نۆۋەتتىكى تېما : ئۇلۇغ ئالىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنى خاتىرىلەش پائالىيىتى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
bagdax

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 5360
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە6دانە
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-10-21
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 ئۇلۇغ ئالىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنى خاتىرىلەش پائالىيىتى

ئابدۇرېھىم تىلەشوف (ئۆتكۈر) نى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.


زىمىستان ئايلىرىنىڭ 3-يانۋار كۈنى، يۇرتىمىز قومۇلدا مۇنەۋۋەر ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 85 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرلەش ۋە نادىر ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. باغداش تور بېكىتى توردا ئۇلۇغ ئالىمغا بېغىشلانغان ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنىڭ باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋە مۇكاپاتلاش ئاساسىدىكى پائالىيەت قومۇل تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە «گۈللەن»شېركىتىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئىۋىرغول رېستۇرانىدا ئۆتكۈزۈلدى.پائالىيەتكە ئالىمنىڭ قۇرداشلىرى،دۇسىتلىرى ،شاگىرتلىرى،ۋىلايەت-شەھەردىكى ھەردەرىجىلىك رەھبەرلەر،زىيالىيلار ۋە يازغۇچى-شائىرلار قاتناشتى. پائالىيەت ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئالىمنىڭ سەپداشلىرى ،شاگىرتلىرى ۋە باشقا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىمغا بېغىشلىغان ماقالە ۋە شېئىرىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن يوللانغان ئەسەرلەر باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى


پائالىيەت رىياسەتچىسى سەمەت ئابدۇراخمان ئالىمنى خاتىرلەش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئالىمغا بېغىشلىغان ئەسىرىنى ئوقىماقتا.




مەرھۇم ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۇرنىڭ قۇردىشى ئابدۇل ئەزىز ئىسمايىل ئالىمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە



تونۇلغان ناخشىچى ئىسكەندەر سەمەت بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك داستانچى ئىبراھىمگاڭ « ئىز » نى قومۇل ئاھاڭلىرىغا سېلىپ ئورۇندىماقتا


باشقا سۈرەت ۋە تەپسىلاتلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ : http://bbs.bagdax.com/read.php?tid=4190
| ۋاقتى : 2009-01-06 21:56 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
honqan

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 2499
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە28دانە
شۆھرىتى: 29 نومۇر
پۇلى: 280 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :46(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-06-07
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مۇشۇ  دەملەردە  ئۇلۇغ  ئالىم    ،يېتىلگەن    تىلشۇناس،ئۇيغۇر  خەلقىنىڭ  يىتۇك  يازغۇچىسى    مەرھۇم  ئابدۇرەھىم  ئۆتكۇر    ئەپەندىمنى  چوڭقۇر  سېغىنىمىز    ۋە  ئەسلەيمىز.  ئۇ  ئۇيغۇر    خەلقىنىڭ  قەلبىدە  مەڭگۈ    ھايات  .              ئاللاھ    سىزگە  جەننەت  ئاتا  قىلسۇن......ئامىن
yol
| ۋاقتى : 2009-01-06 23:41 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
ziddiyat

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7923
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرىتى: 20 نومۇر
پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان : 2009-01-02
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئالىمنى چوڭقۇر ئەسلەيمىز ھەم قۇمۇللۇقلارنىڭ ئىسيانكار روھىنى سېغىنىمىز. 
1som
| ۋاقتى : 2009-01-07 00:40 2 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 321
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە321دانە
شۆھرىتى: 333 نومۇر
پۇلى: 3340 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :467(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

نېمە دىگەن قالتىس نىمە ئەينەك دېگەن،
كىم ياساپ چىققان بولغاي دەسلەپ ئۇنى.
سۇندۇرۇپ تاشلانسىمۇ، ھەر پارچىسى _
كۆرسىتەر ھەر نەرسىنىڭ دەل ئەينىنى.

سەتنى ئۇ پەرداز بىلەن قىلماس گۈزەل،
بىر گۈزەلنى سەت قىلىپ قويمايدۇ ھەم.
ھەر كىشى بولالىسا ئەينەك كەبى،
دېگۈلۈك شۇنداق كىشىنى چىن ئادەم.

