ، ھەمىشە مەسنىۋى شىرىپ ئوقۇپ، رەئىيەگە (پۇقرالارغا) تەرىقەت، مەرىپەت، شەرىئەت بابىدا شېكەردەك سۆزلەرنى چېچىپ، ئاللاھتىن بەندىلەرگە «دىيانەت، ئىنساپ - تەۋپىق، ئىمان، شۈكرە - قانائەت تىلەپ ۋە ئۇلارنى ساھىب كامال قىلىپ، ياخشى ئىستىقبالغا باشلاپ...» تۇرغان. دەرۋەقە ئاپئاق خوجا «تەخت - سەلتەنەت» كە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارلىق ھوقۇق، كۈچ - ئىمتىيازلىرىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى سۇندۇرۇپ، كۈچ، مادارىدىن تولۇق كەتكۈزۈشكە ھەم ئۇلارنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى قارشىلىقسىز، شەرتسىز، تەخىرسىز، دائىم، تولۇق، ياۋاشلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان «مۆمىن» مەھكۇملاردىن قىلىپ تۇتۇشقا ۋە بۇ خىل ھالەتنى ئەجدادلىرىمىز ئېڭىغا «تەقدىر» ئۇقۇمى بىلەن سىڭدۈرۈش (پەقەت بويسۇنۇشقا «يارىتىلغان» لىقىغا تەن بەرگۈزۈشكە، قارشىلىق قىلالمايدىغان قىلىۋېتىش) كە سەرپ قىلغان. بۇ بىزگە تارىختا تۇنجى قېتىم تېڭىلغان ئاپئاق خوجاچە «ئىستىقبال» دۇر. شۇنداقلا بۇ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تارىختا تۇنجى قېتىم باسقان پۇشايمانلىق خاتا قەدەمدۇر. دېمەك، ئاپئاق خوجا زامانىنى ئەجدادلىرىمىز ئالدانغان، جاھالەت پاتقىقىغا پاتقان، شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى بۇزۇلغان لەنىتى جاھان دەپ قاراشقا تامامەن ھەقلىقمىز.ئاپئاق خوجا «تەخت»كە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئىشقىيە» سۈلۈكىنى ئاساس قىلغان سوپىزمنى ئۆز «خانلىقى» نىڭ «دۆلەت» دىنىي ۋە «دۆلەت» تەلىماتى قىلىپ جاكالاپ، باش قانۇن سۈپىتىدە ئىجرا قىلغان، يۈرگۈزگەن. 300 مىڭدىن ئارتۇق مۇرىت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ «سوپىلىق يولى» نى پۈتۈن شىنجاڭغا ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىغا كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان. قەشقەردە «خان خوجا ئوردىسى» يەكەندە «ئالتۇنلىرىم» (ئالتۇن مازىرى)، تۇرپاندا «ئەشابۇل كەئەب»، كۇچادا «مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلىئوللا»، ئاقسۇدىكى «قۇرمىش ئاتام» قاتارلىق مازارلارنى تاللاپ ياكى «مازار» قىلىپ تىكلەپ ھەم بۇ ئورۇنلارنى سوپىزمنى تارقىتىدىغان. كېڭەيتىدىغان مەركەزلەرگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭدا سوپىلىق ھەرىكىتىنى يەنى ئىسلام دىنىينىڭ «شىئە»، «سۈننىي» مەزھەپلىرىگە ياكى بۇ مەزھەپلەرنىڭ ھەر قانداق تارماق، بۆلەكلىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان، «ئۇلۇغ ئىسلام دىنىي» شوئارى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن «تەرىقەت»، «شەرىئەت»، «مەرىپەت»، «ھەقىقەت» ماركىلىرىنىڭ ھەممىسىلا چاپلانغان، پەقەت چوڭ پىر، خوجا، ئىشانلارنىلا دىنىي مەركەز، دىنىي يېتەكچى قىلىۋالغان، ھەددىدىن زىيادە زۇلمەتلىك ئاپئاق خوجاچە سوپىزم ئىستىبداتلىقىنى جانلاندۇرۇۋەتكەن. نەتىجىدە پۈتۈن قەشقەرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قەۋەت ھالقىلىق ساپايە، كۆپ پۇتاق كۆزلۈك سوتا (خاسلا سوپى كالتىكى) كۆتۈرۈۋالغان، تىكىشى يوق يوغان يەنجە (قەلەندەر خالتىسى) يۈدۈۋالغان، بېشىغا ئۇزۇن كۇلا، ئۇچىسىغا يەڭسىز، ياقىسىز «سوپىچە كىيىم» لىرىنى كىيىشىۋالغان رەھىمسىز، ئەسەبىي، نادان، بەدقىلىق «تىلەمچى» ئەمەلىيەتتە بۇلاڭچى سوپىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى جەمئىيەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ سوپى، مۇرىتلار ئەمەلىيەتتە ئاپئاق خوجىچىلار تەرىپىدىن ئاپئاق خوجىغا سادىق بولۇشقا، ئۇنىڭ «ئىشقىيە» يولىدا ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىشقا، ئۇنىڭ بۇيرۇق، تەلىم، چاقىرىقلىرىنى قەتئىي، شەرتسىز، قارىغۇلارچە ئورۇنلاشقا، خوجا ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە. ھەر قانداق ئىشتىن يانماسلىققا، ئۆلۈمدىن قورقماسلىققا، سىر ساقلاشقا، «ئاللاھ ئاتا قىلغان» بارلىق «مەئىشەت» لەردىن قانغۇدەك پايدىلىنىپ تۇرۇشقا ئۆگىتىلگەن دىنىي چىرىكلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ سۆزلەيدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغىنى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرە، چەۋرىلىرىدىن بولغان ئاپئاق خوجا ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىلىمنىڭ ۋارىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي، سىياسىي داھىيسى، پۈتۈن ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەڭ ئالىي يېتەكچى، ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگەن، قارشى چىققانلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىمىز، ئۆلتۈرىمىز ياكى ئۆلىمىز دېگەندەك ئەڭ ئەسەبىي شوئار ھەم پائالىيەتلەر ئىدى. «... پىرلەرنىڭ غەزىپىدىن - زۇلۇمدىن، زاماننىڭ خېيىم - خەتىرىدىن، كۈندۈزنىڭ قازاسىدىن، كېچىنىڭ بالاسىدىن، قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتتىن، زەخمەتلىك سوئال - سوراقتىن، بالا- قازادىن، دەردتىن - ئەلەمدىن، كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن، تىلى ياماننىڭ تىلىدىن، دىلى ياماننىڭ دىلىدىن، ئىبادەتسىز دۇئادىن، لەنىتى رەھمەتتىن، نەپسى يامان ئىشان پىشكەل سوپىدىن، خۇنخورنىڭ كۈلكىسىدىن، ئىنساپسىز خوجىدىن، ئاغرىقتىن - سىلاقتىن پاناھ بېرىڭ خۇدايىم .... ( )» دېگەن ئىلتىجالىق دۇئا - تىلەكلەر ئاپئاق خوجا زامانىسىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن كېچىرمىش نامەلىرىدۇر. بىز بۇ دۇئا - تىلەكلەر قۇرۇلمىسىدىن ئاپئاق خوجا جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ھالىتىنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارتقان زۇلۇم، كۆرگەن دەرد - ئەلەملىرىنىڭ نەقەدەر ئېغىر بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز، ئەلۋەتتە.  
         دېمەك، ئاپئاق خوجا زامانى_ قەشقەرىيەى پۈتۈنلەي زۇلۇم، خۇراپات، نامراتلىق، ۋەھىمە، جەڭگى - جېدەل، خۇنخورلۇق، قاچ - قاچ راسا قاپلىغان ۋە قان پۇراپ تۇرغان زاماندۇر. چىداشقا «تەقدىر» پەتىۋاسى بىلەن ئەنە شۇنداق «كۆندۈرۈلگەن» ئۇيغۇر خەلقى تىرىكچىلىك، ئىنسانچىلىق قىزغىنلىقلىرىدىن بوشاپ، ئەۋھاپەرەسلىكنىڭ (دىنىي، روھىي ۋەھىمەنىڭ) دەردىدە چىرايلىرى توپا - تەرەت، ئۈستى - بېشى جۇلجۇل، جەندە، كۇلالىق سوپىلار، دەرۋىشلەر، شەيخلار، قەلەندەرلەر، ھەر شەكىلدىكى تەركىي دۇنيا ئىبادەتچىلەرنىڭ توپلىرىغا ئەگىشىپ، جاننىمۇ، جاھاننىمۇ ئۇنتۇپ، «ئۇ دۇنيالىقنىلا ئويلاپ» ئىمانى كامىللىققا يەنى ئاتالمىش «ئاخىرەت» نىڭ غېمىنى قىلىشقا بەند قىلىنغان. شۇڭا ئۇ جەمئىيەتتىن سانسىزلىغان مۇسۇلمان ئەجدادلىرىمىز ياشاش، كۈن ئېلىش ئۈمىدى بىلەن ئۆي - ماكان، پەرزەنت، ئاتا - ئانىلىرىنى تاشلاپ قۇرۇق قول، غەيرىي يۇرت، چەت ئەللەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ تۇرغان.ئاپئاق خوجا ۋە ئاپئاق خوجىچىلار زامانىسىدا قەشقەرىيەدە مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات-سەنئەت، مۇزىكا، ناخشا-ئۇسسۇل، گۈزەل-سەنئەت، تىياتىر، سېرىكچىلىك، تېبابەتچىلىك،مەتبەئەچىلىك، تەرجىمە، خەتتاتلىق.... تەك بارلىق ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. بۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار «كاپىر»، «جادۇگەر»، «مۇرتەد» لەر ھېسابلىنىپ جازاغا تارتىلىپ تۇرغان، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ھەتتا خەت يېزىشنى ئۆگىنىش، ساز ئۆگىنىش، ياساش، مەشرەپ ئويناش، ئويۇن - كۈلكە، خوتۇن - قىزلار پەرەنجىسىز، ئاشكارا يۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئىنسانچىلىق خىسلەتلىرىمۇ قەتئىي مەنئى قىلىۋېتىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە قۇرئان ۋە ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق يېزىلما ئەسەرلەر، بولۇپمۇ مىللىي ئەسەرلەر، خاتىرە، نەمۇنىلار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، يوق قىلىپ تاشلانغان. ئىلىم - مەرىپەت ئورۇنلىرى بۇزۇۋېتىلگەن، چەكلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئورنىغا زىكرى - سۆھبەت خانىقالىرى، گۈلەخ، سازايى ھەمىدانلار (توۋا قىلدۇرۇش ئورۇنلىرى)، خوجا، ئىشانلار تۇرالغۇ جايلىرى، ئەمەلدار بىنالىرى دەسستىلگەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە دۇئا-تىلاۋەت، خەتمە ئىستىقپار ئوقۇش (ئاللاھتىن «گۇناھ»ىنى تىلەپ تۇرۇش) ئاممىۋى ئىجتىمائىي مەشغۇلاتقا ئايلاندۇرۇلغان.
         ئاپئاق خوجا 1694- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۆزىنىڭ تاغىسى خوجا ئىشاقنىڭ كۈكۈن نەۋرىسى (ئابدۇللا خوجىنىڭ ئوغلى) شۇ ئەيپ خوجىنىڭ قاتىلى سۈپىتى بىلەن ئابدۇللا خوجا جەمەتلىرى تەرىپىدىن يەكەندە مەخپىي زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەن. چۈنكى ئاپئاق خوجىمۇ ئۆز ۋاقتىدا «تەخت» كە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆزى بىلەن بولغان كۈرەشتە يېڭىلىپ كەشمىرگە قېچىپ كېتىۋالغان «قارا تاغلىق» «ئىشاقىيە»چىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى _ تۆتىنچى ئەۋلاد تۇغقىنى شۇئەيىب خوجىنى كەشمىرگە خەت يېزىپ ئالداپ ئەكەلدۈرۈپ تىزناپ بويىدا سوپىلىرىغا ئۇرۇپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتكەن ئىدى. (ئىزچى)
                                                        
