| ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
|
Yawuz
دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى |
[ئەركىن سىدىق] قوش تىللىق مائارىپ (2)
|
|||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
ziddiyat
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
honqan
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
我爱中国
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
yakupjan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
Quote:3 - قەۋەتتىكى 我爱中国 2009-01-03 00:43 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : ئۆزلىرى قايسى مىللەتتىن بولىلا؟؟ خەنزۇچە مۇنبەر ئەمەس بۇ ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە"ئۇيغۇر"، ئېنگلىزچە"uyghur"، خەنزۇچە"维吾尔“ دەپ يازىدۇ بىر ئوبدان ئىلمىي پاكىتلىرى بار دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ بەرسىمۇ يەنە"تام تۈۋىدىن موسا قوپقاندەك" گەپ قىلىپ مانا مەن شۇ ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتىمەن، ئالىي مەكتەپكە چىققۇچە ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان،ئىككى يىل تەييارلىق جەريانىدا خەنزۇ تىلىنى ئاساسەن ئۆگۈنۈپ كەتتىم (مېنىڭ نەزىرىمدە ئىككى يىل بەكلا ئۇزۇن، مەنچە بولغاندا بىر نەچچە ئاي دەرس ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرسىلا يېتەتتى، بۇ يەردىكى مەقسەت نوقۇل خەنزۇتىلى ئۆگۈنۈش ئەمەس ، بەلكى كەسىپ ئۆگۈنۈش بولغاندىكىن)، ئىچكىرىدە بەك ياخشى ئوقۇدۇم دېيەلمىسەممۇ، مەندىن ناچار ئوقۇيدىغان نۇرغۇن خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم بار(ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان نەتىجىسى بىزنىڭ نەتىجىمىزنىڭ ئىككى ھەسىسى دېسەممۇ پو كەتمەيدۇ)، ھەم شۇ قاتاردا تولۇق ئوتتۇرىنى ئىچكىرىدە ئوقۇغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىممۇ بار، ئۇلارنىڭ ئۆگۈنۈش ئەھۋالىمۇ مەن بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىمۇ ئاساسەن ئوخشاش، مەن بۇ چاغقىچە تېخى نېمە دەپ يەسلىدىن باشلاپ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇمىغاندىمەن دەپ ئويلاپ باقمىدىم موھىملىقىنى ھېس قىلىشقا كەلسەك، مەن پەقەت باشلانغۇچ ياكى تولۇقسىزدىن باشلاپ ئېنگىلىزچە ئۆگەنمىگىنىمگە ئەپسۇسلىنىمەن(گەرچە ماڭا پەقەت تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپلا ئېنگلىز تىلى ئۆگۈنۈش نېسپ بولغان ھەم ئۇ ۋاقىتلاردا ئېنگلىز تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكۈدەك ئەقىل بولمىغانلىقتىن. نۇرغۇن مىللى مەكتەپلەردە ئېنگلىز تىلى ، كومپيوتېر دېگەنلەر ھازىرغىچە يوق) |
||
![]() |
|
karwan526
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
erdewil
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
Uyghurye
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
كۆكنۇر
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
|---|
Quote:3 - قەۋەتتىكى 我爱中国 2009-01-03 00:43 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : قەدىرلىك ئىنىم، سىزگە شۇنى دەپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىش ھېچقاچان خاتا ئەمەس. سىز شۇنداق ئويلىغان ۋە شۇنداق قىلالىغان بولسىڭىز سىزگە ئاپىرىن. ئەمما ئۇنۇتماڭكى، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدا سۈت بەرگەن ئانىسىنىڭ تىلى "ئانا تىل" دېگەن سۆيۈملۈك نام بىلەن ئاتىلىدۇ. ئۇنى ئۇنتۇش، ئىنكار قىلىش ئانىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنى قوغداش، ئۇنى ھۆرمەتلەش سىزگە بىركىم تەرىپىدىن تېڭىلغان ۋەزىپە ئەمەس، بەلكى ئانىڭىزنىڭ ئوغۇز سۇتىدىن، ئاتىڭىزنىڭ قېنىدىن سىزگە بېغىشلانغان مۇقەددەس بۇرچ. |
