مەن ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىگە <<ئۇرخۇن>>تورى ئەزالىرى نامىدىن چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، << كەلدى>>دېگەن غەزىلىمنى بۇ پىشقەدەم ئالىم نامىدىن <<دىۋان>>غا ئالقىش ياڭراتقۇم كەلدى...
كەلدى
ئايا قۇدرەت كامالىڭدىن نۇرى-نۇسرەت ئىمان كەلدى،
سۇتۇق ئەلباش جىمى تۈركىي سادا<<ئويخور>>پىغان كەلدى.
<< بىلاساكھون>> بېغى مەھكەم<<تۇران>> پۇشتى دىلى تىل بىر،
ئەبۇل مۇقتەد بىئەمرىللا قوبۇل لەۋھە <<دىۋان>>كەلدى.
تۇرار بىر ئاق ساقال بۇزرۇك ئىگىز كۇرسىدا ھەيۋەتتە،
تىلى يىلتىز- تۇران- تۈركىي پاساھەتلىك زۇۋان كەلدى.
كۆچۈرمەن رەڭ،دۈۋەت راسلاپ تەئىلىق- پەي قەلەملەردىن،
ئەتىر فۇرقى، زىبا خۇلقى، ھۆسىندار مېھرىبان كەلدى.
ئەلف لەبزىڭ مۇقەددە تىل، يارشقاي ياخشىلىق قۇتتىن،
ئوغۇزچە ھەمنەپەس-ھەمدەم جىمى تۈركى قىيان كەلدى.
سورايدۇ ئەۋلىيا خالىس، پېقىر، شاھقا نەزەر تەڭلىك،
ۋەزىر قابىل،ئاۋام ماھىل جىمى قەۋم ئاشىيان كەلدى.
شەرقتە پاسىلىڭ<<ئالياس>>، غەرپتە قاردېڭىز ھەقراس،
تەرەددۇت ئەيلىمەك بىرلىك خورى جەم پاسىبان كەلدى.
ئوغۇزسۈتتىن ئىمىپ بىررەت ئانا ئورقىنى رەت قىلغان،
بېرىپ قەۋمىگە نام-شۆھرەت<<ئوغۇز>>(ئەفرا)قاغان كەلدى.
يۈرۈشلەردە<<ئۇرۇم>>،<<ئالتۇن>>،<<تۆمۈرقەلئە>>،ئىران بەيئەت،
شۇ بۆرە ئىزتاپار-يولباش تاغۇ-دەشت بىپايان كەلدى.
پەرىقلىق تاغ-داۋان،دەريا، پەرىقسىز كۈن،باھار تەپتى،
تۇراننىڭ ئوڭ،سولى ھون،ساك، چۈشىدە:<<كىن>>ئايان كەلدى.
<<ئورۇم>>غا چىن قېرىنداشمەن<<ئۇرۇمسىن>>تۇغ-ئەلەم تۇتقان،
ئېتىم<<ساقلاپ>>غەزەبىمدە ياقا - ياۋغا بوران كەلدى.
كىسىپ ئېيتىش كېرەك مەغرۇر: سۈرى<<بېيدىڭ>>دا ھون ئاتلىق،
يەنە ئۈچ رەڭ: قارا، بوز، ئاق، تىلى<<ئىم>>دىن راۋان كەلدى.
كېچەلمەس<<ئار>>ماكانىم بار ھوزۇر كۈنگەي، پوزۇر تەسكەي،
چىگىپ<<تۇر>><<ئار>>تانابى<<تەگ>>سۈرۈپ ئايغىر چوپان كەلدى.
چۆكۈپ قۇمغا شەھەر -قەلئە چېچىلغان ئىسكىلىت -ئەرۋاھ،
ئۇلۇق تۇپراق قەدەم جايغا قاناتلىق روھ<<تۇران>> كەلدى.
خوتەن مۈلكىگە جەننەتتۇر<<غەزەلىم>>چەبىيات، ئۆزھال،
تىلى<<چاغتاي>>زەبۇنلەردىن<<قىتان>>،<< قالماق>>- قاۋان كەلدى.
كۆڭۈل ئاقلىق،دىلى ئاقلىق تەڭرتاغنىڭ پايانىغا،
تىلى ئۆزگە،زىمىن ھالقىپ، سېلىپ نەشتەر چايان كەلدى.
قانائەتسىز ئىلىم ئەھلى كېزەر ئالەمنى سەيياھتەك،
كامالەتتىن تاقاپ گۈل-تاج رىقابەت ئىمتاھان كەلدى.
ئوقى يىلتىزتۇران(تۇركىن)،تىلى<<تۈركى>>- تۈگەل بىريىپ،
تۇتاشقان قول،توقۇلغان تور، ھالاۋەت زەرپايان كەلدى.
سۆزى بىرلىك،تىلى بىرلىك،دىلى بىرلىك، خىلى بىرلىك،
<<بىلاساكھون>> -جاكاربىرلىك،قەھرلىك بۇغراخان كەلدى.
تىلى گەر بولسا بىر خەزنە، جاۋاھىر قەۋمىنىڭ مېھرى،
ئۇدۇمغا رەھناما بىرچال<< ژىلى مەھمۇد>> زامان كەلدى.
---------------بارخان
بۇ غەزەلنى ھەر تەرەپكە كۆچۈرۈپ يۈرۈش- تورئەخلاقسىزلىقىمنى ئۇرخۇن ئەھلىنىڭ كەچۈرىۋېتىشىنى خىجىلچىلىق ئىچىدە تىلەپ-----بارخان.
[ بۇ يازما barhan تەرىپىدىن 2009-01-03 13:46 دە قايت ]