| ئورخۇننى قوللامسىز؟ | مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر | مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى | Munber hetni Nurmal Korelmigenler |
|
umitnuri
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
كەلپىن ناھىيىسىدە 250مىليون يىل ئىلگىركى دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى بايقالدى يېقىندا، ئاقسۇلۇق پىيادە مېڭىش ھەۋاسكارى كەلپىن ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدە 250مىليون يىلدىن 570مىليون يىل ئىلگىرىكى دېڭىز ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇق توپىنى ھەمدە كۆپ مىقداردىكى قىممەتكە ئىگە ئۆسۈملۈكنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى بايقىدى. بۇ قېتىم نىسبەتەن كۆپ بولغان گراپتولىت، بىلەيزۈك پۇتلۇقلار تۈرى، ترىلوبىتا قۇرتى، قوش قاسراقلىق پالېئوزوئا دەۋرىدىكى تاشقا ئايلانغان قالدۇقلار بايقالدى. شىنجاڭ گىئولىگىيە ئىدارىسى 8-گىئولىگىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ گىئولىگىيىلىك كان مەھسۇلاتلىرى ئىنژىنىرى شىيوڭ لىمىڭ مۇنداق دىدى: « گىئولىگىيىلىك دەۋرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، پۈتكۈل پالېئوزوئا دەۋرىنىڭ ئارىلىقى نىسبەتەن ئۇزۇن، 250مىليون يىلدىن 570مىليون يىل ئىلگىركىگىچە بولغان پۈتكۈل ئارىلىق 320مىليون يىلغان يېتىدۇ، تارىم ئويمانلىقى قەدىمقىي پالېئوزوئا دەۋرىدىكى بۇ ۋاقىتتا بىر ئوكيان ئويمانلىقى بولۇپ، دېڭىز ئوكيان مۇھىتىغا تەۋە، شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، بۇ تاشقا ئايلانغان قالدۇق بۇ چۆكمە جىنىسنىڭ يان تەرىپىدە بولۇپ، ھەممىسى دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى ھېساپلىنىدۇ. تاشقا ئايلانغان قالدۇقلار توپىنىڭ بايقىلىشى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيانقى دېڭىز-ئوكيان گىئولىگىيىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ تۈزىلىشىنى ئىسپات بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ سىرىنى ئېچىش ئۈستىدىكى ئىزدىنىشنى يېڭى تەتقىقات ئۇچۇرى بىلەن تەمىن ئەتتى. ئىزاھات: بۇ ماقالە خەنزۇچە شىنجاڭ چۈشلىك خەۋەرلىرىنىڭ 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ، ۋە مەرگزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتىكى «كەچلىك دۆلەت ئىچى تېز خەۋەرلىرى» كۆرسۈتۈلگەن. http://www.xjtvs.com.cn/news/newslist.aspx?Id=73522&classid=47 http://v.cctv.com/html/wanjianxinwen/2008/12/wanjianxinwen_300_20081219_14.shtml |
||
![]() |
|
tikin
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
barhan001
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
uyghurqizi
دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Nawayi
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
erdewil
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
Yawuz
دەرىجىسى :كۇلۇب باشلىقى |
|
|||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
erdewil
دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
![]() |
|
XDDAT
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
ziddiyat
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
hasanow
دەرىجىسى :لەشكەر |
|
|---|
شۇنداق ، شىجاڭدىكى كۆپ ئويمانلىقلار قەدىمقى ئېرالاردا چەكسىز دېڭز بولۇپ بۇ نوقتىنى مەيلى دۆلەتلىك بولسۇن ياكى چەتئەللىك ئارخېلوگلار بولسۇن ھەممىسى بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ، ھەم كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلايدۇ. مەسىلەن گۇچۇڭ ناھىيىسىدىكى دىنىزاۋۇر جىلغىسى ، قۇربان تۇڭگۇت چۆللىكى، ئۈرۈمچىدىن ئالتايغا ماڭىدىغان يولدىكى "كۈيۈك تاغ " ، بېيتاسەن ، پىچان قۇملۇقى، تەكلىماكان قۇملۇقى، ۋە كەلپىن شەھەر ئەتراپىدىكى چۆللۈكلەر.... ئىشقىلىپ نۇرغۇنلىغان جايلار بۇ زىمىننىڭ توپان بالاسىدىن بۇرۇن ياكى توپان بالاسى ۋاقتىدا چەكسىز دېڭىزنىڭ ئورنى ئىدى. مەسىلەن گۇچۇڭدىكى بېيتاسەن كۆمۈركېنىغا بارىدىغان قوش دەرەخ دىگەن ئىگزلىكتىن ئۆتكەندە ئۇزۇن بىر قەدىمى دەريا ئېقىنىنىڭ ئىزىغا دۈچ كېلىسىز ، كۆمۈر توشۇيدىغان ماشىنىلار مۇشۇ دەريا قېنى ئىچىدىن ماڭىدۇ. شۇ دەريا قېنىنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك بىنا ئىگىزلىگىدە بىر دۆڭ بولۇپ بۇ دۆڭ پۈتۈنلەي تاشقا ئايلانغان قۇلۇلە قاپلېرىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ قولۇلە قاپلىرىنىڭ چوڭلىقى مۇشتۇمدەك ياكى قوش مۇشتەك كېلىدۇ ( بۇنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن) . گۇچۇڭدىكى دىنىزاۋۇر جىلغىسىدىكى ئىگىز تۆپۈلۈكلەرنىڭ ئىگىزلىكتە ئېسىلىپ تۇرغان غايەت زور تاشقاتمىلارغا قارىسىڭىز خۇددى سىز ھازىر دېڭىز دىكى ئاراللارنىڭ تۇلا سۇ يالاپ قەۋەت- قەۋەت ئىز چىقىرىۋەتكىنىدەك روشەن سۇ ئىزلېرىنى بايقىيالايسىز. دىمەكچىمەنكى بۇ زىمىننىڭ ئىلگىرى دېڭىز ئىكەنلىكىنى باشقا ئالاھىدە نوپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ خۇلاسىسىگە تايانمايمۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئەقلى تەپەككۈرى ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىقالايمىز. |
||
![]() |










كەلپىن ناھىيىسىدە 250مىليون يىل ئىلگىركى دېڭىز-ئوكيان