||
![]() |
|
honqan
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
arksuyar
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Chushtash
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
Quote:3 - قەۋەتتىكى 我爱中国 2009-01-03 00:43 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : شۇنداقمۇ؟ يازغان گىراماتىكىلىق خاتالىقلىرى مانا مەن دەپ تۇرغان خەنزۇچە خېتىڭىزدىنلا ئۇقتۇم! ئوبدان ئىنىم ۋە ياكى سىڭىلىم، كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ مۇنۇ خەتلىرىمنى تولۇق ئوقۇڭ: مانا مەن ساپ ئۇيغۇر تىلىدىمۇ، قوش تىللىق مائارىپ سېتىمىسىدىمۇ، خەنزۇتىلى مائارىپىدىمۇ، سىز دېگەن "ئىچكىرى"دىكى ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇغانلانىڭ بىرى! ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، مەن باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىدىغان ۋاقىتتا "خەنزۇ مەكتىپىگە كىرىمەن" دەپ شۇنچە يىغلاپ جاپا سالسام، ئوقۇتقۇچى بولغان ئاپام "نېمە بولسا بولسۇن، سىزنى ئۇيغۇر مەكتىپىگە بېرىمەن"دەپ ساپ ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىگە بەرگەن. باشلانغۇچ 3-سىنىپنى پۈتتۈرگىچە گەرچە مەن تۇرغان مۇھىتتا نۇرغۇن خەنزۇلار بولسىمۇ، بىر جۈملە راۋان خەنزۇ تىلى سۆزلىيەلمەيتتىم. كىينىلىكىمنىڭ ھەممىسى مەكتەپتىكى مۇئەللىملىرىمنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولغان. كېيىن ھەتتا مەن خەنزۇ كىلاستىك ئەسەرلىرىنىمۇ ئۆگەنگەن. ئىنگىلىزتىلىمۇ ھەم شۇنداق. ھازىر ئەگەر مەن ئۆزۈم دېمىسەم، ھەرقانداق بىر كىشى، مەيلى خەنزۇ بولسۇن ياكى كىچىكىدىنلا خەنزۇ مەكتەپنى ئوقۇپ كەلگەن بولسۇن، ھېچكىم مېنىڭ ئۇيغۇر مەكتىپىدىن ئوقۇپ چىققانلىقىمنى بىلەلمەيدۇ. ئەگەر يەنە مەن دېمىسەم ياكى مېنى كۆرمىسە ئىنگىلىز تىلىنى مېنىڭ ئانا تىلىممىكىن دەپ قالدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. سىز دېگەن بالىلار ئىچكىرىگە بېرىپلا ئاندىن بىر تىل ئۆگىنىشنىڭ، ياكى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپتىما؟ ئۇندىن بۇرۇنچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بۇ توغرىلىق ئۇلارغا تەربىيە قىلماپتىكەنمۇ؟ ئەجەبا بۇ بىر تىل ئۆگىنىش ۋە شۇ تىل مۇھىتىغا ماسلىشىشنىڭ بىردىنبىر ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىمىدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، مەن ئەڭ ئاۋۋال بۇ شەرتكە توشمايدىكەنمەنغۇ؟ چۈنكى مەن پۈتكۈل باشلانغۇچنى ساپ ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇغان! يەنە بىر گەپ، سىز يازغان خېتىڭىزگە "所有" دېگەن ئىككى خەتنى قوشۇۋاپسىز. سىز گە بۇ يەردە ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان "所有" ئۇيغۇر بالىلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىدىغان ھوقۇقنى كىم بەردى؟ |
||
![]() |
|
erdem
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
yakupjan
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
Quote:11 - قەۋەتتىكى Chushtash 2009-01-04 23:49 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : نەق كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىپسىز ، ئاپىرىن سىزگە ۋە سىزنى تەربىيىلىگەن ئوقۇتقۇچى ئانىڭىزغا! |
||
![]() |
|
arkzad
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|



