                                                          جاللات خېنىم



    ئاپئاق خوجا 1694-يىلى 2-ئاينىڭ10-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خوتۇن، بالا - چاقىلىرى ئارىسىدا تەخت تالىشىش جىدىلى كۆتۈرۈلگەن. ئاپئاق خوجىنىڭ كىچىك خوتۇنى مۆھتىرىم خېنىم ئۆزىنى «خانىم پادىشاھ» ئېلان قىلىپ، ئوغلى خوجا مەھدىنى «تەخت»كە ئولتۇرغۇزۇپ، «پادىشاھ ئىشان» لىق تونىنى كېيگۈزگەن. بۇنىڭغا نارازى بولغان خوجا يەھيا (ئاپئاق خوجىنىڭ مەكىتلىك چوڭ خوتۇنىدىن بولغان، مۇھتىرەم خېنىمنىڭ ئۆگەي چوڭ ئوغلى) «تەخت» تالىشىپ ئوردىدا ئۇرۇش قوزغىغان. نەتىجىدە «ھاكىمىيەت» نىڭ نۇقتىسى تۇتۇۋالغان «خانىم پادىشاھ» ئۆز ئەتراپىدىكى كۈچلىرى بىلەن خوجا يەھيانى ئىككى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن. ئۇنىڭ تەرەپدارى قەشقەر ھاكىمى ئىمىن بەگ قاتارلىق بىر مۇنچە چوڭ ئەربابلارمۇ يەنىلا «خانىم پادىشاھ» تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان. «تارىخىي نادىرىيە» دە خانىم پادىشاھ توغرىسىدا مۇنداق يېزىلغان: «... خېنىم پادىشاھ ۋاقتىدا شۇنداق خۇنرىزلىق (خۇنخورلۇق - ئا) يولىدىكى ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ كىرسە، ھەر ئىككىسىنىلا ئۆلتۈرەر ئەردىلەر. ئۆزىنىڭ بىر سىڭلىسى بولۇپ خ خ خېنىم دەرئەردىلەر. بىسيار ساھىبجامال (بەك چىرايلىق - ئا)، تۇغمىغان ئەردى. ئۇنى ھەم رەشىكتىن (كەچۈرگۈسىز گۇناھكار دەپ - ئا) قايناق ياغقا تاشلاپ ياغدا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈردىلەر. ھەممە خەلق ئۇنىڭدىن ۋەھشە تىناك (ۋەھشىلىكتە سەسكىنىپ - ئا) بولۇپ، ئۇنى «جاللات خېنىم» دەپ ئاتىدىلەر( )...» جاللات خېنىم 1697- يىلىغىچە «خان» لىق قىلىپ، شۇ يىلى كۈزدە يەكەندە مەكىتلىك سوپىلار (ئاپئاق خوجىنىڭ چوڭ خوتۇنىنىڭ تۇغقانلىرى تەرىپىدىن خوجا يەھيانىڭ قىساسى ئۈچۈن) تەرىپىدىن يوشۇرۇن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن.
          شۇ يىلى ئۈچتۇرپان تەرەپتىن مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ ئىنىسى جاللات خېنىمنىڭ ئاكىسى ئاقباش ئىشان (ئارسلانخان) يەكەنگە كېلىپ سىڭلىسىنىڭ «قىساسى» ئۈچۈن خۇددى «تارىخىي نادىرىيە» دە: «... سوپىلارنىڭ چوڭلىرىدىن 1000 كىشىنى تۇتقۇزۇپ، بىرىنى بىرىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، قويدەك بوغۇزلاپ قېنىدا تۈگمەن چۆرۈتۈپ، ئۇن تارتىپ يېدىلەر...» دېيىلگىنىدەك چوڭ قىرغىنچىلىق پەيدا قىلغان. قەشقەر سوپىلىرى خوجا يەھيانىڭ ئۈچىنچى ئوغلى خوجا ئەھمەدنى قەشقەرگە «خان» قىلىپ، جاللات خېنىم تەرىپىدىن قەشقەرگە قويۇلغان ھاكىم موللا شەۋقى خوجىنى ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈۋەتكەن. خوجا مەھدىمۇ مۇرىت، مۇخلىسلىرىنى يىغىپ «قارا تاغلىق» لارنىڭ يېتەكچىلىرىدىن خوجا مەخسۇد باشلىق بىر قانچىسىنى «چالما كېسەك» قىلىپ ئۆلتۈرۈپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى يەنىلا خوجا ئىشاقچىلار تەرىپىدىن سەپەر ئۈستىدە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. (ئىزچى)

