دەرىجىسى؛ ياساۋۇل
UID: 1447
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 19
شۆھرىتى: 48 نومۇر
پۇلى: 280 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-02-13
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-25

 ھىتلېر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلارغا ئۆچ؟

                                                    ھىتلېر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلارغا ئۆچ؟


يەھۇدىيلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شۇنچە قىرغىنچىلىققا ۋە خورلۇققا ئۇچراپ تۇرسىمۇ يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
يەھۇدىيلار زادى قانداق مىللەت؟
يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادىكى تارىخ ئىزلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ سىرىغا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرسەكلا بۇ سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب تاپالىشىمىز مۇمكىن.
بۈگۈن بىز بۇ يەردە يەھۇدىيلارنى بىلىشتىن ئاۋۋال، ھىتلېرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشىنىڭ سىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈپ، كېيىنچە يەھۇدىيلار ئۈستىدە توختالساقمۇ ئۈلگۈرىدىغاندەك قىلىمىز.

ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى - نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا تارىخشۇناسلارنىڭ تالاش - تارتىش قىلىدىغان تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.

بەزىلەر: «ھىتلېرنىڭ بوۋىسى يەھۇدىي بولۇشى مۇمكىن، ھىتلېرنىڭ دادىسى بوۋىسىنىڭ ئايال خىزمەتچىسىدىن تاپقان ھارامدىن بولغان بالىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھىتلېر چارەك يەھۇدىي قان سېستىمىسىغا كىرىدۇ. ھىتلېر ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن نەپرەتلەنگەچكە، يەھۇدىيلارغا نەپرەتلەنگەن» دەپ قارايدۇ.

يەنە بەزىلەر: «ھىتلېر ئىلگىرى سېرىق چاچ قىزغا كۆيۈپ قالغان، كېيىن ياش بىر يەھۇدىي بۇ قىزنى تارتىۋالغان، ھىتلېر شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا نەپرەتلەنگەن» دېيىشىدۇ.

يەنە بەزىلەر: «ھىتلېرنىڭ ئىلگىرى يەھۇدىي پاھىشە ئايال بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان، ھىتلېر ئۇ ئايالدىن جىنسىي كېسەل يۇقتۇرۇۋېلىپ، بىر ئۆمۈر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالغان، شۇڭا ھىتلېر يەھۇدىيلارغا نەپرەتلىنىدۇ» دەپ قارايدۇ.

يەنە بەزىلەر: «ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبى - ئۇنىڭدا ‹پىسخىلوگىيەلىك غەيرىي نورمال ھالەت›نىڭ ئېنىق بولمىغان خورلاش ۋە قىرغىن قىلىش ئىستىكى بولغانلىقىدىن» دەپ قارايدۇ.

يەنە بەزىلەر: «ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشى - بىر «جىنسىي كۈندەشلىك»تىن بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارايدۇ.
چۈنكى ھىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا:
«نەچچە مىڭلىغان قىزلارنى يىرگىنچلىك ئىچ مايماق يەھۇدىي شالغۇتلىرى ئازدۇرۇپ يۈرىدۇ» دەپ يازغان.
ئۇلار: «بۇ ھىتلېرنىڭ بىر خىل «جىنسىي كۈندەشلىك» پسىخىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دەپ قارايدۇ.


بۇ توغرىلىق قاراشلار يۇقۇرقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. لېكىن كۆپىنچىسىنى ئۆز سۆزىنى يورغىلاتقان قاراشلار دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن گۇمانلىق تەرەپلىرى بار.
ئەگەر بىز ھىتلېرنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى ئۆچ كۆرۈشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس.
ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ.


بىرىنچى:
دىنىي خاھىش ۋە ئىرىقچىلىق ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيىسىنىڭ ئاساسى.

ھىتلېر ۋىنادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە، نۇرغۇن دىنىي كىتابلارنى ئوقۇغان.
ئۇ چىمبىرلىننىڭ: «ئىسا يەھۇدىي ئەمەس، يەھۇدىيلار ئىساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدىينىڭ پۇشتى، شۇڭلاشقا يەھۇدىيلار گۇناھكار مىللەت» دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنەتتى.
پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپىنچە مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.


ھىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدىكى يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەم ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدە توختالغان مۇنۇ قۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ:

«بارلىق مەدىنىيەتلەر ئاق تەنلىكلەردىن باشلانغان»
«ئارىيانلار بولسا ئاق تەنلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئىرق»
«يەھۇدىيلار باشتىن - ئاخىر باشقا مىللەتلەرنىڭ بەدىنىدىكى پارازىت قۇرۇتلار ... ئۇلار زىيانلىق تاياقچە باكتىرىيىگە ئوخشاش كېڭەيمەكتە، ئۇلار قەيەردە بولسا، شۇ يەردىكى كىشىلەر ھامان بىر كۈنى نابۇت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ‹جەزمەن يەر شارىدىن يوقىلىشى كېرەك›»
«بارلىق ئورگانىك ھاياتلىقلارنىڭ ئەركىن رىقابىتىدە ئەلالىرى يېڭىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ كېتىدۇ، ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يەيدۇ، بۇ تەبىئەت پرىنسىپى ۋە پولاتتەك قانۇنىيەت»
«يەھۇدىيلار پەس مىللەت»

دېمەك، ھىتلېر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا سۈرلۈك تۈس ئالغان «ياشاش ماكانى نەزەرىيىسى» ۋە «ئىرقىي ئەۋزەللىك نەزەرىيىسى»نى زور كۈچ بىلەن تەرغىب قىلىپ، «يەھۇدىيلارغا، دىموكىراتىيىگە ۋە ماركسىزمغا بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. دەل مۇشۇ كىتابنىڭ ئىدىيىۋى يېتەكچىلىكىدە، گېرمانىيە ئۇرۇشپەرەسلىك ۋە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش يولىغان ماڭغان

ئەمدى بۇ كىتابنى نېمە ئۈچۈن باشقىلار ئەكسىيەتچىل كىتاب دېيىشىدۇ؟
مۇشۇنىڭ جاۋابىمۇ مېنىڭچە ناھايىتى ئاددىي.
تارىخچىلارنىڭ ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا: «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتاب 1933 - يىلىدىن 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر، ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىۋالغان.
بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر خېتى 125 مىڭ ئادەمنىڭ؛
ھەر بىر بابى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
شۇڭلاشقا، ھىتلېرنىڭ بۇ كىتابىنى «ئەكسىيەتچىل كىتاب» دەپ ئاتىشىدۇ.


ئىككىنچى:
ماركسىزمغا قارشى تۇرۇش - ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىدىكى سىياسىي سەۋەب


ماركىسىزمنىڭ سىنىپىي كۈرەش نەزەرىيىسى ئىرىقچىلىقنى تەلتۆكۈس ئىنكار قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھىتلېر ماركىسىزمنى ‹دەھشەتلىك بالايىئاپەت› دەپ قارايدۇ.

ھىتلېر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا:
«يەھۇدىيلار ماركسىزم تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ، ‹گېرمانىيىنىڭ روھىي دۇنياسىنى زەھەرلىمەكتە›؛ ئۇلار مىللەتنى سىنىپقا ئايرىۋەتتى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيىلەرنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن سىنىپىي كۈرەش بىلەن شۇغۇللاندى، ‹مىللىي ئىگىلىككە بۇزغۇنچىلىق سالدى ھەم ھەمكارلىق ئۇيۇشمىلىرى، بىلىم ساھەلىرىنى كونترول قىلىپ، ئىنتېرناتسىئونالىزمنى، تىنچلىقپەرەسلىكنى، ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلدى› شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ‹ماركسىزم تازىلانمىسا›، گېرمانىيە قايتىدىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ» دەپ قارىغان.

«مېنىڭ كۈرەشلىرىم»دە يەنە مۇنداقمۇ يېزىلغان:
«يەھۇدىيلار كۈرىشىنىڭ ئاخىرقى نىشانى - ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيانى قۇل قىلىپلا قالماي، سىياسىي جەھەتتىمۇ دۇنيانى قۇل قىلىشتىن ئىبارەت. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ماركسىزملىق نەزەرىيىسىگە تايىنىپ دۇنيانى، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى يەڭگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ خان تاجى ئىنسانىيەت ھالاكىتىنىڭ كرېستى بولىدۇ»

ھىتلېر ئىككى نەرسىگە ئۆچ بولغان.
بىرى يەھۇدىي، يەنە بىرى، ماركسىزم.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ قالغان.
ماركىسىمۇ يەھۇدىي بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىنقىلابچىلىرىمۇ يەھۇدىي. سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرغاندا، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ رەھبەرلەر يەھۇدىي ئىدى. ئاشۇنداق خېلى نوپۇزلۇق ئورۇن ۋە كاتىۋاشلار ئىچىدە چوقۇم يەھۇدىي بار بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا، ھىتلېر «ماركىسىزمنى يوقۇتۇشتىن ئاۋۋال يەھۇدىيلارنى يوقىتىش كېرەك! » دېگەن.