نىمىدېگەن خالىس نىمە ئەينەك دېگەن،
مەڭگۈلۈك دوستلۇققا، شەكسىز ئەرزىگەي.
تۇتمىسا ھەر كىم بىلىپ ئەينەكنى دوست،
بولسىمۇ مىڭ دوستى، دوستۇم كەم دېگەي.

ئا.ئۆتكۈر (1983- يىل 3- ئۆكتەبىر. ئۈرۈمچى)
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2009-01-07 00:46 3 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
akram102

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7739
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :1(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-25
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئومورنى ئۇزۇن قىلغاي  كوپلەپ يېڭى ئەسەرلەرنى يېزىپ تۇرشىنى ئۇمۇت قىلمەن
| ۋاقتى : 2009-01-07 01:19 4 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
Bolivar

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7658
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە15دانە
شۆھرىتى: 16 نومۇر
پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :3(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-23
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
4 - قەۋەتتىكى akram102 2009-01-07 01:19 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ئومورنى ئۇزۇن قىلغاي  كوپلەپ يېڭى ئەسەرلەرنى يېزىپ تۇرشىنى ئۇمۇت قىلمەن

نەلەردە يۈردىغانسىز  قېرىندىشىم .  ئۆتكۈر ئەپەندىم ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتكىلى نەۋاق.

ئۇيغۇر خەلقى ئۆتكۈر ئەپەندىنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.
| ۋاقتى : 2009-01-07 04:40 5 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
mavlan

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 1140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 254
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە254دانە
شۆھرىتى: 288 نومۇر
پۇلى: 2870 سوم
تۆھپىسى: 48 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :340(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-12-22
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ناۋادا ئۆتكۆر بىلەن ئابدىشۈكۈر 10يىل ئارتۇق ياشغان بولسا بەزلەرنىڭ ئاتالمىش ئالىم تالىشىش كۆرەشلىرىى زاكىسىدىلا ئۇجۇقتۇرۇلغان بولارئىدى . ناۋادا ئىككى كىگانىتنىڭ ئشكاپلىرىنى بىقىپ قالغان ئەسەرلىرىنىڭ بىرقىسىمى بىزبىلەن يۈز كۆرۇشكەن بولسا ئىدى ،بىزنىڭ ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ ئورنى قالمىغان بولاتتى ، يوروق يولتۇز ئۆزى كۆيۆش بەدىلىگە ھارارەت ۋە يورۇقلۇق چىقىرىدۇ .  ئۆتكۆر ...............دەپ ئەزىز تۇپىراق نالە قىلماقتا ،ئۆتكۆر..............دەپ ئەزىم دەريا چايقالماقتا ...................
| ۋاقتى : 2009-01-07 14:06 6 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
palwan

دەرىجىسى :يۈز بېشى


UID نۇمۇرى : 1287
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 148
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە148دانە
شۆھرىتى: 156 نومۇر
پۇلى: 1530 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :82(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-01-21
ئاخىرقى : 2009-01-09

