| ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
سىز بۇ تېمىنىڭ 1013ـ كۆرۈرمىنى
|
hasanow
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
مەن ئوسمان توغۇرلۇق بىر قىززىق ئىشنى دەپ بېرەي؛ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلېرىمدا بولسا كېرەك ئاتام بىلەن سانجىغا كېتىۋېتىپ فۇكاڭغا كەلگەندە بىر قازاق كىشى ئاپتوبۇسقا چىقتى ئۇ ئاتام بىلەن قۇرداش ئىكەن ، ئاتاممۇ پاراڭخۇمار قازاقچىغا پىششىق ئادەم ئىدى شۇڭا ئۇلار ئىككىسى ئاسانلا چىقىشىپ قىززىق پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتى، ئۇ كىشى ئاۋال ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئۇچۋىلايەت ۋاقتىدىكى ئازغىنە پاراڭلارنى سېلىپ ، ئوڭ پۇت كىچىك پاچىقىدىكى بىر قارا تارتۇقنى كۆرسىتىپ" مانا مۇشۇ ماناس ئۇرۇشىدا ئوق تېگىپ تېشىۋەتكەن ئورۇن" دىدى. ئوسمان ناھايىتى قارام ، باتۇر ئەمما بەك قاراقوساق بىلىمسىز نادان ئادەم. بىزنىڭ پوللىك ئۇنى گۇچۇڭدىكى قۇربان تۇڭگۇت قۇملۇقىدىكەن دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇنى تۇتقۇلى يىگىرمىدىن ئارتۇق ئادەم ئاتلىق ئاتلاندۇق، ئەتىياز پەسلى بولغاچقا كىچىسى سوغۇق ، كۈندىزى ئىسسىق بولۇپ ئۇسلۇقتىن قىينىلاتتۇق. ئۈچۈنچى كۈنى ئاران دېگەندە ئوسماننىڭ چىدىرى تىكىلگەن بىر تۇزلەڭلىكنى بايقىدۇق، كىچىچە يىقىن ئەتراپتا ئوبدان ئارام ئېلىپ ، سەھەردە قول سالماقچى بولدۇق، ھەممىمىز بىر بىرلەپ ئۆمىلەپ چىدىرغا يېقىن جايغا كەلگەندە ، چاي قايناتقىلى سىرتقا چىققان كىلىنچەك بىزنى بايقاپ قالغان چېغى بىز ئەمدىلا ھۇجۇمغا ئۆتەيلى دەپ تۇرىشىمىزغا، ئۇ كىلىنچەك كىگىز ئۆيگە كىرىپ كېتىپ بىر قانچە سېكونتتىن كېيىن چىدىردىن ئوقتەك ئېتىللىپ چىقىپ ، شۇ چىققان پېتى بىر سەكرەپلا ئاتقا مىندى ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى خەنجىرى بىلەن كېسىپ ، ئوقتىن چىققان يادەك قاچتى، باشقا بىرقانچە چىدىردىنمۇ مۇشۇنداق چىققان ، ئوسماننىڭ ئەسكەرلىرى ھەممىسى شامالدەكلا كۆزدىن غايىپ بولدى، بىر قانچە مىنوتتىنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھەركەتلەرگە قارىتا بىر ئىنكاسقا كېلىپ بولغىچە ، ئۇلار ئاللى بۇرۇن قېچىپ قۇتۇلغان ئىدى. يەنە بىر ھەپتە ئىزلەپ تاپالماي يۇرسەك گومىنداڭنىڭ بىرقانچە ئەسكىرىىمۇ ئۇلارنى ئىزلەپ ئۆز سىپىگە قوشۇلۇشقا تەكلىپ قىلىپ بېرىپ قايتىشىدا بىزگە ئۇچراپ قېلىپ بىزگە ئەسىر چۈشتى ، ئارىدىن بىرسىدىن ئوسمان بىلەن قانداق سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى توغۇرلۇق سورىساق ئۇ: " ئۇ بىر نادان ئادەم ئىكەن، بىز ئۇنىڭغا گومىنداڭ بىلەن بىرلەشسە كىيىنلىكىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بىزنىڭ باش سىلىڭنىڭ ئۇنڭغا ھەدىيە قىلغان گومىنداڭنىڭ گىربى ئالتە بۈرجەكلىك ئوردىنىنى بەرسەم ، ئۇ ئۆرۈپ چۆرۈپ قاراپ كېىتىپ ---- ھۇئ.... ئاناڭنى، مەن ھازىر قىزىل بەش بۈرجەكلىك بىلەن(يەنى قىزىل ئارمىيەنى دىمەكچى) شۇنچە ۋاق ئېتىشىپ ئۇلارنى يوقۇتالمايۋاتسام نەدىن كەلدى ماۋۇ ئالتە بۈرجەك!!!! " دەپ ھېلىقى ئوردىننى تالاغا پىرقىرتىپ تاشلىۋېتىپ ھەممىمىزنى سۈرتوقاي قىلىپ قۇملۇقتىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى." دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. |
||
![]() |
سىز بۇ تېمىنىڭ 1013ـ كۆرۈرمىنى
|
arkzad
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1013ـ كۆرۈرمىنى
|
markit
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1013ـ كۆرۈرمىنى
|
kokjal
دەرىجىسى :يۈز بېشى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
سىز بۇ تېمىنىڭ 1013ـ كۆرۈرمىنى
|
ark_xamili
دەرىجىسى :ياساۋۇل |
|
|---|
Quote:2 - قەۋەتتىكى markit 2008-12-31 23:53 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش : 70-80 يىل بۇرۇن تۇغۇلغان بولسىڭىز بەلكىم سىزمۇ -وسمانغا -ەگەشسەم بولارمۇ يا -ۈچ ۋىلايەتكە -ەگەشسەم بولارمۇ دەپ بىشىڭىزنى قاشلاپ يۈرگەن بولاتتىڭىز ھۆرمەتلىك "-اقىل ° . ھەممە -ادەم -ىشتىن كىيىن دانا بولىۋالايدۇ . -وسماننى دانا ،يىراقنى كۆرەر دەپ -ويلاپ كەتكەنلەردىن -ۆرگىلەي ! ۇ پەقەت بىر جاھانكەزدى قارام -ۇرۇشخۇمارلا خالاس، |
||
![]() |











ئوسمان توغرىسىدا تاغدىن باغدىن ...