ئۈچىنچى:
ئىگىلىكنى«ئارىيانلاشتۇرۇش» ۋە ھەربىيلەشتۈرۈش ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەبى بولغان


ئو توققۇزىنچى ئەسىردىن بۇيان، كاپىتالىستىك ئىگىلىكنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەھۇدىي سودىگەرلىرى كاپىتالىزمنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.
يەھۇدىيلار ياۋروپانىڭ ئاخبارات، داۋالاش، پۇل - مۇئامىلە، قانۇن ۋە مائارىپ ساھەسىنى دېگۈدەك مونوپول قىلىۋالغانىدى.
بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتلاردا ناتسىست پارتىيىسىنى قوللايدىغان مونوپول بۇرژۇئازىيە يەھۇدىي سودىگەرلىرىگە ئىنتايىن نەپرەتلەنگەن، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىمەكچى بولغان.
ھىتلېر ئۆزىنىڭ تەختكە چىقىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، تەبىئىي ھالدا يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش سىياسەتلىرىنى قوللانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەھۇدىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان - تاراج قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا زومىگەر بولۇش ئۇرۇشى قىلىش قارا نىيىتى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئاساس سالماقچى بولغان.

ھىتلېر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ‹گۇناھى›نى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
«يەھۇدىيلار خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كاپىتالىنى ئىگىلىۋالدى. ئۇلار - ‹قانخور يەھۇدىيلار› ۋە ‹سودا ئورۇنلىرىدىكى بۇلاڭچىلار›، ‹يەھۇدىيلار گېرمان ئىمپېرىيىسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىشقا ئەڭ زور قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچىلار. گېرمانىيىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى پەيدا قىلغۇچىلار - دەل دۇنيادىكى يەھۇدىيلار»

يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھىتلېر ئىقتىسادنى «ئارىيانلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى قوزغاپ، يەھۇدىيلارنىڭ مال-مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان-تاراج قىلغان.
گېرمانىيىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان روتسچلىد، ۋېينماس مالىيە گۇرۇھىنىڭ مال - مۈلكىمۇ تالان-تاراج قىلىنىشتىن ئىبارەت «ئارىيانلاشتۇرۇش»نىڭ تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
پەقەت 1938 - يىلى 11 - ئايدىكى «خرۇستال كېچىسى»دە يەھۇدىيلار بىر مىليارد ماركتىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ 1938 - يىللىق گېرمانىيە خام چوتىدىكى يىللىق مىللىي دارامەتنىڭ 82 دىن بىرىگە توغرا كەلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ھىتلېر گېرمانىيىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك دۆلەتلەردىن ئىسپانىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋستىرىيە، پولشا ۋە رۇمىنىيە قاتارلىقلارنىمۇ كونترول قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپا بىرلىككە كەلگەن يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش فرونتىنى قۇرۇپ چىققان.
بۇ، ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ خەلقئارالىق سەۋەبى.
ئۇنىڭ قارىشىچە: يەھۇدىيلار گېرمانلارنىڭ رىقابەتچىسى، ياۋروپاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا زومىگەر بولۇش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ھىتلېر پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ بىر مەيدان تىراگىدىيىسىگە رېژىسسورلۇق قىلغان.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
پەلەستىنگە دائىر ماتېرىياللار خەزىنىسى:
http://palastinbiz. blogspot. com/
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
توغرا ئاتاش <<ھىتلېر>> ، شۇڭا ھىتلېر دەپ ئاتاپ كۆنۈڭلار!
[ بۇ يازما erdewil تەرىپىدىن 2009-01-09 22:11 دە قاي ]
دەرىجىسى؛ لەشكەر
UID: 6924
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 19
شۆھرىتى: 23 نومۇر
پۇلى: 220 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 57(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-11-27
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-12
"گىتلېر يەھودىيلارنى تولۇق چۈشەنگەن تۇنجى ئىنسان"
مۇشۇ سۆزنى كىم ئېيتقان بولغىيتى ؟
yol
دەرىجىسى؛ ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UID: 1774
نادىرتىمىسى؛ 1
تىمىسى؛ 233
شۆھرىتى: 741 نومۇر
پۇلى: 2460 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 115(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-01-21
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-28
مۇنۇ بېكەتتىن ھىتلېرنىڭ فىلىمىنى كۆرەلەيسىز، ئېسىل فىلىم،ساپ ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو
http://www.uyterjime.com/filim_chushurush.asp?id=47
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى؛ ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UID: 1797
نادىرتىمىسى؛ 1
تىمىسى؛ 334
شۆھرىتى: 418 نومۇر
پۇلى: 3470 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 488(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-04-14
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-27
ئۇكام erdewil، مەن سىلىنىڭ ئۇ مەھەلىدىن پەقەت فىلىم چۈشۈرەلمىدىم. بىر ئاي بۇلاي دەپ قالدى. نىمە سەۋەپ باردۇ؟
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
دەرىجىسى؛ مىڭ بېشى
UID: 1522
نادىرتىمىسى؛ 1
تىمىسى؛ 440
شۆھرىتى: 553 نومۇر
پۇلى: 12810 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-02-26
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-29
   
  تىمىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.
  ئۇيغۇرلارنى بەزى تۈركى قەبىلىلىرى ۋە مىللەتلىرىنىڭ <<سارت>>(سودىگەر)دەپ ئەيىپلىشى بەرھەق. ئەخلاسىز ئىنساننىڭ بىريۈەنلىك مالنى مىڭ يۈەنگە سېتىش سودىسى تېخىمۇ ئەخلاقسىزلىق. مەن 20يىللار بۇرۇن بىر دىني زاتنىڭ: <<يەھۇدىلار ئەرزان ئېلىپ قىممەت ساتقۇچى، شۇڭا، پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنى ئىنسانلىق خىسلىتىنى يوقاتقۇچىلار...>>دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغانلىقىم ئىسىمدە. بەلكىم، نىمسلار دىنىي پەرقى بىلەن يەھۇدىلارغا ئۆچ بولمىسىمۇ، ئەمما، ئۇلارنىڭ سودىدىكى تارىخى سەمىمىيەتسىزلىكىدىن باشلاپ گىرمانىيە ئىقتىسادى جان-تومۇرىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىدىن يەتكىچە بىزار بولغان بولىشى، ھەتتا، نەسلىنى قۇرۇتىۋىتىش نەپرىتى پەيدا بولغان بولىشى مۇمكىن.
    بۈگۈنكى ئىسرائىلىيە، ئىسلام دىنى بىلەن غەيرى دىن ۋە ياۋرۇپا بىلەن ئاسىيا چىگىر پاسىلى، ھەمدە تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى پاسىل تاملىق ھەيۋىتىدە، ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئالدىنقى بازىسى. مۇشۇ سەۋەپلىك يەھۇدىيلار كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىنى يۇتۇۋېلىشتەك تارىختىكى ئاتالمىش<<سودا >>شەرمەندىچىلىكىنى ئىقتىساتتىن سىياسىغا كۆتىرىشى مۇقەررەرلىككە ئايلانماقتا.
yol
دەرىجىسى؛ ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UID: 1774
نادىرتىمىسى؛ 1
تىمىسى؛ 233
شۆھرىتى: 741 نومۇر
پۇلى: 2460 سوم
تۆھپىسى: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 115(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-01-21
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-28
رەسىم :
جېنىم ئاكا، چوقۇم تېخنىكىڭىزدىكى گەپ جۇما....
يەنە سىناپ بېقىڭە بىر....
مېنىڭكىدە ئىنتايىن نورمال چۈشۈۋاتىدۇ
[ بۇ يازما erdewil تەرىپىدىن 2009-01-10 16:40 دە قاي ]
yol
سۆيىمەن ئۇيغۇرنى مەڭگۈ!
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى؛ ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UID: 1797
نادىرتىمىسى؛ 1
تىمىسى؛ 334
شۆھرىتى: 418 نومۇر
پۇلى: 3470 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 488(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-04-14
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-27
مەن ئادەتتە چاقماقتا چۈشۈرىمەن، ھازىر يەنە سىنىدىم. ئادېرىسى مۇنداق چىقتى:
http://www.bilqut.biz/Hitler/HitlirCD1.rm
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى؛ ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UID: 1797
نادىرتىمىسى؛ 1
تىمىسى؛ 334
شۆھرىتى: 418 نومۇر
پۇلى: 3470 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 488(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-04-14
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-27
چاقماقنىڭ تەڭشىكىدىكى ئىش ئىكەن. ئەمدى چۈشۈۋاتىدۇ. سىز تېخنىكا توغرۈلۈق گەپ قىلمىغان بولسىڭىز پەقەتلا دىققەت قىلماي ئولتۇرىدىكەنمەن. رەھمەت سىزگە!
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
دەرىجىسى؛ پانسات
UID: 1140
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 267
شۆھرىتى: 349 نومۇر
پۇلى: 2985 سوم
تۆھپىسى: 48 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 356(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2007-12-22
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-29
ھازىر ئاساسلق گەپ ئەرەبلەردە ،40تەك ئەرەب دۆلىتى ئىتتپاقلىشالماي بىرقىرىندىشنى ئۇرۇپ يىقىتىپ يىلكىنى شورىسا  قاراپ تۇرغانننىڭ تەمىنى تىتىمىسا بولمايدۇ . دىنى بىر مەزھىپى تۆت ، مەزھەپ يوقىتىش توغىرسىدا گەپمۇ يوق .... بۇنداق خەقنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەت بولدۇ شۇ .......... ئەرەبلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قىرۋەتكەندە ئاندىن ئىتپاقلىشىدۇ ياكى بولمىسا تەڭ يىرىمىنى قىرۋەتكەندە  ......... ئەرەبلەر تۈركلەرگە شۇنداق ئۆچكى نىمىشقا ئۆچلىكىنى بىلمەيسىز ........  ئۇخەق ئاللاغا ئىمان كەلتۈرمەي  مەزھەبكە ئىمان كەلتۈرگەن ،سۈننى مەزھەبتىكىلەر مۇھەممەت ئاللانىڭ  پۈتكۈل كائىناتقا ئەۋەتكەن ئەلچىسى دىسە !!! شىئە مەزھەبتىكىلەر ئەلچى ئەسىلى ئەلى ئىدى مۇھەممەت ھەمدەم بولغان دىيىشىپ ، يالغان ھەدىس ياساپ پەتۋا تىپپ ، قۇرئاندا شۇنداق ئوچوق دىيىلگەن سۆزلەرگە مۇخالىپ ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىپ ،ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دىيىشىپ .......................................  ئىھ كىرەملىك "ئاللا "ئازغۇن بەدىلىرىڭنى" رەھمان" ۋە "رەھىم "ئاتلىق ئىسمىڭ بىلەن  كەچۈرگەيسەن !!!! 
دەرىجىسى؛ ياساۋۇل
UID: 2499
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 33
شۆھرىتى: 61 نومۇر
پۇلى: 330 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-06-07
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-29
يەھۇددىلارنىڭ  بەزى  ناچار  تۇرمۇش  ئادەتلىرى    بار    مەسىلەن  :  نىكاھ    ئادەتلىرى    دىگەندەك(بۇنى  بۇ  يەردە  تەپسىلى  دىگىلى  بولمايدۇ)    ئۇلار  بۇ  ئادەتلىرىنى  ئۆزگەرتمىگەچكە  ئۇزاق  تارىختىن  بۇيان  قىرىلغان  ،چەتكە  قېقىلغان،ھازىرمۇ  شۇ  ناچار،  چىركىن  ئادەتلىرىنى  تاشلىغىنى  يوق  شۇڭا  ئۇلارنىڭ  يەنە    بىر  ئىسمى  جۇھوت.
دەرىجىسى؛ لەشكەر
UID: 3289
نادىرتىمىسى؛ 0
تىمىسى؛ 6
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى؛ 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى؛ 2008-07-11
ئاخىرقى مەشغۇلاتى؛2009-01-13
ئىسرائىلىيە ئاللانىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ تەبرىقىچىلىكىگە ئاتىغان سوۋغىسى...دەپ ئۇقۇغۇنۇم ئىسىمدە...