                                                سۇلتان ئابدۇرەشىدخان


       سۇلتان ئابدۇرەشىدخان «يەكەن خانلىقى» («سەئىدىيە خانلىقى») دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان مەرىپەتپەرۋەر دۆلەت ئەربابى، تالانتلىق ھەربىي سەركەردە، شائىر ۋە مەشھۇر مۇقام ئۇستازى ئابدۇرەشىدخان سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، ھىجىرىيە 915 - يىلى (مىلادى 1509 - 1510 يىللىرى) پەرغانىدە تۇغۇلۇپ، ھىجىرىيە 971 - يىلى (مىلادى 1569 - 1570 - يىللىرى) يەكەندە ۋاپات بولغان ئۇنىڭ جەسىتى يەكەندىكى خانلار قەبرىستانلىقى «يەكەن خانلىقى» نىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد خانى بولۇپ، دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشقا باشلايدۇ. ئابدۇرەشىدخان بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن تارتىپلا ئىلىم - پەننىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى بويىچە ئەتراپلىق بىلىم ھاسىل قىلىپ، ئۆز دەۋرىنىڭ خەلقپەرۋەر دۆلەت ئەربابى، مەشھۇر سىياسىيون، شائىر، سازەندە ۋە ئۇستا خەتتات بولۇپ يېتىشىدۇ. ئۇ دادىسى بىلەن بىللە كۆپ قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتنىشىپ، ھەربىي ئىلىمنىمۇ پۇختا ئۆگىنىدۇ. ئۇ دادىسى سۇلتان سەئىدخاننىڭ، جۈملىدىن ئەينى دەۋردىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە كىچىكىدىن تارتىپ ئىلىم - پەننى قەدىرلەيدىغان، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۈرمەتلەيدىغان خەلقپەرۋەر بىر كىشى بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۇ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ئارىسىدىكى تالانت ئىگىلىرىنى، قابىلىيەتلىك ئالىم، ئەدىبلەرنى، مۇزىكانت ۋە مۇقامشۇناسلارنى، ھۈنەرۋەنلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ، مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلدى.
         موللا مېرسالىھ قەشقەرىنىڭ «چىڭگىزنامە» ناملىق ئەسىرىدە: «ئابدۇرەشىدخان تىرەندازلىق (مەرگەنلىك) ۋە چابوكسۇۋار (چەۋەنداز) لىقتا ئۇلۇغ خان (سۇلتان سەئىدخاننى دېمەكچى . ئا) دىن ئېشىپ كەتتى. ئابدۇرەشىدخان پادىشاھ زەدەئى دىلاۋەر ۋە مەردانە خۇش مەنزەر ۋەنكوسە يىگىرمە ئۈچ يېشىدا تەختىخانىغە ئولتۇردى، شېئىر فارىسى ۋە تۈركىنى خوپ ئېيتۇر ئىدىلەر، خۇش سەۋاد ئىدى. ھەر نەچچە بى ئىملا خەت بولسە، خوپ يادا ئالغاندەك ئوقۇر ئېردى،» دەپ بايان قىلغانىدى.
        گۈللەنگەن سەئىدى دەۋرى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي ئۇتۇقلىرى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە ئاڭ پارلاق مەدەنىيەت دەۋرى ئېچىلىپ، ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقى، مۇقامچىلىقى دەۋر بۆلگۈچ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىدۇ.
        شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇزىكا مىراسىلرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە بېيىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىنىدۇ. ئۇ ئەينى دەۋردە ئۆزى باش بولۇپ خانلىق ئوردىسى يېنىدا مۇزىكا مۇئەسسەسى (ئورگىنى)، قۇرۇپ، ئۇنىڭغا مەشھۇر مۇقام ئۇستازى، شائىر قىدىرخان بىلەن خوتۇنى مەلىكە ئاماننىسانى باش يېتەكچى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. بۇ مۇزىكا مەكتىپى ئەتراپىغا خانلىق تەۋەسىدىكى ئاتاقلىق مۇزىكىچىلار.. مۇقامچىلار جەم بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە ئىراق، ئىران، تەبرىز، خارەزىم، سەمەرقەند، ئەنجان، ئىستامبۇل، كەشمىر، بەلخ، شىراز قاتارلىق يىراق شەھەرلەردىن مۇزىكا ئۆگىنىشكە كەلگەن كۆپلىگەن شاگىرتلار جەم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇيغۇر خەلق كلاسسىك مۇزىكىسى - ئون ئىككى مۇقامنى توپلاش، ئۆگىنىش، رەتلەش دولقۇنى ئەۋج ئېلىپ، ئون ئىككى مۇقامنى ئىلمىي ۋە سىستېملىق ھالدا يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىشى روياپقا چىقىدۇ، بۇنى مۇقام تارىخىدىكى ئىككىنچى چوڭ گۈللىنىش باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ.
         دېمەك، ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتى ئەۋج ئېلىپ، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى مۇئەتەسسىپ روھانىيلار ۋە سوپى - ئىشانلارنىڭ سۈيقەست ۋە زىيانكەشلىكلىرىگە ئارقا - ئارقىدىن ئۇچراۋاتقان بىر تارىخىي شارائىتتا، ئابدۇرەشىدخان مىسلىسىز جۈرئەت ۋە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، «ئون ئىككى مۇقام» نى رەتلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇردى. شۇڭا بۇ تارىخىي تۆھپە قىدىرخان ۋە مەلىكە ئاماننىسا بىلەن بىللە سۇلتان ئابدۇرەشىدخانغىمۇ مەنسۇپ، ئەلۋەتتە.
         موللا موسا سايرامنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» نامىلىق ئەسىرىدە ئېيتىلىشىچە: «ئابدۇرەشىدخان موللا، فازىل (شائىر) بولۇپ، فارىس ۋە تۈركىي نەزمىنى ياخشى ئېيتۇر ئىدى. ئىلمىي مۇسىقىدا گوياكى فىساغوروس سانى (ئىككىنچى فىساغوروس) ئىدىلەر.» «تارىخى رەشىدى» (زەيلى) دە ھەم سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ سۈپەتلىرىنى تەرىپلەپ: «ئۇ مۇزىكا ئىلمىنى پۇختا بىلەتتى، بەلكى مۇزىكا ئىلمىنىڭ مۇسەننىيىسى ئىدى، ئۇ چاھارتار (تۆت تار)، دۇتار، قالۇن، تەمبۇر، راۋاب، ئۇد، غىجەكلەرنى ياخشى چالاتتى. ئابدۇرەشىدخان ساز چالغاندا ھەر قانداق بى مازاق (رەۋقى قىلاتتى. ئابدۇرەشىدخان خۇش نەۋس (خەتتات) ئىدى، پارسى ۋە تۈركى تىللار شېئىرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا كامىل شائىر ئىدى» دەپ بايان قىلغان، موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزى «تەۋارىخي مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە مۇقامشۇناس مەلىكە ئاماننىسانى تەرىپلەپ، ئۇنىڭ «ئىشرەت ئەنگىز» ناملىق بىر مۇقام ئىجاد قىلغانلىقىنى ھەمدە بۇ مۇقام ئەينى دەۋرىدە ئابدۇرەشىدخان نامىغا باغلىنىپ ئەل ئىچىگە يېيىلغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ، مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ بايان بىزگە «ئىشرەت ئەنگىز» مۇقامىنىڭ ئىجاد قىلىنىپ تارقىلىشىدا سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ بىر ئۈلۈش ئەمگىكى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
        سۇلتان ئابدۇرەشىدخان «رەشىدى» دېگەن نام بىلەن تۈركىي ۋە پارس تىلىدا مۇھەببەت، ۋاپا، ئۈمىدۋارلىق، ساداقەت تۇرغۇلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆپلىگەن لېرىك شېئىرلارنى ياراتقان، ئۇنىڭ «دىۋان رەشىدى»، «غەزەلياتى رەشىدى» «سىلاتىننامە» قاتارلىق دىۋانلىرى بولغان، ئەپسۇسكى ئۇلار دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.
        قىسقىسى، ئابدۇرەشىدخان ئىنساب - ئادالەتنى، خەلقپەرۋەرلىكىنى، ئىلىم - مەرىپەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ زامانىدا ئەدلۇ - ئادالەت، ئەخلاق - پەزىلەت، مەرىپەت ۋە سەنئەت ئۆز زامانىسىغا لايىق ھالدا نۇر چېچىپ، سەئىدىيە ئاسمىنېدا پارلىغانىدى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېخىمۇ نۇرلانغانىدى. (مۇقام پېشۋالىرى)
      «چىڭگىزنامە» ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 105-بەت.
      مۆجىزىنىڭ«تەۋارىخىي مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىنىڭ58-بېتىگە قاراڭ،مىللەتلەر نەشرىياتى،1982-يىل نەشرى.
      «تارىخىي رەشىدى»(زەيلى) ماي باسما نۇسخا.74-بەت


