ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
---|
ئاتۇشتىكى<<ئىشتاچى>>نىڭ تىل يەشمىسى ئاتۇش شەھرىنىڭ غەربى شىمالىغا، بوغۇز ئېقىنىنىڭ ئوڭ تەرەپ تاغ يانباغرى كۈنىگەي دەپشىگە جايلاشقان ئىشتاچى ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ۋە ياشىشىغا تولىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان، خۇددى ياشانغانلارنىڭ ماغدۇر – يىلىگ ھوزۇرى ئۈچۈن كۈزنىڭ ئاپتىپىدا قوياشقا قارىتىپ سېلىنغان رەڭلىك گىلەم ئۈستىدىكى ئەتلەس يېكەندازدەك كىشىنىڭ ھوزۇر ئىلھامىنى قوزغايدۇ. قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئىنئامى،كائىنات ۋە جانلىقلارغا جۈملىدىن كىشىلەرنىڭ قاغجىراق ئۇسسۇزلىقىغا مەلھەم، ئاتۇش خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان،يىلدا بىرەر- ئىككى قېتىم ياغىدىغان يامغۇرنىڭ بوغۇز ئېقىنى ئارقىلىق ئېلىپ كىلىدىغان لاي-لاتقا ۋە لۆجىلىرى ئىنسان ئىپتىداسىدىلا بۇ كىچككىنە زىمىنغا چىلان تۇپراق كۆرپەزلىك سوۋغا قىلغان. بەزى جايلىرىدىكى توپا قاتلىمىنىڭ ئون مېتىردىن ئارتۇق بولىشى، ئەسىر ھەتتا ئىرا قاتلىمى دەۋرى ئېنىقلىمىسىغىمۇ يىتەرلىك ئارخولوگىيىلىك، گىئولوگىيىلىك ماتىريال بولالايدۇ. ئىشتاچى، يۇقۇرى ۋە تۆۋەن ئىشتاچى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. يۇقۇرى ۋە تۆۋەن ئىشتاچىنى ئارا كەنت تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئارا كەنت بىلەن قوشۇلۇپ ئومۇمى يەر كۆلىمى25 كۇئادىرات كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئون مىڭ مو ئەتراپىدا. ئىشتاچى خەلقى ئۆزيۇرتىنىڭ نامىنى<<ئىپتارچى>>دەپ، داستىخىنى كەڭ،مېھمان –دوست ۋە يىراق-يېقىغا باغرىنى كەڭ ئاچقان سېخى،مەرت سۈپىتىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمما بۇ نام ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى شەكىللەنگەن بىرقىسىم ئاتالغۇلارغا قەدىمكى تۈرۈك ئاتالغۇلىرىنىڭ قىسمەن ئوخشاشلىقى ۋە قاپىداشلىقى بىلەن ئۆز ئارا ئالمىشىپ باشقىچە تۈس ۋە مەنا ئالغان. <<ئاتۇش>>دېگەن كىتاپتا: ...تارىخى مەنبەلەردە ئىشتاچى<<ئىتارچى>>قەبىلىسىنىڭ نامى بولۇپ، ئۇلار پەرغانىدىن كۆچۈپ كەلگەن خەلق(120-بەت)دەپ كۆرسىتىلگەن. <<دىيارىمىزدىكى بىرقىسىم يەرناملىرى ھەققىدە>>دە: داغدام يول(336-بەت)دەپ چۈشەنچە بېرىلگەن. << چىڭگىزنامە>>دە: مىرزايى ئىتارچى(91-بەت)تىلغا ئېلىنىپ، ئىشتاچىلىقلارنىڭ خان ئەۋلادى ئىكەنلىكىدىن قىسقىچە ئۇچۇر بېرىلگەن. يۇقارقى بايانلاردىمۇ ئىشتاچىغا ئېنىق يەشمە بەرمىگەننىڭ ئۈستىگە <<دىۋان>>دىمۇ ھېچقانداق ئىزاھات يۇق. شۇنداق بولىشىغا قارىماي قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى تۇران يىلتىزى سەۋەپلىك غەرپكە تەلپۈنگەن بۇددىستلار ئىستىقامەت شېئىردا(تولۇقسىز 3-يىللىقلار تىل-ئەدەبىيات 9-قىسىم42-بەت)مۇنداق بىر گۆھەر ئۇچرايدۇ: ................................. ئارتۇچ سۆگۈت ئالتىنتا ئاقار سۇۋلۇقتا ئامرانچىغىن ئۇچداچى قۇشقىئالار تىرىنلىك قۇۋراغلىقتا ................................ [ يەشمىسى] ئارتۇچ سۆگۈت ئاستىدا، ئاققان سۇ بويىدا، شاتلىق بىلەن ئۇچقۇچى قۇشلار يىغىلىدىغان جايدا. ئۈچىنچى مىسرادىكى << ئۇچداچى >> - ئۇچقۇچى، ئۇچقۇر مەناسى بىلەن خۇشخەۋەر يەتكۈزىدۇ. ئىشتاچىنىڭ تىل يىلتىزى << ئۇچداچى>> بولۇپ، ئۇچقۇر، پەرۋاز، قانات قېقىش تارىخى ئىپتىخارلىق مەناسىنى ئاشكارىلايدۇ. ئىشتاچىنىڭ تىل يىلتىزى<<ئۇچداچى>>بولىشىنىڭ يېمىرىلمەس بىر ئاساسى شۇكى، بىرىنچى مىسرا: << ئارتۇچ سۆگۈت ئالتۇنتا>> دىكى << ئارتۇچ>>بىلەن <<دىۋان>>دىكى << ئارتۇچ>>نىڭ ئارتۇچ دەرىخى ئىزاھاتى بىلەن كېلىپ، <<ئۇچداچى>>بىلەن <<ئارتۇچ>>نىڭ بىرجۈپ قوش گېزەكتەك بىللە تىلغا ئېلىنغانلىقىدا. قۇچۇ بۇددىستلىرىنىڭ <<ئارتۇچ>> ۋە <<ئۇچداچى>>(ئىشتاچى)نى پىغانلىق ئىلھامى بىلەن تىلغا ئېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋال غەرپتىن شەرقكە سۈرۈلۈپ يەنە ئەسلىدىكى تىنىچ، ئاسايىشلىق ئانا يۇرتى غەرىپنى قانلىق كۆز ياشلىرى بىلەن سېغىنغانلىقىدىن: ئۇلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنلا ئىسكەندەر زۇلقەرنەين تالاپىتىدە شەرقكە سۈرۈلگەنلىكى، ياكى بولمىسا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتكىلەرنىڭ <<تۇرانلار ئارقىلىق ھونلارغا تاقابىل تۇرۇش>>ئىستىراتىگيىسىدە، ھونلارنىڭ بوۋىسى بولغان تارىم ۋە جۇڭغار تۇرانلىرىنىڭ ھونلارنى سۇر-توقاي قىلىپ تېخىمۇ شىمالغا چېكىندۈرۈپ، قايتا تالاپەت يەتكۈزەلمەسلىك كوزۇرى بىلەن شەرقكە مايىل قىلىش مۇمكىنلىكىدە، <<ئىشتاچى>>مىلادىدىن بۇرۇنقى نام بولىشىدا گەپ يوق. تاڭ دەۋرىدىكى قايسى بىر شائىر : كۈن پېتىشقا قاراشقانچە شىرلار قايرىپ بېشىنى، نالە-نەرە قىلغىنىدا ھەممە تۆكتى يېشىنى. دەپ يېزىش بىلەن، <<ئارتۇچ>>ۋە <<ئۇچداچى>>نىڭ شەرقتە ئەمەس بەلكى غەرپتە ئىكەنلىكىدىن ئىشەنچىلىك ھالدا ۋاستىلىق ئۇچۇر بەرگەن. چۈنكى گۇللەنگەن تاڭ سولالىسى ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى مەۋجۇت شارائىتتىمۇ ئەجداتلىرىمىز غەرپنى سېغىنسا، مىلادى 840-يىللاردا ئاجۇس تەرىپىدىن ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقى يىمىرىلگەندىمۇ تەكرار غەرپكە تەلپۈندى. ئەجەپلىنەرلىكى، قۇچۇخانلىقى مەزگىلىدىكى راھىپلار تارىمنىڭ غەربىنى كۆرۈپ باقىمغان بولسا، ئەڭ غەرپ پامىر ئېتىكىدىكى <<ئارتۇچ>>ۋە <<ئۇچداچىنى>> تىلغا ئالارمىدى ؟ دېمەك ئۇلارغا تارىم ۋە جۇڭغارنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى ئۆز تېنىدىكى ئەزالارغا ئوخشاش بەش قولدەك تونۇش. <<ئىشتاچى>>يەنى<<ئۇچداچى>>جاي نامىنىڭ قويۇلۇش شەۋەبى: ئۇلۇق بوغۇز ئېقىنىنىڭ شەرقى قىرغاق يان باغرىغا تەختىيۈن، غەربى قىرغاق يان باغرىغا ئىشتاچى جايلاشقان بولغاچقا، بوغۇزنىڭ ھەيۋەتلىك ئېقىن سۈيى دولقۇنى بىلەن ئېلىشىپ، شەرقى قىرغىقىدىن غەربى قىرغىقىغا ئۆتۈشكە تەققاسلىنىپ، ئۇچۇپ ئۆتۈش ھەيۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن، << ئۈچداچى>> ئىشتاچىنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇ، ئۇچقۇر، پەرۋاز ۋە قانات قېقىشتەك كونكىرت تىل يەشمىسىگە ئىگە. پايدىلانغان كىتاپلار: 1) <<ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ يەرناملىرى تەزكىرىسى>> 2)<<تىل-ئەدەبىيات. 9-يىللىقلار ئۈچۈن 1-قىسىم>> 3)<<ئاتۇش>>1-قىسىم كىتاب 4)<<دىيارىمىزدىكى بىرقىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە>> 5)<<چىڭگىزنامە>> 6)<<قەدىمكى مەرگىزى ئاسىيا>> [ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2009-01-03 13:06 دە قايت ] |
||
![]() |
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
TarimDadxah
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
tarik
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
TarimDadxah
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
TarimDadxah
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
tarik
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
tarik
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
barhan
دەرىجىسى :مىڭ بېشى |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
@QAWANDAZ@
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
Bolivar
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|