ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 1366ـ كۆرۈرمىنى
ulukroh
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
---|
ياپونىيىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرىدا: A دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۆلۈش ئالدىدىمۇ توۋا قىلمىغان، دېيىلدى 2008-– يىلى 2 – دۇنيا ئۇرۇشى توكيو خەلقئارا ھەربىي سوتى ئاياغلاشقانلىقىنىڭ 60 يىل بولغان يىل، ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يېقىندىن بۇيان 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىكى A دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ھەققىدىكى تارىخىي خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلدى. ياپونىيە TBSتېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم شەكلىدىكى <<ئۇرۇش نېمە ئۈچۈن يۈز بەردى>>ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنى كۆرسەتتى، ياپونىيىدىكى داڭلىق رېژىسسور تاكېسى كىتانوA دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى خىدېكى توجونىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، تۆت يېرىم سائەتلىك بۇ فىلىم مىلاد بايرىمىنىڭ ھارپا كېچىسى قويۇلدى، كۆرۈش نىسبىتى%12.1 كە يەتتى. بۇ تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ باش تېمىسى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈز بەرگەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىش بولۇپ، فىلىم ئىشلىگۈچى مۇنداق دېدى: مىلاد بايرىمىدىن ئىبارەت بۇ پەۋقۇلئاددە ۋاقىتتا، بۇ فىلىمنى قويۇشتىكى مەقسەت تاماشىبىنلارنى ياپونىيىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۇرۇشقا قانداق قىلىپ سۆرەپ كىرىلگەنلىكى توغرىسىدا قايتىدىن سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاندۇرۇش بولۇپ، ياپونىيىنىڭ ھازىرقى<<مەسئۇلىيەتسىز سىياسىيسى>>غىمۇ بەلگىلىك ئىلھام بولالايدۇ. <<ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر>> قاتارلىق ياپونىيىدىكى كۆپلىگەن گېزىتلەر 2008 – يىل 24 – دېكابىر دۆلەت ھۆججەت سارىيىدا ساقلانغان تارىخىي ماتېرىياللارنى كۆپلەپ ئاشكارىلاپ، ئەينى ۋاقىتتا جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقان A دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىمۇ جىنايىتىنى تونۇمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيە دۆلەت ھۆججەت سارىيىدا 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىكى خىدېكى توجونى ئۆز ئىچىگە ئالغانA دەرىجىلىك 15 ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ <<مەلۇماتنامە>>سى ساقلانغان، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا بىرلىكتە ئىمزا قويۇش ياكى شەخسلەر ئىمزا قويۇش شەكلى بىلەن ئۇرۇش ھەققىدىكى جاھىل قارىشىنى ئىپادىلىگەن. خىدېكى توجو بىرلىشىپ ئىمزا قويغان <<مەلۇماتنامە>>دە: 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ <<مۇستەملىكە سىياسىتى>> ۋە كومپارتىيىنىڭ <<قىزىللاشتۇرۇش تاكتىكىسى>>دىن كۆرۈش كېرەك، دېيىلگەن. ياپونىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجېنىغا قارىتا خىدېكى توجو ئۆزىنى ئاقلاپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر مەيداندا تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە: خروسىما، ناگاساكىغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتنىڭ <<پىلانلىق زور قىرغىنچىلىقى>>، دەپ ئەيىبلىگەن. ياپونىيە قوزغىغان <<بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئۇرۇشى>> ھەققىدە توختالغاندا، بۇ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى ئاقلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇشتىكى جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، <<ئۇۋال بولدى>> دەپ زارلانغان. جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا <<قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتى>> قۇرغان ئىشپىيونلۇق ئورگىنىنىڭ باشلىقى كېنجى دوخىخارا تا ئۆلگۈچە <<جازاغا تارتىلماسلىقىم كېرەك ئىدى!>>، دەپ قارىغان. مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى [ بۇ يازما erdewil تەرىپىدىن 2009-01-06 15:34 دە قاي ] |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 1366ـ كۆرۈرمىنى
ziddiyat
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1366ـ كۆرۈرمىنى
yakupjan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1366ـ كۆرۈرمىنى
hakan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1366ـ كۆرۈرمىنى
august
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1366ـ كۆرۈرمىنى
palwan
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1366ـ كۆرۈرمىنى
asan79
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|