                                                مۇھەممەد سادىق كاشغەرى

        سادىقى(6/1725-1849) يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئالىم، ئەدىب، تارىخشۇناس، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئەرباب، سادىقى كاشغەردە موللا شاھ ئەلا ئاخۇن ئىسىملىك بىر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىسمى موللا مۇھەممەد سادىق كاشغەرى ياكى موللا مۇھەممەد سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم بولۇپ، ئادەتتە مۇھەممەد سادىق ياكى مۇھەممەد سادىق كاشغەرى دەپمۇ قوللىنىلىدۇ. ئەدىب شېئىرلىرىدا « سادىق، سادىقى، سادىقا» دېگەن ئىسىمنى ئەدەبىي تەخەللۇس سۈپىتىدە قوللانغان.
        سادىقى باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئائىلىسىدە ئاتىسىدىن ئالغاندىن كېيىن كاشغەردىكى «مەدرىسەئى ھامىدىيە» ناملىق ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، تۈرلۈك ئىلىملەر بويىچە يۇقىرى مەلۇمات ئالىدۇ. ئوقۇشنى تاماملاپ، كاشغەر خانلىق مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، بىر مەزگىل ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. كۆپ ئۆتمەي، كاشغەر شەرئى مەھكىمىسىنىڭ باش قازىلىقىغا تەيىنلىنپ، شەرىئەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. مانا بۇ مەزگىل ئالىمنىڭ شان-شۆھرىتىنى يالغۇز كاشغەرغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭغا دېگۈدەك يېيىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەرىئەت ئەقىدىسى بويىچە چىقارغان ھۆكۈملىرىنى رەت قىلىشقا كىشىلەر جۈرئەت قىلالمىغان. جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە مۇرەككەپ،چىگىش، ھەل قىلىش تەس دەپ قارالغان مەسىلىلەر سادىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇلغان. شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ«موللا مۇھەممەد سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم» دېگەن مۇھىرى ئالتە شەھەر بويىچە ئاساسەن ئېتىراپ قىلىنغان.
         ئالىمنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر تۆھپىسى شۇكى، ئۇ ئەجدادلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، چەكسىز پەخىرلىنىپ تۇرغان. ئۇ قىممەت باھالىق «مەسنەۋى شېرىف» ناملىق كىتابىغا ئالتۇندەك «ھەدھىيەنامە» يېزىپ، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ كاشغەر ئوپال يېزىسىدىكى قەبرىسىگە مۇتلەق ۋەخىپە قىلغانلىقى بۇنىڭ جانلىق پاكىتى. «مەسنەۋى شېرىف» كىتابىنىڭ مۇقاۋىسىغا ھىجرىيە 1252-يىلى(مىلادى 1836-1837-يىللار) «قەلەم ئىگىسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مۇبارەك قەسىدىسى» گە تەقدىم، دېگەن ھۆججىتى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يۇرتى ۋە قەبرىسىنى بېكىتىشتە مۇھىم ھۆججەت بولۇپ قالدى. «مەسنەۋى شېرىف»كە يېزىلغان «ھەدھىيەنامە»دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سادىقى ئۆز ئەتراپىغا نىزارى، غەرىبى، زىيائى، زەيدىن قۇرۇلبېگى قاتارلىق ئۆلىمالار، بىلىم ئەھلىلىرىنى توپلىغان. بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە بىرلىكتە كۈچ چىقارغان. 1849-يىلى كاشغەردە بولغان بىر قېتىملىق سىياسىي توپىلاڭدا ئالىم قەتلى قىلىنغان. ئۇنىڭ جەسىتى ئاق مازار(يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى ئالدىدىكى قەبرىستانلىققا)غا دەپنە قىلىنغان.
      ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن:
       شىنجاڭ تارىخىنى بىر قەدەر تىپىكرەك گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان «تەزكىران ئەزىزان»  جەمئىيەتنى تۈزەشكە بېغىشلىنىپ،شەرىئەت قائىدىلىرىنى مىللىي ئادەت ۋە تەلەپلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان  ئەسىرى«زۇبەدتۇل مەسائىل ۋەل ئەقائىدە» (مەسىلىلەر جەۋھىرى)    تۇرپاندىكى مەشھۇر ئەسھابۇل كەھب ھەققىدە قىزىقارلىق ھىكايە سۆزلەنگەن ئەسەر «تەزكىرەئى ئەسھابۇل كەھب»
    كىشىلەرنى ئەدەپ-ئەخلاق، ئىلىم-ھۈنەرگە ئۈندەيدىغان تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بولغان ئەسەرلىرىدىن ««ئادابۇسسالىھىن» (ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىرى)، رىسالەئى كەسپدار» (كاسىپلار رىسالىسى) 1846-يىلى «تارىخىي ئەبەرى»نى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا يازغان چوڭ تىپتىكى ئەسىرى «تارىخىي ئىسكەندىرىيە ۋە تاجىنامەئى شاھى»
    ئىسلام ئەقىدىلىرى ۋە ئەدەپ-ئەخلاققا دائىر كىتاپلاردىن «ئىسلام ئاساسى»، «كەشپۇل قۇلۇب» قاتارلىقلارنى يازغان.
        ئالىم يەنە باشقا خەلقلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ،مىللەتنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ئەرەب تارىخچىسى ئەبۇ جافار مۇھەممەد بىن جەزىر ئەل تەبەرى (838-923)نىڭ «تارىخىي تەبەرى» دېگەن ئەسىرىنى ئىجادىي تەرجىمە قىلىپ ئىشلەپ(? 1800-يىل) چىققان. بۇ «تەرجىمە تارىخىي تەبەرى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا دۇنيا بىنا بولغاندىن تارتىپ مىلادى 915-يىلىغىچە بولغان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەسىرلەردىكى تارىخىي ئەھۋالىمۇ سۆزلىنىدۇ.
    سادىقى بۇنىڭدىن باشقا 1749-1750-يىللىرى پارس تىلىدىن «تارىخىي رەشىدى»نى تەرجىمە قىلغان، بۇ «تەرجىمەئى تارىخىي رەشىدى» دەپ ئاتالغان. ئەرەب تىلىدىن«قۇرئان»نى تەرجىمە قىلغان، ھەم «قۇرئان تەفسىرى»نى تاماملىغان. ئەجدادلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئۇلۇغ ئەدىبلەرنىڭ ئەمگەكلىرىنى ساقلاش، ئۆگىنىش مەقسىتىدە تالىپ چاغلىرىدا، يەنى 1735-1736-يىللىرى نەۋائىنىڭ  «مەجالىسۇننەفائىس» ناملىق ئەسىرىنى كۆركەم خۇشخەت بىلەن كۆچۈرۈپ چىققان. (ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى)