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

يولداشلارنىڭ قايغۇسىغا، سېغىنىشىغا ئورتاقمەن. بىمەھەل ئارىمىزدىن ئايرىلغان ئاشۈ قۇرداش، مەسلەكدا،قەلىپداش ئالىملىرىمىزدىن ئۆتكۈر ئەپەندى، ئابدۇشكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى، نىزامىدىن ھۇسىيىن ئەپەندى،ھاجى ياقۇپ ئەپەندىلەر  ئەينى يىللىرى بىز ئۈچۈن تىرىڭ لوغەت، تىرىڭ تارىخ ئىدى. مانا بۇگۇن ئۇلارنىڭ بىمەھەل كېتىشى بىزنى ئۇلارنى ئەسلەشكە، ئۇنىڭ قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇپ ئۇلارنى سېغىنىشقا سالدى. يولداشلارنىڭ قايغۇلۇق ئەسلىمىلىرى بۇلارغا پاكىت. ئىسىل زىيالىلىرىمىزدىن بىر-بىرلەپ ئايرىلدۇق ئۇلارنى ئەسلەش بىزنىڭ بۇرچىمىز ئەلۋەتتە. ئەمدىكى گەپ ئۇلار قالدۇرغان يىپ ئۈچى بىلەن توختاۋسىز ئىزلىنىپ يېڭى نەتىجىلەرنى روياپقا چىقىرىش. يېڭىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان ئالىم، تەتقىقاتچىلىرىمىزنى قوللاش(ئەلۋەتتە قولىمىزدىن كېلىشىچە) ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىش. ئەسەت سولايمان. ئابدىقادىر جالالىدىن، ئابلەت ئابدىرىشىت بەرقى،ئابدىبەسىر شۇكۇرى، ئۇمۇت خالىق،خالمۇرات،يالقۇن روزى،ئەختەم ئۆمەر، مەمىتىمىن ھۆشۇر .... شۇنۇڭغا ئوخشاش قەلىمى، تەپەككۈرى جۇش ئۇرۋاتقان ئالىم، مۇتەپپەككۇر،ئىجاتكار يازغۇچىلارنىڭ دۇردانىلىرىنى ئۇقۇپ چىقىشىمىز ئۇلارنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىگە قۇلاق سېلىشىم كېرەك دەپ ئويلايمەن.
يولداشلارغا مەلۇملۇق ھايات مەنىسى بىلەن ھاياتلىق، مەنىسىز ھاياتلىق ئۇلۇمدۇر. قەدىرلەشنى بىلىش، مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى، مىللەتنىڭ زىيالىلىرى، ئىلغارلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى ئۆز ۋاقتىدا بىلىشمۇ بىر خىل پەخىرلىك ئىش.<<ئۆزلىك ۋە كىملىك>>، <<ئۆزىنى تۈنۇش بوسىغىسىدا>> قاتارلىق كىتاپلاردىكى ئۆزلىكنى تۈللۇق تونىيالىساق بەش بارماق تۇگۇلۇپ مۇشتقا ئايلىنالىسا ئۇ چاغدا نەقەدەر ياخشى بوللاتتى ھە. يولداشلارنىڭ ھەر ئىشنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئويلىنىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
يەنە بىر گەپ (بەلكىم مەن خاتا بىلىۋالغاندىمەن) ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ <<تاماكا بايان>> ناملىق شېرى يېقىندا ناخشا قىلىپ ئېيتىلدى لېكىن بۇ شېرىنى مۇنداق<<تولغاپ>> ئېيتىدىغان ئاھاڭغا سېلىش تازا مۇۋاپىق بولمىدىمۇ قانداق؟ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ ئەسلى مەنىسى بىلەن بۇ ئاھاڭ تازا ماس كەلمىگەندەك ھىس قىلىپ قالدىم. يولداشلارغا رەخمەت.
[ بۇ يازما palwan تەرىپىدىن 2009-01-07 17:32 دە قايت ]
yol
| ۋاقتى : 2009-01-07 17:26 7 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
Qutghur

دەرىجىسى :پانسات


UID نۇمۇرى : 2090
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 292
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە292دانە
شۆھرىتى: 290 نومۇر
پۇلى: 2800 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :100(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-05-29
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

      ئالىمنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەيمىز .
  ئالىم ھاياتىنىڭ ئاخىرلىرىدا يازغان ھىدايەتنامىسى دىللىرىمىزنىڭ يورۇشىغا تۈرتكە بولغاي ،ئىنشا اللە !

ھېدايەتنامە
ئابدۇرەھېم ئۆتكۈر
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى,
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى,
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارغە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.
كىلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى

سۆزۇمنىڭ باشى بسم اللھ بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر,
سانا يۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر
قۇرۇق ,تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ,ئەقىدەمدۇر,
بۇ دەۋايىمغا بورھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر
تىلەيمەن رەببىم ئاللۆھتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى ,

تەئەجۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇقەسىدەمدىن.
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن.
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن,
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۇڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن.
ئىلاھا ئەيلىگىل مەڭگۈ ,ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.


تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۈتۇپ ئەللىكتە سەككىز يىل,
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۇرنى ئەمدى ئەستايىدىل.
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يۇلۇمغا بولمايىن غاپىل,
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئىرىتىش ۋە ياكى نىل
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادانەتنى

سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە,
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە.
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھىساپسىز قەرىز بۇ زىممەمدە,
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە ,
ئۆمۇرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى .
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى ,
ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى .
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى .

سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە .
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە ,
ئۆمۈدۈم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە.
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى .

خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق,
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق.
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۆمۈدۈمگە يەنە جىقراق
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشاقەتنى

پىكىر دەرياسىغە قانچە تىرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۈن ,
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ,تارقىدى ئەپسۇن
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن ,
ۋە لېكىن جان كىتابىغە قۇشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن .
يىقىن كەلتۇرمە ئى رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى .

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە .
ئەمەستۇر خالى ھىكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە.
ئادىمىزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە .
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ھىكمەتنى.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
مىسال:قارىغۇ نىچۇك بىلسۇن ,قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق,
بىلۇر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل نىچۈك ياپراق .
دىمەككى مەئرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى -پاراسەتنى.

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش ,
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش .
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش,
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش.
ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى .

مىسال:بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپباق ,
ئانا قارنىدا بۇ جايغا ھاۋا بولغاننى ئويلۆپ باق .
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلۆپ باق ,
بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلۆپ باق .
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن .
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە تەلقىن ,
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نىچۈك مۇمكىن .
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى .

نىمىشقا ئاياغ ئىككى,كۆز ئىككى ,ئېغىز بىردۇر,
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر .
نىمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر ,
قېنى ئېيتىڭچۇ؟بۇ سىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەئبىر دۇر .
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.

ئۈلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن ,
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن
لېكىن نەدە, قاچان,قانداق ئۈلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن ,
ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى –دەۋراندىن
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى .

ئۈلۈمگە بىر دەۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا,
ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا .
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا ,
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا.
دىمەك مۆئمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.

قۇياش,ئاي ۋە يۇلتۇزلار ساما سەيىر ئىتىپ ھەر كۈن ,
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋىر ئىتەر ھەر كۈن .
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن ,
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن .
يۇرۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى

ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر ,
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر.
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر,
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر ,زۇمرەتلەر -زۇمرەتتۇر.
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل -جاھالتنى .

مىسال :پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھىكمەت دۇكانىنى,
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى .
يەنە ھەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى ,
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى .
ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان ,
تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخّۇمدىن چۈجىنى ئاسان .
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان .
دىمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى .

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دىھقان ھۇسۇل تولمايدۇ خامانغا .
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا ,
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا .
دىمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى .

ھاياتلىق سىر لىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر ,
بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە ,ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر .
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھىكمەتلەر ئەھيادۇر,
كى تۇپراق بولمىدى كىميا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.

مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان .
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى < سۈرە رەھمان.>
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە < ما تۇكەززىبان.>
قۇلۇپلۇق بو لمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ نىمەتنى.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر,
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ ,شائىر
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى

ئۈتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر,
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر .
بىراۋلار قەسىت بىلەن قۇرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر ,
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرىپ,بىرەر ساكىن ياكى زىر.
چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە - كارامەتنى .

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات
ئۇقۇپ بىر كۈن < >نى ھەيھات .
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات ,
نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھىكمەتتۇر,
مۇبارەك تەرجىمەھالى تامامى پەزلى -خىسلەتتۇر.
رەقىپلەر ئىتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر .
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ھالىنى ئەسلەڭ,
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ .
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ
مىسال :بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ .
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى .

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن,
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان .
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان ,
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان .
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى

بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا, نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا,
تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر, ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا.
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر,ۋە ھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا.
جاھاندىن كەتتلەر لىكىن, بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا.
تاپالماس چۈنكى باتىللىق,ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇق مۆجىزە ئەلۋەتتە,
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە.
ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق, قانائەتتە,
ئەگەرچە ياق دىسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە.
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل , مەردانە پىكرەتنى.

خاتىمە.
بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما,
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا.
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەئنا
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن, ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا.
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.
ئەقىدەم ھەققە باغلانغان, بۇ يولدا ئەتىمادىم بار,
شۈكرىكىم,ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە,ئېتىقادىم بار.
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار,
دىمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق,قىلىشقا نىمە ھەددىم بار.
پىسەنىت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى.
جاھان باقى ئەمەس, لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان,
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر, ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان.
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل, جاھانغا بىھېساپ كارۋان,
ئۆتەر دۇنيا, كېچەر دۇنيا, پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى

    نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر مۇنبەردىن(ئىسمىنى ئەسلىيەلمىدىم) خاتىرەمگە چاپلىۋالغان ،بەلگۈلمىگە خىلاپ كەلمەس ؟
yol
| ۋاقتى : 2009-01-07 19:39 8 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
hakan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 3905
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە17دانە
شۆھرىتى: 19 نومۇر
پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :38(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-08-28
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مەن ئۆتكۈر ئەپەندىنى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىمەن.ۋە تەڭرىدىن ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.
| ۋاقتى : 2009-01-07 19:47 9 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
qaraboran

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 1645
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە11دانە
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-03-17
ئاخىرقى : 2009-01-07

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بۇلۇپتۇ. ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىمنى چوڭقۇر سېغىنىمىز شۇنداقلا مەڭگۈ ئەسلەيمىز!!
| ۋاقتى : 2009-01-07 23:23 10 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
Nixan

دەرىجىسى :لەشكەر


UID نۇمۇرى : 7357
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە4دانە
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :2(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-10
ئاخىرقى : 2009-01-08

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

مىڭ يل ئىلگىرى مەھمۇت بوۋىمىز چىقىپ بىزنى دۇنياغا تونۇتقان بولسا ،يىقىنقى كۈنلەردە ئۆتكۈر،ئابدۇشكۈر مۇھەممەت ئىمىنلار چىقتى....  قاسىم سىدىقمۇ قالتىستۇر..
  جاھان ئامان  بولسا بۇلارنىڭ نامى مىڭ يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن كىيىن يانەئاتىلىشىغا ئىمانىم كامىل.
1000يىلدىن كىين ئەۋلادلىرىمىز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ 2000يىللىقىنى ،ئۆتكۈرۋە ئابدۇشكۈرلەرنىڭ 1000يىللىقىنى تەبرىكلىگۈسى.
  (ۋاقىت سەۋەبلىك ئالىملارنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتاپ سالدىم توغرا چۈشەنگەيسىزلەر)
1som
| ۋاقتى : 2009-01-08 02:46 11 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
كۆكنۇر

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 3349
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
شۆھرىتى: 49 نومۇر
پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :48(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-07-13
ئاخىرقى : 2009-01-11

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

  تولىمۇ خاسىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ. ئالىملىرىمىزنى قەلبىمىزدىلا ئەمەس، ئەمەلىيىتىمىزدىمۇ خاتىرىلەپ تۇرۇشلىرىمىز زۆرۈردۇر.
1som
| ۋاقتى : 2009-01-08 18:37 12 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 619ـ كۆرۈرمىنى
kumluk138

دەرىجىسى :ياساۋۇل


UID نۇمۇرى : 7523
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە23دانە
شۆھرىتى: 35 نومۇر
پۇلى: 340 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :8(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-12-17
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

ئەنە شۇنداق ئالىملارنى كۆپلەپ يىتىشتۈرگەي خەلقىمىز
| ۋاقتى : 2009-01-09 20:21 13 -قەۋەت

ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.125411(s) query 4, Time now is:01-11 11:58, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation