| ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
|
ulukroh
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
چارروسىيە ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىدىن قانداق ئايرىلىپ قالغان 1853-يىلى ئوسمان تۈرۈك ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بىر توپ پەۋقۇلادە مىھمانلارنىى كۈتۈۋالدى.ئۇلار چارروسىيىدىن كەلگەن ئالى ئەلچىلەر ئۆمىكى بۇلۇپ. ئۆمەك باشلىقىى چار پادىشاھ نىكولاي1نىڭ ئەلچىسى مىنىشكوۋ ئىدى.بۇ ئۆمەك تۈركىيە ھۈكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ مەزكۇر دۆلەتتىكى پىرىسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقات قىلدىغان پۇقرالارنى قوغداش ھۇقۇقىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە كەلگەنتى. بىراق ئىتائىت قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن تۈركىيە ھۈكۈمىتى سۈر ھەيۋە بىلەن كەلگەن چارروسىيە ۋەكىللەر ئكمىكىنىڭ بۇ تەلپىنى ئويلىمىغان يەردىن كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغان. شۇنىسى ئايانىكى ئىلگىرى ناھايتى چوڭ بۇ ئىمپىرىيە18-ئەسىردىن باشلاپ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھەم ئاخىرقى ھىسابتا ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۆز-ئارا تالىشىدىغان ئولجىغا ئايلىنىپ قالغاندى. 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەنگىلىيە .فىرانسىيە .روسىيە .ئاۋىستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئاتالمىش <<شەرىق مەسلىسىس>>توغۇرسىدا كەشكىن پۇت تىپىشكەن .ئۇلار ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ <<مىراس>>لىرىغا ۋارىسلىق قىلىش كويىدا بولۋاتقاچقا كەسكىن خەلقارا تۇقۇنۇش ئۈزۈلمەي يۈز بىرىپ تۇرىۋاتقان بۇلۇپما قارا دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان پوسبورىس ۋە داردانىل دېڭىزى بۇغۇزى ئۇلار تەمە قىلدىغان ئۇبىكتىپ بۇلۇپ قالغان.ھەرقايسى دۆلەتلەرننىڭ <<مىراس>> تالىشىش كۈرىشىدە ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە بىرلىشىپ چوروسىيىنى چەكلەيدىغان ۋەزىيەت تەدىرجى شەكىللەنگەن. 1848-يىلى ياۋرۇپا بۈيۈك ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كىيىن.روسىيە ئەسكەر چىقارغاچقا.ھەرقايسى پادىشاھلىق دۆلەتلەر كىرزىستىن قۇتۇلۇپ قالغان.19-ئەسىرنىڭ50-يىللىرىدىن كىيىن چارروسىيە<<مۇقەددەس ئىتىپاق>>نىڭ قورغۇچىسى بۇلۇپلا قالماستىن.يەنە ئۈزىنى <<ياۋرۇپانىڭ ژاندارمىسى>>دەب ھىسابلىغان.شوڭا نىكولاي1بۇنداق پايدىلىق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە كېڭىيىش سىياسىتىنى داۋاملىق قولىنىشنى قارا قىلغان. نىكولاي 1تۈركىيەگە تېخىمۇ بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن1853-يىلى7-ئاينىڭ باشلىرى گورچاگوۋ باشچىلىقىدىكى 170مىڭ كىشلىك قۇشۇن ئەۋەتىپ دوناي دىرياسى بۇيىدىكى مولداۋا ۋە ۋالاچىيا كېنەزلىكىنى ئىشغال قىلىپ ،تۈركىيە قىستاپ كەلگەن،شوڭا تۈركىيە روسىيە بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە قول سېلىش ئالدىدا تۇرغاندا <<مۇقەددەس جاي >>پەلەستىننى قوغداش ھۇقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ماجرا قايتا يۈز بەرگەن.بۇ ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانداك ئىش بولغاچقا،ئاخرقى ھىسابتا كەڭ كۆلەملىك خەلقارالىق ئۇرۇش پارتىلىغان. خىرىستىيان مۇرىتلىرى تەرىپىدىن مۇقەەس جاي دەپ قارىلىپ كەلگەن پەلەستىن ئوسمان ئىمپىرىيىسى زىمىندا بولسىمۇ،كاتولىك دىنى جەميىتى بولسۇن پىرىسلاۋىيە دىنى جەميىتى بولسۇن،بۇ <<مۇقەددەس جاي>>نى باشقۇرۇش ھۇقۇقىقا ئېرىشىشكە ئىنتىزار بۇلۇپ كەلگەچكە،دائىم دېپلوماتىك تۇقۇنۇش يۈز بىرىپ تۇرغان.يوۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىككى كۈچلۈك دۆلەت فىرانسىيە بىلەن چارروسىيە ئۆزلىرىنى كاتولىك دىنى ۋە پىروسلاۋىيە دىنىنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ ئاتىۋالغاچقا،ئۇلارنىڭ زىدىيىتى يەنمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن. تۈركىيە ھۈكۈمىتى كىشنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان <<مۇقەددەس جاي>>مەسلىسىدە ئەسلىدى ھىچكىمنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيۇشنى خالىمايتى،بىراق فىرانسىيە ۋەكىلى راۋلىت تۈركىيىنى قوۈدايمىز.دەپ ۋەدە بىرىش بىلەن بىللە يەنە قۇرال كۈچى بىلەن تەھدىدت سالغان.بۇنداق زور بېسىم ئالدىدا،فىرانسىيەگە ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان تۈركىيە1852-يىلى رەسمى پەرمان ئېلان قىلىپ،مۇقەددەس جاينى قوغداش ھۇقۇقىنى فىرانسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بۇ خەۋەر تارقالغاندى كىيىن ،چارروسىيە تۈركىيە چىگرىسىغا نۇرغۇن قۇرۇقلۇق قىسمى ئەۋەتكەن،ۋەھالەنكى فىرانسىيىمۇ ئېگىي دېڭىزىغا فىلوت ئەۋەتىپ ھەيۋە كۆرسەتكەن. چارروسىيە مولداۋا ۋە ۋالاچىيەنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋىناغا يىغىلىپ،كىرزىسنى ھەل قىلىش ئۈستىدە كېڭەشكەن بولسىمۇ،بۇ ۋاقىتتا ۋەزىيەت تىزگىنسىز قالغانتى،ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيىىنىڭ قولىشىغا ئېرىشكەن تۈركىيە سۇلتانى ئابدۇللد مەجىدنىڭ پوزىتسىيىسى تېخمۇ قاتتىقلىشىپ،1853-يىلى10-ئاينىڭ باشلىرى چارروسىيە قىسىملىرىنىڭ18كۈنگىچە دوناي دەرياسى بۇيىدىكى ئىككى كېنەزلىكتىن چىقىپ كىتىشكە بۇيرىغان تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كىيىن،چارروسىيىگـە ئۇرۇش ئېلان قىلغان،بۇنىڭ بىلەن،كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتىلىغان،بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى قىرىمدا بولغاچقا قىرىم ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتالغان. ئۇرۇش ھارپىسىدا ،چار پادىشاھ نىكولاي1 ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە ئۇرۇشقا قاتناشمايدۇ ،تۈركىيىنى تىزدىن مەغلۇپ قىلىپ ،كونىستانتىنىپولنى ئىشخال قىلساق ياۋرۇرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئېغىزىنى ئېچىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ،دەب قارىغان ئەمما ۋەزىيەت ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىغان.1854-يىلىنىڭ باشلىرى تۈركىيە ئۇرۇشتا ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بۇلۇشقا باشلىغاندا،ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان.4-يانىۋار ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ بىرلەشمە فىلوتى قارا دېڭىزغا كىرىپ .تۈركىيەنىڭ قاتناش لېنىيىسىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان.چاروسىيە نائىلاج21-فىۋىرال ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان،ئارقىدىنلا ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە ئاۋىستىرىيە ،ساردىگنا قاتارلىقلار بىلەن ئىتىپاق تۈزگەن چاروسىيە دانىيە،شىۋىتسىيە،پىروسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ،نىيتى ئەمەلگە ئاشمىغان،نەتىنجىدە قىرىم ئۇرۇشى چارروسىيە ئەنگىلىيە ،فىرانسىيە ،تۈركىيە ،ئاۋىستىرىيە،ساردىگىنا ئىتىپاقى بىلەن ئۇرۇشىدىغان ئۇرۇشۇقا ئايلانغان بۇ چارروسىيىنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا مەغلۇپ بۇلۇشىدىكى مۇھىم سەۋەپ بۇلۇو قالغان. جەڭگاھتىكى پايدىسىز ۋەزىيەت شۇنداقلا ئېغىر تالاپەتنى كۆزدە تۇتقان چارروسىيە1856-يىلى3-ئاينىڭ30-كۈنۈى پارىژدا رەقىبلىرى بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ،قارا دېڭىزدا فىلوت تۇرغۇزۇش ۋە ھەربى بازا قۇرۇش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قالغان.بۇ ئۇرۇشقا،چاروسىيە800مىليۇن روبىلى چىقىم قىلغان ھەم522مىڭ ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغان،بۇ ئۇرۇشتا ياۋرۇپانىڭ ئىلگىرىكى سىياسى ئەندىسزىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ ،فىرانسىيە بىرلا سەكرەپ ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ خوجىسىغا ئايلانغان.ئېيتىپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى،چارپادىشاھ ھۈكۈمىتى بۇ قېتىمقى ھاقارەتلىك مەغلۇبىيەتتىن ئەنگىلىيەۋە فىرانسىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرننىڭ ئارقىسىدا قالغانلىقىنى ھىس قىلغان ھەم ئارقىدىنلا يانچىلىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا باشلىغان. مەنبە ئۇيغۇر تىلىلىدىكى پايدىلىنىش خەۋەرلىرى گېزىتى تەشەببۇس ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخقا ئېگە قەدىمى مەدەنىيەتلىك خەلىقتۇر،.ئورخۇن مۇنبىرى بولسا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى بىردىن-بىر تارىخ تور بىكىتىدۇر،سىز ئۆز تارىخىڭىزنى ھۆرمەتلىسىڭىز ئورخۇن مۇنبىرىىنى قولىسڭىز مەزكۇر مۇنبەردىكى تېمىلارنى خالىغانچە كۈچۈرمەڭ [ بۇ يازما ulukroh تەرىپىدىن 2009-01-01 20:25 دە قاي ] |
||
![]() |
|
ulukroh
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
kokjal
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
TarimDadxah
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
ulukroh
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
Quote:3 - قەۋەتتىكى TarimDadxah 2009-01-01 14:34 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : دۇنيادا چىپار روسىيە ۋەياكى ئالا روسىيە دىگەن روسىيەلەر يوق چار روسىيە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇنداق مەنىدە ئەمەس بۇلۇپ چار پادىشاھ ھۈكۈمرانلىقىدىكى روسىيە دىگەن مەنىدە چار پادىشاھقا كەلسەك مەنمۇ ئانچە ئىنىق بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن |
||
![]() |
|
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
ulukroh
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
Quote:5 - قەۋەتتىكى TuranTekin 2009-01-01 18:12 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : ھېلىمۇ ئىملا خاتالىقىغا شۇنچە دىققەت قىلۋاتىمان شۇنداقتىمۇ بەزى بىر خاتالىقلار كىلىپ چىقىپ قالىدىكەن ھەرھالدا ئوڭشاپ قويدۇم |
||
![]() |
|
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
erkhon
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
qelbora
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
ulukroh
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
|---|
Quote:9 - قەۋەتتىكى qelbora 2009-01-02 13:09 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : قىرىم ئۇرۇشى چار روسىيە ئىمپىرىيىسى بىلەن ئوسمان تۈرۈك ئىمپىرىيىسى شۇنداقلا غەرىپتىكى كونا مۇستەملىكە ئىمىريىلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش بۇلۇپ چاروسىيە بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ياۋرۇپانىڭ ژاندارمىسىلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئۈزىنىڭ تەسىر دائىرسىنى ئورنىنى ياۋرۇپادىكى ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيىلەرگە تارتقۇزۇپ قويدى،ئوسمانىيلار بولسا بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئارقىلىق ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەگە بېقىنىشى تېخىمۇ كۈچۈيىپ كەتتى،چارروسىيە تارىخىدا بۇ ئۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. |
||
![]() |
|
ulukroh
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
ziddiyat
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
yyygogogo
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
چارروسىيە"دىەگەن سۆز روسچىدىكى цар( سار)دىگەن سۆزدىن كەلگەن مەنىسى "ئۇلۇغ ، بۈيۈك " دىگەنلىك بولىدىغۇ دەيمەن... كەچۈرەرسىلەر تۇنجى كېلىپلا ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم.........بۇندىن كىيىن كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلارسىلەر........ |
||
![]() |









چارروسىيە قانداق ئاجىزلاشقان