                                                          ئەھمەدشاھ


    ئەھمەدشاھ (50/1740-1828)ئىسىملىك بۇ شائىرنىڭ تەخەللۇسى «قاراقاشى» بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىدىكى قاپاقلا يېزىسى ھالايلى(ھويلا ئالدى)مەھەللىسىدە بىر دىنىي ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ،شۇ يەردە ۋاپات بولغان . ئەھمەد شاھنىڭ دادىسى مۇبارەكشاھ قاپاقلا يېزىسىدىكى مەدرىسنىڭ مۇدەررىسى بولغان . ئەينى ۋاقىتلاردا مۇبارەك شاھ قاتارلىقلار تەرىپىدىن دەرسلىك سۈپىتىدە ئوقۇتۇلۇۋاتقان نەۋائى ،سوپى ئاللايار قاتارلىقلارنىڭ غەزەللىرى ئەھمەد شاھقا كىچىكىدىن تەسىر قىلىپ تۇرغان . ئەھمەد شاھ 1767-يىللىرى كاشغەر خانلىق مەدرىسكە كېلىپ ، ئۇ يەردە بىر مەزگىل ئالىي مەدرىس تەلىمىنى قوبۇل قىلىدۇ. بولغۇسى شائىر ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزىققان . ئۇ كاشغەردىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، كەلگىنىدىن كېيىن قاراقاشتىكى چوڭ مەدرىسە «گۈزەر» مەدرىسىگە مۇدەررىس قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. ئەھمەد شاھ كاشغەردە نەزەر دېگەن بىر ئاقسۇلۇق تالىپ بىلەن ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇغان ئىكەن . ئوقۇش تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ ئاقسۇدا مۇفتى بولغان . بۇ خەۋەردىن ۋاقىپ بولغان ئەھمەد شاھ دوستىغا نامى مەشھۇر ئاقسۇ ئېتىدىن بىرنى ئېلىپ ئەۋەتىش توغرۇلۇق ئالاھىدە خەت يېزىپ ، يېتەرلىك پۇل ئەۋەتىدۇ . ئات ئەھمەد شاھنىڭ كۈتكىنىدەك بولماي قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شائىر قاتتىق رەنجىپ كۈچلۈك ھەجۋى تۈسكە ئىگە «نەزەر مۇفتىغا خەت»نى يېزىپ چىقىدۇ.
    بۇ سالام خەت خەلق ئارىسغا تارقالغاندىن كېيىن ھەر خىل نام ھەجىم ۋە شەكىلدە كەڭ تارقىلىدۇ.
       «ئاتنامە»دە ئاتنىڭ ئوبرازى يۈكسەك دەرىجىدە تىپىكلەشتۈرۈلگەن . شائىر چاكىنا ۋە خۇمسى دوستىنىڭ ۋاستىسى بىلەن سېتىۋالغان ئاتنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:

    بايان ئەيلەي يەنە بىر-بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيبىنى، ئاڭقا،
    قىڭىر قۇيرۇق، سىڭا سۆڭگەچ، پۇتى مايماق،بويى لاڭقا،
    بىرى تەپكەك، بىر مۆڭگەك، بۇ ئەيىبلەر ئۈستىگە ماڭقا،
    ساماندىن بەش كۆشۈك يەپ، ھەرقەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،
    تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەت ئىچرە بىر ئات ئۇ قىيافەتتە.

    مىنىپ چىقسام ئالىپ ئۇردى، يىقىلدىم، نەچچە كۈن ياتتىم.
    قويۇپ بەرسەم، بۇزۇپ باغنى، ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم ،
    سوغارغندا قاچىپ سۆرەپ، ئاران ھارغاندا توختاتتىم ،
    تىگىشتىم ئۇي بىلە بەش-ئالتە نەۋبەت، ئون قاتىم ساتتىم ،
    قىلىپ دەۋا كېلۋەدى ، ماڭا ياندى شەرىئەتتە.

    ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام ،تۈزۈك يۈگرەپ چاپالمايدۇ ،
    ۋەيا ئۇي توختاپ ئالغاندا ئۇرۇپ قويسا چىچاڭلايدۇ ،
    مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بېرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ،
    خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كەسەفەتتە.

    ئۇرۇپ مىڭ تەست چاپتۇرسام، سوكۇلدايدۇ ئېشەك ئوخشاش ،
    قورساق سانجىق بىلەن ئاغرىپ، كېتەر گويا زىڭىلداپ باش،
    يەنە بىر ئەيىبى شولدۇر چىرقىراپ سەت ، يولدا تاپتوختاش،
    زېرىكمەي مىنسە ، بىر سائەت بېرەلمەس ھېچ كىشى بەرداش،
    شەھەر-يېزا ئارا قىلغان سەفەر ،سەيلى-ساياھەتتە .
        
    يالغۇز بۇلا ئەمەس ، شائىر يەنە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاتنىڭ كۆرۈنۈشى ، خۇيى،خاراكتىرى ۋە ھالىتىنى تولىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلىي بايان قىلىپ ، ئوقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىدا تەبىئەت دۇنياسىدىن يەنە بىر ئوخشىشىشنى تاپقىلى بولمايدۇ «لەقۋا ئات» ئوبرازىنى سىزىپ چىقىدۇ .
         مانا بۇ نەزەر مۇفتىنىڭ ئاغنىسى ئەۋەتكەن ئەڭ ياخشى ئات كېلىدىغان 50 تەڭگىنى خەجلىۋىلىپ ،ئارقا-ئارقىدىن سۈيلەپ خەت يازغاندىن كېيىن ئىلاجىسىز ئەھۋالدا قالغان نەزەر مۇفتىنىڭ بىر يىلدىن كېيىن ئەۋەتكەن «ئارغىماق» ئېتىنىڭ ئەينى كۆرۈنۈشى .
        داستاندا شائىر غەزەپلىك ھېسسىياتى بىلەن «لەقۋا ئات»نى پاش قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ئاتنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋاپاسىز ، خىيانەتكار ،قىزىل كۆز نەزەر مۇفتىنى ۋە ئۇنىڭ ماھايىتىنى قاتتىق پاش قىلغان . ئەھمەد شاھ ئىشىنىدىغان ۋە ھۆرمەت قىلىدىغان دوستى توغۇرلۇق مۇنداق يازغان:

    دۇئايى بىئەدەد، خاجە، نەزەر مۇفتىمغە ئەلبەتتە،
    تەھىيياتۇ سەلامىم ئانچۇنان ئاھۇ نەدامەتتا،
    ۋىسال ئولغاي دۇئا بىرلەن سەلامىم ياخشى سائەتتە،
    سېنى ياد ئەيلەگۈم ھەركۈن سەھەرلەردە ئىبادەتتە،
    كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە.

    ساڭا نامە يازدىم، نا مۇناسىپ لەفزدىن ، ئەي يار،
    بىھەمدۇللا، تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلەدىم ئىزھار،
    بىلىشنى ئىستەسەڭ، مۇندا شۈكۈركىم، بىز ئەمەس بىمار،
    تېنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ، ئاندا نەھالىڭ بار،
    مۇشەققەتلىكمۇ سەن، يا ئۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ فەراغەتتە.

    قارىيلىق ھالىدىن سورىسام، يېتىشتى نەچچىگە ياشىڭ،
    سېنىڭ ھالا بۇ كۈنلەردە ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ،
    ئايال، ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ، يەنە قەۋمۇ-قېرىنداشىڭ،
    نېچۈكدۇر ئىشتىھايىڭ ھەم، سىڭەمدۇر ئابىيۇ ئاشىڭ،
    مىزاجىڭ خوب، چىرايىڭ تازەمۇ ھۆسنۇ مالاھەتتە؟

    ئىشىتكىل، ئەي رەفىقا، سۆزنى ئەھمەدشاھ قاراقاشتىن،
    بايان ئەيلەيكى ھالىمنى ساڭا ئەمدى يېڭىۋاشتىن،
    ئەقىدەم بار ئىدى شۇنچە يەقىن تۇغقان قېرىنداشتىن،
    سېنىڭ كۆڭلۈڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قارا تاشتىن،
    كۆرۈپمەن، بىلگەنىم يوق مەن ئۇنى ئەينى زەرۇرەتتە.

    سېنى مەن دوستۇ يارىم دەپ ، كۆڭلۈمدە ئېتىقاد ئەتكەچ،
    مۇھەببەت رىشتەسىدىن ھەر زەمان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ،
    سىفاتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىغە ، ياد ئەتكەچ،
    ئىبەردىم ساڭا ئاتمىش تەڭگەنى، كۆپ ئىتىماد ئەتكەچ،
    ئىبەرگەيمۇ دەبان بىر ياخشى ئات، ئۆتتۈم خىيالەتتە.

    پۇلۇمنى توختاتىپ بىر يىل، ئىبەرىبسەن ماڭا بىر ئات،
    ئېشەكچە يوقتۇر رەفتارى، بۇ ئاتنىڭ ھەرنە فىئىلى يات،
    كى يولدا توختىۋالدى قامچە بىرلەن ئۇرماسام پات-پات،
    كۇلا، ئارغامچەنى ئۈزدى، قوزۇققا باغلاسام قات-قات،
    ئۇلاپ ئارغامچەنى ھاردىم ، كۈنى قالدىم ھالاكەتتە.
    (ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى)
         چۈشەندۈرۈش:
    («نەزەر مۇفتىغا خەت »نىڭ ھەجىمى زادى قانچىلىك ، بۇ ئېنىق ئەمەس ،1948-يىلى غۇلجىدا چىققان «ئىتتىپاق» ژۇرنىلىدا 13 كۇپلىت؛ 1960-يىلى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدە بېسىلغان «تۈركىستان ئەدەبىياتى»دا 15 لۇپلىت ، «كوئىنلۇن ئەدەبىياتى» دا 23 كۇپلىت ، «قەشقەر ئەدەبىياتى» دا 29 كۇپلىت ، «بۇلاق» ژۇرنالىدا 25 كۇپلىت ،«بۇلاق» ژۇرنىلىدا 32 كۇپلېت ھەجىمدە ئېلان قىلىندى .)
    [ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]
    دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
    UIDنومۇرى: 1785
    جەۋھەر يازمىسى: 2
    يوللىغان يازمىسى: 117
    شۆھرىتى: 324 نومۇر
    پۇلى: 1150 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-12
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
    10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 42كۈن بۇرۇن
                                                    تۇردى ھاجى

        1863-يىلى 6-ئاينىڭ خاسىيەتلىك بىر جۈمە كۈنىدە لوپ ناھىيىسىگە قاراشلىق تەۋەككۈل يېزىسىدا ئەخمەت ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئۇ_ ئەخمەت ئاخۇنۇمنىڭ ئەللىك ياشلارغا كىرىپ قالغان ۋاقىتلىرىدا كۆرگەن پەرزەنتى تۇردى ھاجى ئىدى.ئەخمەت ئاخۇنۇم ئۆز زامانىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تېۋىپلاردىن بولۇپ ، ئوغلى تۇردىنى تېۋىپ قىلىپ يېتىشتۈرۈش نىيىتىدە دىنىي ئالىم ، تېۋىپ توختى ئاخۇن ھاجىغا شاگىرت قىلىپ ئاپىرىپ بەرگەن .ئەخمەت ئاخۇنۇم ئوغلى تۇردى توققۇز ياشلارغا كىرگەندە قازا قىلغان. تۇردى ئاخۇن ئۇستازى يېنىدا 1894-يىلىغىچە تۇرۇپ ، تىبابەتچىلىك ئىلمىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگەنگەن . تۇردى ھاجى 40 ياشلارغا كىرگەندە ئۇستازى ھەج قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ ماڭغان . ئۇلار ھەج سەپىرىدە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ،تۇردى ئاخۇننىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ھەر بىر خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىنغان. ئۇستازى توختى ئاخۇن سەپەردە بىتاپ بولۇپ قالغاندا ، تۇردى ئاخۇن ھاردىم-تالدىم دېمەي ئۇنى 17 كۈن ھاپاش قىلىپ مېڭىپ، ئۇستازىنى كاراچىدا بىر مەزگىل ئارام ئالدۇرۇپ، ۋاپادارلىق كۆرسىتىپ،ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان . شۇنداقلا شۇ جايدىكى ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ،ئۇلارنى تاڭ قالدۇرغان،ئۇلارنىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى بىلەن ،ھىندىستاندا بىر مەزگىل تۇرۇپ،تىۋىپلىق قىلغان.
        1900-يىلىنىڭ باشلىرىدا لوپ ناھىيىسنىڭ سامپۇل يېزىسىدىكى بەگ ، ئۆلىمالار تەۋەككۈلغا كېلىپ ، توختاخۇن تېۋىپتىن تۇردى ھاجىنى سوراپ ، سامپۇلغا ئېلىپ چىقىپ ئۆي-ماكانلىق قىلىپ سامپۇلدا تۇرغۇزغان . شۇنىڭ بىلەن تۇردى ھاجى 1956-يىلىغا قەدەر سامپۇل يېزىسىدا ئۆز ئالدىغا تىبابەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان .ئۇستازى توختاخۇن تىۋىپ 1915-يىل ئەتراپلىرىدا قازا قىلغان.
        1956-يىلى لوپ ناھىيىسىدە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن،ئۆزىنىڭ دورا - دەرمەكلىرىنى پاي سېلىپ ئامبۇلاتورىيىگە كىرىپ ئىشلىگەن . ئامبۇلاتورىيە تارقىتىۋىتىلگەندىن كېيىن 1975-يىلىغىچە سامپۇل يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت بۆلۈمىدە ئىشلىگەن . 1975-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن.تۇردى ھاجىنىڭ كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇپ ، قويغان دىئاگنوز ھازىرقى زامان تەكشۈرۈش سايمانلىرىنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئۇدۇل چىقاتتى . ئۇ تومۇر تۇتۇشتا بىمار تومۇرىنىڭ نورمال ھالەتكە كېلىشىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ، دىلىدىكى ۋەھىمىسىنى كۆتۈرىۋېتىپ ، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلغاندىن كېيىن ، ئاندىن تومۇر ھەرىكىتىنى تەكشۈرەتتى . ئۇ ئۇستازىدىن مىراس بولۇپ قالغان «تەرياق» دىگەن دورىنى كۆپ ياسايتتى ھەم ئۇنى يېنىدىن ئايرىمايتتى . ئۇ «بۇ دورا 90 نەچچە خىل كېسەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ »دەيتتى . بۇ دورىنىڭ ھەرخىل يەللەرنى ھەيدەش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ، شىپالىق ئۈنۈمى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىدى . تۇردى ھاجى ئاساسەن يۈرەك مېڭە-قان تومۇر كېسەللىكلىرى ، رىماتىزىم ، مۇپاسىل ، نۇقرەس قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا مول تەجرىبىلەرگە ئىگە ئىدى . كېسەل داۋالاشتا چاينى ئاساسىي ئورۇندا قوياتتى . ئاددى رېتسىپلار ئارقىلىق كېسەل داۋالايتتى .
        1984-يىلى تۇردى ھاجىنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ئوغلى ئابدۇغۇپۇر ھاجىم 120ياشتىن ھالقىغان مۇبارەك دادىسى تۇردى ھاجىمنى ئېلىپ مەككە مەدىنەمگە قاراپ يول ئالدى.ئۇلار ھەج تاۋاپ پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەككىدە نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىتتە تۇردى ھاجىمنىڭ 120ياشتىن ھالقىغاندىمۇ گۈس-گۈس دەسسەپ ماڭىدىغانلىقى،شۇنچە دىمىق بولغان مۇھىتتىمۇ دىمىنىڭ سىقىلمىغانلىقى مۆجىزە ھېساۋىدا تونۇشتۇرۇلدى.......سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنى چوڭقۇر ھەسرەتتە قالدۇردى.چۈنكى پادىشاھ ئالىيلىرى گېزىتتىن تۇردى ھاجىم توغرىسىدىكى ئاجايىپ خەۋەرنى كۆرۈپ،بۇ مۆھتىرەم ئۆمۈر چولپىنىنى ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ ئىسسىق قوللىرىنى سىقالمىغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغانىدى.كېيىنكى كۈنلەردە ئوردا مۆتىۋەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇردى ھاجىمنىڭ ھەج تاۋاپقا كەلگەنلىكىنى پادىشاھ ئالىيلىرىغا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىشمىغانلىقى ئۈچۈن پادىشاھدىن تەنبىھ ئاڭلىغانلىقلىرىنى خوتەندىن ھەج تاۋاپقا بارغانلارغا دەپ بېرىشتى.
       تۇردى ھاجى ئۆزىنىڭ 100يىلدىن كۆپرەك ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىشلىرىغا بېغىشلاپ ،ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئۇ ئۆزىنىڭ تىبابەتچىلىك ئىلمى ئەمەلىيىتى جەريانىدا ياراتقان مول تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن ، ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرى »دىگەن كىتابنى يېزىپ قالدۇرغان.
       نام شەرىپى،ياخشى ئەمەللىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىدىن خىلۋەت ماكان تەۋەككۇل بوستانلىقىدىكى ئاددى كىشىلەرگىچە ئۇلۇغلىنىپ كەلگەن بۇ مەشھۇر ھەكىم بىر ئەسىردىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈپ1987-يىلى 124يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. (مەتسېلىم مەتقاسىمنىڭ «تۇردى ھاجى»)
    [ بۇ يازما تەرىپىدىن دە قايتا تەھرىرلەنگەن ]
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 1628
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 11
    شۆھرىتى: 77 نومۇر
    پۇلى: 65 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-15
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
    11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 42كۈن بۇرۇن
    ۋاھ...!  كوپ رەھمەت سىللەرگە! نىمدىگەن مول ماتىريال !!  
    ھەراس؟ ئاۋۇ سۇلتان سەئىد خان رەسمى ئەمەس بەلكى ياقۇپ بەگ رەسمىدەك قىلدىغۇ?
    دەرىجىسى: لەشكەر
    UIDنومۇرى: 8302
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 16
    شۆھرىتى: 160 نومۇر
    پۇلى: 90 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-01-23
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-09
    12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 33كۈن بۇرۇن
                

                                       كۆپ ئەجر سىڭدۈرۈپسىز،ئەجرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
    دەرىجىسى: يۈز بېشى
    UIDنومۇرى: 7523
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 83
    شۆھرىتى: 507 نومۇر
    پۇلى: 840 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-12-17
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-10
    13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 33كۈن بۇرۇن
    باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىنى نادىرلاشقا تىگىشلىك ئىكەن ، رەھمەت قېرىندىشىم ، مەن ھەممىسىنى ساقلىۋالدىم . مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ، كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز ، سۈرەتلەر بىر بىردىن ياخشىكەن .
    ئەركەم تورى
    دەرىجىسى: يۈز بېشى
    UIDنومۇرى: 2182
    جەۋھەر يازمىسى: 0
    يوللىغان يازمىسى: 122
    شۆھرىتى: 144 نومۇر
    پۇلى: 1180 سوم
    تۆھپىسى: 0 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى: 272(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-05-17
    ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
    14-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 23كۈن بۇرۇن
    ھەقىقەتەن نادىرلاشقا تىگىشلىك ياخشى تىما ئىكەن كۇپرەھمەت
    • «
    • 1
    • 2
    • »
    • Pages: 1/2     Go
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
    كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

    ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !